ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تورداشلىرىم،بۈگۈن سىلەرگە دوستۇمنىڭ دىيىشكە بولمايدىغا،دەۋالمىسا ئىچى بوشىمايدىغان مەخپىيەتلىكلىرىنى ئېلىپ كەلدىم.
>&l{_b\k نىمە مەخپىيەتلىك دەمسىلەر.................ئالدىراتماڭلار،مانا ھازىرلا سۆزلەپ بېرىمەن.
A:YWXcg بۇ ئاداش ئۈرۈمچىگە قىز بالىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بىر ئوبدان كاۋاپچىلىق قىلىدىغان دۇكىنىنى تاشلىۋېتىپ چىققانمىش،تۇرقىدىن قارىسا رومانتىكا دىگەندىن ئەسەرمۇ يوق،دائىم قاپىقى تۈرۈلۈپلا تۇرغان،شۇنداق جاھىل،ئەمما ئالدىراپ بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالمايدىغان بوي بەستىدىن بوكسىيورچىغىلا ئوخشايدىغان ئاداش،ئەمما ئاغزىدىن چىقىۋاتقان مۇھەببەت ھېكايىسىنى ئاڭلىسىڭىز كىرىشىپلا قالىسىز،ئۇنىڭ ھېكايىسى كىچىچە ئۇخلىماي ئاڭلىساقمۇ تۈگىمەيدۇ،بولدىلا........قالغان ھېكايىسىنى كېيىن سۆزلەيلى،بۈگۈن مەن ئەغىنەمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئەڭ يېڭى ھېكايىسىنى سۆزلەپ بىرەي.
k=J
T% بۇ ئاداش بۇلتۇر يۇرتقا قايتىپ خۇتۇن ئالغان،ھەممىمىز مۇبارەكلەشكەن ئىدۇق،شۇ كۆرۈشمىگەنچە مانا تېخى تۈنۈگۈن كۆرۈشتۇق،ھەيران قالدىم،
jW0aIS2O ئۇرۇقلاپ كىچىككىنە بولاپ قاپتۇ،قۇچىقىدا بالىسى،يېنىدا ئايالى،‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش،ئەھۋالىڭ قانداراق؟دەپ ئەھۋال سوراپ بولغىچە بالىسى تەرەت قىلىۋەتتى،ئاغىنەم بالىنى توسۇپ بولغىچە ئايالى سۆزلەپ كەتتى:‹‹بىر بالىنى ئوڭلاپ باقالمىغان،بالا باقالمىغان ئادەم بالا تاپقىچە جىم ياتسىڭىز بولمامدۇ؟››‹‹بولدى قىلىڭلا خۇتۇن››دىدى ئاغىنەم بوش ئاۋازدا.
VO+3@d: __ مىنىڭ كۈنۈم دادا بالا ئىككىڭنىڭ كىيىمىنى يۇيۇش بىلەن ئۆتەمدۇ زادى.................خىزمەتكار ئالدىم دەپ قالغانمۇ؟قانداق قىلسىڭىز قىلىڭ........
0/0rWqg
/ دوستۇم ئالدىمدا خىجىل بولۇپ تۇرۇپ قالدى.‹‹ئاداش،بىردەم پاراڭلاشمامدۇق؟›› دىدىم مەن ئۇنى چاقىرىپ.
+d/^0^(D\5 __ بولدى ئاداش،كىيىنچە بولسۇن،ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار.........................
<]kifiN# V'XvwO@ بۈگۈن ئاغىنەم بىلەن پاراڭلىشىدىغانغا ئاخىرى پۇرسەت كەلدى،بىز پارىڭىمىزغا باشقىلارنىڭ دەخلى قىلماسلىقى ئۈچۈن خىلۋەت بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇردۇق.
>? ({ __ قېنى ئاداش ،بىز ئاغىنە باللا ھەممىمىز سىنى تۇرمۇش قۇرۇۋالدى دەپ خوش بوپ يۈرگەن ئىدۇق،قارىسام دەردىڭمۇ خېلى باردەك،دىگىنە! نىمە ئىشلار بوپ كەتتى..........................؟
X^ZUm __ ئاداش،سەن مىنىڭ ئەڭ يېقىن ئاغىنەم،دەردىمنى ساڭىلا ئېيتىمەن،بىلىسەن ئاداش،بىر يېرىم يىل بۇرۇن يۇرتقا كەتكەنتىم،يۇرتقا بېرىشىمغىلا ئۆيدىكىلەر ‹‹ئۆيلەپ قويىمىز ››دەپ تۇرۇۋالدى،‹‹ئالدىرىماڭلار،كىيىنراق قىلاي›› دەپ خېلى تارتىشىپ باقتىم،بىراق ئۆيدىكىلەر ئۇنىمىدى،مەنمۇ 25 كە كىرىپ قالغاچقا دادام بەك چىڭ تۇرۇۋالدى،‹‹يا خۇتۇن ئالىسەن،يا ئۆيدىن چىق،سەندەك بالام يوق خۇتۇن ئالمىساڭ››دەپ تۇرۇۋالدى،
N6*v!M+ بوپتۇلا،ئالاي خۇتۇننى،مىنى چىشلىۋالماس دەپ ئويلاپ ماقۇل بولدۇم،ئەمما لايىقنى ئۆزۈم تاللاشقا شەرت قويدۇم،ئۆيدىكىلەرمۇ قۇشۇلدى،بىراق راستىمنى ئېيتسام كىمنى تاللاشنى بىلمەيتتىم،چۈنكى مەن بۇ يۇرتتىن چىكەتكىلى نەچچە يىللار بوپ كەتكەنىدى،مەن تۇنۇيدىغان قىزلارنىڭ بىر ئىككىدىن بالىسى بوپ بولغانىدى،يېڭى چوڭ بولغان قىزلارنى بولسا تۇنۇمايتىم،ئۈرۈمچىدە قىزلارغا گەپ قىلىش ئاسان بولغان بىلەن يۇرتتىكى قىزلارغا بارغان پېتى گەپ قىلغىلى بولمىدى،ئاخىرى ئۆيدىكىلەر تاقات قىلالماي ماڭا ئۆزى لايىق تاپتى،تاپقاندىمۇ يۇرتتىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان،نەچچە يەردە زىمىنى بار باينىڭ يالغۇز قىزىنى تاپتى،قىزغۇ بولىدىكەن،بىراق شەرتى باكەن،ماڭا تويلۇق سالماسمىش،پەقەت شۇلارنىڭ ئىگىلىكىنى باشقۇرۇپ بەرسەم بولارمىش،مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىچ كۈيئوغۇل بولىدىكەنمەن،بۇنىڭغا ھەرگىز قۇشۇلمۇدۇم.
MtIhpTX __ نىمىشقا،باي بوپ كىتىكەنسەنغۇ ئۇ قىزنى ئالساڭ،بىز شۇ پۇلنى تاپىمىز دەپ شۇنچە جاپا تارتىپ يۈرىيمىزغۇ؟
vV+>JM6
__ ئاداش،ئۆزەڭ بىلىسەن،بىز پۇلنى شۇنداق جاپادا تاپىمىز،شۇڭا خاتىرجەم خەجلەيمىز.براق خۇتۇننىڭ پۇلى دىگەن خەقنىڭ پۇلى،يىگەن ئېغىز ئۇيىلىدۇ ئاداش،خۇتۇننىڭ مېلىنى يىگەنكەنسەن خۇتۇنغا گېپىڭ ئۆتمەيدۇ.شۇڭا بۇ قىزنى قەتئى رەت قىلدىم،دادامنىڭ يالۋۇرۇشلىرى،تەھدىت سېلىشلىرى كار قىلمىدى،ئاخىرى شەھەر ئىچىدە ئاشخانا ئېچىۋاتقان تاغامنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى،مەخسىتى تاغامنى ماڭا نەسىھەت قىلدۇرۇش ئدى،تاغامنىڭ دىنى بىلىمى يۇقىرى بولۇپ يۇرتتا ھۆرمىتى يۇقىرى ئىدى،تاغام ماڭا نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلدى،ئەمما مەن گېپىمدە چىڭ تۇرىۋېلىپ تاغامنى دادامغا نەسىھەت قىلىشقا يالۋۇردۇم،ھېچ بولمىسا ئازراق ۋاقىت بېرىشنى ئۆتۈندۈم،تاغاممۇ دادامغا دەپ مىنى يېنىدا بىر مەزگىل تۇرغۇزماقچى بولدى،بۇيەردە ئاشخانىغا ياردەملەشتىم.ئاشخانىمىزدا قاچا قۇچا يۇيىدىغان بىر ئايال بار ئىدى،بىر كۈنى تاغام بىلەن ئولتۇرۇپ مىنىڭ تۇيۇم توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتساق يېنىمىزغا كېلىپ ئولتۇردى.تاغام چاخچاق قىلىپ :‹‹سىزنىڭ قىزىڭىزنى ئەپ بىرەمدۇق يا ئىنىمغا؟››دېدى. }c-tvK1g
ھېلىقى ئايال ئوڭايسىزلانغان ھالدا‹‹ۋىيەي....قىزىم تېخى ئەمدى 16 گە كىرگەن تۇرسا،كىچىك تېخى.›› دىۋىدى ھەممەيلەن كۈلۈشتى.مەنمۇ شۇن چاغدىلا دۇكىنىمىزغا كۈندە ئىككى ئۈچ قېتىم كىرىدىغان،تۇرقىدىن 14 -15 ياشلاردا كۆرۈنىدىغان قىزنىڭ بۇ ئايالنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىلدىم،بۇ قىز خېلىلا چىرايلىق قىز ئىدى،يېنىمىزدىكى دوختۇرخانىدا شاگىرت ئىدى،ئەتىسىدىن باشلاپ بۇ قىزغا دىققەت قىلىدىغان بوپ قالدىم،قىزنىڭ ئاپىسىمۇ قىزغا ئاخشامقى گەپلەرنى دەپ بەرگەن چېغى،قىزمۇ ماڭا يۇشۇرۇنچە قارايدىغان بوپ قالدى،ئەپ تاپساملا بىرەر ئىشنى باھانە قىلىپ قىزنى گەپكە سېلىپ باقىمەن،‹‹ۋاي..........ئاكا ›› دەپ نىمە دىسەم شۇنى قىلىدۇ،خوجايىننىڭ ئىنىسى بولغاچقا ئىناۋىتىممۇ چوڭ دۇكاندا،شۇنداق قىلىپ خېلى جىق پاراڭلاشتۇق،بارا بارا چاخچاق راسقا ئايلانغىلى تۇردى،مەنمۇ قىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانسىرى ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىم ئاشماقتا ئىدى،قىزنىڭ دىيىشىچە ئاپىسى بىلەن دادىسى قىز يېشىغا توشمايلا ئاجرىشىپ كەتكەن،قىز ئاپىسىنىڭ بېقىشىغا قالغان،كىيىن ئاپىسى قايتا ياتلىق بولغان،قىز شۇنىڭدىن باشلاپ چوڭ داداچوڭ ئانىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولغان،ئاپىسىنىڭ باشقا قېرىنداشلىرىمۇ شۇ ئۆيدە بولغاچقا چوڭلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆيدە گېپى ئۆتمەس بوپ قالغان،ئاپىسىنىڭ باشقا قېرىنداشلىرى بولسا قىزنى بىكار يەيدىغان تەييار تاپ دەپ ھە دىسە دۈشكەللەپ،ئۇرۇپ تىللىغان،ئاچ قويغان،بىچارە قىز 6 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ مەكتەپتىن،ئۆينىڭ ئىشلىرىدىن ئېشىنغان ۋاقىتلىرىدا باشقىلارغا ياللىنىپ كىۋەز تەرگەن،ئوت ئوتىغان،ئىشقىلىپ ھەممە جاپالارنى تارتىپ تاپقان پۇلىغا پۇتىغا ئاياق ،ئۇچىسىغا كۆينەك ئېلىپ كىيگەن،ھەتتا بىر قىشلىقى ئايىقى يىرتىلىپ كېتىپ ياماتقىلى پۇل يوق سوغۇقتا پۇتى ئۈششۈپ قالغان ئىدى،گېپىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە كىچىكلەپ كەتكەن ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىنى كۆرسەتكەندە بولسا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي كۆزلىرىمگە ياش كەلدى،قىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئۆيدىن ئايرىلىپ مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇشقا توغرا كەلگەن،ياتاق تاماقنى مەكتەپتىن كۆتۈرسىمۇ باشقا پارچە خىراجەتنى تۆلەشكە قىزنىڭ ھامما تاغىلىرى ئۇنىمىغان،‹‹ئاپاڭ،داداڭ ھايات،شۇلار تۆلىسۇن.................››دەپ بەرمىگەن،ئاپىسىنىڭ يېنىغا بارغادا بولسا ئاپىسى:‹‹مەن ئەرنىڭ قولىدىكى ئايال،ئەمدى مىنى ئىزدەپ كەلمە!››دەپ ھەيدىگەن،دادىسىنىڭ يېنىغا بارغاندا بولسا بۇ نا ئەھلى ‹‹نىمە قىلىسەن ئۇقۇپ،ئەرگە تەگ جېنىڭنى باقالمىساڭ زادىئوقۇيمەن دىسەڭ كوچىغا چىقىپ ئۆزەڭنى سات››دىگەن.بىچارە ئۆز دادىسىدىن مۇشۇ گەپنى ئاڭلاپ قان زار يىغلاپ ئاخىرى 10 كۈن مەكتەپكە بارماي پاختا تېرىپ 300 يۈەن پۇل تاپقان،بىراق بۇ پۇلنى ئاپىسىنىڭ كىچىك ئىنىسى ‹‹سۇ پۇلىغا بېرىمىز ››دەپ ئېلىۋالماقچى بولغان،قىز بەرمىگەندە بولسا ‹‹سەن مۇشۇ ئۆينىڭ نېنىنى يەپ مۇشۇنچىلىك چوڭ بولغان،ئەمدى قايتۇر يىگەنلىرىڭنى!››دەپ ئۇرۇپ قۇۋۇرغىسىنى سۇندۇرۋەتكەن،بىچارە قىز دورا ئىچىپ ئۆلۈۋالماقچى بولغاندا باشقىلار قۇتقۇزۇۋالغان.................................................. 9\[A%jp#K@
قىزنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم لەختە لەختە بولۇپ كەتتى. NK0hT,_
__ ماڭا تىگەمسىز؟دىدىممەن قىزغا قاراپ. 9dXtugp|
__ مىنى تولا زاڭلىق قىلماڭ،سىزمۇ يىتىمنى بوزەك قىلاي دەمسىز......؟ FWzf8*^
قىز يىغلاپ كەتتى. Nd.Tda!Kg
__خاپا بولماڭ،سىزنى راسلا زاڭلىق قىلمىدىم،مەن قارار قىلىپ بولدۇم،سىزنى ئەمرىمگە ئالىمەن،ئەمدى سىزنى ھېچكىم يىغلاتمايدۇ.
ua!g}m~
__ ئۇنداقتا مىنى يىراق يىراقلارغا ئېلىپ كىتىڭ بولامدۇ؟ ,-[dr|.
__ بولىدۇ،سىزنى يىراقلارغا ئېلىپ كىتىمەن،ھېچكىم سىزنى بوزەك قىلمايدۇ،سىزگە ئەمدى ھېچكىم يۇقىرى ئاۋازدا گەپمۇ قىلالمايدۇ. *|DIG{
قىز بېشىنى يەلكەمگە قويدى.مەن قىزنىڭ بېشىنى سىلاپ باغرىمغا باستىم. Ug|o($CY
شۇنداق قىلىپ تاغانىڭ مۇنداقلا قىلىپ قويغان چاخچىقى راسقا ئايلاندى،مەن دەسلەپتە قىز ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىغا يۇشۇرۇن ھالدا كاۋاپ،سامسا تۇشۇپ يۈردۈم،بارا بارا بۇنى تاغام سېزىپ قالدى،ئەمما ئارتۇقچە بىر نىمە دىمىدى،بەزىدە مىنى قىزغا چېتىپ بەزى چاخچاقلارنى قىلىپ قوياتتى،كىيىنچە مەن قىزغا ئاشكارا ھالدا تاماق تۇشۇيدىغان بولدۇم،قىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۆيىگە ئەلچى ئەۋەتمەكچى بولدۇق،قىزنىڭ مەيلىچە بولسا تويمۇ قىلماي،نىكامۇ قىلماي ،ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي بۇ يۇرتتىن چىقىپ كەتكىسى بارئىكەن،ئۆزىنى بىر ياشقا كىرمەي تۇرۇپ تاشلىۋەتكەن دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ،خورلىغان ھامما تاغىلىرىنىڭ ئالدىغا بارغۇسى يوق ئىكەن،بۇنىڭغا مەن قۇشۇلمىدىم،نىمىلا بولمىسۇن مۇسۇلمان بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن قىزنىڭ ئىگە چاقىسىنى تېپىپ ،ئاز بولسىمۇ مەھرىنى بېرىپ نىكالاپ ئېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.قىزنىڭ مەسلىھىتى بويىچە قىزنىڭ ئاپىسىنى تېپىپ سۆزلەشمەكچى بولدۇم. ET7(n0*P}]
بىر كۈنى ئاشخانىنى تاقاپ ھەممەيلەن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قىزنىڭ ئاپىسىنى چاقىرىپ گەپنىڭ ئۇچۇقىنى ئېيتتىم. `
X7ns?
__ بەلكىم ئايگۈل سىزگە دىگەن بولىشى مۇمكىن،بىز توي قىلىشنى پۈتۈشتۇق،ئەسلىدە ئالدىڭىزغا چوڭلارنى ئەۋەتىشىم كىرەكتى،ئەمما سىلەر تۇنۇشمايسىلەر،تاغامغا بولسا خىجىل بولۇپ ئويلىغىنىڭىزنى دىيەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن،شۇڭا يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ ئالدىڭىزدا تۇرۇپتىمەن،بولسا ئىككىمىزنىڭ ئىشىمىزغا قۇشۇلسىڭىز..................... \PB ~6
__ بوپتۇ _ دىدى قىزىڭ ئاپىسى،نىمە دەيتىم،قىزىمنى تۇغۇپلا قويغان يېرىم بار،ئەمما مەن ئانىلىق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلالمىدىم،دادىسى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ،قايتا توي قىلماسمەن دەپ ئويلىغان،ئەمما مۇمكىن بولمىدى،ئەردىن ئاجراشقان ئايالنىڭ كەينىدىن سۆز چۆچەك كۆپ بولىدىكەن،ئامال بولماي توي قىلدىم،يېڭى ئېرىمنىڭ ئۆيىگە مەن پاتقان بىلەن قىزىم پاتمىدى،ئۇ ئۆيدىمۇ مەن باقىدىغان 4 بالا بار ئىدى،ېرىمنىڭ تىللاشلىرىدىن قورقۇپ بىچارە قىزىمنى چوڭلارنىڭ قېشىغا قالدۇردۇم،بىراق دادام بىلەن ئاپام 70-80 ياشقا كىرگەندە ئۆزىگىمۇ ئىگە بولالمىدى،بىچارە قىزىم تېخمۇ قېقىندى سۇقۇندى بوپ كەتتى،مەن ‹‹مۇشۇ تەككەن ئېرىمدىن ھەرگىز ئاجراشمايمەن ››دەپ شۇنچە تىرىشساممۇ ئۆگەي باللىلىرىم چوڭ بولغاندا مىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى،قىزىممۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ مەكتەپنى پۈتتۈردى،باشقىلار ماڭا يەنە لايىق تاپتى،ئەمما مۇشۇ قىزىمنىڭ ھازىرغىچە تارتقان خورلۇقلىرىنىڭ ئورنىنى ئازراق بولسىمۇ تولدۇرۇپ بېرىش،بۇندىن كېيىنكى مۇھەببىتىمنى قىزىمغا بېغىشلاش ئۈچۈن لايىقلارنى رەت قىلدىم،ئاكا ئىلىرىمنىڭ ئالدىدا پاتمىدۇق،ئۇلارنىڭ قولىغا قاراپ ياشىغىمىز كەلمىدى،شۇنىڭ بىلەن قىزىمنى دوختۇرلۇققا بېرىپ ئۆزەم ئاشخانىدا ئىشلەۋاتىمەن،ئەگەر سىلەر شۇنداق كىلىشكەن بولساڭلار مىنىڭ باشقا گېپىم يوق،بىراق قىزىم بەك كىچىك،مەن تېخى ئۇنىڭغا ئەرگە قانداق خىزمەت قىلىشنى،تاماق ئىتىشنىمۇ ئۆگەتمىدىم،خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلالماي تۆت كۈندە ھەيدەپ سالسىڭىز بۇمۇ ماڭا ئوخشاش كۈنگە قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن........................دەپ قىزىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى. n/3g
x4.g
داۋامى بار. &G>EBKn\2`
مەنبە ئۆزۈم.تۇرمۇش. t $+46**
تورداشلار،مەن بۇ تېمىنى تورخانىدا ئوتۇرۇپ يېزىۋاتىمەن،شۇڭا بەزىبىر قولايسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىمەن،تېمىنى پارچىلىۋەتتى دەپ رەنجىمەستىن داۋاملىق دىققىتىڭلارنى مەن تەرەپكە قارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.[ بۇ يازما mahbusman تەرپىدىن 2011-07-17 11:46 PM دە ]