مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       513 
  •    ئىنكاس 
       3 

بىر يۈرۈش خەلىقئارا خەۋەرلەر

قەۋەت ئاتلاش
tumurkala
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3235

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   222 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5558 (سوم)
 ياخشى باھا:   1415 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2057  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1092
 سائەت
دەرىجىسى:
1092 سائەت 98 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-08

چىلىدىكى كان ۋەقەسىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلار ھۆكۈمەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلدى ^E9@L ??  
چىلى سانخوسى كان ھادىسدە قۇتقۇزۇۋېلىنغان 33 كان ئىشچىسىنىڭ 31ى تۈنۈگۈن روھىي جەھەتتىن زەخىملىنىش قاتارلىق باھانىلار بىلەن ھۆكۈمەتتىن تەخمىنەن 17 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ 31 كان ئىشچىسى شۇ كۈنى ئادۋوكاتى ئارقىلىق سانتياگو 9-ھەق تەلەپ سوتىغا تۆلەم دەۋا تەلىپىنى سۇندى. p7z#4 GW  
650 نەپەر ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكىرى ئافغانىستاندىن ئامېرىكىغا قايتتى TGg*(6'z  
ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: 650 نەپەر ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكىرى ئافغانىستاندىن ئامېرىكىغا قايتتى، بۇ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ كۈنى چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دېدى: ئافغانىستاننىڭ پارۋان ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق 650 نەپەر ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكىرى مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ، ئافغانىستاندىن ئايرىلدى. مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسى دائىرىلىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ تارماق قىسمىدىكى تەخمىنەن 1600 ئەسكەرنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە ئافغانىستاندىن چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئۈچ قىسىم دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ خەلق مۇھاپىزەتچىلەر قىسىمى بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبى ۋە كابۇل ئەتراپىغا ئورونلاشتۇرۇلغان. P~~RK& +i  
ھىندىستان بىخەتەرلىك تارمىقى بومبايغا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلغان گۇماندار ھەققىدىكى يىپ ئۇچىغا ئېرىشتى 6A%Y/oU+2  
ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كاتىپى سىنگى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ھىندىستان بىخەتەرلىك تارمىقى ۋەقە يۈز بەرگەن يەردىكى نازارەت قىلىش سىن ئالغۇسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، بومبايدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك 13 گۇماندار ھەققىدىكى يىپ ئۇچىنى تېپىپ چىقتى. سىن ئالغۇدىكى سىرتتىن كەلگەنلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھازىر تېررورچىلار ئىشلەتكەن موتسىكلىت ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى. Y }0-&  
ئىيوردانىيەدىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش توقۇنۇشىدا نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى k07O.9>  
ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا تۈنۈگۈن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچىلار ۋە ساقچىلار ئارىسىدا زوراۋانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 17 ساقچى ۋە نۇرغۇن مۇخبىر يارىلاندى. ئىيوردانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىنقىلابنى تەلەپ قىلغۇچى بىر ياشلار تەشكىلاتى شۇ كۈنى ئىككى مىڭدىن كۆپىرەك كىشىنى ئامماندا نامايىشقا تەشكىللەپ، باش ۋەزىر بەختتىن تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. 8gZ5D  
سىپرۇس پىرېزېدېنتى دېڭىز ئارمىيەسى بازىسىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەپۇ سورىدى LnBkd:>}  
سىپرۇس پىرېزىدېنتى كىرىستوفىياس تۈنۈگۈن 11-ئىيۇل دېڭىز ئارمىيەسى بازىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن تۇنجى قېتىم ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى. كىرىستوفىياس 14-ئىيۇل ئېلان قىلغان مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە سۆزىدە: مەن ئالاقىدار تارماقلاردىن بۇ ئىشنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۈم، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى مەن باشلىق بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ھەممە كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ دېدى. شۇ يەر ۋاقتى 11-ئىيۇل سەھەردە، سىپرۇسنىڭ جەنۇبىدىكى لىماسسولدىكى دېڭىز ئارمىيەسى بازىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى ئۈسكۈنىسى ھەمدە ئەتراپتىكى بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەيران بولدى. Bq'hk 
نائوتوكان: ياپونىيە ياپونىيە-ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ دېدى h.DQ6!?;s  
ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى نائوتوكان تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ياپونىيە ياپونىيە-ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە ياپونىيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ فۇتىنما بازىسىنى كۆچۈرۈشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ئېلان قىلغان ئاخباراتقا قارىغاندا، نائوتوكان شۇ كۈنى كەچتە زىيارەتكە بارغان ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى ماللىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېگەن: ياپونىيە بىخەتەرلىك كاپالىتى مۇھىتى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك كاپالىتى تۈزۈلمىسى بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا. ياپونىيە ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ھەمدە ياپونىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە خىتابنامىسىغا ئاساسەن فۇتىنما بازىسىنى كۆچۈرۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. شۇ كۈنى ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ماتسۇموتو ماللىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. $BG9<:p  
كىم جوڭئىل جۇڭگونىڭ «يىپەك يولىدىكى سىم-سىم يامغۇر»ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىرىنى كۆردى ;]p#PNQ0  
چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئىل تۈنۈگۈن پىيۇڭياڭدا جۇڭگونىڭ «يىپەك يولىدىكى سىم -سىم يامغۇر» ناملىق كىلاسسىك ئۇسسۇللۇق تىياتىرىنى كۆردى. كىم جوڭئىل ئويۇنغا يۇقىرى باھا بەردە. ئۇ مۇنداق دېدى: «يىپەك يولىدىكى سىم -سىم يامغۇر» سەنئەت ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى چاۋشيەندىكى ئويۇنى «چاۋشيەن -جۇڭگو دوستلۇق ھەمكارلىق ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالىغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭقۇر. چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىم جوڭئۇن، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كىم يوڭچۈن قاتارلىق چاۋشيەن پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى پائالىيەتكە قاتناشتى. /H\ZCIu/7  
ئاۋسترالىيەنىڭ ھىندىستاننىڭ بالىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ سىرتىدا گۇمانلىق پوسۇلكا بايقالدى keX0br7u_  
سىنگاپور«بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىنوزىيە ساقچى دائىرىلىرى بالى ئارىلىدىكى ئاۋسترالىيە كونسۇلخانىسىنىڭ سىرتىدا بىر گۇمانلىق پوسۇلكىنى بايقىغان. ئاۋسترالىيە ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى: پوسۇلكا دېنپاسارغا يېقىن ئەتراپتىكى كونسۇلخانىنىڭ سىرتىدا بايقالدى. شۇ چاغدا كونسۇلخانىدىكىلەر داۋاملىق ئىشلەۋەردى، دېدى. ئۇ يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: ساقچىلار كوچىلارنى توسىۋەتتى، كونسۇلخانىغا كىرمەكچى بولغان كىشىلەر تېلىفوندا ئالاقىلەشتى. ساقچىلار مۇنداق دېدى: پوسۇلكىنى چۇۋۇش خادىملىرى ۋە بىر ساقچى ئاپشاركىسى نەق مەيدانغا ئېلىپ كېلىندى، بۇ پوسۇلكا تەھلىل قىلىنىشقا ئېلىپ كېتىلدى. !Qn:PSk  
بان كىمون سۇدان بىلەن ئۆكتىچى تەشكىلاتنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى قارشى ئالدى O9! 
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بان كىمون باياناتىدا قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئادىللىق ۋە باراۋەرلىك ھەرىكىتى ھەمدە سۇدان خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دارفۇر رايونىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىغا قاتنىشىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. سۇدان ھۆكۈمىتى 14-ئىيۇل سۇداننىڭ غەربىدىكى دارفۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ ئازادلىق ۋە ئادىللىق ھەرىكىتىنىڭ قاتارنىڭ پايتەختى دەۋھەقتە تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى، لېكىن مەزكۇر رايوندىكى ئىككى ئاساسلىق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ بولغان ئادىللىق ۋە باراۋەرلىك ھەرىكىتى بىلەن سۇدان ئازادلىق ئارمىيەسى ئىمزا قويۇشنى رەت قىلدى. U,)+wZJ  
لىۋىيە مەسىلىسى ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى eE1w<] Eg  
لىۋىيە مەسىلىسى ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنى تۈنۈگۈن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئېچىلدى، يىغىندا لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى بولغان «مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى»نىڭ لىۋىيە خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىندى. مىسىردا 10-ئاي ياكى 11-ئايدا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ ، بۇ 9-ئايدا ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەن سايلامنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ئىتالىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فولاتىنى مۇنداق دېدى: كازافىنىڭ باشقا يولى يوق، بىردىنبىر چىقىش يولى تەختتىن چۈشۈش. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى لىۋىيەگە داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت قوزغايدۇ. لىۋىيە باش خەلق قۇرۇلتىيى 13-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ: ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا كازافىنىڭ تەختتىن چۈشۈش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشقا بولمايدۇ، دېدى. (xq25;|Y  
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تېما تەستىقلىغۇچى : ئارقۇ
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-16, 21:30
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ھەممە سەن ئۈچۈن،مەڭڭۈ سەن ئۈچۈنلا!سەن ئۈچۈن جىنىم ھەر ۋاقىت پىدا!مىنى كەچۈرگىن بىز ھەقىقەتەن دۈشمەلىرىڭ ئالدىدا ئاجىزمىز!بىزگە كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن!
arif
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5544

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1203 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21181 (سوم)
 ياخشى باھا:   1593 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2226  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1748
 سائەت
دەرىجىسى:
1748 سائەت 142 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

رەھمەت .جاھان ئىشلىرىدىن ھارماي -تالماي خەۋەردار قىلىپ تۇرغايسىز.
 
    ئەڭ يېڭى تور بەتلەر    http://www.xjyiyao.tv
Uyghun
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15872

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   917 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4704 (سوم)
 ياخشى باھا:   540 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   603  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6734
 سائەت
دەرىجىسى:
6734 سائەت 286 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

ھەربىر مەزمۇننىڭ  ماۋزۇسىنى  سەل پەرىقلىق قىلماپسىز  ،پەرىق ئەتمەك سەل ئاسان بۇلاتتى.
 
yexilyakut
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37259

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   114 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   790 (سوم)
 ياخشى باھا:   116 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   154  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1474
 سائەت
دەرىجىسى:
1474 سائەت 46 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-17

مەن ھەممىدىن بەك ئامراق ھەم بەك قىززىقىدىغان خەۋەر مۇشۇ مەمىلكەت ۋە خەلىقاراخەۋەرلەرگە بەك ئامراق،  تىمىڭىزغا رەخمەت.
 
http://yixilyakut.51.com
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى