مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       350 
  •    ئىنكاس 
       22 

ئىككى دۇنيالىق سۆيگۈ

قەۋەت ئاتلاش
Aychin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6322

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   162 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3215 (سوم)
 ياخشى باھا:   456 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   554  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 655
 سائەت
دەرىجىسى:
655 سائەت 115 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-14
ئاخــىرقىسى:2011-07-14

ئىككى دۇنيالىق سۆيگۈ
|f+`FOliP  
"@s 
ھېكايە
AQ)DiH  
;rj|>  
    ئايرۇپىلان كۆككە كۆتۈرۈلگەندە گۈلناز خۇددى ھەممە نەرسىنى قايتا بىر كۆرۈۋالماقچى بولغاندەك ، ھەممە نەرسىگە قىيالمىغاندەك قايرىلىپ قاراپ كەتتى، ئەمما ئۇ كۈتكەن ئادەم ئۇنى ئۇزۇتۇپ چىقمىغاندى...... ny l[d|pVa  
&=>|? m8  
(1)
n[E/O}3& /  
    گۈلناز ئاتا- ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلىق ئەركە قىزى ئىدى، كىچىكىدىن ھېچنىمىدىن قىسىلماي شۇنداق ئەركىن ئازادە چوڭ بولغان بۇ قىز تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرەي دېگەندە دادىسى يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۇشتۇمتۇتلا قازا قىلدى،شۇنىڭ بىلەن گۈلنار تاغدەك يۆلەنچۈكى دادىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، كىچىكىدىن ھېچقانداق خاپىلىق كۆرمەي چوڭ بولغان گۈلنارغا نىسبەتەن بۇ زەربە بەكمۇ ئېغىر كەلگەن ئىدى.ئانىسى ۋە ئاچا-سىڭىل ئىككىسىنىڭ زارىغا چىدىمىغان خوشنا-خولۇملارمۇ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىشتى. ئامال قانچە، ئاللاھ ئېگەم بەندىلىرىنى ئەكەتكۈسى كەلسە ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ دە. k]"DsN$  
    دادىسىنىڭ ئىدارىسىدىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ گۈلنازنى دادىسىنىڭ ئورنىغا  ئىدارىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماقۇل بولۇشتى،شۇنىڭ بىلەن گۈلناز 16 ياشقا كىرە-كىرمەيلا  كىچىكلا خىزمەتكە چىقتى. ئۇنىڭ ئىشلەيدىغان يېرى شەھەرگە ئۈچ سائەت كىلىدىغان بىر يېزا بازىرىدا بولۇپ، ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيگە كىلەلەيتى. گۈلنار گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما  تىرىشچان ھەم چىقىشقاق بولغاچقا،  كەمتەرلىك بىلەن ئۈگۈنۈپ ناھايىتى تېزلا خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك بولدى، ئىدارە رەھبەرلىكىمۇ ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۈرۈمچىدىكى كەسپىي مەكتەپكە ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتتى، بۇ ئۆگۈنۈش گۈلنار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت ئىدى. bCfw,V{sce  
    گۈلناز بۇ مەكتىۋىنى ياقتۇرۇپ قالدى، ساۋاقداشلىرى ھەر جايلاردىن كەلگەن چوڭلار بولغاچقىمۇ، گۈلنارغا خۇددى ئۆزىنىڭ سىڭلىسىدەك مۇئامىلە قىلاتتى، بىلمىگەنلىرىنى ئۇلاردىن سوراپ گۈلنازمۇ مەكتەپتىكى دەرىسلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن بىمالال چىقىپ كىلىۋاتاتتى. P9 yg  
شۇنداق، دادىسى كەتتى، كەتكەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولمىغىنىدەك ئۇ قايغۇلۇق كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى، تىرىكلەر يەنىلا يەيدىكەنمىز، ئىچىدىكەنمىز،كۈلىدىكەنمىز، ياشايدىكەنمىز.... EK 8rV  
    كۈنلەر شۇ تەرىققىدە بىر-بىرىنى قوغلۇشۇپ ئۆتمەكتە ئىدى، ھەش-پەش دېگۈچە گۈلنازنىڭ ئوقۇشىمۇ ئىككىنچى يىلىغا قەدەم قويدى، سىنىپتا گۈلناردىن ئىككى ياش چوڭ چىقىدىغان يالقۇن ئىسىملىك باشقا يۇرتلۇق بىر بالا بار بۇلۇپ، ئىككىسى ئادەتتە يېقىن ئۆتەتتى، دەرىسلەرنى بىللە تەكرار قىلاتتى، تۇرمۇش ۋە ئۆگۈنۈش ئىشلىرىدا ئۆز-ئارا ھەمدەمدە بولۇشاتتى، ئىككىلىسىدە بىر-بىرىگە نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەنىلا ئۆز يۇرتلىرىغا قايىتمىسا بولمايدىغانلىقى ھەر ئىككەيلەنگە ئايان ئىدى.مانا مۇشۇنداق قىيىش- قىيماسلىق ئارلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ھېسسىياتلار ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئوقۇشىمۇ پۈتۈپ قالدى، يالقۇن بىلەن گۈلناز ئىككىلىسى ئۆز ھېسسىياتلىرىنى كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇپ، بىر بىرىگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەشكەن ھالەتتە ئايرىلىشتى، شۇنداق قىلىپ گۈلنازنىڭ تۇرمۇشىدا يانغان كىچىككىنە ئۇچقۇنمۇ گۈلخانغا ئايلىنالمايلا ئۆچۈپ قالدى. p|0ZP6!|  
Oj]4jRew  
(2)
s2kom)  
     گۈلناز بىلىم ئاشۇرۇشنى تاماملاپ قايتىپ كەلدى،خۇددى يەر شارى ئۆز ئوقىدا توختىماي ئايلىنىۋەرگەندەك، گۈلنازمۇ يەنە بۇرۇنقىدەك خىزمىتىنى ئىشلەپ يۈرىۋەردى. 1e)5D& njS  
    ھەممە نەرسە شۇ پېتى، ھېچنەرسە ئۆزگەرمىگەن، پەقەت ئۆزگەرگىنى گۈلنازنىڭ ئىش ئورنى، ئۇ يېزىلىق پونكىتتىن شەھەرگە ئالمىشىپ كەلدى، ھەم ئۆزىمۇ شەھەردە چوڭ بولغاچقىمىكىن شەھەرنىڭ قايناق تۇرمۇشىغا تېزلا كۆنۈپ كەتتى.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدكى يەنە بىر ئۆزگۈرۈش خۇددى يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە، بۇرنى قاناپتۇ دېگەندەك  گۈلنازنىڭ ئانىسى ئايشەمخان ئانا دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، يەنە كىلىپ ئاخىرىقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقى مەلۇم بولدى،ئىككى قىزىنىڭ مائاشىدىن باشقا ھېچقانداق ئىقتىزادى كىرىم بولمىغان بۇ ئۆيدە ئايشەمخان ئانىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ھەقىقەتەن تەس ئىدى، گۈلنازنىڭ ئاچىسى دىلناز  تۇرمۇشلۇق بولۇپ كەتكەن بولۇپ، قېينىئاكىسى ئاقكۆڭۈل ، كۆيۈمچان يىگىت بولغاچقا ھەر ھالدا ئۆينىڭ ئېغىر-يېنىكىنى تەڭ كۆتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. w  f""=;  
    ئايشەمخان ئانىنىڭ كېسىلى ساقايماس كېسەل بولغاچقا، داۋاملىك قۇۋۋەتلىك غىزالىنىشقا ھەم قەرەللىك داۋالىنىپ تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى.گۈلناز خىزمەت ۋە ئانىسىغا قاراش ئىشلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئشلىرىغا باش قاتۇرغۇدەكمۇ ۋاقتى يوق ئىدى. HceZTe@  
    مۇھەممەت گۈلناز بىلەن بىر مەھەللىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان،  ئاغزى تاتلىق، قۇلىقى يۇمشاق، تۇرمۇشقىمۇ پىشقان يىگىت ئىدى، مۇھەممەتمۇ گۈلناز بىلەن بىللە خىزمەتكە چىققان بولۇپ، گەرچە كۆپ ئوقۇمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىپ ئىشتىن سىرىت ئالى تېخنىكومنى دىپلۇمىنى ئالدى، ئىدارىدىكىلەر ۋە خولۇم-خوشنىلارمۇ ئۇنى ئايىغى چاققان، كېلىشىملىك بالا دەپ تەرىپلىشەتتى، مۇھەممەت كىچىكىدىن گۈلنازغا ئامراق ئىدى،چوڭ بولغانسىرى مۇھەممەت بارا-بارا ئۆزىنىڭ گۈلنازنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى، ئەمما ئۇ گۈلنازغا قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلەلمەي خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزىۋەتتى، گۈلناز ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان چاغدىمۇ، بىر نەچچە قېتىم قىسقا مۇددەتلىك كۇرىسلارغا قاتنىشىشنى باھانە قىلىپ گۈلنازنى يوقلاپ تۇردى، ئەمما گۈلناز بولسا مۇھەممەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ھېسسىياتىنى پەقەت دوستلۇق، خوشنىدارچىلىق دەپلا چۈشىنەتتى.گۈلناز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئېغىز ئېچىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ سەۋەپلىك گۈلنازنى چۈچۈتۈپ قويۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى دوسلۇقنىمۇ ساقلاپ قالالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلاتتى، يەنە بىر جەھەتتىن گۈلنازنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى ياراتماسلىقىدىن غەم قىلاتتى، چۈنكى مۇھەممەتنىڭ دادىسى ھاراققا بېرىلىپ كەتكەن بولۇپ،ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پەقەتلا كارى بولمايتى، ئۆيدە ئوغلىغا ئۈلگە بولالمىغاندىن سىرت، قىزلىرىغىمۇ ئىگە بولالمايدىغان بۇنداق دادىنىڭ ئوغلىغا كىممۇ قىزىنى بېرىشنى خالىسۇن؟ [~5<['G  
    شۇنداق، دادىسىنىڭ يارىماسلىقى، بولۇمسىزلىقىدىن مۇھەممەتنىڭ ئىككى سىڭلىسى ئۇقۇشنىمۇ ياخشى ئوقۇمىدى، بۇنى ئاز دېگەندەك خۇشاللىقىنى كوچىدىن ئىزلەشكە كۆنۈپ قالدى، مۇھەممەت سىڭىللىرىنى تىللاپ باقتى، ئۇرۇپمۇ باقتى، ھەتتا ئۆيگە سولاپ قۇيۇپمۇ باقتى، ئەمما بۇ ۋاستىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئاقمىدى، مۇھەممەت ھەتتا بۇ ئائىلىدىن چىقىپ كېتىشنىمۇ ئويلىدىيۇ، ئەمما يۇۋاش، كەمسۆز، چىۋىنغىمۇ ئازار بەرمەيدىغان ئانىسى گۈلھەسەلخانغا تارتىشىپ بۇ نەس باسقان ئائىلىدە داۋاملىق تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. c2~oPUj  
    بۇ سەۋەپلەر يەنىلا مۇھەممەتنىڭ گۈلنازنى ياخشى كۆرۈش ئىستىكىگە توسالغۇ بولالمىدى، مۇھەممەت كۆپ ئويلۇنۇپ ئاخىرى گۈلنازغا ئېغىز ئېچىشنى، ئەگەر گۈلناز قوشۇلۇپ قالسا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ۋاختىنچە ئىچكۈيئوغۇل بولۇپ كىرىپ گۈلنازنىڭ ئانىسىنى بىللە داۋالىتىپ، گۈلنازنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەتئىي نىيەتكە كىلىپ ئانىسىغا كۆڭلىدىكىنى دېدى ھەم چىرايلىق يارىشىقىدا داسىتخان قىلىپ گۈلنازنىڭكىگە قىز سوراپ بېرىشقا مەسلىھەتلەشتى. lU8X{SV!  
    دەرۋەقە ئىش دەل مۇھەممەتنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقتى، ئايشەمخان ئانا باشتا ئۇلارنى چىرايلىق قارشى ئالدى، كۆڭلىدە مېنىڭ كېسىلىمنى يوقلاپ كەلدى ھەقىچان دەپ ئويلىدى،  بىرە قۇر چاي ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇھەممەتنىڭ ئانىسى گۈلھەسەلخان تېخى گەپنىڭ ئۇچىنى ئەمدىلا چىقىرىۋىدى، گۈلنازنىڭ ئانىسى جايىدىلا  قىزىمنىڭ لايىقى بار دېگەن جاۋاپ بىلەن مۇھەممەتنىڭ ئانىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچۇرمىدى، مۇھەممەتنىڭ ئانىسى سۆزىنىڭ ئاخىرىنى چىقارماي قايتىپ كەتتى. j 21>\K!p  
    بۇ ئىشقا نىسبەتەن مۇھەممەتنىڭ كۆڭلىدە تەييارلىقى بولسىمۇ ، ئەمما ئىش يۈز بەرگەندە ئۆزىگە بۇنچىلىك ئېغىر كېلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى، ئەزەلدىن ھاراق ، تاماكىغا يېقىن يولاپ باقمىغان مۇھەممەتنىڭ شۇ تاپتا ھاراق ئىچكۈسى، مەست بولۇپ پۈتۈن دۇنيانى ئۇنتۇپ كەتكۈسى كەلدى، ئەمما دادىسىنىڭ كۈندە ئىچىپ مەس يۈرگەن ھالىتى شۇ زامان كۆز ئالدىغا كەلدىدە، بۇ خىيالىدىن ياندى. ;=lQMKx0  
    گۈلناز ئىشتىن كېلىشىگە ئايشەمخان بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ چالۋاقاپ كەتتى، ئۆزىنىڭ ئۇنداق ھاراقكەش، قىزلىرىنى باشقۇرالمايدىغان ئادەمنىڭ ئوغلىغا قىزىنى بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ قاتتىق خاپا بولۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن گۈلنازنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى، ئەمىلىيەتتە گۈلناز گەرچە مۇھەممەتنى ياخشى كۆرمىسىمۇ، ئەمما يامان كۆرمەيتى ھەم ئۇنىڭ كەلگۈسىدە بىر كۆيۈمچان ئەر، ياخشى دادا بولالايدىغانلىقىغا كۆزى يىتەتتى، ئەمما ئۇ ئانىسىنىڭ ئابرويپەرەسلىگىنى تېخىمۇ ئوبدان بىلەتتى، شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشمۇ جايىدىلا سۇغا چىلاشتى. shuoEeoo  
c.{t +OR  
(3)
\F8 :6-  
    گۈلنازنىڭ ئانىسىنىڭ كېسىلى داۋاملىق ئۆزگۈرۈپ تۇراتتى، پات- پات دوختۇرخانىدا ياتاقتا ياتقۇزۇشقا توغرا كېلەتتى. #v\o@ArX  
    مانا، گۈلنازنىڭ ئانىسىنىڭ ياتاقتا يېتىۋاتقىنىغىمۇ ئۈچ كۈندىن ئاشتى، گۈلناز بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئانىسىغا قاراپ شۇنچىلىك چارچاپ كېتىۋاتاتتى، گەرچە ئاچىسى داۋاملىق كىلىپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆيدە باللىرى كىچىك بولغاچقا كېچىسى ئانىسىغا پەقەت گۈلنازلا قاراشقا توغرا كېلەتتى. VpyqVbx1  
    ئانىسىغا ئادىل ئىسىملىك ياش بىر دوختۇر مەسئۇل دوختۇر ئىدى، ئۇ كۈنىگە نەچچە ۋاخ ئايشەمخان ھەدىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سۈرۈرشتە قىلىپ چىقىپ كېتەتتى، بۇنىڭدىن گۈلنازنىڭمۇ كۆڭلى خاتىرجەم ئىدى، بەزىدە جىددىي سىرىتقا چىقىدىغان ئىشلار بولۇپ قالسا ئۇ ئانىسىغا قاراپ قويۇشنى ئادىل دوختۇرغا تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كېتەتتى. ZRn!z`.0  
    كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ گۈلنازنىڭ قەلبىدە ئادىلغا نىسبەتەن  تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز بىر خىل ئىللىق سېزىم پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي ئادىلنى ئەسلەيدىغان، ئۇ ئانىسىنى يوقلاپ ياتاققا كىرمىگەن ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئىشى چىقىپ قالغانمىدۇ، نېمىشقا كىرمەيدىغاندۇ دەپ يوقىلاڭ خىياللارنى قىلاتتىيۇ، يەنە ئۆز ئۆزىگە مەن نېمە بولۇۋاتىمەن، نېمە دەپ خەقنى ئەسلەپ قالىمەن دەپ قوياتتى، ئەمما ئۇنىڭ خىياللىرى يەنىلا ئۇنىڭ بوي سۇنماي ئادىلنى ئەسلەپ ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلاتتى. 6QX2&[qWS  
    ئادىلمۇ  بۇ جەرياندا گۈلنازنى ياقتۇرۇپ قالدى، گۈلنازنىڭ غۇنچە بويى،سۈزۈككىنە چىرايى، چىرايلىق تارالغان سۇمبۇل چاچلىرى داۋاملىق ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئايان بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئايشەمخان ئانىنىڭ ئەھۋالىنى سوراشنى باھانە قىلىپ بىر دەم بىر دەم كىرىپ تۇراتتى، گۈلنازنىڭ نازۇك تۇرقىنى كۆرۈپ كۆڭلى ئارام تاپقاندەك بولاتتى، سورىغان سۇئاللارغا يۈزى تۆۋەنلىك بىلەن بەرگەن جاۋاپلىرىنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك سۆيۈنۈپ كېتەتتى. d 6=Z =4w  
    ئايشەمخان ئانىنىڭ ياتاقتىن چىقىدىغان ۋاختىمۇ بولدى، ئادىل گۈلنازغا ياتاقتىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بەرگەچ گۈلنازنىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى سورىدى ھەم ئۆزىنىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى ئېيتىپ بەرگەچ بىرەر جىددىي ئىش بولۇپ قالسا ئۆزىگە تېلىفۇن قىلىشنى ئېيىتتى. gxCl=\  
    ئايشەمخان ئانا ياتاقتىن چىقىپ ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن ئادىل گۈلنازغا تېلىفۇن قىلىپ ئانىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سورىدى ھەم ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ دېققەت قىلىشنى، بەك چارچاپ كەتمەسلىكنى تاپىلاپ قىسقىلا خوشلاشتى، گۈلناز ئادىلنىڭ بۇ ئىشىدىن شۇنچىلىك سۆيۈنۈپ كەتتى ھەم بۇ دۇنيادا ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان يەنە بىر كىشىنىڭ بارلىقىدىن ئۆزىچە شۇنچىلىك خوشال بولۇپ كەتتى. I;UCKoFT  
    شۇنداق قىلىپ ئۇلار داۋاملىق تېلىفۇنلىشىپ تۇىدىغان بولدى، بىر كۈنى ئادىل ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلسا ۋاقىت چىقىرالايدىغان ياكى چىقىرالمايدىغانلىقىنى سورىدى، گۈلناز  ئادىلغا ئاچىسىنىڭ باللىرى كىچىك بولغاچقا ئانىسىغا بەك كۆپ ۋاقىت قارىيالمايدىغانلقىنى ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت چىقىرالمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى. It8s#oq8  
   ئۇلار ۋەدىلەشكەن كۈنمۇ كەلدى، گۈلناز چىرايلىق كىيىنىپ سۇس گىرىم قىلىپ ئادىل بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان تاماقخانىغا كەلدى، ئادىلمۇ ئۇنى تاماقخانا سىرتىدىلا ساقلاپ تۇرغان ئىدى،گۈلنازنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ ئادىلنىڭ دىلى يايراپ كەتتى ھەم كۆڭلىدە ئۇ ئازراق گىرىم قىلىۋالسا تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەن دەپ ئويلىدى.تاماق يېگەچ ئادىل ئايشەمخان ئانىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىرەر قۇر سوراپ گۈلنازغا بەك چارچاپ كەتمەسلىكنى ئېيىتتى، ئاندىن ئۆزىنىڭ گۈلنازنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى، شۇڭا گۈلناز ماقۇل كۆرسە توي قىلىشنى نىشان قىلىپ تۇرۇپ ئارلىشىپ قېلىشىنى ئېيىتتى، گۈلنازمۇ دەل شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ئەمما دەرھال ماقۇللۇق بىلدۈرمىدى، پەقەت سىز چوقۇم تولۇق ئويلىشىپ بولدىڭىزمۇ؟ دېگەن سۇئالنىلا سورىدى. ئادىل ئۆزىنىڭ خېلى بەك ئويلىنىپ بۇ قارارغا كەلگەنلىكىنى ئېيىتقاندىن كېيىن، گۈلناز ماقۇللۇق بىلدۈردى. EncJB  
    گۈلنازنىڭ مۇھەببەتلىك كۈنلىرى باشلاندى، ئۇ ئۆزىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ بەخىتلىك قىز دەپ ھېساپلايتى، چۈنكى ئۇ ئۆزى ياقتۇرغان كىشىسىنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئەمما ئۇلار باشقا ئاشىق-مەشۇقلارغا ئوخشىمايتى، ۋاقىت بولسىلا بىللە تاماق يەپ، باغچىلاردا ئايلىنىپ سەيلە قىلالمايتى، دوستلىرىنىڭ ھەر خىل قىز- يىگىت بىللە بارىدىغان سورۇنلىرىغا قاتنىشالمايتى، چۈنكى گۈلناز بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئانىسىغا قارىمىسا بولمايتى.ئەمما ئادىل ئۆزىمۇ ئەدەپلىك ھەم تەربىيە كۆرگەن يىگىت بولغاچقا بۇ ئىشلارغا ئېرەن قىلىپ كەتمەيتى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن گۈلنازنىڭ پاك سۆيگۈ مۇھەببىتى بولسىلا شۇ كۇپايە ئىدى. fDrjR6xV  
!CUX13/0  
(4)
@WTzFjv@?4  
    بىتەلەيگە سۇ كەلسە، ئاللاكۇدىن يار كەتتى دېگەندەك گۈلنازنىڭ بۇ ياخشى كۈنلىرىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى، ئائىلىدە بىر كىشى كېسەل بولسا، ھەممە كىشىگە ھاردۇق يېتىدىغان گەپ، ئانىسىنىڭ كېسىلى گۈلنازنى بارغانسىرى چارچىتىپ قويدى. بىر كۈنى گۈلناز ئىش ئورنىدىلا ئىشلەۋېتىپ ھوشىدىن كەتتى، خىزمەتداشلىرى ئۇنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ باردى، ھەر خىل تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولدىكى گۈلناز بۆرەك ئاجىزلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى، يەنە كېلىپ ئىككىنچى باسقۇچىغا كېلىپ قالغان بولۇپ، دەرھال بۆرەك ئالماشتۇرمىسا ھاياتىغا خەۋپ يىتىدىغانلىقى ، ئەگەر مۇۋاپىق بۆرەك تېپىلسا ئوپراتسىيە ھەققى ئۈچۈنلا 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل كېتىدىغانلىقى مەلۇم بولدى، ئادىل بىلەن گۈلنازنىڭ ئاچىسى دىلناز بۇ خەۋەرنى بىلگىنىدە خۇددى ئۆزلىرىنى ئالەمدە  يوقتەك ھېس قىلدى، دىلنازغا نىسبەتەن ئاۋال دادىسىنىڭ تۈگەپ كېتىشى، ئاندىن ئانىسىنىڭ كېسىلى ئاز كەلگەندەك ئەمدىلا 20 ياشتىن ئاشقان سىڭلىسىنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ئۇنىڭغا خۇددى بارچە دەرت ئەلەم ۋە قايغۇلار  خۇددى ئۆزىنىڭ بېشىغىلا كېلىۋاتقاندەك بىلىندى. B j z@X  
    گۈلناز ھوشىغا كەلدى، كۆزىنى ئېچىپلا ئاچىسى دىلنازنى كۆردى ھەم ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى بىلدى. دىلناز سىڭلىسىغا ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ئانچە ئېغىر ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئەندىشە قىلماسلىقىنى، ئەگەر مۇۋاپىق بۆرەك تېپىلمىسا ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى سىڭلىسىغا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەسەللىي بېرىشكە باشلىدى، ئەمما بۇ سۆزلەر شۇ تاپتا گۈلنازنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ چىقمايتى، چۈنكى گۈلناز ئۆزىنىڭ كېسىلىنى ئېنىق بىلمىسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيانقى تۇيۇقسىز كۆزى قاراڭغۇلىشىش، بېشى قېيىش، ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆزى ئەتراپى ۋە پۇتى ئىششىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەردىن ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقىۋاتقانلىقىنى سەزگەنىدى، ئەمما ياتاقتا داۋالىنىۋاتقان ئانىسىنى كۆزدە تۇتۇپ تەكشۈرتۈشكە ئالدىراپ كەتمىگەن ھەم بۇ ئەھۋاللارنى ئادىلغىمۇ تىنمىغان ئىدى، كىم بىلسۇن، كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈمى ئاشكارا دېگەندەك ئىش ئورنىدىلا ئايلىنىپ كېتىپ ھوشىدىن كەتتى. @%gth@8  
    بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان گۈلنازنىڭ يېقىن دوستلىرى، خىزمەتداشلىرى دەرھال ئىدارە رەھبەرلىكىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى، بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەرىكەتكە كېلىپ ئىئانە توپلاشقا باشلىدى. تاما-تاما كۆل تولار دېگەندەك نەچچە ھەپتە ئىچىدە گۈلنازنىڭ داۋالاش خىراجىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ھەل بولدى، ئادىلمۇ قاراپ تۇرمىدى، ئۇ دوختۇرخانا رەھبەرلىكى بىلەن كۆرۈشۈپ گۈلنازنىڭ بىر قىسىم داۋالاش خىراجەتلىرىنى ھەقسىز قىلىپ بەردى ھەم ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ گۈلنازغا ماس كېلىدىغان بۆرەك ئىزلەشكە كىرىشىپ كەتتى. DlxL:  
    دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئايشەمخان ئانىنىڭ كېسىلىمۇ بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ قالدى،  ئايشەمخان ئانىغا كۈندۈزى گۈلنازنىڭ دوستلىرى نۆۋەتلىشىپ قارايتى، كېچىسى دىلناز باللىرىنى ئېلىپ كىلىپ قارايتى، گۈلنازنىڭ كېسىلىدىن خەۋىرى يوق ئايشەمخان ئانا گۈلنازنى ھە دەپ ئاغرىناتتى، كىچىكىڭدىن جاپايىڭنى تارتىپ بېقىپ چوڭ قىلسام مېنى بېقىش ساڭا ئېغىر كەلدىمۇ دەپ قىزىنى تىللايتى،ئەمما قىزىنىڭ كېسىلىدىن خەۋىرى يوق بولغاچقا گۈلناز پەقەت ئۈن چىقماستىن كۆز يېشى قىلىپ ئانىسىنىڭ پۇتلىرىنى سىلايتى، قوللىرىنى تۇتاتتى، گۈلناز كۆڭلىدە ئانىسىنىڭ كۈنلىرىنىڭ ئۇزۇنغا قالمىغانلىقىنى مۆلچەرلەيتى، چۈنكى ئانىسىنىڭ تاپىنىدىن قانلىق يىرىڭ ئېقىشقا باشلىغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، ئاخىرقى قېتىم ياتاقتىن چىقاندىمۇ دوختۇرلار ئەمدى نېمىنى كۆڭلى تارىتسا شۇنى بېرىپ ئاناڭلارنى ياخشى بېقىۋېلىڭلار دېگەن ئىدى. t$ (<9  
    گۈلنازغا ماس كېلىدىغان بۆرەكنى تېپىش ئۈچۈن كۈتۈشكە توغرا كېلەتتى، ئارلىقتا قان تازىلاش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى، سىڭلىسىنىڭ كۈندىن كۈنىگە جۈدەپ كېتىۋاتقان چىرايىغا قاراپ ئىچى سېيرىلىپ كەتكەن گۈلناز ئۆزىنىڭ بىر بۆرىكىنى سىڭلىسىغا بېرىشنى قارار قىلدى، نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش ئوڭۇشلۇق بولدى، پەقەت دىلنازنىڭ ئىككىنچى تۇغۇتىدا كۆپ قان چىقىپ كەتكەنلىكتىن ئازراق قان ئازلىق ئالامەتلىرى بولغاندىن باشقا ئاساسىي جەھەتتىن نورمال چىقتى. >{ .|Ng4K  
    گۈلناز بۇ ئىشتىن خۇددى قاراڭغۇ دالادا قالغان ئادەم كىچىككىنە يورۇقلۇققا ئېرىشكەندەك ، ئازراق بولسىمۇ ئۈمىتلەنگەندەك بولدى، ئەمما بۇ كۈنلەردە گۈلنازنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان يەنە بىر ئىش ئادىل ئىدى، ئادىل ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلمايۋاتقاندەك، قانداقتۇر دىيەلمىگەن بىرەر گېپى باردەك تۇيۇلدى، ئەمما بەلكىم كۆپ ئويلاپ كەتكەن بولسام كېرەك دەپ ئۆزىگە ئۆزى تەسەللىي بېرەتتى، ئادىل ئۇنى يوقلاپ كىرمىگەندە بولسا بەلكىم جىددىي ئوپراتسىيەدە ئوخشايدۇ دەپ خىيال قىلاتتى،ھەتتا ئاچىسى دىلناز ئادىلدىن ئاغرىنغاندىمۇ ئادىل تەرەپتە تۇرۇپ ئاچىسىنى ئېغىز ئاچۇرمىدى. SxW.dT8{  
v 0D@`C  
(5)
i ?]`9z  
    گۈلناز ئادىلنى زارىقىپ كۈتۈۋاتقان پەيىتلەردە، ئادىلنىڭ ئائىلىسىدىمۇ باشقىچە بىر جەڭلەر بولۇۋاتاتتى. ئادىلنىڭ ئاتا-ئانىسى ھۆكۈمەت كادىرلىرى بولۇپ، خىزمەت سەۋەپلىك بالىلىق بولالماي توي قىلىپ يەتتە يىل بولغاندا ئادىلغا ئاتا- ئانا بولغان ئىدى، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئادىلنى خۇددى كۆز قارچۇقىدەك ئاسرايتى، كىچىكىدىن تارتىپ ئادىلنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ئارلىشىۋېلىپ ئۇنىڭغا بولغان كۆيۈنۈشنىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۋىتەتتى، ھەتتا ئادىل كىچىكىدە سىرىتقا ئوينىغىلى چىقىش ئۈچۈنمۇ ياكى ئانىسىدىن، ياكى دادىسىدىن رۇخسەت ئالمىسا ئۇلار خاپا بولۇپ قالاتتى، ئەگەر ئاتا-ئانىسى ئۆيدە يوق بولسا، ئۇ پەقەت دەرىزىنىڭ سىرىتقا قاراپ باشقا دوستلىرىنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈشكە مەجبۇر بولاتتىكى، ئۆزى خالىغانچە چىقىپ ئۇلار بىلەن ئوينىمايتى.مۇشۇنداق مۇنتىزىم تەربىيە ئاستىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئادىل ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇيى بويىچە تېببىي ئۇنۋىرسىتىتقا ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلدى، ھەم ئۇنۋىرسىتىتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، ئۆز ئانا مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچى بولۇشتەك باشقىلار ئېرىشەي دەپمۇ ئېرىشەلمەيدىغان ئەۋزەل شارائىتلاردىن ۋاز كېچىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتى كەلدى ، چۈنكى ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىردىنبىر ئارزۇلۇق ئوغلى، ئۆمىدى، كۆز قارچۇغى، ھەم بارلىق خوشاللىقى ئىدى. B; r` 1 G  
      ئادىل گۈلناز بىلەن بولغان ئىشىنى بىر مەزگىل ئاتا-ئانىسىدىن سىر تۇتقان ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە دەيمەن دەپ ئويلاپ ئۇلارغا دېمەي كەلگەن ئىدى، ئەمما پاختنىڭ ئىچىدە ئوتنى ساقلىغىلى بولمىغاندەك ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئانچە خوشال بولمىدى، ئارزۇلۇق ئوغلىغا چىكىپ تاللاپ ، تىرناقتا توختىغۇدەك قىزنى ئېلىپ بىرىشنى ئويلىغان دىلبەر ئۈچۈن بۇ تولىمۇ كۆڭۈلسىز ئىش ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ گۈلنازنىڭ دادىسىدىن كىچىك قالغان بولسىمۇ، ئېسىل پەزىلەتلىك، يۈزى تۆۋەن ، ئەخلاقلىق بىر قىز ئىكەنلىكىنى بىلگەندە بولسا بۇرۇنقىدەك قارشى چىقمىغان ئىدى. p.x!dt\1kC  
    قول ئىچىگە ئىگىلىدۇ دېگەندەك، دىلبەر گۈلنازنىڭ بۆرەك ئاجىزلىق كېسىلىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ ئىشقا جان-جەھلى بىلەن قارشى چىقتى، چۈنكى ئۇلار ئارزۇلۇق ئوغلىغا بىر بۆرىكى يوق قىزنى ئېلىپ بىرىشتەك رەھىمسىز رىئاللىقنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايتى ھەم بۇمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.ئادىل ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى قىسىلدى، بىر تەرەپتە سۆيگەن قىزى گۈلناز، يەنە بىر تەرەپتە ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىدىن كېچىشتىن يانمايدىغان ئاتا-ئانىسى...... s E0 ldN"  
/m8&E*+T1  
(6)
Ht&%`\9s  
    شۇنداق قىلىپ گۈلنازنىڭ ئوپراتسىيە كۈنىمۇ يېقىنلىشىپ قالدى، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ ئاچىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيىگە ماڭاتتى، كۈنلەر ئاز قالغانسىرى گۈلناز ئۆزىنى بۇ قېتىم ھايات قايتىپ كېلەلمەيدىغاندەك، ئادىلنى ئىككىنچى كۆرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدى. ئۇ كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئادىلدىن ئايرىلىپ كېتىشنى قارار قىلدى ھەم ئاچىسى ئارقىلىق ئادىلنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا يۈز تۇرانە ئېيتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ يىغلاپ سېلىپ كۆڭلىدە ئويلىغىنىنى تولۇق دىيەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپ بىر پارچە خەت يېزىشنى لايىق تاپتى.خەت مۇنداق باشلانغان ئىدى. A ?ij  
u8b^DB#+W  
سالام خەت
{7d\du&G  
    قەدىردان ئادىل، ياخشىمۇ سىز؟ VD+y4t' ^  
    بەلكىم سىز بۇ خەتنى قولىڭىزغا ئالغىنىڭىزدا مەن ئاللا بۇرۇن يېنىڭىزدا بولماسلىقىم مۇمكىن، ئەمما بۇ ئىشلار ئۈچۈن سىزنىڭ كۆپ قايغۇرماسلىقىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. جان ئاللاھ ئېگەمنىڭ ئىلكىدە بولغانىكەن، ئۇنى ئېلىپ كېتىشمۇ ئاللاھ ئېگەمنىڭ ئىلكىدىكى ئىش. +d JLT}I8M  
    مەن دادام تۈگەپ كەتكەن چاغدىلا بارلىق خوشاللىقلىرىمنى دادام بىلەن بىللە ئۇ دۇنياغا كەتكەندەكلا ھېس قىلغان ئىدىم، تېخى بالىلىق چاغلىرىم ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا بىر قانىتى سۇنغان قۇشتەك بولۇپ قالغانلىقىمنى ئويلىساملا مىنى داۋاملىق يىغا تۇتاتتى. ئەمما تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەس دېگەندەك ئادەم بۇ دۇنيادا پېشانىگە پۈتۈلگەننى كۆرمەكتىن باشقا ئىلاج يوقكەن. 0` UrB:  
    ئانامنىڭ كېسىلى سەۋەپلىك ئىككىمىز تونۇشۇپ قالدۇق، بۇمۇ شۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بولسا كېرەك، ئەمما مەن سىز بىلەن تۇنۇشۇپ، سىزنىڭ سۆيگۈڭىزگە ئېرىشكەندىن باشلاپ، خۇددى ئۆزەمنى قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغانغاندەك، بۇرۇنقى كۆڭۈل سۇنۇقچىلىقىم خۇددى چۈشۈمدەكلا ھېس تۇيۇلاتتى، ئانامنى باقىمەن دەپ شۇنچە ھېرىپ چارچىساممۇ، سىزنىڭ تاماق يېدىڭىزمۇ دېگەن بىرەر ئېغىز سۆزىڭىز، جىددىي ئىشلەۋېتىپمۇ قىلغان بىرەر تېلفۇنىڭىزنى ئالساملا ،بارلىق چارچاشلىرىمنى ئۇنتۇپ ئۆزەمنى خۇددى قۇشتەك يەڭگىل سېزەتتىم، دەل مۇشۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك مەن ئۆزەمنى تەكشۈرتۈشكە ئېتىبارسىز قاراپ كېسىلىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋىتىپتىمەن. q#*b4q {  
    ئەپسۇس، ماڭا ئەزەلدىن نىسىپ بولمىغان نەرسىنى جېنىمنى تىكسەممۇ ئۆزەمنىڭ قىلالمىغۇدەكمەن، يېقىندىن بۇيان سىزنىڭ بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكىنىڭىزنى بىلىمەن، شۇ سەۋەپتىن مېنى يوقلىيالمىدىم دەپ ھەرگىز خىجىل بولماڭ، چۈنكى سىز مىنىڭ قەلب ئوردامدا ھەر ۋاقىت پادىشاھ، ئۆز- ئارا ياخشى كۆرۈشكەنلەر ئۈچۈن دېدار غەنىمەت بولسمۇ، مەن ئۈچۈن سىزنىڭ سۆيگۈڭىز غەنىمەت. MznMt2-u  
    سىزنىڭ مېنى چوقۇم ئۇنتۇپ كېتىشىڭىىزنى ئۆتۈنىمەن، مەن سەۋەپلىك ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ئازارلىشىپ قېلىشىڭىزنى تېخىمۇ خالىمەيمەن، ئۇلار ئاجايىپ ئېسىل كىشىلەر، مەندەك دادىسى يوق، ئانىسىمۇ كېسەلچان بىر قىزنى كېلىن قىلىشقا قوشۇلغان كىشىلەر ئەلۋەتتە ئالى جاناپ كىشىلەر. ئەپسۇس، رەھىمسىز كېسەل مېنىڭ سىزنىڭ قەلبىڭىزدە ۋە قەسىرىڭىزدە سىزگە مەڭگۈ ھەمرا بولۇپ ياشاشتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئارزۇ ئارمىنىمغا يەتكۈزمىدى، ئەمما مەن ئۆكۈنمەيمەن، چۈنكى تەقدىر ماڭا سىزنى تونۇشتۇرۇپ، سىزنىڭ پاك مۇھەببىتىڭىزگە ئېرىشتىم ، مانا بۇ مەن ئېرىشكەن ئەڭ ئالي سوۋغا.مەن مۇشۇ سوۋغىنى ئېلىپ ئۇ دۇنياغا كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق. V J]S"  
    ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئاللاھتىن تېنىڭىزگە سالامەتلىك، خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەپ   |5#iPw_wMY  
                                                                                سىزنى ئىككى دۇنيا سۆيدىغان گۈلناز V^qkHm e  
                                                                                  2008 -يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى. #ByrX\  
q+cx.Rc#  
    گۈلناز يىغا ئىچىدە خەتنى ئاخىرى يېزىپ تۈگەتتى، ھەم قاتلاپ ياستۇقىنىڭ ئاستىغا باسۇرۇپ قوياي دەپ تۇرۇشىغا دوستى ئاينۇر ياتاققا كىرىپ كەلدى، ئاينۇرمۇ گۈلنازنىڭ ئادىل بىلەن بولغان ئىشىدىن خەۋەردار ئىدى. گۈلناز خەتنى ئاينۇرغا  ئۆزى ئۈرۈمچىگە يولغا چىققاندىن كېيىن ئادىلغا بېرىشنى تاپىلاپ خەتنى ئاينۇرغا تۇتقۇزدى. B'~CFj0W%=  
    ئەتىسى گۈلناز ئاچىسى دىلنازنىڭ ھەمرالىقىدا ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە يول ئالدى، ئۇنى قايسى خىل قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقى ئۇنىڭغا قاراڭغۇ ئىدى. g: ,*Y^T  
    ئۇلار ماڭغان كۈنى كەچتە ئايشەمخان ئانا ئالەمدىن ئۆتتى، رەھمەتلىك ئىككى قىزىنى كۆرەلمەي كۆزى ئوچۇق ھالدا جان ئۈزگەن ئىدى، گۈلنازنىڭ خوشنا-خۇلۇم ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى رەھمەتلىكنى چىرايلىق ئۇزۇتۇشتى ھەم بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى گۈلناز بىلەن دىلنازدىن سىر تۇتۇشتى. } DQ KfS  
    گۈلناز كەتكەن كۈنى ئادىل خەتنى كۆردى، ئۇ خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن خۇددى كىچىك بالىدەك ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى، شۇنداق، ئۇ يىغلماي كىم يىغلىسۇن؟  ئۇنىڭ يىغىسىغا ئۆزى سۆيگەن قىز كېسەل بولۇپ قالغاندا ھالىغا يېتەلمىگەننى ئاز دەپ، ئوپراتسىيەدە يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھاياتى كۈچ ئاتا قىلالمىغانلىقىغا ئۆكۈنگەندەك ھەر خىل مۇرەككەپ ھېسسىياتلار ئارلىشىپ كەتكەن ئىدى.......... J6J|&Z~UT,  
q+?>shqsZ  
مەنبە:  قەلەم 2sOetmWE7  
2011-يىلى 7-ئىيۇل

تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-12, 16:55
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ھېچنىمە دىگۈم يوق!
wazipa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31310

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   167 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1731 (سوم)
 ياخشى باھا:   105 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   107  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 23
 سائەت
دەرىجىسى:
23 سائەت 27 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-21
ئاخــىرقىسى:2011-07-12
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:57

مەزمۇنى چوڭقۇركەن خىلى ياخشى يىزىپىسز``
今天失去了很重要的东西,学会了一个道理。“人永远要保持谦虚,因为永远有人比你杰出!”
yogankoz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.46704

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   11 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55 (سوم)
 ياخشى باھا:   11 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 93
 سائەت
دەرىجىسى:
93 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-04
ئاخــىرقىسى:2011-07-12
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:59

قەلىمىڭىزگە رەخمەت ،مېنىڭچە گۈلنازنىڭ تەقدىرى بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى،
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1252 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7609 (سوم)
 ياخشى باھا:   298 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1845
 سائەت
دەرىجىسى:
1845 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 18:36

ئادىل گۈلنازنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى بىر قوللۇق ئۇزاتماي گۈلنازنىڭ خېتىگە قاراپ يىغلاپ ئولتۇردىمۇ؟ بۇلۇمسىز.
dostum
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.536

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   104 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6017 (سوم)
 ياخشى باھا:   217 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   268  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2058
 سائەت
دەرىجىسى:
2058 سائەت 32 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 18:56

تۈگەپ قالدىغۇ؟ -&Cb^$.-x  

بەرگىن سېنى سۆيگەنلەرگە تەبەسسۇم،
دۈشمىنىڭگە قالدۇر ئاھۇ-ھەسرەتنى.  
قايرىپ قويۇپ ھەرخىل سەۋەب،قىسمەتنى،
بېغىشلىغىن دوسىتلىرىڭغا قەلبىڭنى.
_ بىرۇن
gulxarihan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47284

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   100 (سوم)
 ياخشى باھا:   16 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-07-12
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 19:15

« ئىككى دۇنيالىق سۆيگۈ» دىگەن تىما مەزمۇندا ئانچە ئېنىق گەۋدىلەنمىدىمۇ قانداق؟   ئاخىرىنى يەنە ئازراق قېتۋەتكەن بولسىڭىز ياخشى بۇلاتتىكەن. R7nT,7k.  
قەلمىڭىزگە رەھمەت!!
gulum0824
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.46821

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   36 (سوم)
 ياخشى باھا:   4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-05
ئاخــىرقىسى:2011-07-12
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 20:40

گۈلنازغا بەكلا ئىچىم ئاغرىدى،،،
makadur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39282

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   31 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   135 (سوم)
 ياخشى باھا:   11 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 76
 سائەت
دەرىجىسى:
76 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-01
ئاخــىرقىسى:2011-07-14
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 21:26

  جاپا تارتىپسىز .لىكىن بۇ سىز نىڭ يازغىنىڭىز ھېكايىمۇ ياكى بايانمۇ ،  بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۈستىدىن قېيدىغاندەك شىكايەت قىلغاندەك مەزمۇن چىقىپتۇ ، ئەسىلى ھېكايە دېگەن مۇكەممەل دىئالوگلار ئارقىلىق پىرسوناژ لارنىڭ روھى ھەم ئىچكى دۇنياسى ئېچىپ بېرىلەتتى ،بۇنىڭدا نە دىئالوگ ،  نە قىياپەت تەسۋىرى يوق ، بىر ئەسەرنى ياز ماقچى بولىدىكەنمىز ئالدىراپ-سالدىراپ  قەلەمنى قولغا ئالمايلى !
mam-nun
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.22162

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   21 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3091 (سوم)
 ياخشى باھا:   167 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 709
 سائەت
دەرىجىسى:
709 سائەت 61 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-13
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 22:14

گۈلناز  ئۆلمەس    ..........  بىر خىل ئاخىرى بادەكلا ھىس  قىلدىم...لىكىن  ۋەقەلىگى ياخشىكەنتۇق
ubul0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7478

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   3005 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21 (سوم)
 ياخشى باھا:   541 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   493  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5777
 سائەت
دەرىجىسى:
5777 سائەت 163 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-23
ئاخــىرقىسى:2011-07-14
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 23:05

بىردەم گۇلناز بىردەم  گۇلنار دەپسىز بىر ئىسىمنى جەزىىم قىلۋىتىڭ، تەھرىرلاپ قۇيۇڭ.
ئادەمگەبىلىم كىرەك ،ياغاچقا يىلىم
sarsan3707
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4051

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   351 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6456 (سوم)
 ياخشى باھا:   202 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   268  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4212
 سائەت
دەرىجىسى:
4212 سائەت 128 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-15
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 23:14

تۈگەپ قالدىغۇ؟ئاخىرى بادەكلا ھىس  قىلدىم.بۇلسا ئازراق ئۇزارتىلى ،چۇشىنىكسىزلا تۇگەپ قالدى،گۇلناز قانداق بۇلدى ساقايدىمۇ .ياكى .............................................................
دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!
1670154432
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43241

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   313 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2055 (سوم)
 ياخشى باھا:   450 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   397  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 547
 سائەت
دەرىجىسى:
547 سائەت 103 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-07-14
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 01:24
ئاپتور(Aychin) نىڭ تېمىسىغا

ئاخىرچۇ؟ گۇلنازمۇ ئۇلۇپ كىتەمدىكەن؟
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى