مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1709 
  •    ئىنكاس 
       9 

ئنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرلار

قەۋەت ئاتلاش
taghrim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4101

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   213 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9681 (سوم)
 ياخشى باھا:   1025 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1491  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 157
 سائەت
دەرىجىسى:
157 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-16
ئاخــىرقىسى:2011-08-14

e? n8 S  
8I,/ysT:  
ۋېل دولانت (ئامىرېكا)
|FxTP&8~  
ئىدىيە دېگەن نىمە؟ بۇ ئىنتايىن قىيىن سۇئال بولۇشى مومكىن. چۈنكى ئىدىيە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەممە دېگەن بۇ سۆز ئارقىلىقلا ئىدىيىگە چەك بىكىتكىلى بولىدۇ. ئىدىيە بىزنىڭ شەيئىلەر توغىرىسىدىكى بىۋاستە ھىسلىرىمىز، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەخپىيەتلىكىدۇر. بىزنىڭ تاشقىي دۇنيا ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز ئىدىيىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ بارلىق نەتىجىلىرى ئىدىيىدىن ئۆز مەنبەسى ۋە ماكانىنى تاپىدۇ.ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئىلگىرىلەش سەھنىسىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىدىيىنىڭ مەھسۇلىدۇر. `w/b];e1)  
j 
بۇنداق مۆجىزە قاچان باشلانغان؟ ئىھتىمال بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا دولقۇنلاپ تۇرغان مۇز پارچىلىرى زەرب بىلەن قۇتۇپلاردىن قاڭقىپ چىقىپ يەر شارىنىڭ ھاۋاسىنى سوۋۇتۇپ، بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى چەيلەپ تاشلاپ، ياشاشقا ئىلاجسىز قالغان سان– ساناقسىز جانلىقلار تۈرلىرىنى ھالاك قىلغان بولۇشى، ئەڭ ئاخىرىدا بەخىتكە يارىشا ئامان قالغۇچىلار تار ئىسسىق بەلباغ رايۇنىغا كېلىپ، روناق تېپىش ئۈچۈن ئىكۋاتۇرنى بويلاپ ياشاپ، شىمالىي قۇتۇپ مۇزلۇقىنىڭ ئىرىشىنى كۈتكەن بولۇشى، دەل موشۇ جاپالىق كۈنلەردە بىز ئادەتلەنگەن كونا تۇرمۇش ئەندىزىلىرى مۇزغا غەرق بولۇپ، ئەۋلادلار ۋارىسلىق قىلىپ داۋاملاشتۇرىدىغان ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئەندىزىلىرى ئۆزگىرىپ ئۈنۈمىنى يوقاتقان بولۇشى، فىزىئولوگىيىلىك فونكىسىيىلىرى نىسبەتەن مۇكەمەللەشكەن بولسىمۇ، سىرتقى ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالمىغانلىقتىن ئىدراكلىق جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولغان بولۇشى، ئەمما بۇ خىل جانلىقلارنىڭ تەبىئىتىدە بىرخىل ھەرىكەتچان ئىلاستىكىلىق بولغاچقا پەيدىنپەي ئورمانلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتلار ۋە دالىلاردىكى ياۋايى مەخلۇقاتلارنىڭ زومىگەرلىك ئورنىنى ئىگىلىگەن بولۇشى مومكىن. 6T ,'Oz  
Tl `HFZQ1  
بۇنىڭدىن شۇنى قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، دەل موشۇخىل ھايات- ماماتلىق باشلىنىش ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى بىخلاندۇرغان. بىز بۈگۈنكى كۈندە بوۋاقلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن بۇخىل تەبىئىي ئىنكاسنىڭ مۇكەممەلسىزلىكى ۋە كېيىنكى ماسلىشىشچانلىقىنى بايقىيالايمىز. ئىنسانلارنىڭ بوۋاقلىرى ئادەتتە باشقا جانلىقلارنىڭ دەسلەپكى تۇغۇلغان ۋاقتىدىكىدىن كۈچسىز بولىدۇ، كېيىنكى ئۆگىنىشلەر بۇ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلايدۇ، دەل موشۇخىل پەرىقسىز ئىلاستىكىلىق ئىنسانلار بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى ياراتقان. مامونىت ۋە ئۆتكۈر چىشلىق پىل قاتارلىق قەدىمكى گىگانت ھايۋانلار ئەڭ دەسلەپتە تەرەپ- تەرەپتە چېپىشىپ يۈرگەن بولسا كېيىن تارىخنىڭ رەھىمسىز ئۆزگىرىشلىرى ئالدىدا قەدىمقى زامان بىئولوگىيىسىدىكى سۈرەتلەرگە ئايلىنىپ قالغان. بۇ بەھەيۋەت مەخلۇقلار سۇر ھەيۋىسىدىن قېلىپ، ئاجىز ھالەتتىكى ئىنسانلار ياشاۋەرگەن. تەپەككۇر ۋە كەشپىيات پەيدا بولغان، تۇغما ئىقتىدارنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدىغا ئاۋارىچىلىقلار ئەڭ دەسلەپكى دادىل تەسەۋۋۇرلارنى ئۇرغۇتقان. كشىلەر تۇنجى قېتىم جانلىقلارنىڭ جۈپى بىلەن تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدەنگەن، تۇنجى قېتىم ئاممىباب خارەكتىرلىك ئۇقۇملارنى ئوتتۇرىغا قويغان، تۇنجى قېتىم شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىدىكى ئوخشاشلىق ۋە تەرتىپنىڭ قانۇنىيەتلىك ئىلگىرىلىشى ھەققىدە جاپالىق ئىزدىنىشكە باشلىغان… دەسلەپكى قېتىم دۇنياغا ئەقلى ماسلىشىش بەجايىكى يېڭى بىر مۆجىزىگە ئوخشاش تۇغما ئىقتىدارنىڭ بىۋاستە ئىنكاسىنى پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. شۇنىڭدىن كېيىن، مەلۇم بىر ھەرىكەتكە بولغان بىۋاستە ئىنكاس ئالاھىدە بەلگىلەنگەن تەپەككۇر ئەندىزىسى ۋە ئىلمىي ئۇسۇللار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان، ئىھتىياتچانلىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرۇش ۋە ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئىزدەش پىلانلىق كۈزىتىشكە ئۆزگەرگەن، قورقۇش ۋە قېچىش ئەستايىدىللىق ۋە قەيسەرلىككە ئۆزگەرگەن، ئۇرۇشۇش ۋە ھۇجۇم قىلىش قىزىقىش ۋە تەھلىل قىلىشقا ئۆزگەرگەن، ئاڭسىز مەشغۇلاتلار مەقسەتلىك تەجىرىبىگە ئۆزگەرگەن. ~k780  
بۇ خىل ئالاھىدە جانلىقلار ئۆرە تۇرۇپ مېڭىپ ئادەمگە ئايلانغان، ئۇلار گەرچە مۇرەككەپ مۇھىتتا تۇرغان بولسىمۇ، سان- ساناقسىز خىيىم- خەتەرلەر ئالدىدا قەيسەرلىكىنى ئىپادىلەپ، خىيىم- خەتەر بىلەن تولغان بۇ يولدا قەتئىيلىك بىلەن مېڭىپ كېيىن يەر شارىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان. mVdg0  
Vf] ;hm  
ئىنسانلار ئەقلىنىڭ تەۋەككۈلچىلىكى l F*x\AT  
Kuy0Ci  
ئەلمىساقتىن بۇرۇنقى قاراڭغولۇقنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ زامانىمىزغىچە بولغان ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخى ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ تەۋەككۈلچىلىك جەريانىدۇر. تارىخنىڭ پەلەمپەيلىرىدىكى ھەر بىر قېتىملىق قەدەم بىزنى ئالغا باستۇرۇپ، ئاستا ئەمما چوڭقۇر رەۋىشتە تىخىمۇ مۇستەھكەم كۈچ ۋە تىخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ. تارىخنى تەپەككۇر بەلگىلىمىسە كەشپىيات يارىتىش بەلگىلەيدۇ. كەشپىيات يارىتىشنى ئاخىرقى ھىسابتا تەپەككۇر بەلگىلەيدۇ. بىزنى پىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان نەرسە ئەلۋەتتە ئارزۇ- ئىستەك ھەم قانائەتسىز ئىھتىياجلىرىمىز ئېلىپ كېلىدىغان خاتىرجەمسىزلىك ۋە ئالاقزادىلىك بولسىمۇ ئەمما پىكىر قىلىش ئۇنىڭ ھەل بولۇش يوللىرىنى تاپىدۇ. قەدىمكى قەھرىمانلارغا چوقۇنىدىغانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىنى توختىتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، مەسىلەن، كالىر ۋە نىچشى ئۇلۇغ شەخىسلەر ئارقىلىق تارىخقا ئىزاھات بەردى. يەنە بەزىلەر قەھرىمانلارنى مەنسىتمەيدۇ، مەسىلەن سېپىنسېر تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ كەينىدىكى ئىقتىسادى سەۋەبلەرنىلا مۇھاكىمە قىلدى. بىز شۇنى مۇتلەقلەشتۈرەلەيمىزكى، نۇرلۇق تەپەككۇر گۈلخانلىرى بولمىغان بولسا، ئىقتىسادى مۇھىتتا ئىنسانلارنى ھەقىقى ئالغا باستۇرالايدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولمايىتتى. *ci%c^}V  
تاردى بىلەن جامۇسنىڭ ئېيىتقانلىرى دۇرۇس بولسا كىرەك، بارلىق تارىخ تالانىت ئىگىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتمىسى، ئۇ تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئاممىغا تۈرتكە بولۇشىدىن پەيدا بولىدۇ. تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي ئاۋانگارتلارنىڭ ئىستىخىيىلىك ئىجادىيەتلىرى بىر قېتىم- بىر قېتىمدىن دورىلىش ئارقىلىق كەڭ ئاممىغا تارقىلىدۇ. شەك شۈبھىسىزكى، ھەربىر دەۋرنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ۋە گۈللىنىش مەزگىلىدە قەھرىمان تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئىزنالىرى بولىدۇ. ئۇلار دەۋرنىڭ ساداسى ۋە سىموۋۇلى، ئۆتمۈشنىڭ ۋارىسلىرى ۋە شەرھىيچىلىرى شۇنداقلا كەلگۈسى دەۋرنىڭ ئاۋانگارتلىرى ۋە يولباشچىلىرىدۇر. بىز ھەر بىر مەدەنىيەت پەيدا بولغان دەۋردىن ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە، ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدىغان شەخىسلەرنى تاپالىساق تارىخنىڭ بىر كارتىنىسىنى چۈشىنەلەيمىز. ئەمما بىز بۇ تارىخىي سىنارىيىنىڭ باش قەھرىمانىنى تاللاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىمىزگە ئالغاندا نورغۇن قىيىنچىلىقلار ئالدىمىزغا قويۇلدى. بىزنىڭ «ئۇلۇغ» لۇق ئۆلچىمىمىز نېمە؟ نورغۇن تالانتلىق شەخىسلەر ئارىسىدىن قايسىلىرىنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك؟ قايسىلىرىنى تاشلىۋەتسەك بولىدۇ؟ o` 
 _)=eE  
ئۆلچەم !<W^Fh  
Yi+$g  
ئۆلچەمدىن سۆز ئاچقاندا بىز بىر ئاز رەھىمسىزلىك قىلىشىمىز ھەم كەسكىنلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشىمىز مومكىن. تارىختا نورغۇن قەھرىمانلار ئۆتكەن، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى زىل ھەم تېرەن بولۇپ، قەلبىمىزنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالىدۇ، بىراق بىز ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ئىنسانلارنىڭ تارىخىغا ئۇزاق مۇددەتكىچە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تىزىملىكىمىزگە كىرگۈزمەيمىز. بۇ بىر قېتىملىق يۇقىرى ئۆلچەمدىكى سىناق، شۇڭا بىز ھەر بىر مۇتەپەككۇرنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئىجادچانلىق ۋە كەڭلىكنى، ئىنىقلىق ۋە چوڭقۇرلۇقنى نەزەرگە ئېلىشىمىز، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى ھەم رېئال تۇرمۇشىدىكى تەسىرىنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم دەپ قارىشىمىز مومكىن. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن بىز بىر بۆلۈك كىشىلەرنى ئايرىپ چىقىپ ئادىل، ھەققانىي تاللاش ئېلىپ بارالايمىز. ^F4h:  
خوش، بىز «مۇتەپەككۇر» لۇقنىڭ چېكىنى قانداق بىكىتىمىز؟ بۇ سۆز ئومومەن ئالىملار ۋە پەيلاسوپلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، بىراق بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالساق بولماس؟ ئىۋرىپىدىس، لوكرىتىس، دانتى، داۋىنىچ، شىكىسپىر، گىيوتى قاتارلىقلارنى مۇتەپەككۇر دەپ ھىسابلىساق بولامدۇ؟ ياق! بىز گەرچە بۇ ئۇلۇغ ئىسىملارنىڭ ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ تۇرساقمۇ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى مۇئەييەن چوڭقۇرلۇققا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار مۇتەپەككۇرلارغا يېقىنلاشقانلار، تىخىمۇ توغىرىسىنى ئېيىتقاندا، سەنئەتكارلاردۇر. غايەت زور تەسىر كۈچىگە ئىگە داھىيلار، مەسىلەن، ئىسا، ساكيامونى، ئاۋگوستىن، مارتېن لىيۇتېر لارنى كىرگۈزۈشىمىز كىرەكمۇ؟ ياق! ئۇلار دىن ئىجادچىلىرى ياكى ئىسلاھاتچىلار بولۇپ، بىزنىڭ تەبىرىمىزگە يېقىنلاشسىمۇ، لېكىن، ئۇلار تەپەككۇر ياكى ئەقىل ئەمەس، ھىسسىيات ۋە ئالىيجاناب ھاياجان، مىستىتىك نۇقتېئىينەزەر ۋە سەمىمى ئىتىقادنى يارىتىپ، تاپىنى ئاستىدىكى ھەر بىر غىرىچ يەرنى چىقىش قىلىپ پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزگەرتكەن. بىزنىڭ تىزىملىكىمىز نامى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ كارىدورىغا ئويۇلغان مۇنداق بىر تۈركۈم كىشىلەرنى، مەسىلەن پىرىكلىس، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن (ئالىكسانسىر ماكدونىسكى)، قەيسەر، ئىمپىراتۇر چاررىمان، كىرومۋىل، ناپالىئون، لىنكولىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كىرەكمۇ؟ ياق! بىز ئىدىيە دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ دائىرىسىنى بۇ قەھرىمانلارغىچە كېڭەيتىۋەتسەك، بۇ سۆز ھەقىقى مەنىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بىز ھەرىكىتى ۋە ھىسسىياتى بىلەن ئەمەس ئىدىيىسى بىلەن ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ پەيلاسوپلار ۋە ئالىملانىڭ ئارىسىدىن مۇتەپەككۇرلارنى بەلگىلىشىمىز كىرەك. بۇنداق كىشىلەر ھەمىشە دۇنيانىڭ خىلۋەت بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىنى ماكان تۇتۇپ، پانى ئالەم غەۋغالىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇمۇپ تۇرغان كۆزلىرىنىڭ ھەربىر ھۈجەيرىسىدىن ئۇلۇغ ئىدىيىلەر ئۇقچۇپ چىقىپ، تەبىئەتنى تۇغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، ھەقىقەتنىڭ نۇرلۇق چىھرىنى كۆرىدۇ. Yo;Mexo!  
g]Fm%iy  
خوش، تۇنجى «ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر» كىم؟ !R@s+5P)U  
VSW"/{Lp  
1. كوڭزى Ab/KVB  
)9'Zb`n  
كوڭزىنى تاللاش بەزى گۇمان ۋە تالاش – تارتىشلارنى پەيدا قىلىشى مومكىن. بىز نىمىشقا ساكيامۇنى ياكى خىرىستوس ئىسانى تاللىماي كوڭزىنى تاللىدۇق؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب، كوڭزى دىنى ئىتىقادنىڭ تارقاتقۇچىسى ئەمەس بەلكى ئەخلاق پەيلاسوپىدۇر. ئۇنىڭ يۈكسەك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تەبىئەتتىن ھالقىغان پىكىرلەرنى ئەمەس، پانى دۇنيا مەقسەتلىرىنى ئاساس قىلغان. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئىساغا ئەمەس، سوقراتقا يېقىن كېلىدۇ. =%ZR0cWPoI  
b5.L== >  
كوڭزى قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدە (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 551 – يىلى) تۇغۇلغان، ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى نوپوزى ۋە شان- شۆھرىتى يوقىلىپ، قەدىمقى قائىدە- يوسۇنلار يىمىرىلگەن، ئۇششاق بەگلىكلەر باش كۆتۈرگەن ئىدى. كوڭزى دۆلەتنىڭ شان- شۆھرىتىنى قايتىدىن نامايەن قىلىپ ئىجتىمائى تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشقا بەل باغلايدۇ، ئەمما، بۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك؟ كوڭزىچىلارنىڭ كىلاسسىك دەستۇرى «بۈيۈك ئېلىملەر» دە مۇنداق دېيىلگەن: Egr'IbB  
S1G3xY$0  
قەدىمدىن تارتىپ شۇ نەرسە مەلۇمدۇركى، جاھان ئالماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن ئەلنى ئىدارە قىلىمىقى لازىم؛ ئەلنى ئىدارە قىلماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرمىقى لازىم؛ ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن ئۆزىنى ياخشى تىزگىنلىمىكى لازىم؛ ئۆزىنى ياخشى تىزگىنلىمەكچى بولغانلار ئالدى بىلەن نىيىتىنى توغىرىلىمىقى لازىم؛ نىيىتىنى توغىرىلىماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن ساداقەتمەن بولمىقى لازىم؛ ساداقەتمەن بولماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن ئىلىم ئىگىلىمىكى لازىم؛ ئىلىم ئىگىلىگەندە بارچە ئىشلارنى بىلگىلى بولىدۇ. بارچە ئىشلارنى بىلگەندە بىلىملىك بولغىلى بولىدۇ، بىلىملىك بولغاندا ساداقەتمەن بولغىلى بولىدۇ، ساداقەتمەن بولغاندا نىيەت دۇرۇس بولىدۇ، نىيەت دۇرۇس بولغاندا ئۆزىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، ئۆزىنى تىزگىنلىگەندە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ، ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرغاندا ئەلنى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ، ئەلنى ئىدارە قىلغاندا جاھان تىنىچلىنىدۇ. ,J ZM%f  
<9yB & ^  
بۇ بىر ئابزاس باياندا بىرخىل ئەخلاق پەلسەپىسى ۋە سىياسىي پەلسەپە ئىنتايىن رۇشەن ئىپادىلەنگەن. بۇ بىرخىل يۈكسەك دەرىجىدىكى كەسكىن سىستىما بولۇپ قائىدە- يوسۇن ۋە ئەدەب- ئەخلاقنى يۈكسەلدۈرگەن بولسىمۇ، دېموكراتىيىگە سەل قارىغان. كوڭزى مۇرەسسە- مادارا تەلىماتىنى ئىنىق بايان قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىدىيىسى خىرىستىئان دىنىغا ئەمەس، سىتوئىك (دالان) مەزھىبىگە ئىنتايىن يېقىن. بىر شاگرىتى ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىققا رەددىيە بېرىش كىرەكمۇ؟ دەپ سورىغاندا، كوڭزى «رەھىمدىللىك» گە يېتىدىغان نېمە بار؟ ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىش، يامانلىققا يامانلىق قىلىش- مانا بۇ ئادىللىقتۇر، دەپ جاۋاب بەرگەن. كوڭزى ئادەملەر باراۋەر، دەپ قارىمايىتتى، ئۇنىڭ نەزەرىدە ئەقىل- پاراسەت ھەرگىزمۇ ئادەملەردىكى تۇغما ئالاھىدىلىك ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ شاگىرىتى مېڭزى « ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى دىلىدا » دەپ قارىغان. شۇڭا، ئاۋامنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈش- كەچۈرمەسلىكىنى نادانلارنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىن يىراق تۇرۇش- تۇرماسلىقى ئەمەس، پاراسەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش- قىلماسلىقى بەلگىلەيىتتى. e =Teq~K  
=] 
بىر ئۇلۇغ شەھەر– جوڭدۇ كوڭزىنى قوينىغا ئالىدۇ، ئۇ يەرلىك ئەمەلدار بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىش– ھەرىكەتلىرىدە پەۋقۇلاددە ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ…. جىنايەت سادىر بولمايدۇ، ساداقەتسىزلىك ۋە ۋاپاسىزلىق بولمايدۇ، ئەرلەر گېپىدە تۇرىدىغان بولىدۇ، ئاياللار مىھرىبان، ئەدەب– قائىدىلىك، شەرمى- ھايالىق بولۇپ كېتىدۇ. بىراق بۇنداق ياخشى ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتايىن تەس بولغاچقا، ئۇزاق داۋام قىلالمايدۇ. <Z^qBM  
7R5!(g  
كوڭزى ھايات ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بۇ دانىشمەننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ قائىدە– يوسۇن ۋە مۇرەسسە– ماداراچى تىنىچلىق قارىشىنىڭ بەرپا بولۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئالدىنئالا كۆرۈپ يەتكەن ئىدى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرى ئۇنى ھۆرمەت– ئىھتىرام بىلەن دەپىنە قىلغان، نورغۇنلىرى قەبرىستانلىققا كەپە تىكىپ، خۇددى ئاتىسىغا ماتەم تۇتقانغا ئوخشاش ئۈچ يىلغىچە قارلىق تۇتقان. ھەممەيلەن قايتىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭغا ئىنتايىن چوڭقۇر ئەقىدە باغلىغان زېگوڭ ئۆزى يالغۇز قېلىپ، كوڭزىنىڭ قەبرىسى يېنىدا يەنەئۈچ يىل ئۇدا قارلىق تۇتقان. 'Bb@K[=s  
![CF >:e  
2. ئەپلاتون gt{ $G|bi  
@!:_r5R~N  
شۇتاپتا بىز يېڭى بىرمەسىلىگە دۈچ كېلىمىز. پۈتكۈل مەدەنىيەت دۇنياسىدىن كۈچلۈك دىندىن خالى خارەكتىرگە ئىگە، ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى ئارقىلىق ئۆز خەلقىنى ياراتقان ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسەتكەن تىخىمۇ كۆپ ئۇلۇغ كىشىلەرنى تاپالمايمىز. ھىندىلاردىمۇ شۇنداق، يەھۇدىيلاردىمۇ شۇنداق. بىزدە ساكيامۇنى، يەشەيا، ئىسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بولسىمۇ، دىندىن خالى پەيلاسوپلار، دىندىن خالى ئالىملار بولمىدى. مەلۇم تەرەپلەردىن قارىغاندا، دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان، ئەڭ شانلىق مەدەنىيىتى، نەچچە يۈزلىگەن فىرئەۋىنلەر، ھەددى ھىسابسىز سەنئەت ئىزلىرى بولدىيۇ، ئۆتمۈشتىكى ئەقىل پاراسەتكە ھەقىقى ۋەكىللىك قىللايدىغان، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەقىل– پاراسىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلىگەن بىرمۇ زات بولمىدى. ئەمدىلىكتە بىز تولۇپ تاشقان ھۆرمەت بىلەن نورغۇن شەخىسلەر ۋە نورغۇن ئەسىرلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ نەزەرىمىزنى پېرىكىل دەۋرىدىكى ئافىناغا تىكىشىمىز زۆرۈر بولۇپ قالدى. ?QfomTT  
SF ?s^  
بىز نېمە ئۈچۈن ئەپلاتۇننى قىزغىن سۆيىمىز؟ چۈنكى، ئەپلاتۇن تولۇپ تاشقان مۇھەببەتكە ئىگە بىر زات ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دوستلىرىنى قىزغىن سۆيەتتى، مۇنازىرە تەلۋىلىكى ئېلىپ كېلىدىغان مەستخۇشلۇققا ئامراق ئىدى. تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىدىيە ۋە ھادىسىلەرنىڭ كەينىدىكى پەرەز قىلىش قىيىن بولغان رىئاللىقنى ئىزدەيىتتى. ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مەنىۋى كۈچى، ۋايىغا يەتكەن تەسەۋۋۇر كۈچى، ھاياتىدا بىلگىلى بولمايدىغان، خېيىم– خەتەرگە تولغان مۇرەككەپلىكلەر ئىچىدىن خوشاللىق ئىزدىگەنلىكى سەۋەبىدىن بىز ئۇنى سۆيىمىز؛ ھاياتىنىڭ ھەر بىر مىنۇتىدا تىتىك ۋە روھلۇق بولۇپ، توختىماستىن ئالغا ئىنتىلىپ بارغانلىقى سەۋەبىدىن بىز ئۇنى سۆيىمىز، بۇنداق كىشى ھەرقانداق گۇناھ سادىر قىلسىمۇ ئەپۇ قىلىنالايدۇ؛ ئۆزىدىكى ئەقىل- پاراسەت ئارقىلىق جەمئىيەتنى قايتا قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك يۈكسەك قىزغىنلىققا ئىگە بولغانلىقى، 80 يىللىق ھاياتىدا ئىزچىل ھالدا ئىنسانلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئىنتايىن قىزغىن مۇھەببەت باغلىغانلىقى سەۋەبىدىن بىز ئۇنى سۆيىمىز، ئەمما بۇنداق قىزغىن مۇھەببەت بىزگەنىسبەتەن ئېيتقاندا ياشلىق مەزگىلىمىزدىكى ھاۋايى- ھەۋەسلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ پەلسەپىنىڭ بىرخىل قورال ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، دۇنيانى چۈشىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيانى ئۆزگەرتتى؛ ئۇ ھەقىقەتنى گويا گۈزەللىكنى قىزغىن سۆيگەندەك سۆيگەچكە، بىز ئۇنى سۆيىمىز. ئۇ ئىدىيىگە دراماتىك جانلىقلىق ئاتا قىلىپ ئۇنى سەنئەتنىڭ شانلىق نۇرىدا يۇيۇندۇردى. «غايىۋى دۆلەت» ۋە «دىئالوگ» ئۇنىڭ جانلىق تەسەۋۋۇرىنىڭ تەنتەنىلىك كۆرۈنىشنى نامايەن قىلدى، بۇ تەسەۋۋۇرلار شېكىسپىرنىڭ تەسەۋۋۇرلىرى بىلەن ھۆسىن تالىشالايدۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىماگچە بەتخەجلىك ۋە ئاقسۆڭەكلەرچە ئازادىلىك ھەم ھازىرقى زامان پەلسەپىسىدە كەمچىل بولغان چوڭقۇر كىنايە بار؛ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە سىسىتىما بولمىسىمۇ، ھەممە نەرسە ئۆزلۈكىدىن سىستىمىغا ئايلانغان؛ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ياۋروپا ئىدىيىلىرىنىڭ پۈتمەس- تۈگىمەس بۇلىقى، ئۇنىڭ نەسىرلىرىدىكى نەپىسلىك ھەم پاساھەت بەجايىكى گىرىكلارنىڭ تەلۋىلەرچە كۆڭۈل ئاچىدىغان مەر– مەر تاشلىق مۇقەددەس ئىبادەتخانىلىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەدەبىي خارەكتىرگە ئېگە نەسىرلەرنىڭ تۇغۇلغان جايى ۋە ئۆسۈپ يېتىلگەن جايى. PML +$  
JHIXTy__  
شۇنداق قىلىپ، ئەپلاتون بىزنىڭ تىزىملىكىمىزدىكى ئىككىنچى شەخىس بولۇپ قالدى. لېكىن، بىز باشقىلارنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق گۇمانلىرىغا جاۋاب بېرىشىمىز كىرەك، نىمە ئۈچۈن سوقراتنى تاللىمىدۇق؟ ئۇ پەيلاسوپلارنىڭ ئاتىسى شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇغ پەلسەپە شېھىدى. بەزىدە ئۇ ھەتتا ئۇلۇغ قەھرىمانلارنىڭ تىزىملىكىگىمۇ كىرىپ قالىدۇ، بۇ قارىماققا ئەمەلىيەتكە ماس كەلمىگەندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما بىز سوقراتنى يېرىم ئادەم، يېرىم ئىلاھ دېسەك ئوقۇرمەنلەر ھەرگىز تاسادىپىيلىق ھىس قىلمايدۇ، بەلكى قورقۇپ كېتىدۇ. م . دۇپرىل ئىسىملىك ئۇقۇمۇشلۇق بىر فىرانسۇز «سوقرات ھەققىدە رېۋايەت» ناملىق كىتابىدا ئالىيجاناب، كۆكۆيۈنچە شەخىسلەرنىڭ ئەپسانىلەر تارىخىدىكى ئورنىنى كەمسۇندۇردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاكېللىس، ئودىپوس، رومولوس ۋە سگفېرد بار ئىدى. 2B=''W  
iz pFl@WS  
شەك شۈبھىسىزكى، بىز ئۆلۈپ كەتكەندە، قاتتىق ئىھتىياتچان ئالىملار بىزدەك يارىماس كىشىلەرنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەمما، بىز يەنىلا سوقراتنىڭ باياشات ياشىغان ئەپلاتۇن بىلەن زور دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى، جانلىق تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولغانلىقى سەۋەبىدىن پەيلاسوپ، دېگەن نامغا مۇشەررەپ بولغانلىقنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. ئەمەلىيەتتە قانچىلىك دەرىجىدىكى ئەپلاتون سوقراتچە ئەپلاتون، قانچىلىك دەرىجىدىكى ئەپلاتون ئەپلاتوننىڭ ئۆزى؟ بۇ نۇقتىنى بىز مەڭگۈ بىلەلمەسلىكىمىز مومكىن، بىز ئەپلاتوننى ئىككىسىنىڭ رىئاللىقتىكى يوغۇرۇلمىسى، دەپ تۇرايلى. 6h_OxO&!U  
JU\wvP5j  
ئەپلاتونننىڭ «دېئالوگ» ى ئىنسانىيەتنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسىدۇر. ئۇنىڭدا پەلسەپىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە تولۇقلىنىپ، بېيىپ، مۇكەممەللىشىپ يىمىرىلمەس شەكىلگە كەلگەن ھالىتى بار. ئەگەر سىز مۇھەببەت ۋە دوستلۇق ھەققىدىكى كىلاسسىك تەسۋىرلەرنى بىلمەكچى بولسىڭىز «لۇش» (دوستلۇق ھەققىدە)، «چارمېدىس» (ئۆزىنى تۇتۇۋىلىش ھەققىدە) ۋە «فىدرو» (سۆيگۈ ھەققىدە) نى ئوقۇپ بېقىڭ. ئۇلۇغ ھەم زىرەك بىر روھ (ئەپلاتونچە سوقرات) نىڭ باشقا جانلىقلارغا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلگىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا «فىدوۋ» (روھ ھەققىدە) نى ئوقۇپ بېقىڭ، ئۇنىڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە بەت تارىختىكى نەسىرلەرنىڭ يۈكسەك چوققىلىرىنىڭ بىرى. ئىنسانىيەت ئىدىيىسىنىڭ تىلسىملىرى ۋە بىلىملىرىنىڭ تىلسىملىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە قىزىقامسىز؟ ئۇنداقتا «پارمېند» (نوقتىئىنەزەرلەر ھەققىدە) ۋە «تېئاتېد» (بىلىم ھەققىدە) نى ئوقۇپ بېقىڭ. قىزىقىدىغىنىڭىز كۆپ بولسا، «غايىۋى دۆلەت» نى ئوقۇپ بېقىڭ. ئۇنىڭدىن سىز مىتافىزىكا، دىنشۇناسلىق، ئىتىكا (ئەخلاقشۇناسلىق)، فىزىكا (سىميا)، پىداگوگىكا (مائارىپشۇناسلىق)، پوئىتىكا (سىياسىيشۇناسلىق)، سەنئەت نەزەرىيىسىنى چۈشىنەلەيسىز؛ ئاياللار ھوقوقچىلىقى ۋە تۇغۇتنى كونتىرۇل قىلىش، كوممۇنىزىم ۋە سوتسىيالىزىم قاتارلىق نەزەرىيىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۇلار دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى بايقىيالايسىز. يەنە تىخى سۈپەتلىك تۇغۇش تەلىماتى ۋە ئەركپەرۋەرلىك (لىبرالىزىم) مائارىپى، ئاقسۆڭەكلەر سىياسىيسى ۋە دىموكراتىك سىياسىي، ۋېتالىزىم ۋە روھى ئانالىزمۇ بار، ئۇنىڭدا يەنە نېمىلەر كەم ئىكەن؟ ئەمدىلىكتە بىز ئېمىرسۇننىڭ«غايىۋى دۆلەت» نى مەدھىيىلىگەندە نېمە ئۈچۈن تەقۋادار ئۆمەر ھەييامنىڭ «قۇرئان كەرىم» نى مەدھىيلەپ ئېيىتقان «كۇتۇبخانىلارنى يوقىتايلى، چۈنكى بۇ مۇقەددەس كىتابقا ئۇلاردىكى بارلىق بىلىملەر مۇجەسسەملەنگەن» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. Vuu_Sd  
ئەپلاتوننىڭ كىشىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىدىن شۇبھىلىنىشىمىز مومكىنمۇ؟ ئۇ بىنا قىلغان ئەپلاتون ئىنىستىتوتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى ھەم ئەڭ ئۇزاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئالىي بىلىم يۇرتى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقايلى؛ ئەپلاتون پەلسەپىسىنىڭ يەنە ئىسكەندەرىيىدىن تارتىپ ئەنگىلىينىڭ كامبىرىجدىكى يېڭى ئەپلاتونچىلارنىڭ ۋۇجۇدىغىچە ئەبەدىي ماۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقايلى؛ خىرىستىيان دىنى نەزەرىيىسىنىڭ ئەپلاتوننىڭ ئىدىيىسىگە ۋە سىموۋۇلىزىمغا سىڭىپ كىرگەنلىكىنى، ئەپلاتون ئىدىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مەدەنىيەتتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغانلىقىنى، ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى مەزگىلىدە گۈللەنگەنلىكىنى ئويلاپ باقايلى. لورېنزو«دېئالوگ»نىڭ شۆھرىتىنى يېڭىباشتىن تۇرغۇزغان، مېرەندولا بۇ بۈيۈك پىشىۋانىڭ پورتىرىتى ئالدىدا ساداقەت شامىنى ياندۇرغان، بۇ مەزگىللەردە، نەچچە يۈز دۆلەتتىكى نەچچە مىڭ شەھەردە نەچچە ئونمىڭلىغان ئوقوغوچىلار ياش ياكى قىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «دېئالوگ» ۋە «غايىۋى دۆلەت» كە مەپتۇن بولغان ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئەپلاتوننىڭ قايناق ھىسسىياتى ۋە ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىكى جەۋھەرلەر ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا تۇيدۇرماي تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى بىرخىل ئۆتكۈر ئەقىل – پاراسەتكە ئىرىشتۈرگەن. بۇ خىل روھى مەزمۇتلۇق تەننىڭ يوقىلىشىنىڭ ئانچە مۇھىم ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 1[Ffl^\ARp  
I}{Xv#@o  
3. ئارىستوتىل Wy.Xx-3W  
#m<<]L(o8W  
ھەممەيلەن ئارىستوتىلنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرگىنىگە قوشۇلىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردە كىشىلەر ئۇنى «پەلسەپە پىشىۋاسى» دەپ تەرىپلەپ، پەلسەپېنىڭ ئەڭ يۈكسەك مۇۋەپپەققىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارىغانىدى، بىراق بۇ بىزنىڭ ئۇنى قىزغىن سۆيۈشىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئەمەس. بىز ئەپلاتوننىڭ شان– شۆھرىتىدىن تەسىرلەنگەندىن كېيىن، قاراپ باقساق ئارىستوتىل قالدۇرغان ئەسەرلەر مۇستەقىل، قىلچە ھاياجان بولمىغان بىرخىل مۆتىدىللىكنى نامايەن قىپتۇ. بۇ خىل سەھنە مۇراسىمى تۈسىدىكى مۆتىدىل ئىدىيە بىزنى ھەيران قالدۇرالمايدۇ. بىراق ئەسەرلىرى ئارقىلىقلا ئۇنىڭغا باھا بېرىش ئادىللىق ئەمەس، شۇ تاپتا ئالدىراپ– سالدىراپلا يېزىلغان ئاشۇ خاتىرىلەرنىڭ بەزىسىنى ئۇنىڭ يازغانلىقى، بەزىسىنى ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى يازغانلىقى، ھەممىسىنىڭ ئۇنىڭ لىكسىيىلىرىنى خاتىرىلەش ۋە نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. شۇڭا، بۇ خاتىرىلەردىكى پارچىلار بىلەن ئەپلاتوننى تۇنجى قېتىم پەلسەپە ئارقىلىق ئومومىي نوپوزغا ئىرىشتۈرگەن جانلىق دىئالوگنى سىلىشتۇرۇش ئىنتايىن بىمەنىلىكتۇر . RIQw+RG >  
&?@5G  
قاتمال ئۇقۇملار ۋە ئىدىيىگە سەل قاراشنىڭ چىتلاقلىرىدىن ھالقىپ ئۆتسەك ئۆزىمىزنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەپەككۇر كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا ئىگە بىر دانىشمەنگە ئۇچىرىغانلىقىمىزنى بايقىيالايمىز. پۈتۈن يەرشارىنى قېزىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ھىچقانداق بىر ئادەمدىن ئېلىم– پەن ۋە پەلسەپە ساھەسىدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى تەلقىن قىلىش، شەرھىيلەش ۋە ھەل قىلىشتەك بۇنداق نەتىجىلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىكى بىلىملەر خۇددى نەچچە مىڭ خىل يوللار ئارقىلىق توپلانغاندەك، دۇنياغا بولغان تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈردى. ئارىستوتىل پەلسەپىۋى ئاتالغولارنى روياپقا چىقاردى، ئۇنىڭ چوڭ مىڭىسى لايىقلاشتۇرۇپ چىققان بۇ ئاتالغۇلار بولمىغان بولسا، تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ئامالسىز قېلىشىمىز مومكىن ئىدى. بۇ بىر پاراسەت بولۇپ، تىنىچلىق، ساغلاملىق، يۈكسەك دەرىجىدىكى ماسلىق ئۇنىڭ ھاياتىدىكىگە ئوخشاش ھىكمەت نۇرلىرىنى تارقاتتى. بۇ بىر يېڭى پەن بولۇپ، خۇددى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئەقىل– پاراسىتىنىڭ ئەڭ ئىسىل ياراتمىلىرى بىر پەيلاسوپنىڭ خوشاللىقى ۋە خاپىلىقىنى مەنبەئە قىلىدىغاندەك، زەن سالماسلىقتەك راھەتبەخىشلىك ئىچىدە بەرپا بولدى. بۇ يەردە بىئولوگىيە، ئىمبىرىئولوگىيە ۋە لوگىكا (مەنتىقە) پەيدا بولدى. كىشىلەر بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ مەسىلىلەرنى تەلقىن قىلغان بولسىمۇ ھىچكىم ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈزىتىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تەجرىبە قىلىپ، نەتىجىلىرىنى سىستىمىلىق رەتلەپ باقمىغانىدى. ئاستىرونومىيە ۋە مىدىتسىنانى ھىسابقا ئالمىغاندا، پۈتكۈل پەن تارىخى ئۇنىڭ كەڭ ھەم مول بىلىمى ۋە مىننەتسىز ئەجرىنى مەنبەئە قىلدى. z LHE;  
b!ea(D!:  
كوڭزىمۇ ئىنتايىن زورتەسىرپەيداقىلغان. بىراق، ھەممەيلەن ئالىكساندىر ئىمپىرىيىسى ۋە رىم ئىمپىرىيىسى مەزگىلىدە ئارىستوتىل ئەسەرلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ئېلىم– پەن تارىخىنىڭ ئۇلىغا ئايلانغانلىقىنى، 13– ئەسىردە، ئۇنىڭ پەلسەپە ئەسەرلىرىنىڭ قانداق قىلىپ موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزى ئارقىلىق ياۋروپانى يەنە بىر قېتىم ئويغىتىپ، مەدرىس پەلسەپىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. نىمە ئۈچۈن ئاكوينانىڭ پەلسەپە ئومومى تىزىسى پەقەت مىتافىزىكا ۋە قورال نەزەرىيىسىنىلا تۈزىتىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن دانتى ئارىستوتىلنى بارلىق مۇتەپەككۇرلارنىڭ (بىز بىلىدىغان بارلىق پىشىۋالارنىڭ) ئەڭ ئالدىغا قويىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن كونىستانتىنوپول ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم سىرلىق ساقلانمىلارنى ئۇلارغا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئەدەبىيات– سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بەرمەكچى بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىرئادەمنى تۈمەنمىڭلىغان ئادەمنىڭ ئۈستىگە قويۇۋىلىشنى باراۋەرلىك دەپ قارايدىغان ھۆكۈمرانلارنىڭ ھوقوق– ئىمتىيازلىرى ئەڭ ئاخىرىدا ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ؟ بۇلار ئوككام ۋە راموسنىڭ قاپ يۈرەكلەرچە تەكەللوپسىزلىقىدىنلا ئەمەس روگىر باكوننىڭ تەجىرىبە ئېلىم پېنى ھەم فىرانسىس باكوننىڭ پەلسەپە ئىسلاھاتىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. بىز بۇ قېتىمقى ماكان– زاماندىن ھالقىغان سەپىرىمىزدە ئارىستوتىلغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىغا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئىلھام ۋە مەدەت بەرگەن يەنە بىر كىشىنى تاپالمايمىز. 1S26Y|L)  
Oor&1  
ئارغتۇغ تەرجىمىسى zz+p6`   
 4[] /  
مەنبە : ئۇيغۇر ئاكاددىمىيسى
[ بۇ يازما taghrim تەرپىدىن 2011-07-20 04:38 PM دە ق ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Eltekin
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-20, 21:00
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
اﷲ باردۇر ، بىردۇر ، اﷲ تىن باشقا ھىچ بەرھەق خالىق يوقتۇر .
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام اﷲنىڭ بىزلەرگە ئېبەرگەن بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر . ئامىن .
Qapaqhenim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41019

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   473 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15079 (سوم)
 ياخشى باھا:   3874 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   5921  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5287
 سائەت
دەرىجىسى:
5287 سائەت 313 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-20

تېمىڭىزغا رەھمەت. لېكىن مۇشۇ ‹‹ئۇلۇغ›› سۆزىنى c_fx,; ;  
ئىشلەتمەي، ‹‹داڭلىق›› سۆزىنى ئىشلەتسىڭىز، قانداق (,gpR4O[  
بولار دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى ئۇلۇغلۇق پەقەت ، بىر، x)SW1U3TVx  
يىگانە ياراتقۇچى ئىگىمىزگىلا خاس.
 
ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر!
يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !
taghrim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4101

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   213 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9681 (سوم)
 ياخشى باھا:   1025 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1491  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 157
 سائەت
دەرىجىسى:
157 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-16
ئاخــىرقىسى:2011-08-14
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-20

كۆپ رەھمەت خاتالىقىمنى تىپىپ بەرگىنىڭىزگە  قىرىندىشىم . Q= DP# 9&  
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن .
 
اﷲ باردۇر ، بىردۇر ، اﷲ تىن باشقا ھىچ بەرھەق خالىق يوقتۇر .
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام اﷲنىڭ بىزلەرگە ئېبەرگەن بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر . ئامىن .
tugrul525
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17823

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   13 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3159 (سوم)
 ياخشى باھا:   166 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 225
 سائەت
دەرىجىسى:
225 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-20

كۆپىنچە ئاتالغۇلارنى چۈشىنەلمىدىم. سىز  ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلغان كىتابلارنىڭ ھەممىسى پەلسەپىگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلار ئوخشىمامدۇ؟  راستىنى دىسەم كۈتۈپخانىلاردا پەلسەپىگە ئائىت كىتاپلارنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ‹‹دىئالوگ››. ‹‹دوستلۇق ھەققىدە››. ‹‹سۆيگۈ ھەققىدە››.‹‹روھ ھەققىدە››.‹‹ ئۆزىنى تۇتىۋىلىش ھەققىدە›› دىگەنلەر  كىتاپمۇ؟ بۇ كىتاپلارنى تاپقىلى بۇلامدۇ؟
 
gulxarihan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47284

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   62 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   917 (سوم)
 ياخشى باھا:   93 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 87
 سائەت
دەرىجىسى:
87 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-09-14
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-20

قەدىمدىن تارتىپ شۇ نەرسە مەلۇمدۇركى، جاھان ئالماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن ئەلنى ئىدارە قىلىمىقى لازىم؛ ئەلنى ئىدارە قىلماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرمىقى لازىم؛ ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن ئۆزىنى ياخشى تىزگىنلىمىكى لازىم؛ ئۆزىنى ياخشى تىزگىنلىمەكچى بولغانلار ئالدى بىلەن نىيىتىنى توغىرىلىمىقى لازىم؛ نىيىتىنى توغىرىلىماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن ساداقەتمەن بولمىقى لازىم؛ ساداقەتمەن بولماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن ئىلىم ئىگىلىمىكى لازىم؛ ئىلىم ئىگىلىگەندە بارچە ئىشلارنى بىلگىلى بولىدۇ. بارچە ئىشلارنى بىلگەندە بىلىملىك بولغىلى بولىدۇ، بىلىملىك بولغاندا ساداقەتمەن بولغىلى بولىدۇ، ساداقەتمەن بولغاندا نىيەت دۇرۇس بولىدۇ، نىيەت دۇرۇس بولغاندا ئۆزىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، ئۆزىنى تىزگىنلىگەندە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ، ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرغاندا ئەلنى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ، ئەلنى ئىدارە قىلغاندا جاھان تىنىچلىنىدۇ ............ 2O|jVGap5x  
$ #z ` R;  
xqZZ(jZ  
كۇڭزىنىڭ ماۋۇ تەلىماتى بۇلىدىكەن . !?AgAsSmc  
مۇشۇنداق ئىخچام ، چۈشىنىشلىك، ئىپادىلىنىش قىممىتى يۇقىرى پەلسەپىۋى مەزمۇنلار بەك يارايدۇ ماڭا ............... D8OW|wVE  
بەزى ئەسەرلەرنى داڭلىق دەپ ماختايمىز لىكىن بىر قېتىم ئۇقىسا چۈشەنگىلى بولمىغان ، خۇددى ئادەمنىڭ بىكار ۋاقتى بەك جېقتەك ... Zqo  

 
Arthor
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2389

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1126 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7502 (سوم)
 ياخشى باھا:   413 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   415  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4430
 سائەت
دەرىجىسى:
4430 سائەت 210 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-10
ئاخــىرقىسى:2011-10-25
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-20

سىزنىڭ ساكيامۇنى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بىر قاتاردا سانىشىڭىزدىكى مەقسىدىڭىز نىمە ؟
 
تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ ...
Arthor
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2389

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1126 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7502 (سوم)
 ياخشى باھا:   413 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   415  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4430
 سائەت
دەرىجىسى:
4430 سائەت 210 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-10
ئاخــىرقىسى:2011-10-25
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-20

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  Qapaqhenim كە 2011-07-20 04:32 PMئەۋەتىلدى  : 'kHa_  
تېمىڭىزغا رەھمەت. لېكىن مۇشۇ ‹‹ئۇلۇغ›› سۆزىنى 'iX y?l  
ئىشلەتمەي، ‹‹داڭلىق›› سۆزىنى ئىشلەتسىڭىز، قانداق vu~7Z;y( 
بولار دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى ئۇلۇغلۇق پەقەت ، بىر، KT0Pmpp5  
يىگانە ياراتقۇچى ئىگىمىزگىلا خاس.   (s,u9vj=>L  
q{XeRQ'/  
سىز خاتالىشىپسىز،سىز بىر يەرنىڭ مۇھەررىرى بولمىغاندىكىن توغرىسىنى قۇبۇل قىلىۋەرسىىز بولمىدىمۇ ؟
 
تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ ...
tewelgha
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18902

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   625 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8711 (سوم)
 ياخشى باھا:   441 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6018
 سائەت
دەرىجىسى:
6018 سائەت 272 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-20

بۇ ماقالىدىن قارىغاندا «ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر » ئاتىلىشنىڭ ئۆلچىمى بەكلا يوقۇرىكەن .«ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر » سۆزىنى بىزنىڭ رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىستانسىدىكى دېكتورلىرىمىز سەل ئويلىشىپراق ئىشلەتسە بولغىدەك .مەن ماقالىدىكى «ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئىلگىرىلەش سەھنىسىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىدىيىنىڭ مەھسۇلىدۇر» دېگەن سۆزگە بەكرەك قايىل بولدىم .ئۇلۇغ ماتېماتىكا ئالىمى دېكارتنىڭ كوئوردېنات ئىدىيىسى ھەركەتنى ماتېمدتىكىغا ئېلىپ كىرگەن ،خۇددى ئىنگىلىس ئىيتقاندەك دېكارتنىڭ كوئوردىنات ئىدىيىسى بولمىغان بۇلسا ئىلىم-پەننىڭ تەرەقىياتىدا بۇرۇلۇش بولمايتتى .بىراق چۈشۈنۈش قىيىن بولغان  بىر مەسىلە ئارىستوتېلنىڭ ئىدىيەلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولغان «يەر مەركەز تەلىماتى » ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن كىشىلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ ،ئىنسانىيەت تەپەككۈر تەرەقىياتىنى  بوغۇپ كەلگەن تۇرۇقلۇق ،ئارىستىتولنى يەنە «ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر ساناش » تازا توغرا ئەمەسمىكىن دەيمەن .     .[o`TlG%  

 
ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
arislana
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9793

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   210 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1182 (سوم)
 ياخشى باھا:   346 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   364  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2413
 سائەت
دەرىجىسى:
2413 سائەت 107 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-09
ئاخــىرقىسى:2011-10-23
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-20

خىرستوس ئىيسا،.،،  دىگەننى ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز...   مەن راستىنلا دېمەي تۇرالمىدىم..  لېكىن  ياخشى يېزىلىپتۇ.. #,;Q|)AD:e  
   < X ([VZ  
ئارىستوتىلنىڭ ئۇستازى ئەپلاتونمۇ؟  مەن مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغان..
 
باشقىلارنى مەسخىرە قىلىمەن دېگۈچە، كاللاڭنى سىلكىۋىتىپ ئەينەككە قاراپ باقە، ئالۋاستىنى قورقۇتىدىغان چىرايىڭ بىلەن بۇ ياردە زاڭلاشماي!
sargarda
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1041

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1873 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14871 (سوم)
 ياخشى باھا:   1112 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   985  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 833
 سائەت
دەرىجىسى:
833 سائەت 67 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-21

رەھمەت ، ساقلىۋىلىپ  ئەتە ئۇقۇي ............................
 
دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس ، بەيگىگە كەلدىم
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى