Na:w]r:y
@`gk|W3 8ji_#og oH_;4QU4y @)fd}tV 6_FE 4RR[ جوڭگو تەيۋەن تورى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى خەۋىرى . تەيۋەن " ۋاقىت گېزىتى " دىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ،تاۋيۈەندىكى 57 ياشلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك روھى توسالغۇسى بار لىن خانىم ، 20 - چىسلا چۈشتە باغچىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە ، شۇيەردىكى ئامما ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ تىكىكلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان . ساقچى تەرەپ بۇ ئايالنى دوختۇرخانىغائاپىرىپ ، يىپنى سۆكۈپ داۋالاتقان ، ھەمدە بۇ ئايالنىڭ ئوغلى ۋە كېلىنىنى چاقىرىپ سوراق قىلغان ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى لىن خانىم كېلىنىنىڭ ۋاتىلداقلىغىدىن ئاغرىققا چىداپ ئۆزىنىڭ ئاغزىنى تىكىۋەتكىنىنى ئېيتقان .
Ymg|4%O@ خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ، شۇيەرلىك ئوت ئۈچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خاتىرىسىدە 20 -چىسلا چۈشتىن بۇرۇن لىن خانىمغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي 3 قېتىم پاش قىلىش ۋەقەسى بار ئىكەن . بىرىنچىسى 8 دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە ، ۋىيتناملىق كېلىن مەلۇم قىلغان ئەنزە بولۇپ ، روھى توسالغۇسى بولغا قىينىئانا ئۆينىڭ ئىچىدىن ئىشىكنى تاقىۋېلىپ قۇتقۇزغۇچىلارنى ئۆيگە كىرگۈزمىگەنلىكتىن ، ئۇلار پەقەت ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ئۆي ئىچىنى غۇۋا كۆرۈپ قېينىئانىنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلمەي ، ئۇنى مەجبۇرى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا مۇمكىن بولمىغان . بىراق قوشنىلار قۇتقۇزغۇچىلار كېلىشتىن بۇرۇن ئۆي ئىچىدە كۈچلۈك ئەمما سۆز - جۈملىلىرى ئېنىق بولمىغان ئۇرۇشقان ئاۋازنى ئاڭلىغان .
\SBc; تەخمىنەن 11 لەر بولغاندا ، كېلىن يەنە بىر ئەنزە مەلۇم قىلىپ كەلگەن : قېينىئانا ئۇنىڭ بېشىغا تۆمۈر توقماق بىلەن ئۇرۇپ كاللىسىنى يېرىۋەتكەن ، دوختۇرخانىدىن تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ باش قىسمىنىڭ 5 سانتىمېتر چوڭلۇقتا يېرىلغانلىقىنى ئېيتقان ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇ ئۈيىدە يالغۇز ئىكەن . ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مەلۇم قىلغان ۋاقىت بولسا ،12 دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە بولۇپ ، قېينىئانىنىڭ ئاغزى تىكىكلىك باغچىدا ئايلىنىپ يۈرگەن ۋاقىت ئىكەن .
NxsBX:XDn كېلىننىڭ ساقچىلارغا مەلۇم قىلىشىچە ، قېينىئانا دائىم كېلىنىدىن پۇل ئالىدىكەن ، ئەگەر ئالالمىسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشىدىكەن . ئاغزىنىنى كىمنىڭ تىكىۋەتكىنىنى بولسا ئۇمۇ ئۇقمايدىكەن ، يەنە كېلىپ ئىككى كۈندىن بۇيان ئۇنىڭ گەپ قىلىشى نورمال بولۇپ يەنە تېخى توختىماي ئادەم تىللىيالايدىكەن . كېلىننىڭ دىيىشىچە ، 20 - چىسلا قېينىئانىنىڭ كېسىلى قوزغىلىپ ، تۇيۇقسىز ساراڭلىق قىلىپ ئادەم تىللىغان بولغاچقا ، كېلىن ئۇنى مەجبۇرى دوختۇرخانىغا ئاپىرىۋەتمەكچى بولغان ، شۇ سەۋەپلىك قېينىئانا ئۇنى تۆمۈر بىلەن ئۇرغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن .
Dy:|g1> تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تۆمۈر بىلەن كېلىننىڭ بېشى يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندا ، قۇتقۇزغۇچى خادىملار قېينىئانىنىڭ ئۆيدە يوق ئىكەنلىكىنى بايقىغان ، ئەمما چۈشتە بولسا باشقىلار تەرىپىدىن ئاغزى تىكىكلىك ھالەتتە مېڭىپ يۈرگىنىنى مەلۇم قىلىنغان ۋە ئۇمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن دوختۇرخانىدا ئاپىرىلغان ، بۇ ۋاقىتتا قېينىئانا ۋە كېلىن ھەر ئىككىسى تەڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان بولغاچقا ، بۇ ھال ساقچىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ ئىككى ئىشنى بىر - بىرىگە باغلىدى .
hpD!2 K3> گەرچە لىن خانىم ئاغزىنى ئۆزى تىككەنلىكىنى ئىقرار قىلغان بولسىمۇ بېراق ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە داۋالىغان دوختۇر بۇنىڭغا قوشۇلمىدى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە ، لىن خانىمنىڭ ئاغزى ئىنتايىن رەتلىك ۋە پۇختا تىكىلىپ ، يىپنىڭ ھېچقانداق بىر ئۇچى چىقىپ قالمىغان ، ئەگەر لىن خانىم ئاغزىنى ئۆزى تىككەن بولسا ئۇ نۇرغۇن ئازاپقا چىداپ تۇرۇپ تىكىشكە توغرا كىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۇنداق ئازاپ بىلەن يەنە رەتلىك تىكەلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىقى ئىنتايىن تۆۋەن دېدى .
njputEGX ivN&HAxI@ Y2~nBb }f6HYU z?R|Ok [ بۇ يازما Aytugh تەرپىدىن 2011-07-21 08:19 PM دە قا ]