مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2696 
  •    ئىنكاس 
       23 

ئامېرىكا ئاياللىرى ۋە ئەرلىرى

قەۋەت ئاتلاش
taghrim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4101

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   213 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9556 (سوم)
 ياخشى باھا:   1025 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1491  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 157
 سائەت
دەرىجىسى:
157 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-16
ئاخــىرقىسى:2011-08-14

-”ئامىرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار”نىڭ داۋامى b9[;qqq@'  
d<. hkNN  
ئابدۇۋەلى ئايۇپ |$#u~ 
5+b[-Daz  
1. ئايالىمنىڭ نەزىرىدىكى ئامېرىكا ئاياللىرى ۋە ئەرلىرى ?ltTJ(Po  
l]inG^s  
ئايالىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكىلىق قىز-ئاياللارنىڭ ياسىنىپ تارىنىشلىرىغا باھا بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يەردە قىز چوكانلار ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەكسىچە يۈزىگە ئانچە قېنىق گىرىم قىلمايدىكەن. ئايالىم ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئىشلەش جەريانىدا ئامېرىكىلىق خانىم قىزلارنىڭ يۈز گۈزەللىكىگە ئەمەس ئۇسقىنىنىڭ گۈزەللىكىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپتۇ. ئادىتىم بويىچە ئايالىمغا بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشۈم كېرەك، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يۈزىگە كۆپرەك گىرىم قىلىشىدىكى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەدەن گۈزەللىكىگە بەكرەك مەپتۇن بولۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟ d/Xbk%`p  
بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى بۇندىن مىڭ يىللار بۇرۇن “كىم ئايىپ ئىشتۇر قۇلاق، ئاي ئۆيى ئارتۇچ پۇتاق” دېگەن قەدىمكى ئۇيغۇر قوشىقىنى خاتىرىگە ئالغان. بۇ مىسرالاردا تۈپتۈز ئۆسكەن ئارتۇچ دەرىخى قىزلارنىڭ قەددىگە، ئارتۇچ پۇتاقلىرىدىن ماراپ تۇرغان ئاي قىزلارنىڭ يۈزىگە ئوخشىتىلغان. يۇقارقى قۇشاق قەدىمكى بوۋىلىرىمىزنىڭ يادنامىلىرى بولۇپ قىزلارنىڭ گۈزەللىكى تۈز قامەت ۋە جەلپكار يۈزگە مۇجەسسەملەنگەن. شۇ زامانلاردا ياشىغان يەنە بىر بۈيۈك مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ “ئەقىل كۆركى تىلدۇر، بۇ تىل كۆركى سۆز. كىشى كۆركى يۈزدۇر، بۇ يۈز كۆركى كۆز” دەپ يېزىپ يۈز گۈزەللىكىنى ئىنسانىي گۈزەللىكنىڭ كۆركى قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلاردىكى “قىز بالىنىڭ قاش كۆزى جايىدا بولسا قالغىنى بازاردا بار”، “مەككىگە بارماڭ يارىم بۇندامۇ بىر مەككە بار، ئاي يۈزۈڭنى كۈندە كۆرسەم مەككىگە بارغانچە بار” دېگەندەك ماقال ۋە بېيىتلاردا قىزلارنىڭ گۈزەللىكى يۈزنى ئۆلچەم قىلغان. ئۇيغۇر دىۋان ئەدەبىياتىدا شائىرلار قىزلارنىڭ قەددىنى تۈز ئۆسىدىغان سەرۋىگە ئوخشاتقان. ھەرپ ئارقىلىق ئوبراز يارتىش مودا بولغان نەۋايى دەۋرىدە قىزلارنىڭ قەددى بىرىنجى ھەرىپ “ا” كە ئوخشۇتۇلغان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قىزلارنىڭ يۈزىلا ئەمەس يۈزىدىكى بارلىق ئەزالار شۇنچە ئىشتىياق بىلەن سۈرەتلىنىدۇ، مىسالەن قىزلارنىڭ كۆزىنى بۇلاققا، قېشىنى قىياققا، ئاغزىنى غۇنچىغا، كالپۇكىنى گىلاسقا ئوخشاتقان قۇرلارنى شۇنچە كۆپ كۆرۈمىزۇ بەدەننى ۋە بەدەندىكى گۈزەللىكلەرنى تەسۋىرلىگەن قۇرلارنى تولىمۇ ئاز ئۇچرىتىمىز. غەرپ ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق قىزلارنىڭ قەددىنى تۈپ تۈز ئارچىغا ياكى سەرۋىگە ئوخشاتقان قۇرلارنى ئۇچرىتالمايمىز. غەرپتە قىزلارنىڭ بەدەن گۈزەللىكى بىزدىكىدەك تۈز “ا” يەنى ئىلىپكە ئەمەس، بەدەندىكى ئەگرىلىكلەر تولۇق گەۋدىلەنگەن ئەس ھەرىپىگە ئوخشۇتىلىدۇ. غەرپتە ئەۋج ئالغان ھەيكەلتاراشلىق، رەسساملىق قاتارلىق تەسۋىرى سەنئەتلەردە ئىنساننىڭ بەدەن گۈزەللىكى تولۇق نامايان قىلىنىدۇ. ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ۋىناسنىڭ ھەيكىلى بۇنىڭ ئىسپاتى. دېمەك، ئوخشىمىغان جۇغراپىيىلىك بەلۋاغلاردا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىي گۈزەللىك ھەققىدىكى چۈشەنچىسى پەرقلىنىدۇ. ئۇيغۇردا گۈزەللىك يۈزگە مۇجەسسەملەنگەن. شۇ سەۋەپتىن بۈگۈنكى ئۇيغۇر قىز ئاياللىرى يۈز گىرىمىگە كۆپرەك دىققەت قىلىدۇ. بۇ ئەنئەنە”دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك” تىن بۈگۈنگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇنى دىنىمىزدىكى ئاياللارنىڭ بەدەننى ئىپادىلەيدىغان كىيىملەرنى كىيىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگىلا باغلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. %5RY Ea  
ئايالىم دىققەت قىلغان يەنە بىر ئىش ئامېرىكىدا ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياقلارنى كۆپ كىيمەسلىكى ۋە دورامچىلىق قىلىپ ئوخشاش كىيىنمەسلىكى بولۇپتۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنى كۆپ كەيمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى ئۇ چېنىقىشقا ئەپسىز بولغاچقا دەپ چۈشەندۈردى. ئامېرىكىلىق ساۋاقداش قىزلاردىن سوراپ باقسام دائىم ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىپ يۈرۈش ئەركىن ھەرىكەتكە قولايسىز، سالامەتلىككە زىيانلىق بولغانلىقتىن دېيىشتى. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن قىز-ئاياللارنىڭ ئاياقلىرىغا قاراپ باقتىم. ئاياقلار ئارىسىدا پەس پاشنىلىق ئاياقتىن ئاساسەن يوقكەن. مەن بۇ پەرقلەرنى كىيىم كىيىشتىكى مەقسەدنىڭ ئوخشىماسلىقىدىنمىكىن دەيمەن. ئامېرىكىدا كىشىلەر كىيىمنى مودا بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلار كەيگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس ئۆزىگە ياراشقانلىقى، سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كەيسە كېرەك. تەھقىقكى، بۇنىمۇ مۇتلەقلەشتۈرىۋەتكىلى بولمايدۇ. M4pE wD  
C_=! ( @`8  
ئايالىمنى ھەيران قالدۇرغان بىر ئىش ئامېرىكا ئاياللىرىنىڭ قورقماسلىقى بولۇپتۇ. بىر كۈنى كەچتە ئايالىم بىر دوستى بىلەن بازارغا چىقىپتۇ. ماشىنا توراق(ماشىنا توختۇتۇش مەيدانى) تا ئوتتۇرا ياشلىق بىر تەمبەل ئەر ئۇلارغا سەل ئۇزاق قاراپ قالغان چېغى، ئايالىمنىڭ دوستى ئالدىغا دەۋەيلەپ بېرىپ قارىغانغا تويغۇزۇپ قويغانمىش. ئايالىم بۇ ۋەقەنى تېلىفوندا ۋەتەندىكى دوستلىرىغا بىرمۇ بىر يەتكۈزدى. قىزىق يېرى ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ ئامېرىكىلىق قىزنىڭ جۈرئىتىگە ئاجايىپ ھەيران قېلىشىتى. ئايالىمنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن يىلى ئاپتۇبوستا قولىنى تۇتىۋالغان بىر ئېشەكتىن قۇتۇلالماي يىغلاپ كەتكەنىكەن. ۋەتەندىكى چېغىمدا ماڭىمۇ ئاپتۇبوستا بۇنداق ئەر-ئايال سۈپەتلىك مەرەزلەرنىڭ قىلمىشى ئۇچرىغان، لېكىن خەقنىڭ قولىنى قويىۋەتمەي يىغلىتىۋەتكەن پەسەندىلەرنى كۆرمىگەنىكەنىمەن. ئايالىم يەنە ئامېرىكىدا قىزلارنىڭ قورۇقماي كېچىلەردە ياپيالغۇز يۈرۈشىدىن تاڭ قاپتۇ. مەنچە بۇ ئامېرىكىدىكى مۇكەممەل قوغۇداش سېستىمىسىنىڭ تۆھپىسى. ۋەتەندە قىز-ئاياللار قانۇننىڭ ۋە قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ قوغۇدىشىغا ئېرىشەلمىگەچكە سىرىتلاردا يالغۇز يۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. قىز-ئاياللارنىڭ قوغۇداقسىز قېلىشى ۋە ئاجىز سانىلىپ قورقۇشقا كۆندۈرىلىشى ئۇزاق داۋاملاشسا قورقۇنچاقلىق ئومۇملىشىپ ئاڭغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەنچە ئەڭ ئېچىنارلىقى قورقۇنچاقلىقنىڭ ئاڭغا ئۆتۈپ كېتىشى ۋە بىر قىسىم نومۇسسىزلارنىڭ بۇنى ئاجىزلىق ساناپ ھايۋانلارچە پايدىلىنىشى. }rsD$  
:\L{S  
ئايالىمنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكا ئەرلىرى تاماق ئېتىشكە ئاياللىرىدىن ئۇستا، ئاياللىرىغا تۆشۈكتە قابىل يارىدەمچى، ئاياللىرىغا مېھرىۋان. بۇ گەپ ماڭا خۇددى “سەن تاماق ئېتىشنى بىلمەيسەن، يارىدەملەشمەيسەن ” دەۋاتقاندەكلا تۇيۇلىدىغان بولغاچ ئانچە چىن پۈتۈپ كەتمەيمەن. مېنىڭ كۈزىتىشىمچە ئامېرىكىدا يەمەكلەر ئاساسەن تەييار تاماقلارنى قىزىتىپ ياكى تەييار خۇرۇچلارنى ئۇيان بۇيان قىلىپ تەييارلىنىدىغان بولغاچقا تاماقنى كىمنىڭ ئېتىشى بەك ئىنچىكىلەيدىغان ئىش ئەمەس. قاچا-قومۇچلارنى يۇيىدىغان ماشىنا ھەممە ئۆيدە دېگۈدەك ئومۇملاشقان بولغاچقا ئەرلەرنىڭ تۆشۈكتە يارىدەمچى بولۇش بولماسلىقىمۇ تالىشىدىغان ئىش ئەمەس. مېنىڭ نەزىرىمدە كىشىنى زوقلاندۇرىدىغىنى ئامېرىكا ئەرلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئاياللىرىغا مېىرىۋانلىقى. مەنچە بۇ سۆيگۈنىڭ مەھسۇلى. ئامېرىكىدا ئائىلە بىزدىكى بىر قىسىم ئائىلىلەرگە ئوخشاش پەرزەنتنى نىشان قىلغان ئىقتىسادى ھەمكارلىق گەۋدىسى ئەمەس. ئامېرىكىدا ئەر-خوتۇنلار ئارىدىكى سۆيگۈنىڭ يۇقالغانلىقىنى سەزگەن ھامان ياغسىراپ كەتكەن زەنجىردەك غىچىرلاشمايلا بىر تەرەپ بولۇشىدۇ. بۇنىڭدىن جامائەتچىلىكمۇ، پەرزەنتلەرمۇ قىلچىلىك غەلىتىلىك ھىس قىلمايدۇ. مەن تونۇيدىغان بىر ئامېرىكىلىق ئالتە بالىسى بىلەن ئاجرىشىپ، بىر بالىسى بار بىر چوكان بىلەن توي قىلغان. تۇرمۇشىدىن ئالامەت رازى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سۆيۈپ تويلاشقان خوتۇنىغا مەنچە ئامېرىكىلىقلا ئەمەس، ھەر قانداق ئىنسان مېرىۋان بولىدۇ. z:bxnM2\  
d*Dq=.F(  
2. مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئامېرىكا ئاياللىرى، ئەرلىرى bKj#HHy\I  
r^-3( 77n  
كۆزىتىشىمچە ئامېرىكا ئاياللىرىنىڭ مېنى ھەيران قالدۇرغان بىر تەرىپى ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى. بىر پروفېسسور ئايال بىلەن ياخشى ئۆتەتتىم. بۇ ئايال ئەللىكتىن ئاشقان بولۇپ ئىككى قەۋەتلىك داچىسىدا يالغۇز ياشايتتى. ئامېرىكىدا بۇنداق ئاياللارنىڭ ئادەتتە ئىتى بولىدىغان، بۇ ئايالنىڭ بىر ئىتىمۇ يوق ئېدى. ئۆيىگە بىر قانچە قېتىم باردىم. بىر پىيانىنۇ، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۆيلەرنىڭ ھەممە يېرىگە سەنئەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ كىچىك ئىشكاپلاردىكى ھەددى ھىساپسىز كىتاپتىن باشقا كۆڭۈلنى ئاۋات قىلىدىغان ھىچ بىر جانلىق يوق ئېدى. ھە راست، ئۆينىڭ بىرىنجى قەۋىتىدىكى ھەممە دەرىزىلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان گۈللەر، ئۆينىڭ ئىككىنجى قەۋىتىگە چىقىپ قارىسا كۆرۈنىدىغان چەكسىز ئورمان يېشىل دالا داچىدا بۇ خانىمنىڭ يىگانە جانلىق ئەمەسلىكىدىن خەۋەر بېرىپ تۇراتتى. ئىككىنجى قەۋەتنىڭ ئۈستىدە كەپتەرخانىدەك بىر بالىخانا بولۇپ، خانىمنىڭ ئېيتىشىچە بۇ تۇل كەپىسى دېيىلىدىكەن. بۇرۇنقى زامانلاردا شىمالى ياۋرۇپادا ئېرى دېڭىزغا كەتكەن ئاياللار ئاشۇ “كەپتەرخانا” دا قايتىپ كېلەلمەس ئەرلىرىنى كۈتۈپ تۇل قالاتتىكەن. شۇ سەۋەپتىن ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە سېلىغان ئۆيچەك “تۇلخانا” ئاتالغانىكەن. مەن ياقتۇرىدىغان بىر قانچە كىتاپنىڭ مۇئەللىپى بولغان بۇ ئايال توختىماي كىتاپلار، ئىنسانلار، ئىشلار ھەققىدە سۆزلەيتتى. ئۆيىنىڭ تۇلخانىسى بولغان بىلەن ئۇ يەردە بىرسىنى كۈتىدىغاندەك قىلمايتتى. m `~/]QQ  
vC[)/w  
مېنى ئەجەپلەندۈرگەن يەنە بىر ئىش يالغۇزئاتا- ئانىلار. بۇ ئايالى يوق بالىسى بار ئەر، ياكى ئېرى يوق بالىسى بار ئايال دېگەنلىك. باغچىلارغا قارىسىڭىز بىر بالىسىنى كۆتۈرۈپ يەنە بىرىنى يۆتىلەپ ئايلىنىپ يۈرگەن يالغۇز ئەر ۋە يالغۇز ئايللارنى پات پات ئۇچرىتىسىز. مەھەللەمدە بالىسى بار ئائىلە ساناقلىق ئىدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئايالنىڭ بىردىن قىزى بولۇپ ئىككىلىسىنىڭ دادىسى يوق ئېدى. قىزىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار دادىسىنى بىلمەيدىكەن. ئايالى يېقىندا دوختۇرخانىدا بوشانغان بىر تۈرك دوستۇمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە دوختۇرخانىدا تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك گرافىكلارغا ئادەتتە بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمىنىلا تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن. تۈرك دوستۇم بۇنىڭ سەۋەبى بىر قىسىم ھامىلىدارلارنىڭ ھامىلىدارلىققا سەۋەپ بولغۇچنىڭ ئىسىمىنى دېيىشنى خالىمىغانلىقتىن دەپ چۈشەندۈردى. مېنى مەمنۇن قىلغىنى يالغۇز ئانىسى بىلەن ياشايدىغان ھېلىقى ئىككى قىزنىڭ ھىچ قانداق بىنورمال پىسخىكىدىن خالى چوڭ بولۇۋاتقىنى بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەبىرلى ئىسىملىك بىر قارا تەنلىك قىزچاق ماڭا تولىمۇ ئامراق ئېدى. `%p}.X  
Lg pj 
مېنى ئەجەپلەندۈرگەن ئۈچىنچى بىر ئىش ئامېرىكىدا ئەر ئاياللار مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى سۆز چۆچەكنىڭ يوقلۇقى ۋە ئاياللاردا بۇ توغرىدىكى “ھۇشيارلىق”نىڭ كەملىكى. مەن ئامېرىكىغا كېلىپ بىرىنجى ھەپتىسى خەلقئارا مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچىلار يارىدەمچىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايال خادىملار بىلەن تۈرلۈك رەسمىيەتلەر سەۋەبىدىن تاماقتا بىرگە بولدۇم، بازارلارغا بىللە باردىم، ھەتتا ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىندىم. ئامېرىكىدا ئايالنىڭ مېھمىنى ئايرىم، ئەرنىڭ مېھمىنى ئايرىم بولىدىكەن.ھىچ كىم بىر بىرىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايدىكەن. بىر بىرىنىڭ مىھمانلىرى بىلەن پەقەت رەسمىيەت يۈزىسىدىن تونۇشۇپ ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىپ قويۇپلا باشقا ئۆيىدە ئۆز ئىشىغا مەشغۇل بولىدىكەن. مەن تاماققا تەكلىپ قىلغان ئاياللارنىڭ “ئېرىم نېمە دەپ قالار” دەپ دىلىغولدا بولغىنىنى كۆرمۈدۈم. مېنى ئۆيىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلغان ئاياللارنىڭ بەزىلىرى پەقەت ئېرىگە تېلىفون قىلىپ “كەچتە جوڭگۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىدىن بىر مېھمىنىمىز بارلىقىنى ئۇنۇتما” دەپ قويۇشتى. تۈزۈلمە سەۋەبلىك جەمئىيەتتە ئىشەنچ، ئىناۋەت دېگەندەك ئۇقۇملارنىڭ بازىرى تولىمۇ كاسات بولغاچقىمىكىن، بىزدىكى بىر قىسىملاردا ئەر ئاياللار مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى سۆز چۆچەك ئاجايىپ بازارلىق پاراڭ تېمىسى. |[(4 h  
YUJlQ2e(  
ئامېرىكىدا ياش قىزلار دېگەندەك بەك گىرىم قىلىپ كەتمەيدىكەن، ئەكسىچە ياشانغان ئاياللار قېرىغانچە بەك ياسىنىدىغان، گىرىم قىلىدىغان بولۇپ كېتىدىكەن. ھەر يەكشەنبە كۈنى چىرايىنى جىگىدىنىڭ قوۋزىقىدەك قورۇق قاپلىغان ئاياللار ياراشتۇرۇپ گىرىم قىلىشىپ مۈكچەيگەن ئەرلىرى بىلەن چىركاۋغا كېلىشىدىكەن. چىركاۋدىن ياناشىدا ئۆزى ياقتۇرغان تاماقخانىلاردا غىزالىنىپ بازار ئارىلىشىدىكەن. ئامېرىكىدا يەتمىشتىن ئاشقانلارمۇ ئادەتتە ئۆزىنى ياش سانايدىكەن. شۇڭا بۇ ياشتىكى ئامېرىكائەر ئاياللىرىنىڭ نىكاھ ھاياتىنى قايتا باشلىشى كۆپ ئۇچرايدىكەن. شۇڭا يەتمىشتىن ئاشقانلارنىڭ پىرىزدېنت سايلىمىغا نامزات بولۇشى، قايىتىدىن كەسىپ ئېگىلەپ ئىش باشلىشى، ئۆگىنىش پىلانى تۈزىشى نورمال ئەھۋال ھېساپلىنىدىكەن. مەن ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن 20 يىللىق پىلانىم ھەققىدە ئاغىز ئاچسام بىر قانچەيلەن “سەن پىنسىيەگە چىقمامسەن؟” دەپ سوراپ قالدى. راست گەپنى قىلسام پىنسىيەگە چىقىش دېگەننى مۇشۇ كۈنگىچە خىيالىمغا كەلتۈرۈپ قويمۇدۇم. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن شۇنى بايقىدىمكى، مەمۇرلاردا خۇسۇسى پىلان، ھاياتتىكى قىزىقىش دېگەن گەپلەر پاراڭ تېمىسى ئەمەسكەن. ئۇلاردىكى ياشاش جەريانى ئۆسۈشنى ۋە پىنسىيەنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈش جەيانى ئىكەن. يېشى قىرىققا بارماي تۇرۇپ ئۆزىنى قېرىدۇق دېگۈچىلەر كۆپكەن. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى مودا گەپ ” بىزنىڭ بولۇشىمىز مۇشۇ ئوخشايدۇ، ئەمدى بالىمىزنى ياخشى تەربىيەلىسەك…”. مەنچە بۇنداق قېرىلىققا خۇشتار بىمارلارنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن بالىلارنىڭ بەك ياراملىق بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن، چۈنكى بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى قورقۇنچاقلىق، تەۋەككۈلچىلىكنى خالىماسلىق، تىرىكلىك ئۈچۈنلا ياشاش. بۇنداق ئائىلىلەرنى سۈيى يېڭىلانماس كۆللەرگە ئوخشتۇشقا بولىدۇ. بۇنداق كۆل ئاسان سېسىيدۇ. :M9'wg  
l;}D| 6+_W  
قىستۇرۇپ ئۆتمەكچى بولغان ئاخىرقى بايان ئامېرىكىدا ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن خالىلىقى. ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ تەسىرى دېگىنىم قېيىن ئاتا، قېيىن ئانا، قېيىن سىڭىل قېيىن ئاكىلارنىڭ ھەتتا باشقا تۇغقانلارنىڭ ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئارىلىشىپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەن ۋەتەندە سەپەردە بولغانلىرىمدا ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغىنىم ئاتا-ئانىنىڭ بالا دەردى. ئۇندىن قالسا ئەر-خوتۇنلارنىڭ قېيىن ئاتا ۋە قېيىن ئانا ھەققىدىكى ئاغرىنىشلىرى ياكى قېيىن ئانا، قېيىن ئانىلارنىڭ كېلىن ۋە كۈيىلەر ھەققىدىكى نارازىلىقلىرى. ئامېرىكىدا ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ تەسىر قىلىشى ئاساسەن يوقنىڭ ئورنىدا، چۈنكى ئامېرىكىدا ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت يالغۇز بىر جۈپ ئەر ئايالنىڭ ئىشى. بالىلار 18 ياشتىن كېيىن مۇستەقىل ياشايدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ كىم بىلەن تويلۇشۇپ نەدە ياشىشى خۇسۇسى تاللاش مەسىلىسى. بۇنىڭغا ئاتا ئانىلار ۋە باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشى قانۇنسىزلىق ۋە جەمئىيەتتە قوبۇل قىلىنمايدىغان ئەھۋاللار جۈملىسىدىن. ئامېرىكىدا نىكاھ قىز يىگىتنى باغلىسا بىزدە ئىككى ئائىلىنى باغلايدۇ. باغ قانچە مۇرەككەپ بولسا توقۇناق شۇنچە كۆپىيىپ مۇناسىۋەتنىڭ راۋانلىقىغا دەز كېتىدىغان گەپ. ئامېرىكىدا تۇرۇپ قالغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ ئۇيغۇردىكى مۇشۇنداق مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى يۈرۈشتۈرەلمەي ئېرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ ئېرى شۇنچە زورلىسىمۇ ئامېرىكدىن كەتمەي تۇرۇۋاپتۇ. RN238]K  
KG6ki_  
مەنبە : ئەلكۈيى تورى
[ بۇ يازما ئاھۇ تەرپىدىن 2011-07-12 10:06 AM دە قايت ]

تېما تەستىقلىغۇچى : ئاھۇ
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-12, 10:06
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +1
balkax مۇنبەر پۇلى +1 07-12 بولىدىكەن
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
اﷲ باردۇر ، بىردۇر ، اﷲ تىن باشقا ھىچ بەرھەق خالىق يوقتۇر .
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام اﷲنىڭ بىزلەرگە ئېبەرگەن بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر . ئامىن .
chaqmaq137
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7140

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   235 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6068 (سوم)
 ياخشى باھا:   277 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   260  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 191
 سائەت
دەرىجىسى:
191 سائەت 9 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-21
ئاخــىرقىسى:2011-09-11
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

مانا بۇ ئىككى جەمىئىيەتنىڭ ئوخشىماسلىقى .
چاقماق
mosajan0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16978

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   985 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7735 (سوم)
 ياخشى باھا:   370 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   422  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2287
 سائەت
دەرىجىسى:
2287 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-09
ئاخــىرقىسى:2011-09-11
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

ناھايتى ياخشى سېلىشتۇرما بوپتۇ... s$`g%H>  
پايدىلىنىشقاتىگىشلىك نۇرغۇن تەرەپلىرى بار ئىكەن... hO^8CA,5  
ئىلغارلىق تەرەپلەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا بولىدىكەن... rB|Mp!g%@  
مەسلەن ئىگىز پاشنىلىق ئاياق كەيمەسلىك...دىگەندەك...
http://www.ixaniq.com
KaRoL
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3580

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   381 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7188 (سوم)
 ياخشى باھا:   464 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   458  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1328
 سائەت
دەرىجىسى:
1328 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-08
ئاخــىرقىسى:2011-09-10
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

مۇشۇ تىمىدىكى بەزەن بىر قىسىم گەپلەر مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. قوڭامدا ئىشتان يوق ئىتىم مارجانگۇل دەپ بەزەن بىر قىسىم خانىم قىزلىرىمىزدىكى مودا قوغلىشىپ كىيىۋالغان كىيىملىرىنىڭ چاكىنىلىقىنى دىمەيلا قوياي ،قىلىۋالغان گىرىملىرى كوڭلىمنى ئىلەشتۇردۇ . {<0=y#@u  
مىنىڭچە بۇ بىزدىكى ساپانىڭ توۋەنلىكى ،شۇڭا پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلىسىەك بۇنداق ئىشلار كەلگۇسىدە تۇزۇلۇپ كىتىشى مومكىن .
ب
paqat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.34015

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   92 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1844 (سوم)
 ياخشى باھا:   204 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   199  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1345
 سائەت
دەرىجىسى:
1345 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-16
ئاخــىرقىسى:2011-08-22
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

تىمىنى يىزىشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپسىز ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.  
باش قىسمىدا يىزىلغان ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىش قىلماسلىقى مەسلىسىدە ئىنتايىن مىغىزلىق يۈرەككە ياققۇدەك گەپلەرنى قىلىپسىز، توغرا قاش كۆزى جايىدا بولسا قالدى نىمە بازاردا بار. 7hAFK  
ئەمما ئامىرىكا ئاياللىرىنىڭ ئەر مىھمانلارنى ئۆيگە باشلاشتا يۇلدىشىم نىمە دەپ قالار دىگەندەك تەشۋىشلەردە بولمىغىنىغا ھەيران قالدىم ،ئۇلارنىڭ ياشاش ئادىتى بىلەن بىزىنىڭ ياشاش ئادىتىمىز ئۇخشىمىغاچقىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ تازا غۇرۇرى يوقمۇ ۋە ياكى رەپىقىسىنى بەك تۇغرا چۈشىنەمدۇ؟ بىزنىڭ بىر ئىتۇتىمىز بولىدىغان خاسىيەت قۇربان ، قىيۇم مۇھەممەت ،ھۇشۇر قارى قاتارلىقلار ئۇرۇنلايدىغان كونا ئىتۇت، ئايال كىشىنىڭ ئۆيىگە كىلىپ رەپىتىس قىلىدىغان ، بىزلەر ئۆزىمىزگىلا تەۋە بولغان ئاياللىرىمىزنى ئەركەك شامالدىنمۇ كۈنلەپ يۈرۈيمىز ئامىرىكىلىقلار ئەركەلەردىنمۇ كۈنلىمەيدىكەن دىسە؟! pw;  
لىكىن ئامىرىكا ئاياللىرىنىڭ قورقماس رۇھى مىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدى ، بۇ يەردە ئاياللار ئەمەس ،ياش باللارمۇ كىچىسى 12دىن كىيىن قورقماي ماڭغىلى بولمايدۇ. ھىچ بولمىسا ساقچىدىن قۇرقۇپ ۋاقتىدا ماكاننى تاپىمىز . r|!w,>.  
قىينئانا كىلىن مۇناسىۋىتىدىنغۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، لىكىن ئاۋۇ ئۇيغۇر ئاچىمىزنىڭ قىلغىنى بولماپتۇ ، كىچىككىنە سۈركىلىشنى دەپ ۋەتەنگە ، يۇرتقا قايتقىلى ئۇنمىغىننى دەيمەن ، مەيلى ئەمەسمۇ چوڭلارمۇ شۇ باللىرىنىڭ بەختىنى ئويلاپ ئۇنداق مۇداق گەپ سۆزلەرنى دەپ سالىدۇ ، بىز پەرزەنتىلەر ئۇلارنىڭ يىشىغا بارغاندا نىمە دەيدىغان بوپ قالىمىز ،كەڭ قۇرساق بولساق ھەر قانداق ئىش ئۆتۈپ كىتىدۇ .
نېمىشقا كەلتۈردۈڭ كۆلنىڭ قىشىغا،
ئۈزۈڭ ھەم كۆل قىشىغا كەلمىگەندىكىن.
نېمىشقا يىگۈزدۈڭ تۇزلىغان بىلىق ،
ئارقىدىن ئۇسسۇزلۇق بەرمىگەندىكىن.
mahbusman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1550

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   274 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5997 (سوم)
 ياخشى باھا:   408 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   411  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 117
 سائەت
دەرىجىسى:
117 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-30
ئاخــىرقىسى:2011-09-08
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

ھەي.................ئاشۇ ئۇن خالتىسىغا دۈم چۈشۈپ،ئارقىسىدىن سېرىق مايدا مايلاپ  قويغان  يۈزلەرگە،نەچچە قەۋەت  ئالا يېشىل،كۆك  يېشىل  بويىۋەتكەن لەۋلەرگە سۆيۈپ  قويغىدەك ئادەممۇ  بارمىدۇ ھە،ئۇنداق لەۋگە بىرنى سۆيۈپ قالسا ئاجرىتىۋالغىلىمۇ بولماس............................
مۇنارلار نەيزە،قۇببىلەر قالقان،
مەسجىدلەر گازارما،مۇئمىنلەر ئەسكەر،
بۇ ئىلاھى قۇشۇن دىنىمنى قوغدار،
ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!!!

بىز ھەممىمىز كۆرۈنمەس قورغاندىكى مەھبۇس.........!!!
zapar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1766

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4426 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   28603 (سوم)
 ياخشى باھا:   618 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   428  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4725
 سائەت
دەرىجىسى:
4725 سائەت 225 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-09-11
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

يەنىلا بىزنىڭ ئۆرىپ -ئادەتلىرى ياخشى. بىزدىكى مېھرۋانلىق ئادىمگەرچىلىك قوشنا ھەققى ئۈچ كۈنگىچە ئۆيگە مېھمان كەلمىسە بەرىكەت قاچۇر...ئاتا- ئاننى رازى قىلىش پەرزەنتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرچى دېگەندەك، يەنە نىكاھقا سادىقلىق قاتارلىقلاردا ئۇمۇمەن ئەر- ئاياللىق ئەخلاقتا بىز ئەڭ ياخشىسى، بۇ جەھەتتە باشقلارغا ھەۋەس قىلىشمىز ھاجەتسىز.  QW  
بىزدە ناماھرەملىك تۇيغۇسى ئاياللارنىڭ بەدىننى كۆز-كۆز قىلشىدىن ساقلاپ كەلگەن، شۇڭىمۇ ئاياللىرىمىز ئوسما، سۈرمە دېگەندەك تەبئى مەھسۇلاتلار بىلەن ئۆزىنىڭ گۈزەلىككە بولغان ئىنتىلىشنى ئىپادىلگەن. Uj!3H]d  
بىراقزە،نىكاھقا ئارلىشۋېلىشتا بىز خەقنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغانلار يوققۇ دەيمەن. ئادەمنى بىزار قىلىپ تاشلىۋېتىدۇ بەزىلەر.
[ بۇ يازما zapar تەرپىدىن 2011-07-12 03:56 PM دە قاي ]

باتۇرلۇق ئوقنى تەدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دەل تېگىدۇ!
yuzbexi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45349

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   42 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   374 (سوم)
 ياخشى باھا:   43 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 499
 سائەت
دەرىجىسى:
499 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-23
ئاخــىرقىسى:2011-08-21
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

ئادەم دىگەن قىززىق، بىرى مۇنداقلا بىرنەرسە دىدىمۇ بولدى ھەممىسى شۇنىڭ ئەگەشكۇچىسى بولۇپ ئۆزىنىڭكىنى بىرتىيىنغا ئالغۇسىز قىلىۋېتىپ بارغان . سىز بىلەمسىز ئامىرىكا دىگەن قانداق جاي ،بىزنىڭ ماۋۇ تۇرىۋاتقان جايىمىزچۇ ؟ خەق دىگەن يېڭىلىققا ئالىبۇرۇن تويۇنۇپ بولدى ،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھازىر كىيىم كىيىشمۇ بىر خىل ياۋايىلىقتەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ، ئوقۇش  ،داۋالىنىش ، ئۆي  دىگەندەك غەم ئاساسەن ئۇلاردا يوق دىيەرلىك ، سىزنىڭ بىلەن بىز قوساق غېمى قىلىپ يۇرگەن يىللاردا ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە رەڭلىك تېلىۋېزور كىرىپ بولغان . دىمەكچى بولغىنىم بىزگە نىسبەتەن يېڭىلىق ،مودا دىيىلىۋاتقان نەرسىلەر ئۇلارغا بەلكىم ئۇنداق تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن  ، بەلكىم ئۇلارمۇ بىزنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىمىزنى ئۆزلىرىنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگىسى قىلىشىمۇ ئېھتىمالغا ھەرگىز يىراق ئەمەس . ھەدىسە ئۆزىمىزنى  ،ئۆزىمىزنىڭ ئۆرۇپ -ئادەتلىرىمىزنى يامانغا ئۆرىۋەرمەيلى .دۇنيادا تالاي مىللەتلەرنىڭ تالايلىغان ناچار ئۆرۇپ -ئادەتلىرى ساقلىنىۋاتىدۇ بۇنى ئۇلار تېخى بېيىتىمىز دەۋاتىدۇ  . ئامىرىكىدا پاھىشۋازلىق قانونلۇق ، ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان بالا ساناقسىز  ،ئائىلە مەدىنيىتى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى بىزگە ھەرگىز يەتمەيدۇ  . ياپۇنلارمۇ بىر ئائىلەكىشىلىرى مۇنچىدا بىر-بىرىنىڭ ئەۋرەتلىرىگە قارىشىپ ئاتا-بالا دىمەي ( ئەر-ئايال )  بىللە يۇيىنىدۇ  .دەپ كەلسەك بۇنداق ناكەسلىك ھەممىلا مىللەت كىشىلىرىدە مەۋجۈت ،بۇ پەقەت ۋاقىت  ،جەريان مەسىلىسى . شۇڭلاشقا بولسا مۇشۇ خىلدىكى تېمىلارنى كۆرگەن ھامان مايغا چۇشكەن سۇدەك چاچراپلا چىقماي ھەممە ئىشنىڭ ماھىيىتى بويىچە پىكىر يۇرگۈزسەك .  تېما يوللىغۇچىلارمۇ نەگىلا بارماڭ  ‹‹ ماۋۇ مەسىلىنى خەلقىمىز قوبۇل قىلالامدۇ يوق ، بىزگە تەدبىقلىغى بولامدۇ ؟ ›› دىگەننى ئالدىن ئويلاشساق .  پالانى يەرنىڭ كىشىلىرى بۇرنى بىلەن غىزالىنىدىكەن  ، ئۇنىڭدا چىشنى ئاسرىغىلى بولىدىكەن . بىزنىمىشقا شۇنداق قىلمايمىز ؟ دىگەندەكلەرنى ماۋۇ مۇنبەر يۇزىگە ئېلىپ كىرمىسەك  . بولمىسا ئۆزىمىزدىن تېنىۋېرىپ ئەتە-ئۆگۈن دادىمىزمۇ كۆزىمىزگە بىرقىسما كۆرىنىدىغان بولۇپ قالمىسۇن .
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +155
ئۇنۇت مۇنبەر پۇلى +55 07-14 -
wolf007 مۇنبەر پۇلى +100 07-12 ئاجايىپ نوچى گەپ
Romantic-killer
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9922

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   616 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8160 (سوم)
 ياخشى باھا:   310 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   264  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3819
 سائەت
دەرىجىسى:
3819 سائەت 231 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-11
ئاخــىرقىسى:2011-09-10
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

ئىلغار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىش،ناچار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلماسلىق كېرەك،ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەركىنلىك ئىدىيىسىنى ئۇگۇنۇش كېرەك،لېكىن ئەنئەنىۋى قائىدە-يۇسۇن،مېھرىۋانلىقنى بىزدىن ئۇگەنسۇن
بارلىغىم مىللىتىم ئۇچۇن..ۋەتەن،مىللەت،دىن
sawriya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39711

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   22 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   91 (سوم)
 ياخشى باھا:   15 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 683
 سائەت
دەرىجىسى:
683 سائەت 87 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-05
ئاخــىرقىسى:2011-08-06
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

ۋاي سىلەر نىمانداق قىززىق بىزمۇ شۇ بولىدىغان ۋە بولمايدىغان يەرلىرى توغرىسىدا پىكىر يۇرگۇزىۋاتىمىزغۇ،مانا ماڭا ئۇلارنىڭ چىرايىغا ئەمەس بەدەن شەكىلىگە دىققەت قىلىدىغان ئىشى بەك يارىدى.ھازىر سىمىزلىكتىن بەدەن شەكىلى ئۆزگىرىپ كىتىۋاتقانلار نۇرغۇن.
ەىسسىياتنىڭ ظەقىل تەرپىدىن كونتىرول قىلىنىشى ظادەمىيلىك،ظەقىلنىڭ ەىسسىيات تەرپىدىن كونتىرول قىلىنىشى ەايۋاناتلىقتذر.
tewelgha
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18902

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   517 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7512 (سوم)
 ياخشى باھا:   275 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4794
 سائەت
دەرىجىسى:
4794 سائەت 156 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-24
ئاخــىرقىسى:2011-09-12
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

پەقەت ئامىرىكىنىڭ ئەر ئاياللار مۇناسىۋىتى بەك ياخشىكەنلا دېيەلەيمەن . بىز مۇشۇ ئانا تۈپراقتا ياشايمىز ،بىزنىڭ ھەربىر ھۆجەيرىمىزگىچە ئۆزىمىزنىڭ مىللى خاسلىغى سېڭىپ كەتكەن .10مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئامىرىكىدا نەچچە ئون يىل تۇرغۇزۇپ،ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن  ئۇچراشتۇرۇپ ،قايتۇرۇپ ئەكەلگەن تاغدىردىمۇ ،بىزنىڭ تاغ دەريالىرىمىز ،ئېتىز -بوستانلىرىمىز ،گۈزەل يايلاق  باغلىرىمىز ،قايناق بازارلىرىمىز بىزگە ئەسلىي خاسلىغىمىزنى نەچچە دەقىقە ئىچىدىلا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.بىز مۇھىمى ئۆز ماكىنىمىزدا ئۆز خاسلىغىمىزنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشايلى ..........................
ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
princeofpersia
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47542

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16 (سوم)
 ياخشى باھا:   3 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-12
ئاخــىرقىسى:2011-08-05
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

ناھايىتى  ئورۇنلۇق تەھلىل بوپتۇ . BH@b]bEJ  
مۇنبەردىكى بەزى ئەزالار ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ سۆزلەشنى تېخى ئۈگەنمەپسىلە ھە..... !:zWhu,  

ھاياتلىىقتا  مۇھىمى تۇرغان ئورنىڭىز ئەمەس ، يۈزلەنگەن نىشانىڭىزدۇر
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى