مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1478 
  •    ئىنكاس 
       5 

تەتىل ،مەن ۋە سىز

قەۋەت ئاتلاش
deris
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14626

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   150 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6346 (سوم)
 ياخشى باھا:   392 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   637  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 112
 سائەت
دەرىجىسى:
112 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-20
ئاخــىرقىسى:2011-07-23

تەتىل بولدى
 ,t 2CQ  
uL)MbM]  
]L~z9)  
ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىل مەزگىلى ئەڭ ئۇزاق دۆلەتلەر
L9/'zhiZBx  
'`upSJ;e  
دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىل قېتىم سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئەنگلىيە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار يىلدا ئالتە قېتىم تەتىل قىلىدۇ. 2005 – يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 130 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ھۆكۈمەت ئىگىدارلىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مەۋسۇمى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ھەر يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىنى ئىلگىرىكى ئۈچ ئوقۇش مەۋسۇمىدىن ھازىرقى ئالتە ئوقۇش مەۋسۇمىگە ئۆزگەرتكەن، ھەر ئوقۇش مەۋسۇمى ئارىلىقىغا تەتىل مەزگىلىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار مۇشۇنداق دائىملىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى مەقسەت قىلغان. 9SeGkwec?$  
F,_cci`p  
     دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىل مەزگىلى ئەڭ ئۇزاق دۆلەت گېرمانىيە بولۇپ، مەكتەپلەرنىڭ بىر يىلدىكى تەتىل ۋاقتى 12 ھەپتىگە يېتىدۇ. مىلاد بايرىمىلىق تەتىل ئالدىنقى يىلىنىڭ 22 – دېكابىر ياكى 23 – دېكابىردىن باشلىنىپ، يېڭى يىل كىرىپ 4 –  يانۋار ئاخىرلىشىدۇ. ئارقىدىن يەنە ئىككى ھەپتىلىك قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ. بىراق، ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان 4 –  ئايدىكى پاسخا بايرىمىلىق تەتىل ۋاقتى ئۈچ ھەپتە بولسا، قىشلىق تەتىلگە ئاران بىر ھەپتىلا قويۇپ بېرىلىدۇ. يازلىق تەتىل ۋاقتى تەخمىنەن ئالتە ھەپتىگە يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى ياز گېرمانىيىلىكلەرنىڭ مۇھىم ساياھەت پەسلى بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساياھەتكە چىقىشىغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، مەكتەپلەرنىڭ تەتىل قويۇپ بېرىش ۋاقتى مۇقىم بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت،  يازلىق تەتىل بىلەن مىلاد بايرىمىلىق تەتىل ئارىلىقىدا يەنە بىر ھەپتىلىك كۈزلۈك تەتىل ۋاقتىمۇ بار. l]|&j`'O  
Lx- %y'P  
     دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلى ئەڭ ئۇزاق دۆلەت ئامېرىكا بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار  ئۈچ ئايلىق تەتىل ۋاقتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 19  – ئەسىردىن بۇيان،  شتاتلاردىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىل ۋاقتى ئالاھىدە ئۇزاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تەتىل ۋاقتى 6 –  ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9 – ئاينىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ ئەنئەنە دۆلەت قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي مۇقىملىشىپ قالغان، ئەينى چاغدا نۇرغۇن ئامېرىكىلىق ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. يازلىق تەتىل ۋاقتىنىڭ بۇنداق ئۇزاق بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، ئىسسىق ياز كۈنلىرى دەرس ئاڭلاش بەك جاپالىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە 7 – ، 8 – ئاي ساياھەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى. t'F$/mx.  
!&OdbRHM  
     شۋېتسارىيە دۇنيادا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلا ۋاقىتتا تەتىلگە قويۇپ بېرىلمەيدىغان دۆلەت. شۋېتسارىيە مەسئۇل دائىرىلىرى مۇنداق دەپ قارايدۇ: مەملىكەت بويىچە بىرلا ۋاقىتتا دەرس توختىتىپ تەتىلگە قويۇپ بېرىلسە، قاتناش قىستاڭچىلىقى، مېھمانساراي ياتاقلىرى توشۇپ كېتىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاتا – ئانىلارنىڭ رۇخسەت سورىشى نۇرغۇن تارماقنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شتاتلارنىڭ  تەتىلگە قويۇپ بېرىش ۋاقتى ئوخشاش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسا، بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر  ھەل بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىستېمالنىمۇ ئاشۇرۇپ، ساياھەتچلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. شۋېتسارىيىدە  ئوقۇغۇچىلار بىر يىلدا  بەش  قېتىم تەتىل قىلىدۇ، يەنى كۈزلۈك تەتىل، قىشلىق تەتىل، مىلاد بايرىمىلىق تەتىل، فېۋراللىق تەتىل، پاسخا بايرىمىلىق تەتىل قاتارلىقلار. 5tv*uz|fv  
8!v| `Ky  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلدىكى پىسخىكا ساغلاملىقىغا سەل قارىمايلى
}|h-=T '  
3wN4kltt  
7h9oY 
Mxz X@GBX  
rKPsv*w  
يازلىق تەتىل باشلانغىنىغىمۇ خېلى كۈنلەر بولدى، «تەتىل بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، دەرس، ئىمتىھانلارنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇپ، خۇشال-خۇرام ساياھەت قىلىمىز» دېگەن قوشاق بالىلارنىڭ يۈرەك سۆزىدۇر. 8;=?F>]xn  
تەتىل، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارام ئالىدىغان ۋە ئۆزىنى تەڭشەيدىغان مەزگىل، ئوقۇغۇچىلار بىر مەۋسۇملۇق جىددى ئوقۇشتىن كېيىن، تەتىلدە ئوبدان ئارام ئېلىپ، كېيىنكى مەۋسۇم ئۈچۈن ئېنېرگىيە توپلايدۇ. تەتىل تۇرمۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش، كاللىنى ئارام ئالدۇرۇش، نېرۋىلارنى تەڭشەش، پىسخىكا جىددىيلىكىنى يوقىتىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. 6Hc25NuQZ  
لېكىن، كۆپ قىسىم ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەتىلنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزەلمەيۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشى تەكرارلاش سىنىپىغا قاتنىشىش بولۇپ، ئارام ئېلىش دائىرىسى ئىنتايىن تار، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى كەمچىل، بىللە ئوينايدىغان دوستى يوق بولۇۋاتىدۇ. تەتىل ئەكسىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىكا جىددىيلىكىنىڭ يۇقىرى مەزگىلى بولۇپ قالدى. M/V"Ke"N  
پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى تەتىلگە قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ھەر خىل تەكرارلاش سىنىپلىرى ياكى ھەر خىل كۇرسلارغا تىزىملاتماقتا، شۇ سەۋەبتىن تەتىل بالىلارنىڭ «ئۈچىنچى مەۋسۇملۇق ئوقۇشى» غا ئايلىنىپ قالماقتا. نۇرغۇن ئوقۇغۇچى «تەتىل قويۇپ بەردى دېگەنلىك يەنە بىر قېتىملىق جەڭ باشلاندى دېگەنلىك، تەتىلدە تەتىللىك تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەشتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن كۈچەيتىش سىنىپلىرىغا قاتنىشىپ، ھەر خىل مەشىق سوئاللىرىنى ئىشلەيمىز» دېيىشمەكتە. @lB1t= D  
تەتىللىك پائالىيىتى چەكلىك بولۇش بالىلارنىڭ تەتىلدىكى زور بەختسىزلىكى. تەتىلدە ساغلام، پايدىلىق پائالىيەتلەر بولمىسا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن تەتىلنىڭ مەززىسى قالمايدۇ. تەتىلدە ئاتا - ئانىلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولىدۇ، بالىلار دوستلىرىدىن ئايرىلىپ ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇرىدۇ، كومپيوتېر ئويناش ياكى تېلېۋىزور كۆرۈش ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپ، خۇددى «قەپەز» كە سولىنىپ قالغاندەك ياشايدۇ. بۇنداق ھالەت بالىلاردا ئاسانلا تورغا خۇمار بولۇشنى پەيدا قىلىدۇ. N cHCcc  
ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاز بولۇش ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاتا - ئانىلار تەتىلدە ۋاقتىنى چىقىرىپ بالىلارغا ھەمراھ بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن ئاتا-ئانا بالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايدىكەن. بالىلارمۇ تەتىلدە ئاتا - ئانىسى بىلەن ساياھەتكە چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، %12 بالا بۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشەلەيدىكەن. %98 بالا گېزىت، تېلېۋىزور، تور قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۇچۇرغا ئىگە بولى−دىغانلىقىنى، %2 بالا ئاتا-ئانىسى ياكى باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىگە كۆكتات سېتىۋېلىپ، تاماق ئېتىپ، كىرلىرىنى يۇيۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئاندا-ساندا پاراڭلىشىپ قالسىمۇ ئاساسلىقى ئۆگىنىش توغرىسىدىلا پاراڭلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 3s BWtz  
ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىلدىكى پىسخىكا ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش كۆپ تەرەپنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىغا موھتاج. مەكتەپ ئامال بار ئوقۇغۇچىلارغا ئازادە تەتىل مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى، ئۇلارغا ھەددىدىن زىيادە ئوقۇش بېسىمى يۈكلىمەسلىكى، ئۇلارنى ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشقا، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىپ، تەتىل تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ پىسخىكا ئېھتىياجىنى كۆپرەك ئويلىشىشى، كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ پەرزەنتلىرى بىلەن پاراڭلىشىشى، سۇ ئۈزۈشى، دالا پائالىيەتلىرىنى قىلىشى، تاغقا چىقىشى، مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىشى، ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بالىلارغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ، بىلىمىنى ئاشۇرغىلى، ئۇلارنى تەبىئەتتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇرغىلى، شۇنداقلا ئاتا - ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرغىلى، ئائىلە تۇرمۇشىنى ئىناق قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر بالىلارنى ئۇزاق مەزگىل ئۆيدە يالغۇز قالدۇرغاندا ياكى ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى بىلەن كارى بولماي، ھەر خىل كۇرسلارغا قاتناشتۇرغاندا، بالىلار ئاسانلا جىمغۇر، غەمكىن بولۇپ قالىدۇ. dFeGibI{  
جەمئىيەتمۇ بالىلارغا ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىشى، تورخانا، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىشى، بالىلارنىڭ تورخانىلاردىن ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشى ۋە تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. مەھەللىلەرمۇ ئاكتىپلىق بىلەن شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى، قۇرداشلار ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى ھەم بۇ ئارقىلىق ياخشى كىشىلىك ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. }J5iY0  
T5~Qfl?Y  
g 'L$m|  
@Ng q+uXm  
r~;.8qs  
تەتىلدە ئىشلەپ پۇل تاپاي دېسىڭىز ئارمانغا بىرىڭ
!x:w2  
1?+)T%"  
ئارمان شىركىتى ھەرقايسى تاللا بازارلىرىغا خىزمەتچى خادىم قۇبۇل قىلىدۇ ؛ B7ys`eiB5C  
ئارمان شىركىتى يېڭى دۇكان ئىچىش سەۋەبى بىلەن ھەر قايسى تاللا بازارلىرىغا خىزمەتچى خادىم قۇبۇل قىلىىدۇ ؛ تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ بىر ئىككى ئاي ئىشلەيدىغانلار ، پاراكتىكا قىلدىغانلار بولسىمۇ قۇبۇل قىلىندۇ ؛ ,/L_9wV -\  
پۇرسەت غەنىمەت ، تىزدىن كىلىپ تىزىملىتىڭ ؛ Hi{! 
ئورنىمىز : ئۇرۈمچى شەىىرى ، ئتىپاق يولى 10- يول بىككەتتە يېنىدا ، (ئتىپاق يولى ئارمان پۇشۇرۇقلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى يېنىدا ) ;rta#pRn  
ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى 0991- 8565363 ، 0991-8565599 .+AO3~Dg  
,v1-y ?kB  
تەتىل مەزگىلىدە ئاتا-ئانىلار ئاسان سەل قارايدىغان نۇقتىلار
"=!QSb  
Ip0@Q}^  
تەتىل مەزگىلىدە بالىلارنى قانداق تەربىيەلەشتە ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ]i]sgg[  
1. بالىلارنى كېلەر مەۋسۇملۇق بىلىملەرنى ئالدىن ئۆگىنىشكە زورلاش. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە زورلىغاندا، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا بالىلاردا دەرس ۋاقتىدا يېڭىلىق ھېس قىلماسلىق، دىققىتىنى يىغالماسلىق مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە ئۆگىتىدىغان بىلىملەرنى ئاتا-ئانىلار ئالدىراپ بالىلىرىغا ئالدىن ئۆگەتمەسلىك، بولۇپمۇ تەتىلدە ئۇلارنى يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە قىستىماسلىق كېرەك. L{CHAVkV  
2. بالىلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ھەددىدىن ئارتۇق ئارىلىشىۋىلىش. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تەتىلدە ھەر خىل ياسىنىشلىرىنى ياقتۇرمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئەنسىرگۈدەك يېرى يوق، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدىكى توغرا تەرەپنى كۆپرەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ئازىراق غەيرىي كىيىنىشنى تۇتقا قىلىپ، ئۇلارغا زەربە بەرمەسلىكى كېرەك. بالىلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە بەكلا ئارىلىشىۋالغانلىق بالىلارنىڭ يېغىرىنى تاتىلىغانلىق بولۇپ، بالىلار ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. Zk;;~ESOU  
3. دائىم بالىلىرىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بالىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش. نېمىشقا دائىم بالىڭىزنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بالىلار بىلەن سېلىشتۇرماي، ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بالىلار بىلەن سېلىشتۇرىسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟ تەتىل  - ئالاھىدە ۋاقىت، بالىلارنىڭ ئۆيدىكى ۋاقتى ئۇزاقراق بولغاچقا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەن بولۇشتەك كۆڭۈلسىز ئىشلار ئارقىلىق بالىلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەندە، بالىلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. ياخشى بالا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ نەتىجىسى. M!6bf  
4. ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش يالغۇز بالىلارغا يۈكلىنىپ قېلىش. بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەينىكى، كىتاب ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش ئادىتى يوق ئائىلىلەردە ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان بالىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش قىيىنغا توختايدۇ. بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى دورىشى ئۇلارنىڭ تەبىئىتى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەرىكىتى ئۇلارغا نىسبەتەن ئىككى بىسلىق پىچاق، سىز بۇنى چۈشىنەمسىز؟ شۇڭا ئاتا-ئانىلار ھەر ۋاقىت ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىنىڭ بالىلارغا قالدۇرىدىغان تەسىرىنى ئويلىشى كېرەك. &akMj@4;R  
5. ئاتا-ئانىلار ۋەدىسىدە تۇرۇش. ئىلىم-پەن شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سىز قارشى تەرەپكە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلغان ياكى قىلمىغىنىڭىز قارشى تەرەپنىڭ سىزگە بەرگەن باھاسىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. ۋەدە چوڭ، كىچىك، ئىلگىرى-كېيىن دەپ ئايرىلمايدۇ، گەپ ئىجرا قىلىشتا، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ۋەدە بېرىشتىن ئاۋۋال قايتا-قايتا ئويلىنىش، ۋەدە بەرگەنىكەن، چوقۇم ئەمەل قىلىشى كېرەك. LveqG   
iii$)4V  
يازلىق تەتىل ۋە ياشلار
cwC, VYVl  
\M532_w  
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا "مۇسۇلمانلار يازلىق تەتىلنى مەنپەئەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشى، قەيەردە بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئاللاھتىن قورقۇشى، سەپەر ۋە ساياھەت ئۇستىدە شەرىئەتتە توسۇلغان كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىدىن چەكلىنىپ، مۇباھ قىلىنغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى: n _ez6{  
Q6W)rJ[|  
مۇشەققەتتىن كېيىن راھەتلىنىش، ھېرىپ-چارچاشتىن كېيىن ئارام ئېلىش، ھارغىنلىقتىن كېيىن مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇش ئارقىلىق، قەلبكە راھەت بېغىشلاش مۇھىمدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئۆز نەپسىنىڭ ھىممەت-ئىرادىسىنى يېڭىلاش، ھورۇنلۇق-بوشاڭلىقتىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەرىئەتتە دۇرۇس بولغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. w./EJk KI  
=nL*/  
ئىسلامدا توغرا يول تۇتقۇچى ئىزباسار خەلىپىلەرنىڭ بەشىنچىسى بولغان ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئى ئوغلۇم! ھەقىقەتەن نەپسىم مېنىڭ ھايات سەپىرىمدىكى قاتناش قورالىم، ئەگەر مەن ئۇنىڭغا ئۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان نەرسىنى يۈكلىسەم، ئۇنى ھالسىرىتىپ قويىمەن، يەنى ئۇنى ھالاك قىلىپ قويىمەن». X9gC2iSs]  
gX _BJ6  
يۇقىرىقى سۆزدىن مۇسۇلمان نەپسىنى دائىم ئىبادەتكىلا بېسىپ، دۇرۇس بولغان ئارام ئېلىش، راھەتلىنىش پائالىيەتلىرىدىن چەكلەشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىدۇ. B+DRe 8  
(MIw$ )#^  
سەلەپ-سالىھلاردىن بېرى مۇنداق دېگەن: «مەن قەلبىمنىڭ مەن ئۈچۈن ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشى، تائەت-ئىبادەتتە روھلۇق بولىشى ئۈچۈن، ئۇنى شەرىئەتتە دۇرۇس بولغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن راھەتلەندۈرۈپ تۇرىمەن». jRkq^}  
C;) xjZiR  
ئاخىرەتنى ئەسلەش، ئۇ توغرىدا پىكىر قىلىش، ئاللاھنىڭ ياخشى كىشىلەرگە بېرىدىغان ئەجىر-ساۋابلىرىنى ئۈمىت قىلىش، ئازابلىرىدىن قورقۇش ئەڭ پەزىلەتلىك ياخشى ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن بولسىمۇ، بۇنىڭدىن ئۆز نەپسىنى شەرىئەتتە يول قويۇلغان راھەت-پاراغەت، كۆڭۈل ئېچىش (بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى بارلىق مۇباھ ئىشلار) پائالىيەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىش، چەكلەش دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ. )|a9Z~#x  
hw'2q9J|  
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە، ئەنسارىلار بىلەن مۇھاجىرلارنى بىر-بىرى بىلەن قېرىنداش قىلىپ قويدى، شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن، سالمان پارسىي رەزىيەللاھۇئەنھۇ بىلەن ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قېرىنداشلاردىن قىلىپ قويدى. ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇئەنھۇ كۈندۈزنى روزا بىلەن، كېچىنى تەھەججۈد ناماز ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كىشى ئېدى. سالمان پارسىي رەزىيەللاھۇئەنھۇ بىر كۈنى قېرىندىشى ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇئەنھۇنى زىيارەت قىلىپ ئۆيىگە كەلگەندە، قېرىندىشىنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە پەقەت ۋاقىت چىقارمىغانلىرىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: «سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئاللاھنىڭ ھەققى بار، ئۆز نەپسىڭنىڭ ھەققى بار، ئائىلە-بالىلىرىڭنىڭ ھەققى بار، سەن ھەر قايسى ھەقلەرنى ئۆز يولىدا ئادا قىلغىن» دەيدۇ . ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇئەنھۇ قېرىندىشى سالمان رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ بۇ سۆزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سالمان توغرا سۆزلەپتۇ» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى]. $B?7u@>,  
lmcDA,7  
مۇسۇلمان كىشىلەرنىڭ مۇباھ قىلىنغان راھەت-پاراغەت، كۆڭۈل ئېچىشنى ئۆچ كۆرۈپ ھاقارەت قىلىشى، ياكى غەپلەتكە چۆمۈپ، نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىپ ئويۇن-تاماشانى داۋاملاشتۇرۇشى، شەرىئەت دۇرۇس دەپ بېكىتكەن دائىرىدىن ھالقىپ شەھۋانىي مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى كېرەكتىن چىقىرىشى ئەقىلسىزلىق ۋە چاكىنىلىق ھېسابلىنىدۇ. u .=;A#  
U[D<%7f  
تىرىشچانلىقنى تەرك قىلىپ، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ، غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق بولۇش، نامراتلىق ۋە پاساتچىلىقنى پەيدا قىلىدۇ . چەكلەنگەن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىش ئىنساننىڭ ئىنسانىي ئەخلاقىنى يوقىتىدۇ، ئەقىل-پاراسەت، زېرەكلىكىنى چەكلەيدۇ، زېھنىنى ئەھمىيەتسىز، ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان ئىشلارغا مەشغۇل قىلىدۇ، ۋاقتىنى زايە قىلىدۇ، ھورۇنلۇق، بوشاڭلىقنى سىڭدۈرىدۇ، ھېچقانداق ئىشتا نەتىجە قازىنالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. Aii[=x8  
Wu&Di8GhP  
MX0B$yc$  
RHbp:Mlk  
ئى مۇسۇلمان ياشلىرى! سىلەر كېلەچەكنىڭ ئىگىلىرى، دىننىڭ، مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ ئۈمىدى ۋە ئىزباسارلىرى، سىلەر تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىيات نامىدىكى چاقىرىشلىرىغا ئالدانماڭلار، پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئىلىم-مەرىپەت ئىگىلەشكە تىرىشىڭلار، مەدەنىيەتلىك-بىلىملىك بىر مىللەت ھېچقاچان باشقا مىللەت ئالدىدا خار بولمايدۇ . ھۈنەر-سانائەتنى پۇختا ئۆگىنىڭلار، كەسپ-ماھارەتتە تەرەققى قىلىڭلار، ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققى قىلىشىغا ھەسسە قوشۇڭلار، بۇ ئالى نىشان ۋە يۈكسەك غايىگە يېتىشنىڭ بىردىن-بىر توغرا يولى، ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كىرىم ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇستەھكەم ئېسىلىش، ئەمەل قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. gAY2|/,  
j[`?`RyU  
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابە كىراملارنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ياشىيالىشىمىز مۇمكىن. >[@d&28b%  
 
ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار! پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى بوش ۋاقىتلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئازغۇن پىكىردىكى ئىنسانىي شەيتانلارنىڭ ئالدام-خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ھەزەر قىلىشىمىز لازىم . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ دىنى تەلىم-تەربىيىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ۋاقىت ئاجرىتىش بولسا مىللەتنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشتىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتتۇر. FO=1P7  
}AqD0Qd2Hj  
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى شەيتان ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن، ھاياتى دۇنيانىڭ ئېتىبارسىز مەنپەئەتلىرى ئالداپ قويمىسۇن.» [سۈرە لوقمان 33-ئايەتنىڭ بىر قىسمى]. " G6j UTt  
CM1a 
يەنە بىر ئايەتتە: «ئاللاھنىڭ ئازغۇن بەندىلەرنى تىزدىن ئازابلىمايدىغان ئەپۇچانلىقى ھەددىڭلاردىن ئاشۇرىۋەتمىسۇن، ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىپ سىلەر ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان ۋاقىت كېلىشتىن بۇرۇن ئاللاھقا بويسۇنۇڭلار، سىلەر سەزمىگەن بىر ھالەتتە قىيامەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن بۇرۇن ئاللاھ تائالا سىلەرگە چۈشۈرگەن ئەڭ ياخشى يېتەكچى ۋە نۇرلۇق چىراق بولغان قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىڭلار». [سۈرە زۇمەر 54-55- ئايەتلەر]. "J{zfWr  
3rg^R"&  
جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن. ئامىن… V9_HC f  
)"uG*}\?b  
مەنبە: توردىن يىغىپ تەييارلاندى /$,=>  

تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-21, 14:19
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
kuzum
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18700

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1852 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3961 (سوم)
 ياخشى باھا:   1784 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2684  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5953
 سائەت
دەرىجىسى:
5953 سائەت 337 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-21

بۇ تىمىنى كۆرۈپ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم .ئۇ فىلىمدىن ھەم ناھايىتى تەسىرلەندىم ..بەكمۇ ياخشى تىما يوللاپسىز ،قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
 
كۆڭۈلچەككە ئالدامچى ئامراق كىلىدۇ.


گۈلنىڭ ئومرى قىسقا كىلىدۇ ،چۇنكى ھەممىغا يارىغاچ، تىكەننىڭ ئورى ئۇزۇن بۇلىدۇ ،چۇنكى ھەممىگە سانچىلغاچ.....
taghrim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4101

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   213 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9681 (سوم)
 ياخشى باھا:   1025 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1491  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 157
 سائەت
دەرىجىسى:
157 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-16
ئاخــىرقىسى:2011-08-14
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-21

رەھمەت سىزگە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن .
 
اﷲ باردۇر ، بىردۇر ، اﷲ تىن باشقا ھىچ بەرھەق خالىق يوقتۇر .
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام اﷲنىڭ بىزلەرگە ئېبەرگەن بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر . ئامىن .
hanjar03
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44117

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   57 (سوم)
 ياخشى باھا:   6 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 459
 سائەت
دەرىجىسى:
459 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-11
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-21

تەتىل ئەڭ قىسقا بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلارغا تەتىل بولمايدىغان دۆلەت قايسىدۇر؟
 
sargarda
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1041

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1889 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14847 (سوم)
 ياخشى باھا:   1128 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   985  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 837
 سائەت
دەرىجىسى:
837 سائەت 63 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-21

تۇلىمۇ  ئەھمىيەتلىك  تېما  يوللاپسىز  ... خۇدا  ئىلمىڭىزنى  زىيادە  قىلغاي... بىر  ئادەمنىڭ  قانداق  تېما  يوللايدىغانلىقىدىن  ،  قانداق  ئىشلارغا  كۆڭۈل  بۆلىدىغانلىقىدىن  ،ساپاسىنى بىلۋالغىلى  بۇلدىكەن  .  
 
دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس ، بەيگىگە كەلدىم
mantipaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43245

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   129 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4279 (سوم)
 ياخشى باھا:   1056 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1601  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2193
 سائەت
دەرىجىسى:
2193 سائەت 107 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-22

توۋا مۇشۇ تىمىدىمۇ «ئارماننىڭ ئېلان»ى باركەن . ھازىرچە تېلېۋىزوردىن باشقا تارقىتىش ۋاسىتلىرىدىكى «ئېلان»لاردىن زىرىكىپ تورغا كىرسە بۇ يەردىمۇ باشلىنىپتۇ . ھازىرچە تىما ئېچىگە ئېلان قىستۇرۇپ ، ئەتە ئۆگۈن ئېلان ئىچىگە تىما قىستۇرىدىغان بولۇپ كىتەمدۇق نىمە ؟
 
بىردەملىك تاقەت ئون يىللىق راھەتنىڭ مەنبەسى !
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى