مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       8309 
  •    ئىنكاس 
       116 

مەن ئۈچىنچى شەخىسمۇ (تولۇق نۇسقىسى)

قەۋەت ئاتلاش
sulgangul
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11262

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   49 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8051 (سوم)
 ياخشى باھا:   472 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   669  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1503
 سائەت
دەرىجىسى:
1503 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-23
ئاخــىرقىسى:2011-09-13
— بۇ يازما Aytugh تەرپىدىن يورۇتۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى (2011-09-11) —

         كىرىش سۆز Tt+E?C%Y  
            ئەسسالامۇ ئەلەيكوم   بارلىق قەلەمداشتورداشلار،شۇنداقلار تور ساھەسىدىكى بارلىق قېرىنداشلار. F_z1ey`t  
مىنىڭ مۇنبەرگە تۇنجى قىتىم ئەزا بولىشىم،شۇنداقلا تورساھەسىگە كىرگەن ياقى تۇنجى قىتىم قەلەم تەۋرىتىپ ئەسەر يوللىشىم،مىنىڭ ئوقۇغان كەسپىم،ھازىرقى قىلۋاتقان خىزمىتىم ئەدەبىيات،يېزىقچىلىق ساھاسىگە يېراق بولسىمۇ،تۈنۈگۈن ‹چىمبۇلاق› مۇنبەر ئەزاسى رەيھانگۈل ھەدىمىزنىڭ ‹تىك قىيادىكى نىكاھ› دىگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ ھازىر سىلەرگە يوللىغان ئەسىرىمنىڭ مەزمونى سەل كاللامغا كىرۋالدى،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەر توغۇرلۇق قەيەردىن قانداق باشلاش ماڭا ئوخشاش يىڭى قەلەم تەۋرەتكۈچىگەنىسبەتەن ھەقىقەتەن تەس توختىدى،باش قىسمىنى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ باشلاپ قويغان ئىدىم،داۋامىنى ھازىر ئۆيدە يېزۋاتىمەن.بەلكىم قەلەم كۈچۈم،ئىپادىلەش سەنئىتىمنىڭ ئاجىزلىقىدىن ياخشى چىقماي قالغان بولىشى،ئىملا خاتالىقى قاتارلىقلار ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن،تورداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ ئوقۇشىنى قىممەتلىك پىكىر تەلەپ يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئازراق قىسمىنى يوللاپ تۇردۇم. ]mdO3P  
 >Q% FW  
مەن ئۈچىنچى شەخىسمۇ؟
tVqc!][   
        مەن بۈگۈن يەنە تۈنۈگۈنكى ماتېريالنىڭ تەرجىمىسىنى يېزىشنى داۋاملاشتۇردۇم.....ئاللا بۇ خەتنى نىمە دەپ تەرجىمە قىلا بولغىيتى،توۋۋا چارچاپ قالدىممۇ ئوقمىدىم،شۇنداق تۇنۇشلا خەتلەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقمايۋاتىمەن دىسە،داۋاملىق ئىشلىتىدىغان لوغەتتىن بۇ سۆزلۈكلەرنى ئىزدىدىم،لوغەتتىمۇ يوق.شۇ ئەسنادا ئىشخانا تېلفونى جېرىڭشىدى،قارىسام دېرىكتورنىڭ نۇمۇرى،< دېرىكتور ياخشىمۇ سىز..>،<ئالىيە بۈگۈن ھىلقى ماتىرياللارنىڭ تەرجىمىسىنى چوقۇم تۈگۈتۈڭ،دۈيشەنبە كۈنى قۇرلۇش ئىدارىسىغا تاپشۇرۇشىمىز كېرەك> شۇنداق دەپلا ئالدىراش تېلفوننى قۇيۇۋەتتى.< ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك دۈيشەنبە كۈنىگىچە تەييار قىلمىسام بولمىغىدەك،بۈگۈن جۈمە،بۇ ھەپتىلىك دەم ئېلىشىم يوق بولدىدە> شۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرسام QQرىمغا ئوچۇر كەلدى،قارىسام يىقىن دوستۇم ماينۇر ئوچۇر قىپتۇ.<ئاداش،تىخى ئىشتىن چۈشمىدىڭما،چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولدى>،<ھەئە  تىخى ئىشلەۋاتىمەن،ساڭا دىگەنغۇ باشلىق بىر ماتېريال تاپشۇرغان،شۇنى تەرجىمە قىلىپ بولالماي،ئاز قالغانسىرى دۇنيادا يوق خەتلەر ئوچرىغاندەك بىلىنىپ ئوقماي قىلۋاتىمەن>،<ھا ھا ھا،ئېنگىلىس تىلى دىگەن بولساڭ مانا مەن باتتىم،ئۆزەڭ ئوقىسەن،خەنزوتىلىدا ساڭا يەتمەيمەن،ۋەلى كەپتىكەن ساقلاپ قالدى،مەن تاماققا چىقىۋېرەي خوش ئەمسە> شۇنداق دەپلا توردىن چۈشۈپ كەتتى.تەرجىمە شېركىتىگە تاپشۇرۇپ بەرسەممۇ بوپتىكەن،ئاز قالغاندا ئولارغا بەرگۈم كەلمىدى،QQدىن تەرجىمان مەن دەپ بىرى چىقىپ قالدىغاندەك قاراپ ئولتۇرۇپلا قاپتىمەن،كاللامغا بىر خىيال كەلدى،راست QQتوپىغا ئوچۇر قىلاي،ياردەم قىلدىغانلار چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،شۇنداق قىلىپ بىلمىگەن خەتلىرىمنى QQ توپىغا يوللىدىم< ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار،بۇ سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىنى بىلدىغانلار بولساڭلار ياردەم قىلساڭلار،رەھمەت>،جاۋاپ ئوچۇر ساقلىغاچ بىلگەن يەرلىرىمنى يازغاچ ئولتۇردۇم،ئوچۇر كىلدىغاندەك ئەمەس،كۆپ تورداشلار QQ ئايرىلىش ھالىتىدە ئىدى،چۈش ۋاقتى بولغاچقا تاماققا چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك،مىنىڭمۇ قورسىقىم ئاچقاندەك قىلدى،تاماق يەپ بولۇپ داۋاملاشتۇرماقچى بولدۇم...... Io\tZXB  
      خوشياقمىغان ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن ئىشخانىغا كىردىم،قارىسام QQ رىمغا توپتىن ئوچۇر كەپتۇ،چۇقۇم ماڭا قايتۇرغان جاۋاپ خەت،<...قۇرۇلۇش زايومى،بىناكارلىق ئاكوستىكىسى........>، رەھمەت سىزگە دەپ QQ دىكى چايدىن بىر پىيالە يوللاپ قۇيۇپ يەنە يېزىشنى داۋاملاشتۇردۇم....... Pt[ b;}  
     بەك دىققەت بىلەن ئىشلەپ كەتتىممۇ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكىننىمۇ ئوقمايلا قاپتىمەن.داۋامىنى ئەتە شەنبە كىلىپ يېزىشنى ئويلاپ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىم. (c|Ry[$|  
     توردىن تەرجىمان تىپىۋالغىنىمغا خوشالمۇ ئىشقىلىپ شۇنچىلىك راھەت ئوخلاپتىمەن،ھاۋامۇ شۇنداق ياخشى،بۈگۈن دەم ئىلىش كۈنى بولغاچقىمۇ كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس،بالدۇرلا ئىدارەمگە  كىلىپ قالدىم.نىمىلا بولمىسۇن بۈگۈن چۇقۇم تۈگىتىشىم كېرەك،ئەتە يەكشەنبە بولسىمۇ ئارام ئېلۋالاي،ئويلىسام ئۆيدە قىلدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىم باركەن.شۇنداق قىلىپ چۈشلۈك تاماققىمۇ چىقماسلىقنى قارار قىلىپ ئەتراپتىكى ماگزىندىن تەييار چۆپ سېتۋالدىم،بىر قىتىم يىگەنگە ئۈلۈپ قالماسمەن( ئاپام تەييار چۆپ يىيىشىمنى بەك توسايتتى)........ ObEp0-^?  
       بۇ  خەت <قۇرۇلۇشنىڭ قايچىلا نما كۈچىنىش دېفورماتسىيىسى> مۇشۇنداق دىسە توغرا بولامدىغاندۇ ياكى..ئىككىلىنپ قىلىپ توپقا يەنە ئوچۇر قىلدىم.قايتۇرما ئوچۇر كەلدى،ئالدىنقى قىتىم ئوچۇر قىلغان تورداش  ئىسمىغا دىققەت قىلماپتىكەنمەن،<لەيلى،سىز قۇرۇلۇش چاقامسىز ياكى قۇرۇلۇش سالامسىز، .چاقچاق يىغلاپ كەتمەڭ ئەمدى،توغرا شۇنداق دىسىڭىز بولىدۇ> قارسام تۈنۆگۈنكى ئوچۇر قىلغان تورداش خەت رەڭگىدىن بىلدىم،ئىسمىغا قاراپ شۇنداق بىر تۇنۇش بىرسىنى ئىسىمگە ئالغاندەك بولدۇم ،توۋۋا شۇمۇ ئەمەسمۇ،نەچچە يىل بولغان دىسە ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغىلى ئۇ ۋاقىتلىرىمدا ئالى مەكتەپتە ئوقىۋاتقان مەزگىلىم ئىدى.بەلكىم شۇدۇ يا ئەمەستۇ تەرجىمىنى تۈگۈتۈش مۇھىم،قالغىنىنى كىيىن ئايرىۋالامەن،شۇنداق قىلىپ ئۇ خياللىرىمىنى كاللامدىن چىقىرىپ دىققىتىمنى ئۆز ئىششىمغا قاراتتىم،يەنە ئوچۇر كەلدى،<خالىسىڭىز مىنى QQرىڭىزغا قۇشۋىلىڭ،ياردىمىم تىگىپ قالا>،مەن QQ ئاساسى ماتىريالىغا قارىدىم قارسىام خىلى بىر مەدەنيەت سەۋيىسى بار،قالايماققان تورداشلاردىن قىلمايتى،يەنە بىر ئىش ماڭا ھىلىقى تۇنۇش شەخىس شۇدەكلا بېلىندى.شۇنداق قىلىپ QQقۇشتۇم _(0GAz%9  
<ياخشىمۇ سىز> ماڭا ئۇ تورداشتىن ئوچۇر كەلدى.ياخشىمۇ سىز جاۋاپ قايتۇردۇم،كەينىدىن خىزمىتىم تۇغۇرلۇق بىر نەرسىلەرنى سوراپ ئوچۇر قىلدى بولغاي،ماتېريال تۈگۈتۈشكە ئالدىراپ جاۋاپ يازمىدىم،....< بۇ جۈملىنى باغلاشتۇرۇپ يازالمىدىم> دەپ بىرەمسىز> ئوچۇر قىلدىم......شۇنداق قىلىپ شۇ تورداشنىڭ ياردىمىدە بۇ ماتېريالنىمۇ ئويلىغان ۋاقتىمدىن خېلى بورۇن تۈگەتتىم،مۈرەمدىن بىر تاغنى يۈتكىۋەتكەندك يەڭگىل بولۇپ قالدىم. /6yH ,{(a  
       <رەھمەت سىزگە بەك مۇھىم ماتېريال ئىدى،شۇڭا دەم ئالماي ئىشلەپ سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە تۈگۈتۋالدىم.كۆپ رەھمەت>،..<تۈزۈت قىلماڭ،تورداش دىگەن سەن نەدىن مەن نەدىن،ئىسمىڭ نىمە دەپ قۇرۇق پاراڭ ساتماي مۇشۇنداق ئىشلاردىمۇ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ پاراڭلاشسا ياخشى،تەرجىمانلىق قىلامسىز؟>، <ياقەي ئىدارىنىڭ ماتېريالى ئىدى......>،شۇنداق دەپلا ئارتۇق ئوچۇر يازمىدىم ،مىنىڭ مېجەزىممۇ ئىشقىلىپ توردا باشقىلارغا ئالدىراپ گەپ قىلمايتىم،جىق سۆزلەشنىمۇ ياخشى كۆرمەيتىم.ئويلىسام ئەكىرۋالغان تەييار چۆپنىمۇ يىمەپتىمەن،بولدىلا ئۆيگە قايتاي،بەكلا چارچىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.ئونىڭ كىم قەيەردىن ئىكەنلىكنى بىلگۈم كەلسىمۇ،چارچىغىنىمدىن ئوچۇر قىلىش خوشياقمىدى.ئونىڭ ئۈستىگە بايامقى <....قۇرۇق پاراڭ قىلماي> دىگەن گەپلىرىنى ئويلاپ < خوش ،توردىن چۈشتۈم > دەپ ئوچۇر يوللاپ قۇيۇپلا QQ نى ئەتتىم. SnFAv7_  
       ئارىدىن خىلى ۋاقىتلار ئۈتتى،قارىسام ئۇ تورداش كۈندە دىگۈدەك توردا بار،لىكىن كۆپىنچە ۋاقىتتا ئالدىراش ھالەتتە QQسى ئوچۇق تۇراتتى، ھە خىزمىتى ئالدىراش بىرى ئىكەندە.بىر ۋاقىتتا ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ مۇنبەر كۆرۈپ ئولتۇرسام ئوچۇر كەلدى،<نىمە ئىش قىلۋاتىسىز ئالدىراشمۇ،ۋاقتىڭىز بولسا پاراڭدىشايلى>،<ياقەي ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ ئولتۇرغان،ئۆزىڭىزچۇ>،<مەن يىغىنغا چىققان ھىلى كىردىم>،<ھە،نىمە خىزمەت قىلسىز؟>،<ساقچى..>،بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتىم،ئەجىبا شۇمىدۇ؟....< ھە،ياخشى شەرەپلىك خىزمەتكەن> ئىسمىنى سورىماقچى بولۇپ يازغان ئوچۇرىمنى يۇيۋەتتىم،....شۇنچىلىك پاراڭلىشىپ قارىسام ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بوپ قاپتۇ،<ئەمسە ئەتە پاراڭلىشايلى،مەن ئىشتىن چۈشتۈم،خوش>.....شۇنداق دەپ ئونىڭ نىملەرنى دەيدىغىنىنى بىلگىم كىلىپ قەستەن QQ نى يۇشۇرۇن قىلۋىلىپ ئۈچۈرمىدىم.. <تازىمۇ بىر،ئەمدى بىر پاراڭلىشىپ تۇنۇشۋالاي دىسەم  ،خوش دەپ،مەيلى ئەمسە ئەتە چۇقۇم ئوچۇر قىلىڭ،ساقلايمەن.>ئونىڭ بۇ چاقچاق سۆزلىرىدىن شۇ ئىكەنلىكنى جەزىملەشتۈردۈم،دىمىسىمۇ ئۇ دوستۇم بەك قىزىقچى ئىدى،ئونىڭ ئۈستىگە ئەمدى ئويلىسام ئونىڭ QQباش سۈرىتى،QQ دىكى ئىسمى ئۆزگەرمەپتۇ،غەلىتىلا رەسىم بولغاچقىمۇ ئىسىمدە قاپتىكەن........ w i=&W  
     كۈنلىرىم ئىشقا بېرىش،ئالدىراشچىلىق دىگەندىكىدەك بىر بىرلەپ ئۈتىۋەردى،شۇ مەزگىللەردە QQ رىمنى ئاچالمىدىم،نىمە بولغىنىنى ئوقمىدىم،ھەپتە ئون كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىر كۈنى ئېچىپ باقاي دەپ قارىسام،ئېچىلىپ قالدى،  چى چى....چى چى....  ۋاي ۋوي نىمانچە كۆپ ئوچۇر بۇ،قارىسام ھەممىسى <قارىغاي> دىن كەلگەن ئوچۇرلار ئىدى،......<يالغانچى،ئەتە ئۇچۇر قىلمەن دەپ ئۈرۈمچىدە تىخىچە تاڭ ئاتمىدىما>،،،،،،<خەپ.......سىز بارمۇ جاۋاپ قايتۇرۇڭ...> ...ئىشقىلىپ ئۈستۈمدىن ئەرز شىكايەت دىگەننى ياغدۇرۋىتىپتۇ.<ياخشىمۇ سىز،كەچۈرۈڭ،ئونداق بولمىدى،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى QQ نى ئاچالمىدىم،بۈگۈن چىقتىم،ئوچۇرىڭىزنى كۆرۈپلا جاۋاپ قايتۇرۋاتىمەن.>ئونىڭ توردا بار يوقلىقىنى ئوقمىدىم،بىر چاغدا ئوچۇر قايتۇرۇپتۇ،شۇنداق قىلىپ يەنە پاراڭلىشىشقا چۈشۈپ كەتتۇق،مىنىڭ خىزمىتىم ئالدىراش ۋاقىتتا نەپەس ئالغۇدەك ۋاقىت يوق،بىكار ۋاقىتتا بەك بىكار بولغاچقىمۇ خىلى جىق پاراڭلاشتىم،شۇنداقتىمۇ يەنە ئىسمنى سورىمىدىم،ئۇ مىنىڭ قەيەرلىكلىكمنى،ئىسمىمنى يىشىم قاتارلىقلارنى سورىدى،مەن جاۋاپ قايتۇردۇم،<ھەجەپ تۇنۇشلا بىلىنسىز،سىز مەن بىلەن بۇرۇن پاراڭلاشقانما ئەمما ئۆز ئىسمىڭىز ئوخشىمايدىكەن،قايسى مەكتەپنى پۈتتۈردىڭىز> مەندىن سورىدى،مەن ئەسلى ئونىڭغا ئىسمىمنى خاتا دەپ بەرگەن ئىدىم،كىيىنكى سوئالغا جاۋاپ بەردىم،ئاندىن بىۋاستە ئوچۇر يازدىم،< سىزنىڭ ئىسمىڭىز مەردان،ساقچى،****ناھىيەلىك ج خ ئېدارىسىدە ئىشلەيسىز شۇنداقما؟> R~H+.Vh  
   ماڭا بۇ رەسىمنى يوللىدى،بەلكىم قانداق بىلۋالغىنىمدىن ھەيران قالغان بولغاي،<سىز كىمۇ مىنى قانداق تۇنۇيسىز؟> مەن ئونىڭغا ئۆزەمنىڭ كىملىكنى ،بۇرۇنقى تۇنۇشقان ۋاقتىمىزدىكى ئىشلارنى دەپ بەردىم،ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ھازىرقى ئىدارىسىگە يىڭى خىزمەت ئالماشقان بولۇپ،شۇ ئىدارىنىڭ تور بىتىنى ياساۋاتقان ئىكەن،مەندىن تور بەت رەڭگى،رەسىم ئورنى دىگەندەكلەرنى سورىغان ئىدى،بولار ئازراق ئىسىمدە قاپتىكەن شۇ ئىشلارنى دەپ بەردىم.<ئاللا،سىزمىتىڭىز بۇرۇن مەن دەپ تۇنۇشلۇق بەرمەي كىمكىن دەپتىمەن،ياخشىما...>قايتىدىن ئەھۋال سوراشقا باشلىدى،دىمىسىمۇ خىلى ياخشى ئۆتكەن دوستلاردىن ئىدۇق...........پاراڭ پاراڭ تۈگمەي قالدى،<توي قىلدىڭىزمۇ> مەندىن سورىدى،<ياق سىزچۇ؟> ۋاي مەن توي قىلىپ ئاجرىشىپمۇ بولدۇم،  ...نىمشقا توي قىلمىدىڭىز ئوغۇل دوستىڭىزچۇ؟>،<2 يىل بولدى ئايرىلىپ كەتتىم،ئونىڭدىن كىيىن بېرى بىلەنمۇ ئارلاشمىدىم،خودا ئۆزىگە ئامانەت دەپ ئولتۇردۇم شۇ  > ،مەنمۇ كۈلۈپ قويدۇم،مەن ئونى ئاجىرىشپ كەتتىم دەپ چاقچاق قىلۋاتىدۇ دەپ ئويلىدۇم،بىر تۇرۇپ<< توۋۋا ھەرقانچە بولسىمۇ چىرايلىق ئائىلىسى بولسا ئاجراشتىم دەپ چاقچاق قىلماس>> دەپ ئويلىدىم......باشقىلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشىنى بەك ئىچكىرلەپ سوراش ياخشى ئەھۋال بولمىغاچقا سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىپمۇ كەتمىدىم.يەنە ئادەتتىكى پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. dO|n[/qL0  
.......شۇنىڭ بىلەن ئارلىقتا بەزىدە پاراڭلىشىپ،بەزىدە مەن ئالدىراشچىلىقتا ئوچۇر قىلىپ بولالماي دىگەندەك بىر يېرىم ئايدەك ۋاقىتمۇ ئۈتۈپ بولدى.بۇ جەريانىدا ئۇ ئۆزلىكىدىن تۇرمۇش ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى،بەزىدە مەس بولۇپ  قىلىپ دەردىنى ئېيتىپ QQغا ئوچۇر قىلاتتى،بەزىدە تېلفون قىلاتتى،خىلى كونا دوستلاردىن بولغاچقا نۇمۇرىمنى سورىغاندا ياق دىيەلمەي دەپ بەرگەن ئىدىم.ئۇ ئادەتتە چايخانىغا كىردىكەنتۇق،مىنىمۇ زورمۇ زو بىللە ئولتۇرمىز دەپ ئەكىردى،ئۇ چاغلاردا مەن چايخانا دىگەننى چۈشۈنۈپ كەتمەيتىم،قارىسام بەزىدە شۇنداق ياخشى مۇنازىرە،مەسلىھەت پائالىيەتلىرى بولدىكەن،شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز QQ دا دىيىشۋىلىپ تەڭ چايخانىغا كىرىپ تەڭ چىقىپ كىتەتتۇق،ئۆزەمنىڭ بىلىش دائىرسىدىكى مۇنازىرلەر بوپ قالسا مەنمۇ ئاز پاس ئاۋاز قوشىدىغان بولدۇم،يىڭى كىرىپ سۆزلىگەنلەرگە شۇنداقمۇ ئىشقىلىپ توختىماي،ئوچۇر گۈل دىگەنلەر كەپ تۇراتتى.مۇشۇ تەرىقىدە يەنە 3 ئاي ۋاقىت ئۈتتى،باشقىلار ماڭا ئوچۇر قىلىپ،گۈل ئەۋەتىپ قىلسا QQغا ئاۋۇ كىمۇ،ماۋۇ كىمۇ دەپ سۈرۈشتە قىلىپ ئوچۇر قىلدىغان بولۋالدى،مەن ئولار بىلەن ئادەتتە ئۆزەم ئوچۇر قايتۇرۇپ پاراڭلاشمىغاچقا تۇنۇپ كەتمەيتىم،شۇڭا ئونىڭغا <تۇنمايمەن> دەپ ئوچۇر قايتۇراتتىم،.....بەزىدە ئۇ بولمىسىمۇ مونازىرە بولسا ئاڭلاپ دىگەندەك ئولتۇردىغان بولدۇم،كەينىمدىن ئىزدەپ كىرەتتى،مەن بولمىسام نىمە بار سىزگە،چايخانا دىگەن قالايماققان ئادەم جىق،ئەمدى كىرمەڭ. توۋۋا ،ما گەپنى بۇرۇن كىرمەيمەن قىزىقمايمەن دىسەم زورمۇ زو ئەكىرىپ بىللە ئولتۇرمىز دەپ ئەمدى كىرمەڭ دەپ نىمە بولغاندۇ،كاللامدا غەلىتە سوئال پەيدا بوپ قالدى،چاقچاق قىلغاندۇ دەپ ئويلىدىم،دىمىسىمۇ ئۇ قىزىقچى بولغاچقا بەزىدە راستەكلا سۆزلەيتى.ئەمما بۇ چاقچاق ئەمەس راست بوپ چىقتى،مىنى قەتئى چايخانىغا كىرىشكە يول قويمىدى،كىرسىڭىز مەن بار چاغدا كىرىڭ،بولمىسا قەتئى روخسەت يوق،..نەچچە قىتىم مەس ھالەتتە تېلفون قىلىپ بۇ توغۇرلۇق بىر مۇنچە قاخشىغان يەرلىرىمۇ بار ئىدى،<مەست مەقسىدىنى دەيدۇ دەپ راستلا ماڭا يول قويمايۋاتامدۇ نىمە> شۇنداق ئويلاپ قالدىم،بارا بارا مىنى قاتتىق باشقۇرغىلى تۇردى،ھەتتا QQ دا كىملەر بار سورايتى،توۋۋا،مەن ئونىڭ بىلەن ئادەتتىكى دوستلاردىنغۇ خالاس،نىمىگە بونچىۋالا قىلىدۇ،دىمىسىمۇ ئونىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆزۈمگە كىرۋىلىشى ئاچچىقىمنى كەلتۈردى....<سىز نىمىشكە ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلسىز،مەن سىزنىڭ ئادەتتىكى دوستىڭىز خالاس،مەن يا باشقىلار بىلەن قالايماققان پاراڭلاشمىسام،شۇندق بولسىدى دوستۇم سۈپىتىدە دىسڭىىز مەن قۇبۇل قىلاتتىم،ھىچنىمىدىن ھىچنىمە يوق مىنى بۇنداق كونتۇرۇل قىلىپ بىشمىنى ئاغرىتماڭ>،بۇ سۆزلەرنى خىلى ئاچچىقىمدا يازغان ئىدىم. بۇ سۆزلىم بىلەن ئۇ نەچچە كۈن يوقاپ كەتتى،مەنمۇ مەيلىلا،بەك كۆزۈمگە كىرۋالدى،دەپ ئىزدەپ ئوچۇرمۇ قىلمىدىم،كىين ئوچۇر قىلىپتۇ < سەن مىنى ياخشى كۆرەمسەن ياقمۇ؟> ،تولۇمدىن توقماق چىققاندەك تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سۇئالدىن چۈچۈپلا كەتتىم،ئونىڭ ئۈستىگە بىراقلا <سەن> لەپ ئوچۇر قىلىشىچۇ تىخى،شۇنداق كۈلگۈم كەلدى،قىزىقچى بولغاندىمۇ تازىمۇ قىزىقچىدە بۇ،<ۋاي چاقچاق قىلماڭ نىملەرنى دەۋاتسىز>،<سۆزۈمگە جاۋاپ بەر باشتا>،قايتا دىيىلگەن سەنلەشتىن غەلىتىلىك ھىس قىلدىم،يىقىن ئۆتىدىغان دوسلىرىم بىلەن سەنلىشىشنى ياخشى كۆرسەممۇ ئەمما قىز ئوغۇلنىڭ ئۆز ئارا سەن دىيىشىشى ......مەن پەقەت بۇرۇنقى ئوغۇل دوستۇم بىلەنلا سەنلىشەتتىم،ئادەتتىكى قىز ئوغۇللار سىزلىشىپ ھۆرمەتلەشسە ياخشى دەپ ئويلايتىم.<ئىلىشىىپ قاپسىز> شۇ سۆزنى يوللىشىمغا ئۇ ماڭا كامىرا يوللىدى،قۇبۇل قىلدىم،قارىسام كۆمپىيوتېر ئالدىدا ھاراق ئېچىپ ئولتۇرۇپتۇ،نىمە ئىش بولغاندۇ،خىزمەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئوچرىمىغاندۇ ھە؟ ياكى باشقا سەۋەپمىدۇ،سىزگە زادى نىمە بولدى،بۇنچىۋالا ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغۇدەك، شۇنداق دەپ ئوچۇر يازدىم،<ئالىيە كامىرا چاتقىن>،ئۇ مەندە كامىرا بارلىقىنى بىلەتتى،ئۆتكەندە ئۆيدىكلەر بىلەن بەزىدە كامىرادا كۆرۈشۈپ تۇردىغىمىنى دەپ بەرگەن ئىدىم،شۇڭا ئۇ مەندە كامىرا بارلىقىنى بىلەتتى،ئادەتتە ئىشلەتمەيتىم،<بولدىلا مەس بولۇپ كىتىپسىز،گەپ بولسا كىيىن دىيىشەيلى،بۇنداق يۈرسىڭىز خىزمىتىڭىزگە ياخشى ئەمەس،باشقا كۈنى كامىرا ئاچاي ھە؟>،< ياق،ئالىيە،مەن بۈگۈن سىنى چوقۇم كۆرىمەن،بىز تۇنۇشمايدىغان ئادەم ئەمەس،مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن.....> بۇ سۆزلەرگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي تۇرۇپلا قالدىم،مەسلىكتىن  دىيىلگەن گەپلەردۇ،بولدىلا كارىم بولمىسۇن.<كىيىن پاراڭلىشايلى،مەن ئىتۋەتتىم،ئازراق ئىششىم باتتى> دەپلا ياق دىيىشىگە قارىماي ئېتىۋەتتىم.كىيىن خىزمىتىم بىلەن بولۇپ كىتىپ ئونىڭ بۇ سۆزلىرىنى خىيالمۇ قىلماپتىمەن،ئەتىسى ماڭا ئوچۇر قىلىپتۇ،ئۇ كۈنى گەرچە مەست بولسىمۇ ماڭا دىگەن سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ راستلىقىنى،مىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىنى،چوقۇم ئىشەنسەم بولدىغىنىنى يېزىپتۇ،شۇنداق قىلىپ مۇشۇ سەۋەپتىنمۇ ئونىڭدىن ئۆزەمنى قاچۇردىغان QQ غا يۇشۇرۇن چىقىدىغان،ئوچۇر قىلسا ئالدىراشتىم دەپ ئانچە ئوچۇر قايتۇرمايدىغان بولۋالدىم،<قاچقاننى قوغلاش > دىگەندەك مەن قانچە ئۆزۈمنى ئەپ قاچقانسىرى ماڭا شۇنچە چاپلاشقىلى تۇردى،شۇ مەزگىللەردە مەن ئىشلەيدىغان ئىدارە تەۋەلىكىدىكى توك سىم يوللىرىنى قايتا رەتلەش ئۈچۈن كۈندۈزى توكنى ئۈزۋىتىپ كەچلىكى توك بېردىغان بولدى،مەنمۇ كۈندۈزى ئىشخانىدا كۆمپىيوتېردا قىلالمىغان ئىشلىرىمنى كەچلىكى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيدە ئاخىرلاشتۇرۇپ،مۇناسىۋەتلىك خەت ساندۇقى،QQ دىگەنلەرگە يوللاپ بەردىم،بەزىدە ئىسىمدە يوق QQ رىم ئوچۇق چىقىپ قالسام ماڭا ئوچۇر قىلاتتى،لىكىن بۇرۇنقىدەك ئونداق بىزار قىلمايتى،ئەھۋال سوراپ دىگەندىكىدەك پەقەت ئويلىشىپ بىقىشىمنى تەۋسىيە قىلاتتى،باشقا ئارتۇق گەپ سۆز قىلمايتى،ئۇ جىمىغانسىرى مەندە ئونىڭغا بولغان قىزىقىش پەيدا بولغىلى تۇردى،گەرچە قايتا ئوچرىشىپ ئەمدى تىخى يېرىم يىلدەك ئالاقە قىلساقمۇ بۇرۇنقى ياخشى ئۆتكەن دوستلۇق ۋاقىتلىرىمىز بولغان ئىدى.بۇرۇن قەتئى رەت قىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئەمدى ئىككىلىنىش خىيالىدا قالغان ئىدىم،بىرسىگە ئونىڭ راست ئاجراشقان توغۇرلۇق مەندە تۇلۇق ئىشەنچ يوق ئىدى،يەنە بىرسىگە ئۇ شىنجاڭنىڭ جەنوبىدا مەن شىمالىدا ئارلىقىمىز شۇنداق يېراق،قانداق مۇمكىن بولسۇن،توردا،تېلفوندا ئالاقىلىشىپ قانچىلىك چۈشەنچە ھاسىل بولا دىگەنلەرنى ئويلىدىم،كىيىن شۇ تەرەپتىكى دوستلىرىم ئارقىلىق ئونىڭ راست ئاجىرىشىپ كەتكەنلىكى ئىنىق بولدى.ئونىڭ ئۆستىگە خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن بەزىدە تېلفون قىلسام ھەرقانداق ۋاقىتتا ئالالايتتى،ئۆزىمۇ خالىغان ۋاقىتتا تېلفون قىلاتتى،شۇنداق قىلىپ مەندىكى بۇ خىياللار سۇزلاشقا باشلىدى،دىمىسىمۇ بىرە قىز بالا كۆرسە خىلى بىر كۆزى چۈشكىدەك،بوي بەستى بار،چىرايى بار،مىجەزىمۇ شۇنداق ياخشى قىزىقچى،بىراۋنى خوشمۇ قىلالايدىغان،خاپىمۇ قىلايدىغان،مەيدانى ئىنىق ....ئىشقىلىپ مەن ياقتۇردىغان تىپتىكلەرنىڭ بىرى ئىدى،بۇ تور دىگەنمۇ خىلى يامان نەرسىكەن،كۈندە ئوچرىشىپ پاراڭلىشىۋەرسىمۇ مىھرى چۈشۈپ قالامدۇ ئىشقىلىپ ئازراق ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. z%~rQa./$  
----- v%!'vhf_K  
3iBUIv  
zIy&gOX  
     ‹ئالىيە كاللاڭنى سېلكىۋەت،ئونى ياخشى كۆرسەڭ بولمايدۇ،پەقەت يەنە بۇرۇنقىدەك دوستلاردىن بولۇپ ئۆتكىن،ئارتۇق خىيالدا بولما› ماڭا بىر خىل سىگنال كەلگەندەك بولدى،دىمىسىمۇ  ئۇنى ياخشى كۆرسەم بولمايتى،گەرچە بىز تۇنۇشلاردىن بولساقمۇ،ھازىرقى شارائىتتا توردا ئالاقىلىشۋاتىمىز،قانداقمۇ......شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئالدىراشچىلىق بىسىمىدىن باشقا كاللامغا يەنە بىر ئارتۇقچە خىيال كىرۋالدى،مەن تۇنجى قىتىملىق مۇھەببىتىمدىن ئايرىلغاندىن بۇيان ئۆزەمنى خىزمەتكىلا ئاتىۋەتكەن ئىدىم،تۇرمۇشتىكى خوشاللىقلارنى خىزمەتتىن ئىزدەيدىغان،تەنھالىقنى،يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆردىغان،كۈنلىرىمنى ئىشقا بېرىش،قايتىش،ئۆي ئىشلىرى قىلىش،تېلۋىزور كۆرۈش،بولمىسا يالغۇز كوچا ئايلىنىپ نەرسە كېرەك سېتىۋىلىش،كىتاپخانىغا بېرىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزەتتىم،تۇنجى قىتىملىق مۇھەببەت زەربىسى ماڭا مۇشۇ يولنى كۆرسەتكەن ئىدى،توغرا،مۇھەببەت،كىيىنكى نىكاھ ئىشلىرىمنى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا تاپشۇرۇپ ئۆتكۈزگەن ئىككى يىل ۋاقتىم ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك،خوشال-خورام ئۆتكەن ئىدى،دىمىسىمۇ بىز ئويغۇرلاردا ‹نىكاھ غايىپ› دىگەن گەپ بار،‹يۈرگەن قالۇر،بۇيرىغان ئالۇر› دىگەندىكىدەك كىم بىلىدۇ كىيىنكى ئىشلارنى.ئالى مەكتەپ ۋە پۈتتۈرگەندىكى 6 يىللىق ياشلىق ۋاقىتلىرىم ئوقۇش ،خىزمەت دىگەنلەر ئۆتكۈزۈپ،خىزمەتكە چىققاندىن كىيىنكى ئىككىنچى يىلىدا ئاندىن تۇنجى مۇھەببىتىم بىلەن تۇنۇشۇپ يۈرگەن ئىدىم،شۇنداق ئەقىدە قىلغان،ئىشەنگەن ئىدىم،لىكىن يەنە كۆڭلۈم سۇلغۇن پىتى مۇھەببەت يولىدىن چىكىنىپ چىققان،شۇڭا ھازىرقى تۇرمۇشۇم مەن ئۈچۈن ئەڭ توغرا تاللاش ئىدى. |eEXCn3{  
         شۇ خىياللار بىلەن چۈشىدىغان بىكەتتىن ئىككى بىكەت ئۈتۈپ كىتىپتىمەن،خۇددى سەكسەن ياشلىق مۇمايدەك قەدەملىرىمنى ئېغىر يۈتكەپ ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم،ئادەتتە ئۆيگە كەلسەم ئېرىنمەي كەچلىك تاماق ئېتەتتىم،بۈگۈن كەيپىياتىم ئانچە ياخشى ئەمەس،قورسىقىم ئاچقاندەكمۇ ئەمەس،ئۆيگە كىلىپ ياتاق ئۆيۈمگە كىردىم،ئۆزەم ياخشى كۆردىغان چوڭايتىلغان نەچچە پارچە سۈرىتىم ئىسىقلىق ئىدى،رەسىملىرىمگە قاراپ ئىسىمنى يىققاندەك بولدۇم،ئۆزەم ياخشى كۆردىغان ناخشىلارنى قويۇپ،ئۆي رەتلەشكە باشلىدىم،ئوسۇللۇق ناخشىلار چىقىپ قالسا ياخشى كۆردىغان ئوسۇل ھەرىكەتلىرىنى قىلغاچ ئۆينى رەتلەپ بولدۇم،قورسىقىم ئاچقاندەك قىلدى،سېرتقا چىقىپ تاماق يىمەكچى بولۇپ،ئۆي ئىچىگە بىر قۇر ئەتىر چىچۋىتىپ سېرتقا چىقىپ كەتتىم........قايتىپ كىرسەم ئۆي ئىچى شۇنچىلىك خوشبۇي بولۇپ،بىر كۈنلۈك ھاردۇقۇم چىققاندەك ھىس قىلدىم،تېلۋىزورنى ئاچسام ھىلىقى مەن ياخشى كۆردىغان كىنونى قويغىلى تۇرۇپتىكەن،خىياللىرىم كىنو ۋەقەلىكىگە سىڭىپ ئوخلاپ قالغىنىمنىمۇ ئوقمايلا قاپتىمەن......... EJaGz\\  
        شۇنداق قىلىپ تۇرمۇشۇم يەنە بىر خىل رىتىمغا چۈشۈشكە باشلىدى،خىزمىتىم يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى،ئونىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا ۋاقتىم يوق ئون نەچچە كۈن ئۈتۈپ كەتتى،كىيىن ئادەتتىكى پارىڭىمىز قايتا باشلانغىلى تۇردى،ئومۇ ئۇ ئىشلار تۇغۇرلۇق قايتا گەپ ئاچمىدى،نورمال،ئادەتتىكەك خىزمەت توغۇرلۇق  پاراڭ قىلىشاتتۇق،يەنە بىللە چايخانىغا كىرەتتۇق،لىكىن ئۇ ئۆزگەرگەندەك قىلدى،باشقىلارنىڭ ماڭا نىمە  دەپ ئوچۇر قىلىشى بىلەنمۇ كارى بولمىدى،مەنمۇ كۈڭلۈمدە  ‹خۇداغا شۈكرى› دەپ يۈردۈم،شۇ تەرىقىدە ئارلىقتىن 2 ئايدەك ۋاقىت ئۈتتى،تۇيۇقسىز يەنە ماڭا تولا تېلفون قىلدىغان بولىۋالدى،چۈشلۈك،كەچلىك ۋاقىتلاردا تېلفون قىلىپ،تاماق يىگەن يىمىگىنىمنى سورايتتى،بەزىدە تېلىفون ئارقىلىق ماڭا ناخشا سوۋغا قىلاتتى،ھەتتا بەزىدە كەچلىكى تېلىفون پاراڭلىشىپ قالساق سائەتلەپ گىپىمىز تۈگمەيتى،مەن: }x(Ewr  
_ خوش،بولدى،ئارام ئېلىڭ،ئەتە ئىككىلىمىز ئىشلەيمىز. #bmbK{[   
شۇنداق دىمىگۈچە قويمايتتى،بىر كۈنى تېلفوندا ئوچۇر قىلىپتۇ. $i"IOp  
_ياخشىمۇ سىز،ئىشلەۋاتامسىز؟چارچىغانسىز ھە؟مەن چۈشتىن كىيىن تۆت يېرىم بىلەن ئۈرۈمچىگە يىتىپ باردىغان بولدۇم.سائەت 2 يېرىمنىڭ ئايروپىلان بىلىتىنى سېتۋالدىم،ھىلى  ئۇچىدۇ،بارغاندا كۆرىشىلى. ,B,:$G<  
ئوچۇرنى كۆرۈپ داڭ قىتىپ تۇرۇپلا قالدىم،نىمانداق تۇيۇقسىز،مەن ئونىڭ بىلەن بۇرۇندىن تۇنۇشۇپ،بىلىشسەممۇ ئارلىقتىن نەچچە يىل ئۆتۈپ،قايتا يەنە كۆرۈشۈپ قىلىشىمىزنى ئويلاپ ھەيرانلا قالدىم.تېلفونۇمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپلا قاپتىمەن،خىزمەتدىشىم: H rI(uZ]  
_ئالىيە،نىمە بولدى؟خيالغا چۈكۈپلا كىتىپسىزغۇ؟ a}5/?/  
_كۆرۈشمىگىلى نەچچە يىل بولغان دوستۇم كىلدىكەن،شۇڭا....... EN;4EC7tE  
cs7K^D;.V  
___ /5"RedP<  
|0xP'(  
%hN7K  
lnv&fu`1P  
R7 ^f|/l  
yt1dYF0Xq  
خىزمەتدىشىم: L)9uBdF  
_ھە...ۋاي ئىشەنمەڭ،بۈگۈن يالغان ئېيتىش بايرىمى... UaXWHCm`  
ھە ئەسلىدە مۇنداقكەندە ،ئونىڭغا پەقەت چاندۇرماي: .9@y*_ 9  
_ ياخشى بوپتۇ،قارشى ئالىمەن،دەپ ئوچۇر قايتۇردۇم. p61F@=EL  
_ھەي كالۋا،چاقچاق قىلدىم،بۈگۈن يالغان ئېيتىش بايرىمى،ھى ھى ھى.. H/$oGhvl  
    شۇنداق قىلىپ كۈنلىرىم يەنە نورمال،بورۇنقىدەك ئۆتىۋەردى،كاللامدا ئارتۇق خىيالمۇ يوق.ئارلىقتىن بىر مەزگىل ئۆتتى،QQ غا ئوچۇر قىپتۇ،مەزمۇنى شۇنداق قىسقا: V~]&1  
_ئالىيە مەن سىزگە دېگەن گەپنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ،بولسا مېنى نا ئۈمىدتە قويمىسىڭىز.سىزنى ياخشى كۆرىدىغان مەرداندىن. k`NXYf:  
ئۇچۇرنى كۆرۈپ خىيالىم يەنە تەتۈر پىقىرغىلى تۇردى.‹بۇ زادى نېمە ئويۇن ئويناۋاتقاندۇ؟.....ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇش پىلانىنىمۇ يازغان ئىدى،تىلفوندا پاراڭلاشساقمۇ بۇ توغۇرلۇق شۇنداق جىق گەپلەرنى دەيتى......ئاخىرى تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم،شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز دوستلۇقتىن ھالقىپ مۇھەببەت باسقۇچىغا قەدەم قويدى،كۈنلىرىم بۇرۇنقىدىنمۇ كۈڭۈللۈك،ماڭا شۇنداق كۈيۈنەتتى،ئونىڭ يىنىدا بولغان بولسام شۇنچىلىك قىلا بولغىيتى،ئىشقىلىپ مىنىڭ بۇ شەھەردە يالغۇزلىقىمنى پەقەت چاندۇرمايتى،مەنمۇ ئونى ياخشى كۆرۈشكە باشلىغان ئىدىم،بىرە كۈن تىلفون ياكى ئوچۇر قىلمىسا،QQ دا كۆرۈنمىسە سېغىندىغان،ئاۋازىنى ئاڭلىغىم كىلدىغان،بىلىپ بىلمەي رەسمىگە قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇردىغان،تېلفون قىلسا نىمىشكە يوقاپ كەتكەنلىكنى سوراپ قىيدايدىغان بولۋالدىم،دىمىسىمۇ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا ئۆزەم سېغىنساممۇ تېلفون قىلىپ ئاۋارە قىلغۇم كەلمەيتى،شۇ تەرىقىدە ئىككىمىز ئىككى شەھەردە تۇرۇپ يېرىم يىل ۋاقىت ئۆتتى. npMPjknl  
_ جىنىم،نىمە قىلۋاتىسەن،تاماق يىدىڭمۇ،سىنى بەك كۆرگۈم كەلدى،.QQ دىن ئوچۇر كەلدى. ,nSapmg  
ئىشخانىدا باشقا ئىش يوق مۈگدەپ ئوخلاپ قالاي دەپ ئولتۇرغاندا بۇ ئوچۇردىن بىراقلا جانلىنىپ كەتتىم. bj7r" _  
_جېنىم،مېنىڭمۇ سېنى كۆرگۈم كەلدى،ھە تاماق يەپ بولدۇم،سەنچۇ؟(بىر بىرىمىزنى بىلىپ بىلمەيلا سەنلىشىپ ئۈگۈنۈپ قاپتۇق).  wkKSL  
_ھە،مەنمۇ يىدىم،ھە راست كىلەر ھەپتە ئۈرۈمچىگە باردىغان بولدۇم.سەن بىلەن ئاخىرى كۆرىشىدىغان بولدۇم.... #BwOWra  
شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتتىم،قاچان ئۆتە بۇ ھەپتە دەپ تەققازالىق بىلەن كىلىشنى ساقلىدىم،ھازىر ئونى تىخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم،ئاخىرى كۈتكەن كۈنمۇ كەلدى. ];*? `}#  
_ جېنىم،ئايروپىلان ئۇچۇش ئالدىدا،بىر يېرىم سائەتتىن كىيىن ئۈرۈمچىگە چۈشىمەن،سىنى سۆيىمەن. gp NAM"  
يۈرىكىم قىپىدىن چىقىپ كىتەيلا دىدى،بىر يېرىم سائەت ماڭا بىر يېرىم يىلدەك بىلىندى... aPm2\Sq$  
ئايرودورۇمدا ئادەملەر شۇنداق جىق،كۆرسەم تونامەنمۇ،ئۇ ماڭا دىگەن ئىدى. C^7M>i  
_ سەن تونالمىساڭ مىنىڭ يۈرىكىم سىنى تونۇيدۇ. b_']S0$c\  
......قارىسام چىقىش ئېغىزىدا ئادەملەر شۇنداق جىق،توپ ئادەملەر ئارسىدىن مەردان كىلىۋاتاتتى،يۈگۈرۈپ ئالدىغا باردىم،مىنى چىڭ قوچاقلىۋالدى،تاس قالدىم يىغلاپ تاشلىغىلى،كۆزۈمگە ياش كەلدى بولغاي. WP >VQZ&  
_ نىمە بولدۇڭ،خوش بولماي يىغلاۋاتامسەن؟ !'*1;OQ  
_ خۇشاللىقىمدىن... _:+  k|I  
_ ئەخمەق،دەپ بۇرنىمنى تاەرتىپ قويدى،تاكسىغا ئولتۇرۇپ شەھەر ئىچىگە قاراپ ماڭدۇق. jf=\\*64r4  
_ ئوزۇن بوپتىكەن كەلمىگىلى،بۇ شەھەر ھەجەپ ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ؟لىكىن سەن ئۆزگەرمەپسەن،يەنىلا شۇنداق ئوماق،چىرايلىق تۇرۇپسەن... Ir6g"kwCKq  
شەھەر ئىچىگە كىرىپ تاماقخانىغا كىرىپ تاماق يىدۇق،تاماق سىڭدۈرگەچ كوچا ئايلاندۇق،يولدا ھەممەيلەن بىزگە ھەۋەسلىنىپ قاراۋاتقاندەك.... LTcZdQd$  
ئىگىز پاشنىلىق ئاياق كىيۋالغاچقىمۇ پۇتۇم سەل ئاغرىپ،بىئارام بولغاندەك بولدۇم،بۇنى سەزدى بولغاي،قەھۋاخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇق،تويۇقسىز سومكىسىدىن بىر بولاقنى ئالدى. 91M5F$  
_ كۆزۈڭنى يومغىن. (w-@b 70E  
.......كۆزۈمنى ئاستا ئاچتىم،ئالدىمدا بىر جۈپ يۈرەك شەكلى چۈشۈرۈلگەن خىرۇستال بولاپكا. 5G l:jRu  
_ توغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن. :(#5%6F  
راستىنى دىسەم مەن ئادەتتە توغۇلغان كۈن دىگەنلەرگە ئانچە ئېتبار بېرىپ كەتمەيتىم،بۇ قىتىم راستىنلا يىغلاپ تاشلىدىم،بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولسام كېرەك.....پاراڭلاشىپ ئولتۇردۇق،سائەت 9 غا ئاز قاپتۇ،ئەتىدىن باشلاپ تەربىيلىنىشكە قاتنىشاتتى،ئونىڭغا بالدۇر ئارام ئېلىشنى ئېيتىپ،بىر بىرىمىزگە قىيمىغان ئاساستا خوشلاشتۇق....... y\ax?(z  
     ئونىڭ ئۈگۈنۈش ۋاقتىمۇ توشۇپ،قايتىدىغان كۈنى كەلدى،ئايدورومغا چىقىپ ئونى ئۇزۇتۇپ قويدۇم... `_!R;f  
   كىيىنكى كۈنلىرىم يەنە تېلفوندا،توردا پاراڭلىشىش بىلەن ئۆتتى،بىر بىرىمىزگە بولغان،ياخشى كۆرۈش،سېغىنىش كۈنسىرى كۈچەيگىلى تۇردى،بىر كۈنى ماڭا ئوچۇر قىپتۇ. i=jY l  
_ جىنىم ئالىيە،ساڭا دەيدىغان مەسلىھەت باتتى،بورۇنقى ئايالىمدىن بولغان ئوغلۇم بار ئىدى، بۇ يىل ئۈچ ياشقا كىردى،ناۋادا بىز توي قىلىپ قالساق ئونى قوبۇل قىلاسەنمۇ؟ lQ#='Jqfp  
شۇنچىلىك ۋاقىت پاراڭلىشىپ،ئارلىشىپ بۇ توغۇرسىدا گەپ قىلمىغان بولغاچقا ماڭا بەكلا تويۇقسىز بىلىندى،گەرچە ئۆزەم كىچك بالىغا ئامراق بولساممۇ...قانداق قىلسام بولا،ئونى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن ،ماڭا ئۇ ئىش ھىچقانداق بىلىنمىدى. Ca ?d8  
_ ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمەن،سىنى ياخشى كۆرگەن يەردە ئوغلۇڭنى ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىمەن،بىلىسەن كىچىك بالىغا ئامراقلىقىمنى....  
   بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ يەنە ئۈرۈمچىگە كەلدى.بۇ ئونىڭ تەكلىپى قوبۇل قىلىپ بىر يىل بولغان ۋاقىت ئىدى.ئۇ ئەسلى دادىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.ئۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇ دوختۇرخانا ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا تىلفوندىلام ئالاقىلىشىپ يۈردۇق،كىيىن دادىسىنىڭ ئوپراتسىيەگە چۈشىدىغان ئىش بولۇپ ئائىلىسىدىكلەر كەلگەن ئىدى.....چوڭلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئولارنى يوقلاپ قويۇش خىيالىدا قانداق قىلسام بولا دەپ ئوقماي ئونىڭغا دىدىم(ئەسلى مەن خىجىل بولغان ئىدىم،گەرچە يوقلاشقا تىگىشلىك بولسىمۇ...). q``:[Sz  
_مەردان،قانداق قىلسام بولا،باراي دىسەم خىجىل بولمەن،بارمايمۇ يا؟ uLSuY}K0  
_ باغۇڭ بولمىسا مەيلى.  بۇ گەپنى خىلى خاپىلاپ دىگەن ئىدى. \WxBtpbQ B  
ئۇ ئەتە مەن ئىشتىن چۈشكەندە دوختۇرخانىغا باشلاپ باردىغانلىقىنى ئىيتتى. </D )i  
شۇنىڭ بىلەن بېرىشقا تەييارلىق قىلىپ بولۇپ ئونىڭغا تىلفون قىلدىم،ئۇ ماڭا قايسى بىنا،قايسى ياتاق ھەممىنى ئىنىق دەپ بەردى. ##nC@h@  
   يولغا چىقىشىمغا قاتتىق يامغۇر يىغىپ كەتتى،كۈنلۈك ئىلۋىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تاكسى توسۇدۇم.... J$i.^|hE/  
     ياتاق ئىشىك ئالدىغا بېرىپ،ئاستا ئىشىك چەكتىم،ئىشىكنى مەردان ئاچتى. ;),vUu,k  
_ كەلدىڭمۇ؟ d fSj= 4  
بىر خىل جىددىيلىشىپ كەتتىم،قولۇمدىكى نەرسىلەرنى ئالدى،چوڭلار بىلەن ھال ئەھۋال سوراپ بىردەم ئولتۇردۇم،قايتىماقچى بولۇپ تۇرسام يامغۇر توختايدىغاندەك ئەمەس تىخىمۇ قاتتىق يىغىپ كەتتى. (e4 #9  
_ قىزىم،بىردەم ئولتۇرۇڭ،بۇنداق قاتتىق ياققان يامغۇر بىردەمدە ئۈتۈپ كىتىدۇ. Y6m:d&p=}  
دىمىسىمۇ بەش مىنوت ئۆتە ئۆتمەي يامغۇر پەسلەپ ھاۋا ئىچىلىشقا باشلىدى.ئولار بىلەن خوشلۇشۇپ ياتاقتىن ئايرىلدىم.... jmF)iDvjuZ  
20 كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت ئوتۇپ ئولار يۇرتىغا قايتتى،تىلفوندا ئالاقىلىشىپ يۈردۇق......ئارلىقتا ئالاقمىز سوسلىشىپ قالغاندەك بولدى،ئونىڭ دىيىشىچە بىجىردىغان ئىشلىرى جىقكەن،توغرا چۈشۈنىشىمنى ئېيتتى. .JV y}^Q\  
  بىر كۈنى تىلفون قىپتۇ.ئەھۋالدىشىپ ئارلىقنى بىردەم جىمجىتلىق باسقاندىن كىيىن: avW33owb@  
_ ئالىيە ساڭا دەيدىغان،مۇھىم گەپ بار،مىنىڭ سەن بىلەن توي قىلىش پىلانىم بار،لىكىن نىمە دىسەم بولا....ئېغىر تىندى. ~>XqR/v  
_ نىمە بولدى،ئىنىق دىگىنە. Wpc8T="q  
_ شۇ.. شۇ نىمە دىيىشىمنى ئوقمىدىم. Ho1V)T>  
_ ۋاي نىمە ئىشتى،ئىنىق دىمەمسەن؟ eV j7%9  
_ راستىنى دىسەم مەن تىخى ئايالىم بىلەن رەسمى ئاجرىشىپ بولالمىغان،ئەڭ ئاخىرقى كىلىشىمگە ئىمزا قويدىغان ئىش قالغان ئىدى،ئۇ پەقەت قول قويغىلى ئونمايۋاتىدۇ؟سەن دىگىنە قانداق قىلاي؟... /rHlFl|Wy  
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ماڭا يەر جاھان تەتۈر چۆرگىلگۋەتقاندەك بىلىندى،يا يىغلىشىمنى يا كۈلۈشىمنى بىلمەي تورۇپلا قالدىم. Nka 3H7 `  
_ نىمە؟! سەن ماڭا ھەقىقى ئەھۋالنى بۇرۇن نىمىشقا دىمەيسەن،مەن ھەرقىتىمدا سىنىڭدىن نىمىلا ئىش بولسا يوشۇرماسلىقنى دەپ كەلدىم. }6gum  
_ جىنىم،مەن سەندىن ھىچنىمىنى يوشۇرمىدىم،بورۇندىن ساڭا دىگەنلىرىم ھەممىسى راست،پەقەت،مۇشۇ..... ~ 1~|/WG  
_ پەقەت؟ يەنە نىمە پەقەت،يەنە نىمە دىسەڭ بولاتتى،بولسا ھازىرمۇ دىمەي ئۆتكەن بولساڭ ياخشى بولاتتى شۇنداقمۇ؟....ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم.ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەن ئىدى.گەپ قىلماي تىلفوننى قويۋەتتىم.ئارقا-ئارقىدىن تىلفون ئۇرۇۋەردى،ئالمىدىم... 9I(00t _  
.......ئىھ ئاللاھ،ماڭا نىمشكە بۇنداق ئازاپلارنى سالدىغانسەن،نىمىشكە بۇنداق چاقچاق ماڭا ئوچرايدۇ،تۇنجى مۇھەببەتتىن ئېرىشكەنلىرىم يىتىپ ئاشاتتىغۇ!!!!!.....ياتاق ئۈيۈمدە ئاۋازىمنى قويۋىتىپ يىغلىدىم.ئاسماندىكى تولۇن ئاي يۈزىنى قارا بولوتلار قاپلاپ يامغۇر يىغىشقا باشلىدى،مىنىڭ كۆز يىىشىم يامغۇرغا ئەگىشىپ تىخىمۇ يىغا تۇتتى......قانداق قىلىپ ئوخلاپ قالغىنىمنى ئوقمايمەن،كۆزۈمنى ئاچسام تاڭ ئىتىپ سائەت 8 بولۇپتۇ.   L~C:1VG5  
  ئەينەككە قارىسام كۆزلىرىم ئىششىپ تاس قالدىم ئۆزۈمنىمۇ تونالمىغىلى.بىششىم قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى.ياتاق ئۈيۈمدىكى ئىسىقلىق رەسمىمگە قاردىم،ئۇ مىنىڭ مۇھەببەت يولىغا قەدەم قويمىغان ئەڭ سەبى ۋاقىتلىرىم ئىدى.‹ شۈكرى ئاللا...› ئۆز -ئۆزۈمگە بىچىرلىدىم،بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتە... nO#x "  
  بۈگۈن دەم ئىلىش بولغاچقا،سىرتقا چىقاي دىسەم ھالىتىم شۇنداق ناچار،ئونىڭ دىگەنلىرى توغۇرلۇق ئويلاندىم،ئەڭ ياخشىسى بۇ يولدىن چىكىنىش قارارىغا كىلىپ،ئونىڭ QQ سىغا سۆز قالدۇرۇشقا باشلىدىم. |,tKw4  
_ مەردان،مەن كۆپ ئويلاندىم،گەرچە سىنى ياخشى كۆرسەممۇ يەنىلا سەندىن ئايرىلىشنى توغرا تاپتى،ئىلگىرى ئاجراشقان دىگەن ۋاقتىڭدا يىنىشۋىلىش يولى بولسا ئايالىڭنى قايتۇرۇپ ئەكىلۋالغىن،دىگەن لىكىن سەن قەتئى مومكىن بولمايدىغانلىقىنى،ئونىڭ مىجەزى ئوسال،ئويدىكلەرمۇ ياختۇرمايدۇ دەپ بو تۇغۇرلۇق گەپ قىلماسلىقىمنى كىيىنكى ياخىشى كۈنلىرىمىزنى ئويلىشىمنى دىگەن ئىدىڭ،ئەمما ھازىر  ئەھۋال تۈپتىن ئوخشاشمايدۇ،بىرىنچىدىن تىخى ئاجراشماپسەن،ئىككىنچىدىن  ئەڭ مۇھىمى ئوتتۇرلۇقتا بالا باركەن،ئونىڭ ئۈستىگە ئايالىڭمۇ ئاجرىشىشقا قوشۇلماي تىخىچە ئىمزا قويماپتۇ،ئەڭ ياخشىسى سەن شۇ بالاڭ ئۈچۈن بولسىمۇ قايتىدىن ئائىلە مۇناسىۋىتىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشقىن.بىز ئايرىلىپ كىتەيلى،خەير ساڭا بەخىت تىلەيمەن. 7"1]5\p^g  
......بۇ خەتلەرنى يېزۋاتقان ۋاقتىمدا ئاللىبورۇن كۈزۈمگە ياش تولۇپ ئىكراننى ئاران كۆرۋاتقان ئىدىم.كۈڭلۈم تىخىمۇ يېرىم بوولۇپ كەتتى،لىكىن ئونىڭغا ئائىلىنى ساقلاپ قىلىش،بالىنى يىتىم قىلماسلىقنى دىگەنلەرنى يازغان ۋاقىتتا شۇنداق يىنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم.....شۇنداق قىلىپ ئونىڭ ئۈچۈن سوقۋاتقان يۈرىكىمنى قاتتۇرماقچى بولدۇم.ئونىڭ ئۆيگە تىزىپ قويغان رەسمى،كومپىيوتوردىكى ساقلىغان رەسىم،تىلفونومغا ھەرقىتىم ئونىڭدىن تىلفون كەلگەندە چىقىدىغان سۈرىتى،ئىشقىلىپ ئونىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەممىنى يىغۇشتۇردۇم.مۇھەببەتتىكى بۇ قەدىمىمنى توختىتىپ پەقەت خىزمەتنى،ئائىلىدىكلەرنى ئۆزەمگە ھەمرا قىلماقچى بولدۇم،دوستلىرىمدىن يىراقلاشتىم،ئىشقىلىپ بۇ دۇنيادا پەقەت ئۈزۈمنىلا قالدۇرۇشنى ئويلىدىم. /0Mt-8[  
........... e'->Sg  
_ ئالىيە،مەن سەندىن قەتئى ئايرىلمايمەن،سىنى ياخشى كۆرىمەن،سەن مىنى بۇنداق تاشلاپ كەتسەڭ بولمايدۇ،ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلساڭ بولمايدۇ......جىنىم ئۈتۈنۈپ قالاي،مىنى كەچۈرگىن ساڭا شۇ ئىش توغۇرسىدا راست گەپ قىلمىغانلىقىمنى كەچۈرگىن،لىكىن مەن ئونىڭ بىلەن چوقۇم ئاجرىشىمەن،مىنى ساقلىغىن،ماڭا ۋاقىت بەرگىن،سىنى سۈيىمەن..... ^bq,+1;@Q  
_ ئىھ ئاللا قانداق تەڭشەلمىگەن جاھان،قانداق قىلىشىم كېرەك،ساقلىشىم كىرەكما؟ بىر ئانا،بىر دادا،ئەتىۋا بىر بالا بولغان ئائىلىنى پارچىلنىپ كىتىشىنى ساقلىشىم كىرەكما؟ مەن ئونچىلىك رەزىلشىپ كەتمىگەندىمەن،گەرچە مۇھەببەت شەخسىيەتچى بولسىمۇ مەندىكى ئىنسانى غورور نەگە كىتىدۇ،ياق خاتالاشماسلىقىم كېرەك،مەن چوقۇم چىكىنىپ چىقىشىم كىرەك. rU6A^p\,  
_ ياق مەردان،سىنى ساقلىشىم مۇمكىن ئەمەس،مىنى ئونۇتقىن،بونىڭغا ئامال يوق.چوقۇم سەن ئائىلەڭنى بەختلىك قىلىشڭ،مەسئول بولىشىڭ كىرەك. kn/xt  
ئايالىڭمۇ ماڭا ئوخشاش قىز،كۈنلەر ئۈتۈپ ئۆتنە جاھان ماڭا كەپ قالسا ياخشى ئەمەس.بولدى ئالاقىلاشمايلى. wNU;gz  
شۇنداق قىلىپ ئونى QQ دىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋەتتىم.. VOIni<9y  
بىر  مەزگىللەر ئۆتتى،كۈندە دىگۈدەك تىلفون ئوچۇر، ئونىڭ شۇنچىلىك ئازاپلىنۋاتقانلىنى ھىس قىلدىم،لىكىن مەندە نە چارە،ئونى ئونتۇشقا تىرىشتىم،پۈتۈن دىقىتىمنى خىزمەتكە ئاتىدىم،ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ ھېرىپ ئوخلاپ قالاي دىگەندە ئويگە قايتتاتتىم،كىلىپلا ئوخلايتىم،كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۈتىۋەردى،لىكىن ئونتاي دىگەنسىرى ئونىڭغا بولغان سىغىنىش،مۇھەببەت تىخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.مىجەزىم ئۆزگىرەپ بىر ئىشلارغا ئاسان  يىغلايدىغان،ئونۇتقاق بولۇپ قالدىم.ھەتتا بەزەن كۈنلىرى ئىشخانىدا قونۇپ قالدىم،كۈنلىرىم ئۈتىۋەردى،تىلفون قىلسىمۇ ئالمىدىم،لىكىن كىين ئۈزۈمنىڭ شۇنچىلىك تىلفون قىلىپ ئاۋازىنى ئاڭلىغۇم كەلدى،ئاخىرى چىدىماي تىلفون قىلدىم،تونجى قىتىمدا ئالماي بىسۋىتىپ كىيىن قايتۇردى،ئەھۋالداشتۇق،ئارتۇق گەپ سۆزمۇ قىلماي ئالدىراپ خوش دەي قويۋەتتىم،بارا-بارا پۈتۈنلەي ئونتۇشقا باشلىدىم،ئادەتتە ئونىڭ نومۇرى بىلەن مىنىڭ نومۇرۇمنىڭ ئاخىرقى 4 خانە نومۇرى ئوخشايتى،مەن بو نۇمۇرنى ئالاھىتەن تاللاپ سېتۋىلىپ ئىشلەتكەن ئىدىم..... GWv i  
      خىلى بىر مەزگىللەر ئۆتۈپ QQ غا بىر نومۇر قوشۇلدى،ئەھۋالداشتىم روزا ھىيت مەزگىلىغۇ دەيمەن. g>l+oH[Tv|  
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،روزا ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. wD4[UU?  
_ ۋەئەلەيكوم ئەسسالام،رەھمەت بىرگە بولسۇن.  0T^ 0)c  
_ ئىسمىڭىز نىمە؟ Ks<+@.DLTu  
_ قەدىريە،سىزنىڭچۇ؟( يالغان ئىيتقان ئىدىم،مۇشۇ ئىشتىن كىيىن توردا قەتئى بىرسى بىلەن سەمىمى پاراڭلاشماسلىقنى ئويلىغان ئىدىم) EWQLLH"h  
_ قەيەردىن؟ ~@(C+3,  
_ مايتاغدىن.سىىزنىڭ ئىسمىڭىز نىمە؟ \+=`o .2  
_ مەرداننى تونۇمسىز؟ *+nw%gZG  
_ قايسى مەردان؟ g>k?03;  
_............ w)B ?j  
_ ھە تونۇيمەن. -y{(h% 6  
_ قانداق تونۇيسىز؟ *,IK4F6>:  
_ بورۇندىن تونۇشاتتۇق،كىيىن توردا يەنە ئوچرىشىپ قالدۇق،ئوغۇل دوستۇمتى. r)OiiD"  
مەردان توغۇرلۇق قەتئى يالغان ئىيىتقىم كەلمىدى،راستىنى دىسەم مەيلى توردا،مەيلى ئەمىليەتتە پەقەت يالغان سۆزلىيەلمەيتىم. e<*qaUI  
_ ھۇ،پاسكىنا،رەسۋا،خىجىل بولماي ئوغۇل دوستۇم دەيدا،تىخى ئۆزىنى مايتاغلىق دەيدۇ.سەن ئىسمىڭ ئالىيە،ئۈرۈمچىدىنغۇ. vB}c6A4'U  
بۇ  سەت گەپلىدىن تىنىم شۈركىنىپ كەتتى،قەتئى سەت گەپ قىلالمايتىم،ئادەم تىللىيالمايتىم.گەرچە قارىشى تەرەپ مىنى تىللىغان بولسىمۇ تىلاشقا تىلىم بارمىدى. O6vxp?:^  
_ چىرايلىق گەپ قىلىڭ،كىمنى تىللاۋاتىسىز؟ 0{ ~2mggh  
_ سىنى تىللاۋاتىمەن پاسكىنا رەسۋا،جالاپ،بىر ئوبدان ئائىلنى بوزۇپ نىمە ئىش قىلاتتىڭ،ساڭا ئەر چىقمىغانما؟ بوزۇق...... @0]WMI9B"B  
بۇ گەپلەردىن بىششىم پىقىراپ كەتتى،ھاياتىمدىكى تونجى قىتىم ئاڭلىغان ئەڭ سەت تىللار ئىدى.بۇ گەپلەر شۇنچىلىك ئېغىر كەلدى.ئەسلى بۇ مەرداننىڭ ئايالىنىڭ QQ سى ئىدى. %ek0NBE7  
_ توغۇتىڭدا قىينىلىپ ئۆلەسەن،رەسۋا..... O5Z9`_ 9<  
_ ...................... [0aC]XQZ  
ئىشقىلىپ ئادەم تىللايدىغان سەت گەپنىڭ ھەممىنى يىغۋالغانمۇ توختىماي تىللىغىلى توردى،ھىچقانداق ئوچۇر قايتۇرمىدىم. t$wbwP  
ئاخىرىدا توختىغاندىن كىيىن چىدىماي: 4d cm)Xr  
_ خانىم،كىم سىزنىڭ ئائىلىڭىزنى بوزۇپتۇ؟ مەن نىمە ئىش قىلىپتىمەن،بېرىپ يولدىشىڭىزدىن سوراڭ.... X^K^az&L  
شۇنداق دەپلا QQ نى ئىتىپ ئۈزۈمنى تۇتۋالالماي يىغلاپ كەتتىم،ھەقىقەتەن ھار كەلدى،دوسلىرىم،خىزمەتداشلىرىم ئىشقىلىپ مىنى بىلدىغانلا كىشىلەر مىنىڭ ئەخلاقىمنىڭ ياخشىلىقىنى ماختاپ،كەلگۈسىدە توي قىلىسام چوقۇم ياخشى ھەمراھقا ئوچرىشىمنى تىلەپ كەتكەنتى،ئەجىبا مەن بۈگۈنكى كۈندە q7f`:P9~  
‹رەسۋا... ... ...لار  ئاتىلىپ ئۈچىنچى شەخىسكە ئايلىنىپ قالدىمما؟.......ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ يىغلىدىم،شۇنچىلىك قاتتىق يىغلىدىم،سىرتتا ھاۋا گۈلدۈرلەپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.يۈگۈرگەن پېتى سىرتقا  چىقتىم،ئاسمانغا قاراپ يەنە ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ ۋاقىردىم: ,[zSz8R  
_ ئاھ  خۇدا،نېمە دېگەن تەڭسىزلىك،ماڭا نېمىشقا بۇنداق چاقچاق قىلدىغانسەن،مېنى شۇنچىلىك كۆتۈرۈشلۈك كۆردۈڭمۇ؟ ..... RL/y7M1j  
    كۆز ياشلىرىم توختىماي ئېقىشقا باشلىدى، يەردە ئېقىۋاتقان يامغۇرغا قوشۇلدى... u[Kz^ga<  
مەردان،ساڭا بەخىت تىلەيمەن. F8"J<VJ7  
}7(+#ISK6  
l`ZL^uT  
مەنبە: ئۆزۈم
[ بۇ يازما Misranim2 تەرپىدىن 2011-07-20 09:51 AM دە ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-20, 09:59
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 8 پارچە مۇنبەر پۇلى +734
زامانى مۇنبەر پۇلى +333 08-14 二手 قىزنىڭ ھېكايىسىنى يېزىپسىز...
kulayman مۇنبەر پۇلى +1 07-27 ياخشى چىقىپتۇ!
uyghurnisa مۇنبەر پۇلى +1 07-22 شۇنداق رىيال تۇرمۇش ئەكىس  ئتتىپتۇ
菊花的梦 مۇنبەر پۇلى +50 07-20 -
nazila998 مۇنبەر پۇلى +50 07-19 -
lazzat مۇنبەر پۇلى +100 07-19 -
gulbar5 مۇنبەر پۇلى +100 07-19 كۆڭلڭىزمۇ  خىلى  بوشاپ  قالغاندۇ؟
Eltekin مۇنبەر پۇلى +99 07-19 ياخشى ئاخىرلىشىش
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
قىز-ئاياللار ئۆزىنى ھۆرمەتلەشنى،ئۆزىگە ئىشىنىشنى،ئېرادىلىك بۇلۇشنى ئۆگۈنۋىلىشى كېرەك،مۇشۇنداق بولغاندا ھەقىقى گۈزەل بولغان بولىدۇ
Eltekin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1424

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1849 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   281 (سوم)
 ياخشى باھا:   1216 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1529  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8494
 سائەت
دەرىجىسى:
8494 سائەت 106 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-09-19
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-19

    ئەسىرىڭىزنىڭ بۇ بۆلىكىدە «مەن»گە چوڭقۇر ھۆرمىتىم قوزغالدى. بارلىق قىز-ئاياللارنىڭ، يىگىت، ئەرلەرنىڭ مۇشۇ نۇقتىنى دائىم يادتا تۇتىشىمىزنى تىلەيمەن ! #1E4 R}B  
\99'#]\_/E  
.... .... .... h<3b+*wYJC  
ئىھ ئاللا،  قانداق تەڭشەلمىگەن جاھان،قانداق قىلىشىم كېرەك،ساقلىشىم كىرەكما؟ بىر ئانا،بىر دادا،ئەتىۋا بىر بالا بولغان ئائىلىنى پارچىلنىپ كىتىشىنى ساقلىشىم كىرەكما؟ مەن ئونچىلىك رەزىلشىپ كەتمىگەندىمەن،گەرچە مۇھەببەت شەخسىيەتچى بولسىمۇ مەندىكى ئىنسانى غورور نەگە كىتىدۇ،ياق خاتالاشماسلىقىم كېرەك،مەن چوقۇم چىكىنىپ چىقىشىم كىرەك. 7V::P_aUY  
_ ياق مەردان،سىنى ساقلىشىم مۇمكىن ئەمەس،مىنى ئونۇتقىن،بونىڭغا ئامال يوق.چوقۇم سەن ئائىلەڭنى بەختلىك قىلىشڭ،مەسئول بولىشىڭ كىرەك. f|B\Y/*X  
ئايالىڭمۇ ماڭا ئوخشاش قىز،كۈنلەر ئۈتۈپ ئۆتنە جاھان ماڭا كەپ قالسا ياخشى ئەمەس.بولدى ئالاقىلاشمايلى. 2[`n 
.... .... ....
W`9{RZ'  

قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى،قورققىنى ئەمەس.         — ئەلتېكىن
1670154432
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43241

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   907 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6252 (سوم)
 ياخشى باھا:   1245 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   744  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2758
 سائەت
دەرىجىسى:
2758 سائەت 232 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-09-14
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-19
ئاپتور(sulgangul) نىڭ تېمىسىغا

مەن ئەسەرنىڭ بېشىنى كۇرمەپتىكەنمەن ،قارغاندا خېلى ياخشى چىققان ئەسەردەك قىلدۇ ، ئېغىر كۇرمەي ،1،2،3  قىسىملىرنىڭ ئادىرسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭز.
ZaRRin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3200

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   157 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6263 (سوم)
 ياخشى باھا:   233 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 201
 سائەت
دەرىجىسى:
201 سائەت 69 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-02
ئاخــىرقىسى:2011-09-19
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-19

ئاخىرى يېزىپسىزدە~~~~ Dh}d-m_ 5  
بەك ساخلىغانتۇق جۇمۇ~~~ k]-Q3 V  
ئوقۇپ خېلى ھاردۇقۇم چىقىپ قالدى ~~~~ 2Kr8#_) 0  

باشقىلار سۆزمەنلىگى بىلەن ماختانسا سەن سۈكۈتۈڭ بىلەن ماختان ~~~
taghrim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4101

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   213 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9560 (سوم)
 ياخشى باھا:   1025 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1491  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 157
 سائەت
دەرىجىسى:
157 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-16
ئاخــىرقىسى:2011-08-14
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-19

رھمەت سىزگە خىلى ياخشى چىقىپتۇ . {od@S l  
مەنمۇ بىشىنى كۆرمەپتىكەنمەن . |v#D}E  
مەن بىر ئىزدەپ باقاي   چىقىپ قالارمىكىن .
اﷲ باردۇر ، بىردۇر ، اﷲ تىن باشقا ھىچ بەرھەق خالىق يوقتۇر .
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام اﷲنىڭ بىزلەرگە ئېبەرگەن بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر . ئامىن .
sulgangul
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11262

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   49 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8051 (سوم)
 ياخشى باھا:   472 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   669  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1503
 سائەت
دەرىجىسى:
1503 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-23
ئاخــىرقىسى:2011-09-13
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-19
Re:ئاپتور(sulgangul) نىڭ تېمىسىغا

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  1670154432 كە 2011-07-19 01:02 AMئەۋەتىلدى ئاپتور(sulgangul) نىڭ تېمىسىغا : =k1sF3.V'c  
مەن ئەسەرنىڭ بېشىنى كۇرمەپتىكەنمەن ،قارغاندا خېلى ياخشى چىققان ئەسەردەك قىلدۇ ، ئېغىر كۇرمەي ،1،2،3  قىسىملىرنىڭ ئادىرسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭز. LA/Qm/T  
z XUr34jF  
باش قىسىملىرى: مىنىڭ مۇنبەرگە تۇنجى ئەسەر يوللىشىم بولغاچقا قانداق يوللىسام تورداشلارغا قولايلىق بولۇشنى ئوقمىدىم. Q;nC #cg  
/read.php?tid=54529
قىز-ئاياللار ئۆزىنى ھۆرمەتلەشنى،ئۆزىگە ئىشىنىشنى،ئېرادىلىك بۇلۇشنى ئۆگۈنۋىلىشى كېرەك،مۇشۇنداق بولغاندا ھەقىقى گۈزەل بولغان بولىدۇ
دېھقان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.682

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1112 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9169 (سوم)
 ياخشى باھا:   383 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   345  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3743
 سائەت
دەرىجىسى:
3743 سائەت 27 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-25
ئاخــىرقىسى:2011-09-16
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-19

ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلىك يېزىپسىز ، بۇئارقىلىق مەۋھۇم مۇھەببەتنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىۋاتقان قىز-ئاياللىرىمىزغا بىر تەجرىبە -ساۋاق يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت !
بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى ،ئۇپەقەت كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن پەيدا بولغان.   ئاق لالە
ubul0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7478

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   3296 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   373 (سوم)
 ياخشى باھا:   834 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   493  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6540
 سائەت
دەرىجىسى:
6540 سائەت 110 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-23
ئاخــىرقىسى:2011-09-19
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-19

ئاخىرى ياخشى چۈشۈپتۇ.
ئادەمگەبىلىم كىرەك ،ياغاچقا يىلىم
koznak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40676

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   248 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3944 (سوم)
 ياخشى باھا:   229 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 139
 سائەت
دەرىجىسى:
139 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-14
ئاخــىرقىسى:2011-09-18
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-19

ئــــــــــــەزا چــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەكلەنـــدى!!!
gulbar5
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30340

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   792 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9938 (سوم)
 ياخشى باھا:   1570 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2188  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4846
 سائەت
دەرىجىسى:
4846 سائەت 104 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-14
ئاخــىرقىسى:2011-09-19
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-19

گەرچە  تۇنجى ئەسىرىڭىز  بولسمۇ  ئىملا  خاتالقىنى ھساپقا ئالمغاندا     شۇنداق  ياخشى  چىقپتۇ.بۇنڭىدىن  كىيىنكى  ئەسەرلرڭىزگە  ئۇتۇق  تىلەيىمەن. (nYGN$qC9  
بەزى  ئەرلەر  نىمە قىلدۇ. ئىككى  قىيىقىنڭ  ئۇسىتگە  تەڭ  دەسسەپ o>&-B.zq  
ھەممىز  جاھان  بۇزلۇپ  كەتتى . دەيىمىز  ئەمليەتتە  ئادەمىلەر  بۇزۇلۇپ  كەتتى، Cm0K-~ U  
تۇرمۇش  دىگەننى  ئويۇن  ئورنىدا  كۆرسە  قانداق  بولدۇ. o  WAy[  
يەنە  مۇشۇ  توردىن  چ چ دىن  ياخشى  پايدىلانماي _{GD\Ai_W  
مۇشۇنۇڭدەك نۇرغۇن  ئاقۋەتىلەرىنڭ  چىقشغا  سەۋەپ بولۇپ  قىلۋاتدۇ، Z!4B=?(  
شۇڭا  قىممەتىلك ۋاختىڭلارنى  چ  چ دىكى  قالايمقان  ئادەملەر N(O* " 1b  
بىلەن  گەپ  سىتش  بىلەن  ئىسراپ  قىلماڭلار L(C0236r  
L D%SLJ:  
`trcYmR=k  
:!FGvR6  
H8m[:K]_H  
WE+Szg(4x  
>GmO8dK  
[ بۇ يازما gulbar5 تەرپىدىن 2011-07-19 11:09 AM دە ق ]

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن
qunchuy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.46681

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   11 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55 (سوم)
 ياخشى باھا:   11 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 412
 سائەت
دەرىجىسى:
412 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-04
ئاخــىرقىسى:2011-09-06
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-19

سىز ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن مەڭگۈ بىرىنچى شەخىس، بىراق باشقىلارغا نىسبەتەن ئۈچۈنچى شەخىس. شۇڭا ئەقىل بىلەن ئىش قىلىڭ.
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1480 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8862 (سوم)
 ياخشى باھا:   526 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3055
 سائەت
دەرىجىسى:
3055 سائەت 185 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-09-19
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-19

گەرچە تۇنجى يازمىڭىز بولسىمۇ بىراق چاڭقاق دىللارغا ھۇزۇر بېغىشلىغۇدەك تىما يوللاپسىز. رەھمەت.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى