نىكاھ سىىرتىدىكى مۇھاببەتنىڭ خېيىم - خەتەر تەننەرقى قانچىلىك
`!rH0]vy m`l3
@Z نىكاھ سىرتىدا مۇھاببەتلەشكۈچىلەرنى ئۈچ خىلغا بولۈشكە بولىدۇ: جورىسىدىن ئېرشەلمىگەن ھىس-تۇيغۇ قوغلاشقۇچىلار،ئىختىسادى جەھەتتىن راھەت-پاراغەتكە ئىنتىلگەچىلەر،نوقۇل شەھۋانى ھەۋەس ئىھتىياجىنى چىقىش قىلغۇچىلار.مەيلى قايسى خىلدىكى بولۇشتىن قەتئى نەزەر روھى ۋە ئىختىسادى جەھەتتىن زىيان بولدىغىنى ھەممىمىزگە ئايان،ئۇنداقتا نىكاھ سىرتىدىكى مۇھاببەتنىڭ خىيىم-خەتەر تەننەرخى زادى قانچىلىك؟
-h+=^, بۇ ھەقتە سودىيەلەر مۇنداق مۇنداق ئىككى مەسلىنى ئوتتۇرغا قويدى :
k$1ya7-@ 1. ئىختىسادى زىيان ۋە ئىناۋەتنىڭ توكۈلىشى: _ نۇرغۇن ئادەملەر نىكاھ سرتىدىكى مۇھاببەت بايلارنىڭ ئويۇنى دىيىشىدۇ،بۇنداق ئويۇنغا بېرىلگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشتىن بۇرۇن «بۇ ئويۇندا قانچىلىك زىيان تارتىمەن»دىگەننى كۆڭلىدە ئويلۇشىدۇ،ئەمما زىيان ھەمىشە ئويلىغىنىدىن كۆپ بولىدۇ،ھەتتا زىيان بىلەن كۆڭۈلسىزلىك مەڭگۈلۈك بولۇپ قالىدۇ،بۇ ھەقتە مۇنداق ئىككى دىلو مىسالى بار:
a=}JW] (1-)دىلو:گۈلشەن ئوغلى 4 ياشقا كىرگەن يىلى ئېرى سابىرنىڭ ئائىلىسى بار بېر ئايال بىلەن ئارلىشىپ يۈرگىنىنى ئاڭلىدى،ئۇ دەسلاپتا«ئېرىم ئائىلىدە بەك مەسئۇلىيەتچان،ئانا-بالا ئىككىمىزگە كۆينىدۇ،ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ،»دەپ پىسەنت قىلمىدى،لىكىن كىيىن ئېرىنىڭ كاماندۇرۇپكىغا چىقىمەن دەپ قويۇپ سىرتلاردا ئويناپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ بۇ ئشنى سورىدى،سابىر ھەممىنى ئىقرار قىلدى ۋە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى،گۈلشەن باشقىلارنىڭ نەسىھەتى بىلەن يارشىپ قىلىشنى ئويلاپ يۈرگەن كۈنلەدە،سابىرنىڭ ھېلىقى ئايال بىلەن بىر ئۆيدە تۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى،شۇنىڭ بىلەن گۈلشەن سوت مەھكىمىسىگە،نىكاھتىن ئاجىرشىش توغۇرلۇق ئەرىز سۇندى،سوت مەھكىمىسى ئۇلار ئولتۇرۋاتقان ئۆينى 320مىڭ يۈئەن دەپ باھالاپ ئۆينى گۈلشەنگە بۇيرۇپ،گۈلشەننى سابىرغا 120مىڭ يۈئەن قايتۇرۇشقا،بالىنى گۈلشەننىڭ بىقىپ تەربىلىشىگە،سابىرنى ئايدا 600يۈئەن بىقىش راسخودى بېرىشكە بۇيرىدى.
0O+[z9 (2-) دىلو:مەلۇم ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەيجىن قىزىنى ئالى مەكتەپكە ئۇزۇتۇپ قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىدىن 11 كىچىك پىڭپىڭ بىلەن تونۇشتى،ئۇلار ئارلىشىپ بىر يىلدىن كىيىن پىڭپىڭ ھامىلدار بولۇپ قالدى،ئۇلار ھامىلىنى ئالدۇرۋەتكىلى دوختۇرخانىغا بارغاندا،دوختۇرلار ھامىلىنىڭ بالا ياتقۇ سىرتىدا ئىكەنلىگى،ئوپىراتسىيە قىلدىغانلىغىنى ئېيتتى،سەيجىن پىڭپىڭنىڭ بارلىق داۋالىنىش چىقىملىرىنى كۆتەرگەندىن سىرىت زىيىنى ئۈچۈن 200مىڭ يۈئەن بىرىشكە ھۆججەت يىزىپ بەردى،سەيجىن پىڭپىڭگە 100مىڭ يۈئەن بىرىپلا ئۇنىڭدىن يىراقلاشتى،پىڭپىڭ 2010-يىلنىڭ ئاخىرى سەيجىننى ئىزدەپ قالغان 100مىڭ يۈئەننى بىرىشنى تەلەپ قىلدى،سەيجىن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كىيىن پىڭپىڭ سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇندى،سەيجىن سوتتا«پىڭپىڭ ئوپىراتسىيەدىن كىيىن دىگەن پۇلۇڭنى بەمىسەڭ ئىدارەڭگە بىرىپ مۇناسىۋىتىمىزنى ئاشكارلايمان دەپ تەھدىت سالدى،ئامالسىز ھۆججەت يىزىپ بەردىم»دىدى،ھۆكۈمدە سوت مەھكىمىسى گەرچە پىڭپىڭنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان بولسىمۇ،سەيجىننىڭ ئايالى مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك ئاجراشتى،سەيجىن ئىژتىمايى ئەخلاققا،ئائىلە ئەخلاقىغا شۇنداقلا رەھبىرى كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىغا،خىلاپ ئىش قىلغانلىغى ئۈچۈن،مۇددەتتىن بۇرۇن ۋەزىپىدىن ئىستىپا بىرىپ،پىنسىيەگە چىقتى.
SZW+<X 2.بۇ ئىشنىڭ ئالتە خىل خىيىم-خەتەر تەننەرخى__ بۇ ھەقتە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرىستىتى پىسخىكا يىتەكچىسى شۈفېي مۇنداق دىدى:
ENW>bS8e` (1-)ئويۇنغا بىرىلگۈچىلەرنىڭ ئائىلىسى ۋەيران بولىدۇ،كىممۇ ئۆز جۈپتىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق مۇھاببىتىنى باشقىلانىڭ ئىگەللىۋىلىشىنى خالايدۇ؟ بۇ سەۋەپلىك ئائىلىدە جىدەل قۇرمايدۇ،بالىلارنىڭ يىتىلىشىگە كۆرسەتكەن زىيىنى چوڭ بولىدۇ،ئائىلە بۇزۇلىدۇ.(2-)مال-مۈلۈك،پۇل-پۈچەك سورۇلۇپ كىتىدۇ،،ئائىلە ئىتىسادى قانچىلىك ياخشى ئادەم بولسا،تۆلەيدىغان بەدىلى چوڭ بولىدۇ،ھەتتا بەزىلەر كىيىنكى ئۆمرىنى نادامەت،نامراتلىقتا ئۆتكۈزىشى مومكىن،(3-)ئىككى تاش ئارسىدا قىسىلىپ ئازاپلىنىدۇ،چۈنكى ئۇلار ھەمراسى بىلەن ئاشنىسى ئوتتۇرسىدا ئىككى خىل رول ئىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ،ئاقىۋەت بىسىمى كۆپىيدۇ-دە چارچاپ ھالىدىن كىتىدۇ.(4-)بۇنداق ئىشلار ئەنئەنىۋى ئەخلاققا جەڭ ئېلان قىلغانلىق،گەرچە ھازىرقى جەميەتتە نىكاھ سىرتىدىكى مۇھاببەتكە،كەڭ قورساغلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، ،ئۇنداقلارنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئىناۋىتى چۈشۈدۇ.(5-)روھى جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرايدۇ،ئادەم ھىسسىياتلىق مەخلۇق،بولۇپمۇ نىكەھ سىرتىدىكى مۇھاببەتتە روھى ھىسسىيات جەھەتتىن ئادەتتىكىدىن كۆپرەك مەبلەغ سىلىشقا توغرا كىلىدۇ،بۇنى پۇل بىلەن ئۆلچەشكە ھەتتا ئورنىنىتولدۇرۋىلىشقا بولمايدۇ.(6-)جىنايەت يولىغا باشلايدۇ،3-شەخىس بىلەن ئائىلە ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ۋاختىدا ھەل قىلىنماي،ئاخىردا ئىغىر ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ،يەڭگىل بولغاندا زەخمىلەندۈرۈش،ئېغىر بولغاندا قاتىللىقتىن سۆز ئېچىش تەس ئەمەس.
k9H7(nS{ خىتاپ
_X5@%/Vz نىكاھ سىرتىدىكى مۇھاببەتنىڭ بەدەللىرىنى مەندىن ياخشى چۈشۈنەرسىز،چۈشەنمىگەنلەر بۇ ماقالە ئارقىلىق چۈشۈنەر،بۇنى بىلگەندىن كىيىنمۇ،بۇ «باغ»قا كىرىپ ئويناشنى ئەرزىيدۇ دەپ قارامسىز؟بۇيولغا قەدەم قويغانلار،قويۇشنى ئويلاۋاتقانلار «بۇ ئويۇنغا سەرىپ قىلغۇدەك ئىختىسادىم،روھىيىتىم،ھىسسىياتىم،بەرداشلىق بەرگەدەك غەيرەت-جاسارىتىم بامۇ-يوق»دىگەننى ئويلۇشۇپ بېقىڭلار،شۇندىلا ئۆزەڭلانى،ھەمراھىڭلانى ۋە باشقىلارنى ئاز زىيانغا ئۇچراتقان بولىسلەر.«سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرەلمەس مىسقال تۆمۈرنى،ئالتۇن بېرىپ ئىلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى»
<\uz",e} مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى.
mNS7/I\ ئەسلى ئاپتورى: ئەركىن مۇسا
[ بۇ يازما سەھرا ئوغلى تەرپىدىن 2011-07-23 10:27 AM ]