مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       6307 
  •    ئىنكاس 
       22 

قۇرئان بىلەن ئۆزگەرگەن ھايات

قەۋەت ئاتلاش
taghrim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4101

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   213 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9681 (سوم)
 ياخشى باھا:   1025 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1491  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 157
 سائەت
دەرىجىسى:
157 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-16
ئاخــىرقىسى:2011-08-14

مۇئمىن ئوغلى
&Z(K6U#.  
كىرىش سۆز
,.eWQK~  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم!
^b:( jI*l  
تۆۋەندە مەن سىز قەدىردانلىرىمغا دىنغا دۈشمەن بىر ئائىلىدە توغۇلۇپ، چوڭ بولغان ۋە شۇ ئائىلىنىڭ تەربىيىسىدە يېتىشىپ قاتارغا قوشۇلغاندىن كېيىن، ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى قوللۇنۇپ قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت ئۆزگەرمەس ئالەمشۇمۇل ھەقىقەت قۇيىشى بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن تۇرمۇشقا بولغان كۆزقارىشى ۋە ئېڭى، ھايات پەلسەپىسى، نەرسىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە مۇئامىلىسى، باھاسى، ھاياتلىقنىڭ غايىسىنى چۈشىنىش ئېڭى…قاتارلىقلاردا ئادەتتىن تاشقىرى بورۇلۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە بۇ جەرياندا مۇسۇلمان ئائىلىدە ياكى ئىسلامى مۇھىتلاردا ئۆزلىرىنى «مۇسۇلمان» دەپ تۇنۇغاندىن باشقا مۇسۇلمانچىلىق بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق ئائىلىلەردە دۇنياغا كېلىپ قاتارغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ھىدايەت بېرىشى نەتىجىسىدە ئىسلام دىنى بىلەن يېڭىدىن ۋە رەسمى يۈز كۆرۈشكەن ھاياجانلىق ياش ئوغۇل – قىزلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان تەجرىبىلەرنىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر قېرىندىشىمنىڭ ھېكايىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن. ئىنشائەللاھ بۇ يولغا قەدەم قويغان ياكى «ئائىلەم بىلەن ئەتراپىمدىكىلەر نېمە دەيدىكىن؟» دېگەن ئەندىشىلەر بىلەن توغرا يولغان قەدەم قويالمايۋاتقان ياكى بولمىسا بۇ يولغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن بەزى ئىشلاردىن قورقۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. \(226^|j  
inf l.  
2008- يىلى 6 ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى مەن تۇرىۋاتقان شەھەردىن باشقا بىر شەھەرگە بىر ئىش بىلەن بېرىپ قالدىم. ئۇ يەردە مەن ئىككى يىلدىن بويان بەزىدە تېلېفون بىلەن بەزىدە بولسا يۈز تۈرى كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتقان بىر قۇرئان ئاشىقى قېرىندىشىم بار ئىدى. مەن ئۇنىڭ قۇرئانغا بولغان ئىخلاسىنى ۋە پۈتۈن ئۆمرىنى ئىنسانلارغا قۇرئان كەرىمنى ئۆز ئەينى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاتىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتىم. چۈنكى ئۇ، بىز تۇنۇشقاندىن بويان بۇ يولدا نۇرغۇن ئەزىيەتلەرنى تارتقان بولسىمۇ ھارماي تالماي تىرىشىۋاتاتتى. ئەمما مەن ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ قانداق بولۇپ بۇ يولغا قەدەم قويۇپ قالغانلىقى ۋە بۇ ھالەتكە قانداق كەلگەنلىك جەرياننى تەپسىيلى بىلمەيتتىم، بىلىشكە قىزىقساممۇ نېمە ئۈچۈنكىن سورىيالمىغانتىم… CYOI.#m2  
X%yO5c\l2  
ئۇ كۈنى ماشىنىدا بىر يەرگە كېتىۋېتىپ ئۇ قېرىندىشىمىزدىن سورالغان بىر سوئال سەۋەبلىك ئۆزىچە قانداق بولۇپ بۇ يولغا كىرىپ قالغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ھېكايىسى ھەقىقەتەن قىزىقارلىق بولغىنىدەك، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن دەرسلەر بار ئىدى. بولۇپمۇ ئىسلامىيەت بىلەن يېڭىدىن تۇنۇشقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورمال تۇتۇشى ۋە ئائىلىسى شۇنداقلا دوستلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قېلىشتا قىيىنىلىدىغان ياكى بولمىسا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قالالمايدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئائىلە ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە مەسلەھەتكە موھتاج قېرىنداشلارنىڭمۇ بۇ ھېكايىدىن ئالىدىغان دەرسلىرى بار ئىدى. l/;X?g5+  
n]8 
مەن شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ ھېكايىنى قۇرئان كەرىمگە يۈزلىنىۋاتقان ياكى ئەتراپىدىكى دوست – يارەنلىرىنىڭ بېسىمى ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراشتىن ياكى بولمىسا ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ ھىدايەت يولىنى تاللىيالمايۋاتقان قېرىنداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، شۇنداقلا داۋاملىق قۇرئان ئوقۇۋاتقانلىقىمىزنى دەۋا قىلىۋاتقان بىزلەرنىڭمۇ قۇرئاننى لايىقىدا ئوقۇمايۋاتقانلىقىمىزنى ئويلاپ بەلكى بۇ قېرىندىشىمنىڭ ھېكايىسىدىن دەرس چىقىرىپ ئۇنىڭ قىلغىنىدەك، قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ۋە چۈشەنگەنلىرىمىزنى ھاياتىمىزغا تەدبىقلاش نىيىتى بىلەن ئوقۇشقا تۇتۇش قىلىشىمىزغا ياردىمى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىتتە مەزكۇر قېرىندىشىمنىڭ ھېكايىسىنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە قەلەمگە ئېلىپ سىز قېرىنداشلىرىمنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشقا تىرىشىمەن. r0p w_j  
OL4z%mDZi  
(ئەسلىدە مەن بۇنى ئۆز ۋاختىدا يازغان ئىدىم. ئەمما مەن بەزى قېرىنداشلىرىمغا كۆرۈپ تۈزىتىدىغان تەرەپلىرى بولسا تۈزىتىپ ئەۋەتىپ بېرىشى ئۈچۈن بەرگەن بولساممۇ ھازىرغا قەدەم تەھرىرلەپ ئەۋەتىپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن كېچىكتى. شۇنىڭ ئۈچۈن نېمىشقا يېرىم يىلدىن كېيىن يازغاندۇ دەپ ئويلاپ قالمىغايسىزلەر!) &-(463  
9x,RvWTb  
قېرىندىشىمىزنىڭ جاھىلىيەت دەۋرى: d,Y_GCZ7|W  
h iNEJ_f  
ئۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىشىمچە ئۇنىڭ ئائىلىسى، ياشاۋاتقان شەھەردىكى ئەڭ باي ئائىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئاتىسى بالىلىرىنىڭ باشقىلاردىن مەدەنىيەتلىك ۋە ھەرجەھەتتىن ئۈستۈن بولۇپ تەربىيلىنىشى ئۈچۈن ئۇ قېرىندىشىمىزنى 10 يېشىدىلا ياۋرۇپانىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قەدىمى شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان لوندۇنغا ئېلىپ بېرىپ بىر مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كېلىپتۇ. قېرىندىشىمىزنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭغا پۇل دېگەن ھېساپسىز ئەۋەتىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇ قېرىندىشىمىزمۇ خۇددى دۇنيالىق ھاۋايى ھەۋەستىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ماددىزىمچى بىر ياۋرۇپالىققا ئوخشاشلا ئالدىغا كەلگەننى يەيدىكەن، خىيالىغا كەلگەن پۈتۈن ئىشلارنى قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. پۈتۈن مەينەتچىلىكلەرنىڭ ھەممسىىنى قىلىدىغان، ئەخلاقسىز، شەخسىيەتچى، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمەيدىغان… دىنسىز ياكى ئاغزىدا خرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ تۇرۇپ بولمىغۇر ئىشلارنىڭ، ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدىغانلاردىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەن… كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپ كېتىۋېرىپتۇ… 6e&>rq6C  
wAnb Di{W  
16يېشىغا كەلگەندە ئاتىسى بىلەن تاغىسى تىجارى شېرىكچىلىكتىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاتىسى ئۇنى ئۆزىگە ياردەملىشىشى ئۈچۈن يېنىغا چاقىرىۋاپتۇ. ئۇ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن يۇقىرىدىمۇ دەپ ئۆتۈلگىنىدەك بىر ياۋرۇپالىقتىن پەرقسىز ھالدا ھايات كەچۈرۈپتۇ. قول ئىلكىدە بولغاچقا مەنپەئەتچى ئاغىنىلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. ئەمما ئۇ ئاغىنلىرىنىڭ ھەممىسى يولدىن چىقىپ كەتكەن، ساختىپەز، مەنپەئەتپەرەس، شەخسىيەتچى ياشلار بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك ئوغرى، يانچۇقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، باشقىلارنى مەنسىتمەيدىغانلار ئىكەن. C8F7bG8c  
Z7 E  
جاھىلىيەتتىن ئىسلامىيەتكە بىرىنچى قەدەم: DTW D |M  
l 
بۇ قېرىندىشىمىز ئەنە شۇ ھەمنەپەسلىرى بىلەن بىرلىكتە ئويناپ كۈلۈپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئاشخانىغا تاماق يېگىلى كىرىپتۇ. تاماق يەۋېتىپ ئاشخانىدا بىر نەچچە كىشىنىڭ ئۆز ئارا مۇنازىرە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئۇلارغا بىلدۈرمەستىن تاماق يەۋاتقاچ قولاق سېلىپ ئولتۇرۇپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۇرادىرىگە قاراپ: «قۇرئان كەرىمدە … دەپ بار، شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ دېگىنىڭ خاتا» دېگەندەك گەپلەرنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان بۇ قېرىندىشىمىز ئۇلارغا، ئۆزىنىڭ بىلىملىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن مۇنداق دەپتۇ: «مۇسۇلمانلار: ‹قۇرئاندا ئۇنداق دەپ بار، مۇنداق دەپ بار› دەيدۇ-يۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرى قۇرئاننى چۈشەنمەيدۇ…». |_u aS  
m&|`x  
ھالبۇكى، ئۇ قېرىندىشىمىزنىڭمۇ باشتا تىلغا ئېلىنغىنىدەك مۇسۇلمان بىر ئائىلىدە توغۇلغانلىقى ئۈچۈنلا مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىپ يۈرۈشتىن باشقا ئىسلام دىنى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزىنى ئاڭلىغانلار ئىچىدىن ئوتتۇرا ياشلاردىكى مويسىپىت بىر كىشى بۇ قېرىنداشنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «بەك مۇھىم بىر گەپ قىلدىڭىز، بىز راستىنلا قۇرئان كەرىمنى ئوقۇيمىز، ئەممالېكىن ئاللاھ تەئەلانىڭ ئۇنىڭدا نېمە دېگەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەمەس، ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن ئوقۇيمىز…» دېيىش ئارقىلىق قېرىندىشىمىزنىڭ دېگەنلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. Ivb 4P`{  
[s<^&WM/  
بۇ ھەقتا بەزى پاراڭلارنى قىلىشىپ بولغاندىن كېيىن بۇ قېرىندىشىمىز ئاشخانىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇ سورۇندا ئېيتقانلىرىنى ۋە ھېلىقى مويسىپىت كىشىنىڭ ئۇنىڭ پىكرىگە قارىتا ئېيتقانلىرى داۋاملىق قولاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرىۋېلىپ ئۇنى ئارامىدا قويماپتۇ. داۋاملىق ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇ مۇنازىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىنى ئويلايدىكەن. 8Jz:^k:  
1bGopi/  
ئاخىرىدا ئۇ، ئۆز – ئۆزىگە مۇنداق سوئال سوراشقا باشلاپتۇ: «دېمەك، مەن شۇنداق مۇھىم بىر گەپنى قىلىپتىمەن. ئۇنداق بولسا مەن قۇرئان كەرىمدە قانداق يوليۇرۇقلارنىڭ بارلىقىنى بىلەمدىمەن؟؟؟». "s\L~R.&  
86z]<p (  
ئۇ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالماي يەنە بىر نەچچە كۈن بىئارام بولۇپ يۈرۈپتۇ. بىرقانچە كۈنلۈك ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇش ۋە نۆۋىتى كەلگەندە «بىلەرمەنلىك» قىلىش مەخسىتى بىلەن قۇرئان كەرىمدە قانداق يوليورۇقلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋەردار بولۇپ قويۇش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىقىش قارارىغا كەپتۇ-دە، قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى قولىغا ئېلىپ، ئىككى پۇتىنى ئۆزى داۋاملىق مەشغۇلات قىلىدىغان ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئولتۇرۇپ قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇشقا باشلاپتۇ. 37; $-cFE  
NKQOUw:qn  
شۇنداق قىلىپ ئۇ قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى تەخمىنەن بىر ھەپتىدە ئوقۇپ چىقىپتۇ. تەرجىمىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ئۆز- ئۆزىگە: «مەن قۇرئاندىن نېمىلەرنى چۈشەندىم؟» دەپ سوراپتۇ. قاراپ باقسا ھېچنېمە چۈشەنگەندەك ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن چۈشەنگەنگە قەدەر ئوقۇش نىيىتىگە كېلىپ بەلنى چىڭ باغلاپ قايتىدىن ئوقۇغىلى باشلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ قۇرئان كەرىمنى چۈشەنگە قەدەر ئوقۇش نىيىتى بىلەن بىرنەچچە قېتىم قايتا – قايتا ئوقۇپ چىقىتۇ ۋە ھەر قېتىم قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ئۆزىگە :«مەن بۇنىڭدىن نېمىلەرنى چۈشەندىم؟» دېگەن سوئالنى سوراپتۇ… Z}-Vf$O~  
SXt{k<|  
ئاخىرىدا باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇش نىيىتى بىلەن قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشقا باشلىغان بۇ قېرىندىشىمىز، قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغانسېرى ئۆزىنى «مۇسۇلمان» دېگەن ھەر بىر كىشىنىڭ ھەر كۈنى بەش ۋاخ ناماز ئوقۇمىسا بولمايدىغانلىقى، نېساپقا يېتىدىغان پۇل – مېلى بارلارنىڭ پۇل – مېلىدىن يىلدا بىر قېتىم يۈزدە ئىككى يېرىم پىرسەنت زاكات بەرمىسە بولمايدىغانلىقى، كۈچى يېتىدىغانلارنىڭ ئۆمرىدە بىر قېتىم بەيتۇللاھقا بېرىپ ھەج قىلمىسا بولمايدىغانلىقى، بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى لازىملىقى، يالغان ئېيتسا بولمايدىلىقى، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلسا بولمايدىغانلىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھ تەئەلانىڭ قۇرئان كەرىمدە ئوتتۇرىغا قويغان دىنى ۋە ئەخلاقى پىرىنسىپلارنى قۇرئان كەرىمدىن چۈشىنىپ يېتىپتۇ ۋە خۇددى قۇرئان كەرىم نازىل بولغان دەۋردە ياشىغان ساھابەگە ئوخشاش قۇرئان كەرىمدىن چۈشەنگەنلىرىنى ئۆزىنىڭ ھاياتىدا تەدبىقلاشقا تىرىشىپتۇ. Hk|0HL  
ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇشى: x"~~l  
c2K:FdB  
باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇش ئۇچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چۈشىنىش نىيىتى بىلەن يولغا چىققان بۇ قېرىندىشىمىز قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ چۈشەنگەنسېرى ئالدى بىلەن ناماز ئوقۇشقا باشلاپتۇ. ئاندىن كېيىن قۇرئان كەرىمدىكى ئاللاھنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىنى ھاياتىدا ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ، ئۆگىنىپ كەتكەن يالغانچىلىق، ھاكاۋۇرلۇق، ئالدامچىلىق، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، جازانىخورلۇق ۋە پارىخورلۇق قىلىش، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمەسلىك…قاتارلىق قۇرئان ئەخلاقىغا يات يامان ئادەتلەرنى بىر – بىرلەپ قۇرئان كەرىمنىڭ يولىيۇرۇقلىرىغا ئاساسەن توغرىلاشقا تىرىشىپتۇ. «كۆنگەن خۇي، مىنگەن ئۇي» دېگەندەك كۆنۈپ كەتكەن يامان خۇيلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا توغرىسىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئانچە ئاسانغا توختىماپتۇ، ئەلۋەتتە! بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: zq%D/H6J,  
~b:Rd{  
«قۇرئان كەرىمدىن ئۆگەنگەن پرىسىنپلارنى تۇرمۇشۇمغا ئۆزلەشتۈرۈشكە باشلىغىنىمدا خېلى يېقىن دەپ بىلىدىغان كىشىلەرمۇ مېنىڭ بۇرۇنقى ھاياتىمنى، ھايات پەلسەپەمنى بىلگەنلىكلىرى ۋە مېنىڭ بۇ رەۋىشتە ئۆ‍زگىرىدىغانلىقىمنى خىياللىرىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ئىشەنمىدى. يېقىنلىرىم مەندىن قاچتى، تىجارەتچىلەر ماڭا ئىشەنمىدى، ھەتتا ئائىلەمدىكىلەرمۇ ئىشەنمىدى. ئەمما مېنىڭ ھارماي تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم ۋە قىلغانلىرىمنى پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ قىلىشىم نەتىجىسىدە ئۇزۇن ۋاقىت ئالغان بولسىمۇ مەن ئۆزگەرگىنىمدەك، كىشىلەرنىڭ ماڭا بولغان كۆزقارىشىدىمۇ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. قىسقىسى خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ ئورنىغا توغرا چۈشەنچىلەرنىڭ يەرلەشتۈرۈش ۋە كىشىلەرنىڭ مېنى بۇ شەكىلدە قۇبۇل قىلىشلىرى ئۈچۈن تەخمىنەن 8-10 يىل ۋاقىت كەتتى. يەنى 0 دىن تۆۋەن (ـ) دىن 0 دىن يۇقىرى (+) غا ئۆرلەش ئانچە ئاسانغا توختىمىدى. ھازىر سورايدىغان بولسىڭىز، ئەگەر ئاللاھ ھەقىقى مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان جەننەت دۇنيادا بار دېيىلسە، مەن قۇرئان كەرىمنىڭ ھىدايىتى بىلەن ئەنە شۇ جەننەتتە ياشاۋاتىمەن. ئەلھەمدۇلىللاھ!». hUm'8)OJ  
sdS^e`S  
ئاللاھنىڭ ئىمتىھانى: \cCV6A[  
5^j45'%I  
ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا ئالدىغا چىققا ئەڭ چوڭ توسالغۇلاردىن بىرى مۇسۇلمانلىقىنى دەۋا قىلسىمۇ ئەمەلىيىتىدە ئىسلام دىنىدىن ئەسەر بولمىغان ئائىلىسى بىلەن ئەل – ئاغىنىلىرى بوپتۇ… بولۇپمۇ ئەتراپى ئۆزىنى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىۋېلىپ ئىسلامىيەتكە زىت بولغان پۈتۈن ئىشلارنى بەھۇزۇر قىلىۋېرىدىغان ئىسمى جىسمىغا زىت «مۇسۇلمان»لار بىلەن تولۇپ كەتكەن بۈگۈنكى جەمىيەتتە ئۆزى توغرا دەپ بىلگەن يولغا قەدەم قويۇپ، ئۇنىڭدا ئىلگىرىلەش خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇتپەرەس ئائىلىدە دۇنياغا كېلىپ چوڭ بولۇپ، ئاندىن ئۆزى ياشىغان جەمىئىيەتنىڭ بوزۇق ئېتىقاد ۋە خۇراپاتلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ كۆرەش قىلىشىدەك بەسى مۈشكۈل بىر ئىش. بۇنى ياشاپ باققانلار ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ. چۈنكى بىر تەرەپتىن ئەل – ئاغىنىلەرنىڭ بېسىمى يەنە بىر تەرەپتىن جەمىيەتنىڭ بېسىمى، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ئائىلىنىڭ بېسىمى ئىسلامىيەتنى ياشايمەن دېگۈچىلەرنىڭ ئالدىغا تاغدەك توسالغۇلار پەيدا قىلىپ تۇرماقتا. بۇ تۇسالغۇلاردىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش يولىدا ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغان يۈرەك، ئىگىلمەس ئىرادە بولمىسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. مانا بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئىگىلمەس ئىرادىسى بىلەن ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسى ھەر ۋاقىت ئالدىغا چىققان توسالغۇلارنى يېڭىپ ئاللاھ يولىدا ئىلگىرلىشىدە ئىنتايىن چوڭ ياردەمچىسى بولغان. ئۇ ئىگىلمەس ئىرادىسى ئارقىلىق پۈتۈن قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ كەلمەكتە. Q3"} Hl2  
QFIL)'K  
بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن بەھرىمەن بولماقچى بولغانلار، ئۇنىڭ «مۇسۇلمان»لىقتىن خەۋىرى بولمىغان ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى لازىملىقى ۋە ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە ياشىسا بولمايدىغانلىقى… ھەققىدە ئۇنى كۈشكۈرتىدۇ. نەتىجىدە قېرىندىشىمىزنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ، ئازراق ئىقتىساد بىلەن ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ مەنپەئەتپەرەسلەر بىلەن بىرلىكتە تىجارەتكە باشلايدۇ. ئەمما ئۇنى ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىغانلار، مەقسەتلىرى باشقا بولغاچقا ئۇنىڭ پۇل – ماللىرىنى چۆنتەككە سېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى 50 -60 مىڭ دولار قەرزگە بوغۇپ قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. :f$xQr4Qz  
%sRUh0AL  
ئۆيلۈك – ئۇچاقلىق بولغان ۋە بايۋەتچى ئائىلىسىدە خالىغىنىچە پۇل خەجلەپ چوڭ بولغان بۇ قېرىندىشىمىز مەنپەئەتپەرەسلەر ئۇنى قەرزگە بوغۇپ تاشلاپ كەتكەندىن كېيىن ئاخشىمى ئۆيىگە بىر دانە نان ئېلىپ بارالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. باي ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئىنسان غۇرۇرىغا قانچىلىك ئېغىر كېلىدىغانلىقىنىمۇ ياشاپ باققانلار ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ… S~Id5T:,  
B7"PIk k;  
قېرىندىشىمىز، بۇ جەرياندا نەچچە قېتىم ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ قايتىدىن تىجارەت باشلاش نيىتىگە كەلگەن بولسىمۇ ئۆسۈمنىڭ كەسكىن ھاراملىقىنى قۇرئان كەرىمدىن ئۆگەنگەن بولغاچقا بۇ چۈشەنچىسىدىنمۇ يېنىپ سەۋر قىلىدۇ ۋە ئاللاھقا يالۋۇرۇپ توغرا يولدىن ئايرىماسلىقى ۋە ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشىنى تىلەپ ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يولدا مۇستەھكەم قەدەملەر بىلەن مېڭىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسى نەتىجىسىدە ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ ۋە ئىككى يىلغا قالماستىن قەرزلىرىدىنمۇ قۇتۇلۇپ ھەر ئىشى يولىغا كىرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا مۇنداق ۋەدە قىلغان:  ;vb8G$  
«… كىمكى ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن چىقىش يولى قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا گۇمان قىلمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ.» (تالاق سۈرىسى، 4- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) CXCpqc C  
بەزى جامائەتلەرگە كىرىشى ۋە ئايرىلىش سەۋەبى: ?@n/v F  
شۇ يىللاردا بەزى دىنى جامائەتلەر بۇ قېرىندىشىمىزنى جامائەتلىرىىنىڭ سېپىگە قوشۇشقا ئورۇنۇپ ئاخىرى قېرىندىشىمىز جامائەتلەردىن بىرى قوشۇلۇپتۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئىسلام دىنىنى قۇرئان كەرىمدىن ئۆگەنگەن بولغاچقا ئېغىزلىرىدا «قۇرئان كەرىم ئەڭ ئۇلۇغ كىتابىمىز» دەپ قويۇپ، ئەمەلىيىتىدە شەيخ ياكى ئۇستازلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن قىلچە چىقمايدىغان، ئۇلارنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۆزىدەكلا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈن كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغانلارنىڭ ئېيتقانلىرى، ئۇنى داۋاملىق بىئارام قىلىپتۇ ۋە داۋاملىق ئىچى تىت – تىپ بولۇپ ياشاپتۇ. ئۆزلىرىنى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئىلغار دىنى جامائەت دەپ تەرىپلەۋاتقان بۇ جامائەت مەنسۇپلىرىدىن سۆزلىرى بىلەن ئەمەلىيىتىنىڭ بىر- بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىدىن بىئاراملىق ھېس قىلغان بۇ قېرىندىشىمىز، ئاخىر ئۇ جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىپتۇ ۋە باشقا بىر نەچچە جامائەتكە كىرىپ ئۇلارنىڭ ھۆر – ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىپ بېقىپتۇ. ئاخىرىدا جامائەتلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر ئىش ئۇنى ئويغا سېلىپ قويغانلىقتىن ھېچقانداق بىر جامائەتكە باغلانماسلىق قارارىغا كەپتۇ ۋە ئۇ جامائەتتىنمۇ ئايرىلىپ چىقىپتۇ: 0T>H)c6:\  
q=lAb\i  
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بىر كۈنى شۇ ۋاختىدا قوشۇلغان جامائەتتىكىلەر بىلەن بىرگە توپ ئوينىغىلى بېرىپتۇ. توپ ئوينىغاندىن كېيىن ئۇ گۇرۇپپىنىڭ پىشقەدىمى – ئۇستازى بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ بىرلىكتە توپتىن قايتىۋاتقىنىدا تۇيۇقسىزدىن ناھايىتى بەستىلىك بىر مەس ئادەم قېرىندىشمىزنىڭ ماشىنسىىغا ئارقىدىن ئۇرۇۋېتىپتۇ. خاتانىڭ پۈتۈنلەي مەس ئادەمدە ئىكەنلىكى يەتمىگەندەك ماشىنىسىدىن چۈشۈپ بۇ قېرىنداشقا تەنە قىلىشقا، ئۇنىڭغا تىل ئۇزىتىشقا باشلاپتۇ. ئەمما دىنىنى قۇرئان كەرىمدىن ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى تۇرمۇشىدا تەدبىقلاشقا تىرىشىۋاتقان بۇ قېرىنداش بولسا ناھايىتى تەمكىنلىك ۋە سەۋرىچانلىق بىلەن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراشقا باشلاپتۇ. بىراق يېنىدا ئولتۇرغان ھېلىقى جامائەتنىڭ رەھبىرى بولغان كىشى ماشىنىدىن چۈشۈپ ماشىنىغا سوقۇۋەتكەن ھېلىقى مەس ئادەمنى ناھايىتى يامان تىللار بىلەن تىللاپ كېتىپتۇ. ماشىنىسى بىر مەس تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ كەتكەن قېرىندىشىمىز بولسا يەنىلا سوغۇققانلىق ۋە سەۋرىچانلىق بىلەن ھېلىقى رەھبەرگە :«ئۆزلىرى ماشىنىدا ئولتۇرۇپ تۇرسىلا، مەن ئۆزۈم بۇنىڭ بىلەن چۈشىنىشىۋالىمەن» دەپ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئاران بالادا ئۇنى ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويغاندىن كېيىن ھېلىقى مەستىن ۋە ئۇ ئەسنادا مەس ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن ئۇنىڭ مەس ئاغىنىلىرىدىن ئەپۇ سوراپ، كىچىكلىكتىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى… ئېيتىپ ئۆزرە خاھلىق تىلەش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە خوشلىشىپ ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. gI8Bx]  
1 tR_8lC  
يولدا كېتىۋېتىپ جامائەتنىڭ رەھبىرى بولغان كىشى بۇ قېرىندىشىمىزغا: «سىز نېمە دېگەن ئېغىر بېسىق ۋە سەۋرىچان ئىنسان! سىزنىڭ جامائىتىمىزگە قوشۇلغىنىڭىزغا تېخى ئىككى يىلمۇ بولمىدى. ئەمما سىزنىڭ بۇ قىلمىشىڭىزنى جامائىتىمىز ئىچىدە ئاز دېگەندە 20-25 يىل تەربىيلەنگەن ئادەممۇ تەس قىلالايدۇ، بەلكى ھېچ قىلالماسلىقى مۇمكىن…» دەپتۇ. بۇ گەپ قېرىندىشىمىزنى ئويغا سېلىپ قويۇپتۇ ۋە بۇ ئىككى جۈملە سۆز، ئۇنىڭ مەزكۇر جامائەتتىنمۇ ئايرىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ رەھمبەرنىڭ ئېيتقانلىرى، دىننى ئۆزلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئۆگەنگەن كىشىلەر خېلى ئۇزۇن مۇددەتتە ئۆگىنەلەيدىغان بىلىملەرنى، دىننى قۇرئان كەرىمدىن بىۋاسىتە ئۆگەنگەن كىشىلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆگىنەلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىپ ئىسپاتلاپ بېرىپتۇ… eW>3XD4  
%2V-~.Ro6  
بۇ يەردە بىر مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ ئىسلام دىنىنى بىۋاسىتە قۇرئان كەرىمدىن ئۆگىنىۋاتقان بۇ قېرىندىشىمىز ئەينى ۋاقىتتا چۈشىنەلمىگەن ئايەتلەرنى، بىلەلمىگەن مەسىلىلەرنى ئۆزى ئىشەنگەن، بىلىدۇ دەپ گۇمان قىلغان كىشىلەردىن سوراشتىنمۇ تارتىنمايدۇ. (ئۇنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى مەن ياخشى بىلىمەن!) ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك، ھەتتا شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرمىز. ئالىملارنىڭ ۋەزىپىسى ئەنۇ شۇ ۋاقىتتا؛ يەنى ھەر مۇسۇلماننىڭ قۇرئان كەرىمنى قولىغا ئېلىپ چۈشىنىپ ئۈچۈن ئوقۇشقا باشلىغاندىن كېيىن چۈشىنەلمىگەن، بىلەلمىگەن جايلىرىنى سوراشقا باشلىغان ۋاقىتتا ئالىملارغا سورىشى، ئالىملارنىڭمۇ قوللىرىدىن كېلىشىچە بىلگەنلىرىنى بىلمىگەنلەرگە، سورىغۇچىلارغا توغرا چۈشەندۈرۈشلىرى قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەت بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن بۇرۇن چوقۇم ئەر – ئايال ھەربىر مۇسۇلماننىڭ قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئوقۇش، ئوقۇغانلىرىنى تۇرمۇشىنىڭ ھەر ساھەسىدە تەدبىقلاشقا تىرىشىش ۋەزىپىسى باردۇر. ?,yj")+  
KeNL0_ Pw  
بۇنى يېزىشىمدىكى سەۋەب مۇسۇلمانلار كۆپىنچە قۇرئان كەرىمنى باشقا كىتابلارنى ئوقۇغاندەك ‹ئوقۇش› پىئىلىنىڭ مەنىسى بويىچە ئوقۇمايمىز؛ باشقا كىتاپلارنى ئوقۇشتىكى نىيىتىمىز ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشىنىپ پايدىلىنىش بولسىمۇ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشقا كەلگەن ۋاقتىدا ئوقۇشتىكى بىرىنچى نىيىتىمىز ساۋاب ‹تېپىش›تۇر. نىيىتىمىز ساۋاب تېپىش بولغاچقا ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيەتتە “قۇرئان كەرىمنى ھەممە ئادەم چۈشىنەلمەيدۇ” دەيدىغان بىر ئاڭ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئاڭ تۈپەيلى ئاز ساندىكىلىرىمىز ئوقۇشقا باشلىغاندا باشقىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ… ۋە بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەڭ باشقا ئۇچرىشىدىغان تەنقىدلىرى ياكى بولمىسا ئۇلارغا كىيگۈزىلىدىغان سەللە “ھەدىس دۈشمىنى” قالپىقى بولۇپ چىقىدۇ. قۇرئان كەرىمنى چۈشەنمەكچى بولغان بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا بۇنداق قالپاقلارنىڭ كىيگۈزۈلىشىگە بەلكىم مەزكۇر قېرىنداشلارنىڭ تەنتەكلىك بىلەن ئۆگىنىۋالغان بىر نەچچە ئايەتتىن ھۆكۈم چىقىرىشقا تىرىشقانلىقلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنى تۈزىتىشنىڭ يولى ئۇلارغا قالپاق كىيىگۈزۈش بولماستىن، ئۇلارغا قۇرئان كەرىمگە بىر پۈتۈن ھالدا قاراش، ھەتتا قۇرئان – سۈننەتكە بىر پۈتۈن ھالدا قاراش ئېڭىنى ئىلمىيلىك بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە بېرىشكە تىرىشىش بولۇشى كېرەك. FCkf#  
FaBqj1O1  
شۇنداق بولغاندا قېرىنداشلىرىمىز بۇ يولغا كىرگەندىن كېيىن قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنىپ ياشاش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ سۈننىتىنىڭ ئەھمىيىتىمۇ ئۆزلىكىدىن چۈشىنىشكە باشلايدۇ. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرى، سۆز – ھەرىكەتلىرى ۋە سۇكۇتلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئىزاھاتى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن قىلغان ئىش – ھەرىكەتلىرى بىلەن ئېيتقان سۆز – تەۋسىيەلىرى چوقۇم ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەھىينىڭ چەك – چىگرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. 0KD]j8^  
hkO sm6  
(بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بىر ئۇزۇندىن بىرى ئەجەپلىنىپ كەلگەن بىر ئىشنى تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن: خېلىدىن بىرى دىنى توربەتلەرنىڭ بىرىدە نەشىر قىلىنىۋاتقان بىر ماقالە بار. ماقالە بەلكىم بىر قىسىم قۇرئان كەرىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەكلىكىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ئىنكاس بولسا كېرەك. ئەمما دىققەت قىلغانلار بىلىدۇكى ماقالىنىڭ مەزمۇنى ياخشى دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسى مۇسۇلمانلىق نوقتىئەنەزەرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خەتەرلىك ۋە ئەجەپلىنەرلىك! توربەتنىڭ نامى بىلەن ماقالىنىڭ تېمىسىنى سورىمىغايسىز!) fQP{|+4  
ئىمتىھاندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈش: G7=p Bf  
MaD3[4@#  
ئۆگەنگەنلىرىنى ھاياتىدا تەدبىقلىمىسا، ئۇنداق بىلىمنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن ۋە شۇنداق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بۇ قېرىندىشىمىز، ئاتا – ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە مۇئامىلىسىنىمۇ لوقمان سۈرىسىدىكى: B(F,h+ajy  
«ئەگەر ئاتا - ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى ھەمراھ بولغىن، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن.» (لوقمان سۈرىسى، 15-ئايەت) .6OgO{P:  
2y%,p{="  
دېگەن ئايەت ۋە باشقا قۇرئان كەرىمدىكى ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغان ئايەتلەرنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ تۈزىتىشكە تىرىشىپتۇ. ئاخىرىدا ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە مۇئامىلىسىنىمۇ جانابى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن نورماللاشتۇرىۋېلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسلامنى يېڭى چۈشەنگەن ۋاقىتلىرىدا قىززىق قانلىق ۋە ئالدىراقسانلىق قىلىپ بوزۇپ قويغان ئاتا – ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىپتۇ. ھازىرمۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىسلام دىنى، قۇرئان كەرىم، پەيغمەمبىرىمىز ۋە مۇسۇلمانلارغا ئالاقىدار بولغان كونا چۈشەنچىسىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ، ئىسلام دىنىنى قۇرئان كەرىمدىن چۈشەنگەن بۇ قېرىندىشىمىز، ئۇلار بىلەن بولغان ئىنسانى ۋە ئاتا – ئان ۋە بالىلىق مۇناسىۋەتنى نورمال داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلارنى لايىقىدار ھۆرمەتلەپ كەلمەكتە. يەنى گەرچە ئاتا – ئانىسىنى ئىسلامىيەتكە ۋە مۇسۇلمانلارغا لايىقىدا ھۆرمەت قىلمىسىمۇ قېرىندىشىمىز، ئىشت قىلغاننى ئىشتاچى قىلماپتۇ دېگەن ھېكمەتلىك سۆزگە ئەمەل قىلىشتىن زىيادە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاتا-ئانىغا بەرگەن ئەھمىيىتى، ئىمان ئېيتىشتىن كېيىنلا كېلىدىغان ئەڭ مۇھىم بۇيرۇقلاردىن بىرىنىڭ ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاتا-ئانىسىغا لايىقىدا ھۆرمەت قىلماقتا ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن قىلماقتا ۋە بۇنداق قىلىشتىن خۇرسەنلىك ۋە ھۇزۇر ھېس قىلماقتىدۇر. eh[_~ >w  
O+RP3ox"  
ئۇنىڭ بۇ تەجرىبىسىنىڭ ئىسلامىيەتنى يېڭىدىن تۇنۇپ يېتىپ ھاياتىدا ئادەتتىن تاشقىرى ئۆزگىرىشلەر بولغان قىز – ئوغۇل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ئالدىراپلا چاپاننى ئوتقا سېلىپ قويۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئوقۇغۇچىلىق دەۋردىكى بىر جەھەتتىن ئەقىللىق يەنە بىر جەھەتتىن ھاياتنىڭ يېتىلىش مۇساپىسىدە بولغان ياش – ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇغ – تۇغقانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بوزماستىن ئىشەنگەنلىرى بويىچە ياشاش يولىدا قانداق ھەرىكەت قىلىشلىرى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ئويلىمايدىغان، ئۆزىگە ئوخشاش دىندار ۋە ئېتىقادلىق بولمىغان، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا «ئاغزىدا مۇسۇلمان» ئاتا – ئانا ۋە ئورۇغ – توغقانلىرىمىز بىلەن مۇئامىلىمىزنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى، شۇنداقلا ئۇلارغا قارشى پوزىتسىيەلىرىمىزنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقى ھەققىدە ئالىدىغان دەرس ۋە ئىبرەتلەر بار دەپ قارايمەن. چۈنكى ئىمان ئېيتىش ياكى بولمىسا بۇت ياساپ ساتىدىغان بىر ئائىلىدىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش تەۋھىد سىمۋۇلىنىڭ چىقىشى قانچىلىك تەس بولسا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئىمان يولىدا ئوتقا تاشلانسىمۇ ئىمانىدا قىلچە ئىككىلەنمەستىن ياراتقۇچىسىغا تەۋەككۇل قىلىپ توغرىلىقىغا ئىشەنگەن يولىدا ئىلگىرىلەشمۇ ئانچە ئاسەن ئىش ئەمەس. بۇ يولنىڭ نۇرغۇن نۇرغۇن شاخ- شۇمبۇيلىرى، تاغ – داۋانلىرى بولىدۇ. Er k?} E  
kPjd_8z2n  
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا تىلىمىزنىڭ ئۇچىدا: «لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ ‹ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى›» دېيىش ئاسان بولغان بىلەن، بۇ ئىماننى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ› دېگەن كىشىنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى» ھەققىدىكى خوشخەۋىرىگە نائىل بولالايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىش ۋە شۇ پېتى ساقلاپ مېڭىش ئۇنچىۋالا ئۇڭاي ئەمەس. چۈنكى ئەقىللىق ئادەملەرگە ئېنىقكى «لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» نى ئاغزىنىڭ ئۇچچىدىلا دەپ قويۇپ، قالغان ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ئېلىپ مېڭىۋەرسىمۇ بولىدىغان ئىش بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن، ھەتتا پەيغەمبەرلىكىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا «مۇھەممەدۇلئەمىين» يەنى ‹ئىشەنچىلىك مۇھەممەد› دەپ ئاتاشقان مەككە مۇشرىكلىرى بىر قىسىم مۇناپىقلارغا ئوخشاش ياكى كۈنىمىزدىكى ئۆزىمىزنى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىۋېلىشتىن باشقان ئىسلام دىنىنى ئۆزىمىزگە سىڭدۈرەلمىگەن، ھاياتىمىزغا مۇجەسسەملەشتۈرەلمىگەن بىز 21 – ئەسىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپچىلىكىمىزگە ئوخشاشلا ئاغزىنىڭ ئۇچچىدىلا «لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دەپ قويۇپ، يوللىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن بولاتتى. ئەمما ئەقىدىسى خاتا بولسىمۇ ئىنسانىي خىسلەتلەر جەھەتتىن مەرتلىك ۋە بەرگەن ۋەدىسىگە تۇرۇشتەك ئەخلاق – پەزىلىتىگە ئىگە بولغان ئۇ ئىنسانلار «لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» نىڭ ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ ئەلچىسىگە بەرگەن ۋەدە بولىدىغانلىقىنى، ۋەدىنى بەرگەندىن كېيىن پۈتۈن ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئەمر ۋە چەكلىمىلىرىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى ياخشى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار «لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دېمەسلىك ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە قارشى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە جان جەھلى بىلەن كۆرەش قىلغان… mm5$> [%U  
qT/Do?Y  
ھالبۇكى تېخى ئۇلارنىڭ قوللىرىدا بۈگۈن بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا بولغان ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم يوق ئىدى. گەرچە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە كەلگەن ۋەھيىنى دەرھال مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزۈپ (تەبلىغ قىلىپ) تۇرغان بولسىمۇ، ئاللاھ تەئەلانىڭ «ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، چۈنكى ئەھدە ئۈستىدە -يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان- قىلمىغانلىق ئۈستىدە- ئەلۋەتتە سوئال- سوراق قىلىنىسىلەر.» ئايىتىدىن خەۋەرلىرى يوق ئىدى. e:AHVep j{  
uGs; }<<8  
پەيغەمەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ› دېگەن كىشىنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى خۇش خەۋىرىنى ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ›نى ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇش ھەققىدە بېرىلگەن بىر ۋەدە دەپ چۈشەنگەن ۋە شۇنىڭغا چىن قەلبىدىن ئىمان ئېيتقان ۋاختىمىزدىلا ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ› بىز ئۈچۈن بىر «خوشخەۋەر» بولالايدۇ. بولمىسا كۈنىمىزدىكىگە ئوخشاش «لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دېگۈچىلەرنىڭ سانى جىق، ئەمما ئۇنىڭغا ئاساسەن ياشىغۇچىلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز بولغان بىر «مۇسۇلمان»لار جەمئىيىتى مەيدانغا كېلىدۇكى، سۇ يۈزىدىكى كۆپۈككە ئوخشاش كۈچى يوق ئەمما ھەجمى چوڭ مۇسۇلمانلارنىڭ، ئۆزلىرىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ئاللاھ تەئەلانىڭ مۇنۇ ئايىتى ئۈستىدە كاللا قاتۇرۇش لازىم: ~}ET?Q7t  
*z'yk*  
‹ ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلار، تاپقان پۇل - ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگۈچە كۈتۈڭلار، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»› (تەۋبە سۈرىسى، 24- ئايەت) wC-Rr^q  
قۇرئان كەرىم مەزكۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ھاياتىدا مانا بىز شىكايەت قىلىۋاتقان، ئەمما ئىزدەپ تاپالمايۋاتقان ئەنە شۇ تەسىرنى كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ھاياتىدا شۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش ۋە دولقۇنلارنى پەيدا قىلالىغان؛ ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ھازىرقى تۇرمۇشىنى كەم زىيادىسىز «نۆل» گە تەڭ دەپ قوبۇل قىلغاندا، گەپ- سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىنى نۆلدىن تۆۋەندىن نۆل دەرىجىسىگە ئېلىپ كەلگەنگە قەدەر تەخمىنەن 8-10 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ… مانا بۇ ئالاھىدە تىرىشچانلىق ۋە ئىگىلمەس ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىشتۇر. چۈنكى ئىسلامىيەتنى تۇرمۇشىمىزغا ئۆزلەشتۈرۈشكە باشلىغان ۋاختىمىزدا «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن» بىزگە نەسىھەت قىلىدىغانلار، بىزنى يولىمىزدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى ئايىمايدىغان «دوست» ۋە «يارەن»لەر ناھايىتى كۆپ چىقىدۇ. ھەتتا سىز بىزگە ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ كۆز قاراشلىرى، چۈشەنچىلىرى «دىن» دەپ تۇنۇلۇپ كەلگەن ۋە بۇ «دىن»، قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننىتى رەسۇلۇللاھ ئوتتۇرىغا قويغان «ھەقىقى دىن» نىڭ تەختىگە ئولتۇرىۋالغان كۈنىمىزدە ئۇ قېرىدىشىمىزغا ئوخشاش دىننى ئەسلى مەنبىئى – قۇرئان كەرىم – دىن ئۆگىنىپ ياشىماقچى بولغانلارغا قارشى مەزكۇر «دىن»نىڭ مۇاداپىئەچىلىرى تەرىپىدىن ئوخشىمىغان بەتناملار چاپلىنىدۇ، بۆھتانلار توقۇلىدۇ، يەنە گېپىنى ئاڭلىمىسىڭىز، ئۇلارنىڭ يادلىۋالغان ياكى قېلىپلاشتۇرىۋالغان «دىن»لىرىغا ئەگەشمەي، قۇرئان-سۈننەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەقىقىي دىننى ئاساس قىلىپ مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز سىزنى ئەدەپلىمەكچى بولۇشىدۇ، ھەممىدىن يامىنى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىشىدۇ!». قىسقىسى، دىننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئوخشىمىغان پىكىردە بولغانلارغا باش چىقارتقۇزماسلىق، بۇنداق مۇداپىئەچىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىدۇر. ۋە ھالەنكى قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز، سىزگە چاپلاۋاتقان بۆھتان ياكى غەرەزلىك، شۇنداقلا دىنى جەھەتتىن خەتەرلىك سۈپەتلەرنى ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگىمۇ رەۋا كۆرۈشمەيدۇ ياكى بولمىسا ئۇنىڭغا قۇدرىتى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ… بۇ يەرگە كەلگەندە بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، دىنى قېرىنداشلىق… دېگەنلەر بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمان بىر كىشىگە باشقا بىر سۈپەتنى تاقماسلىق ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ ھەممىسى ئەسلىرىدىن چىقىپ كېتىدۇ. c)&>$S8*  
VGqa)ri"  
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى دىنىمىزنىڭ ئەسلى مەنبىئى ۋە كونىرىمايدىغان، قىيامەتكىچە كۈچە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن نازىل قىلىنغان ئاساسى قانۇن ماھيىتىدىكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ۋە ئۇنى ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە قانداق تەتبىقلاش لازىملىقىنى سۆز-ھەركەتلىرى بىلەن بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن ئۆگىنىپ ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، بۇ يولدا ئۇچراتقان بۇنداق «دوست-يارەنلەر»گە قولاق سالماستىن، باشقىلارنىڭ ئەيىپلىشىدىن، خىلمۇخىل بەتنام، تۆھمەتلەرنى قىلىشلىرىدىن، ئوخشىمىغان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشلىرىدىن، ھەتتا «كاپىرلىق»، «زىندىقلىق»، «بۇزغۇنچىلىق»…دېگەندەك ھەر خىل بەتناملار بىلەن سۈپەتلەشلىرىدىن قورقماستىن مەزكۇر قېرىندىشىمىزغا ئوخشاش دىننى بىۋاسىتە قۇرئان كەرىمدىن ئۆگىنىشكە، ئۆگەنگەنلىرىنى ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە تەدبىقلاشقا، قىسقىسى قۇرئان كەرىمنى ياشاشقا ۋە ياشىتىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ساھابىلەر بىلەن تارىختىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا تىرىشىپ كەلگەن ھەقىقەتپەرۋەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىزباسارى بولۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. 2 3KyCV5  
~ 7)A"t  
مۇلاھىزە:مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەتلا قۇرئان كەرىم بىلەن ئۇنىڭ بايانى بولغان سەھىھ سۈننەتكە ئاساسەن ماڭغان ۋاختىدىلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت – سائەدەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن ئىشەنگەن، قۇرئان كەرىمدىن ئۆگەنگەنلىرىنى ھاياتىدا تەدبىقلاشقا غەيرەت قىلىۋاتقان ۋە پۈتۈن ئىش – ھەرىكەتلىرىنى قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىشقا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان، مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا قۇرئان كەرىمنى تۇتقۇزۇشقا، ئۇلارنىڭ قۇرئان كەرىمدىن ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پايدىلانىشلىرى ئۈچۈن ئۇنى چۈشىنىش نىيىتى بىلەن ئوقۇشلىرى ۋە چۈشەنگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشلىرى لازىملىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن، مۇسۇلمانلارنىڭ نېمىلەرنى ئوقۇغانلىقى ۋە قانداق دۇئالارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھالدا نامازلىرىنى ئوقۇشلىرىغا قولىدىن كېلىشىچە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز دېمەستىن قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقان بۇ قېرىندىشىمىز ناھايىتى مۇھىم بىر گەپنى قىلدى: MlW 8t[  
YwcPX`eg  
«ئەگەر قۇرئان كەرىمدە ۋەدە قىلىنغان جەننەت بۇ دۇنيادا بولىدىغان بولسا، مەن ئەنە شۇ جەننەتنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتىمەن، ئاتا – ئانام، يېقىن – يۇرۇقلار، ئايالىم ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىم شۇنداق ياخشى… بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئوقۇغانلىقىم ۋە ئوقۇۋاتقانلىقىمنىڭ بىر مىۋىسى…» &:=$wc  
دېمىسىمۇ قۇرئان كەرىم دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك بولۇش يولىدا رەھبىرىمىز ۋە دەستۇرىمىز بولىدىغان بولسا، شۇنىڭغا چىن قەلبىمىز بىلەن ئىشىنىدىغان بولساق، ئاللاھ تەئەلانىڭ ئۇنىڭدا بىزگە نېمىلەرنى بۇيرۇپ، نېمىلەردىن توسقانلىقىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلغان ۋاختىمىزدىلا ئاندىن بۇ مەخسەتكە يىتەلەيمىز. مانا بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ياشىغانلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلىرىمۇ بۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. F\ctuaLC  
htP|3B  
مۇبادا قۇرئان كەرىمگە ھازىرقى كۆز قارىشىمىز بويىچە قاراشنى داۋاملاشتۇرۇپ، كىچىك بالىلارنىڭ قولى يەتمەيدىغان ئىگىز تاملارغا ئېسىپ ياكى چىرايلىق ئىشكاپلارغا قويۇپ توپا قوندۇرماي ساقلاش، چۈشىنىش ئۈچۈن ئەمەس ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوقۇش، چۈشىنىپ ئەمەل قىلىش، توغرىنى، ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، باشقىلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىش، ساۋابقا ئېرىشىش…دېگەندەك مەخسەتلەر بىلەن ئوقۇش ئادىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولساق، قۇرئان كەرىم بىزگە رەھبەر بولالمايلا قالماستىن، ئاللاھ ھۇزۇرىغا بارغاندا بىزدىن دەۋاگەر بولىدۇ…ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ: X bkb5EkA  
{0!#>["<  
«شۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن –نىجاتلىق- يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ مېنى قۇرئاندىن، شەك - شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى خار-زەبۇن قىلىدۇ. *5,c Rz  
پەيغەمبەر ئېيتىدۇ:«ئى رەببىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى.» (فۇرقان سۈرىسى، 27-30- ئايەتلەر) ~:_0CKa!  
G%u9+XV1#  
ئېيتايلۇق: كېسەل بولۇپ قېلىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان بىر بىمار داۋالىنىش ئۈچۈن بىئولۇگىيەنى بەش قولدەك بىلىدىغان ۋە دوختۇرلۇقتا ئۇستىلىقى ۋە تەجرىبىسى بىلەن ناھايىتى مەشھۇر بولغان بىر پروفېسسورنىڭ يېنىغا داۋالىنىشقا بارسا، دوختۇر كېسەلنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن رېتسىپ يازسا، كېسەل كىشى دوختۇر يازغان رېتسىپتىكى دورىلارنى سېتىۋىلىپ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىچىشنىڭ ئورنىغا :«بۇ، پالانى ئۇستا دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسىپتى، بۇنى چىڭ ساقلاي» دەپ يېزىپ بەرگەن دورىنى سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىشنىڭ ئورنىغا رېتسىپقا چاڭ – تۇزاڭ قوندۇرماي، ھەر كۈنى بەلكى ھەر ۋاقىت ئۇنى سۆيۈپ چىڭ ساقلاپ ئىچمىسە ۋە بۇ سەۋەپتىن كېسىلىدىن ساقىيالمىسا، ھەتتا ئۆلۈپ كەتسە، بۇ يەردىكى خاتالىق كىمدە؟ دوختۇردىمۇ؟ ياكى دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسىپتىكى دورىلارنى ئېلىپ ئىچمىگەن كىشىدىمۇ؟ ئەقىل ئىگىسى ھەر بىر كشى بۇ يەردىكى خاتالىقنىڭ دوختۇردا ئەمەس، كېسەلدە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. ھەتتا بۇ ئەھۋالدا ئەگەر كېسەل ياكى يېقىنلىرى «دوختۇر كېسلىمىزنى ياخشى داۋالىمىغانلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى» دەپ دەۋا قىلسا، ئۇلارنىڭ دەۋاسى ئاقمايلا قالماستىن، دوختۇر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن دەۋاگەر بولالايدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ چۈنكى دوختۇرنىڭ مەسئۇلىيتى دېئاگنوزنى جايىدا قويۇپ، پايدىلىق دورىلارنى يېزىشتىنلا ئىبارەتتۇر. دوختۇرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ۋەزىپە ۋە مەجبۇرىيىتى يوق. A>.2OC+  
( #&|Dp^'  
شۇنىڭغا ئوخشاشلا قۇرئان كەرىمنى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ دۇنيا – ئاخىرەتلىك بەخت – سائادىتى ئۈچۈن رەھبە (رېتسىپ) قىلىپ چۈشۈرگەن ئاللاھ تەئالا، بىزنى ھېلىقى دۇختۇرنىڭ بىئولوگىيەنى بىلگىنىدىنمۇ ياخشىراق بىلىدىغان (‹ياراتقان بىلمەمدۇ؟› (مۈلك سۈرىسى) زات بولغاچقا، ئونىڭ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان پۈتۈن ھۆكۈملىرى بىز ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ۋە ئەڭ توغرا بولغان پرىنسىپلاردۇر. ئەمما دوختۇرنىڭ كېسەللەرگە رېتسىپ يېزىپ بېرىشتىن باشقا مەجبۇرىيىتى بولمىغىنىغا ئوخشاش ئاللاھنىڭمۇ، ئۇنىڭ پەيغەمىبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ ئاللاھتىن ئالغان ۋەھىينى تولۇق ۋە ئېنىق ھالدا، ئەمەلىيىتى ۋە سۆز-ھەرىكەتلىرى بىلەن كۈچلەندۈرگەن ھالدا، ئۆزگەرتىۋاتماستىن ئۆزئەينى يەتكۈزۈشتىن باشقا ۋەزىپىسى يوقتۇر. (پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. اﷲ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.) (مائىدە سۈرىسى، 99-ئايەت). پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئالىملارنىڭ ۋەزىپىسىمۇ شۇنىڭدىن ئىبارەت! l0tYG[  
ئۇنى لايىقىدا ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئوقۇشنىڭ ئورنىغا باشقىلارنىڭ كەينىدىن كېتىپ، نەتىجىدە دۇنيا – ئاخىرەتتە بەدبەخت بولساق، بۇ يەردىكى خاتالىق قۇرئان كەرىمدە ياكى ئىسلام دىنىدا بولماستىن رېتسىپنى توغرا ئوقۇپ شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلمىغان بىز ئىنسانلاردىدۇر. F=)eLE{W  
xn}BB}s{t  
شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ رەھبەرلىكىگە ئىشىنىمىز دەيدىكەنمىز ياكى «قۇرئان بىزنىڭ رەھبىرىمىز» دەيدىكەنمىز، ئۇنى چۈشىنىپ ئوقۇشقا ۋە ھەممىدىن مۇھىمى ئۆگەنگەنلىرىمىزنى – كىمنىڭ نېمە دېيشىدىن قەتئىينەزەر – تۇرمۇشىمىزدا تەدبىقلاشقا تىرىشىشىمىز لازىم. بولمىسا «قۇرئان كەرىمگە ھۆرمەت قىلىمىز»، «قۇرئان ئەڭ مۇقەددەس كىتاۋىمىز»…دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار، ئېغىزلىرىمىزنىڭ ئۇچىدا دەپ قويغان قۇرۇق شۇئارلاردىنلا ئىبارەت بولۇپ قېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسىغا ئېرىشەلمەيمىز. پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىمىز بۇنىڭ جانلىق پاكىتىدۇر. *Dr5O9Y  
ED} 31L  
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگەپ قالمايدۇ؛ قىيامەت كۈنى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزدىن دەۋاچى بولىدۇ: /-0' Qa+*  
‹پەيغەمبەر ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىم! شۇبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى»› (فۇرقان سۈرىسى، 30-ئايەت) U/qE4u1J6M  
ئاللاھ بىزگىمۇ قۇرئان كەرىمنى لايىقىدا ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن ئوقۇغان، بۇنىڭغا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ھەتتا بىر ئايەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ھاياتىدا تەدبىقلىماستىن باشقا ئايەتكە ئۆتمىگەن ۋە چۈشەنگەنلىرىنى ئەمەلىي تۇرمۇشىدا تەدبىقلاشقا تىرىشقان ساھابىلەرگە ۋە بۇ توغرا يولدا ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ھەقىقەتپەرۋەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئاڭ ئاتا قىلسۇن. بىزگىمۇ بۇ قېرىندىشىمىزغا ئوخشاش دىننى قۇرئان كەرىمدىن ئۆگىنىدىغان، بۇ يولدا كەلگەن ئىمتىھانلاردىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتەش ئېڭى بەرسۇن، :u%$0p>  
 wz -)1!  
بىزنى مۇسۇلمان ياراتقان، مۇسۇلمان ياشاتقان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. بىزنى ئاخىرقى نەپىسىمىزگە قەدەر مۇسۇلمان ھالىتىدە ياشىغىلى نېسىپ قىلسۇن! '4;6u]d)2  
تۈگىدى! L&Qi@D0P  
مەنبە : ئۇيغۇرئىسلام  تورى
[ بۇ يازما taghrim تەرپىدىن 2011-07-12 04:51 PM دە ق ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Hok
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-12, 23:23
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 4 پارچە مۇنبەر پۇلى +350
tuhluk999 مۇنبەر پۇلى +100 10-31 ئېسىل.
anihinim مۇنبەر پۇلى +100 07-14 ئېسىل ئەسەر!
calligrapher مۇنبەر پۇلى +100 07-13 ئىبرەتلىك تېما
XERHAN مۇنبەر پۇلى +50 07-13 پايدىلىق تىما
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
اﷲ باردۇر ، بىردۇر ، اﷲ تىن باشقا ھىچ بەرھەق خالىق يوقتۇر .
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام اﷲنىڭ بىزلەرگە ئېبەرگەن بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر . ئامىن .
adil201126
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41384

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   47 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   355 (سوم)
 ياخشى باھا:   24 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 408
 سائەت
دەرىجىسى:
408 سائەت 32 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-09-15
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

ئىبرەتلىك تىمىكەن
 
ھالال دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ۋە ھارام دائىرىسىدىكى بىر لەززەت ئىچىدە مىڭلارچە ئەلەملەر باردۇر.ئۇنىڭ سېغىندۇرىشى بىر ئەلەمدۇر.
1670154432
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43241

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1404 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10649 (سوم)
 ياخشى باھا:   2041 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1243  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4745
 سائەت
دەرىجىسى:
4745 سائەت 205 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-13

اللاھ ھەمىمىزگە ،شۇنداق غەيرەت-شىجائەت،ئىمان-ئىنساپ ،ئاتا قىلغايسەن. }1rvM4{/+f  
   بىزلەر ئۇچۇن ،ئىبرەتلىك ،ئىسىل تېما ئىككەن .
 
jangqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3961

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   223 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16449 (سوم)
 ياخشى باھا:   1447 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2239  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2066
 سائەت
دەرىجىسى:
2066 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-13

ھەقىقەتەن ياخشى تىما . اللە تىخىمۇ كوپ ئۇيغۇر قىرىنداشلارنى توغرا يولغا باشلىغاي.
 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
AYNAZI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2849

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   56 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5806 (سوم)
 ياخشى باھا:   207 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 91
 سائەت
دەرىجىسى:
91 سائەت 49 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-23
ئاخــىرقىسى:2011-10-21
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-13

بۇ دوستىڭىز ھەقىقەتەن بەخىتلىككەن....
 
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1486 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8894 (سوم)
 ياخشى باھا:   532 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3358
 سائەت
دەرىجىسى:
3358 سائەت 142 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-13

ھەقىقەتەن ياخشى تىما . ئاللاھ تىخىمۇ كوپ ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلىغاي.
 
nur-luk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7688

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   910 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   20962 (سوم)
 ياخشى باھا:   709 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   745  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1289
 سائەت
دەرىجىسى:
1289 سائەت 61 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-24
ئاخــىرقىسى:2011-10-30
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-13

ياخشى يەرلىرى كۆپكەن.
 
SUKUT520
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36742

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   522 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3245 (سوم)
 ياخشى باھا:   364 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   215  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1059
 سائەت
دەرىجىسى:
1059 سائەت 131 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-13

ساقلاپ قويۇپ كەچتە ئوقۇي.
 
ئىشككە ئوڭلاپ مىنەلمەي تۇرۇپ،
دۇلدۇلغا ئىسىلما ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ.
ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنش ئاتلىق،
بۇيولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ.
ABDIWAYIT
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6688

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   123 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4884 (سوم)
 ياخشى باھا:   192 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   261  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5179
 سائەت
دەرىجىسى:
5179 سائەت 91 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-13

ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن
 
anihinim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28037

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   279 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4672 (سوم)
 ياخشى باھا:   449 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   403  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2121
 سائەت
دەرىجىسى:
2121 سائەت 179 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-27
ئاخــىرقىسى:2011-10-26
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-14

بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بىرمۇنچە  سوئاللار كاللامدا پەيدا بولۇپ قالدى.كىمدىن سورىسام بولار؟
 
ئالمىنى سۇندى نىگارىم<<ئال>>دېدى،
ئالما بىرىپ بۇ كۆڭۈلنى ئالدىدى.
سورىسام شۇ چاغ ئالمىسىنىڭ رەڭگىنى،
نە سورايسەن ئالما رەڭگى<ھال>دېدى.
hvsniya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44035

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   69 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   681 (سوم)
 ياخشى باھا:   96 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2983
 سائەت
دەرىجىسى:
2983 سائەت 7 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-14

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت  anihinim كە 2011-07-14 01:33 AMئەۋەتىلدى  : ;:YjgZ:+Q]  
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بىرمۇنچە  سوئاللار كاللامدا پەيدا بولۇپ قالدى.كىمدىن سورىسام بولار؟    0md{e`'q:  
ziip* 
zT zG&B-  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، .Zm }  
ئالدى بىلەن تېما ئىگىسىگە رەخمەت، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن. قۇرئان پۈتمەس-تۈگمەس بۇلاق، ئۇ زاماننىڭ، مەدىنىيەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. دۇنيادايەنە قايسى بىر كىتاب ياتقا ئېلىندۇ؟ قايسى بىر كىتاب قۇرئاندەك كۆپ ئوقۇلىدۇ؟ ياراتقۇچى ئىگەم بىز قانداق ياشىساق بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيالىق بەخىت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى بىلگەچكە، ھەممە ئىشنىڭ ئۆلچەم تارازىسىنى بەلگىلەپ بەرگەن. B_1u<00kg  
.= 
تورداش « ئانىخىنىم» گەرچە دىننى بىلىمىم چەكلىك بولسىمۇ، سۇئاللىرىڭىزغا ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىشكە تىرىشىمەن، ئىنشائاللاھ. بىلمىگەننى سوراپ بىلىۋېلىشمۇ ساۋاپلىق ئىش. ئىلخەتتە ئالاقىشارمىز.
 
kunntugdi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47214

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   93 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   465 (سوم)
 ياخشى باھا:   93 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 481
 سائەت
دەرىجىسى:
481 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-14

ھەقىقەتەن   ياىشى  تېمىكەن.
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى