}{wTlR.] 0Y
piHoM ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرگە (ئاللاھنىڭ قۇدىرتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسالامنى)تۇپىراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن )ئابى مەنىدىن ، ئاندىن لەختە قاندىن ، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرمىز، ئاندىن سىلەرنى(ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن)بۇۋاقلىق ھالىتىڭلاردىن چىقىرمىز.(ئاندىن سىلەرنى ئاستا-ئاستا كۈچ قۇۋەتكە تولدۇرمىز)سىلەر كامالەت يېشى، قىران ۋاقتىڭلارغا يىتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بۇلۇپ كتىسىلەر، بەزىڭلار(ئىلگىركى بىلگەندىن كىيىن ھىچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتڭلارغا قايتۇرلىشىڭلار ئۈچۈن)ناھايتى قېرىپ كەتكۈچە ھايات قالدۇرسلەر. ‹ سۈرە ھەج، 5- ئايەت
ke9QT#~p!- RHx+HBZ VqClM FS`vK`' C](z#c~c k~1
j/VHv _ ئاكا بىز بۇ قاراڭغۇلۇقتا قانچىلىك تۇرارمىز؟ 'z-;* !A}j
_ئالدىرما سىڭلىم، بىزنى ياراتقان ئىگەمىزنىڭ بىزگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى بار، ۋاقتى سائىتىمىز توشقاندا ، كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچىمىز. $K?T=a;z
_ قارا ئاكا، بۇ دۇنيا نىمە دىگەن گۈزەل ھە، قارا ئاۋۇ قۇياش، ئاي يۇلتۇزلارنى كەڭ باغرىغا ئېلىپ ، سۇزۇلۇپ ياتقان كۆپكۈك ئاسماننى ؛ قارا كۆپكۈك ئاسماندا خۇشال ، ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلارنى؛ قارا ئاۋۇ دولقۇنلاپ تۇرغان دەريالارنى، كۆردىڭمۇ؟ ئاۋۇ سۇغا چۇمۇلۇپ ئويناۋاتقان بالىلار نىمە دىگەن خۇشال؛ ئاۋۇ ياپيىشىل ئورمانلارنى، ئاڭلىغىنە قۇشلارنى يېقىملىق سايراشلىرىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ قارا بۇ گۈللەر نىمە دىگەن چىرايلىق، بۇلار قانچىلىك خۇشپۇراقتۇ - ھە؟ قارا، بۇ ئاسمان بىلەن بىر تۇتاش بۇلۇپ كەتكەن كەڭ يايلاقنى ، قارا ئاكا، شوخ قوزىچاق، تايچاقلارنى، ئاڭلىدىڭمۇ؟ ئاۋۇ پادىچىلارنىڭ ناخشىللىرى نىمە دىگەن يېقىملىق؛ ئۇلار نىمە دىگەن بەخىتلىك. ئاكا مىنىڭ ھازىرلا چىقىپ قۇشلار بىلەن پاراڭلاشقۇم، شوخ قوزىچاقلار بىلەن بىرگە سەكىرگۈم، ئاۋۇ گۈللەرنى قانغۇچە پۇرىغۇم، بالىلار بىلەن بىرگە سۇغا چۇمۇلگۈم، بۇ ساپ ھاۋادىن قېنىپ- قېنىپ نەپەس ئالغۇم كىلىۋاتىدۇ. 4FIV
_ئاپپاق سىڭلىم ، مىنىڭمۇ ھازىرلا چىقىپ كەتكۈم كىلىۋاتىدۇ. بىزنى ياراتقان ئىگىمىزگە شۈكۈرلەر بولسۇن. i!Dh&XT
_ئاكا تىزىراق چوڭ بۇلايلى.
VelB-vy&
egI{!bZg'\
_ ئاكا ئويغىنە ، قارىغىنە بۇ شەھەر نىمە دىگەن ئاۋات. نىمە دىگەن كۆپ ئادەملەر بۇ. بۇ ئادەملەر نىمانچە روھسىز ۋە ھارغىن كۆرىنىدۇ. قارا ئاكا ، ئاۋۇ بىر توپ بالىلار قاق سەھەردە مۇنچە خۇشال نەگە ماڭغاندۇ؟ - yC:?
_ مەكتەپكە. TsaW5ho