مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       270 
  •    ئىنكاس 
       3 

ھەمدەمدە بولۇش(مىكرو ھېكايە)

قەۋەت ئاتلاش
zarapxanoglani
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44376

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2197 (سوم)
 ياخشى باھا:   372 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   609  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 991
 سائەت
دەرىجىسى:
991 سائەت 49 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-14
ئاخــىرقىسى:2011-07-15
— بۇ تېمىنى izchilar مىسرانىم تور ئەسەرلىرى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-07-11) —

ھەمدەمدە بولۇش KV9'ew+M  
(مىكرو ھىكايە)
U >w#`Sy[  
كەچىلىك تاماقتىن كېيىن پەسكە چۈشۈپ تاماق سىڭدۈرگەچ شامالداپ كىلىش ئۈچۈن يول ياقىسىدا پىيادە كىتۋاتاتتىم.تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ دارۋازىسى ئالدىغا توختۇتۇپ قويۇلغان نۇرغۇنلىغان ئىسىل ماشىنلارغا قاراپ بۇ يەردە بىرەر پائالىيەت بولغانچىغى دەپ قىزىقىپ دەرۋازىدىن كىردىم.بۇ تەنتەربىيە مەيدانى يېڭى قۇرۇلغان بولۇپ مەيدان كۆلىمى خېلىلا چوڭ،چىنىقىش ئەسلەھەلىرى تولۇق،مەنزىرسى تولۇمۇ گۈزەل قىلىپ لاھىيەلەنگەن بولغاچقا تۈرلۈك تەنتەربىيە پالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىلىدىغان ۋاقىتلاردىن باشقا چاغلاردا كىشىلەرنىڭ كىرىشى چەكلىنەتتى.مەن دەرۋازىدىن كىرىپ مەيداننىڭ ھەممە يىرىگە تەپسىلى قارىغاندىن كىيىن يۈگۈرۈش مەيدانىدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ ئىھتىمال يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بولۋاتسا كىرەك دەپ ئويلاپ ئۇدۇللا شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.شۇ ئەسنادا ئالدىمغا چىلىق-چىلىق تەرلەپ كەتكەن بىر تونۇشۇم ئۇچراپ ئەھۋالشقاندىن كىيىن بۇ يەردە نىمە پالىيەت بولۋاتقانلىغىنى سورۇدۇم.تونۇشۇم بۇ يەردە باشقا پالىيەتنىڭ يوقلىغىنى،بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەمىسىنىڭ چېنىقىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى،ئۆزىنىڭمۇ بۇ مەيداندا چىنىقۋاتقىنىغا خىلى ئۇزۇن بولغانلىغىنى دېدى.مەن يەنىلا بىر ئايلىنىپ چىقىش مەخسىتىدە خوشلۇشۇپ يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم.مەيداندا يۈگۈرەۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى سىمىز كىلەڭسىز بولغاچقا سىرىتتىن قارىغان ئادەمگە ئۇلارنى بىرەرسى مەجبۇرى يۈگۈرتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرەتتى.مېنى ھەيران قالدۇرۋاتقىنى ئالدىمدىن ھاسىرىراپ قارا تەرگە چۈمۈلگىنىچە ئۆتۋاتقان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلدار باشلىقلار بولۇپ،ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇلارنىڭ ئىسىلزادىلاچە كىرىلىپ تەكەببۇرلۇك بىلەن مەغرۇر قەدەم تاشلاپ ئالدىراش ھەركەت قىلۋاتقانلىغىنىلا كۆرگىلى بولاتتى.  بۇلارنىڭ بۇنداق تۇرقىنى باشقا چاغلاردا تەساۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۈمكىن بولمايتتى.مەن ئۇلارنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ كۆپىنچىلىرىنى تونۇغاندەك قىلدىم لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئوڭايسىز ئەھۋالدا ماڭا گۆلىيىپ قاراشلىرىدىن سەل ئەندىكىپ تەپسىلى قارۇغۇم كەلمەي باشقا چېنىقىش مەيدانلىرىنى ئايلانغاچ خىيال قىلىشقا باشلىدىم. "XfCLc1 T  
ئەجىبا بۇلار بۇنداق قىيلىنىپ نېمىش قىلىدىغاندۇ؟دەسلەپتە ئەمەلدارلىق تاجىنى كەيگەندە مۇشۇ تاجا ئۈچۈن ھېرىپ ھالىدىن كىتىپ بىرنەچچە ۋاقىتقىچە ئەسلىگە كىلەلمەي جۇدۇنلۇق بىلەن ئەتراپىدىكىلەرگە ئورۇنسىز چىچىلىپ،تاجا سىتۋالغان دەسمايىسىنى قانداق ئورنىغا كەلتۈرۈش مەخسىتىدە تولا باش قاتۇرۇپ ئورۇغلاپ كەتكەن،لىكىن يىقىنلىرنىڭ ‹جاپالىق ئىشلەپ مۇشۇنداق بوپ قالدىڭ ئەمدى ئەمەلدارلىق سالاھىيىتىگە ئىرىشكەندە شۇنىڭغا چۈشلۇق سالاپەت ھازىرلىمىساڭ بولمايدۇ›دېگەن نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاپ،شۇلارنىڭ ياردىمىدە كۈچىنىڭ بارىچە ھەرخىل يوللار بىلەن بىلىم ئارقىلىق قورسىقىنى يوغۇنتىشقا،پاتىڭىنى چىڭىتىپ تۈرلۈك ئۆتكەللەردىن مۇداپەلىنىش ئۈچۈن قالقان ھازىرلىغان ئىدىغۇ؟تىخى قورسىقىنىڭ ھامىلدار ئاياللاردىنمۇ چوڭراق بولىشى ئۈمۈت قىلاشاتىغۇ؟شۇنداق بولغاندىلا ياراتقان تۆھپىلىرىنى قورسىقىنىڭ يوغانلىغى ئارقىلىق ئۆلچەپ پەخىرلىنەلەيتى. مەن يىڭى خىزمەتكە چىقىپ باشلىققا ھەمرا بولۇپ  بىر ناھىگە خىزمەت تەكشۈرگىلى بارغاندا ئۇ ناھىدىكى ساھىپخان باشلىقنىڭ بىزنىڭ باشلىق بىلەن كارى بولماي شوپۇرىمىزغا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلىپ ئۇنى تورگە باشلىغاندا شوپۇرىمىز تولىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ شۇ يەردىلا ساھىپخانغا چۈشەندۇرۇگەندە ئۇلارنىڭ ئزلىرىنىڭ قىلغان ئىشىدىن ئۆڭايسىزلىنىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغانلىغى ھىلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ(چۈنكى باشلىغىمىز ئورۇق كۆرۈمسىز ئادەم ئىدى.لېكىن شوپۇرىمىز بولسا سىمىز كىلىشكەن ئادەم ئىدى).ئەجىبا ئەمدى ئۇلارغا بۇنداق تۆھپىنىڭ كىرىگى قالمىغاندىمۇ دېگەن خىياللار ئىچىدە بىرسىنىڭ دولامغا ئۇرۇشىدىن چۆچۈپ كەتتىم.ئۆرۈلۈپ قارىسام تولۇق ئوتۇردا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم - نېمىگە مۇنچە مۇڭلۇنۇپ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ كەتتىڭ-دېگىنىچە ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ.مەن ئويلىغانلىرىمنى چاندۇرماي-بۇرۇن بۇ تەنتەربىيە مەيدانىغا ئالاھىدە پالىيەت بولمىسا كىرگۈزمەيتتى بۇ مەيدان بۈگۈن ھەجەپ قىزىپ كىتىپتۇ-دېدىم.ئۇ ماڭا چۈشەندۈرۈپ،-شەھرىمىزگە بو قىتىم يىڭى كەلگەن شەھەھر باشلىقى بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بىرىدىغان ئادەمكەن،ئۇ كۈندە ئىشتىن چۈشكەندە بۇ يەرگە كىلىپ بەدەن چىنىقتۇردۇ،شۇندىن باشلاپ بۇ مەيداننى ئىچىۋەتتى- دېدى.بۇ يەردە بولۋاتقان پالىيەتنىڭ ئەسلىدە يېڭى كەلگەن شەھەر باشلىقىغا ھەمرا بولۇش ئۈچۈن بولۋاتقانلىغىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. )' +" y~  
k\BJs@-  
ئۆزۈمنىڭ يازمىسى (RVe,0y  
[ بۇ يازما ARKU تەرپىدىن 2011-07-11 11:49 PM دە قايت ]

تېما تەستىقلىغۇچى : ARKU
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-11, 23:50
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   3558 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   38638 (سوم)
 ياخشى باھا:   957 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   937  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1339
 سائەت
دەرىجىسى:
1339 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-07-15
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

كىشىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە بىر خۈنۈكلۈك ئۇستاتلىق بىلەن يورۇتۇلۇپ بېرىلىپتۇ،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي...
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
kunlarim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47274

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   24 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   155 (سوم)
 ياخشى باھا:   25 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-07-14
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

جايىدا  بوپتۇ ياخشى
بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1262 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7659 (سوم)
 ياخشى باھا:   308 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1845
 سائەت
دەرىجىسى:
1845 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-07-14
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

راستىنلا ياخشى يېزىلىپتۇ. ۋە تۇرمۇشتىكى بەزىبىر يىتەرسىزلىكلىرىمىز ئېچىپ بىرلىپتۇ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى