مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       5746 
  •    ئىنكاس 
       47 

ئاجايىپ شوخ ۋە يېقىملىق يېڭى ناخشا -رامىزان

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14292 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07

ئادەمنى  ماگنىتتەك تارتىدىغان سېھىرلىك ناخشا y)?Sn  
كىشىلەر پەيلاسوپلاردىن ‹‹گۈزەللىك دىگەن نىمە ؟›› دەپ سورىسا ئۇلارنىڭ نىمە دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى مەن بىلمەيمەن.چۈنكى مەن پەيلاسوپ ئەمەس.بۇ سۇئال ئەگەر مەندىن سورالسا مەن:‹‹ گۈزەللىك-ھەرقانداق بىر قاشاڭ تۇيغۇنىمۇ غىدىقلاپ ئىختىيارسىز  ئۆزىگە رام قىلىۋالىدىغان بىر خىل جەلىپ قىلىش كۈچى›› دەپ جاۋاپ بېرىمەن. بۇ خىل يەكۈنگە كىلىشىمگە تۈنۈگۈن مەن شەھەرگە كىسەل يوقلاپ بېرىپ قايتارشىمدا ئاپتوبۇستا  يۈز بەرگەن  كىچىككىنە بىر ۋەقە  سەۋەپچى بولدى. يېرىم يىلچە بولۇپ قالدى.تىلىۋىزورلاردا  قويۇلىدىغان ناخشا موزىكىلار مىنى  ئانچە ئۆزىگە تارتالمايدىغان بولۇپ قالدى.مەن شوخ، مۇڭلۇق ياكى لېرىك خەلق ناخشىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن. ئىجادى ناخشىلار پۇراقسىز سۇنئى گۈللەردەك تۇيۇلۇپ مەيلىمنى تارتالمايدۇ.بۇلتۇرلىتىن ئاپتۇبۇسقا چىقىپ قالسام ئالايىتەن تېلىۋىزۇرى ۋە لازىر نۇرلۇق دىسكا قويغۇچىسى بار ئالى دەرىجىلىكلىرىگە چىقىپ، ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئېلىپ، ئىسىل ناخشىلار ياكى كىنو فىلىملاردىن ھوزۇرلانغاچ 2-3 سائەتلىك سەپەرنىڭ قانداقلارچە تېزلا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قالاتتىم.لىكىن بۇ يىلچۇ؟ 'cJHOd  
نەەگىلا قارىماڭ ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش فىلىملىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئايىقى چىقماس كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە فىلىملىرى قاپلاپ كەتكەن بولغاچقا، كۆرگۈممۇ كەلمەيدىغان.ماشىنىغا چىقساممۇ ئارقا رەتكە بېرىپ ئۈگدەپ ئولتۇرۇپ  ئۆيدىكى چاغدا چالا قالغان ئۇيقۇلىرىمنى ئۇخلىۋالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.بۈگۈنمۇ شۇ ئادىتىمگە ئاساسەن ئارقىغا بېرىپ ئولتۇردۇم.لىكىن ئۇخلاشقا مۈمكىنچىلىك بولمىدى.يېنىمىزدىكى بىر ياشانغانراق پاراڭچى ئايال جەمىيەتتىن،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇ بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ بىزنى (يېنىدىكى يولۇچىلارنى) ئۆزىگە قارىتىۋالدى.ئاپتۇبۇسنىڭ تېلىۋىزورىدا يېڭى چىققان ئۇيغۇرچە ۋە ئۆزبىكچە تاللانما ناخشىلار قويۇلماقتا ئىدى.لىكىن باشقىلارمۇ مەندەك تۇيغۇدىمۇ قانداق تېلىۋىزۇر بىلەن ھىچكىمنىڭ چاتىقى يوق.ھەممەيلەن ئۆز پارىڭىغا چۈشۈپ كېتىشىپ ئاپتۇبۇس ئىچى پاراڭ بىلەن تولۇپ كەتتى.سەپىرىمىزنىڭ يېرىمى تۈگىگەن بىر چاغدا  قارىسام ئاپتۇبۇسنىڭ ئىچى بىردىنلا ئادەم قالمىغاندەك جىمىپلا كەتتى.مەن ھەيران بولۇپ مۇھىتنى كۈزەتتىم .ھەممىلا يولۇچى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاپتۇبۇسنىڭ تېلىۋىزۇرىدا چىقىۋاتقان يېڭى بىر خەلىق ناخشىسىنى بېرىلىپ ئاڭلىماقتا ئىدى.ھەممە ئادەمنى جەلىب قىلىۋالغان قانداق ناخشىكىنە؟! مەنمۇ بېرىلىپ كۆرۈپ كۈزەتتىم.ناخشىنىڭ  ئېمتىۋى كۆرۈنىشىدە بېشىغا قۇمۇللۇقلارنىڭ ئالما گۈللۈك قىزىل دۇخاۋا دوپپىسى بىلەن  ئاپپاق كۆڭلەك كىيىشىۋالغان،يېرىمىدىن كۆپرەكى داپ،قالغانلىرى قۇمۇل غىجىكى،ۋە دۇتتار ،تەمبۇر، راۋاپلارنى كۆتۈرۈۋالغان ياش قېرى بولۇپ ئون نەچچە كىشى ئاجايىپ مۇڭلۇق شۇنداقلا شوخ رېتىملىك  بىر ناخشىنى ئېيتقاچ كېچە مەنزىرسى ئىچىدە ئۆيمۇ -ئۆي مېڭىپ دەرۋازىسى ئالدىدا ساز چېلىپ كوللىكتىپ ناخشا ئېيتماقتا، ئۆي-ئۆيلەردىن ئۇخلاۋاتقان كىشىلەر ئويغۇنۇپ سىرتقا چىقىپ بەزىلىر گۆش،بەزىلىرى نان،بەزىلىرى قوي،يەنە بەزىلىرى نۇرغۇن پۇل دىگەندەك نەرسىلەرنى ئۇلارغا ئاچىقىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ شوخ  سازىغا بىردەم ئۇسۇل ئوينىۋېتىپ ئاندىن كىرىپ كېتىشمەكتە ئىدى.ۋوي بۇ قانداق ناخشىكىنە؟! مەزمۇنىغا قۇلاق سالدىم: %c)^8k;I  
ئىشكىڭنىڭ بېشىدىن ئاي كۆرۈنەر، %gDMz7$~  
ھەممە ئۆيدۈن مۇشۇ ئۆي باي كۆرۈنەر. &^^zm9{  
رەببىم ئاللا،رەببىم ئاللا رامىزان، k2muHKBlk  
خۇش مۇبارەك مۇبارەك كېلىدۇ بۇ رامىزان، !Z2?dhS  
ئىشىكىڭدىن قارىسام تاينىڭ ئىزى، sEq_K#n{  
خەسە كۆينەك ئاچىقار باينىڭ قىزى. ?n9gqwO  
...  U=MFNp+  
ھە، ئەسلىدە رامىزان قوشىقى كىرىشتۈرۈلگەن خەلىق ناخشىسى ئىكەندە؟! مەن بۇرۇن سۇدىيەئاي مەھمۇد ئېيتقان قۇمۇل خەلق ناخشىلىرىنى ئەڭ ئىسىل كۈي سۈپىتىدە ھوزۇرلىنىپ ئاڭلايتتىم. دۇنيادا بۇ ناخشىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئىسىل كۈي يوقتەك تۇيۇلۇپ كېتەتتى ماڭا!  بۇ ناخشىنىڭ مېنىلا ئەمەس پۈتۈن ئاپتۇبۇستىكى 30-40          ئادەمنىڭ  ھەممىسىنىڭ قەلىب تارىنى چېكىپ بۇ قەدەر  ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغىنىنى قارىمامدىغان .شۇئان ئىسىمگە كىچىك ۋاقىتلىرىم كەلدى. ھەر يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 10كۈنى كېچىسى چوڭلارغا ئەگىشىپ ئۆيمۇ ئۆي مېڭىپ رامىزان ناخشىسى ئېيتاتتۇق،ئكيلەردىن بەرگەن تۇخۇم، گۆش،قوغۇن تاۋۇز،مىۋە چىۋە دىگەندەك نەرسىلەرنى تالىشىپ تۇرۇپ يەيتتۇق.مۇھىم قىممىتى يۇقۇرىئاشلىق،پۇل قوي ئۆشكە دىگەندەك نەرسىلەرنى چوڭلار توپلاپ قىيىنچىلىقىبار نامراتلارغا تۇل ىوتۇن يىتىم ئوغۇللارغا،قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارغا ئاپىرىپ بېرىپ كاتتا ساۋاپ ئېلىشاتتى. نىمە دىگەن كۆڭۈللۈك كۈنلەر ئىدى ھە.خۇددى شۇ كۈنلەر قايتىپ كەلگەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم. lO>w|=<  
قارىسام ئەتىدىن كەچكىچە ئۆزبىك بىلەن تۈرىكنىڭ ۋە ياكى شارۇلخاننىڭ ناخشىلىرىنىلا ئاڭلاپ  مىللى ناخشىلىرىمىزنى‹‹مەتۇ›› كۆرۈپ ئۆزىچە ياراتمايدىغان ياسانچۇق سىتۇدىنىت قىزلاردىنمۇ ئىككى ئۈچى :‹‹ۋاھ،نىمە دىگەن شوخ،نىمە دىگەن مۇڭلۇق،ناخشا بۇ؟ئادەمنى ئىزىۋىتىش ئورنىغا روھلادۇرۇۋېتىدىكىنا!›، دىيىشىپ  تامىقىنى چىكىشىپ جىمجىت ئاڭلاپ ئولتۇرۇشاتتى. قۇمۇل خەلىق ناخشىلىرىنڭ سېھرى كۈچى نىمە  دىگەن كۈچلۈك ھە! Gb.r!W8  
مەن بۇ ناخشىغا ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدىم.مەن نەسرىلەشتۈرۈپ يېزىۋاتقان  ‹‹شاھنامە›› رومانىدا  بىرسىنى بىر كۆرۈپلا،ياكى ھۆسنىنىڭ تەڭداشسىز تەرىپىنى بىر ئاڭلاپلا كۆيۈپ قالىدىغان  ئاشىقلارمۇ تەسۋىرلىنەتتى.مەنمۇ شۇلارنىڭ ھالىغا قالدىممۇ نېمە؟!  ماشىندىن چۈشىدىغان چاغدا شوپۇر ئۇستىغا ھېلىقى پىلاستىنكىنى سېتىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن بولساممۇ قەتئى ئۇنىمىدى.مەن ئۆيگە كەلگەن چېغىمدا سائەت كەچ سائەت23تىن ئاشقان ئىدى.ھېلىقى ناخشىنىڭ يېقىملىق ساداسى قۇلاق تۈۋىمدىن ھېچ كىتەي دىمەيتتى. بۇ ناخشىنى تور دۇنياسىدىن ئىزدەپ تاپماقچى بولۇپ ئۇيغۇرچە يول لا ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىپ ئىزدەتكەن بولساممۇ 3mp  ھۆججىتىنىلا تېپىپ بېرىپ سۈرەتلىكىنى تاپالمىدى.شۇنىڭ بىلەن 56فىلىم يوللاش تورىنى ئېچىپ ناخشا ئىسمىنى پىنيىنچە كىرگۈزۈپ ئىزدەتسەم تاپالىدى. لوتۇن ئىسىملىك بىرتورداش دوست بۇ تور بەتكە ئاللىقاچان يوللاپ قويغان ئىكەن.قاتتىق چاڭقىغان چاغدا سۇغا ئېرىشكۈچى قانچىلىك ھوزۇرلانغان بولسا مەنمۇ بۇ رامىزان ناخشىسىدىن  شۇنچىلىك ھوزۇرلىنىپ ئاخشام 1-2 سائەت،بۈگۈنمۇ 30-40قېتىمچە ئاڭلاپ ۋە كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ دەردىمگە دەرمان قىلدىم .مىنىڭ ياخشى نەرسە تاپسام ئۆزۈم يالغۇز ئىگەللىۋالماي كوللىكتى بىلەن ئوراقلىشىپ بىرگە ھوزۇرلانسام دەيدىغان  بىر ياخشى خاراكتىرىم بولغاچ كەچتە بۇ ناخشىنى مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان مىسرانىم تورى بىلەن دوستۇم تورىغا يوللاپ قويۇپ تورداش دوستلار بىلەن بىرگە ھوزۇرلانغىم كەپ قالدى.لىكىن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈۋېتىپ كىرىشتۈرگۈچى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى بايقىدىم شۇڭا بۇ يازمامدا بۇ ئىسىل ئەمگەكنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچىلارنىمۇ ھۆرمەت بىلەن  تىلغا ئالغۇم كەلدى.كۆرۈنۈشلەردە خەت قىستۇرۇلغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا بۇ ناخشىنىڭ ئېمتىۋىسىنى ‹‹قىزىل ياپراق ئۈن سىن مەركىزى›› ئىشلىگەن. فىلىم ئىشلىەۈچى قادىر كىچىك مۇھەممەد  . فىلىم كىرىشتۈرگۈچى: ئىمىنجان تۇرسۇن.ئاكورىدلاشتۇرغۇچى قادىر نىياز دىگەن قىممەتلىك ئۇچۇرلار بار ئىكەن.مەن بۇ يازمامدا بارلىق تورداشلار نامىدىن بۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇلار مۇشۇنداق بىر گۈزەل كۈينىڭ روياپقا چىقارغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك.تۆۋەندە تورداشلارنڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن بۇ ناخشىنى يوللاپ قويدۇم. مەن بۇنى تورغا يوللاشتا ھىچقانداق پەقەت بۇ گۈزەل كۈي،يېقىملىق ىەلىق ناىشىسىدىن تورداشلارنى ھوزۇرلاندۇرماقچى بىر ياخشى ئىجادىيەتنى تونۇشتۇرماقچى خالاس،شۇڭا باشقۇرغۇچىلار  بۇ ناخشىنى  ئېمتىۋىسىنى ئىشلىگۈچىلەر بۇ ياخشى كۆڭۈلنى قوبۇل قىلساڭلار سۈكۈت قىلىڭلار.مەنپەتىمىزگە زىيان يەتتى دەپ قارىساڭلار.مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارغا ئىنكاس قىلساڭلار ماقالىنى ساقلاپ قېلىپ پىلەش ھۆججىتىىنى ئۆچرىۋەتسە بولىدۇ. H->J.5~,K  
مەنبە: U~QIO O  
http://player.56.com/v_NTc3NjM2MTE.swf FP=%e]vJ  
#Q}`kFB`  
5]DgfwX  
B B*]" gT  
$Kn{x!,"(  

تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-16, 11:20
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 11 پارچە مۇنبەر پۇلى +726
ansar0996 مۇنبەر پۇلى +100 08-06 ئىسىل
قۇملۇق مۇنبەر پۇلى +99 08-06 ئىسىل
spoon مۇنبەر پۇلى +20 08-06 ئېسىل
fizik مۇنبەر پۇلى +20 08-06 -
Nawruzay مۇنبەر پۇلى +11 08-02 ئېسىل!!!
mahbusman مۇنبەر پۇلى +100 07-17 ھەقىقى مىللى خاسلىققا ئىگە.
dolanlik مۇنبەر پۇلى +77 07-16 ئەجىردىن بەرىكەت
قۇۋۋەت مۇنبەر پۇلى +1 07-16 ئۇنتۇلسا بولمايدىغان مەدەنىيەت!
alafasy مۇنبەر پۇلى +99 07-16 ئىسىل
kaisar مۇنبەر پۇلى +100 07-16 دىلىمنىڭ تارىسىنى ئۈزىۋەتتى .  رەخمەت
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
muharram@0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45195

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   122 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   780 (سوم)
 ياخشى باھا:   119 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1233
 سائەت
دەرىجىسى:
1233 سائەت 117 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2011-10-20
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

ھەجەپ ياخشى يوللاپسىز بۇنى ،مەن خىلى بولغان ئۇلىنىش توربىتىدە بىرلا ئاڭلاپ ،چۈشۈرۋالاي دەپ ، بەك ئىزدەپكەتكەن ،لىكىن بۇ يىقىملىق رامىزاننى مەدىھىلىگەن ناخشىنى تاپالمىغان،ئەمدى چۈشۈرۋالايچۇ!
 
kunntugdi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47214

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   93 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   465 (سوم)
 ياخشى باھا:   93 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 488
 سائەت
دەرىجىسى:
488 سائەت 52 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

        ياخشى  قىلىپسىز .مەزمۇنى  ساغلام   ناخشىلاردە  بۇ  .
 
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14292 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

ئىسلام دىنى ناھايىتى كۆپ گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ،كىشىلەرگە ياخشىلىق ئېلىپ كىلىدىغان جەمىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائى مۇقىملىق ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلالايدىغان دىن.ۇ ناخشىدا تىلغا ئېلىنغان رامىزان زاكىتى بۇ دىننىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنىڭ بىرى.ھەر يىلى رامىزان ئېيى كىرىپ كىشىلەر رامىزان تۇتۇشقا باشلاپ 10كۈن ئۆتكەن كۈنى كېچىسى رامىزان ناخشىسى ئېيتالايدىغان، ياخشى نىيەتلىك پىداكار  كىشىلەردىن ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن رامىزان زاكىتى يىققۇچىلار مۇشۇ نىشىنىڭ ئېمتىۋىسىدىكى كۆرۈنۈشلەردە تەسۋىرلەنگەندەك بىر توپ بولۇپ ئۇيۇشۇپ ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ كىشىلەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدايېقىملىق سازلارغا تەڭكەش قىلىپ رامىزان ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ئۆي ئىگىسىنىڭ رامىزانغا ئاتىغان زاكاتلىرىنى ئەچىقىپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشىدۇ.ئۆي ئىگىسىنى زورلىمايدۇ.ئەچىققان نەرسىلىرىنى كىچىك كۆرۈپ تە بولمايدۇ.ئەچىقسا ئېلىپ ئەچىقمىسا بىردەم ناخشا ئوقۇپ بىرىپ قايتىپ كىتىۋېرىدۇ. لىكىن پخسىق خەسىس بەزى مۇسۇلمانلارنى:‹‹ئۆيۈڭنىڭ ئارقاسىدا قاخشال ئوتۇن ،ئۆيۈڭدىن بىر چىقمىدىڭ يامان خوتۇن›› دىگەن مىسرالاردىكىدەك ئانچە مۇنچە ھەجۋى قىلىپ ناخشا ئارقىلىق تەككۈزۈپمۇ قويىدۇ.پۇتۈن كىچە ئۇيقۇسىز پائالىيەت قىلىپ زۇھۇرلۇق يەيدىغان ۋاقىت يېقىنلاشقاندا  يىغىلغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بىرەر نامراتنىڭ ئۆيىگە ياكى ئارىسىدىكى بىرەرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ زوھۇرلۇق تائام يەپ رامىزان تۇتۇۋېلىشقاندىن كېيىن يەنە تارقىشىپ كەتمەي كېچىدىن بېرى يىغىلغان رامىزان زاكاتلىرىنى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار،رامىزان تۇتۇشتا قىينىلىدىغان،دىنى پەرىزلەرنى ياىشى ئادا قىلىدىغان،ياشانغان ئىگە چاقىسى يوق كىشىلەر،تۇل خوتۇنلار،يىتىم بالىلار،مېيىپ ئاجىزلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئەكىرىپ تارقىتىپ بېرىپ قوش ساۋاپقا ئېرىشىدۇ.رامىزان زاكىتىنى پەيغەمبەر رەسۇلىللا ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئەشۇنداق ھاجەتمەن كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش يۈزىسىدىن يولغا قويغان. بۇنداق ياىشى ئىشنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەشكە ئاجىز نامراتلارغا ئاتىغان نەرسىلىرىنى بۇ ساخاۋەتلىك ۋاكالەتچى قوللارغا خاتىرجەم تاپشۇرۇپ بىرىشكە بولىدۇ.ئەسلام دىنى‹‹ مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا ھەققى بار !››،‹‹كۇللى ئىنسان قېرىنداشتۇر›› دىگەندەك گۈزەل قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.سىز ئەتىگەنلىك زوھۇرلۇقنى گۆش باسقان پولۇ بىلەن يەۋاتقان ۋاقىتتا نامراتلىق تۈپەيلى تاماقمۇ ئىتىپ يىيەلمەي قېتىپ كەتكەن بىر پارچە ناننى چايغا ياكى سوغاق سۇغا چىلاپ يەپ زوھۇرلۇق قىلىۋاتقان نامراتمۇسۇلمانلار يوق دەپ ئېيتالمايمىز.بىزدە توقچىلىق بولىۋاتقان بىلەن ئاپرىقا ئەللىرىدە ھەر يىلى 5مىليۇنچە كىشىنىڭ نامراتلىق تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.شۇڭا شۈكرى ئېيتمىقىمىز.ياخشى كۈنلەردە باشقا قېرىنداشلىرىمىزنمۇ ياد ئىتىپ بېرەلەيدىغان ياردەملىرىمىزنى ئايىماسلىقىمىز لازىم.ئەلۋەتتە بۇمۇ ساۋاپ ئۈستىگە ساۋاپ، ياىشى ئەمەل ئۈستىگە ياىشى ئەمەل قىلغانلىقىمىز بولىدۇ. ئاللاھ ئىگەم بىزگە مال دۇنيانى ‹‹ئۆزىلا ئىشلىتەمدۇ ياكى نامرات  مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغىمۇ ياردەم بېرەمدۇ ؟››دەپ سىناپ بېرىدۇ.تاش يۈرەكلىك شەخسىيەتچىلىك ،ئاچكۆزلۈك قىلساق بەلكىم بىر كۈنلەردە بىزگە زىيادە بىرىلگەن مۇكاپاتلار ئازىيىپ كېتىشى ياكى يوقۇلۇپ كېتىشىمۇ مۈمكىن.
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 4 پارچە مۇنبەر پۇلى +189
fizik مۇنبەر پۇلى +20 08-06 -
turankaxkar مۇنبەر پۇلى +100 07-18 ئىسىل يازمىلار...
babur99 مۇنبەر پۇلى +19 07-16 ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن!
kaisar مۇنبەر پۇلى +50 07-16 -
 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
kizilkowruk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26729

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   31 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2778 (سوم)
 ياخشى باھا:   260 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   368  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 164
 سائەت
دەرىجىسى:
164 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-18
ئاخــىرقىسى:2011-10-21
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

      ھەقىقەتەن كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان،يېقىملىق ناخشا... رەھمەتلىك دادامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە،ياش چاغلىرىدا ئوتتۇز ئوغۇل بايلارنىڭ ئۆيلىرىگە رامزان ئېيتىپ بېرىپ ،پۈتۈن مەھەللىنى رامىزان شادلىقىغا چۆمدۈرەتتىكەن: i^Ip+J+[  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياتقان بايلار ، 2zlBrjk;  
روزىنىڭ زاكاتىغا پاتقان بايلار . [vNaX%o  
] v8.ym  
رامىزان ئاللاھ شەھىرى رامىزان، 1(`UzC=R|  
خوش مۇبارەك كەلدىلەر شۇ رامىزان. ibqJ'@{=e  
ئۆيۇمنىڭ ئارقىسىدا تاينىڭ ئىزى، )r`F}_CEL  
كەشمىر ياغلىق بېرىدۇ باينىڭ قىزى. \-nbV#{  
>J['so2Bf  
روزىنى ئون بەش تۇتۇپ كەلدۇق سىزگە ~}@cSv'(1  
روزىنىڭ زاكاتىنى بېرىڭ بىزگە . )ePQN~#K}  
     شۇنىڭ بىلەن بايلار ئۆيلىرىدىن قوي،نان ۋە باشقا يىمەكلىكلەرنى ئەچىقىپ بېرەتتىكەن ،ئوتتۇز ئوغۇل بۇنى كەمبەغەللەرگە بېرەتتىكەن...شۇنداق قىزىقچىلىقلار بىلەن رامىزانمۇ تېزلا توشۇپ كېتەتتىكەن .غۇلجا رامىزان ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭى تولىمۇ يېقىملىق ئىكەن. دادام يەنە قازاقچە رامىزان ناخشىسىنىمۇ ئېيتىپ بەرگەنتى،ئۇ ناخشىمۇ شۇنداق يېقىملىق ئىكەن .ھەر يىلى رامىزان ئېيى يېتىپ كەلگەندە دادامنىڭ رامىزان ناخشىلىرىنى ېيتىپ بېرىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.ئۇلۇغ ئاللاھ دادامغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلغايلا   ،ئامىن!
 
kaisar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.427

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1583 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1105 (سوم)
 ياخشى باھا:   456 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   455  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7702
 سائەت
دەرىجىسى:
7702 سائەت 88 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

دىلىمنىڭ تارىسىنى ئۈزىۋەتتى .  رەخمەت
 
pusat2
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6238

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   240 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5290 (سوم)
 ياخشى باھا:   266 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   327  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2805
 سائەت
دەرىجىسى:
2805 سائەت 185 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-13
ئاخــىرقىسى:2011-10-30
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

سەنئەتنىڭ نىمە ئۈچۈن بۈگۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغانلىقىنى ئازىراق ھىس قىلدىم ...................ئەقىل كۆزلىرى كۆرسە ئىدى!..... /@`kM'1:  
71(C@/J  
uqFYa bU  
ئاللاھقا قىيىن ئىش يوقتۇر،ھەممىنى بىلگۈچى بىر ئاللاھ . qrxn%#\XP  
گۇناھلىرىمىزنى رەھمەت قىلغايسىز ئھ ئاللاھ.......
 
ئەقىل بىرلە زىمىنغا باق،
دەمسەن سوئالىمغا ياق.
yal_guz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11309

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   198 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6911 (سوم)
 ياخشى باھا:   599 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   648  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 352
 سائەت
دەرىجىسى:
352 سائەت 88 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-23
ئاخــىرقىسى:2011-10-23
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

رەھمەت سىزگە،.  مەنمۇ چۇشۇرۋالدىم  بۇ ناخشىنى
 
Eltekin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1424

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1916 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2262 (سوم)
 ياخشى باھا:   1519 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1928  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10085
 سائەت
دەرىجىسى:
10085 سائەت 255 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن، ياخشى ئىش، ياخشى ھەرىكەتلەر ئۈچۈن قىلىنغان خېلى كۆپ ئىشلار يەنىلا ياخشى ئىكەن. مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ناخشىلار ناخشا-مۇزىكىنى چەكلەشكە سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، مەلۇم شەيئىنى قانداق ئىشلىتىش ، قانداق پايدىلىنىشنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەككەن. ky#5G-X  
   تېما ئىگىسىنىڭ بۇ فىلىم ۋە تەربىيەتلىرى ئارقىلىق تەپەككۇرىمىزنى جانلاندۇرغىنىغا كۆپ رەھمەت !

 
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى،قورققىنى ئەمەس.         — ئەلتېكىن
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1486 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8894 (سوم)
 ياخشى باھا:   532 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3358
 سائەت
دەرىجىسى:
3358 سائەت 142 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

ئەجرىڭىزگە رەھمەت .  مەنمۇ چۇشۇرۋالدىم  بۇ ناخشىنى
 
gvllala
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47051

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   19 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   121 (سوم)
 ياخشى باھا:   20 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 76
 سائەت
دەرىجىسى:
76 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

ناھايىتى ياخشى ناخشا بۇ مەن بۇرۇن بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ئاڭلىغان ئىدم، كىيىن بىر ئاڭلاي دىسەممۇ تاپالماي يۇرگەن سزگە كۆپ رەخمەت. g^: & Dh  
  مەن كىچىك ۋاقىتلاردا بىزنىڭ يۇرۇتلاردىمۇ رامزان توۋلايتى ھازىر بۇنداق يوق بۇلۇپ كەتتى...
 
قۇيۇن
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24766

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   357 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   216 (سوم)
 ياخشى باھا:   207 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   216  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2177
 سائەت
دەرىجىسى:
2177 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-16

مەن ئاڭلاپ باقماپتىمكەنمەن ھەقىقەتەن ياخشى ناخشا ئىكەن
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى