مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1612 
  •    ئىنكاس 
       6 

گابائىن خانىم ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىقى

قەۋەت ئاتلاش
menggutax
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8600

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   498 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8167 (سوم)
 ياخشى باھا:   630 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   990  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4507
 سائەت
دەرىجىسى:
4507 سائەت 133 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-09

گابائىن خانىم ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىقى
OB@t(KNx*P  
. M $D  
{XW>:EU'N  
@C)h;TR  
2p[3Ap  
- گابائىن خانىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىق خاتىرە كۈنىگە
%/C[\w p81  
Y>~zt -  
(ئاپتورى: ئىمىنتاجى تۈرگۈن)
KrzM]x  
F9hWB17u  
شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى نىسبەتەن بالدۇر باشلانغان ۋە تەتقىقات نەتىجىسى مولراق دۆلەت. گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئارىسىدا ئاننا مارىيا فون گابائىن خانىمنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتى دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . g"f^YEQ_  
  گابائىن خانىم دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان ئاتاقلىق تۈركولوگ، ئۇيغۇرشۇناس، شۇنداقلا تۈركىي تىللىرى، بولۇپمۇ قەدىمكى زامان تۈركىي تىللىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى، شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىن، گۈزەل سەنئىتىنى ئۆمۈر بويى تەتقىق قىلغان ئالىم. ئۇ 1904-يىلى گېرمانىيەنىڭ مورچېنىگېن (ھازىر فىرانسىيە تەۋەسىدە) رايونىدا تۇغۇلغان. 1920-يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاتاقلىق تۈركولوگ ۋە خەنزۇشۇناس ئالىم فرانكىي ۋە ۋىلھېلىم باڭ قاتارلىق پىروفېسسورلاردىن تۈركىي تىللىرى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقى ۋە خەنزۇشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن. 1926-يىلى خەنزۇ تىلى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تەشكىللەنگەن «گېرمانىيە تۇرپان ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى» نىڭ تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1928-يىلى «مانى دىنىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان شامان ئىلاھى ھەققىدىكى رىۋايەتتىن پارچە» ناملىق ئەسىرى بىلەن تەتقىقات ساھەسىگە رەسمىي قەدەم قويغان. 1929-يىلىدىن 1934-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇستازى ۋىلھېلىم باڭ بىلەن ئالتە توملۇق «تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى» نى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما پارچىلار ھەققىدە تەتقىقات» (1930-يىلى) قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. v[GHqZ  
  گابائىن خانىم 1931-يىلى بېيجىڭغا كېلىپ، بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» نى ۋە 1933-يىلى كۈزدە پارىژدىكى گۇيمېت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» نىڭ يەنە بىر نۇسخىسىنى تەتقىق قىلغان، 1935-يىلى «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى›دىكى خەت-چەكلەر» قاتارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدۇرغان، كېيىن يەنە «قەدىمكى زامان تۈركىي تىللىرى گرامماتىكىسى» (1941-يىلى) ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان. ئۇنىڭ بۇ كىتابى قەدىمكى تۈركىي تىللار ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى، شۇنداقلا، شۇ ساھەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئەسەر، دەپ قارالماقتا. = 0Sa  
گابائىن خانىم 1949-يىلىدىن باشلاپ ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا «تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى» ناملىق ئەسەرنىڭ 8-، 9-، 10-توملىرىنى مۇستەقىل يېزىپ نەشر قىلدۇرغان، 1957-يىلى مايىنزى (مائىنز) شەھىرىدە ساقلىنىۋاتقان «مايتىرى سېمىتنىڭ ئۇچرىشىشى» نى نەشىر قىلدۇرغان. 1961-يىلى بۇ ئەسەرنىڭ شەرقىي بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر قىسمىنى تېپىپ نەشىر قىلدۇرغان. ئۇ يۇقىرىقىلاردىن باشقا، خەلقئاراغا مەشھۇر ئەسىرى «تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئاساسلىرى»، «قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «قەدىمكى كۈسەن ئەدەبىياتى» قاتارلىق مەخسۇس ماقالىلىرىدە قەدىمكى تۈركىي تىللارنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلغان. y9 
گابائىن خانىم تۈركىي تىللار بويىچىلا ئەمەس، بەلكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ مۇتەخەسسىستۇر. 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 50-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىدا شەھەرلەرنىڭ رولى» (1949-يىلى)، «ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى تارىخى» 1952-يىلى)، «بۇددا دىنى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا (1954-يىلى) قاتارلىق مۇھىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ، تۇرپاننىڭ ماددىي مەدەنىيىتى، دىنىي ئەھۋالى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلغان. بۇ چاغلاردا ئۇ «قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە يۈرۈش-تۇرۇش ئادەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات»، «تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان يازما يادىكارلىقلارنىڭ مەنبەسى»، «قەدىمكى تۇرپان رايونىنىڭ مەتبەچىلىك تېخنىكىسى»، «قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر»، «تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان قوليازمىلارنىڭ تارىخىي دەۋرى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇددا نومى ئابىدارما كۇشاۋاردى شاستىر»،«تۇرپاندىن تېپىلغان قىستۇرما سۈرەتلىك كىتاب–ئوتتۇرا ئاسىيا كىشتىگاربىھا (بۇدساتۋا) ئېتىقادى»، «قوچۇ ئۇيغۇرلىرىدا مەدەنىي ھايات»، «تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان ئارخات تېپىدىكى تۇتاش تام رەسىملىرى»، «قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى» (1961–يىلى)، «بايان ئۇسۇلىدا تەسۋىرلەنگەن تۇرپان سەنئىتى–سۆز ۋە ئوبراز» (1979–يىلى)، «كۇچادىن بامىيانغىچە بولغان رايونلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» (1977-يىلى)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» (1980-يىلى)، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر مەركىزىنىڭ ئۆتۈكەن شەھىرىدىن قوچۇ شەھىرىگە يۆتكىلىشىگە نەزەر» (1982–يىلى)، «تارىم ۋادىسىدىن قېزىۋېلىنغان ئوتتۇرا ئەسىر تام رەسىملىرىدىكى ئورتاقلىق ۋە خاسلىق» (1983–يىلى)، «يىپەك يولى بويىغا جايلاشقان تارىم ۋادىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبى ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرى» (1986–يىلى)، «قەدىمكى ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتىدىكى ھەيكەلتاراشلىق» (1987-يىلى)، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئۇيغۇرلار تەتقىقاتى» دېگەندەك مۇھىم ئەسەر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. v$Z1Lh  
  گابائىن خانىم تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەنلا چەكلەنمەي، يەنە «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئات مەدەنىيىتى ۋە چەۋەندازلىق» (1965-يىلى)، «ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا ئىران دىنلىرىنىڭ تەسىرى» (1977-يىلى)، «ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق تەتقىقاتىغا مۇقەددىمە» (1979–يىلى)، «يىراق قەدىمكى تۈركلەرنىڭ دالا ۋە شەھەر ھاياتى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى»، «1000 يىل ئاۋۋالقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوردا-قەسىرلىرى»، «تارىختىكى ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قىيا تاش سىزمىلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى»، «دىن تارقاتقۇچى بۇددىست تۈركلەر»، «قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ۋاقىت ھېسابلاش ۋە خاتىرىلەش سىستېمىسى»، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر»، «ئۇيغۇر خاقانلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى»، «تۈركىي خەلقلەردە رەڭ ئاتالغۇلىرىنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى»، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ يازما مەدەنىيىتى ۋە مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئېسىلزادىلىرىنىڭ ئۈچ قىرلىق باش كىيىملىرى»، «مەدەنىيەت ئۇقۇمى ھەققىدە قىسقىچە مۇھاكىمە»، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ پوتا تۈرلىرى توغرىسىدا»، «قاتلىما شەكلىدىكى يۇمۇلاق كىگىز چېدىرلار توغرىسىدا دەسلەپكى تەكشۈرۈش»، «سوغدى يېزىقىدىكى قەدىمكى تۈركىي تېكىستلەر» قاتارلىق ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدۇرغان. ئۇ يەنە ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركولوگىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بۇددا دىنشۇناسلىقى بويىچە پىروفېسسور ۋە گېرمانىيە ئورال-ئالتايشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى، «ئورال-ئالتايشۇناسلىق يىلنامىسى» نىڭ مەسئۇل باش مۇھەررىرلىك لاۋازىملاردا بولغان ھەم تۈركولوگىيە جەھەتتىكى ئاجايىپ تۆھپىلىرى بىلەن تۈركىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان، نۇرغۇن تۈركشۇناسلارنى يېتىشتۈرگەن. 1971–يىلى خەلقئارا ئالتايشۇناسلىق جەمئىيىتى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. .m51/X&*n  
  گابائىن خانىم 1982-يىل 8–ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 9–ئاينىڭ 18–كۈنىگىچە ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار ساھەسىدىكىلەرگە «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيانقى تۈركىي تىللاردىكى يازما يادىكارلىقلىرى»، «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويما رەسىم سەنئىتى ۋە جۇڭگو»، «خەلقئارا ئورال-ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالى» دېگەن تېمىلاردا ئىلمىي دوكلات بەرگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىمىز ئالىملىرىدىن گېڭ شىمىن، ئىبراھىم مۇتىئى ۋە ئۇيغۇر سايرانىلار بىلەن ئىلمىي سۆھبەت ۋە مۇھاكىمىلەردە بولغان. EG6fC4rfC  
  تۈركولوگىيە، ئۇيغۇرشۇناسلىق، تۇرپانشۇناسلىق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرگەن ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئىجتىھاتلىق ئالىم گابائىن خانىم 1993–يىل 1-ئاينىڭ 15–كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى بۇ پەنلەر ساھەسى بويىچە چوڭ يوقىتىشتۇر. ئالىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇر پىكىرلىك ئىلمىي ماقالىلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇش، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتتا ئۇنىڭ ئىزىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ مېڭىش ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىمىزدىكى مۇھىم ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. &9tsk#bA.g  
"Q4{6FH+mB  
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى ;GSj }Nq  

تېما تەستىقلىغۇچى : .tuz.
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-22, 11:35
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ياخشى ئادەم بىر ئۆمۈر تېنىچ ئۆتىدۇ!
OTYAK
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13482

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2140 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   25884 (سوم)
 ياخشى باھا:   917 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   899  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 569
 سائەت
دەرىجىسى:
569 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-22

گابايىن خانىم ، پۇتۇن ئۆمرىنى تەتقىقاتقا بىغىشلىغان ئايال... ::6@mFLR  

 
bexrik
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38507

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   125 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   644 (سوم)
 ياخشى باھا:   43 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   4  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1941
 سائەت
دەرىجىسى:
1941 سائەت 149 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-22

ياخشى تېمىكەن   rR xqV?>n!  
ئۆزىمىزنى ئۆزىمز تەتقىقى قىلامىغاندىكىن :^K|u^_>P  
شۇچەتئەللىك  ئۇيغۇر شۇناس ئالىملارنىڭ  بىزنىڭ كىملىكىمىز ھەققىدە 7+fFKZFKF  
تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتساق بولغۇدەك ...
 
ھەي بۇدۇنيا كەڭ ئەمەس بەلكى بەكمۇ تار ئىكەن
ياخشىلارغا بىۋاپا يامانلارغا يار ئىكەن
sahrayi-tarim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2051

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   412 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8203 (سوم)
 ياخشى باھا:   647 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   713  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2746
 سائەت
دەرىجىسى:
2746 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-22

1904-يىلى تۇغۇلغان بولسا 110 يىل بولماس
 
مەن شۇ مەن
iltebir
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18033

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   492 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5359 (سوم)
 ياخشى باھا:   320 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   216  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5426
 سائەت
دەرىجىسى:
5426 سائەت 174 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-22

بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئاشۇنداق داڭلىق ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار چىقسا بۇلاتتى.
 
ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن
sword
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28508

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   74 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   231 (سوم)
 ياخشى باھا:   208 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   215  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1074
 سائەت
دەرىجىسى:
1074 سائەت 116 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-22

ۋون گابائىن خانىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن.مەسىلەن ئۇ زوردۇن سابىرنى غەربىي گېرمانىيەگە تەكلىپ قىلىپ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا بىرلىكتە تەتقىق ئېلىپ بارغان... تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ يوللاپ قويدۇم،ئەيپكە بۇيرىمىغايسىلەر.
 
پۇتبول تور ناخشا تارىخ مەن ئەڭ قىزىقىدىغان نەرسىلەر .. گەپ يوق
UYGHURAAA
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3750

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1092 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11995 (سوم)
 ياخشى باھا:   616 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   511  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 265
 سائەت
دەرىجىسى:
265 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-23

بۇئايالنىڭ كىتاۋىدىن نۇرغۇنلىغان يازغۇچىلىرىمىز نەقىل سۆزلىرى ئالغان. مەسلەن: ئەسئەت سۇلايمان « تەكلىماكاندىكى دۈملەنگەن روھ»  دىگەن كىتابىدا كۆپ كۆرىلىدۇ.
 
ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك.

ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى