ئالدى بىلەن تېما ئىگىسىگە رەخمەت ئېيتىمەن.
K:Z|# i- تېمىدا ئېيتىلغان پىكىرلەر ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
KCn#*[
تور تاقىلىپ قايتا ئېچىلغاندىن كېيىن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئېچىلىشى مېنى شۇنچىلىك سۈيۈندۈرگەن ئىدى . مۇنبەر يېڭى ئېچىلغان چاغدىكى تورداشلارنىڭ يوللىغان ئىسىل تېمىلىرى ، ئوقۇسا كىشىنى سۈيۈندۈرگۈدەك تېتىملىق ئىنكاسلىرى(بەزى ئىنكاسلار تېمىلاردىنمۇ ياخشى يېزىلغان ئىدى) ئوقۇرمەنلەرنى ئاجايىپ سۈيۈندۈرەتتى . ئۇلارنى مۇنبەرگە بىر كۈن كىرمىسە قانداقتۇر بىر نىمىسىنى يۇتتۇرۇپ قويغاندەك ھېس تۇيغۇغا كەلتۈرەتتى .
$-gRD|oY ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس.......
F^Mt}`O كېيىن تور دۇنياسىدا كىشىلەرنىڭ پىسخىكا ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ كونتىرول قىلىشقا ‹‹ ماھىر ›› بىر تۈركۈم تور موللىلىرى پەيدا بولۇپ، كۆرگەنلىكى تېمىغا دىنىي ئەقىدە بويىچە باھا بېرىپ، تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتنى چەتكە قېقىپ ، ئاپتورلارنى ، ئىنكاس يازغۇچىلارنى تېما ۋە ئىنكاس يېزىشتىن تولىمۇ بىزار قىلىۋەتتى . قىسقىسى ئۇلارنى تور دۇنياسىدىن بەزدۈرۈشكە ئورۇندى .
yRz l} بىز ئۈيغۇرلار ئەزەلدىن ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويىدىغان ، ئىمان - ئەخلاقنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مىللەت . خەلقىمىز تارىختىن بۇيان مۇشۇ ئەقىدە، ئەخلاق ئىمان چېگرىسى ئىچىدە ياشاپ، ئۆزىنىڭ ئىسىل ئورپ ئادەتلىرى، شانلىق مەدەنىيەتلىرى بىلەن باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلگەن . مىللىتىمىز تەرەققىياتنى ئەزەلدىن چەتكە قاققان ئەمەس، بەلكى ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىپ كېلىۋاتىدۇ .
Bhe0z|& ھازىرقى ‹‹ بىلەرمەن ›› تور موللىلىرى شۇنچىلىك بىلىملىكمۇ؟ نىمىشقا ھە دىسىلا پەننىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىش قانۇنىيىتىگە چىش تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟
(KR.dxzjf مېنىڭچە ئۇلار ھەرگىزمۇ بىلىملىك ئەمەس، بەلكى ئۆز ۋۇجۇدىدىكى يېتىشسىزلىكلەرنى ئەپچىللىك بىلەن نىقاپلاپ ، باشقىلارنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىرمىشىۋاتقان بىچارىلەردۇر .
,km`-6.2? بۇندىن 1420 يىل مۇقەددەم بىزگە چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس كىتاپ ‹‹ قۇرئان كەرىم›› دىكى ھەر بىر ئايەتلەرلەردە ھازىرقى تەرەققىياتلارنىڭ بولىدىغانلىقى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن ، تېلۋېزور( جاھاننامە) ، ئايرۇپىلان ، مىدىستىنادا بايقالغان نۇرغۇن كىسەللىك ..... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ مۇقەددەس كىتاۋىمىز ‹‹ قۇرئان كەرىم›› دىكى ئايەتلەردە ئېنىق شەرھىلەنگەن ، بۇنى پەننىي ئالىملىرىمىزمۇ ئېنىق ئىسپاتلاپ چىققان.
5_SxX@fW% مۇشۇنداق ئېنىق پاكىت تۇرۇقلۇق تور موللىرىنىڭ يەنە ئارتۇق سۆزلىشى، بارلىق پەننىي قاراشلارنى چەتكە قېقىشىنى ‹‹ قۇرئان كەرىم ›› نىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلىدى دەپ چۈشۈنۈش كېرەكمۇ ياكى ‹‹ قۇرئان كەرىم››نى كۆزگە ئىلمىدى دەپ چۈشۈنۈش كېرەكمۇ ؟ بۇ ھەقتە ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .
5%" 0 بۇ يەردە شۇنى ئېنىق تەكىتلەپ قوياي: يىگانە ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ‹‹ قۇرئان كەرىم›› نىڭ مەزمۇنىنى ھېچقانداق بىر بەندىنىڭ ئۆزگەرتىش ۋە بورمىلاش سالاھىيىتى يوق .
8+~'T| ئىنكاسىمنىڭ داۋامى يېزىلىپ بولغۇچە مۇنبەردە كاشىلا كۇرۇلۇپ ئېچىلمىغان ئىدى ، ئوڭشالغاندىن كېيىن كىرىپ بولغۇچە، ئىنكاسىمنى بىر نەچچە ئەزا نەقىل ئېلىپ بوپتۇ . شۇنداقتىمۇ داۋامىنى يېزىۋېرەي . $oZV 54 ئەمەلىيەتتە مۇنبەرلىرىمىزدە ‹‹ قۇرئان كەرىم›› دىكى ئايەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئاشۇ ئايەتلىرىمىزگە ھازىرقى تەرەققىياتلارنى باغلاپ ، ئۆز تەپەككۇرىغا ئاساسەن خەلقىمىزنى ئىمانلىق، ئېتىقادلىق بولۇشقا دەۋەت قىلىپ يېزىلغان ئىسىل ماقالىلارنى يوللاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بار ئىدى، بۇلار ھەرگىزمۇ مەن دەۋاتقان تور موللىلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇلار قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ، خالىس نىيەتتە خەلىقنى توغرا يولغا مېڭىشقا دەۋەت قىلىپ، ھەق - دەلىللەر بىلەن يېزىلغان ، ئىسىل پەندى نەسىھەتلىرى بىلەن ئازغۇن ياشلىرىمىزنىڭ روھىيىتىدىكى قاراڭغۇلۇقلارنى يورۇتۇۋاتقان ، ھۆرمەتلىشىمىزگە سازاۋەر كىشىلەردۇر .
5ma~Pjt8} بىراق خېلى كۆپ تېمىلاردا بىر قىسىم ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلايدىغانلار تېمىلاردا ئۆز ئالدىغا پەتىۋا پىچىپ ، دىنىمىزنى بورمىلاپ ياشلىرىمىزنى قايمۇقتۇرۇۋەتتى.
OPDRV\ ( مەندىن دەلىل كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىنكاسىمنى نەقىل ئالغان ئەزا دىققىتىڭىز بۇ باياندا بولسۇن) تور قايتا ئېچىلغاندىن كېيىنكى مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغان مۇنۇ تېمىلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ كۆرۈڭ!)
@FuX^Q.[ ‹‹ ئاماننىساخانغا قانداق باھا بېرىسىز؟ ›› ، ‹‹ windows xp ھالالمۇ ھاراممۇ ›› ، ‹‹ بانكىغا 10000 سوم قۇيسىڭىز ئۈسۈمى قانچە بولىدۇ؟) شۇنداقلا ھەرخىل كەسىپتىكى شەخسىلەر ئۈستىدە يېزىلغان تېمىلاردىكى ئىنكاسلار، ‹‹ناماز ئوقۇمىغان ئانىنىڭ قولىدىن تاماق يىيىش ھارام›› دەپ ئىنكاس يېزىلغان تېما .... ( يۇقارقى تېمىلارنى ئۈزىڭىز ئىزدەش تورى ئارقىلىق ئىزدەپ كۈرۈڭ!، شۇنداقلا مۇنبەرلەردىكى ئېلان قىلىنىۋاتقان تېمىلاردىكى ئىنكاسلارنى تەپسىلى كۈرۈپ چىقىڭ!)
#:nds, يۇقارقى تېمىلاردا بىلىملىك دىنى زاتلىرىمىز كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن شۇنداق ياخشى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى بىلىملىك چاغلايدىغان تور موللىلىرى قۇرئاندىمۇ يوق ، بىز ئاڭلاپ باقمىغان قايسىدۇر بىر شەخسىنىڭ سۆزلىرىنى ھەدىس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ، بىلىملىك دىنىي زاتلىرىمىز بىلەن مۇنازىرىلەشتى ، ئاخىرى مۇنازىرىدە يېڭىلىپ قالغانلىقىغا تەن بەرمەي، ئۇلارنى ھاقارەتلەپ ئىنكاس يازدى، مۇشۇ ئەھۋالدا ياخشى پەندىي - نەسىھەت تېمىلىرىنى يوللاۋاتقان بىلىملىك دىنىي زاتلىرىمىز سۈكۈتتە تۇرۇشنى ياكى مۇنبەردىن چېكىنىشنى ئەۋزەل بىلدى . چۈنكى ئۇلار دىنىمىزدا باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەچكە يەنىلا ئۆزلىرىنى ھاقارەت قىلغانلارغا ھىدايەت تىلىدى .
&P>a تورداشلارنىڭ تور موللىسى( بۇ ھەقتە 23 - قەۋەتتىكى ئىنكاس يازغۇچى توردىشىمىز ئەلتوغ ئەپەندى ئىزاھلاپ ئۆتكەچكە قايتا ئىزاھلاپ ئولتۇرمايمەن) دىگەن ئوقۇم بىلەن بىلىملىك دىنى زاتلىرىمىزنى ئېنىق ئايرىپ چۈشۈنىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن .
q7zHT=@$ [ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-07-11 11:18 PM دە ]