باش ئەلچى
1zqIB")s> # bc$[%_ بۇ، بىر دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بېجىرىشكە ئەۋەتكەن رەسمىي ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ ئۈچ ئوخشاش بولمىغان قاتلامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ: باش ئەلچىنىڭ دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە «ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچى» دەپ تەيىنلىنىدۇ، ئۇنى بىر دۆلەتنىڭ باشلىقى يەنە بىر دۆلەتنىڭ باشلىقىغا ئەۋەتىدۇ. ئەلچى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ۋاكالەتچى بولسا ئەلچىدىن كېيىن تۇرىدۇ. ئۇ، بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يەنە بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرىغا ئەۋەتكەن دىپلوماتىيە ۋەكىلى. ۋاكالەتچى بىلەن ۋاقىتلىق ۋاكالەتچى ئوخشاش بولمايدۇ. باش ئەلچى (ئەلچى) لەر ۋەزىپىسىدە بولمىغان ۋاقىتتا، ئەلچىخانا خادىمى ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، بۇنداقلار ۋاقىتلىق ۋاكالەتچى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەسلىھەتچى، كاتىپ، ھەربىي ئەمەلدار، سودا ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر دۆلەتنىڭ چەت ئەلگە ئەۋەتكەن دىپلوماتىيە خادىملىرىدۇر.
(&t741DN| LS;j]!CU دىپلوماتىيىلىك ئىمتىياز
Gmi ^2?Z( E}6q;"[ بىر دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇۋاتقان چەت ئەل دىپلوماتىيە ۋەكىلى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن بەرگەن ئالاھىدە ھوقۇقى دىپلوماتىيىلىك ئىمتىياز دېيىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن: جىسمانىيىتى، ئىش بېجىرىش ئورنى، تۇرالغۇسى، خەت - چەك، ئارخىپى، مال - مۈلكىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگىلى بولمايدىغانلىق، تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ھۆكمى ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولمايدىغانلىق، شېفىرلىق خەۋەرلىشىشنى قوللىنىش ۋە دىپلوماتىيە ئالاقىچىسى ئەۋەتىش؛ تاموژنا بېجى ۋە باشقا ئالۋان - ياساق بېجى ئالماسلىق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، بارلىق دىپلوماتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇن - بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق مەجبۇرىيىتى بار.
Qf|x]x*5
Bu_/yKW باش ئەلچىخانا، ئەلچىخانا، ۋاكالەتخانا، كونسۇلخانا
b* (~8JxZ @N+ }cej m-T@Og باش ئەلچىخانا، ئەلچىخانا، ۋاكالەتخانا، كونسۇلخانىلار مۇستەقىل دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتتە تەسىس قىلغان دىپلوماتىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورگىنىنىڭ نامى. ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ئۈچ دەرىجىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ: ئۆزئارا باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئورناتقاندا، باش ئەلچىخانا قۇرۇلىدۇ. ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئورناتقاندا، ئەلچىخانا قۇرۇلىدۇ، ۋاكالەت دەرىجىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندا، ۋاكالەتخانا قۇرۇلىدۇ.19 - ئەسىردە، پەقەت چوڭ دۆلەتلەرلا باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئورنىتالايتتى. ھازىر دۇنيادا ئورنىتىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى، شۇڭا كۆپىنچە باش ئەلچىخانىلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. كونسۇلخانا بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق ئىش بېجىرىش ئورگىنىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، ئۇنىڭ باش كونسۇلخانا، كونسۇلخانا، قوشۇمچە كونسۇلخانا، ۋاكالەت ئورنى قاتارلىق نەچچە خىل تۈرى بار. ئۇ، شۇ جايدىكى ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇھاجىرلىرى ۋە باشقا ۋاقىتلىق ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
st4z+$L |y%pJdPk= پاسپورت، ۋىزا
|z.x M> c+S<U* #dO8) t پاسپورت بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيىگە مەسئۇل ئورگانلىرى ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىپ - چىقىشى ۋە باشقا بىر دۆلەتتە ئولتۇراقلىشىشى، ساياھەت قىلىشى ئۈچۈن بەرگەن ئىسپاتى. ئادەتتە ئۇ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ: دىپلوماتىيە پاسپورتى چەت ئەلگە ئەۋەتىلىدىغان دىپلوماتىيە خادىملىرىغا بېرىلىدۇ؛ دۆلەت ئىشلىرى پاسپورتى چەتتە تۇرۇشلۇق ۋەكىل ئورگانلارنىڭ تېخنىكا ۋە ياردەمچى خىزمەتچى خادىملىرىغا بېرىلىدۇ؛ ئادەتتىكى پاسپورت چەت ئەلگە چىقىدىغان ئادەتتىكى پۇقرالارغا، چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلارغا بېرىلىدۇ. ۋىزا بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ياكى چەت ئەلدىكى مەسئۇل ئورگانلىرى ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ ياكى چەت ئەللىكلەرنىڭ پاسپورتى قاتارلىق قانۇنلۇق ئىسپاتىغا باسقان چېگرىدىن كىرىپ - چىقىش ئىجازەت تامغىسى ۋە ئىمزاسى، بۇ خىل ۋىزىنى ئالماي تۇرۇپ چېگرىدىن كىرىپ - چىققانلار قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتكەن ھېسابلىنىدۇ. بەزى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامە بولغاچقا، پۇقرالار قارشى تەرەپتىكى دۆلەتكە بېرىش ئۈچۈن ۋىزا ئالمىسىمۇ بولىدۇ.
r{Lr
Q @~p;.=1]F زېمىن، دېڭىز تەۋەلىكى، ھاۋا تەۋەلىكى
)}!Z^ND* [pY1\$, زېمىن − بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەۋەسىدە بولغان تېررىتورىيە، ئۇ، بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق، دەريا - ئېقىن، كۆل، ئىچكى دېڭىز، دېڭىز تەۋەلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ يەر ئاستى قاتلىمى ۋە ھاۋا بوشلۇقى (ھاۋا تەۋەلىكى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى خەلقئار قانۇننىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىنىڭ بىرى. دېڭىز تەۋەلىكى سۇ تەۋەلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىن سىرتقا ئۇزارغان مۇئەييەن كەڭلىكتىكى دېڭىز تەۋەسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ دېڭىز قىنى، يەر ئاستى قاتلىمى ۋە ئۇنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىر دۆلەت تېررىتورىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ كەڭلىكىنىڭ بەلگىلىنىشى ئوخشاش ئەمەس. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ كەڭلىكىنىڭ12 دېڭىز مىلى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ھاۋا تەۋەلىكى − بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق، دەريا - ئېقىن، كۆل، ئىچكى دېڭىز، دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىر دۆلەت زېمىنىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىگە مەنسۇپ بولىدۇ، باشقا دۆلەتنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىشىغا بولمايدۇ.
fI<|]c}P&J o,NTI
h دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى
^+J3E4 s2f6;Yc دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى يىغىننىڭ بىر خىل شەكلى. يىغىن ئاچقاندا ئادەتتە كىم ئاساسلىق ئورۇندا، كىم كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدۇ دېگەن مەسىلە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئاساسلىق ۋە كېيىنلىك، يۇقىرى ۋە تۆۋەنلىك تەرتىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش بەزى خەلقئارا يىغىنلاردا ھەل قىلىش ئىنتايىن قىيىن مەسىلە. ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەر ماجىرالىشىپ قالىدىغان، يىغىن ئېچىلماي تۇرۇپلا تارقىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، كۆپچىلىك بىر دۈگىلەك ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ يىغىن ئاچقاندا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ «بىردەك باراۋەر» ئىكەنلىكىنى، ئاساسلىق، كېيىنلىكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. مانا بۇ دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر خەلقئارا يىغىنلاردا دۈگىلەك ئۈستەل يىغىن شەكلى بارغانسېرى كۆپلەپ قوللىنىلىۋاتىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە باشقا خەلقئارا يىغىنلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ خىل شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئۇسۇل مىلادىيە5 - ئەسىردە ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھى ئارتۇر ئويلاپ تاپقان ئۇسۇل ئىكەن. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى چەۋەندازلار ئىلگىرى يىغىن ئېچىلسا، ئورۇن تالىشىپ ماجىرالىشىپ قالاتتىكەن. شۇڭا، پادىشاھ ئارتۇر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى ئۇسۇلىنى ئويلاپ تاپقان. بۇ دۈگىلەك ئۈستەل ھازىرمۇ ئەنگلىيىنىڭ ۋىنچېستېر قەلئەسىدە ساقلىنىۋېتىپتۇ.
%>io$ o &0`[R*S ھۆرمەت قاراۋۇلى، كۆكتېل ھارىقى زىياپىتى، ھۆرمەت توپى
fvE:'( #? rbt/b0ET مۇراسىم جابدۇقلىرى − قەدىمكى زاماندا ئىمپېراتور ۋە ئەمەلدارلار سىرتقا چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان ياساۋۇللار كۆتۈرۈۋالغان بايراق، ئەلەم قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ياساۋۇللار ھۆرمەت قاراۋۇلى دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر ئېيتىلىۋاتقان ھۆرمەت قاراۋۇلى ھەربىي قىسىم مەلۇم خىلدىكى مۇراسىم ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن كىچىك قىسىم بولۇپ، ئادەتتە چەت ئەلنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى قاتارلىق ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش - ئۇزىتىش قائىدە - يوسۇنلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. بەزىدە باشقا ئالاھىدە مۇراسىملاردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. كۆكتېل ھارىقى زىياپىتى ھاراق زىياپىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئەسلىدە ياۋروپادا كەڭ تارقالغان. بۇ خىل ھاراق زىياپىتىدە، كۆكتېل ھارىقى (جەنۋە ھارىقى، بىراندى، ۋېسكى ياكى ئۇسسۇزلۇق ئارىلاشتۇرۇلۇپ ياسىلىدۇ) ۋە پېچىنە - پىرەنىك بىلەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ. مېھمانلار ئادەتتە ئۆرە تۇرۇپ ئوزۇقلانغاچ، ئىختىيارىي ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. ھۆرمەت توپى − ئەزىز مېھمان كەلگەندە ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئېتىلىدۇ، بۇ خەلقئارادا ئادەتكە ئايلانغان دىپلوماتىيە قائىدىسى. خاتىرىلىنىشىچە،400 يىل ئىلگىرى بەزى دۆلەتلەردە ھۆرمەت توپى ئېتىپ مېھمان كۈتۈۋالىدىغان قائىدە بار بولۇپ، ئۇ چاغدا راست توپ ئېتىلاتتى. ھازىر ئېتىلىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان توپ. دۆلەت، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتارلىق ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندا،21 پاي توپ ئوقى ئېتىلىدۇ. بۇ ئەڭ ئالىي ئىززەت - ئىكرام ھېسابلىنىدۇ. مىنىستىر، گېنېرال دەرىجىلىك چەت ئەللىك مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندا19 پاي توپ ئېتىلىدۇ، تېخىمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك چەت ئەللىك مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندا17 پاي،15 پاي توپ ئېتىلىدۇ. ھۆرمەت توپلىرىنىڭ ھەممىسى تاق سان بويىچە ئېتىلىدۇ.
e0Jz|?d= 8pXului مەڭگۈ بىتەرەپ دۆلەت
j+
eto' 1CmjEAv%/ ئۇرۇشتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئۇرۇشۇۋاتقان ھەرقانداق بىر تەرەپكە دۈشمەنلىك ھەرىكىتىنى قوللانمىغان دۆلەت بىتەرەپ دۆلەت دېيىلىدۇ. بىتەرەپ دۆلەت: ئۇرۇش ۋاقتىدىكى بىتەرەپ دۆلەت ۋە مەڭگۈلۈك بىتەرەپ دۆلەت دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇرۇش ۋاقتىدىكى بىتەرەپ دۆلەت − مەلۇم خەلقئارالىق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئوتتۇرىدا تۇرۇش ھالىتىنى ساقلىغان دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ. مەڭگۈلۈك ئوتتۇرىدىكى دۆلەت خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان شەرتنامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەيلى تىنچلىق مەزگىلى ياكى ئۇرۇش مەزگىلىدە بولسۇن، مەڭگۈ ئوتتۇرىدا تۇرۇش سىياسىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىدىغان دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى شۋېتسارىيە، ئاۋسترىيىلەر مەڭگۈلۈك بىتەرەپ دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلارنى خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان.
(
O!Q[WLS (5/>arDn قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم
}!_ofe KD =W(\ بىر دۆلەتنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دىپلوماتىيە ۋەكىلى تۇرۇشلۇق دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشىغا ئېرىشكەندىلا، «قارشى ئېلىنىدىغان ئادەم» ھېسابلىنىدۇ. ئەلچى تۇرۇشلۇق دۆلەت قوشۇلمىغان ياكى دىپلوماتىيە سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش تۈپەيلىدىن تۇرۇشلۇق دۆلەت ئەۋەتكۈچى دۆلەتتىن قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان ۋەكىل «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» بولىدۇ.
w,x'FZD 8!XK[zL دۆلەت خېتى، نوتا، ئەسلىمە، ئاق تاشلىق كىتاب، ئۇلتىماتۇم
Hx?OCGj=S* zgn~UC6& بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتتىكى خەت - ئالاقە نامى. دۆلەت خېتى − بىر دۆلەت باش ئەلچى ياكى ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ۋەكىلىنى ئەۋەتكەن ياكى قايتۇرۇپ كەلگەندە، شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى ئەلچى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ باشلىقىغا يوللىغان خېتى، باش ئەلچى ئەۋەتىش توغرىسىدىكى دۆلەت خېتىنى باش ئەلچى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ باشلىقىغا تاپشۇرىدۇ. نوتا − دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدىكى بىر خىل ھۆججەت، ئۇ، پىكىر، پوزىتسىيە، مەيدانىنى ئىپادىلەش ياكى تېگىشلىك ئىشلارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش قاتارلىقلاردا قوللىنىلىدۇ. نوتا رەسمىي نوتا، ئادەتتىكى نوتا، ئۇقتۇرۇش نوتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. رەسمىي نوتا نوتىدا بايان قىلىنغان مەسىلىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەسلىمە − مەلۇم بىر مەسىلىدە ۋەقەلىكنىڭ جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان دىپلوماتىيە ھۆججىتى. ئەسلىمە ئادەتتىكى قەغەزگە يېزىلىدۇ، ئورگان ئىشلىتىدىغان قەغەز بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇلمايدۇ، تامغا بېسىلمايدۇ. ئەسلىمىنى يۈزتۇرا تاپشۇرۇشقىمۇ، مۇستەقىل ھۆججەت قاتارىدا يوللاشقىمۇ ۋە ياكى دىپلوماتىيە نوتىسىنىڭ قوشۇمچىسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ھازىر ئەسلىمىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. بەزى خەلقئارا يىغىنلاردا ئەسلىمە يىغىننىڭ قارارى، ئاخباراتنىڭ قوشۇمچىسى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئاق تاشلىق كىتاب − بىر دۆلەت ھۆكۈمىتى ياكى پارلامېنتى رەسمىي ئېلان قىلغان مۇھىم ھۆججەت، ئادەتتە مۇقاۋىسى ئاق قىلىپ ئىشلەنگەچكە، ئاق تاشلىق كىتاب دېيىلىدۇ. مەسىلەن،1949 - يىل8 - ئاينىڭ5 - كۈنى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى ئېلان قىلغان «ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى» دېگەن ئاق تاشلىق كىتاب. ئەنگلىيىنىڭ بۇ تۈردىكى ھۆججەتلىرىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئادەت بويىچە كۆك رەڭ ئىشلىتىلگەچكە، كۆك تاشلىق كىتاب دېيىلىدۇ؛ ئىسپانىيە قىزىل رەڭ ئىشلەتكەچكە، قىزىل تاشلىق كىتاب دېيىلىدۇ؛ ئىتالىيە يېشىل رەڭ ئىشلەتكەچكە، يېشىل تاشلىق كىتاب دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر دۆلەتنىڭ ھۆججىتىدە ئىشلىتىدىغان رەڭ بىر خىل بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇلتىماتۇم لاتىن تىلىدىن ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، سۆھبەت بۇزۇلۇشتىن ئىلگىرىكى «ئەڭ ئاخىرقى سۆز» دېگەن مەنىگە ئىگە. ئادەتتە ئۇنىڭدا بىر دۆلەت مەلۇم بىر مەسىلىنى قارشى تەرەپكە يېزىقچە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قوبۇل قىلىشنى شەرت قىلىدۇ ۋە بولمىسا مەلۇم خىلدىكى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى، جۈملىدىن قورال كۈچى ئىشلىتىش، ئالاقىنى ئۈزۈش، قامال قىلىپ زەربە بېرىش قاتارلىقلارنى قوللىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.
&YOks.k pd\x^F`sk. رەسمىي زىيارەت، غەيرىي رەسمىي زىيارەت، دۆلەت مېھمىنى
I&JjyR ,!>1A;~wT رەسمىي زىيارەت بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ يەنە بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە ئاساسەن، تەكلىپ قىلغان دۆلەتكە قىلغان زىيارىتىنى كۆرسىتىدۇ. رەسمىي زىيارەت دوستانە زىيارەت ياكى رەسمىي دوستانە زىيارەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۆلەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت رەھبىرى ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارەت دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دېيىلىدۇ. بۇ تۈردىكى زىيارەتنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى ئادەتتە داغدۇغىلىق بولىدۇ. غەيرىي رەسمىي زىيارەت تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دۆلەت رەھبىرى شەخسىي سالاھىيەت بىلەن ئېلىپ بارىدىغان زىيارەت خۇسۇسىي زىيارەت دېيىلىدۇ؛ زىيارەتكە چىققان ئۆتەر يولدا مەلۇم بىر دۆلەتنى زىيارەت قىلسا، يول ئۈستىدىكى زىيارەت دېيىلىدۇ؛ مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن ئاشكارا قىلىشقا قۇلايسىز بولغان زىيارەت مەخپىي زىيارەت دېيىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى غەيرىي رەسمىي زىيارەت بولۇپ، قائىدە - يوسۇنلىرى ئادەتتە ئاددىي بولىدۇ. چەت ئەلدىن زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت باشلىقلىرى (پادىشاھ، زۇڭتۇڭ، رەئىس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى (زۇڭلى، مىنىستىر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دۆلەت مېھمىنى دەپ ئاتىلىدۇ. باشقا رەھبەرلەرنى دۆلەت مېھمىنى دېيىشكە بولمايدۇ.
ad#4W0@S EQ%,IK/ دۆلەت تەۋەلىكى، قوش دۆلەت تەۋەلىكى، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار
cV
f}8qf) ^W%#
Elf) دۆلەت تەۋەلىكى − مەلۇم بىر ئادەمنىڭ مەلۇم دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا تەۋە قانۇنىي سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇم بىر ئادەم مەلۇم دۆلەت تەۋەلىكىدە بولغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. قوش دۆلەت تەۋەلىكى − بىر ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىز قوش دۆلەت تەۋەلىكىدە بولغانلارنى ئۆزى خالاش پرىنسىپى بويىچە، بىر دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىدە بولۇشنى؛ جۇڭگونىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگۈچىلەرنى تەستىقلىغاندا، چەت ئەلدىكى دۆلەت تەۋەلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار − بىر ئادەمنىڭ ھېچقانداق دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نورمال بولمىغان بىر خىل ئەھۋال بولۇپ، بۇنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەبلەر كۆپ خىل بولىدۇ. دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارغا ئادەتتە چەت ئەللىكلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
J.Fy0W@+k4 c`O(||UZT سىياسىي باشپاناھلىق، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش
GyQ9we~ &xLCq&j1 سىياسىي باشپاناھلىق ھامىيلىق قىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ، بىر دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىتى ۋە قانۇنىغا ئاساسەن، سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە، تۇرۇپ قېلىشىغا ئىجازەت بېرىشنى ھەمدە ئۇنى قانۇن جەھەتتە قوغداشنى، پاناھلانغۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك ياكى قوغلاپ چىقارماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۆتكۈزۈپ بېرىش − بىر دۆلەت ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى باشقا بىر دۆلەت تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ياكى جازا ھۆكۈم قىلغان كىشىنى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەلەپ قىلغان دۆلەتنىڭ قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىشى ياكى ھۆكۈم ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر: جىنايەتچىنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان دۆلەت، جىنايەت قىلمىشى يۈز بەرگەن دۆلەت، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش − جىنايەت ئۆتكۈزگەن چەت ئەللىك ياكى دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغانلارنى چېگرا سىرتىغا قوغلاپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. سوتنىڭ «چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش» نى ھۆكۈم قىلىشى جىنايى جازانىڭ بىر خىلى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ «چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش» بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىشى بىر خىل مەمۇرىي تەدبىر.
<HB@j}qi j
t`\n1q) توردىن يىغىپ تەييارلاندى
[ f;o3 B>UF dj]-