مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       4422 
  •    ئىنكاس 
       59 

سەددىچىن سېپىلى لوپنۇر كۆلىگىچە ياسالغانمۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
aptap104
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12462

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   808 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13042 (سوم)
 ياخشى باھا:   1488 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1796  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5348
 سائەت
دەرىجىسى:
5348 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-10

q@l(Qol  
                                                         سەددىچىن سېپىلى لوپنۇر كۆلىگىچە ياسالغانمۇ؟ 3v1 7"  
بۇ پەقەت مۇنازىرە قاتتىق قۇرۇق گەپ قىلماي ، تەپسىلى چۈشۈنۈپ ، ئىنكاس يىزىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن . ',)7GY/n~  
مۇنبەر تىنىچ بولسا تىما ئۈزۈلمەيدۇ ! ]Blf9h7  
CU$#0f>  
   2001-يىلى2-ئاينىڭ 21-كۈنى،شىنخۇا ئاگىنتلىقى پۈتۈن مەملىكەتكە بىر خەۋەر تارقاتتى.خەۋەردە"يېقىنقى ئارخىلوگىيىلىك بايقاشلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى،دۇنياغا داڭلىق سەددىچىن سېپىلى شىنجاڭدىكى لوپنۇر كۆلىگىچە سوزۇلغان بولۇپ،غەربىي ئۇچى كىشىلەر دائىم ئېيتقاندەك گەنسۇنىڭ جىيايۈگۇەندە ئەمەس"دېيىلگەن.ناۋادا مۇنداق بولغاندا سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئۇزۇنلىقى ئەسلىدىكىدىن 500كلومىتىر ئۇزارغان بولىدۇ. ER^QV(IvP8  
%tmp  
   بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى قوزغاپلا قالماي،نۇرغۇن ئالىملارنىڭ گۇمانىنىمۇ قوزغىدى.جۇڭگۇ ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى،چىگرا رايۇن ئارخىلوگىيە تەتقىقات مەركىزىدىكى مىڭ خەنرېن"خەۋەردە دېيىلگەن سېپىل كىشىلەر دېگەن سەددىچىن سېپىلى ئەمەس"دەپ كۆرسەتكەن.كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان سەددىچىن سېپىلى ئەمىلىيەتتە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سېپىلنى كۆرسىتىدۇ.ئۇ شەرقتە شەنخەيگۇەن(يەنە يۈ دەن دۇڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دىن باشلىنىپ،غەرپتە جىيايۈگۇەندە ئاخىرلىشىدۇ.ئەمما خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان سېپىل بولسا،خەن دەۋرىدىكى سېپىلنى كۆرسىتىدۇ.ئۇ جىيايۈگۇەن بىلەن ئوخشىمايدىغان باشقا ئۇقۇم.خەن دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلى ساقلانغان ئەڭ ئۇزۇن بەلۋاغنىڭ ئىزنالىرىنى لەنجۇنىڭ غەربىدىن ئۆتۈپ،خېشى كارىدۇرىنى بويلاپ ماڭغان تاشيولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىن تاپقىلى بولىدۇ.ھازىرقى ئورتاق كۆزقاراش بولسا،خەن دەۋرىدىكى سېپىلنىڭ غەربىي ئۇچى ياڭگۇەن ۋە يۈمىنگۇەن دېگەن قاراشتۇر. Qxa{ UQh}9  
~L{l+jK$p  
مىڭ خەنرېن يەنە،سەددىچىن سېپىلىنىڭ غەرپكە سوزۇلغان سوزۇلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،ئالدى بىلەن نېمىنىڭ سېپىل ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش ناھايىتى موھىم دەپ كۆرسەتتى.ئۇنىڭ قارىشچە،سېپىل دېگەن تام قۇرۇلما بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇداپىيە ئەسلىھەلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن،سۈنئى ياساپ چىقىلغان بولىشى كېرەك.ئەمما يېڭى بايقالغان"تام قۇرۇلما" بىلەن خەن دەۋرىدىكى سېپىلنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسۇلى بىر-بىرىگە ماس كېلەمدۇ-كەلمەمدۇ؟بۇ ئېنىق ئەمەس.ئۇ يەنە يۈمىنگۇەندىن غەرپكە ماڭغان بۇ لېنىيەدە ئارخىلوگىيە خادىملىرى نۇرغۇن تۇرلارنى بايقىغان.تۇرلارنىڭ شەكلى گۈندە(جۇۋازنىڭ ياغ چىقىرىلدىغان قازان شەكىللىك كۆتەك ياغىچى،گېلەم دۇكىنىنىڭ ئاستى ئۈستىگە ئورنىتىلغان توغرا ياغاچ-تەرجىمە قىلغۇچىدىن)گە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ،گۈلخان ئارقىلىق خەۋەر بېرىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش سېستىمىسى،لىكىن بۇ تۇرلارنى سەددىچىن سېپىلى دېيىشكە بولمايدۇ.مېڭ خەنرېن ئەپەندى يەنە تۆۋەندىكىدەك گۇمانىنى ئوتتۇرغا قويدى.خەن سۇلالىسى دەۋرىدە لوپنۇر رايۇنى ئاللىقاچان قۇملىشىپ ياردان يەر شەكلىنى ھاسىل قىلغان،بۇنداق جۇغراپىيەلىك شارائىت ئاستىدا سەددىچىن سېپىلىنى سېلىش ناھايىتى تەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە خەن دەۋرىدىكى غەربىي سېپىل ئاساسلىقى ھونلاردىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن سېلىنغان.ئەمما خەن دەۋرىدىكى ھونلار بارىكۆل ۋە قۇمۇل ئەتىراپىدا توپلانغان بولغاچقا،لوپنۇرغا سەددىچىن سېپىلى سېلىشنىڭ ھېچقانداق  زۆرۈريىتى يوق،دەپ كۆرسەتتى. Ri)uq\E/#  
LFf`K)q  
ئەمما جۇڭگۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار جەمىيىتىنىڭ باشلىقى لوجىۋېن بولسا:"تۇر لېنىيىلىرى بولسا سەددىچىن سېپىلىنىڭ مۇداپىيە سېستىمىسى،ئۇنىڭ سەددىچىن سېپىلىغا ئوخشاش رولى بار.بېيجىڭدىكى بىر قىسىم سېپىللاردىمۇ پەقەت تۇرلا بار" دەپ قارىدى.ئۇ لوپنۇردا يېڭىدىن بايقالغان"تام"لارنى سەددىچىن سېپىلى دەپ پەرەز قىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى سەۋەبى بار:بىرى،ئەينى ۋاقىتتا سېپىل ياساشتىكى مەقسەت غەربىي رايۇندىكى يېپەك يولىنى قوغداش بولۇپ،بۇ "سەددىچىن"يېپەك يولى بىلەن تەڭ بارلىققا كەلگەن.يەنە بىرى،ئەينى ۋاقىتتا بۇ يەردىكى كۆلدە سۇ ھەمدە كروران دۆلىتى بار شۇڭا سېپىل سېلىش شارائىتى بار دەپ كۆرسەتتى. QlEd6^&  
:iPy m}CE  
يەنە بەزى ئالىملار تۇر لېنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى لوپنۇر كۆلىگىچە بېرىپ،ئۇنىڭ غەربىگىچە ئىچكىرلەپ كىرگەن.ئەمما يېڭى بايقالغان تام قۇرۇلما زادى مۇشۇ تۇرلارنىڭ ئارلىقىنى تۇتاشتۇردىغان قۇرۇلمىمۇ ياكى شامالنىڭ تەسىرىدىن شەكىللەنگەن ياردان يەر شەكلىنىڭ مەھسۇلىمۇ ۋە ياكى ئەينى ۋاقىتتا ۋاقىتلىق ياسالغانمۇ؟بۇ يەنە بىر گۇمانلىق نوقتا دەپ قارىدى. $yu?.b 9H#  
z|N3G E(.@  
  شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلار ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى،تەتقىقاتچى مۇ شۈنيىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا،"سەددىچىن سېپىلى شەرقتە لوپنۇرغىچە سوزۇلغان دېگەن بۇ خەۋەر ھېساپلانمايدۇ." دېدى.ئۇ1980-يىلى4-ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسى ۋە ياپۇنيە مەلۇم تېلېۋىزىيە ئىستانسى بىلەن بىللە لوپنۇر رايۇنىدا فىلىم ئىشلىگەندە،ئۇ يەرنى تەكشۈرۋېتىپ قۇم-شېغىللار بىلەن كۆمۈلۈپ قالغان بىر سېپىلنى بايقىغان.بۇ سېپىل قۇم توپا ۋە دەرەخ شاخلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ياسالغان،شاماللارنىڭ ئۇپىرتىشى جەريانىدا يېرىم قىسمى دېگۈدەك ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.ئېشىپ قالغان قىسمىنىڭ ئىگىزلىكى ئىككى مىتىر،كەڭلىكى50-60سانتېمىتىر ئىكەنلىكىنى بايقىغان.سېپىلنى بويلاپ غەرپكە ماڭغاندا،تەخمىنەن بەش چاقىرىم يىراقتا بىر تۇر بايقالغان بۇ تۇرنىڭ ھۇلى تۆت تەرەپلىك بولۇپ،كېسەك بىلەن يۇمىلاق تۆۋرۈك شەكىلدە ئىگىز سۇپا قىلىپ ياسالغان.ئىگىزلىكى ئون مېتىر ئىكەن.بۇلار مەيلى ياسىلىش شەكلى جەھەتتىن بولسۇن،دائىرسى جەھەتتىن بولسۇن ئېنىقكى كىشىلەر تەرپىدىن مۇداپىيەدە ئىشلىتىش ئۈچۈن ياسالغان. nwmW.(R4  
Or0O/\D)  
  پرافىسور مۇ شۈنيىڭ"بۇ تىپىك خەن دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلى،بەزى تۇرلارنىڭ يېنىدا،ئاللىقاچان تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇ قىلىش ئۈچۈن دۆۋىلەپ قويۇلغان ئوتۇن دۆۋىلىرى بار"دەپ كۆرسەتتى.توپا تامغا يېقىن جايدا ئۇ داتلىشىپ كۆكىرىپ كەتكەن ئوق باشلىرىنى بايقىغان.ئۇ يەنە"بۇ سەددىچىن سېپىلى قەدىمكى يېپەك يولىنىڭ ھەمراھى بولۇپ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن غەربىي رايۇنغا بارىدىغان ئالاقە يولىنى قوغداش رولىنى ئوينىغان،بۇ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكىمۇ ماس كېلىدۇ"دەپ قارىدى. X}A'Cg0y  
_Z Y\,_  
شىنجاڭ مەدەنيەت يادىكارلىقلىرى ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ بىڭخۇا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كىيىن"بۇ بۆلەك سەددىچىن سېپىلى ھەقىقەتەن قەدىمى يېپەك يولى بىلەن يانداش بولغان"دېدى.بەزى مۇتەخەسىسلەر يەنە لوپنۇر كۆلى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئاخىرقى نوقتىسى ئىكەنلىكى ئېھتىمالدىن يىراق دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرغا قويدى.لوجىۋېن:"لوپنۇردىن غەرپكە سوزۇلغان تۇرلار كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ،خەن سۇلالىسنىڭ غەربىي رايۇننى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلغان غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ھازىرقى بۈگۈرنىڭ چىگىرسى ئىچىدىكى ئۇرلى<چېدىر>گىچە بولۇپ،غەربىي جەنۇپتا تاكى قەشقەرگىچە سوزۇلغان.ھازىرمۇ كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ ماڭغاندا نۇرغۇن تۇرلارنىڭ ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ"دېدى. =#xK=pRy;  
F]+~x/!  
سەددىچىن سېپىلىنىڭ غەرپكە سوزۇلۇپ شىنجاڭغا كىرگەنلىكى ھەققىدە ئىلگىرى نۇرغۇن خاتىرلەر قالدۇرۇلغان.خەننامە:غەربىي رايۇن تەزكىرىسىدە خاتىرلىنىشىچە،خەنۋۇدى ئالتە يۈز مىڭ ئادەمنى ئىشلىتىپ،دۈنخۇاڭدىن تېتىما كۆلىگىچە سېپىل ياساتقۇزغان.تېتىما كۆلى ھازىرقى لوپنۇر كۆلى.ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈنخۇاڭدىن تېتىما كۆلىگىچە نۇرغۇن جايلاردا تۇر ياسالغان. H/fUM  
s:>\/[*>0c  
جاڭ ۋېنخۇا يازغان"جۇڭگۇ سەددىچىن سېپىلىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ھەققىدە تەكشۈرۈش"دېگەن كىتاپتا خاتىرلىنىشىچە:"بۇ بۆلەك سەددىچىن سېپىلى دۈنخۇاڭدىن شىمالنى بويلاپ قەشقەر كوناشەھەر دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى داخان كۆلىگىچە،ئاندىن غەرپكە سوزۇلۇپ لوپنۇرنىڭ ئەتىراپىغىچە يېتىپ بارغان"دېيىلگەن. 3V<&|  
I5ZqBB  
گەنسۇ كۈندىلىك گېزىتىدىمۇ ئىلگىرى"گەنسۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار خىزمەت ئەتىرىتى يەتتە يىللىق جاپالىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق،قەدىمكى گەنسۇ چىگرىسى ئىچىدە ئون نەچچە تارماق سېپىلنىڭ ياسالغانلىقى شەرقتە شەنشى،شىمالدا ئىچكى مۇڭغۇل،غەرپتە شىنجاڭغىچە سوزۇلغانلىقى،ئومۇمىي ئۇزۇنلىقىنىڭ تۆت مىڭ كلومىتىرغا يەتكەنلىكى"ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغان. Zjh 2{ :  
r'7LR  
ئەمەلىيەتتە شىنخۇا ئاگېنتلىقى1986-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنىلا لوپنۇر كۆلىگىچە بارغان سەددىچىن سېپىلى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاتقان.خەۋەردە"جۇڭگۇنىڭ ئارخىلوگىيە خادىملىرى يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق خەن سۇلالىسىنىڭ غەرپتە شىنجاڭنىڭ لوپنۇر كۆلىگىچە،شەرقتە لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىگىچە بولغان،ئۇزۇنلىقى ئون مىڭ كىلومىتىرغا كېلىدىغان"تاشقى سەددىچىن"نىڭ ياسىغانلىقىنى بايقىدى.يېڭىدىن بايقالغان خەن سۇلالىسى"تاشقى سەددىچىن"نى كۆپىنچە خەندەك ياكى تەبىئىي يەر شەكلىنى توساق قىلىپ،تۇر،قەدىمكى قورغان،شىپاڭلار شەكىللىرىدە دۆلەت مۇداپىيە ئىشلىرىدا ئىشلىتىلگەن".ئۇ خەننامىدە قىسقارتىلىپ"قورغان"دەپ ئاتالغان.چىن شىخۇاڭ دەۋرىدىكى سېپىل غەربىي شىمال رايۇنلاردىكى بىر قىسىم جايلاردا سېپىل بولغاندىن تاشقىرى كۆپىنچە سېپىل،تۇر،خۇاڭخې،تاۋخې(گەنسۇدا)دەريالىرى،شۇنداقلا ئىگىز تاغ،چوڭقۇر جىلغا قاتارلىق تەبىئى توساقلاردىن سېپىل ئورنىدا پايدىلانغان.بۇ تارىخشۇناسلار دەپ ئۆتكەن<يۇشۇرۇن شەددىچىن >دۇردېيىلگەن. j+IrqPKC^  
Zu*K-ep"  
تارىختا شىنجاڭدا سەددىچىن سېپىلىنىڭ رولىنى ئوينايدىغان ئەسلىھەلەر بەرپا قىلىنغان.قارىماققا بۇنىڭ تالا-تارتىش قىلىدىغان يېرى يوقتەك تۇرسىمۇ،ئۇ زادى سەددىچىن سېپىلىمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ياكى خەننامىدە دېيىلگەندەك"قورغان"مۇ ۋە ياكى مۇتەخەسىسلەر ئېيتقاندەك"يۇشۇرۇن سەددىچىن"مۇ؛ئۇ سەددىچىن سېپىلى بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدىمۇ ياكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ بىر قىسمىمۇ؟خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن بىلەن مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىننىڭ نېمە پەرقى بار؟پەقەت مىڭ دەۋرىدىكى سېپىللارلا ھەقىقىي سەددىچىن ھېساپلىنامدۇ؟دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش ناھايتى موھىم. 9i q""  
c3TKl/  
 
5\ fCd|  
&HZmQ>!R D  
/iaf ^ >  
SGL|Ck  
LPd\-S_rsP  
تاڭسىڭ شىنجاڭغا قالدۇرۇپ كەتكەن بىر تېپىشماق J9~i%hzr  
(5L-G{4  
e.d #wyeX  
V N{NA+I  
  تاڭسىڭ(تاڭ شۈەنزاڭ)تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر راھىب.ئەسلى فامىلىسى چېن،خېنەننىڭ يەنشىدىن بولۇپ،كۇڭزىچىلار تەلىماتىنى ياقلىغۇچى بىر ئسىلزادىلەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. "_UdBG  
_*M42 
  تاڭ سېڭ جىنگۇەننىڭ1-يىلى (مىلادى627-يىلى) نەچچە مىڭ چاقىرىملىق يالغۇز سەپىرىنى باشلاپ،جىنگۇەننىڭ19-يىلى(مىلادى645-يىلى)نۇرغۇن جاپا-مۇشەقەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن) دى يولغا چىقىپ،شىنجاڭ،ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ،ھىندىستانغا بېرىپ،نۇرغۇن بۇددا دىنىغا ئائىت ئەسەرلەر ۋە بۇتلارنى ئېلىپ كەلگەن.ئۇ يازغان"بۈيۈك تاڭ غەربىي رايۇن خاتىرسى"دە ئۇنىڭ غەرپكە بېرىپ نوم ئەكىلىش جەريانىدىكى كۆرگەن-بىلگەنلىرى خاتىرلەنگەن بولۇپ،كىيىن كىشىلەرنىڭ غەربىي رايۇن ۋە قەدىمكى ھىندىستاننى تەتقىق قىلىشتىكى موھىم ماتىرىيالىغا ئايلانغان. Elj_,z  
w'4AJ Q|;  
"بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى غەربىي رايۇن خاتىرسى"دە تاڭسىڭ138دۆلەتتە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى خاتىرلىگەن.بۇنىڭ ئىچىدە 110دۆلەتكە ئۆزى بارغان،28دۆلەتنى باشقىلاردىن ئاڭلىغىنى بويىچە خاتىرلىگەن.بۇ كىتاپ ھەرگىزمۇ تاڭسىڭنىڭ سەپەر جەريانىدا نەق ۋاقتىدا يازغان خاتىرسى بولماستىن،بەلكى چاڭئەنگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن تاڭ تەيزۇڭنىڭ تەلىپى بويىچە بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يازغان ئەسلىمىسىدۇر.تاڭسىڭنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى خاتىرلىرى نىسبەتەن بىر موقىم شەكىلدە بولۇپ،دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك شەكلى،ئىقتىسادىي ئەھۋالى،ئۆرپ-ئادىتى،مەدەنىيەت-سەنئىتى،تىل-يېزىقى،دىنىي ئېتىقادى،پادىشاھلىرى ھەققىدە بولغان. U @v*0  
E_z;s3AXQ  
   بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن،كىشىنى ئەجەپلەندۈردىغان مۇنداق بىر مەسىلە بار.تاڭسىڭنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى خاتىرسى نىسبەتەن ئاز،يۈزە بولۇپ،نۇرغۇن جايلارنى خاتىرلىمەيلا ئۆتۈپ كەتكەن.بەزىلىرىنى بولسا مۇنداقلا تىلغا ئېلىپ قويغان.مەسىلەن،ئۇنىڭ نوم ئەكىلىش ئۈچۈن ئۆتىدىغان بىرىنچى ئۆتكىلى بولسا،ئېۋىرغول دۆلىتى(ھازىرقى قۇمۇلدا)بولۇپ،ئېۋىرغول پادىشاھى ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ،ياخشى كۈتكەن.ئۇنى تەبلىغ قىلىشقا تەكلىپ قىلغان.ئۇ بۇ يەردە ئون كۈن تۇرغان.ئەمما ئېۋىرغول دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئايرىم توختالمىغان.كىتاپتا خاتىرلەنگەن بىرىنچى دۆلەت بولسا ئاگنى(ھازىرقى قاراشەھەر)دۇر.ئۇنىڭدىن باشقا ئېدىقۇت دۆلىتى(ھازىرقى تۇرپاندا)ھەققىدە بولسا"ئېدىقۇتتىن چىقتىم"دەپ بىرلا جۈملە قالدۇرغان.ئېدىقۇت ھەققىدە تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرمىغان.تاڭ سىڭ غەرپكە بېرىپ نوم ئەكىلىش جەريانىدا،ئېدىقۇت پادىشاھى كۇۋېنتاي بۇددا ئەقىدىلىرىنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلغاچقا،شۇەنزاڭغا ناھايىتى چوڭ ئىلتىپات كۆرسەتكەن.شۇەنزاڭ ئېدىقۇتتا تۇرغان ۋاقىتتا كۇۋېنتاي ئۇنى نوم ھەققىدە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپلا قالماي،ئۇنىڭ بىلەن سەيلە-ساياھەت قىلغان،ئىككىسى ناھايىتى چىقىشىپ قېرىنداشلاردەك بولۇپ قالغان.كۇۋېنتاي شۇەنزاڭغا بىر ئۆمۈر ئىلتىپات كۆرسىتىدىغانلىقى،بۇنىڭ شەرتى ئۇنىڭ غەرپكە ساياھەتكە بېرىشنى توختىتىپ،ئېدىقۇتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ،دۆلەت پۇقرالىرىغا بۇددا ئەقىدىلىرىنى ئۆگىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. لىكىن شۇەنزاڭ بۇنىڭغا قوشۇلمىغان.كۇۋېنتاي قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغاچقا،شۇەنزاڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش يولى بىلەن قارشى تۇرغان.ئۇدا ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن،كۇۋېنتاي ئۆز قولى بىلەن قەدەھ تۇتۇپ تۇرىۋالغان بولسىمۇ،شۇەنزاڭ قەتئىيلا ئۇنىمىغان.شۇەنزاڭنىڭ بۇ روھى كۇۋېنتاينى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن.كېتىدىغان ۋاقىتتا كۇۋېنتاي شۇەنزاڭغا يات جەمەت قېرىنداشلاردىن بولۇش تەكلىپىنى بەرگەن.شۇەنزاڭ خوشاللىق بىلەن بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلغان.شۇەنزاڭ كۇۋېنتاينىڭ ئانىسى بىلەنمۇ قول بېرىشىپ ئانا-بالا بولۇشقان.كۇۋېنتاي ئۇنىڭغا نۇرغۇن قېلىن كۆجەي تەييارلاپ بەرگەن.ھەمدە يول بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە شۇەنزاڭغا ياردەم بېرىش ھەققىدە مەكتۇپ يېزىپ بەرگەن.خوشلىشىدىغان ۋاقىتتا،ئېدىقۇت پۇقرالىرى ئۇنى داغدۇغلۇق ئۇزىتىپ قويغان.ئەمما"بۈيۈك تاڭ غەربىي رايۇن خاتىرسى"دە ئۇ ئېدىقۇتنى بىر جۈملە بىلەنلا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتكەن.بۇ نېمە ئۈچۈن؟ Oc].@ Jy  
^>x|z.  
تاڭ سىڭ ھازىرقى ئاقسۇ رايۇنىدىكى تەڭرىتاغ جىلغىسى ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىپ،ھازىرقى قازاقىستانغا بارغان.قايتىدىغان ۋاقىتتا پامىر ئىگىزلىكىدىكى تاشقورغاندىن شىنجاڭغا كىرگەن.قەشقەر ئارقىلىق خوتەن رايۇنىغا يىتىپ كېلىپ،تارىم ئويمانلىقىنى بىر ئايلىنىپ چىققان.ئەمما ئۇ كىتابىدا پەقەت ئاگىنى بەگلىكى(قاراشەھەردە)،كۈسەن بەگلىكى(كۇچادا)، قۇم ئايمىقى(ھازىرقى ئاقسۇدا) ،كاۋانتا بەگلىكى(تاشقورغاندا)،كېش بەگلىكى(قەشقەردە)،قارغىلىق بەگلىكى(قارغىلىقتا)،كېرىيە بەگلىكى(خوتەندە)قاتارلىق بەگلىكلەرنى تىلغا ئالغان.يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان بەگلىكلەر ئىچىدە كۈسەن بەگلىكى بىلەن كېرىيە بەگلىكى ھەققىدە خېلى تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرغان.بولۇپمۇ خوتەندىن كىيىن ئاساسىي جەھەتتىن تەپسىلىي خاتىرە يوق.بەزىلەر تاڭ سىڭ جىنگۇەننىڭ18-يىلى(مىلادى644-يىلى)كېرىيەگە يىتىپ كېلىپلا ئالدىراش-تېنەش تاڭ تەيزۇڭغا مەكتۇپ يوللاپ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىگە كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.تاڭ تەيزۇڭ دەرھال جاۋاپ قايتۇرۇپ،"دەرھال قايتىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈڭ"دېگەن،شۇڭىلاشقا تاڭ سىڭ قايتىش سەپىرىدە يول بويىدىكى باشقا جايلارغا بەك دېققەت قىلىپ كەتمىگەن دەپ قارىماقتا.لىكىن بۇ كۆز قاراش ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس.ناۋادا ئۇنداق بولغاندا،ئۇ قايتىش ۋاقتىدا ناھايىتى ئازادە بولغان بولىدۇ.شۇنداق تۇرۇپ نېمىشقا نۇرغۇن جايلاردا خاتىرە قالدۇرمايدۇ.ياپۇنيەدىكى بەزى ئالىملار تاڭ سىڭ كېرىيەدە تاڭ تەيزۇڭنىڭ پەرمانىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن،ۋاقتىدا يىتىپ بېرىش ئۈچۈن،خەتەرلىك يوللاردىن ئەگىپ،كېرىيەدىن يېنىپ خوتەن دەرياسىنىڭ شىمالىنى بويلاپ كۇچاغا يىتىپ كەلگەن.كۇچادىن ئەسلى يولىنى بويلاپ قايتقان،شۇڭىلاشقا قالدۇرغان خاتىرسى ئاز دەپ قارىدى.بۇ خىل كۆزقاراشنىڭ توغرا-خاتالىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس.بۇنىڭدىن باشقا تاڭ سىڭ قايسى يول بىلەن قازاقىستانغا كىرگەن؟"بۈيۈك تاڭ غەربىي رايۇن خاتىرسى"دە خاتىرلىنىشىچە،ئۇ"مۇز تاغ"بىلەن كىرگەن.مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە،بۇ ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ غەربىدىكى مۇز داۋان ئىكەن.بۇ جاي قەدىمدە سودىگەرلەر دائىم ماڭىدىغان موھىم قاتناش يولى بولغان.گەرچە بۇ بىر خەتەرلىك يول بولسىمۇ،جۇغراپىيەلىك ئورنى موھىم بولغاچقا،يەنىلا ئاساسلىق ئۆتكۈنچى يول بولۇپ قالغان.ئەمما بۇ يەردە قەدىمدىنلا ئىككى يول بولغان.بىرى،موزارت داۋىنى.يەنە بىرى،بېدەل ئارت داۋىنى.تاڭ سېڭنىڭ"مۇز تاغدىن ئۆتتۈم"دېگىنى زادى بۇ ئىككى يولدىن قايسى ئىكەنلىكى يەنە بىر تېپىشماقتۇر. #hfuH=&oh  
QS.>0i/7l  
fc=Patg  
@!N-RQ&A  
TcTM]ixr  
n]_[NR) i  
شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ سىرى BcjP+$k4_  
h}_~y'^!  
fA%z*\  
hRI"y":zD  
2002-يىلى1-ئاينىڭ8-كۈنى شىنجاڭدەك بىر چەت،خىلۋەت رايۇندىن شىنجاڭ ساياھەتچىلىك-تەۋەككۇلچىلىك شىركىتى بىر مىليۇن يۇەن چىقىرىپ"شىنجاڭ يولۋىسى"نى ئىزدەيدىكەن دېگەن پارتىلاش خاراكتىرلىك خەۋەر تارقالدى.خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا،نەچچە ئون يىلدىن بۇيان سۈكۈت ئىچىدە تۇرغان "شىنجاڭ يولۋىسى" مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم كىشىلەر قىزىقىدىغان قىزىق نوقتىغا ئايلاندى. nMfFH[I4  
lU^;Z 6f  
  تارىختا شىنجاڭ يولۋىسى بولغانمۇ؟مۇتەخەسىسىلەرنىڭ جاۋابى بولسا"ئەلۋەتتە بولغان".تونۇشتۇرۇشلارغا ئاساسلانغاندا،شىنجاڭ يولۋىسى يالغۇز ئاسىيا ئۇرۇقىدىن بولۇپلا قالماستىن بەلكى كاسپىي دېڭىزى يولۋىسىنىڭ بىر تارمىقى ئىكەن.ئۇ يەنە "كاۋكاز يولۋىسى،پارىس يولۋىسى،غەربىي ئاسىيا يولۋىسى" دەپمۇ ئاتىلىدىكەن.بۇ خىل يولۋاس ئىلگىرى تۈركىيە،سابىق سوۋىت ئىتىپاقى،ئىران،ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ تارقالغان بولۇپ،ياۋا تۈرلەر توپى ئىچىدىن 1973-يىلى رەسمىي يوقالغانلىقى ئېلان قىلىنغان.شىنجاڭ يولۋىسى بىر ئەسىر ئىلگىرى تارىم دەريا ۋادىسى،كۆنچى دەريا ۋادىلىرىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ "تارىم يولۋىسى"دەپ ئاتالغان.مۇتەخەسىسلەر شىنجاڭ يولۋىسى توپىنى 20-ئەسىرنىڭ30-يىلىرىدىلا يوقالغان دەپ قارىماقتا. _\PNr.D 8  
v[@c*wo  
شىنجاڭ يولۋىسىنى خەلقئاراغا تۇنجى قېتىم تونۇتقان كىشى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى شىنجاڭ قاتارلىق رايۇنلاردا تەكشۈرۈش ۋە ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان روسىيەلىك ئوفىستسىر پرژىۋالىسكى دەپ قارالماقتا.1876-يىلى كەچ كۈزدە ئۇ تارىم ئويمانلىقىدىكى بىر كەنتتە يولۋاس ئوۋلاش ھەركىتىگە قاتناشقان ھەم ئۆز كۆزى بىلەن كالىي سىئانىد زەھەرلىك يەمچۈكىنى يۇتىۋالغان يولۋاسنىڭ دەلدەڭشىگىنىچە ئورمانلىقتىن چىقىپ كەلگىنىنى كۆرگەن.پرژىۋالىسكى بىر كىتابىدا ئۇ ۋاقىتتا تارىمدىكى يولۋاسنىڭ ۋولگا دەرياسى بويىدىكى بۆرىلەردەك كۆپ ئىكەنلىكىنى يازغان.بۇنىڭدىن20يىل كىيىن شىۋىتسىيلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سىۋىن ھىدىن تارىم ئويمانلىقىغا كەلگەن ۋاقىتتا شىنجاڭ يولۋىسى زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەن.1934-يىلى سىۋىن ھىدىن شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كەلگەن،تەرەپ-تەرەپنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ ئاللىقاچان نەسلى قۇرىغانلىقىنى بايقىغان.20-ئەسىرنىڭ50-يىللىرى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك ئىلمىي تەكشۈرۈش جەريانىدا،ئالىملار شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ ئىزىنىمۇ تاپالمىغان. L9Z;:``p  
l.\re"Q  
19-ئەسىرنىڭ70-80-يىللىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ يولۋىسى تارىم ئويمانلىقىدا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانغا،شۇنداقلا يېقىنقى زامان غەربىي رايۇن ئېكىسپىدىتسىيىسى بايقىماقچى بولغان سىرلىق تېمىغا ئايلىنىپ قالدى.ئەمما غەلىتە يېرى شۇكى،جاڭچىيەندىن تارتىپ بەن چاۋغىچە،فاشىيەندىن تارتىپ شۇەن جۇاڭغىچە،خۇاڭ ۋېنبىيدىن تارتىپ چىن زۇڭچىغىچە،ھەتتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمىي ھۆججەتلىرىدىمۇ شىنجاڭ يولۋىسى توغرلىق تەپسىلى خاتىرلەر ئاندا-ساندا ئۇچىراپ قالىدۇ.قارىماققا بۇ ھەقتىكى خاتىرلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك چەتئەللىك ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ خاترىلىرىدىن كەلگەندەك تۇرىدۇ.ئەمما 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ يولۋاس ھەققىدىكى تەسۋىرلىرى ناھايىتى جانلىق.ھەتتا شىنجاڭدىكى بەزى جاي ناملىرى يولۋاس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.مەسىلەن:"بارىسكۆل"دېگەن يەر نامى"يولۋاسنىڭ ئالدى پۇتى"دېگەن مەنىدە.ئىلى قورغاس دەرياسى بويىدىكى جىلغا"يولۋاس توپۇق"دەپ ئاتالغان بولۇپ،"يولۋاسنىڭ قولتۇقى"دېگەن مەنىدە.رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ جايدىن دائىم يولۋاس چىققاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭ مەنزىرسى شېئىرلىرىنى يېزىش بىلەن داڭ چىقارغان شىياۋ شىيۇڭ بىر شېئىردا"قۇيۇق ئورمانلىقتا يولۋاس،بۆرىلەر ناھايىتى كۆپ"دەپ يازغان.شۇ ۋاقىتتا لىن زېشۈي ئېلىغا سۈرگۈن قىلىنغاندىن كىيىن ئۆز خاتىرسىدە"خۇلار(ئۇيغۇرلار)بىر يولۋاسنى ئۆلتۈردى،ياردەم بەرگۈچىلەرگە تەقدىم قىلىش ئۈچۈن،تېرىسىنى شىلىپ،سۆڭىكىنى ئاجىراتتى،،ئۇنى شىلىم قىلىش ئۈچۈن تازا قايناتتى"دەپ يازغان.لىكىن شىنجاڭ يولۋىسىنى ھەقىقىي كۆرگەن ۋە ئوۋلىغانلار يوق دىيەرلىك.تارىم ۋە كۆنچى دەرياسى بويىدىكى لوپنۇرلۇقلارنىڭمۇ يولۋاس تېرىسىدىن بىرەر نەرسە ياسىغانلىقى ھەققىدىكى خاتىرلەرنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.بۇ ھەقىقەتەن سىرلىق بىر ئىش. ,:fl?x.X  
[ xOzzp4  
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ سىۋىن ھىدىن لوپنۇرنى تەكشۈرگەندە،ئۆز كۆزى بىلەن يولۋاسنى كۆرۈش شەرىپىگە ئېرىشەلمىگەن.1896-يىلى جەنۇبتىن شىمالغا تەكلىماكان قۇملۇقىنى كىسىپ ئۆتكەندە،كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا يالغۇز ياشايدىغان بىر بوۋاينى ئۇچىراتقان.ئۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ،مۇشۇ يەردە چوڭ بولغان بىر ئۆمۈر مۇشۇ قۇيۇق ئورمانلىقتىن ئايرىلىپ باقمىغان.بۇ بوۋاي سىۋىن ھىدىنغا ئۈچ يىل ئىلگىرى يولۋاسنىڭ بۇ ئورمانلىقتا گاھ پەيدا بولۇپ،گاھ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ^_ t%kmL`  
x83 !C}4:  
  سىۋىن ھىدىن ئىلگىرى لوپنۇرلۇقلارنىڭ قورشاپ ئوۋ ئوۋلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان،لىكىن ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر پارچە توزاققا چۈشكەن يولۋاسنىڭ تېز سىزمىسىنى سىزىپ چىققان.پرژىۋالىسكى بىلەن سىۋىن ھىدىن تەكشۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئېسىل رەسىملەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن،ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەر پارچىمۇ شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ سۈرىتى يوق.ناۋادا ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن(مەيلى ئۆلۈك بولسۇن)يولۋاسنى كۆرگەن بولسا چوقۇم رەسىمىنى قالدۇرغان بولاتتى. fPi3s b`}  
Iz6y{E  
ھازىر دۆلەت ئىچىدە شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ ئەۋرىشكىسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،1990-يىلى يازدا،جۇڭگۇلۇق ئالىم ياڭجىيەن شىۋىتسىيەنىڭ سىتوھكلۇم مۇزىيىدا رەڭگى ئالا-چىپار شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ تېرىسىنى كۆرگەن.تونۇشتۇرىشچە،بۇ 1900-يىلنىڭ بېشىدا سىۋىن ھىدىن لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ يېڭى كۆل دېگەن جايىدا لوپلۇق ئوۋچىلاردىن بۇ تېرىنى سېتىۋالغان ئىكەن.بۇ قورامىغا يەتمىگەن يولۋاس ھايات ۋاقتىدا تەخمىنەن220قاداق بولۇپ،زەھەرلىنىپ ئۆلگەچكە،تېرىسى ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان.كىشىلەر ئادەتتە 20-ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىدىن باشلاپ،پۈتكۈل تارىم ئويمانلىقىدا يولۋاسنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق خاتىرە يوق دەپ قارىماقتا.1973-يىلى2-ئايدا ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا يولۋاسنى قوغداش تۇغرلىق خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلغان.يىغىندا"دۇنيادا ئەسلىدە يولۋاسنىڭ سەككىز خىل كەنجى تۈرى بولۇپ،ئۈچ تۈرى ئاللىقاچان يوقالغان،بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى "شىنجاڭ يولۋىسى"دەپ رەسمىي ئېلان قىلىنغان. o-xDh7v  
W3vi@kb]  
  شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ قانداق بولۇپ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن؟بۇ ھەقتە شىۋىتسىيلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سىۋىن ھىدىن1900-يىلى يازغان "لوپنۇرنىڭ سىرى"ناملىق كىتابىنىڭ 10-بابىدا مۇنداق بىر خاتىرىنى قالدۇرغان:يەرلىك كىشىلەر بىزگە ئۆتكەن ئىككى يىلدا قاراكۆل بويىدا يولۋاسنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.ئۇلار يولۋاس ھەققىدە بىر ھېكايە ئېيتىپ بەردى.ئاڭلىماققا بۇ ھېكايىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.لىكىن يەرلىك كىشىلەر"بۇ راست بولغان ئىش"دەپ تۇرىۋالدى.ئۇلارنىڭ دېيىشىچە چىشى يولۋاس كۈچۈكىنى تۇغقاندا،دائىم چۈمۈلە يوق جاينى تاللايدىكەن،چۈنكى سانسىزلىغان چۈمۈلىلەر يولۋاس كۈچىكىگە ھوجۇم قىلىپ،ئاخىردا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن.يەرلىك كىشىلەر ئۆتكەن ئىككى يىلدا يولۋاسنىڭ كۆرۈلمىگەنلىك سەۋەبىنى بۇ يەردە چۈمۈلىنىڭ ئىلگىركىگە قارىغاندا بەك كۆپىيىپ كەتكەنلىكىگە يىغىنچاقلىدى.ئەگەر بۇ ھېكايە باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان بولسا،بۇ يەردە تىلغا ئالمىساممۇ بولاتتى،لىكىن بۇنى شۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان لوپنۇرلۇقلار ئېيتىپ بەرگەن.ئۇلار شۇنچىلىك سەمىمي، ساددا،تەسەۋۇر قىلىش كۈچى چەكلىك،ئەگەر ھەقىقەتەن ئەمىلىيەت ئاساسى بولمىسا،ئۇلار بۇنداق ھېكايىنى ئويدۇرۇپ چىقارمايدۇ.چۈمۈلىنىڭ يولۋاس كۈچىكىنى ئۇزۇقلۇق قىلىشى بىلەن،ئانا يولۋاس تۇغىدىغان جاي تاپالمىغان.بۇ ھەقىقەتەن شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتىش سەۋەبى ھەققىدىكى قىممەتلىك ماتىرىيال.ئەمما شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ،بەلكىم ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى بولسا كېرەك. g~7Ri-"  
i,V;xB2  
   شىنجاڭ يولۋىسى ھەققىدىكى ئىشلار يۈز يىل تېپتېنچ تۇرغاندىن كىيىن،شىنجاڭ ساياھەتچىلىك-تەۋەككۇلچىلىق شىركىتى مىليۇن يۇەن پۇل خەجلەپ شىنجاڭ يولۋىسىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كىيى شىنجاڭ يولۋىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تۆت تەرەپتىن ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلىدى: ccC zu6  
Am8x 74?  
   شىنجاڭ گىئولوگىيە ئىدارىسىدىكى ئالىي ئىنجىنىر جاڭ يۈچىيەن مۇنداق دېدى:1960-يىلى5-ئاينىڭ4-كۈنى ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن مىرەن دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان چىندىخوزا(清水河)ۋە قىزىل دەريا(红水河) ئارلىقىدىكى جىلغىدا گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.ئۇلار جىلغىدىكى بىر ئايلانمىغا كەلگەندە،يېقىنلا جايدىن قۇم-شېغىللارنىڭ سېرىلىغان ئاۋازى ئاڭلانغان.بۇ ئاۋاز جىمجىت جىلغىنى قورقۇنچلۇق تۈسكە كىرگۈزگەن.ئۇلار بىر دوقمۇشتىن شۇنداق ئايلىنىشىغىلا ئالدى تەرەپتىكى 8-9مىتىر ئارىلىقتىن تۈكلىرى ئالا-چىپار بىر يولۋاسنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن.يولۋاس بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئۇلارغا تىكىلىپ قارىغان.ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن،قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتقىنىچە يان تەرەپتىكى كىچىك تاغ باغرى تەرەپكە مېڭىپ ئۇلارغا قايرىلىپ قارىغان.يولۋاس بىر تەرەپتىن ئۇلارغا قارىغان.بىر تەرەپتىن ئاغزىدىكى قان داغلىرىنى يالىغان.ئىككى-ئۈچ مىنۇتتىن كىيىن ئۇ بۇرۇلۇپلا كىتىپ قالغان.كىيىن ئۇلار كىچىك تاغ باغرىدا بوينى ئۈزىۋىتىلگەن بىر ياۋا ئېشەكنى كۆرگەن. A*. /,KT  
ze_{=Cv&Y  
  شىنجاڭ لوپنۇر كۆلى ئېكىسپىدىتسىيە ساياھەت كوپراتىپىدىكى ۋۇشى گۇاڭمۇ بىر قېتىملىق تاسادىبىي ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن:2000-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنى ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن كىچىك دەريانىڭ قالدۇق ئىزىنى ئىزدەۋىتىپ كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى دەريا قېنىدا 11-13 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى،مېيخۇا گۈلى شەكىلدىكى بىر ئىزنى بايقىغان.ئىز بىر دەم قۇملۇقتا بىردەم دەريا قېنىدا كۆرۈلگەن.ئىز كۆرۈلگەن ئەتىراپتىكى موھىتنى تەھلىل قىلغاندا،بۇ جايدا يولۋاس بولىشى مومكىن ئىكەن. ]0;864X0  
K.G$]H  
بۇ يىل63ياشقا كىرگەن جاڭ جۈن گېزىتخانىمىزغا(شىنجاڭ گېزىتى) 1959-يىلى5-ئاينىڭ9-كۈنى ئۆزىنىڭ ماناس ناھىيىسىدىن ئۆتكەندە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئۇقتۇرىشىنى كۆرگەنلىكىنى،ئۇقتۇرۇشتا قۇمۇشلۇقتا يولۋاسنىڭ بايقالغانلىقى،كۆپچىللىكىنىڭ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى يېزىلغانلىقىدەك بىر خەۋەرنى ئىنكاس قىلغان. uE[(cko  
#`GY}-hL!  
شىنجاڭ پىۋا زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى گو ئەيمىڭ1976-يىلى كوماندۇرۇپكىغا چىقىپ،جىڭدىن ئۆتۈپ شاشەنزى دېگەن جايغا كەلگەندە بىر ئوۋچىنىڭ يولۋاس تېرىسى سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.ئۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ"ئۇ چوقۇم يولۋاس تېرىسى،ئۇنىڭ تۈكلىرى قارا ھەم سېرىق ئىكەن"دېگەن. =n^!VXaL]]  
kc7lc|'z  
شاڭ تىيەن شۇ ئىسىملىك بىر ھەربىي باغراش كۆلى ئەتىراپىدا بىر ھايۋاننىڭ ئاياق ئىزىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.ئۇ "بەلكىم بۇ شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ ئىزى بولىشى مومكىن" دېگەن. 8 #ndFpu  
awv De  
شايارلىق بىر چارۋىچى لوپنۇرغا قويىنى ئىزدەپ كېلىپ،بىر قوينىڭ مەلۇم يىرتقۇچ ھايۋان تەرپىدىن يىيىلگىنلىكىنى ئەتىراپىدا يولۋاسنىڭ ئىزى بارلىقىنى كۆرگەن. *lef=:&,,  
bs9aE< j  
2001-يىلى بىڭتۇەن 105-پولىك مەيدانىدا6-7ئادەم بىر سۆكسۆلۈكتە200مىتىرغىمۇ يەتمىگەن ئارىلىقتا ئىككى يولۋاسنى كۆرگەن.كۆرگەندىمۇ يولۋاسنىڭ رەڭگى ۋە بەدەن قۇرۇلمىسىنى شۇنداق ئېنىق كۆرگەن. "x@='>:$  
[1Ydo`  
بىر ۋاڭ فامىلىلىك كىشى گېزىتخانىمىزغا تېلىفۇن بېرىپ،ئۇنىڭ دوستىنىڭ ئۆيىدە بىر دانە يولۋاس تېرىسىنىڭ بارلىقىنى،ئۇنى دوستىنىڭ دادىسى1989-يىلى ئالتايدا ئاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. zEZLKWm9-  
{0! ~C=P  
تېخىمۇ يامان بولغىنى1998-يىلى1-ئايدا ماناس ناھىيىسىدىكى تاغدا غەلىتە بىر ھايۋان بايقالغان.ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مىتىر،ئىگىزلىكى0.5مىتىر بولۇپ،پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈك قارا ھەم سېرىق رەڭ ئارىلاشقان ھالەتتە،پىشانىسىدە"五"خېتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بەلگە بار ئىكەن.ئۇ دائىم كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان،ئىنتايىن يامان،ناھايىتى تېز يۈگىرەيدىغان،باشقا ھايۋانلارغا يولۇققاندا دەرھال ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنىڭ بوينىدىن ئۈزۋىتىدىغان ھايۋان بولۇپ،چارۋىچىلارنىڭ قوي ۋە ئاتلىرىنى يەپ كەتكەن.چارۋىچىلار بىر قورام تاشنىڭ ئارقىغا ئۆتىۋىلىپ،ئۇنى ياغاچ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن. @/r^%G  
q1E:l!2al  
بىڭتۇەن84-پولىكتىكى لى فامىلىلىك بىرەيلەن گېزىتخانىمىزغا تېلېفۇن بېرىپ،1999-يىلى10-ئايدىكى بىر كېچىدە،ئۇنىڭ ئۆيىدىكى قوتانغا ئالا-چىپار بىر يولۋاسنىڭ بۆسۈپ كىرىپ ئىككى قوينى بوغۋەتكەنلىكى،ئۇنىڭ قاتتىق غەزەپلىنىپ كالتەك بىلەن ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتكەنلىكى،يولۋاس تېرىسىنىڭ ھازىرغىچە بارلىقىنى ئېيتقان. gyS+9)gY  
DmXcPJ[9  
يىرتقۇچلارنىڭ پادىشاھسى يولۋاس شۇنداق ئاسانلا ئادەتتىكى بىر ئادەم تەرپىدىن ياغاچ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.شىنجاڭدا ۋۇسۇڭلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟يولۋاس ھەققىدىكى بۇ خەۋەرلەرنىڭ راست بىلەن يالغىنىنى ئايرىش ھەقىقەتەن تەس. C"lJl k9g^  
8q`$y$06Dk  
شىنجاڭ يولۋىسىنى ئىزدەش توغىرسىدىكى خەۋەر مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنكى بىر ئاي ئىچىدە،شىنجاڭ يولۋىسى ھەققىدە56پارچە خەۋەر بېسىلغان.راست ھەم يالغىنىنى ئايرىپ بولمايدۇ.لىكىن مۇناسىۋەتلىك ئالىملار بۇ ئىش ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان.بەزى ئادەملەر شىنجاڭ يولۋىسىنى ئىزدەشنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىدىن گۇمان قىلىشتى.بىرەيلەن"شىنجاڭ يولۋىسىنى ئىزدەش ھەقىقەتەن بىر بولمىغۇر ئىش،يولۋاس بولغان تەقدىردىمۇ،ئۇنى ئىزدىمەسلىك كېرەك،چۈنكى شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ تېپىلغان كۈنى،بەلكىم ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنىڭ باشلانغان كۈنى بولۇپ قېلىشى مومكىن"دېدى.يولۋاسنى قايتا ئىزدەش ھەتتا باشقا تۈردىكى ھايۋانلارغا ئاپەت ئېلىپ كېلىشى مومكىن.شىنجاڭ يولۋىسىنى ئىزدەش جەريانىدا بىر قەشقەرلىك كىشى دۆلەت تەرپىدىن قوغدىلىدىغان"يايلاق تاغىل مۈشۈكى"نى تىرىك تۇتىۋىلىپ ئەرمەك قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن.ئارقىدىنلا بىر گۇچۇڭلۇق كىشى بىر ئاز ئۇچىرايدىغان مايمۇننىڭ ئەۋرىشكىسىنى كۆرگەزمە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن.مىليۇن يۇەن خەجلەپ يولۋاس ئېلانى بېرىلگەندىن كىيىن بىر قاتار دۆلەت تەرپىدىن نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى قالايمىقان تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈش دىلولىرى بارلىققا كىلىپ،نۇرغۇن ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان.شىنجاڭ يولۋىسىنى ئىزدەش پائالىيىتى بىر مەزگىل داغدۇغا پەيدا قىلغاندىن كىيىن،بۇ خەۋەرنى تارقاتقۇچى2002-يىلى5-ئايدا يولۋاس ئىزدەش پائالىيىتىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان. #_mi `7!B#  
~OePp a\  
بىز بۇنداق ئىشلارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.بىز نەزىرمىزنى يەنىلا بارغانسىرى ناچارلىشىۋاتقان شىنجاڭنىڭ ئېكىلوگىيىلىك موھىتىغا ئاغدۇرغىنىمىز ياخشى.شىنجاڭ يولۋىسى زادى بارمۇ-يوق؟بۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىر سىر.بىز شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۈت بولىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.بۇ بىزنىڭ تۇيغۇمىز بىلەن زىچ باغلانغان.خۇددى ئىنسانلار بىر گۈزەل ماكانغا ئېھتىياجلىق بولغىنىدەك،كىشلەرنىڭمۇ بارلىق ياۋايى ھايۋانلار ئۈچۈن بىر ياخشى موھىت ھازىرلاپ بېرىشىنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمىز. y8VpFa  
Th`skK&U  
4@.|_ zY  
Bx[rC  
vpPl$ga5bY  
$8l({:*q0  
R(j1n,c]  
U|G| l|Bl  
RFh"&0[  
\, !Q Jp4  
كروران گۈزىلىنىڭ سىرى HE<1v@jW  
R{,ooxH\J  
JO14KY*%  
1B*Wf P~  
1980  -يىلى4-ئايدا شىنجاڭ ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسى"يىپەك يولى"فىلىم ئىشلەش گۇرپىسىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن،"كروران ئارخىلوگىيە ئەتىرىتى"تەشكىللەپ،كىروران رايۇنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە پروفىسور مۇ شۈنپېڭ باشچىلىقىدىكى ئارخىلوگىيە ئەتىرىتى لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالى چېتىدىن كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى"铁板河(خەنزۇچە مۇشۇنداق بىر دەريانىڭ نامىنى دەپتىكەن.لىكىن بۇنىڭ قايسى دەريا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم،شۇڭا بىۋاستە خنزۇچىسىنىلا يېزىپ قويدۇم.بىلىدىغانلار بولسا دەپ بەرسەڭلار كىين ئۆرگەرتىپ قويىمەن)"نىڭ چىقىش ئېغىزىدا ئىلگىركى كرورانلىقلارنىڭ قەبرىسىنى بايقىدى.ھەمدە پۈتۈنلەي مۇككەممەل ساقلانغان كروران ئادىمىنىڭ قۇرۇغان جەسىتىنى قېزىپ چىقتى.بۇ قەبرە"铁板河"نىڭ كونا دەريا ئىقىنىنىڭ شەرقىدىكى يەر يۈزىدىن7-8مېتىر ئىگىز تۆپىلىكتىكى يالغۇز قەبرە بولۇپ،ئۇزۇن تۆت چاسا تىك قۇدۇق شەكىلدىكى قەبرىدۇر.شەرقتىن غەرپكە چوڭقۇرلۇقى1مىتىز،ئۇزۇنلىقى1.74مىتىر،كەڭلىكى بولسا0.7مىتىر؛قەبرىنىڭ ئىگىسى بولسا 40ياش ئەتىراپىدىكى بىر ئايال بولۇپ سىرتقى شەكلى مۇككەممەل ساقلانغان.ئۇنىڭ يۈزى ئورۇق،بۇرنى ئىگىز ھەم ئۇچلۇق،كۆزلىرى ئورا،چاچ،تېرە،تىرناقلىرى ساپمۇساق،ھەتتا ئۇزۇن كىرپىكلىرىنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.چېچى قۇيۇق سېرىق قوڭۇر رەڭدە،چېچىنىڭ ئۇزۇنلىقى 20-25سانتىمىتىر بولۇپ مۇرە قىسمىدا ئەركىن تاشلىنىپ تۇرىدۇ.تېرىسى كۈلرەڭگە مايىل زەيتۇن رەڭدە،ساغرا قىسمىنىڭ تېرىسىنىڭ تېخچە ئىلاستىكىلىقى يوقالمىغان. T ^A b!O  
E^w:KC2@  
جەسەت قېزىلغاندا يۈز قىسمىغا ئەخلەت ئالغۇچ شەكىلدىكى ئۇزۇن ياپىلاق سېۋەت يېپىلغان بولۇپ،ئۇنىڭ تۆۋەنكى ئۇچى كۆكرەك قىسمىغىچە سوزۇلغان.سېۋەتنىڭ ئۈستىگە30سانتېمىتىر قېلىنلىقتىكى قۇرۇق دەرەخ شاخلىرى يېپىلغان.دەرەخ شاخچىلىرىنىڭ ئۈستىگە يەنە10سانتىمىتىر قېلىنلىقتىكى قۇمۇشنى بېسىپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قېلىنلىقى10سانتىمىتىر ئەتىراپىدا ئىنچىكە دەرەخ شاخلىرىنى تاشلىغان.ئۈستىنى قۇم توپىلار بىلەن بېسىۋەتكەن.جەسەت يالىڭاچ ھالەتتە بولۇپ،بەلدىن يۇقىرى قىسمى قېلىن يۇڭ رەخت بىلەن ئورالغان.يۇڭ رەخت كۆكرەك قىسمىدىكى تۇتاشقان جايدىن ئۇچلانغان دەرەخ شاخلىرى بىلەن چېتىپ قويۇلغان.بەلدىن تۆۋەن قىسمى بىر پارچە ئاشلانغان قوي تېرىسى بىلەن ئورالغان.بېشىغا كىگىز قالپاق كىيگەن.پۇتىغا ئۆرۈلگەن تېرىدىن ئاياق كىيدۈرۈلگەن.ئاياقنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى قىسمى قوي يۇڭىدىن ئىشىلگەن قېلىن يىپتا تىكىلگەن.پايپاق كىيگۈزۈلمىگەن. D .vw8H3  
\yrisp#`  
قەبرىدىكى ھەمدەپنە بويۇملىرى ناھايىتى ئاددى بولۇپ،كىيىمدىن باشقا،پەقەت باش قىسمىنىڭ سول تەرپىگە يىكەن بىلەن چىغدىن توقۇلغان كىچىك سېۋەت قويۇلۇپ،ئۇنىڭ ئىچىنى توپا بىلەن توشقۇزۇپ قويغان.بىلىكىنىڭ يېنىدىن يەنە بىر دانە ياغاچ تارغاق بايقالغان.تاغاقنىڭ چىشلىرى ئۇچلۇق يۇمۇلاق قىلىنىپ،بىردىن بىردىن تاغاق غولىغا كىرگۈزۈلگەن.تاغاق غولى قېلىن تېرە بىلەن چىڭ باغلىنىپ،ئارىسىغا شىلىم قۇيۇلۇپ ياسالغان.قەبرىنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىن ساپالدىن ياسالغان ھېچقانداق بويۇم تېپىلمىغان. *9ywXm&?  
T+LJ* I4  
بۇ قەدىمكى جەسسەتنىڭ يىل دەۋرىنى بېكىتىش ئۈچۈن1981-يىلى3-ئايدا شىنجاڭ ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى جەسەتنىڭ بەدىنىگە ئورالغان قوي تېرىسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ،جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنىغا كاربۇن14 ئانالىزى قىلىشقا ئەۋەتكەن.ئۆلچەش ئارقىلىق جەسەتنىڭ يىل دەۋرىنىڭ 3800يىل ئەتىراپىدا ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.بۇ كىيىنكىلەر تەرپىدىن "كىرورەن گۈزىلى"دەپ ئاتالغان جەسەتتۇر. }U@m*dEG  
bg|!'1bD`5  
بۇ ھازىرغا كەلگۈچە مەملىكىتىمىزدىن تېپىلغان ئەڭ قەدىمكى جەسەت ھېساپلىنىدۇ.ئىلگىرى شاڭخەي،ياپۇنيە قاتارلىق جايلاردا كۆرگەزمە قىلىنغان.ئۇنىڭ بايقىلىشى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان.تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان بولسىمۇ،لىكىن يەنىلا نۇرغۇن تۈگۈنلەر تېخىچە سىر پېتى تۇرماقتا.  Lw1T 4n  
=1dI>M>tm  
بۇ قەدىمكى جەسەت ئىنسانلارنىڭ قايسى تىپىغا تەۋە؟مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر بۇ جەھەتتە ئىنچىكە تەقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ،يەنىلا ئۇنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىدى.ھازىر پەقەت تومتاق ھالدىلا ئۇ قەدىمكى ياۋرۇپا ئېرقىغا ياكى قەدىمكى لوپلۇقلارغا تەۋە دېيىلمەكتە.قەبرە ئىگىسى ھايات ۋاقتىدا نەدە تۇرغان؟ئارخىلوگلار قەبرە ئەتىراپىنى خېلى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ،ھازىرغىچە بۇ ئەتىراپتىن ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان ئىزىنى تاپالمىدى.مۇتەخەسىسلەر لوپنۇر كۆلى رايۇنىدا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ بارغان دەۋرىنى ئون مىڭ يىلدىن ئىككى مىڭ يىلغىچە دەپ قارىماقتا.قەدىمكى جەسەتنىڭ قېزىلىشى لوپنۇر كۆلى رايۇنىدا قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ تۆت مىڭ يىل بۇرۇنلا تاش ۋە ياغاچ قوراللارنى،ھەتتا ئوقيالارنى ئىشلىتىپ،كېمە ياساپ،ئۆي سېلىپ ياشىغانلىقى،ئىپتىدائىي گۈزەللىك قارىشىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى،بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.ئۇلار ئاللىقاچان ئولتۇراقلاشقان،ئەمما فار-فۇر بويۇملارنى ياساشنى بىلمىگەن.كىيىم تىكىشنى بىلمىگەن.بۇ قەدىمكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان جايىنى تېپىش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. df+t:a  
QD{:vG g  
جەسەتنىڭ ئۆپكە قىسمىنى سىپىكتىر ئارقىلىق تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ ئۆپكىسىدە تۆمۈر،ئالىيومىن،ماگنىي،تىتان،خروم،بور قاتارلىق ئېلىمىنتلارنىڭ بارلىقى بايقالغان.ھازىرقى جەسەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يۇقارقى ئېلىمىنتلارنىڭ مىقدارى خېلى يۇقىرى،ئۇنىڭ ئىچىدە تىتاننىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ.ئەمما ھازىرقى جەسەتلەرنىڭ ئۆپكىسىدە خروم بىلەن بور بايقالمىدى.چېچىدا ئاز مىقداردا تۆمۈر،قوغۇشۇن،ماگنىي،نىكىل بايقالدى.لىكىن مىقدارى يەنىلا ھازىرقى ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپ.بۇ ھادىسە نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ wHz?#MW 3L  
89o)M5KQ  
ئادەم بەدىنىدىكى پارازىت قۇرتلار قانداق قىلىپ جەسەت بىلەن تەڭ تۆت مىڭ يىل ساقلىنىپ قالدى.بۇ قەدىمكى جەسەتنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا بىئولوگىيە ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇرغان بىر بايقاش بولغان.قەدىمكى جەسەتنىڭ چاچ يىلتىز قىسمىدا،كىرپىك،دوۋسۇن تۈكى قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن پىت ۋە پىت لىچىنكىلىرى يەنە بىر دانە چۇسا بايقالغان.پىت ۋە پىت لىچىكىلىرىنىڭ شەكلى ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ،پىتنىڭ سەزگۈ تۈكچىلىرىدىن تۇتۇپ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.بۇ ھاشارەتشۇناسلىق تارىخىدىمۇ ناھايىتى ئاز كۆرىلىدىغان ئەھۋال.بىز ئادەم بەدىنىدىكى پىتنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى،ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن بەدەننىڭ سوۋۇپ كېتىدىغانلىقىنى،بەدەن سوۋۇپ كەتسىلا پارازىت قۇرتلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.ئەمما بۇ جەسەتتە پىتلار خوجايىنغا "كۆزى قىيمىغاندەك"بىر جايدا تۆت مىڭ يىل ھەمرا بولۇپ تۇرغان.بۇ ھادىسە ھازىرغا كەلگۈچە بىئولوگىيە ئالىملىرى يىتەلمىگەن سىر. m9M FwfZ  
E jEFg#q  
_i}wK?n  
rl:KJ\*D  
8F;>5i  
E]^5I3=O  
%XhfXd'  
"YFls#4H-  
ياڭ شىنسەي تۈزگەن،شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشرىياتى تەرپىدىن 2006-يىلى نەشر قىلىنغان"شىنجاڭنىڭ سىرى"ناملىق كىتاپتىن تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى %@& a7JOL  
مەنبەسى :     http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=56&TopicID=3084 @b!"joEy  

تېما تەستىقلىغۇچى : Hok
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-14, 18:44
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئالەمدە پەقەت خوجايىن بىر ئاللاھدۇر!
ھاياتلىق ھەممىدىنئەۋزەل . لىكىن چاشقاندەك ياشاش ئادەمگە مەنا ئاتا قىلمايدۇ.
oghuzkhan
دەرىجە:*
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2889

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   * (سوم)
 ياخشى باھا:   * (نۇمۇر)
 تۆھپە:   *  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 
 سائەت
دەرىجىسى:
سائەت سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:*
ئاخــىرقىسى:*
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-14

ئالە شەرىڭنى . <,39_#H?F3  

 
dilsiri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3299

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   786 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   408 (سوم)
 ياخشى باھا:   543 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   306  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6509
 سائەت
دەرىجىسى:
6509 سائەت 141 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-04
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-14

ئەتە ئۆگۈن ئۇنۇڭدىنمۇ ئۇزۇراپ قىلىشى مۇمكىن
 
يىگېت قەسەم ئېچمەيدۇ، يىگېتنىڭ سۆزى قەسەم !
tahirbeg
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35342

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   141 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7677 (سوم)
 ياخشى باھا:   495 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   620  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1103
 سائەت
دەرىجىسى:
1103 سائەت 87 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-14

قەشقەردىكى سېپىلمۇ سەددىچىننىڭ بىر قىسىمى بولىشى مۇمكىن ، مۇتخەسلىرمىز ئوبدانراق تەكشۈرسۇن ....
 
‹روھىنى پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ ›___
  سۈرە شەمسى 9_ئايەت
ArknuR
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41399

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   47 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   593 (سوم)
 ياخشى باھا:   156 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   247  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 175
 سائەت
دەرىجىسى:
175 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-14

بۇ سۇئاللارغا ئوچۇق جاۋاپ بىرىش بەكمۇ تەس. ئالدىدىكى تامنى دەيلى ،بەزى تەتقىقاتچىلار ئۆزىنىڭ نامىنى چىقىرىش ياكى باشقا سەۋەبلەردىن موشۇنداق غەيرى گەپلەرنى قىلىدۇ. شىنجاڭ يولۋىسى ھەققىقەتەن بولغان. ئابلىمىت دىگەن تەتقىقاتچىنىڭ ‹شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋانلار› دىگەن كىتاۋىدا ھازىر قازىقىستاندا ساقلىنىۋاتقان بىر پارچە شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ تېرىسى بىلەن چۈشكەن رەسىمى بار. كىرورەن گۈزىلىگە كەلسەك دەسلەپ باقىغاندا نەنجىڭدە تەكشۈرگەندە 5600يىللىق دەپ ئېلان قىلغان ،لېكىن كىيىن 3800 يىلغا چۈشۈپ قالدى ،قالغىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن.
 
=ALBALSI=
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3940

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2810 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   176 (سوم)
 ياخشى باھا:   803 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   459  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1398
 سائەت
دەرىجىسى:
1398 سائەت 122 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-14

روسىيىدىكى مۇزىيدىمۇ شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ تىرىسى ساقلانغان،
 
ھاراق بارچە گۈناھنىڭ ئانىسى،ھاراق ئىچكەنلىك ئانىسى بىلەن زىناھ قىلغاندىنمۇ ئېغىر گۈناھ.
maxal20
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5380

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   439 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   43 (سوم)
 ياخشى باھا:   314 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   358  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2181
 سائەت
دەرىجىسى:
2181 سائەت 119 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-14

كۆرمىگىنىڭنى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ...
 
http://maxal20.blogspot.com/
sanjar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4943

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   872 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9969 (سوم)
 ياخشى باھا:   283 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   301  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1479
 سائەت
دەرىجىسى:
1479 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-14

ئۇھھۇي  مۇندامۇ  ئىش باردەڭلا
 
جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،
ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.
oghuzkhan
دەرىجە:*
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2889

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   * (سوم)
 ياخشى باھا:   * (نۇمۇر)
 تۆھپە:   *  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 
 سائەت
دەرىجىسى:
سائەت سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:*
ئاخــىرقىسى:*
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-14

مۇتىخەسسىلىرىمىز نوچى  ئۈسكىنىلىرى بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سەددىچىن سېپىلىنىڭ لوپنۇرغا تۇتۇشىدىغانلىقىنى جەزىم قىلدىلەر . N"{o3QmA  
03y<'n  
بۇ 蒲昌海دىگىنى لوپنۇردۇرلەر . ShP V!$0  

 
elijan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.424

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1560 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1757 (سوم)
 ياخشى باھا:   332 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   262  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3531
 سائەت
دەرىجىسى:
3531 سائەت 239 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-14

سەددىچىن سىپىلى لۇپنۇر كۆلىگىچە ياسالغان دىگىنى يالغان بۇلىشى مۇمكىن . n{|~x":9V  
تاڭسىڭنىڭ شىنجاڭغا كەلگىنىغۇ راس بىراق مەن غەرپكە ساياھەت ناملىق فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن تاڭسىڭنىڭ شىنجاڭدىن ئۆتكىنىنىڭ يالغان بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم يول بويى سەدىقە تىلەپ كىلىپ تۇرپاندا سەدىقە تارقىتىشى  ، ئىدىقۇد تېغىنىڭ يالقۇنتاغ  دەپ تەرجىمە قىلىنىشى .... تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىك يېرى بۇ كىنونىڭ ئېنىقلا دىنغا ئائىت فىلىم تۇرۇقلۇقمۇ تا ھازىرغا كەلگۈچە ئالقىشلىنىشى،تەكرار ئىشلەنسىمۇ باشقا فىلىملەر زىتىغا تەككەن باشلىقلىرىمىنىڭ تەرجىمىسىنى توسماسلىقى ... ، باشقا ئوخشاش ژانىردىكى دىنغا ئائىت فىلىملەرنى كۆرگەنلەرنىڭ جىنايەتچى بۇلۇپ قېلىشى ... Nq-qks.&  
مۆيدىن سايىت بوستان يازغان ‹‹كىرورەندىكى ئىزچىلار››ناملىق روماندا يولۋاس توغرىلىق خېلى تەپسىلى توختىتىلىدۇ ، ھەتتا ئۆردەك ئوماقنىڭ ،ۋە ئۇنىڭ بوۋىسى تۇراق ئەپەندىنىڭ (ئەپەندى دىسە ھەجەپ قىززىق تۇيىلىدىكەن ھە ھا ھا ھا )يولۋاس ئۆلتۈرگەنلىكى توغرىلىق خېلى تەپسىلى مەلۇمات بار ، ئۇ يولۋاسلار چۇقۇم شىنجاڭ يولۋىسى ... /:l>yKI+~  
كىرورەن گۈزىلىدىكى پىتلار مۇ مۇمىيا بوپ كىتىپتۇ دە ،،، بۇ مەن يېقىنقى يىللاردا ئاڭلىغان ئەڭ قىزىقارلىق گەپ بولدى . راستىنلا ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ... رەھمەت سىزگە . }{HlY?S  
*&!&Y*Jzg  
تىما ماۋزۇسىدىن قاملاشمىغان تىمىمىكىن دەپتىكەنمەن ، مەزمۇنى ناھايتى ياخشىكەن . {o AJL  

 
aptap104
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12462

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   808 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13042 (سوم)
 ياخشى باھا:   1488 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1796  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5348
 سائەت
دەرىجىسى:
5348 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-14

ئەتە ئۆگۈن نىمە  تەتقىقات   چىقار
 
ئالەمدە پەقەت خوجايىن بىر ئاللاھدۇر!
ھاياتلىق ھەممىدىنئەۋزەل . لىكىن چاشقاندەك ياشاش ئادەمگە مەنا ئاتا قىلمايدۇ.
شاتمەن
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16159

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   747 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4821 (سوم)
 ياخشى باھا:   683 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   616  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6158
 سائەت
دەرىجىسى:
6158 سائەت 132 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-14

سەددىچىن سېپىلى لوپنۇر كۆلىگىچە ياسالغانمۇ؟ \ ]v>#VXr_  
....................................................................... #7v=#Jco  
مىنىڭ ئاڭلىشىمچە سايرام كۆلىنىڭ ئاستىغا تۇتىشارمىش .
 
قىزلار كىرمەڭلار         http://xatman.blogbus.com
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى