‹1›
%@R~DBS 6e25V4e?I يۈرۈكۈم ئىسەدەۋاتىدۇ.سېغىنىش تۇيغۇللىرى قەلىپ ئېتىزىمدا قايتا بىخلىنىپ مىنى ھېجرانلىرىڭنىڭ رەشىكلىرىدە ئۈن-تۈنسىز ئازاپلاۋاتىدۇ.يۈرۈكۈم ئىسەدەۋاتىدۇ.بىتاقەت بىلەن كۈتكەن دەقىقىللىرىم خىياللىرىمنى ھاپپاشلاپ سۆيگۈ شەرۋەتلىرىڭدىن قانمىغان مۇھەببەتلىك ۋۇجۇدۇمنى يەنە ئويغۇتۇپ مېھىر ۋە ساداقەت ئۇچقۇنلىرىنى ماڭا سۇنىۋاتىدۇ.يۈرۈكۈم ئىسىدەۋاتىدۇ.قەلبىمدە گۈلخان بولۇپ يېنىپ تۇرغان ئەشۇ سۆيۈملۈك ھېس -تۇيغۇلار سېنىڭ يوقلىرىڭغا ۋە ھېشقاچان قېنىپ بولالمىغان ھېدلىرىڭنىڭ غەمخانلىرىدا تىپپىرلىماقتا.
L fl-!1 يۈرۈكۈم ئىسەدەۋاتىدۇ.سېنىڭ قەددىڭ ۋە ھەم بىپەرۋالىقلىرىڭنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ شۇنچە بۈيۈك ئارمانلاردا بولغان كۆڭۈل قەسرىم بەربات بولدى...ئاھ! ئەمما مەن يۈرۈكۈمنىڭ ھەر بىر ئىسەدەشلىرىگە بار مادارىم بىلەن دەس تۇرۋاتىمەن....
. -"E^f {6d b{ ay_ ‹2›
15zrrU~D WA)Ij(M8 p سېنى يۇلتۇزلۇق كۆك ئاسماندىن ئىستىدىم. ئاي بىلەن ئارلىقىمىزدىكى ئەشۇ پىنھان تىمتاسلىقتا ئاللىقاچان ئۇيۇلۇپ قالغان تاتلىق قىسمەتلىرىمىز ئارا سېنى يەنە يولۇقتۇرماق بولدۇم.سېنى غۇۋا ئىچىلىپ تۇرغان دېرىدىن ماڭا كۈلۈپ بېقىپ تۇرغان ئەشۇ چىرايلىق ئايدىن سوراۋاتىمەن.ئۇ سېنىڭ دىلىڭدا ئاللىقاچان ئورناپ بولغان شېرىنلىرىڭنى ماڭا ئۆز ئەكسى بىلەن كۆرسۈتۈپ مىنى بەخىت ۋە ئىقباللارنىڭ تولىمۇ تاتلىق باھادىرلىرىدا ئەللەيلىمەكتە.سېنى مېنىڭ لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان ئېشقىڭ لاۋىللىرىنى سەگىتىپ تۇرۇۋاتقان مەيىن شاماللاردىن تاپماق بولدۇم...ئىزغرىن شامال مەيۈسلۈك چىرمىغان رۇخسارىمنى،ھەر قاچان سېنىڭ ئىزلىرىڭنى ئىستىمەك بولۇۋاتقان كۆزلۈرۈمنى يەڭگىلغىنا سىپاپ غايىپ بولدى.ئاھ! ئەمما مەن قەلبىمنىڭ جېمى بەرداشلىرى بىلەن مىنى ھامان قۇچاقلاۋاتقان ئەبدىلىك سۆيگۈگە دەس تۇرۋاتىمەن....
#vf_D?^ }~o
ikN: ‹ 3›
Y'Z+, CNf (tl}q3U ئۆمرۈمنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئەنە شۇنداق لايغەزەللىك بىلەن ئۆتكۈزۋىتىپتىمەن.لىكىن بىرە قېتىم بىرە يىلىمدا بولسىمۇ چىرايلىق بىرە خاتىرە تۇتۇپ كۈندۈلۈك خاتىرە يېزىپ قويماپتىمەن.ھەر ئادەمنىڭ ھەر خىل ئەمىكى بولغىنىدەك ئىچىم پۇشۇپ قالغان چاغلىرىمدا قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بىرە كوبلىت،بىرە ئابزاس ۋە ياكى بىرە جۈملە نەرسە يېزىپ قويمەن بولمىسا.شۇنداق تۇرۇقلۇق تالاي قېتىملار ئىنتىلگەن بۇ ئىشنى شۇنچىلىك ئاددى بولسىمۇ قىلمىغىنىمنى-قارا!...بولدىلا ئۆتكەن كۈنلەر ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ،ھەممىنى بۇگۈندىن باشلاي.
);
6,H.v 4›
)Hf~d=GG ئايىغىم چېقىپ،چۈچۈمەل تىللىرىم زۇۋانغا كېلىپ ئېسمىڭنى تولۇق ئاتىيالىغۇدەك بولغانغا قەدەرمۇ سېنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم،چىن كۆڭلۈم بىلەن تىلغا ئېلىپ قويمىغىنىمنى -قارا!؟ئەمما بىلىمەن،ئۇ چاغلاردا مەن تولىمۇ ئەركە ،ھېيىقىشنىمۇ بىلمەيدىغان بىغەم ئىدىم.
}r2[!gGd%| خورىزىڭ چىللاپ سەھەرلىرىڭدە ئويغانغانلىرىمدا ئالدىراش قەدەملىرىڭ ماڭا ھەممىنى ئۇنتۇلدۇراتتى.
I}v]Zm9 ھەي،ئېسىت!ماڭا ئاڭلىنىۋاتقان ھەر بىر ناخشاڭ،ھەر بىر مىسرالىرىڭنى ‹نىمە دەيدىغاندۇ؟› دەپ بىرە قېتىم بولسىمۇ ئويلاپ قويمىغىنىمنى-قارا! قىسقىسى،مەن بۇ بىر تۈگىمەس ناخشىغۇ دەپ كارىم بىلەن بوپ كېتىپتىمەن.
+=8X8
كىسەللىك چىرماپ ،ساقاللار ئاقرىپ ،لەۋلەر قۇرۇپ ياش بىر يەرگە بارغاندا سېنى باشقىدىن ئەسلەشكە-يادلاشقا باشلايدىكەنغۇ-كىشى! yty`2$O
5› @+^c"=d1S
[[qwaI
مەن تىنىۋالمايمەن،رازى بولماققا ئەسلا قادىرمۇ ئەمەس.سەن ماڭا بېرىشكە تىگىشلىكلىرىنى چوقۇم بەردىڭ.ئەمما مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم،ساڭا يۈز كىلەلەمدىم،قانچىلىك ۋە قانچىلىك يۈز كىلەلەيمەن؟ بۇنى بىلمەيمەن.ھوزورۇڭغا قۇرۇق قول كەلگەن بولساممۇ سەن ماڭا ئاتا قىلغان ئەقلى تەپەككۇرلىرىمدىن بىرەر نەتىجە ساڭا ئەبدىلىك ھەمرا بولغۇدەك بىرەر نەتىجە تىرىلدۈرەلىگەن بولسامچۇ-كاشكى! kb|eQtH
aed+C:N
يۈرۈكۈم تۇيۋاتىدۇ.ۋاقتىڭنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ قوللۇرۇڭدىن ئاستا-ئاستا ئاجراۋاتىمەن...بىلسەڭ دۇنيادا مەغلۇبىيىتىگە تەن بېرىش، مەغلۇبىيىتىنى ئىتىراپ قىلىشتىنمۇ ئارتۇق ئازاپ يوق... ARx0zI%N
$o^e:Y,
a
خوشاللىقىم،كۈلپەتلىرىم دۆۋلەنگەن باغرىمنىڭ سەۋىر قاچىللىرى سۇندى.ئاجىز كۆز نۇرۇمدەك پىلدىرلاپ ئازلا قالغان شامىممۇ ئۆچۈش ئالدىدا. 3
Lje
7C5pAb:
ئاھ! ھايات،‹مەن تېخى ساڭا قانمىغان› دەپ ئۆكسۈپ،ئۆكسۈپ پۈتۈن ئالەمگە قاتتىق ۋاقىراپ جار سالغۇم كېلىۋاتىدۇ...ئەمماكى نىمىنى خالىسام شۇنى قىلالايدىغان ئەركەم ئاللىقاچان نۇقتىلنىپ بولدى.ئەمدى سەۋىر-تاقەت بىلەن تەڭرىمنىڭ ئېلىپ كىتىشىنى كۈتمەكتىن باشقا چارە يوقمىدۇ؟! 4uX(_5#j
‹6› EDN(eh(_
8^w/HCC8O
]
C,1%(
سېنى 13 يېشىمدىن باشلاپ تونۇشقا باشلىدىم. كىشىلەرمۇ مىنى سېنىڭ ھەر بىر قۇر ھەر بىر ئۇدارلىرىڭدىن بارا-بارا پەرىقلەندۈرۈشكە باشلىدى.مەن پەقەت دۇنياغا سەن بىلەن قايتا كۆز ئېچىۋاتقىنىمدىن پەخىرلىنەتتىم،بەخىتلىك ئىدىم. 0 [i+
ny`(f,)u*
سىنى ئىنكار قېلىشقا ،سەندىن باش تارتىشقا نە ھەققىم..راستىنى ئېيىتقاندىمۇ مەن سەن بىلەن ئادەم ئاتالغان .سەن ماڭا ئۈگۈتۈشكە تېگىشلىك ھېساپسىز ئەقىلنى ئۈگەتتىڭ.مىنى يامان يوللاردىن توسۇپ ياخشىلىققا ۋە ھېدايەتكە باشلاپ كىردىڭ. a`38db(z
Ea4
* o
ئەملىيەتتىمۇ سەن مېنىڭ مۇساپىللىرىمدىكى ماڭا بىردىن بىر ھەمرا بولۇپ مىنى ئۆزۈڭگە ئەگەشتۈرۈپ دۇنيادىكى بارلىق ئاچچىق ۋە لەززەتلەر خاتىرلەنگەن پۈتۈكلەرگە باشلاپ ئاپارغۇچى.مەن پەقەت سەن ئارقىلىقلا قەلبىمنىڭ ئەشۇ پۈتۈكلەرگە بولغان ئىنكاسىنى ھېس قىلالىغان. a
Qmfrx
y#bK,}
‹7› [` 'd#pR
fN0bIE
Y
سېنى قانچە ئۇلۇغلاپ قانچە تەرىپلىسەممۇ چەكسىزلىكىڭنىڭ سۆرىتىنى سىزىشقا بىھالمەن.ۋاھالەنكى،سەن بىلەن يۇغرۇلغان كىچىككىنە يۈركۈمنىڭ ھەر بىر سوقۇشلىرىدىن خەلقىم سېنىڭ ماڭا بەرگەن ئىللىقلىقىڭنى ،باھارىڭنى ئاز بولسىمۇ كۆرەلەيدۇ... O3+)qb!X
SKJW%(|3
جىمجىت كۆلبەمدە يالغۇز،تۆۋە ئىستىقبارلىرىم بىلەن سەندىن ئايرىلىشقا كۆزى قېيماۋاتقان يارامسىز ۋۇجۇدۇم يەنىلا قەغەز يۈزىدە ساڭا ئاستا شىۋىرلاپ ‹سىنى مەڭگۈ سۆيىمەن› دەپ ئۈنلۈك خىتاپ قىلىۋاتىدۇ... _vIO!*h0
kdBV1E+:C
دىلىغۇللىق،ئارامسىزلىق غېرىپ قەددىمنى تەسلىم ئەتكەن تىۋىشسىز،بىجان مۇشۇنداق گۈرۈستان كىچىلەردە سەندىن باشقا ئاۋاز ئاڭلىتىشقا نىمەممۇ بار -دەيسەن!؟ hpjUkGm5
#
|ddyCg2
‹8› }\4p3RQrz
w~{| S7/
يوپۇرماقلار تۆكۈلۈپ ،ئەتتىر گۈل بەرگىللىرى مۇزلاشقا باشلىغاندا سەن ماڭا جان بەردىڭ.شوخ كۈلكىللىرىم،تاتلىق ئىستەكلىرىم،بەڭۋاش،ئۆزگە ئەركىللىرىم بىلەن تالايلىغان باھارلىرىڭدا تۈگىمەس ،تەڭداشسىز خۈش-پۇراقلىرىڭنىڭ لەززەتلىرىدىن ھېدلاندىم... X
/wmKi
!Z-9tYO
قۇدرىتىڭنىڭ پەيمانىنى ئۆشنەمگە ئىلىپ ھايات-ماماتنىڭ بوسوغىللىرىدا مۇساپىللىرىمنىڭ ئاداققى قارار گاھى ئۈچۈن جان-جەھلىم بىلەن تىرىشتىم-قانچە؟! ,,}sK
($:y\,5(9I
بىلىمەن،ئۆلۈمدىن ياشاش قەدرىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ-مۇقەددەسلىكنى!ئەمما ساڭا يۈركىمدىكىنى دىسەم،ئۆزەڭ خالاپ بەرگەن بۇ رازىلىقنى ئۆزەڭ يەنە خالاپ ئىلىپ كىتەر بولساڭ مەن ئوخشاشلا تەبەسسۇم بىلەن كۈتۈشكە ئىقرا... E\_W
'jN/~I
‹9› Cv P`2S\
&:q[-K@!
تاڭ ئاتماس كىچىللىرىم يەنە داۋام قىۋاتىدۇ. IJldN6&\q
#TIX_ RXh
ئېسىمگە ئالغىنىم راس.سەن مىنى ھەقىقەتەن سېرىن گۈللەرگە پۈركەنگەن،مېھىر -شەپقەت قوياشى پارلىغان ،گۈزەل ئارمانلار ئوخچىغان سەلتەنەت بېغىغا ئاپىرىدە قىپسەن.سېنىڭ بارىڭدا سۈرگەن ھالاۋەتلىرىم ،سېنىڭ قەددىڭنىڭ ئىمكانىدا ئىشىتكەن ئىمتىيازلىرىم ھەددى ھېساپسىز ئىكەن... |@+8]dy:l
N:OD0m%`)
خام سۈت بىلەن ئېغىزلاندۇرغىنىڭدىن تارتىپ تاكى بارلىق داۋان،دولقۇنلارغىچە مېنىڭ ئادىملىكىم ئۈچۈن مىنى تاۋلاپ،ماڭا چىنلىق ۋە ھەققانىيەتنىڭ تەمىنى تىتىتىپ خاس بىر دەرەخ كەبى مىنى ۋادىلار توپىدا قەد كۆتۈرگۈزگىنىڭگە مىڭ مەرتىۋە شۈكرى! u\:rY)V
mZ~mf->%
ئاھ ،تەڭرىم! بىپەرۋا،تەكەببۇر ،نائىنساپلىقىم سىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ساڭا سېغىنىشىمنى كۆزۈمدىن غەلەت قىلغىنىدىن ئەپىر قىل...ئەمما ھەر دەقىقىللىرىڭدە ماڭا ھەمنەپەس مەن بىلەن بىرگە بولغانلىرىڭغا ساڭا ھەر بىر چامدام،ھەر بىر ئىزلىرىمدىن گۇۋاھلىق بېرىمەن...ئەڭ بولمىغاندا ھېشنىمەم بولمىسىمۇ ئۈمۈتۋار،ئىشەنچىلىك قەلبىم بىلەن ھوزورۇڭغا كېتىمەن.... 8znj~7}#
‹10› O1|B3M[P
Lr wINVa
تۈگىمەس،جىمجىت قاراڭغۇ كىچە. كارۋىتىمدىن قوپىدىغان ماجال يوق.تىنىم شۇنداق زەئىپ-ماغدۇرسىزمەنكى ئۇيقىسىز كۆزلىرىمنى يوغانراق ئىچىپ ئەتراپىمغا قارىۋىلىشقىمۇ ئىمكان يوق.... >1m)%zt
- J{Dxz
قارا،ئىشىكىم مەن ئەزەلدىن تونىمايدىغان ھەم تونۇشنىمۇ خالىمىغان بىراۋلار تەرپىدىن چېكىلىۋاتىدۇ.مىنى ئەكەتسە كىرەك...مەن ئەمدى ئۆلۈم مۈئەككەللىرى بىلەن يۇۋاشلىق بىلەن كۆرۈشۈپ قالىدىغان ئوخشايمەن...ئىشىك يەنە ئۇرۇلدى.لىكىن يۈرۈكۈم دۆپپۈرلەپ كەتمىدى.ساپما كەشنى كېيىپ ئۇنۇڭغا ئېشىك ئاچماقچى بولدۇميۇ قوزغىلالمىدىم. &K+
2wGF-V
سىرلىق،مۇدھىش كىچە.ئىشىكىم چېكىلىۋاتىدۇ.مەيۈس،خاپىغان ئەتراپىمغا ئىرىنچەكلىك بىلەن تولىمۇ تەستە نەزەر سېلىۋاتىمەن.ھېچكىم مەن بىلەن خوشلىشىدىغاندەك،ھېچكىم مىنى سۈرۈشتۈردىغاندەك ،ھېچكىم كەينىمدىن ۋاقىراپ‹ قايتىپ كەل،قايتىپ كەل !›دەيدىغاندەك ئەمەس. #"hJpyW 4V
=d}gv6v2S
بەلكىم بۇ ئاخىرقى كىچە.ئىشىكىم چېكىلىشتىن توختىغىنى يوق.بىردىنلا دىلىم يورۇپ شۇ كەمگىچە ئېرىشەلمىگەن خوشاللىق يىتىپ كەلگەندەك ھاياجاندىن بوش تىپپىرلاپ قويدۇم.ھېچكىم،ھېشنىمە خىيالىمغا كىرمىدى.ۋۇجۇدۇمغا سېلىنغان سېرىتماقتىن بوشۇنۇپ كەتكەندەك تولىمۇ يەڭگىللەپ قىلىۋاتاتتىم. 5r^1CFO
]cn/(U`
كىچە،ئۆلۈم بوسۇغامدا كۈتۈپ تۇردۇ.مەن ئەمدى پۈتۈنلەي ئۇنۇڭغا تەئەللۇق.مەن ئەمدى مۇھەببەت شېئېرىللىرىنى ،ئارزۇ-ئارمانغا تولغان نەسرى يازمىلارنى ،بەدئى توقۇلمۇلۇق ھېكايىلەرنى ئەمەس ھەقنى سۆزلەيمەن!..... ~5FS|[1L
hyJ
ded&D
‹11› wT
B)v !
qUifw @
\s.1R/TyD
كىچە يەنە كۈندۈزلىرىمنى قوغلاپ مىنى ھاپاشلىدى.ئەمما بۇ يىڭى بىر كىچە ئىدى.... سەن خۇددى يىنىمدىكىدەك ساڭا ۋە سېنىڭ كۆزلىرىڭگە تىكىلىپ ئولتۇرۇپ ئاستا پىچىرلاۋاتاتتىم: i:V0fBR[>
8$2l^
يازغانلىرىم - سېنىڭ مىنى چىن دىلىڭدىن سۆيۈشۈڭ،چۈشۈنۈشۈڭ،بىلىشىڭ ئۈچۈن ئىدى. #DQX<:u
_Wm(/ +G_|
يازغانلىرىم - شەخسىيەتلىرىمىزدىن ھالقىغان ئورتاق ئىنسانىيەت يولىدىكى كۈرۈشلىرىمىزنىڭ تاڭلىرى ئۈچۈن ئىدى. 's$A+8;L
}l,T~Pjb
يازغانلىرىم - <ھايات> دەپ چاك-چاك قۇرىغان لەۋلەرنىڭ ئىزتىراپلىرى،<تۇرمۇش> دەپ خوۋلۇق كۆرمىگەن قەلىپلەرنىڭ مۇڭلىرى،<ياشىماق> دەپ داۋانلاردا تېڭىرقىغان قەدەملەرنىڭ ئۇھسىنىشلىرى ئۈچۈن ئىدى. C
}%-UL{3%
يازغانلىرىم - ئادىللىق بىلەن ئادالەتسىزلىكنىڭ ،ساختىلىق بىلەن سەمىمىيەتنىڭ،نەپرەت بىلەن مۇھەببەتنىڭ....ماھىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۇرۈش ئۈچۈن ئىدى. QN)/,=#
M,.b`1-w
يازغانلىرىم - ئۆزەم ئۈچۈن ۋە ياكى سەن ئۈچۈنلا بولماستىن مىنى مۇشۇ ئاددى ئادىمىلىك نام ئاتىغىغا ئىگە قىلغان مىللىتىم،ماڭا ئەقىل-ئىدراك مۇۋەپپەق قىلغان خەلقىم ۋە ئېغىرچىلىقلىرىمنى-مىنى كۆتۈرۈپ تۇرۋاتقان ۋەتىنىم ئۈچۈن ئىدى. l4iuu
i!CKA}
",
يازغانلىرىم - ئۆزەم ئېرىشەلمىگەن كۈلكىلەرنى سېنىڭ يۈركۈڭدىن تېپىش.ئۆزەم ۋايىغا يەتكۈزەلمىگەن ئۆكسۈشلىمنى سېنىڭ ئازاپلىق ئىڭراشلىرىڭدىن كۆرمەكچى بولىۋاتقانلىرىمغىمۇ ئەجەپلەنمە...ئۇنتۇما ھەم ئىشەن؛سېنى كۈلدۈرەلىگەن ئادەم يىغلىتالايدۇ،يېغلىتالىغان ئادەم چوقۇم كۈلدۈرەلەيدۇ... 2>!_B\%) H
9X
5*{f Y
iifc;6 2
‹12› /W"Bf
D< nlb-
پەرۋەردىگارنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىغىنى كۆرۈپ يەتتىم.ئۇ مىنى تۇمانلار تارقىغان ،سۈزۈك ئاسمانلار يىپىنچا قىلغان پانى ئالەمگە قايىتىدىن ئويغاتتى.ئۇ ماڭا چاقچاق قىلدىمۇ ۋە ياكى غېرىپ كىچىللىرىمدە ئىلىپ مىڭىشنى توغرا تاپماي كائىنات شاۋقۇنلىغان،ئالدىراڭغۇ كۈندۈزلەرگە ئىختىرا قىلدىمكىن! }
u(d'9u
:)KTZ
پەرۋەردىگارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مېھرىۋان ئىكەنلىكىگە قايىل بولىۋاتىمەن.ئۇ ئۆز ئىلكىدىكى ۋاقىتتىن ماڭا يەنە بىر تۇتام سەدىقە قىلدى.مەن ھاياجاندىن ئۇنىڭغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ رەھمىتىمنى ئېيىتتىم.شۇنچىلىك قىس ۋە قىممەتلىك ۋاقىتلىرىمنى ئورۇنسىز،بىھۇدە ،باشباشتاقلىق بىلەن ئۆتكۈزۋەتكەنلىرىمگە پۈشايمان قىلىپ كىچىرىم سورۇدۇم. c
JU!zG
p{mxk)A
پەرۋەردىگارنىڭ ناھايىتىمۇ شەپقەتلىك،سەۋىر-تاقەتتە يىگانە،تەڭداشسىز ئىكەنلىكىگە چىن پۈتتۈم.ئۇنىڭغا بەڭۋاش،ئەھمىيەتسىز،مەنىسىز ئۆتكۈزۋەتكەن ھاياتىمغا يۈگەن سېلىپ ،تەبەسسۇم نەتىجىللىرى ئۇچقۇنلىغان جەسۇرانە غەيرەتلىرىرىمنىڭ سەردارلىرىدىن بولۇشقا نائىل قىل دەپ سەمىمى تىلەك-ئىلتىجالاردا بولدۇم. .jU|gf:x
"/4s8.dw+u
پەرۋەردىگارنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ مۇقەددەس ،سىلىشتۇرغۇسىز،ھەممىگە قادىرلىقىدىن شۇنچىدىن بىرى شامدەك يىنىپ شامدەك ئۆچۈپ كەتكەن ئۆمۈر گۈلخانلىرىم ئىمانى نۇرلارغا كامىل تېپىپ دىل قەسرىمنى ئوتقاشتەك يورىتىۋەتتى.تۇترۇقسىز،شاللاق شاماللارنىڭ ئىزەڭگىللىرىدە راھەتلەنگەن ئىبادەتسىز مەزگىللىرىمنىڭ نۇقسانلىرىچۇن ئۇنۇڭغا ئېھتىرام بىلەن تۆرۋە قىلدىم. 5]4
"C$!mdr7
cCo07R
/RA1d<~$q
‹13› xJ[k#?T'
<|KKv5[
A@@)
lD.
يازماقچى بولغانلىرىم ئەمدى ئېسىل كېيىنىپ ،قاش كىرپىكلىرىنى ياساپ ،لەۋلىرىنى بوياپ چېقىشتىن مۇستەسنا.ئۇ ئۆزىنىڭ تەبئىلىكى بىلەن دايىم كېرىلىپ يۈرۈيدىغان ھاكاۋۇرلىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.ئۇ ئەمدى ئىككىمىزنىڭ تاتلىققىنە شىۋىرلاشلىرىمىزنى ئاددى-ساددا ،كەمسۆز ،مېھرى ئىللىق ئاپتاپلىرىدا ئولتۇرغۇزۇپ ۋىسال شەربىتىنىڭ كەمكۈتىسىز ،ھالال رەھمىتىنى پۈتۈپ ئەبدىلىك ئىناق- ئىجىل كۆرگۈلۈكلىرىمىز جامالى بىرلە پىشانىمىزگە سۆيىدۇ... ooLnJY#
U:mq7Rd8
شەخسىيىتىمنىڭ بار نۇقسانلىرى بىلەن كۆزلۈرۈمنى،دىلىمنى،ھېسياتىمنى...كور قىپ كەلگەن پۈتۈكلۈرۈم ئەمدى سېنىڭ بىخىل ئوربىتىڭدا لەيلەپ قالدى.ئۇنىڭ ئۆز بېشىمچى،شۆھرەتپەرەس ،ئاسى روھىيىتىگە يىمرىلمەس لاتاپىتىڭ بىلەن ئىزا بېرىپ ئۆزەڭنىڭ كىشىلەر پەرەز قىلغىنىدىنمۇ چېھرى بىپايان ،ھېجرى يەتكۈسىز ئىكەنلىكىڭنى كۆرسۈتۈپ مىنى سۆيۈندۈردۈڭ! Se^/VVm
l6&v}M
ئاھ،سەنسىز بىدار مېنىڭ غېرىپ كىچىللىرىم! rj2r# {[
]v^`+s}3
E&iWtwkz
dbMu6Bm\G
xu%!
b0
‹14› h0QYoDvbC
D_yY0rRM
&m%Pr
سەن يەنە ماڭا ‹قولۇڭغا قەلەم ئال،مەن ئۈچۈن قەلەم تەۋرەت!› دىدىڭ.ساڭا چەكسىز ئىھتىرام بىلەن باش لىڭشىتتىم.ھاياجاندىن قولۇم،تېنىم تىترەپ كەتتى. yNLa3mW
-_{C+Y_
ۋۇجۇدۇمنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىللىرىگە سېڭىپ كەتكەن ساڭا تونۇش ئەمما شۇ كەمگىچە ئاڭلاشقا،ئوقۇشقا قادىر بولالمىغان تىل تاۋۇشلىرى كۆز ئالدىڭغا ئۈنچىدەك تىزىلدى.سەندە كۆرۈلىۋاتقان تەبەسسۇم ئۇچقۇنلىرىنىڭ ھارارىتىدە ئوت بولۇپ ياندىم!... a!0?L0_W&
I7q?V1fu4
مەن بۇرۇنلا سېنىڭ يازمىللىرىمغا زوقلىندىغانلىقىڭنى ،ئۇنى قىزىقىپ،سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم.سەن پەقەت مېنىڭ تەپەككۇر ئىختىدارىم ،يىزىش ئارتۇقچىلىقىم بولغانلىقى ئۈچۈنلا مىنى يېقىن تۇتۇپ كەلگەن ئىدىڭ... +QXYU8bYZ
(AM,4)lW,
يازمىللىرىمنىڭ ئەگىر-توقايلىققا تولغان رەڭگا-رەڭ سىزمىللىرى سېنى ئۆزىگە رام قىلدى.سەن ئۇزۇنغىچە سۈكۈتتە بولدۇڭ.پەقەت سېنىڭ مەن ئۈچۈنلا مۇشۇنداق جىمىپ كېتىۋاتقانلىقىڭنى تۇنجى رەت كۆرۈۋاتقىنىمدىن خوشال بولۇپ يۈرۈكۈم كۆز ياشلىرىمدا تەپچىدى... Z0F>"Z_qn
9?}rpA`P
ئەمما بۇ ئاھ،دىلبىرىم! تۈگىمەس غېرىپ كىچىللىرىمدىكى سېغىنىش كۈيلىرىمنىڭ ئاداققى كۈيلىرى ئىدى. f1]AfH#
3'sWlhf;
‹15› 1(:=jOfk
<_sT]?N#
قاچانلاردىن باشلاپ سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن.لىكىن شۇنى بىلىمەنكى سەن ماڭا تۇيغۇللۇرۇم ئۆلۈپ،‹سۆيگۈ›دەپ جاراڭلىغان سادالىرىم يۈتكەندە يېقىنلىشىسەن! f<> YYeY
P2
K>|r
ئادەم ھامان ئۆلىدۇ.بىراق مەن بېر قېتىم ئۆلۈپ يەنە تىرىلدىم.ئىلگىركى روھى كەمتۈك ،چىچىلاڭغۇ‹ مەن ›مەن ئەمەس.ئىلگىركى بەخىت ،گۈزەللىك ۋە مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ مەنىۋى بوشلۇقلاردا ئىغاڭشىپ يۈرگەن مەن مەن ئەمەس!... M;p q2$
E?m#S
يىللار قايرىلدى.دەۋىرلەر سۇندى.يىڭى ئەسىر يىڭى ئىرا قەلبىمگە پايانداز. IjB*myN.
$MJDB
مەن ئەمدى كىملىكمنى يۈتتۈرۈپ قويغىنىمدىن ئەپسۇسلانمايمەن.ئېرىشمەكچى بولغانلىرىمغا يەتمەك ئۈچۈن ئارزۇ-ھەۋەس گۈلخانلىرىدا كۆيۈپ كۈل بولۇشنى ئەسلا ئۇنتۇدۇم.مەن پەقەت ئىنسانلار كۆزگە ئىلىپمۇ كەتمىگەن ،ناھايىتىمۇ ئاددى قاراپ كېلىۋاتقان ئېتقاد ۋە ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى ئۆزۈمگە ئىلاھ سۈپىتىدە يولباشچى قىلدىم.... h4B#T'b
bJ,=yB+0
‹16› AXU!-er$
cdtzf:#q
ماڭا تارتۇقلانغان،ماڭا پاسىبان ھەر بىر دەقىقىللىرىمنىڭ ئۈستىدە ئىڭەك تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ھاياتنىڭ بار گۈزەللىكلىرىنى، تەبىئەتنىڭ سېخېلىقلىرىنى ساڭا تۆت قوللاپ سۇنغان ياراتقۇچىمىزدىن سېنى ئەيمىنىپ سوراپ تۇردۇم. FUqhSW
qi
KtR
يۈزلىرىمنى يەڭگىلغىنە سىپاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شاماللارغا ھاڭۋىقىپ ،كۆكلەردە سەپ تارتىپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان تۇرنىلار توپىغا تەلمۈرۈپ ،ئىككىمىزنىڭ ئاسمىنىدا يامغۇر يېغىپ تامچىلاردىن سېنى ئىستىدىم،ھېدىڭ ئىستىدىم.... #PLB
$$
: {N3o:
سېغىنىش ئىچرە ئوقۇلۇۋاتقان ناخشىلارنىڭ مۇڭلىرى ئارا،ئارامى موزىكىلارنىڭ رىتىملىرى ئارا،ناتۇنۇش كوچىلاردا بىرلىرى ئۈچۈن ھېجران دەشتىنى كۆتۈرگەن ئاشىقلارنىڭ نادامەتلىك نىدالىرىغا قوشۇلۇپ داڭ ئۇرغاندا ۋاقىت توشۇپ سائەتلەردىن سېنى ئاختۇردۇم،سېنى ئاختۇردۇم...ئەمما سەن يوق، ئۇيقۇسىز كۆزلۈرۈم تىرىكلىكىمگە مەدەت بېرىپ دەس تۈرۈپ كېتىۋاتىمەن! /DG`Hg
|7Xpb
.McoW7|Y
‹17› =|5bhwU]
ZLi
o8
سەن قارچۇقۇمدا قېتىپ قالغان سۆرەت ئەمەس يۈرۈكۈمگە ئويۇلغان سۆرەت ئىدىڭ.ھەر بىر ئىزىڭ ،ھەر بىر ماڭداملىرىڭنىڭ ئارقىسىدا ئىز قوغلاپ بېسىلىپ مېڭىلىۋاتقىنى سايە ئەمەس پاك سۆيگىمىزنىڭ ھەقىقىتى ئىدى. f_P+qm
]Y:
W[p
قەيەرلەرگە،نىمىنى،نىمىلەرنى كىم ۋە كىملەر ئۈچۈن ئوينۇشۇپ ۋە ياكى مۇنداقلا ياز ...ھەر بىر جۈملىلەرنى خۇددى سەن ماڭىلا،ماڭىلا يېزىۋاتقاندەك يىنىشلاپ-يىنىشلاپ ئوقۇپ ئۆزۈمگە تەسەللى تاپاتتىم... X3=Jp'p$h
s)DNLx
ناگان-ناگاندا كېلىپ قالىدىغان تېلفۇن نومۇرلىرىڭغا چۈچۈپ قاراپ،سېنى يېزىپ قالدىمىكىن دەپ بىر چاغلاردا ئىككىمىزنى توختاتمىغان ئۇچۇر كۆزنەكلىرىگە زورۇقۇپ روھىڭنى تاپماق ئىستىكىدە...ۋادەرىخ! تاپالمىدىم،تاپالمىدىم... l0_E9qh-i
k-DB~-L
‹18› ;7`um
سۆيگۈڭنىڭ سايىسىدا سالقىنداپ غەمسىز،ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەر كېچىللىرىم خىياللىرىمنى يەنىلا ئۆزۈڭگە باشلاپ كىردى. iN/!k.ybW}
f,
j(uP
سېنى ئىلگىركىدەك ياغلىقسىز،تار شىم كىيگەن ھالەتتە ئەمەس ،ساناقسىز ئۆرۈم چاچلىرىڭنى ئارقىڭغا تاشلىغان ،ئۇزۇن يارشىملىق يوپكا-كوپتا كىيگەن ھالەتتە كۆرۈپ ئاغزىم گەپكە كەلمەي قالدى. NG W{Z~l
(kNTXhAr4
يېراقتىن كېلىۋاتقان ،قارا رومال ئارتىۋالغان،كۆزلۈرۈڭ،ۋۇجۇدۇڭدىن پاكلىق،ھەقىقەت نۇرلىرى بالقىپ تۇرغان سەن سەن ئىدىڭ! قەدەملىرىڭنىڭ ھەر بىر سەنەرقىللىرىدە ئېتىقادىمىزنىڭ سائادەتلىرى چاچراپ تۇرغان سەن سەن ئىدىڭ!.... Sfa
m=.l
-5_xI)i
سەن تۇنجې قېتىم ماڭا ‹ئەسسىلامۇئەلەيكۇم!› دىدىڭ.تومۇرۇڭدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چېققان بۇ مۇقەددەس ئىلاھى كۈچتىن گىگانىت قەددىم تىترەپ كەتتى. otH[?c?BT
k|c0tvp
‹19› Jq<`j<'9
kt0{-\
p
بىز بۇرۇنقىدەك ياندىشىپ ماڭمىدۇق،قولمۇ ئېلىشمىدۇق،تۇتۇشمۇدۇق،....بىر بىرمىزنىڭ شەخسىيەتلىرى ئۈستىدە گەپمۇ سېتىشمىدۇق.پەقەت ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تۇرۇپ سالاملاشقاندىن كېيىن يوللىرىمىزغا راۋان بولۇشتۇق. {UC
OQ&D?2r
-بارمۇسەن-ھوي! -بىردىنلا چۇچۇپ كەتتىم.شەيتانلىق ئەركىڭ بىلەن كۆز ئالدىمدا سەن ۋە يەنىلا سەن خوش جىلۋە قىپ تۇراتتىڭ...نىمىمۇ دەي مۇھەببەت قەسرىڭنىڭ تۆرىدە يىلىنجاۋاتقان سۆيگۈمنىڭ ھامان بىر كۈنلەردە ساڭا توغرا يول ئاتا قېلىپ ئىمانى دىللىرىڭ بىخلىنىپ كۆڭلىمىز ئاپتاپلىرىدا بەخىت بىزگە نۇر زىباسىنى چاچسا مانا شۇ بىزنىڭ ئاداققى كۇلگۈنلىرىمىز.... '\E{qlI
~Q9)
Q
‹20› &vvx"
A;`U{7IST
بىلمەيمەن سەن بەلكىم ئىلاھ! سەن بەلكىم ئادەمدۇرسەن! ...ماڭا ئېنىقكى سەن بىر يوپۇرماقنىڭ لەيلەپ چۈشكىنى،سەن بىر گۈل بەرگىنىڭ ئاستا-ئاستا سۇلغىنى،سەن بىر ياشىماقنىڭ تولىمۇ ۋاقىتسىز مەغلۇبىيەتنى تەن ئالغىنى....سەن... ` +UMZc
s /q5o@b{
سەن ھايات،سەن قوياش،سەن مەندىن بارا-بارا يېراقلاپ كېتىۋاتقان ھەر بىر پەسلىمنىڭ ئۇنتۇماق قىيىن ھېدى ۋە سەن غېرىپ كىچىللىرىمنىڭ مەزمۇنى -جىنى! >!F,y3"5S
>MY.Fr#.m
مېنىڭ كۈندىن كۈنگە قىسقىراپ،ئاز ئازدىن تۈگەپ ماڭغان ماڭا تالىق ھەر بىر دەقىقىللىمدە پەقەت سەنلا مېنىڭ تىنىمسىز سوقۇۋاتقان يۈركۈمنىڭ ئەڭ ھوقۇقلۇق ئەڭ باھادىر تۈگىنى!
%
j{pz
v!hs~DnUZ
ئەمما بۇ خىيال،بۇ چۈش!...بۇ غېرىپ كىچىللىرىمنىڭ ئۈنسىز ئەمىكى! $#W6z:
;C3?Ic
2011-يىل .ئىيۇل.ئۈرۈمچى. vK7,O%!S
مەنبە؛ خىلىل.ھېبىبۇللا. ?JTyNg4<
J}KktD@!O
+p
:!!`!*!JH
B2WX#/lgd
nKkTnTSa
A0u:Fm{E
gc[J.[
pAmI ](
[ بۇ يازما ئارقۇ تەرپىدىن 2011-07-23 10:53 PM دە قاي ]