مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       524 
  •    ئىنكاس 
       22 

ئوغلۇم، ئىسمىڭىزنى«ئەركزات»قويدۇم

قەۋەت ئاتلاش
ark-zat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1176

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   24 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7043 (سوم)
 ياخشى باھا:   268 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   361  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 13
 سائەت
دەرىجىسى:
13 سائەت 7 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-28
ئاخــىرقىسى:2011-07-14

ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا مۇنبەرگە يۆتكىمەڭ! ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا دەخلى قىلماڭ!
ئوغلۇم، ئىسمىڭىزنى«ئەركزات»قويدۇم wWB^m@:4  
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
         ئوغلۇم،بۈگۈن سىز  يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىلى2كۈن بولدى.سىز بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولۇشتىن ئىلگىرى  دوختۇرلارنىڭ ھىساپلىشى بويىچە بولغاندا ئاپىڭىزنىڭ  قورسىقىدا9ئاي 3 كۈن يېتىپسىز. m~vEandm  
              مىلادى 2007-يىلى10-ئاينىڭ25-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئىشتىن چۈشىدىغانغا ئاز قالغاندا ئاپىڭىز ماڭا تېلىفۇندا بانكىدىن بىر ئاز پۇل ئېلىپ قويۇشىمنى ئېيتتى،مەن شۇندىلا بۇ ئاپىڭىزنىڭ ماڭا ئالدىن بەرگەن بىشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.دىگەندەك ئاپىڭىز ئىشتىن كىلىپلا يانپاشلاپ ياتقانچە بىئارام بولۇشقا باشلىدى،ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم  ۋايجانلايتتىيۇ،لېكىن 5 مىنۇتقىمۇ بارماي توختاپ قالاتتى.مەن ئاپىڭىزغا دەھال دوختۇرخانىغا بېرىشىمىزنى ئېيتتىم، لېكىن ئاپىڭىز تېخى ۋاقتى ئەمەس دەپ ئۇنىمىدى.مەنمۇ ئاپىڭىزدەك تىببى خادىم بولغاچقا بىر ئىشنى ھېس قىلدىم-دە،ئۇنىمىسىمۇ زورلاپ دوختۇرخانغا بېرىشقا كۆندۈردۈم(ئەمىلىيەتتە ئۆزىنىڭمۇ بارغىسى بار،لېكىن مېنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلدىغان-بۆلمەيدىغانلىقىمنى سىناپ باققىسى كەلدىمىكىن ئۆزىچە ئۇنىماي قويغان ئىدى).بىز ئاخىرى دوختۇرخانىغا باردۇق،تۇغۇت بۆلىمىدىكى دوختۇرلار تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بۈگۈن   يەڭگىيدىغان ۋاختى بولغانلىقىنى  ئىددىيە جەھەتتىن تەييارلىق  قىلىشىمىزنى ئېيتتى ھەمدە تۇغۇتتىن بۇرۇنقى قان تەكشۈرۈش،سۈيدۈك تەكشۈرۈش،يۈرەك تەكشۈرۈش،ب تىپلىق ئاپىراتتا تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر توقاي تەكشۈرۈش قەغەزلىرىنى يېزىپ بەردى،ئاپىڭىزنىڭ قورسىقىنىڭ ئاغرىشىدا بارغانچە ئۆزگۈرۈش بولۇپ، بۇ  تەكشۈرتۈش ۋاقىتلىرىدا ئاللىبۇرۇن  ھەر 10 مىنۇتتا بىر قوزغۇلۇپ تولغاق يەيدىغان ھالەتتە ئىدى.شۇنداق بولسىمۇ ئاپىڭىز زور بەرداشلىق بىرىپ ھەر قېتىم تولغاق تۇتقاندا ماڭا يۆلنىپ بىردەم تۇرۋېلىپ،تولغاق قويۇپ بەرگەندە ئاستا سۆرىلىپ مېڭىپ يۇقۇرقى تەكشۈرتۈشلەرنىڭ ھەممىنى قىلدۇق.نەتىجىسىنى كۆرگەن تۇغۇت دوختۇرى ئىللىق كۈلۈمسىرگەن ھالدا باشقا بىنورماللىقنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ،ساقلىشىمىز ئۈچۈن تۇغۇت ساقلاش ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرى.بىز ساقلاۋاتىمىز،سىز ئاپىڭىزنىڭ قوسىقىنى ھەر 5 مىنۇتتا بىر تولغاپ ئاغىرتىۋاتىسىز.بۇ تولغاقنىڭ ئازاۋى بەك يامان بولسا كېرەك.ئاپىڭىز قولۇمنى سىقىمداپ تۇرۇپ ماڭا يۆلىنىپ ئولتۇرغىنىدا  بىرقانچە قېتىم  ئاچچىق ئازاپلىق ئىڭراش بىلەن بىرگە ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ قولۇمنى شۇنداق سىقتىكى  خېلى كۈچلۈك ئەرلەر قولۇمنى  سىقسىمۇ بۇنچىلىك ئاغىرتالماس ئىدى.مەنمۇ «ۋايجان!»دەپ توۋلىۋەتكىلى تاس قالدىم.مەن ئاپىڭىزنىڭ شۇنچىلىك كۈچلىنىپ  كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.ئاپىڭىزنىڭ تولغاق يىگەندىكى ئازاۋىغا مەنمۇ بەك تەستە بەرداشلىق بەردىم.نىمە دەپ تەسەللى بىرىشنى بىلمەي:«چىداڭ،ئاز قالدى،سىز چىدىيالايسز،سىز ئۇنچە غەيرەتسىز ئەمەسقۇ...»دىگەندەك سۆزلەرنى قىلدىم... ZNY), 3?  
ـــ ئاللاھ،ئاللاھ،ئاللاھ.... Mt(;7q@1c  
ئاپىڭىز توختىماي «ئاللاھ » دەپ ئىڭراۋاتاتتى. يەنە بەزىدە: «مەن پەقەتلا چىدىمىدىم،مەن چىدىمىدىم» دەپ قاتتىق ۋاقىرايتتى.بۇ مىنۇتلارنىڭ ماڭا نەقەدەر ئازاپلىق تۇيۇلغانلىقىنى بەلكىم سىز بىلمەيسىز.بەلكىم سىزمۇ ئۆمرىڭىزنى بەرسە چوڭ بولۇپ ئايالىڭىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بۇنداق تولغاق ئازاۋىنى ھېس  قىلغاندا خۇددى مەن شۇ تاپتا ئاپامنىڭ قەدرىگە قانچىلىك يەتكەن بولسام سىزمۇ ئەنە شۇ چاغدا ئاپىڭىزنىڭ قەدرىگە تولۇقى بىلەن يېتىسىز ئوغلۇم. بۇ مىنۇتلار ھەقىقەتەنمۇ چىدىغۇسىز ئازاپلىق،ئەمما ئىنتىزارلىق مىنۇتلار ئىدى.مەن شۇ تاپتا:«ئاپا،سىز بىز 7 بالىنى تۇغۇپ  بولغىچە قانداقمۇ بەرداشلىق بەرگەنسىز؟جېنىم ئاپا...»دىگىم كەلدى.بالا تۇغۇشنىڭ نەقەدەر ئازاپلىق، مۇشكۈل ئىكەنلىكىنى مەن تولۇقى بىلەن ھېس قىلىۋاتاتتىم.ھەرقانداق باغرى تاش ئەرمۇ بۇنداق چاغدا بەرداشلىق بېرەلىشى تەس ئوخشايدۇ ئوغلۇم. شۇنداق تولغاق يېيىش جەريانىدا ئاپىڭىز مۇرەمگە  بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالغاندەك بولدى. بۇ كېچە سائەت 10دىن ئاشقان ۋاقىتلار ئىدى.بەلكىم مىنىڭمۇ ئۇيقۇم كەلگەن بولسا كىرەك، مەنمۇ مۈگدەپ قاپتىمەن. شۇنداق مۈگدىشىپ 5 مىنۇتمۇ ئۆتمىدى،توساتتىن:«ۋايجان!»دىگەن ئازاپلىق ئىڭراش بىلەن مەن چۆچۈپ كەتتىم. ئېھتىمال ئۇ مۈگدەشلەر غەپىلەت باسقان چاغلار ئوخشايدۇ. بۇ ئازاپلىق مىنۇتلار ئاپىڭىزنى ھالىدىن كەتتۈرىۋېتەي دىگەن ئىدى. لېكىن ئاپىڭىزنىڭ سەزگۈلىرى ئىنتايىن نورمال بولۇپ ھەممە گەپ سۆزلىرىمنى پەرق ئىتىپ تۇرۋاتاتتى ھەمدە ئىڭراشلىرى بىلەن ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ جاۋاپ قايتۇرىۋاتاتتى.بۇنداق چاغدا مەن ئۆزەمنى قاتتىق تۇتىۋالغان ھالدا ئاپىڭىزغا:«يەنە بىردەملا بەرداشلىق بەرسىڭىز ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ،بەرداشلىق بېرىڭ،سىزگە قاراپ مېنىڭمۇ ئىچىم بەك سىرىلىپ كەتتى»دەيتتىم. شۇنداق مىنىۇتلار داۋام قىلماقتا ئىدى .ئاپىڭىز توساتتىن ئەنسىز چىقىراپ:«تۇغۇت دوختۇرنى چاقىرىڭ،تېز بولۇڭ!»دېدى.مەن ئۇچقاندەك يۈگرۈپ چىقىپ:«دوختۇر،دوختۇر،تېز بولۇڭ!»دەپ توۋلاپ كەتتىم.بىردەمدە سىرىتتا كېسەل كۆرىۋاتقان ئىككى دوختۇر ۋە بىر سېستىرا ئۇچقادەك كىرىپ ئاپىڭىزنى تۇغۇت ئۆيىگە ئەكىرىپ كىتىشتى.مېنى كىرگىلى قويمىدى.مەن ئىشىك تۈۋىدە قالدىم.قولۇمدا ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان كىچىككىنە يۆگەك،پوسما...قاتارلىقلار.ئىشىك تۈۋىدە تۇرىمەن.ئاپىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ۋاقىرىغان ئاۋازلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ تۇرىدۇ.ئاھ،نىمە دىگەن دەھشەت! نىمە دىگەن ئازاپلىق مىنۇتلار-ھە! مەن شۇ تاپتا ئاپىڭىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قوللىرىنى چىڭ تۇتقىنىمچە بار تىرىشچانلىقىم بىلەن مەدەت بېرەلىگەن بولسام ئىدى كاشكى، بەلكىم ئاپىڭىزنىڭ تۇغۇت ئازاۋى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەپ قالغان بولاتتى. لېكىن دوختۇرلار  مېنى ئىچىگە كىرگىلى قويمىدى. ئاپىڭىز يالغۇز بىر ئاللاھنى ياد ئېتىپ،ئېچىنىشلىق ئىڭراپ ئازاپنىڭ ئاخىرقى  مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتاتتى.شۇنداق قىلىپ مەنمۇ  تىت-تىت بولۇپ ئىنتايىن بىئارام ھالەتتە تۇراتتىم. دەل شۇ ۋاقىتتا ئاپىڭىزنىڭ يۈرەكنى،ياق پۈتۈن يەر-جاھاننى تىترەتكىدەك بىر چىقىرىشى بىلەن ئىڭڭەلىگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم-دە دەرھال يان تېلفۇنۇمنىڭ سائىتىگە قارىدىم .بۇ چاغ دەل مىلادى 2007-يىلى 10-ئينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 23دىن 18 مىنۇت ئۆتكەن چاغ ئىدى.لېكىن،بىلمىدىم بۇ ۋاقىتتا ئاپىڭىزنىڭ ئۈنى ئۆچۈپ كەتتى.مەن يەنە ئەنسىزلىككە چۆمدۈم.بىر تەرەپتىن خۇش بولغان بولسام يەنە بىر تەرەپتىن نىمىلەردىندۇر ئەنسىرەپ قالدىم. شۇنداق بىر خۇشاللىق بىر ئەنسىزلىك ئىچىدە تۇرغىنىمدا ئىچىدىن بىر خەنزۇ سېستىرا چىقىپ:« شېڭ لې گې ئېر زى» دىدى ھەمدە يۆگەك پوسمىلىرىڭىزنى سورىدى. مەن شۇندىلا سىزنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم. سىز كەلگۈسىدىكى ئەر ئىدىڭىز،زىممىڭىزگە نۇرغۇن مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلەپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ئەركەك ئىدىڭىز...مەن يۆگەك،پوسمىلىرىڭىزنى سېستىرانىڭ قولىغا تۇتقۇزغاچ دەرھال ئاپىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم.ئۇ ئاپىڭىزنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كىرىپ كەتتى. '=>l& ;  
          بىردەمدىن كىيىن ئاپىڭىزنىڭ يەنە ئەنسىز توۋلاشلىرى باشلاندى.شۇ ئەسنادا سېستىرا سىزنى يۆگەككە يۆگەپ ئېلىپ چىقىپ ماڭا كۆتەرتىپ قويدى.مەن سىزنىڭ يۈزلىرىڭىزگە قانغىچە قارىدىم،تويماي قارىدىم.سىز يەنىلا يىغلاۋاتاتتىڭىز.سىزنى باغرىمغا بېسىپ چوڭ بىرنى نەپەس ئېلىپ تىنىۋالدىم.ئاپىڭىزمۇ ئىچىدە يىغلاۋاتاتتى.ئىككىڭلارنىڭ يىغىسىنىڭ ئالدىدا مەن ھىچنىمە قىلىپ بېرەلمىدىم.مەن ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدىم ئوغلۇم.«جەننەتنىڭ ئىشىكى ئانىلارنىڭ تاپىننىڭ ئاستىدا»،«ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە ھەرەمگە يۈدۈپ يەتتە قېتىم ئاپىرسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ»...دىگەن سۆزلەرنى ئەمدىلىكتە ھەقىقى چۈشەنگەندەك بولدۇم.بۇ سۆزلەرگە سىزمۇ مۇتلەق ئىشىنىڭ ئوغلۇم.سىز كىيىن مەيلى قانچىلىك كاتتا ئادەم بولۇپ كىتىڭ، ھەرقانداق ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئاپىڭىزنى قاخشاتماڭ،ئاپىڭىزنى نارازى قىلماڭ! ya/pn qS  
      مەن سىزنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، گەرچە سىز چۈشەنمىسىڭىزمۇ ئەڭ  تەسىرلىك سۆزلىرىم بىلەن سىزگە تەسەللى بەردىم.سىز خۇددى سۆزۈمنى چۈشەنگەندەك بىردەم يىغىدىن توختاپ، مەن گەپ قىلىشنى توختاتساملا يەنە يىغىنى باشلايتىڭىز.دىمەك سىز مەندىن ئۇزۇن-ئۇزۇن تارىخلارنى سۆزلەپ بىرىشنى ھازىردىن  باشلاپ تەلەپ قىلىۋاتتىڭىز.مەن چۈشەندىم ئوغلۇم ،خاتىرجەم بولۇڭ،مەن سىزگە سۆزلەپ بېرىمەن.تارىخلارنى سۆزلەپ بېرىمەن،ئاخىرىدا سىز ئۆز ئەمىليىتىڭىز بىلەن ماڭا كەلگۈسىنى سۆزلەپ بىرىشىڭىز كېرەك.مەن ھازىرغىچە 34قىش-يازنى  باشتىن ئۆتكۈزۈپتىمەن.سىز قانچىلىك باھارنى قولغا كەلتۇرەلەيسىز ماڭا نامەلۇم.  شۇنداق بىر باھار باركى ئۇ ھەقىقى باھار.مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر كۈتكەن باھار... ئوغلۇم سىزمۇ شۇ باھارنى ئارمان قىلىپ،شۇ باھار ئۈچۈن چىن ياشاڭ.بۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى ئوتتا كۆيۈشتىن،مەيلى سۇدا ئېقىشتىن يانماڭ! ئىشنىمەنكى سىز شۇنداق ياشىيالىسىڭىز ھەرگىز خاتا ياشىغان بولمايسىز.قۇلاق سېلىڭ ئوغلۇم،چۈشىنەلمىسىڭىزمۇ دەپ بېرەي .ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر مۇنداق دىگەن: 3Cl&1K #5  
l=^^l`  
ۋەتەن ئىشقى دېمەك ساداقەت دېمەك، ,:?=j80m  
بولمىسا ساداقەت ئۇ ئىشىقتۇر پۇچەك. r*W&SU9Z  
بۇ خۇددى ئانا ۋە تۆرەلمە كەبى، q%8Ck)xz  
بىر تەندە ئىككى جان بەرى ھايات دېمەك. >d5L4&r  
A<[X@o}92  
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مۇنداق دىگەن: Ky6 d{|H  
dZ'H'm;,!  
نېچۈك ئەھۋالدىدۇر مىللەت، F}=O Mo:.  
ئۇيغۇر ئەۋلادى ئېچىڭ كۆزنى. ;q%V)4  
قىلىڭ غەيرەت،قىلىپ ھىممەت، rJ fO/WK  
قوپۇڭ،تاشلاپ قۇرۇق سۆزنى. s f<NC>-  
C+Pw  
لۇتپۇللا مۇتەللىپ مۇنداق دىگەن: 2U`g[1  
wb/@g=` d  
يىللار ، مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاھلاپ كۈلمە، n3 JSEu;J  
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى . Ue2k^a*Ww  
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە ، 1ppU ?#  
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى . 4#2iq@s  
$' >|r]  
ئوغلۇم ئاپىڭىز تېخىچە يىغلاۋېتىپتۇغۇ،ئاپىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن قانچىلىك جاپالارنى تارتقانلىغىنى بىر ياراتقۇچى،بىر ئۆزى يەنە بىرى مەن بىلىمەن.شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئاپىڭىزنى كۈزىىتىش ۋاقتىمۇ توشتى.بىزگە ئاپىڭىزنى ئېلىپ بالنىسنىڭ 35-نومۇرلۇق كارۋىتىغا  ئورنلىشىشنى ئېيتتى.ئاپىڭىز سىزگە قورساق كۆتۈرۈپ يۈرگەن مەزگىللەردە ئازراق سەمىرىپ قالغاچقىمىكىن ئاپىڭىزنى  دوختۇرخانىنىڭ چاقلىق ھارۋىسىدىن كارۋاتقا بەكمۇ تەستە كۆتۈرۈپ ئالدىم. ئاندىن ئاپىڭىزغا ئاسما ئوكۇللار ئېسىلدى. سىزگە ۋاكسىنا ئۇرۇلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ كېچە سىزنىڭ يىغىڭىز، ئاپىڭىزنىڭ ۋايجانلاشلىرى بىلەن تاڭ ئاتتى.دوختۇرلار سىزنى ئېمىتسە بولدىغانلىقىنى بالدۇرلا ئېيتقان بولسىمۇ ئاپىڭىز:« بالىمىزنى ئاۋال پاكىزە يۇيايلى، ئاندىن ئېمىتەي»دىگەچكە بۇ گەپكە مەنمۇ قوشۇلۇپ  يېرىم كېچىدىن تاكى تاڭ ئاتقۇچە سىزنى ئاچ قويدۇق،بۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىزدىن كەچۈرۈم سورىمايمىز ئوغلۇم.چۈنكى بىز خاتا قىلمىغان ئىدۇق.دوختۇرخانىنىڭ بالىنى يۇيۇش مۇلازىمىتى يوقمىكىن  ياكى سىزنى پاكىز يۇيمىدىمۇ ئىشقىلىپ سىزنى يۇيمىغاندەك تۇراتتىڭىز.بۇ كېچىمۇ تاڭ ئاتتى ،ئەتتىگنى مەن سىزنى ئېلىپ دائىم  يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۇيىدىغان بىر چوڭ ياشتىكى تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاپاردىم.ئۇ سىزنى ئاش كۆكى،ئالتۇن،پىچاق(ئوغۇل بالىنى يۇيدىغان سۇنىڭ ئىچىگە پىچاق تاشلاپ قويىمىز دىگەنتى مەن دائىم يېنىمغا ئېسىۋالىدىغان كىچىك پىچىقىمنى چىقىرىپ بەردىم،مەن ئۇ پىچاقنى ساقلاپ سىز چوڭ بولغاندا سىزگە سوغا قىلماقچى) قاتارلىقلار چىلانغان يىلىمان سۇدا سىزنى ئنتايىن تەپسىلى  پاكىزە يۇيۇپ قويدى.ئاندىن شۇ ئۆيدە ئوڭ قۇلقىڭىزغا ئەزان سول قۇلقىڭىزغا تەگبىر ئوقۇلۇپ ئىسمىڭىز«ئەركزات»قويۇلدى.بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز ئوغلۇم؟ھازىرچە بەلكىم بىلمەيسىز لېكىن كىيىنچە بىلگنىڭىزدە بەلكىم مەندىن ۋە ئاپىڭىزدىن خۇشال بولىسىز. UWg+7RL  
ئوغلۇم، مەن ئۆمرۇمدە خۇشال بولىدىغان بىر ئىش: دەل «ئەركزات» دېگەن ئىسىمنى تور دۇنياسىدا ئىشلىتىپ سىز توغۇلغاندا سىزگە ئىسىم قىلىپ قويۇۋالغىنىم بولدى. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئىچىدە«ئەركزات»دېگەن بۇ ئىسىم ئىسىم قىلىپ قويۇلغان  تۇنجى كىشى دەل سىز، «ئەركزات» ئىسىملىك تۇنجى ئۇيغۇر يىگىتى دەل سىز. مەن توردا بۇ ئىسىمنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياكى توردا بولسۇن «ئەركزات»دېگەن ئىسىم يوق ئىدى.مەن  ئەرك+زات دېگەن بۇ ئىسىممۇ بولىدىكەن دەپ قاراپ تور ئىسمىم سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدىم. OA{PKC  
   ئاخىرىدا مەن سىزنىڭ قەيسەر،ئەل-ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولىشىڭىزنى تىلەيمەن ھەم بار ۋۇجۇدۇم بىلەن سىزنى ياراملىقلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن. مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا تۇغۇلغىنىڭىزغا ئەمدىلا ئىككى كۈن بولغان سىز ئاپىڭىزنىڭ قۇچىقىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتىسىز ،بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە يازاي،كىرىپ مەنمۇ سىلەرگە ھەمرا بولاي ئوغلۇم.
`Fs-z  
2007-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى شەنبە كېچە سائەت 12:59 دا تاماملاندى. DzE_p- zs  
مەنبە: http://bbs.karahijran.com/read.php?tid=757
[ بۇ يازما ark-zat تەرپىدىن 2011-07-12 02:31 AM دە ق ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Aytugh
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-12, 02:34
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 3 پارچە مۇنبەر پۇلى +700
kilyang مۇنبەر پۇلى +100 ئۈلۈشكۈن 09:21 ئەھمىيتى بار
Zulpikar مۇنبەر پۇلى +500 ئۈلۈشكۈن 05:04 جاپا چېكىپسىز
Aytugh مۇنبەر پۇلى +100 ئۈلۈشكۈن 02:26 ئىجادىي تېما
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئۇن بولىدۇ.
Romantic-killer
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9922

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   575 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7722 (سوم)
 ياخشى باھا:   263 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   264  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3114
 سائەت
دەرىجىسى:
3114 سائەت 126 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-11
ئاخــىرقىسى:2011-07-12
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 02:57

مۇبارەك بولسۇن،مىللەتكە ياراملىق،ئەركىنلىك ئۇچۇن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان،ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئەركزات بولسۇن،يەنە بىرقېتىم مۇبارەك بولسۇن
بارلىغىم مىللىتىم ئۇچۇن..ۋەتەن،مىللەت،دىن
xahnur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3491

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   79 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5480 (سوم)
 ياخشى باھا:   189 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   262  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 265
 سائەت
دەرىجىسى:
265 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-06
ئاخــىرقىسى:2011-07-12
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 03:40

بۇ تىمىنىڭ باھانىسى بىلەن نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بۇلىۋالدىم. رەھمەت سىزگە تىما بىلەن تەمىنلىگۈچى.
[url=http://uqkunxah.com/elan/cf.aspx?23&xahnur520][img]http://uqkunxah.com/elan/upload/20110711142542.jpg[/img][/url]
ansar0996
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.29058

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   60 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2380 (سوم)
 ياخشى باھا:   195 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   257  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 79
 سائەت
دەرىجىسى:
79 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-04
ئاخــىرقىسى:2011-07-12
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 08:03

لىكىن ئىسلام قائىدىسى بويىچە بالىغا 2-كۈنى ئەمەس ، بەلكى 7-كۈنى ياكى 14-كۈنى ئىسىم قۇيىدىغۇ ؟ يەنە بالىنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئانا سۈتى بىلەن ئەمەس بەلكى خورما ياكى زەمزەم قاتارلىق نەرسىلەرنى تېپىپ سالىھ ،تەقۋادار كىشىلەرگە ئىغىزلاندۇرۇش تەكىتلەنگەنغۇ دەيمەن ~
قاتىل، قاتىل دەيمىز ، ئەڭ ۋەھشى قاتىل ئۆزىنىڭ تىخى يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچمىغان قورساقتىكى گۇناھسىز پەرزەنتىنى چۈشۈرۋەتكەن ۋىجدانسىز ئانىلاردۇر!!!!
kunntugdi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47214

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   75 (سوم)
 ياخشى باھا:   15 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 08:24

        ھورمەتلىك ئەركزات ئەپەندڭ :   |y~un9j +  
  ئەنە   ئاشۇنداق  ئېغىر   پەيتلەردە ئايالىنىڭ  يېنىدا  تۇرۇپ ،تۇغۇت   PZsq9;P$  
       ئازابىنى ھەقىقى  ھېس قىلغان  ئەرلەر  بەلكىم  كوپتۇر .بىراق سىزگە   1ps_zn(  
      ئوخشاش  موھىم  پەيتلەرنى خاتىرە قالدۇرىدىغان  ئەرلەر  كۆپ  ئەمەس. LJII7 
      بۇ  خاتىرە  يەنە   نوۋىتىدە بىر  بالداق  يوقۇرى  كۆتۇرۇلگەن مەسئولىيەتنىمۇ  چۇشەندۈرۈپ  تۇرىدۇ .بۇنى  قانچىلىك  ئەر  ھېس  كىلىپ  يېتەلەر .
1670154432
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43241

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   314 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2055 (سوم)
 ياخشى باھا:   450 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   397  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 547
 سائەت
دەرىجىسى:
547 سائەت 103 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-07-14
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 08:26

مەن ساقلىۋېلىپ ئالدىرماي ئۇقۇپ چىقاي.
xaxboy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5017

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   100 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5864 (سوم)
 ياخشى باھا:   204 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   270  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3188
 سائەت
دەرىجىسى:
3188 سائەت 52 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-28
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 08:51

مۇنبىرىمىزە ئەرىكزات ئىسىملىك ئەزادىن ئىككىسى بار مۇ نىمە ... ؟     ياكى مەن خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ ... ؟    
بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا ...
dilsiri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3299

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   530 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1111 (سوم)
 ياخشى باھا:   280 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   306  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4593
 سائەت
دەرىجىسى:
4593 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-04
ئاخــىرقىسى:2011-07-14
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 09:18

سىزدىن بۇرۇن ئۇ ئېسىمنى قويۇپ بولغانلار بولىشى مۇمكىن .
ھەرقانداق بىر كىشى ئاللاھتىن ھەقىقى قورىقمىغىچىلىك ئاللاھقا خالىس ئېبادەت قىلمايدۇ
zumrettash

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14907

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   2544 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17474 (سوم)
 ياخشى باھا:   354 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   394  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5242
 سائەت
دەرىجىسى:
5242 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-22
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 10:24

ياخشى ئىسىم قۇيۇپسىز،شۇنىڭغا چۇشلۇق تەربىيلەپ چىقىڭ،سىلەرگە بەخت تىلەيمەن!
مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر
paqat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.34015

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   61 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1489 (سوم)
 ياخشى باھا:   119 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   101  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1197
 سائەت
دەرىجىسى:
1197 سائەت 153 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-16
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 12:29

ئىسىمىنى ئىنتايىن ياخشى قۇيۇپسىز . 7Eo;TNbb  
بالىڭىز تۇغۇلغاندا سائەتكە قارىۋالغىنىڭىز ،شۇ ۋاقىتتىكى ھىس تۇيغۇلىرىڭىزنى خاتىرلىۋالغىنىڭىز مىنى بەكمۇ سۈيۈندۈردى، ئاللا خالىسا مەنمۇ كەلگۈسىدە شۇنداق قىلىمەن  ھەم بۇرۇنلا كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغانتىم . (:|rCZC  
سىز مەن ئۇچراتقانلار ئىچىدىكى پەرزەنتى تۇغۇلغاندىكى ھىس تۇيغۇلىرىنى خاتىرلىگەن ئۈچىنچى ئەركەك ، مىنىڭ يەنە ئىككى دۇستۇم سىزگە ئوخشاش خاتىرە يازغان، پەرزەنتىڭىزنى ياخشى تەربىيلەڭ . تىنى سالامەت ،ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن. =K;M\_k%y  
يۇقىرىدىكى بىر توردىشىمىزمۇ دەپ ئۆتۈپتۇ ئىسىمنى 2-كۈنى قويمايدۇ.
نېمىشقا كەلتۈردۈڭ كۆلنىڭ قىشىغا،
ئۈزۈڭ ھەم كۆل قىشىغا كەلمىگەندىكىن.
نېمىشقا يىگۈزدۈڭ تۇزلىغان بىلىق ،
ئارقىدىن ئۇسسۇزلۇق بەرمىگەندىكىن.
adil2052103
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14887

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   800 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1520 (سوم)
 ياخشى باھا:   444 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   430  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2943
 سائەت
دەرىجىسى:
2943 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-22
ئاخــىرقىسى:2011-07-14
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 12:30

بەكياخشى چىقىپتۇ    بالىڭىزغا ئىمان ئىسلامبىلەن شۇنداق ياخشى بالا بوچىقىشىغا تىلەكداشمەن
burkut427
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.21229

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3005 (سوم)
 ياخشى باھا:   161 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 20
 سائەت
دەرىجىسى:
20 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-07
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 14:17

ئوغلىڭىزنىڭ ئىسمىنى ناھايىتى ياخشى تاللاپ قويۇپسىز . مۇبارەك بولسۇن !لىكىن بۇ دۇنيادىكى تۇنجى «ئەركزات» سىزنىڭ بولماسلىقى مۇمكىن .مېنىڭ 2-ئوغلۇم 2004-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى كېچە سائەت 1دىن 35مىنۇت ئوتكەندە تۇغۇلغان بولۇپ،مەنمۇ سىزگە ئوخشاش غايە،ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى «ئەركزات» دەپ قويغان .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى