-
تىزىم نۇمۇرى:19853
-
- تىزىم ۋاقتى:2010-12-01
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-10-31
- تور ۋاقتى:2813سائەت
-
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
|
|
|
|
«بىزگە لۇشۇن كېرەكمۇ ، خاس ھاجىپمۇ ؟ » دېگەن تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ئۇزاققىچە ئويلۇنۇپ قالدىم . زادى كىم كېرەك ؟ ئاخىرى كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ، جۇڭگونىڭ ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق يازغۇچىسى فېڭ جىسەينىڭ تۆۋەندىكى يازمىسىنىڭ تەرجىمىسىنى يوللاپ قويدۇم . ئېھتىمال جاۋابى چىقىپمۇ قالار . ,?+uQXfXR ZoCk]hk جۇڭگولۇقلار بەتبەشىرىمۇ ؟ *)vy%\ =F5zU5`i فېڭ جىسەي nHU}OGzW
%MEWw بىر ئادەم بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ مۈرىسى سوقۇلۇپلا ئۆتۈپ كېتىدىغان چاغلىرى بولىدىكەن ، مەسىلەن ، بەيياڭ ئىككىمىزگە ئوخشاش . ^ ),;`YXZ 1984-يىلى نيې خۋالىڭ بىلەن ئەيىنجرىس(Ingres) رىياسەتچىلىك قىلغان «ئەيئوۋا ئۇنۋېرسىتوتى خەلقئارا يېزىقچىلىق پىلانى» مۇنبىرىگە مېنى تەكلىپ قىلغان ئىكەن . ئېيتىشلارغا قارىغاندا شائىر شۈچېمۇ مەن بىلەن بىرگە ئامېرىكىغا بارماقچىكەن ، شۇنداقلا تەيۋەندىن بەيياڭ ئەپەندىنىمۇ تەكلىپ قىلغانىكەن . لېكىن جىددى ئىشىم چىقىپ قېلىپ بارالماي قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى يازغۇچى بىلەن دېدارلىشىش پۇرسىتىنى قاراپ تۇرۇپ قولدىن بېرىپ قويدۇم ھەمدە شۇندىن باشلاپ قايتا ئەسرارلىشىش پۇرسىتى بولمىدى . كىشىلىك ھايات ھەمىشە بىر قېتىملىق كىچىككىنە سەۋەنلىك تۈپەيلى مەڭگۈ ئۆكۈنۈشتە ئۆتىدىغان گەپ ئىكەن . #/\Zo &V8 كېيىنكى يىلى نيې خۋالىڭ يەنە تەكلىپنامە ئەۋەتىپتۇ . مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ، مەن ئامېرىكىدا ھەر قايسى چوڭ ئالىي مەكتەپلەردە سەييارە نۇتۇق سۆزلىگىنىمدە ، ئۇچراشقانلىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ھە دېسىلا بەيياڭ ئەپەندىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەنلىكى بولدى . سەۋەبى ، ئالدىنقى يىلى ئۇنىڭ ئەيئوۋا ئۇنۋېرسىتوتىدا سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ تېمىسى كىشىنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ۋە قۇلاققا يېقىمسىز تېما : بەتبەشىرە جۇڭگولۇقلار ئىكەن . بىر نۇتۇق قوزغىۋەتكەن دولقۇننىڭ بىر يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ پەسەيمەسلىكى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيىپلەش ۋە سۆكۈشنىڭ كەسكىنلىكىدىن ، بەيياڭ ئەپەندى بۇ نۇتۇقنى سۆزلىگەن ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ كىشىلەر قەلبىنى قانداق يورۇتقانلىقى ، بىر تال تاشنىڭ تىپتنچ تۇرغان كۆل سۈيىنى قانداق داۋالغۇتۇپ تاشلىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ ! ئەمىلىيەتتە يازغۇچىنىڭ سۆكۈش مەزگىلىدىلا قىممىتى بولىدۇ . مەن بەيياڭ ئەپەندىنىڭ سۆز ئارگىنالىنى تېپىپ كۆرۈپلا ، ئالدىنقى يىلى مۈرىمىزنىڭ سوقىلىپلا ئۆتۈپ كەتكىنىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم . سەۋەبى ، شۇ چاغدا مەن دەل «ھېكمەتلىك قامچا» ۋە «بەش ئېلىك كىچىك پۇت» نى يېزىۋاتاتتىم ، ئويلىنىۋاتقىنىممۇ مىللىيەت مەسىلىسى ئىدى . -KZ9TV # R مىللىيەتلىك ھەزارەتشۇناسلىقتا ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى . مىللىيەتلىك مىللەتتىكى ئورتاقلىققا ئىگە ھەزارەت پىسخىكىسىنى كۆرسىتىدۇ . بىر خىل ھەزارەت كىشىلەرنىڭ ئورتاق پىسخىكىسىدا مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرىدىغان بولسا ، ئۇ مۇستەھكەم ۋە جاھىل نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ . پىسخىكا كۆپىنچە ھاللاردا ئاڭلىق بولمايدۇ ، شۇڭا بۇمۇ بىر خىل «كوللىكتىپ ئاڭسىزلىق» بوپقالىدۇ . يازغۇچىغا نېسبەتەن بىرخىل كوللېكتىپ خاراكتېر ھېساپلىنىدۇ . يازغۇچىلارنىڭ تۇغما تەبىئىتى تەنقىدچان كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ يەردە دەۋاتقان مىللىيلىك تەبىئىكى مىللىيەتنىڭ سەلبىي تەرىپى ، يەنى چاكىنىلىق بوپقالىدۇ . لۇشۈن ئەپەندىنىڭ موھىم نەتىجىسى جۇڭگولۇقلاردىكى چاكىنىلىقلارنى پاش قىلىش ئىدى ؛ بەيياڭ ئەپەندىنىڭ «بەتبەشىرە جۇڭگو- لۇقلار» دا كەسكىن تەنقىت قىلغىنىمۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ مىللىيىتىدىكى سەلبىي تەرەپ . شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئۇسۇلى ئەمەس ، ئىنتايىن ئېھتىياتچان لوگىكىلىق ھالدىكى ئەقلىي تەھلىلمۇ ئەمەس بەلكى يازغۇچىنىڭ سەزگۈرلىكى بىلەن ئۆتكۈرلىكىگە تايىنىپ ، بىئىختىيارلىق بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى ساقايماس كېسەللىككە دەل جايىدا تىغ ئۇرغان ئۇسۇل . لۇشۈن بۇ خىل مىللىي خاراكتېر- دىكى ئېلمېنتلار ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىلىرىدىكى پېرسوناژلارنى يارىتىشتا زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئوبراز ئا Q نى ياراتتى ، بۇ ئوبراز چوڭقۇر ھەمدە ئۆزگىچە بىلىش قىممىتىگە ئىگە . ئەلۋەتتە لۇشۈن ئەپەندىمۇ بۇ خىل مىللىيەتنى ئۆزىنىڭ نۇرغۇن فېليەتونلىرىدا تەنقىت قىلغان ئىدى . بەيياڭ فېليەتوندىن ئىبارەت بۇ ژانىر نى خۇددى «خەنجەرگە ئوخشاش» مەسىلىنىڭ دەل «يۈرىكى» گە ئۇرغىلى بولىدۇ ___ بۇمۇ ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى ھېكايىچىلىقتىن قول ئۈزۈپ ، فېليەتونچىلىقىغا ئۆتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك ___ دەپ قارىغانلىقتىن ، ئۇ مىللىيەتنى ھېكايە قىلىپ يازمىغان ، بەلكى فېليەتون ئۇسلۇبى بىلەن گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دەپ ، ھەممىنى ناھايىتى ئايدىڭ ھالدا كىشىلەر ئالدىغا تاشلاپ قويغان . ئۇ بۇلارنى يازغان ۋاقتىدا ياپتا گەپ قىلمىغان ، نىمە بولسا شۇنى دەپ پۇخادىن چىققان ، ھېچقانداق پەدەزمۇ بەرمىگەن ، نەرىمىزنىڭ مەينەت ، نەرىمىزنىڭ سەتلىكىنى ئېنىق كۆرىۋېلىش ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلۇنۇشىمىز ئۈچۈن پاقىراق بىر ئەينەكنى ئالدىمىزغا تىكلەپ قويغان . مانا بۇ لۇشۈن بىلەن بەيياڭنىڭ ئوخشىماسلىقى . s{4
2_O?,c ئادەمنىڭ ئوسال تەرەپلىرىنى باشقىلار كۆرسىتىپ بەرسە ئۇنىڭغا چىدىماق تەس . بۇ 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى غەرپلىكلەر- نىڭ «دىن تاراتقۇچىلار ئەدەبىياتى» ___ ئەينى چاغدا جۇڭگوغا دىن تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن غەرپلىك پوپلار يازغان ھەر خىل كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى بىلەن خاتىرىلىرى ___ نى ئەسكە سالىدۇ . دىن تاراتقۇچىلار غەيرى ھەزارەتكە بولغان قىزىقىشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ، جۇڭگو ھەزارىتى فورمىسىنى قىزغىن ھېسسىياتتا تەسۋىرلىگەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، جۇڭگولۇقلارنىڭ مىللىيىتىگە قارىتا ئىزدىنىش قىزىق نۇقتا بوپقالغان . دىن تاراتقۇچىلار تەرىپىدىن كۆرسىتىپ بېرىلگەن جۇڭگولۇقلارنىڭ چاكىنىلىقلىرى ناھايىتى مۇرەككەپ . ئۇنىڭ ئىچىدە تەنقىتمۇ بار ، ھەزارەتنى چۈشەنمەسلىكمۇ بار ، مەنسىتمەسلىك ۋە كەمسۇندۇرۇشمۇ بار ؛ بولۇپمۇ كېيىنكىسى كۆپىنچە ھاللاردا غەرپ مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تەكەببۇرلۇق پىسخىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . كىشىلەر 1840- يىلدىكى ئەپيۇن ئۇرۇشدىن كېيىنكى ھاقارەتلىك تارىخىي ئەسلىمىنى قەلبىدە مەھكەم ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، غەرپلىكلەرنىڭ قەلىمىدىكى بۇنداق تەنقىتلەرگە جىددى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم بەكمۇ ئاز ئىدى . بۇ خىل دىن تاراتقۇچىلار ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى ئەكسىنچە غەرپلىكلەر- نىڭ ئۆزلىرىگە نېسبەتەن بەكمۇ چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن بولغان ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شەرقلىقلەرگە قارىتا قارىشىدا ئۆزگەرمەس قاراش سۈپىتىدە ساقلانغان . بۇ باشقا بىر مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك تېما . ]O0u.=1k بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەنقىت قىلىشنى نىمە ئۈچۈن قوبۇل قىلالمايمىز ؟ مەيلى لۇشۈن ئەپەندى بولسۇن ياكى بەيياڭ ئەپەندى بولسۇن ، ئۇلارنىڭ مىللىيىتىمىزدىكى چاكىنىلىقلارنى تەنقىت قىلىشىغا نېسبەتەن سالقىن قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلمىدۇق . ئۇلارنىڭ دېگىنى سەپسەتىمۇ يا قەقەشنى چىڭراق تاتىلىۋەتتىمۇ ؟ چىڭراق تاتىلىمىسا ئاغرىمايدۇ ، ئاغرىمىسا قانداقمۇ مېدىرلىغىلى بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق دۆلەت ۋە رايوندا كوللېكتىپ خاراكتېرلىق چاكىنىلىق بولىدۇ . چاكىنىلىقنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىك ئەۋزەللىكنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس ، بىر مىللەتنى ئىنكار قىلغانلىقمۇ ئەمەس . شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى ، چاكىنىلىقنى ئېچىپ تاشلاش ، چاكىنىلىقنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ، دەل ئۆز مىللىتىنىڭ ئېسىل تەبىئىتىنى ساقلاپ قالغانلىق . k ,ezB+ ئويلىنىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە بار . ئۇ بولسىمۇ مىللىيىتىمىزدىكى چاكىنىلىققا قارىتا قايتا ئويلىنىشىمىز«4-ماي»ھەرىكىتىدىن باشلاپ باشلانغان. بىر تەرەپتىن دۆلەت دەرۋازىسى ئېچىلىپ ، جۇڭگو بىلەن غەرپ ئۇچراشقان ، ئىككى خىل ھەزارەت ئوخشمىغاچقا سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن . سېلىشتۇرۇش ھەر تەرەپلىمە بولۇپ ، چوڭقۇر قاتلامدىكى مىللىيەتنىڭ كوللېكتىپ خاراكتېرىنى تەبىئى ھالدىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان . يەنە بىر تەرەپتىن ، جۇڭگو بىلەن غەرپنىڭ توقۇنۇشىدا جۇڭگو ئىزچىل ھالدا ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن . مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە زىيالىلارنىڭ بۇ خىل ئاجىزلىق ۋە ئامالسىزلىق ئالدىدا زېرىكمەي- تېرىكمەي ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا ئىنتىلىشى ، مۇقەررەر ھالدا ئۆزىگە نەزەر سېلىش ، ئۆزىمىزنىڭ قۇدرەت تاپالماسلىقتىكى سەۋەپنى ئۆز ۋۇجۇدىمىزدىن ئىزدىشىگە سەۋەپ بولغان . بۇ جەمىيەتنى كۈزىتىشتىن ھەزارەتنى كۈزىتىشكىچە ، تۈزۈلمە بىلەن كۆز قاراشتىن مىللىيەتنى كۈزىتىشكىچە بولغان . ئەمما ھەزارەت نۇقتىسىدىن كۈزىتىش بىلەن مىللىيەتنى تەھلىل قىلىش ئالاھىدە نەزەرگە مۇھتاج ، تەنقىدى روھ بىلەن خەلقنىڭ خاراكتېرىدىكى ساقايماس كېسەللىكنى ئېچىپ بېرىشكە جاسارەت بولمىسا بولمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، مەن بەيياڭ ئەپەندىنىڭ بۇ خىل تەنقىتلەش روھى بىلەن جاسارىتىگە ئىزچىل قايىل بوپكېلىۋاتىمەن . بولۇپمۇ مانا بۇ ئۆزىنى ئەيىپلەيدىغان ۋە ئاگاھلاندۇرىدىغان تېما ___ بەتبەشىرە جۇڭگولۇقلار ___ كىشىلەرگە ئاسانلا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويۇدۇ ئەمەسمۇ ! لېكىن بىز پەقەت مانا مۇشۇ ئەيىپلەش ئىچىدىكى بىر يازغۇچىنىڭ مىللەتكە بولغان مۇھەببىتىنى ھېس قىلالايدىغانلا بولساق ، ئۇ ئېيتقان «بەتبەشىرە»لىك ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىشى مۇمكىن . p}Bh مانا بۈگۈن ، جۇڭگو جەمىيىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەتتە گۈللەنمەكتە . خۇددى بىز يەنە خاتالىقلىرىمىز ئۈستىدە ئويلانمىساقمۇ بولىدىغاندەك ، «بەتبەشىرە ياكى بەتبەشىرە بولمايدىغاندەك» ، گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەن ئىشەنچتىن تېرىمىزگە سىغماي قېلىشتىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس . ئەمما بىرھەقىقى مەدەنىيەتلىك مىللەت ، مەيلى ئۇ نامرات بولسۇن ياكى باي بولسۇن ، ھامان ئۆز-ئۆزىنى تەنقىت قىلىپ تۇرىشى ۋە ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىشى كېرەك . نامراتلىق ۋە بايلىق مەدەنىيەتنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس . بىز ئەتىكى جۇڭگونىڭ يەرگە قاراپ قالماي كەلگۈسى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇمۇرتقىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، ئۇنداقتا تارىخ قالدۇرۇپ كەتكەن ھېلىقىدەك لايغەزەللىكلەرنى يۇيۇپ چىقىرىپ تاشلاشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز ، خاتالىقىنى تونۇيدىغان ئەينەك بىلەن ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ ، تەنقىتكە نېسبەتەن كەڭ قورساقلىق ۋە جىددى مۇئامىلە قىلىپ ھەمدە بۇنىڭ ئارقىلىق سەگەكلىك بىلەن توغرا ھەمدە مۇستەھكەم ئىشەنچ تۇرغۇزۇش كېرەك . ]Y$jc مۇشۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك ، بەيياڭ ئەپەندىنىڭ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بۇ كىتابى قايتىدىن ئۈستىلىمىز ئۈستىگە قويۇلىشى مۇمكىن . H|'n|\{lt jLw|F-v-l< 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى kZR(0,
W فېڭ جىسەي ، جېجياڭ سىشىدىن ، 1942- يىلى تيەنجىندە تۇغۇلغان . ئاتاغلىق يازغۇچى ، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ساھەسى بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى ، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، جۇڭگو ھېكايە-رومان ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ، جۇڭگو خەلق ئېغىز ئەدەبىيات-سەنئەت جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ، تيەنجىن ئۇنۋېرسىتوتى ئەدەبىيات –سەنئەت تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ باشلىقى ، «ئەدەبىي ئەركىن پاراڭلار» ژۇرنىلى ، «سەنئەتشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى . {s=c!08= ۋەكىل خاراكتېرلىق ئەسەرلىرىدىن : «ئاھ !» ، «نەقىشلىك غاڭزا» ، «سىرلىق قامچا» ، «دارازا خېنىمنىڭ پەتەك ئېرى» ، «بەش ئېلىك كىچىك پۇت» قاتارلىقلار بار . Q
|
|
|
|
|
تېما تەستىقلىغۇچى : Aytugh تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-20, 13:31
|