مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1874 
  •    ئىنكاس 
       6 

ئۇيغۇرلاردا باشقىلارنىڭ بەدىنىگە ئائىت پەرھىزلىك ئادەتلەر.

قەۋەت ئاتلاش
alipbay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38732

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   268 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2040 (سوم)
 ياخشى باھا:   202 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3556
 سائەت
دەرىجىسى:
3556 سائەت 214 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-05

ئەنۋەر سەمەد قورغان
D&2NO/ R  
ئۇيغۇرلار ناھايىتى قەدىمكى دەۋىردىلا ئانىمىزىم چۈشەنجىسى،ھەرخىل دىننى ئىتىقاد ۋە ئىجتىمائى شارائىت قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئادەملەر پەرىقلىق بولىدۇ ،بۇ پەرىق يالغۇز جىسمانى تۈزۈلۈش جەھەتتىنلا ئەمەس بەلكى كۈچ-قۇۋەت ئەقلى قۇۋەت،سېھرىي قۇۋەت قاتارلىقلاردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.ئۇلار قىلىدىغان ئەمەللىرى ۋە ئىجتىمائى ئورنى تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان خارەكتىرگە –مۇقەددەسلىك خارەكتىرىگە ياكى ناپاكلىق خارەكتېرىگە ئىگە بولىدۇ دەپ چۈشىنىپ كەلگەن.شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلاردا ھەربىر كىشى ئاڭ جەھەتتە ئۆزىدىن باشقا ئادەملەرنىمۇ مۇقەددەس ۋە ناپاك دەپ ئىككى كاتىگۇرىيىگە ئايرىپ ئۇلارغا قارىتا نۇرغۇن پەرھىزلەرنى شەكىللەندۈرگەن. e98QT9  
      مۇقەددەس ئادەملەرگە ئائىت پەرھىزلەر:قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ئادەملەردە بىرخىل سىرلىق قۇۋەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەتتى.بولۇپمۇ بىر قىسىم ئادەملەر ئىجتىمائى ئورنىنىڭ يۇقۇرلىقى ۋە شۇغۇللىنىدىغان كەسپىنىڭ ئالاھىدە بولىشىغا ئاساسەن«مۇقەددەس كىشىلەر»دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنغان.بۇنداق «مۇقەددەس»كىشىلەرنىڭ سىرلىق قۇۋىتى كۈچلۈك بولۇپ ئۇلار باشقا ئادەملەرگە زىيان ئىلىپ كىلەلەيىتتى ۋە بەخىت ئامەتمۇ ئاتا قىلالايىتتى.شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۇلارنى پەرھىز ئوبىكتى سۈپىتىدە كۆرۈپ ئۇلارغا يىقىنلىشىش چىقىلىش ۋە سۆزلەشتىن ئالاھىدە ئىھتىيات قىلاتتى.ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە «مۇقەددەس كىشىلەر»خاقان-پادىشاھ،ۋەزىر-ۋۇزرا، قاتارلىق ئورنى يۇقۇرىلارنى،دىن ۋە سىھرىگەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قولىدا تۇتقان پېرىخون ،باخشى،جادۇگەرلەر ۋە نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىلارنى ،تەسەۋۋوپچىلىقتىكى «ئەۋلىيا»لىق ماقامىغا يەتكەن«پىر»ۋە«خوجا»لارنى كۆرسىتەتتى.بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلق تەرىپىدىن ئۇلۇغ ۋە ئاپەت كەلتۈرەلەيدىغان كىشىلەر دەپ ھىساپلىناتتى. :{iH(ae;  
ئۇيغۇر ئەجداتلىرى تارىختا خاقان ۋە پادىشاھلارنى مۇقەددەس دەپ بىلگەن ياكى شۇ خاقانلارمۇ ئۆزلىرىنى مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ ھىساپلىغان.ئۇلارنىڭ مۇقەددەسلىكى شۇ يەردىكى ئۇلار ئالدى بىلەن دۆلەت ھوقۇقىنى تىزگىنلىگەن،يەنە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى تەڭرىنىڭ «تاللانغان بەندىللىرى»ياكى«ئوغۇللىرى»قاتارىدا سانىغان.ئۇيغۇر ئەجداتلىرى شامان ئىتىقادىدا تۇرغان مەزگىللەردە خاقانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاسمان جىسىملىرى سىياقىدىكى تەڭرىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغانلىقى ،ئۆزلىرىگە «تەڭرىنىڭ ئوغلى» مەنىسىدىكى«تەڭرىقۇت»نامىنى بىرىشى...بۇ پىكىرنىڭ مىسالىدۇر.كۆك تۈرۈك خانلىقى ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانلىرى ئۆزلىرىنى تەبىئەت تەڭرىللىرى بىلەن باغلاپ،مۇقەددەسلىكنى بىلدۈرىدىغان «ئاي تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش قۇتلۇق بىلگە قاغان»،«كۈن تەڭرىدە ئۇلۇغ  بولمىش كۈچلۈك بىلگە قاغان»،«تەڭرىدە بولمىش ئېل تۇتمىش بىلگە قاغان»...دىگەندەك ناملار بىلەن ئۆزلىرنى ئاتىغان. rTR"\u7&H  
پادىشاھلار ۋە خاقانلار ئىجتىمائى ھوقۇقنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ زورلۇقى ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئىلىپ كىلىدىغان خەۋىپ-خەتىرى ئوبىكتىپ مەۋجۇت ئەھۋالدۇر.بىراق بۇنداق ئەھۋال ئادەتتىكى كىشىلەر ۋە پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە بىر خىل سىھرىي كۈچ سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىپ ئۇلار پەرھىز ئوبىكتىللىرىغا ئايلانغان.نەتىجىدە ئادەتتىكى كىشىلەر خاقانلارنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە ئاتىماسلىق ئۇلارغا يىقىنلاشماسلىق چىشغا تەگمەسلىك،بىللە تائام يىمەسلىك،خاس بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك،ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىن يامان ھۆكۈم چىقىرىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىق بىر قاتار پەرھىزلەرنى شەكىللەندۈرگەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە پادىشاھلارنىڭ يىنىدىكى ۋەزىر  ئەمەلدارلار خانىش،مەلىكىلەر،شاھزادە-تېكىنلەر ئوخشاشلا سىرلىق كۈچكە ئىگە خەتەرلىك ۋە مۇقەددەس كىشىلەر دەپ قارىلىپ ئۇلارمۇ مۇھىم پەرھىز ئوبىكتىغا ئايلانغان.قۇللۇق ۋە پىئوداللىق تۈزۈم شارائىتىدا كىشىلەرنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن پادىشاھ ۋە ئوردا ئەھلىنىڭ سىرلىق كۈچكە ئىگە خەتەرلىك مۇقەددەس كىشىلەر دەپ قارىلىشى تەدرىجىي ھالدا كۈچلۈك تۈزۈمگە ھەتتاكى قانۇن-نىزامغا ئايلىنىپ كەتكەن.ئادەتتىكى كىشىلەر پادىشاھ ۋە ئوردا ئەھلىنى مۇقەددەس دەپ قاراپ ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش پەرھىزلەرنى شەكىللەندۈرگەندىن باشقا پادىشاھلارمۇ ئۆز تۈرمۇشى ۋە پائالىيىتى دارئىرسىدە بىر يۈرۈش پەرھىزلەرگە رىئايە قىلغان.بۇنداق پەرھىز كۆپىنچە پادىشاھلارنىڭ غىزالىنشى،يىتىپ-قوپۇش،كۆرۈشۈش،ياسىنىش...جەھەتلىرىدە ئىپادىلەنگەن..بىز ئۇيغۇر پادىشاھلىرىنىڭ تارىختا قانداق پەرھىزلەرگە رىئايە قىلىپ كەلگەنلىكىنى تولۇقى بىلەن دەلىللەپ بىرەلمەيمىز.بىراق مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»ئەسىرىدە پادىشاھلارنىڭ غىزالىنىش سايمىنى ھەققىدە مۇنداق بىر بايان بار.«تامغالىق:بىر كىشىلىك داستىخان،ئەسلى‹تامغالىغ›بولۇپ،تامغىلىق،تامغىلانغان دىمەكتۇر.ئادەتتە پادىشاھلار ئۆزىگە خاس داستىخان ۋە ئىۋرىق(كوزا)نى باشقىلار ئىشلەتمىسۇن دەپ ئۈستىگە تامغا بىسىپ قويىدۇ.بۇلاردا بىر كىشىلىك تاماق  ۋە شاراب بولىدۇ».كۆرۈشكە بولىدۇكى پادىشاھ خاقانلار تاماق يىيىشتە قاچا-قۇچىلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىكتەك پەرھىزلەرگە رىئايە قىلىپ كەلگەن.يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ «قۇتاتغۇ بىلىگ »تە ھۆكۈمىرانلارنىڭ  يىمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىپ قىلىشتەك بەزى خەتەرلىك ئەھۋالغا ئۇچراپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە مۇنداق بىيىتلەرنى قالدۇرغان. 2w8cJadT'p  
«بۇ گالدىن بولۇر بەككە ھەممە خەتەر، ? ,s'UqR  
بۇ گال تاتقى ئاشچى،ئىدىشچى تۇتار. V rP{U-`  
بۇ ئاشچى ،ئىدىشچى سادىق بولمىسا ، z EtsM U  
بولۇر بەك قىيىن بەككە ئىچسە-يىسە. k?&GL!?  
كۆرۈپ مەينى قۇلىلە ياسىسۇن ئۆزى، u*P@Nuy6  
بىسىپ تامغا تۇتسۇن ،ساقلىسۇن ئۆزى» BA1uo0S `S  
ئۇنىڭدىن باشقا پادىشاھلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى جەھەتلەردىمۇ كونكىرىت بەلگىلىمە بولغان بولىشى مۈمكىن.مەسىلەن قەدىمكى كۆسەن پادىشاھلىقىدا پۇقرالار چىچىنى كىسىپ قىسقا چاچ ھالەتتە يۈرسىمۇ كۆسەن شاھلىرىنىڭ چىچىنى كىسىشىگە روخسەت قىلىنمىغان.«كونا تاڭنامە»«شىمالى سۇلالىلەر تارىخى،غەربى يۇرت تەزكىرىسى»،«يىڭى تاڭنامە،غەربى يۇرت تەزكىرىسى»قاتارلىق كىتاپلاردا كۆسەن شاھلىرىنىڭ چىچىنى كەستۈرمەيدىغانلىقى  ھەققىدە مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن.«سۈينامە،غەربى يۇرت تەزكىرىسى»دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا قەدىمكى خوتەن پادىشاھلىرى چىچىنى كەسمىگەندىن سىرت يەنە چىچىنى كىمخاپ تەلپەك ئىچىگە تۈگىۋىلىپ باشقىلارغا كۆرسەتمىگەن.رىۋايەتلەرگە قارىغاندا كىمىكى پادىشاھنىڭ چىچىنى كۆرۈپ قالسا شۇ كىشىنىڭ شۇ يىلدىكى ھوسۇلى بەك ئازلاپ كىتەركەن.قارىغاندا ئۇزۇن چاچ پادىشاھلارنىڭ بىر خىل زىننىتى بولۇپلا قالماي مۇھىمى ئۇلارنى ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالاردىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇھىم بەلگە بولۇپ ھىساپلانغان.ئۇيغۇرلاردا قەدىمكى دەۋىرلەردىلا ئىلاھى ھوقۇقنى دىننى پائالىيەت ۋە نەزىر-چىراغ ھوقۇقىنى قولىدا تۇتقان كىشىلەر «شامان» «باخشى» «قام»ناملىرى بىلەن ئاتىلىپ ئۇلارنىڭ سىھرىگەرلىك ۋە جادۇگەرلىك يولى بىلەن ئىلاھ جىن-ئالۋاستى ۋە ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت پەيدا قىلالايدىغانلىقىغا كىشىلەر ئىشەنگەن.شۇڭا ئۇلارغا كىشىلەر پەرھىزلىك ئادەم قاتارىدا مۇئامىلە قىلغان.ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇلارغا ئالاھىدە كۆز قاراشتا بولۇپ،ئۇلارغا بوي سۇنۇش پىسخكىسىنى ئىپادىلەپ كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمەن پەھىزلەرنى شەكىللەندۈرگەن.يەنە قەدىمكى دەۋىردە سىھرىگەر ۋە قاملار ھاكىمىيەت دائىرسىدىكى دىننى پائالىيەتلەرنى باشقۇرغۇچىلار بولغاچقا ئۇلارنىڭ بەزىدە مەلۇم خىلدىكى ئىشلارنى ياكى شەيئىلەرنى پەرھىزلىك ھەركەت ياكى پەرھىزلىك شەيئى سۈپىتىدە بەلگىلەش ھوقۇقىمۇ بولغان.پىرىخون ۋە قاملارنىڭ ئۆزى پەرھىز ئوبىكتى بولغاچقا ئۇلار ئىشلىتىدىغان ئەسۋاپلارمۇ پەرھىزلىك نەرسىلەر بولۇپ سانالغان.مەسىلەن ئۇيغۇر باخشىلىرى ئىشلىتىدىغان داپ،ساز،كۆزگۇ(ئەينەك)،خەنجەر،قامچا،تانا،دەرەخ شىخى(بولۇپمۇ جىگدە دەرىخىنىڭ پۇتىقى)،تۇغ-ئەلەم ۋەچىراغ(بەزىدە نوكچا)قاتارلىقلار پەرھىزلىك شەيئىلەر بولۇپ،ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇلارنى تۇتۇش ئىشلىتىش ئارىيەتكە ئىلىش ھەتتاكى كۆرۈشتىن ھەزەر قىلغان.دىمەك بۇلار ئەسلىدە ئادەتتىكى شەيئىلەر بولسىمۇ بىراق ئۇلارنى ئىشلەتكەن باخشى ۋە قاملار ئىلاھىي خىسلەتكە ئىگە ئادەملەر دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن ئاشۇ نەرسىلەرمۇ سىرلىق ۋە پەرھىزلىك نەرسىگە ئايلىنىپ كەتكەن.يەنە بىر تەرەپتىن باخشى ۋە قاملارنىڭ  ئۆزىمۇ شۇ شەيئىلەرنى باشقىلارغا ئاسانلىقچە كۆرسەتمىگەن،تۇتقۇزمىغان ياكى ئىشلەتكۈزمىگەن،ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قولى تەگسە قۇۋۋىتى يوقىلىدۇ دەپ قارىغان.ئۇيغۇرلار يەنە قىسمەن ھاللاردا بىلملىك كىشىلەرنى ۋە تەسەۋۋۇپچىلىقتا«ئەۋليالىق ماقامى»غا يەتكەن كىشىلەرنى «مۇقەددەس كىشىلەر» ئۇلاردا ئادەتتىن تاشقىرى سىرلىق قۇۋۋەت بار دەپ ئىشەنگەن. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۇلارنى پەرھىزلىك ئادەملەر دەپ ھىساپلاپ ،ئۇلارنىڭ چىشىغا تىگىش ،غەزىپىنى قوزغاشتىن كۇچلۇك پەرھىز قىلغان.بۇنداق پەرھىز مۇنداق ئەھۋاللاردا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.يەنى ئۇلارنىڭ سۆزى سىرلىق قۇۋۋەتكە ئىگە،شۇڭا ئۇلارنىڭ دىگىنى چوقۇم يۈز بىرىدۇ،باشقىلار ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان بولسا ئۇلار قارغايدۇ ياكى يامان سۆز قىلىدۇ.بۇنداق قارغىش دەرھال ئەمەلگە ئىشىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا ،كىشىلەر ئۇلارنى خاپا قىلىپ قويۇشتىن قاتتىق پەرھىز قىلىدۇ.ئۇيغۇرلار بۇنداق ئەھۋالنى «دۇئايى بەتكە ئۇچرىغان»دەپ ئىپادىلەيدۇ. 4s 9@4  
ئۇيغۇرلار مۇقەددەس دەپ بىلگەن كىشىلەر يەنە باشقا خىل كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئىلىشى مۈمكىن،بىراق ھەممىسى ھامان يۇقۇرىقى ئۈچ كاتىگۇرىيەگە تەۋە بولىدۇ.دەرۋەقە خاقان-پادىشاھلارنى سىرلىق كۇچ-قۇۋۋەتكە ئىگە ،ئۇلارنىڭ تەڭرى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ قاراش ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ئىتىقادى دەۋرىدىن ئىتىبارەن سۇسلاشتى.ئىسلام مۇھىتىدا يەنە داۋاملىق پائالىيەت قىلغان شامان باخشى-داخانلىرى ،ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن ئۆلىمالار يەنىلا «مۇقەددەس ئادەم»قاتارىدا پەرھىز ئوبىكتى بولۇپ قىلىۋەردى.ئىسلام دىنىدىكى ئادەمنى ئادەمدىن ئۇلۇغ كۆرۈش...تەك ھەركەتلەرنى چەكلەش بەلگۈلىمىسىگە قارىماي ،تەسەۋۋۇپچىلىق«ئەۋلىيا»لىرى ئۆزىنى مۆجىزىدار ۋە سىرلىق كۈچكە ئىگە قىلىپ كۆرسەتتى.ئومومى يۈزلىنىشتىن قارىغاندا ،مۇقەددەس ئادەملەرگە قارىتىلغان پەرھىزلەر يوقالمىدى.شۇنداقتىمۇ  كۆپ قىسمى مەنپەتدارلىق نوقتىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ خۇراپات ئاساسىدىن ئايرىلدى. 0 3v&k  
ناپاك ئادەملەرگە ئالاقىدار پەرھىزلەر: ئۇيغۇرلاردا ناپاك ئادەملەرگە ئالاقىدار پەرھىزلەر ئاساسەن مۇنداق بىرقانچە خىل كىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.بىرىنچى ھەيىزدار ئايال؛ئىككىنچى تۇغۇتلۇق ئايال؛ئۈچۈنچى جۇنۇپ كىشى؛تۆتىنچى جەسەت؛بەشىنچى كىسەل ئادەم. ?2~fvMWu  
ناپاك كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك پەرھىزلەر ئاخىرقى ھىساپتا كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش پىسىكىىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.يەنە ئۇنىڭدا نۇرغۇن خۇراپى تەركىپلەر(مەسىلەن،ھىسسىي تەسىر،روھ قاراشلىرى)مۇ مەۋجۇت.ناپاك دەپ قارالغان يۇقۇرقى كىشىلەر تەۋەلىك جەھەتتىن ناپاك بولسىمۇ ،بىراق ئۇلار خۇددى «مۇقەددەس كىشىلەر»گە ئوخشاشلا بىرقاتار پەرھىزلەرنىڭ ئوبىكتى ھىساپلانغان.خەلق ئىچىدە«ناپاك»دەپ قارالغان يۇقۇرقى كىشىلەرگە ئالاقىدار پەرھىزلەر تىخمۇ قاتىق ۋە كۆپ.بۇ پەرھىزلەر ئاساسەن يۇقۇرقى «ناپاك»كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن پەرھىز قىلىش،ئۇلارغا قاراشتىن پەرھىز قىلىش،ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشتىن ھەزەر ئەيلەش،ئۇلار ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى ئىشلەتمەسلىك،ئۇلار بىلەن جىسمانى جەھەتتە يىقىنلاشماسلىق ، ئۇلارنى مەلۇم ئىجتىمائى پالىيەتلەرگە قاتناشتۇرماسلىق،ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن نەرسىللىرىنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىك  قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.ئادەتتىكى كىشىلەر «مۇقەددەس كىشىلەر»گە مۇناسىۋەتلىك پەرھىزلەردە كۆپىنچە بويسۇنۇش،بىسىمغا ئۇچراشتەك پاسسىپ ئەھۋالدا تۇرىدىغان بولسا «ناپاك»ئادەملارگە مۇناسىۋەتلىك پەرھىزلەردە ئاكتىپ ھالەتتە چەكلەش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇرىقى ناپاك كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا ئاڭلىق ھالدا شۇ بىر قاتار پەرھىزلەرگە بوي سۇنىدۇ. d wG!]j>:_  
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئەھۋال شۇكى ،مەيلى مۇقەددەس چىقىلغىلى بولمايدىغان ئادەملەر بولسۇن ۋە مەيلى ناپاك ۋە خەتەرلىك ئادەملەر بولسۇن ،ئۇلاردىن پەرھىز قىلىش ئۇسۇلىدا دائىم قوللىنىدىغىنى ئۇلارنى ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئايرىپ تۇرىدىغان تۈرلۈك ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر.ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ،قەدىمدىن بىرى خاقان-پادىشاھلار قەسىر-ساراي ئوردىلاردا ياشاپ ،ئادەتتىكى خەلىقتىن ئايرىلىپ تۇرغان ،راھىب ۋە راھىبەلەر بۇتخانا ۋە ساڭراملاردا ماكانلاشقان .پىرىخون ۋە باخشىلار بولسا كىشىلەردىن يىراق جايلاردا ماكان تۇتقان.تەرىقەت يولىنى تۇتقان راھىبلار سوپىلار خانىقا مەسچىت ۋە مازارلارنى ماكان تۇتقان.ئۇيغۇرلاردا يەنە يىڭى ھەيىز كۆرۈپ رەسىدە بولغان قىزلار،تۇغۇتلۇق ئاياللارمۇ ئوخشاشلا كىشىلەردىن مەلۇم مەزگىل ئايرىۋىتىلىدۇ،كىسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ھەرقانداق جايدا ئايرىم كۈتۈلىدۇ.ئۆلۈكلەر دەپنە قىلىنىدۇ.مۇقەددەس ۋە ناپاك دەپ قارالغان كىشىلەرنى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدىن ئايرىۋىتىشتەك ئۇسۇل ناھايىتى قەدىمقى زاماندىن تارتىپلا دۇنياۋى كۆلەمدە ئورتاق ئادەتكە ئايلانغان.قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنگەن بۇنداق ئايرىۋىتىش ئەمىلىيەتتە ناھايىتى قەدىمگە تۇتىشىدىغان پەرھىز بەلگىللىرى بولۇپ بۇ بەلگىلەر خەتەرلىك رايۇن،چەكلەنگەن رايۇن ئۇقۇمىنى ساقلىغان ئاساستا تۇرلۇك مەدىنىيەت مەنىللىرىنى ئىپادىلەپ ،ھازىر بىر كۆرىۋاتقان ھەر خىل مەدىنىيەت نامايەندىللىرىنى (جۈملىدىن ئوردا قەسىر شەكىلدىكى قەدىمكى شەھەر مەدىنيىتى،بۇتخانا،مىڭ ئۆي،مەسچىت،خانىقا شەكىلدىكى دىننى مەدىنىيەت،قەبرىستانلىق ۋە مازار شەكىلدىكى دەپنە مەدىنىيىتى)گە تەرەققى قىلغان.بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئىنسانلار ئەنە شۇنداق چەكلىمىلەر ئارقىلىق جەمىيەت ۋە تەبىئەتتىكى ھەر خىل تەبىقە ۋە جايلارنى «مەدىنىيەت ماكانى»تەرىقىسىدە پەرىقلەندۈرۈپ تۇرغان.شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى تەبىقە ۋە ئورۇنلار ھەم شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن ئارلىق ساقلىنىپ ھەر بىر مەدىنىيەت ماكانىدىكى كىشىلەر مۇئەييەن پەرھىزلەرگە تەرتىپلەرگە بوي سۇنغان ھالدا جەمىيەتنىڭ مۇئەييەن قىلىپىنىڭ ئەندىزىسىنىڭ تۈزۈلمىسىنىڭ پەيدا بولىشىغا ئاساس سالغان. saiXFM 7J  

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-21, 22:53
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.
1670154432
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43241

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1420 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10645 (سوم)
 ياخشى باھا:   2057 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1243  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4750
 سائەت
دەرىجىسى:
4750 سائەت 200 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-21

مەن تېمىڭزنى بىرىنجى بۇلۇپ كۆرگەن ئۇخشايمەن ،مەن بۇ ئىشلارنى ئانچە-مۇنچە كڭتاپلاردىن كۆرگەن بولساممۇ بۇنداق تەپسىلى كۇرمەپتىكەنمەن.تېمىڭزغا كۆپتىن -كۆپ رەخمەت ،تۇللۇق خەۋەردار قىلغىنىڭزغا
 
tiwep
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.34992

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   180 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1588 (سوم)
 ياخشى باھا:   112 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   118  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3598
 سائەت
دەرىجىسى:
3598 سائەت 172 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-21

  «ئۇيغۇرلاردا باشقىلارنىڭ بەدىنىگە ئائىت پەرھىزلىك ئادەتلەر. » &@@PJ!&  
JL#LCU ?  
   مەن تىمىڭىزنى باشتىن ئاياغ كۆرۇپ چىقتىم . ھەقىقەتەنمۇ  تارىخى مەنبەلەرنى ۋاراقلايدىغان بولساق ، دىيارىمىزغا  مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىز قوبۇل قىلىنماستىن بۇرۇن ، «شەخس»نى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇلارنى ئەيمىنىش يوسۇنىدىكى «مۇقەددەس»لىككە  كۆتۇرۇش ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى .مەسىلەن تۇنيۇقۇق مەڭگۇ تىشىگە پۇتۇلگەن ئابىدىلەر شۇلارنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ . 3s%DF,  
>CrrxiG  
   ئەمما تىمىڭىزدا بىر نەرسە ئايدىڭ يورۇتۇپ بىرىلمەپتۇ . سىز ماۋزۇيىڭىزغا «ئۇيغۇرلاردا باشقىلارنىڭ بەدىنىگە ئائىت پەرھىزلىك ئادەتلەر.» دەپ قويۇپسىز . بىراق ئەينى زامان كىشىلىرى «بەدەن»گە  ئەمەس، «روھىيەت»كە بەكرەك ئىتىبار بىرەتتى .چۇنكى «روھىيەت»ئەۋزەللىكنى ئىگەللىگەنلىكى ئۇچۇن ، جىسمانى بەدەن شۇنىڭغا مۇناسىپ رەۋىشتە ھۆكۇم سۇرىدۇ .«بەدەن» يەنى  «ماددا» بىر ۋاستە خالاس. ئۇنى تىزگىنلىگۇچى «روھىيەت» تۇر . A/a=)s u  
شۇڭا ماۋزۇسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا بىرقىتىم تەھرىرلىۋەتكەن بولسىڭىز.... X(E`cH |  
   ئۇنىڭدىن باشقا  alipbay  ۋە    Misranim2   ئەپەندىمگە ئەسكەرتىش : Ump Hae  
    ئەدەبىيات ئۇسلۇب ئۆلچىمىدە ، ماۋزۇنىڭ ئارقىسىغا تىنىش بەلگىسى قويۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ .بۇ ئەدەبىياتقا قىلىنغان ئىغىر ھاقارەتتۇر. شۇڭا ئەڭ تىز سۇرئەتتە  تۇزىتىۋىتىشىڭلارنى  ئۇمىد قىلىمەن . om`B:=+  

 
دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى  -مىنىڭ شان-شەرپىم
qayan1001
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4907

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   174 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6132 (سوم)
 ياخشى باھا:   428 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   488  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1025
 سائەت
دەرىجىسى:
1025 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-27
ئاخــىرقىسى:2011-08-26
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-22

ئــــــــــــەزا چــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەكلەنـــدى!!!
 
تىرەن
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36679

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   651 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3170 (سوم)
 ياخشى باھا:   526 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   51  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3475
 سائەت
دەرىجىسى:
3475 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-22

      
 
كىشلەرنىمە كويدا
samra
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47743

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   85 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   449 (سوم)
 ياخشى باھا:   86 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 69
 سائەت
دەرىجىسى:
69 سائەت 21 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-13
ئاخــىرقىسى:2011-09-15
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-22

مەن بۇئىشلارغا ئانچە بەك قىزىقىپ كەتمەيمەن ... *C^`+*}OE$  

 
ھەسەلنىڭمۇ ھەرىسى بار ، قىزىل گۇلنىڭىمۇ تىكىنى بار.
UYGHURAAA
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3750

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1092 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11995 (سوم)
 ياخشى باھا:   616 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   511  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 265
 سائەت
دەرىجىسى:
265 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-11
ئاخــىرقىسى:2011-10-23
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-23

تورداش تىۋىپ دىگەن تورداشلار، سىلەر ئىنكاس، تىمىغا دىققەت قىلدىڭلارمۇ قانداق؟
 
ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك.

ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى