مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       404 
  •    ئىنكاس 
       10 

ئۆزىگە مەپتۇن بولۇشنىڭ زەھىرى

قەۋەت ئاتلاش
erktikin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19853

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   207 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6537 (سوم)
 ياخشى باھا:   423 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   582  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2813
 سائەت
دەرىجىسى:
2813 سائەت 177 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-01
ئاخــىرقىسى:2011-10-31

                                                      ئۆزىگە مەپتۇن بولۇشنىڭ زەھىرى ({VBp[Mh  
    جوڭگۇ دۇنيادا بىردىنبىر ئۆزىگە ئۆزى ئىشىنىشنى راۋاجلاندۇرغان دۆلەت . بۇ خىل ئۆزىگە ئۆزى  ئىشىنىش مىللىتىمىزنىڭ قېنىدا ئەسلىدىنلا يوق ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش ۋە تەكەببۇرلۇققا ئايلانماقتا ، خۇددى زەھەرگە ئوخشاش ئاستا-ئاستا ئەقلىمىزنى ،  ئىچكى - تاشقى مۇھىتىمىزنى بۇلغىماقتا . Pc HFj+:  
     ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان قولغا كەلگەن غايەت زور نەتىجىلەر ، بىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان مول ماددى بايلىقتىن بەھرىمەن قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز ئىلگىرى تامامەن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر ھالدىكى «مەغرۇرلۇق» ، «نازۇكلۇق» نى يۇقتۇرىۋېلىشتىنمۇ ساقلىنالماي قالدۇق . 26VdRy{[  
پۈتۈن دۇنيا بىزنى «خاتا چۈشىنىۋاتامدۇ» ؟ Ux T[  
     بىزكەمتەرلىك دېگەن نىمىنى يەتتە قات ئاسماننىڭ قەرىگە چۆرىۋەتتۇق . نيويورك ، پارىژلار چېغىدا بىزنىڭ بېيجىڭ ، شاڭخەيلەرگە ئۇتتۇرىۋاتقان يەردە  ، سىئول نىمىگە ھېساپ ؟ توكيو بولسا نىمە بوپتۇ ؟ رىم بىلەن موسكۋانىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىگە كەلسەك ،  بولدىلا ، پەرۋايىم پەلەك ! راستىنى ئېيتقاندا بىزچە بولغاندا شىئەن بىلەن كۈنمىڭنى بۇزۇپ قايتىدىن قۇرۇپ چىقسىمۇ ھېچۋەقەسى يوق . gt GKV  
بىز «بىمەنە» گەپنى تولا قىلىدىغان بوپقالدۇق .  بىز «تىنچ قەد كۆتىرىش» نى ئاقلىغان چېغىمىزدا ، دائىم دېگۈدەك «جۇڭگو يەنىلا بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دېگەنگە ئوخشاش باھانە-سەۋەپلەرنى ئۆلۈك پېتى يادلاپ بېرىمىز ، باشقىلار قۇلاق سالدىمۇ-يوق ، ئۇنى ئۇقمايمىز ، بەلكىم پىسەنتىمىزگىمۇ ئالغۇمىز يوقتۇ . 'm5(MC,  
بىز «چىدىماس» بوپقالدۇق . كىم بىزنى تەنقىت قىلىشقا جۈرئەت قىلسا ، نەق مەيداندا بىر نىمە دېيەلمىسەكمۇ ، دۆلەت ئىچىدىكى مېدىيىلەردە كاتتا ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ ، باشقىلارنى «جۇڭگوغا قارشى» زەھەرخەندىلەرچە ھۇجۇم قىلدى دەپ بولىشىغا ئەيىپلەيمىز . %,cFX[D/)  
باشقىلار بىزنى ھە دېسىلا «چىرايى ئۆڭگەن ھالدا» ھەيۋە قىلىدۇ دېسە ، بىز قوپۇپ خەق بىزنىڭ قەد كۆتەرگەنلىكىمىزدىن ئىبارەت بۇ رىئاللىقنى ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ ، كۆرەلمەيۋاتىدۇ دەيمىز ؛  باشقىلار بىزنى ئىستىراتىگىيلىك مەقسىدى ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەس دېسە ، بىز قوپۇپ خەق دېگەن «ھۈنەرنى يوشۇرۇپ ، پۇرسەت كۈتۈش» دېگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلەمدۇ دەيمىز ؛ باشقىلار بىزنىڭ مۇھىت مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشىمىزنى ئەسكەرتسە ، بىز قوپۇپ  باشقىلار يەر شارىنى بۇلغاپ بولۇپ ، ئەمدى بىزنىڭ ھەققانىي تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىمىزغا  قول شىلتىپ ئاتىكاچىلق قىلىشى ساختىپەزلىك  قىلغانلىق دەيمىز ... ... يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىز مۇنداق بىر خىل ئادەت خاراكتېرلىق تەپەككۈرگە __ پۈتۈن دۇنيا بىزنى خاتا چۈشىنىۋاتىدۇ ، دېيىشكە ئادەتلىنىپ قالدۇق . g Pj0H&,.  
دەرۋەقە ،  دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى پائالىيەتلەردە ، «تاشقى دۇنيا» دىكىلەر جۇڭگونى چۈشەنمەسلىكى ،  بەزىلەردە ھەقىقەتەن يامان غەرەز بولىشىمۇ  مۇمكىن ، لېكىن ئۆزىمىزدە راستىنلا قىلچە مەسىلە يوقمىدۇ ؟ ئۆزىمىزنىڭ مۇددىئاسىدا ھەقىقەتەن قىلچە مەسىلە يوقمۇ دەيلى ، پوزىتسىيىمىزدىچۇ ؟ بىزنىڭ كۆپ ھاللاردىكى پوزىتسىيىمىز باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىشىگە نېسبەتەن ئاكتىپ رول ئويناۋاتامدۇ ياكى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتامدۇ ؟ باشقىلارنىڭ مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز خاتا چۈشىنىۋېلىشىنى يوقۇتۇشتا ، يەنىمۇ يۇقىرى مۇقامدا قايتۇرما زەربە بېرىش ئەڭ ئوبدان ئۇسۇلمۇ-قانداق ؟ >#U <#  
ئەلۋەتتە ، بۇ دېگەنلىك ئەيىپلەشكە ئۇچرىغان ھەتتا قەستەن تەڭقىسلىقتا قالغان ۋاقىتتا سۈكۈت قىلىش ياكى ئوچۇق چىراي بىلەن كۈتىۋېلىش دېگەنلىك ئەمەس ، بۇنداق چاغدا باتۇرلۇق بىلەن سۆزلەش ، تالاش-تارتىشقا يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىش ، ھەتتا «جانغا-جان ، قانغا-قان ئېلىش» كە ماھىر بولۇش كېرەك . مەسىلەن ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ، بىز بۇرۇن زادىلا چىقىشالمايدىغان ئىككى دۈشمەننىڭ ئۆز ئارا دوست تارتىشىپ قەستەن ئاۋارىچىلىق تاپقان چېغىدا ، قىلچىمۇ مۇرەسسەسىز ھالدا قايتۇرما زەربە بېرىشىمىزنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى ، ھەتتا بىردىنبىر تاللاش . $jh>zf  
«زەھەر» نىڭ مەنبىئى  ئاتالمىش «خاسلىق» تا sg"D;b:X  
لېكىن بىز شۇنى كۆرىشىمىز كېرەككى ، كۆپىنچە ئەھۋالدا تاشقى دۇنيانىڭ بىزنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىغا  قارىتا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان قوپال پوزىتسىيىدە بولدۇق ،ئەمما بۇ خىل قوپاللىقنىڭ كەينىدىكى نەرسە  30 يىلدىن بېرىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتتا شەكىللىنىپ قالغان ئۆزىگە خاس پىسخىك تونۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىزدىكى ئاساسلىق نەتىجىلەرگە بولغان ئىشەنچ تەدرىجى يوسۇندا پۈتكۈل ئۆزگىرىشلەرگە بولغان ئىشەنچكە ئۆزگەردى ، ھەتتا ئۆزىمىز دىن ئۆزىمىز مەپتۇن بولىدىغان بوپقالدۇق . M6*{#Y?  
دۆلەت ئىچىدە ، ساقچىلار ۋە ئۆي چېقىش ئەترىتىگە تايىنىپ بىرلا ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ، دەپ قاراۋاتىمىز ؛ مۇھىت بىلەن بايلىق چەكسىز ھالدا ئىقتىسادىي مۆجىزە يارىتىش ئۈچۈن ماددى ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدۇ دەپ قاراۋاتىمىز ؛ بىز ھەتتا بېلىقنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرەلەيدىغان سۇنى  ئادەمگە زىيان قىلمايدۇ دېسە شۇنىڭغىمۇ ئىشىنىۋاتىمىز . بىز ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلىدۇق ، گەرچە جۇڭگو پەقەت 30 يىل ئىچىدىلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىقتىسادىي نەتىجىلەرنى ياراتقان بولسىمۇ ، ئۇنىڭدا بىز تېخى يەنىلا چەشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان «جۇڭگوچە ئەندىزە» لەر مەۋجۈت . a`~eC)T  
شۇنىڭغا ماس ھالدا ، خەلقئارا سەھنىدە ، بىز جۇڭگونىڭ تېنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى بىلەن قەد كۆتىرىشى بىر-بىرىگە زىت ئەمەس دەپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتىمىز ، ھەتتا غالىبلارچە باشقىلارنى « زومىگەرلىك» لوگىكىسىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ ،  ياخشى نىيىتىمىزگە ئىشەندۈرمەكچى بولىۋاتىمىز ___ گەرچە 400 يىللىق خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدا خاتىرىگە ئېلىنغانلىرى تامامەن ئوخشىمايدىغان مەزمۇن بولسىمۇ . L(n/uQ :  
ئەمىلىيەتتە ، بىز ئىشقا ئاشۇرغان «قەد كۆتۈرۈش» نىڭ ئۇسۇللىرى ئالاھىدە ئەمەس ئىدى ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون دېگەننى بىز ئىجاد قىلمىغان ، مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش دېگەن نەرسىنى بىز ياراتمىغان ، كۈچلۈك ھۆكۈمەت ، كۈچلۈك بازار دېگەن ئىككى ئامىللىق ئەندىزىنىمۇ ئالدى بىلەن بىز بەرپا قىلمىغان ، ھەتتا تالاش – تارتىشلارنى قايرىپ قويۇپ ، ئورتاق ئېچىش دېگەننىمۇ تارىختا ئەڭ ئالدى بىلەن بىز ئوتتۇرىغا قويمىغان . بۈگۈنكى جۇڭگو ئۇتۇق قازاندۇق دەۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەر شەرق ۋە غەرپ ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان نەرسىلەر ، پەقەت بىز «ئەڭ ياخشى» قىلدۇق دېيىشكىلا بولار . ئەمما مانا بۇ «ئەڭ ياخشى» نەرسىلەرنىڭ ئىچىگە بىر تەرەپتىن غايەت زور ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى يوشۇرۇنغان بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى مۇھىت تەننەرقى ئۈستىگە قۇرۇلغان .  
بىزدىكى «خاسلىق» نىڭ قىلچىمۇ ئەمەلىي ئاساسىي يوق ، ئەكسىنچە بىز ئېھتىمال دۇنيادا بىردىنبىر ئۆزىگە ئۆزى ئىشىنىشنىلا تەرەققىي قىلدۇرغان دۆلەت .  بۇ خىل ئۆزىگە ئۆزى  ئىشىنىش مىللىتىمىزنىڭ قېنىدا ئەسلىدىنلا يوق ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش ۋە تەكەببۇرلۇققا ئايلانماقتا ، خۇددى زەھەرگە ئوخشاش ئاستا-ئاستا ئەقلىمىزنى ،  ئىچكى - تاشقى مۇھىتىمىزنى بۇلغىماقتا . بۈگۈنكى جۇڭگو جەمىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇنلىغان «زەھەر» لەرنى ئەمىلىيەتتە ئۆزىمىز «خاسلىق» دەۋالغان نەرسىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان . ou^nzm  
بىز پىسخىك قاتلىمىدا ئۆزىمىزنى ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە دەپ ھېسابلايمىز ، ئەمما ئەمىلىيەتتە بىز مېڭىۋاتقان يولنى باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئالاھىدە دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، بىز ئۆزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان مەنپەئەتنىمۇ باشقىلاردىن ئانچە پەرق قىلىپ كەتمەيدىغان ۋاستىلار بىلەن قوغداشنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز .  بىلىش بىلەن رېئاللىقنىڭ پەرقى گۇمانىي مەسىلىلەرگە دۈچ كەلگەن چېغىمىزدا ، ئوبېكتىپ پاكىت بىلەن چۈشەندۈرۈش ۋە سەۋىرچانلىق بىلەن لوگىكىلىق بايان ئارقىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ئۇنىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، ئەكسىنچە دائىم دېگۈدەك ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەكىتلەپ پىسخىك جەھەتتىن قانائەت ھاسىل قىلغان چېغىمىزدا ، سىرتقى قايىل قىلىش كۈچىنى يوقۇتۇپ قويىۋاتىمىز . Qb't*2c%  
دەرۋەقە بۇ پەقەت «خاسلىق» تىكى «زەھەر» نىڭ بىر تەرىپى خالاس ، ئېھتىمال تەسىرى چوڭقۇر تەرەپ بولماسلىقى مۇمكىن . بىزنىڭ ئۆزىمىزدىكى خاسلىققا مەپتۇن بوپ كېتىشىمىز بىزنى ھەر قانداق ئىش قىلغاندا داغدام يولدا مېڭىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىۋاتىدۇ . نۇرغۇنلىغان ئىشلاردا «پەقەت جۇڭگولۇقلارلا قىلالايدۇ» كەن ، ئۇنداقتا بۇ بۇنىڭدىن ئاۋال  باشقىلارنى مۈشكۈلاتقا چۈشۈرۈپ قويغان نۇرغۇن مەسىلىلەردىن ساقلىنىش كېرەكلىكىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ . بىزدىكى ھازىرقى مەسىلە باشقىلار زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەلنى بىز تۆلىمىسەكمۇ بولىدۇ ؛ باشقىلار بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان مۇھىت تەننەرقى بىلەن بىزنىڭ كارىمىز بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ ؛  باشقىلار رىئايە قىلىدىغان جۇغراپىيىۋىي سىياسىي لوگىكىدىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالساقمۇ بولىۋېرىدۇ ؛  باشقىلار ئېيتقان كۆپچىلىك ئىشەنمىسە بولىدىغان تەشەببۇسقا بىز ئېيتقاندىن كېيىن كۆپچىلىك ئىشەنسە بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەت . دېمەك بىز دېگەن بىز ، بەلكى باشقىلار ئەمەستە .  
«زەھەر» نى ياندۇرۇشتا ئۆزىگە ئىشىنىش ، تەكەببۇرلۇق قىلماسلىق كېرەك t?nc0;Q9,@  
بۇ خىل «زەھەر» نى داۋالاش ئەمىلىيەتتە تەسمۇ ئەمەس ، بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلساق ،  باشقىلار قىلالمىغان ئىشلارنىڭ بەزىلىرىنى بىز قىلالايمىز ، مەسىلەن ، بىز سەنشيادەك مىسلى كۆرۈلمىگەن قۇرۇلۇشنى قىلالىدۇق ؛ بەزى ئىشلارنى بىز قىلالمايمىز ، مەسىلەن ، بىز مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىدىن  ھالقىپ كەتكەن شارائىتتا «%8كە كاپالەتلىك قىلىش» نى ئىشقا ئاشۇرالمايمىز ؛ باي-نامراتلىق پەرقى جامائەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلىيالمايمىز . -y*_.Ws9  
يىغىپ ئېيتقاندا ، بىز پەقەت يەر شارىدىكى بىر دۆلەت خالاس . بىز ئۆزىمىزگە ئىشىنىشىمىز ، لېكىن ئۆزىمىزنى چوڭ تۇتماسلىقىمىز كېرەك . يەر شارى كەنتىدىكى باشقا ئەزالارغا يۈزلەنگەن چېغىمىزدا ، بەزى چاغلاردا ئۆزىمىزنى چوڭ تۇتۇشتىن بىر ئاز ساقلىنالماي قېلىشىمىز مۇمكىن ___ ئەمىلىي كۈچنى سېلىشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى نەزەردە تۇتقاندا ، بۇ خىل «ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش» زىيادە ئۆزىگە ئىشىنىپ كەتكەنلىكنىڭ ئاساسىي بولۇپ ، بۇنى تامامەن ساختىلىق دېگىلى بولمايدۇ . لېكىن بىز دەسسەپ تۇرغان زىمىن ۋە يېنىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە يۈزلەنگەن چېغىمىزدا ئۆزىمىزنى چوڭ تۇتساق بولمايدۇ . بىز قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشىمىز ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىچكى قىسىمغا ۋە سىرتقا نېسبەتەن شەرتلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز ، ئىچكى قىسىمغا نېسبەتەن شەرتسىز ھالدا ئىجتىمائىي ۋە تەبىئەت تەننەرقى سېلىپ بەرمەسلىكىمىز ، سىرتقا نېسبەتەنمۇ شەرتسىز ھالدا بىرلا ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قەد كۆتىرىش ۋە تېنچلىقنى قوغلاشماسلىقىمىز كېرەك . ivX37,B\bS  
【ئاپتورنى تونۇشتۇرۇش】  يې خەيلىن ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسىسى . بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتوتى خەلقئارا مۇناسىۋەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن ، قانۇنشۇناسلىق ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان . ھازىر جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئاسىيا تېنچ ئوكيان تەتقىقات ئىنىستىتوتى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى . ئەسەرلىرىدىن «پاك دۆلەت __ پاكىستان» ، تەرجىمە ئەسىرىدىن «بوشلۇق ئۇرۇشى» قاتارلىقلار بار . qm}>J^hnB#  
مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن ئەركتېكىن تەرجىمىسى . \}x'>6zr2  
مەنبەئە : wenku.baidu.com/view/afc93cf5f61fb7360b4c b LM"t0  
,#bb8+z&p  

تېما تەستىقلىغۇچى : ئارقۇ
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-16, 14:37
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
Acura
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.22010

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   122 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3555 (سوم)
 ياخشى باھا:   228 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   123  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1286
 سائەت
دەرىجىسى:
1286 سائەت 64 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-12
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

ياخشى تەرجىمە قىلىنغان ماقالىكەن ، تېمىدىكى مەزمۇنلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت ، لېكىن ئوڭشىلىشى تەس ، تولۇمۇ تەس .
 
بىلگەنلەر ئەقىللىق ، كۆرگەنلەر تەجىربىلىك ، ئۆزگەرتكەنلەر قابىلىيەتلىك .
XaPaRaG-5
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10675

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   323 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7099 (سوم)
 ياخشى باھا:   266 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   338  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6328
 سائەت
دەرىجىسى:
6328 سائەت 322 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

شۇ  ھازىر جوڭگۇ ھاكاۋۇر ، پۇچڭ ،مەنمەنچى ،سامسىچى ، قۇيمىچى، يەنەبىرمىچى  ئېشقىلىپ ئارقىسىغا چى  كىلىدىغاننىىڭ ھەممىسدە بار
 
SaN_Siz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11654

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   442 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9810 (سوم)
 ياخشى باھا:   596 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   792  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 233
 سائەت
دەرىجىسى:
233 سائەت 37 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

ئويلىنىشقا تىگىشلىك يەنە بىر مەسلە بۇ ...
 
*ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.
saptilak
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3333

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   678 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3962 (سوم)
 ياخشى باھا:   489 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   480  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5033
 سائەت
دەرىجىسى:
5033 سائەت 237 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-04
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

ھەممە ئادەم ئوقۇشقا تىگىشلىك ماقالە ئىكەن. ئەجىر قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. 62[8xn=(%  
ماقالىدا ئوتۇرغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ھەتتا تۇزەلمەسلىكى مۇمكىن. ۋەتنىمىزنىڭ ھازىرقى شۇئارىمۇ ‹تىنىچلىق بىلەن تەرەقىياتنى تاڭ ئىلىپ بېرىش› تىن ئىبارەتقۇ.
 
بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.
蓝狼331
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3371

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   511 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   685 (سوم)
 ياخشى باھا:   460 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   327  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2494
 سائەت
دەرىجىسى:
2494 سائەت 26 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

‹سىجىل تەرەققىيات›  ئىستىراتىگىيسىدە چىڭ تۇرۇپ ، قەتئىي تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك!!
 
ھۇرۇنلۇق ئادەمنى باشلار زاۋاللىققا.......
ablajan5
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5252

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   44 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5436 (سوم)
 ياخشى باھا:   214 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   307  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7599
 سائەت
دەرىجىسى:
7599 سائەت 191 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-17

كاژنئ بازار ظوڭشايدذ
 
oguzturk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24901

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   310 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3163 (سوم)
 ياخشى باھا:   150 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   203  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3043
 سائەت
دەرىجىسى:
3043 سائەت 197 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-03
ئاخــىرقىسى:2011-10-24
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-17

مۇنبەردىكى ئەزالارمۇ ئۆگىنىپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ ، بىز دە ھازىر بىر كۆزقاراشقا قارشى پىكىر قىلغانلارنى غەيۋەتخور دەيدىغان ‹‹قالپاق ›› پەيدا بولىدى .شۇنىڭغىمۇ ھازىر مۇنبەردە پىكىر قىلىدىغانلار ساناقلىقلا بوپ قالاي دىدى
 
ئەرلەر جەمئىيەتتە يۈزلۈك ئورۇنغا ئىگە بولمىسا يەر بولغىنى بولغان...........
tarhamak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5550

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   627 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   835 (سوم)
 ياخشى باھا:   539 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   716  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4687
 سائەت
دەرىجىسى:
4687 سائەت 263 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-03
ئاخــىرقىسى:2011-10-17
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-17

بىزلەرمۇ خېلى ئوبدان زەھەرلەندۇققۇ بۇنىڭ بىلەن ... جاھاندا مەھمۇت قەشقىرىدىن ئۇلۇغ ئالىم ، يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن بۈيۈك ئەدىب ، ئۇيغۇردىن مەشھۇر مىللەت ، 12مۇقامدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يوق بەزىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ... [ VE8V-  

 
ئىنسانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغاندا تەرخەمەككە ئوخشاپ قالىمەن ...
Qapaqhenim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41019

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   473 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15095 (سوم)
 ياخشى باھا:   3874 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   5921  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5287
 سائەت
دەرىجىسى:
5287 سائەت 313 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-17

بىز مۇشۇ «ئۆز- ئۆزىگە مەپتۇن قىلىش ۋاكسىنىسى»نى E"5*Ei)^3  
تۇغۇلۇپلا ئۇرغۇزۇپ،  تاكى ئۆلگىچە مەستخۇشلۇقتىن 4rLL[??  
قۇتۇلالماي كېتىۋاتقانلارنىڭ بىرى. بىرى بولغاندىمۇ )v.=jup[  
ئەھۋالى ئەڭ ئېغىرلىرىدىن بىرى.
 
ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر!
يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !
1670154432
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43241

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1438 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10751 (سوم)
 ياخشى باھا:   2075 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1243  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4793
 سائەت
دەرىجىسى:
4793 سائەت 157 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-17

ئەڭ ياخشىسى مەن سۇكۇتتە تۇراي ،
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى