مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       174 
  •    ئىنكاس 
       8 

شاھنامە – رۇستەم  (شاھنامە ئىككىنچى بۆلۈم)

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1157 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10211 (سوم)
 ياخشى باھا:   340 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   418  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3193
 سائەت
دەرىجىسى:
3193 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-07-13

شاھنامە – رۇستەم  (شاھنامە ئىككىنچى بۆلۈم) | C^.[)  
زال رۇدابە بىلەن توي قىلىپ دادىسىنىڭ ئورنىغا  زابۇلىستاننىڭ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن كۈنلىرى شاد خوراملىق ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى.ئارىدىن بىر مۇددەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن گۈزەل سەرۋىناز رۇدابە ھامىلدار بولۇپ قالدى.ھامىلدارلىقنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بەلگە ئالامەتلىرى بولغاچقا ھۆسنى باھارىغا كۈز خازانلىرىدەك سېرىق داغلار چۈشۈپ دىلىنى رەنىج- ئەلەملەر چۇلغىۋالدى. ھامىلدارلىق مەزگىلى ئۇزارغانسېرى قورسىقىدىكى ھامىلە بارغانسېرى يوغىناپ ئېغىرلىشىپ بارماقتا ئىدى.كۈن تۈنلەر مۇشەققەت چېكىپ قان يىغلار ئىدى.ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاپ يۈزى گويا زەپىراندەك سارغىيىپ كەتتى.ئانىسى قىزىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ دىدى: 'W,*mfB  
  -ئېيتچۇ جان قىزىم، ساڭا زادى نىمە بولدى.نىمىشقا گۈل يۈزۈڭ شۇنچە سۇلغۇن؟ (\D E1q  
رۇدابە جاۋاپ بېرىىپ دىدى: l\F71pwSI  
  -جېنىم ئانا، بولدى سورىمايلا قوي،ھالىم بەكمۇ خاراب.تېنىم كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ ھەركەت قىلمىقىم تەسكە چۈشىۋاتىدۇ.كېچلەردە غەم تۈپەيلى كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ.بەئەينى بىر مۇردىغىلا ئوخشاپ قېلىۋاتىمەن .خىيالىمدا ئۆمرۈم ئاز قېلىۋاتقاندەك،بۇ ھامىلىنى ئوڭۇشلۇق تۇغالماي  تۇغۇتۇمدا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا كۆڭلۈمدىن كېچىدۇ.شۇڭا كۆپ ئازاپلىنىمەن،يىغلاپ ئۇيقۇنى تەرىك قىلىمەن.نىھايەت ئاي كۈنۈم يېقىنلىشىپ قالدى،لىكىن بۇ قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ئادەم ياكى باشقا نەرسىلىكىنى بىلەلمەي قالدىم.نىمانچە ئېغىر ،نىمانچە قاتتىق،نىمانچە يوغان؟ مەن خۇددى قۇرسۇقۇمغا يوغان تاش ياكى ئىدىش كىرىۋالغاندەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن. )X;051Q  
رۇدابە سۆزلەۋېتىپ قۇرسۇقىنىڭ تۇيۇقسىز ئاغرىقى تۈپەيلى ھۇشىدىن كەتتى.سارايدا ھەممە ئۆرە تۆپە بولۇشۇپ قورىققىنىدىن يىغلىشىپ كېتىشتى.سىندوختمۇ قىزىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ يىغا باشلىدى.قاتتىق ئازاپلانغىنىدىن ئۆزىنى تۇتالماي يۈزلىرىنى  مۈشۈك تاتىلىغاندەك تاتىلاپ يېغىر قىلىۋەتكىنىنىمۇ سەزمەي قالدى.بۇ قايغۇلۇق خەۋەر ئاخىر زالغا ئاڭلاندى.زال كۆزلىرىگە ياش ئالغان،قەلبى ئېغىر قايغۇ ھەسرەتكە تولغان ھالدا جانانى رۇدابەنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى. ھەرەمدىكى ھەممە خۇددى ماتەم بولغاندەك يىغا- زارە قىلىشماقتا ،چاچلارنى يۇلۇپ، ياقىلارنى يىرتىپ داد پەرياد سىلىشماقتا ئىدى. [UXN= 76N  
زال يىغلاۋېتىپ تۇيۇقسىز سۇمرۇغ يېنىدىن قايتىپ كېلىدىغان چاغدا ئانا سۇمرۇغنىڭ تاپىلىغان سۆزلىرىنى ئېسىگە ئالدى.سۇمرۇغ ئۇنىڭغا بىرنەچچە تال  پەيلىرىنى بېرىپ بىرەر مۈشكۈلچىىككە ئۇچراپ ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمىگەندە پەيلەردىن بىرنى كۆيدۈرسە دەرھال نەدە بولسا شۇ يەرگە ئۇچۇپ كېلىپ ھەرقانداق مۈشكۈللۈكتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تاپىلىغان ئىدى.زال بۇ ئىشنى سىندوخىتقا ئېيتىۋىدى.ئىچ ئىچىدىن خوشال بولۇپ كېتىپ دەرھال سۇمرۇغ پېيىنى كۆيدۈرۈپ سۇمرۇغدىن ياردەم تىلەش تەكلىپىنى بەردى. m.p $f$A_  
خىزمەتكارلار بۇيرۇققا بىنائەن ئاتەشدان ئەكىلىشتى. زال سۇمرۇغ پىيىنى ساقلاپ قويغان يەردىن تېپىپ بىر تالنى ئاتەشداندىكى ئوتقا سېلىپ دۇت سالدى.پەينىڭ پۇرىقى ئەتراپقا تارىغان ھامان كۈن يۈزى كۆرۈنمەي  جاھان قاراڭغۇلىشىپ كەتكەندەك بولدى.بۇ زور قۇش سۇمرۇغنىڭ غايەت چوڭلۇقى تۈپەيلى بەدەن ۋە قاناتلىرى كۈن نۇرىنى توسىۋالغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئالامەت ئىدى.سۇمرۇغ قۇش ئۇچۇپ كېلىپ  ئوردىنىڭ كەڭرى سەيناسىغا قونۇپ زال بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن نىمە مۈشكۈلچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى سورىدى: ufCpX>lNF  
-ئەي ئوغلۇم،ئېيتقىنا ساڭا نىمە دەرت كەلدى؟ كۆزلىرىنىڭ ياش يۇقى تۇرىدۇ سەندەك شىر يىگىتمۇ يىغلامدۇ؟  IMr#5  
زال بېشىغا چۈشكەن كۈننى يەنى رۇدابەنىڭ ھازىرقى ئېغىر ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى،سۇمرۇغ ئاڭلاپ بولۇپ شۇنداق دىدى: +%v1X&_\  
  -ئەنسىرىمە،بۇ كۈمۈش تەنلىك مەھلىقادىن شىر يۈرەك، ئاجايىپ باتۇر  بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ.ئۇ دۇنياغا شۇ دەرىجىدە تونۇلغايكى ھەتتا شىر يولۋاسلارمۇ ئۇنىڭدىن قورقۇپ قەدەم ئىزلىرىنى تاۋاپ قىلغاي.ئاسماندىكى بۇلۇتلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولالمىغاي.جاڭگالنى تىترەتكەن يىرتقۇچ ئارىسلانلارمۇ ئۇنىڭ نەرە تارتقان ياكى توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالسا قورىققىنىدىن بارمىقىنى چىشلەپ قالار.مۈرىسىنى كېرىپ جەڭگە كىرسە ياكى دۈشمىنىگە قارشى گۈرزە كۆتۈرسە  مەن مەن دىگەن باتۇرلارمۇ يەرنى رۇس دەسسەپ تۇرالماس.ئۇنىڭغا ھىچبىر ئباتۇر تەڭ كېلەلمەي دۈشمەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈرەك باغرى قان بولۇر.ئەقىلدە بوۋىسى سامنى تارتسا،قەھىردە مىسالى يىرتقۇچ شىر بولۇر.قامىتى سەرۋىدەك تۈز ۋە ئىگىز ،كۈچى بولسا بەئەينى پىل بولۇر.ئەگەر قەڭ كۈنلىرى نەيزە ئاتىدىغان بولسا نەيزە ئىككى مىل( بىر مىل1.61كىلومتىرغا تەڭ) يىراقلىققا ئۇچۇپ بارغاي.بۇ بالا خاسىيەتلىك بالا بولغىنى ئۈچۈن تۇغۇلغاندىمۇ ئادەتتىكى ئادەملەردەك تۇغۇلمايدۇ،ياشىغاندىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلارغىچە ياشاپ ئىرانغا پاسىبان بولىدۇ.ھەممىنى غەيىپنى بىلگۈچى بىر خۇدا،بىز بولساق ئۇ بىلدۈرگەننى سۆزلىگۈچىمىز.ھازىرقى جىددى ئەھۋالدا قوللىنىدىغان تەدبىر شۇكى ئالماستەك ئۆتكۈر بىر پىچاق كەلتۈرۈڭلار.ئاندىن ئىنتايىن قابىل ۋە قەيسەر دانىشمەن تىۋىپتىن بىرنى تېپىڭلار.ئۇ ئۆتكۈر تىغ بىلەن كىلىننىڭ قۇرسىقىنى يېرىپ بالىنى ئالمىغۇچە بالا ئۆزى دۇنياغا كىلەلمىگەي ! <#J5.I 1  
زال سۇمرۇغنىڭ دىگىنى بويىچە ئۇ دىگەن شەرتلەرگە چۈشىدىغان قولى گۈلۋە شىپالىق،بىر تىۋىپنى تېپىپ كىلىشتى.تىۋىپ قورساقنى يېرىشتىن بۇرۇن سۇمرۇغدىن كېسىش ئۇسۇلىنى سورىۋىدى سۇمرۇغ مۇنداق دىدى: <}:` Y"  
   -كېسىشتىن ئىلگىرى تىغنى ئوت بىلەن پاكىز داغلاپ پاكىزلە، كىلىنننىڭ قۇرسىقىنى كەسكەندە ئاغرىق ئازابىنى ھىس قىلىپ دات پەرياد كۆتۈرمەسلىكى ئۈچۈن تازا مەي ئىچۈرۈپ مەست قىلىۋېتىڭلار. كەسكەندە ئاغرىش ھىس قىلماي  ياخشى ماسلىشالايدۇ ۋە بەك قىينىلىپ كىتمەيدۇ.قۇرساقنى ئاۋايلاپ كىسىپ بوۋاقنى بالىياتقۇدىن  ئېلىپ بولغۇچە تېنى قانغا بويۇلۇپ كېتىدىغان،ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.يۇيۇش ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ پاكىز سۇ ئىشلىتىلسۇن.قورساقتىن شىر يىگىت ئېلىپ بولۇنغاندىن كېيىن  كىسىلگەن يېرى يەنە پاكىز يىپەك يىپ بىلەن تىكىۋېتىلسۇن.مەن ساڭا بىر گىياھ بېرىمەن،سەن ئۇ گىياھنى ئاق سۈت ۋە مۈشك بىلەن قوشۇپ ئىزىپ سايىدا قۇرۇتۇپ ھەر كۈنى قورساقتىكى  كېسىلگەن يارا ئېغىزىغا سۈرتۈپ بەرسەڭ كېسىلگەن يەر تېزلىكتە ئەسلىگە كېلىپلا قالماي ھەتتا تارتۇقمۇ قالمايدۇ. كېسىلگەن جايغا يەنە پېيىمنى سۈرتۈپ بەرسە سايەمدىن  كېسىلگەن جاي تېزراق شىپا تاپار.كېيىنكى ئىشلاردىن غەم يىمە،بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن يەنە مەنۇچېھىر شاھنىڭ يېنىغا  بارساڭ ساڭا تاجۇ تەخت بېرىدۇ.كېيىنكى ئىشلىرىڭ ياش نوتىدەك ساغلام بولغۇسىدۇر. *L9v(Kc  
سۇمرۇغ شۇنداق دەپلا يەنە مۈرىسىدىن يېڭى پەي تاشلاپ بېرىپ كەلگەن ماكانى تامان ئۇچۇپ كەتتى. aW*k,\:e  
;@T0wd_i|  
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بۇ ئىككىنچى بۆلۈم يازمىمىزنىڭ دەسلەپكى قىسمىدۇر. ياش تېۋىپ قۇشنىڭ دىگىنى بويىچە قۇرساقنى يارغاندىن كېيىن بالىنى ئوڭۇشلۇق ئالالامدۇ يوق؟ كېيىنكى ئىشلار زادى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار بۇندىن كېيىنمۇ يەنە ھەر كۈنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ تۇرۇلىدۇ.تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز ھەر كۈنى بۇ تېما  سەھىپىمىزنى چېكىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز! PxgJ7d  
[ بۇ يازما سەھرا ئوغلى تەرپىدىن 2011-07-11 01:11 PM ]

تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-11, 13:12
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
maxal20 مۇنبەر پۇلى +100 07-11 داۋاملىق....!
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
karluk007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14017

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   186 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5653 (سوم)
 ياخشى باھا:   208 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   265  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1359
 سائەت
دەرىجىسى:
1359 سائەت 161 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-15
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

مەن تارىخى شەخىس ئوخشىمايمەنمۇ نىمە؟
رىشتەم
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.395

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   388 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6521 (سوم)
 ياخشى باھا:   234 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   266  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 474
 سائەت
دەرىجىسى:
474 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-22
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

مەنمۇ شۇندەيمە
ئىنكاسىمغا قايلىمىسا ! مىنى پايلاتاملىيا ؟ 
ئەمسە قەنى مەرەمەت
http://www.huxroh.com
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1157 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10211 (سوم)
 ياخشى باھا:   340 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   418  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3193
 سائەت
دەرىجىسى:
3193 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

سۇمرۇغ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن ياش ھېكىم داۋالاش –يېڭىچە تۇغدۇرۇش ئىشىنى باشلىدى.ئۇندىن بۇرۇن قىيىن تۇغۇتقا دۇچ كەلگەنلەر تۇغالمىسا تۇغۇتىدا ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كېتەر ئىدى.ئوپىراتسىيە ئارقىلىق قۇرساقنى يېرىپ بالا ئېلىش  ئۇسۇلىنى تېخى ھىچكىم بىلمەيتتى. بەلكىم رۇدابە تارىختىكى تۇنجى ئوپىراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئايال بولسا كېرەك.ھەممە قانداق بولاركىن دىگەندەك غەمكىن ھالدا داۋالاش ئىشلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا تىۋىپقا ھەمكارلاشقاچ كۈزەتمەكتە ئىدى. رۇدابەگە مەي ئىچكۈزۈلۈپ مەست قىلىنغاندىن كېيىن  ياش تىۋىپ ئۆتكۈر پىچاق بىلەن رۇدابەنىڭ قۇرسىقىنى كەستى،  ئارقىدىن  بالىياتقۇنىمۇ كىسىپ بالىياتقۇدىن بوۋاقنى ئالدى.دىمەك بالا قىلچە زەرەر يەتمەي ئاسانلا تۇغۇلغان ئىدى.پۈتۈن خانىداندىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كىشىلەر تەئەججۈپتە قالدى.تۇغۇلغان بوۋاق ئادەتتىكى بوۋاقلاردىن ئىككى ئۈچ- ھەسسە چوڭ شىر سىياقلىق ئاجايىپ ئوغۇل ئىدى.كېنىزەكلەر ھەيران قېلىشتى. بوۋاقنىڭ چېھرىنى كۆرگەنلەر:‹‹چىرايى قۇياشتىن رۇشەنراق ئىكەن›› دىيىشەتتى.رۇدابەگە شاراپ كۆپ ئىچكۈزۈلگەن بولغاچقا تېخىچە ھۇشىنى بىلمەي مەستلىكتە ھۇشسىز ياتماقتا ئىدى.ياش ھېكىم سۇمرۇغنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يارا ئېغىزلىرىنى يىپ يىڭنە بىلەن تىكىۋېتىپ  سۇمرۇغنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئالدىن تەييارلاپ قويغان دورىنى يارا ئېغىزىغا سۈركەپ قويدى. WyV4p  
تەخمىنەن يېرىم كۈنلەردىن كېيىن رۇدابە ھۇشىغا كېلىپ كۆزىنى ئاچتى.يېنىدا ئاپتاپ مەسەللىك ،2-3ياشلارغا كىرىپ قالغاندەك چوڭ تەنلىك پىلتەن ئوغۇل بىر چىرايلىق ئۇىلاپ ياتماقتا ئىدى.ئانا ئوغلىنى كۆرۈپ ئىللىق كۈلۈمسىرىدى ۋە پىشانىسىدىن سۆيگەندىن كېيىن ئىمىتمەككە مەشغۇل بولدى.زال ھەممىدىن بەك خۇشال بولغان ئىدى.ئۇ غەزىنىدىن ناھايىتى كۆپ پۇل مال دۇنيا سەرىپ قىلىپ ئەل جامائەتنىڭ ئۈستىدىن چاچقۇ قىلغۇزدى.بالىنىڭ ئىسمىنى قويۇش كېرەك بولدى.بالا ئۈنچىدەك چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈپ  ئاتا –ئانىسى ۋە باشقىلارغا تەبەسسۇم قىلدى.چېھرىدە شاھلىق شەرىپى نامايەن بولۇپ تۇراتتى.ئۇ گويا :‹‹رۇستەممەن،تۇغۇلۇشۇمدىن رۇستەممەن›،دەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.شۇڭا ئىسمىمۇ ‹‹رۇستەم›› قويۇلدى.كېنىزەكلەر بۇ شىر بوۋاقنىڭ تېنىدىن ئەنداز ئېلىپ ئەتلەستىن بىر قورچاق تىكىشتى.بۇ قورچاق رۇستەمنىڭ كەلگۈسى ئىقبالىنىڭ ئىش ئىزلىرىنىڭ سىمۋولى ئىدى.قورچاقنىڭ ئىچىگە سەۋسەن يۇڭى تىقىلغان ،بەئەينى بىر ئاتلىق داڭدار پالۋاننىڭ ئوبرازى نامايەن قىلىنغان ئىدى.قولتۇقىغا نەيزە ۋە تۇغ قىستۇرۇلغان،بىر قولىدا گۈرزە يەنە بىر قولىدا تىزگىن تۇتىۋالغان،ئاستىدا ئويناقلاپ تۇرغان ئارغىماق يەر چاپچىپ كىشنەپ تۇرغان،كەينىدىن بىر توپ لەشكەرلىرى سەپ تارتىپ كېلىۋاتقان ھالەت ئىپادە قىلىنغان ئىدى.بۇ ئالاھىدە  قورچاق ئوغۇل نەۋرە كۆرگەننىڭ سىمۋوللۇق خۇش خەۋىرى سۈپىتىدە سام بوۋىسىغا  ئەۋەتىپ بېرىلدى.بۇ بوۋاقنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى كابۇلغىمۇ خەۋەر قىلىنغاچ  بۇ تۇغۇت مۇناسىۋىتى بىلەن كابۇل بىلەن زابۇلىستان تەڭلا بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.تەرەپ تەرەپلەردە تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شاد بەزمىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ  داستىخان مول سېلىنىپ چاچقۇلار ئايىماي چېچىلىپ شاتلىق نامايەن قىلىندى. YdI6 |o@vc  
سام بوۋا ئېلىپ كېلىنگەن باتۇر قورچاقنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.ۋە ئەھۋالنى چۈشۈنۈپ باتۇر ئوغۇل نەۋرە كۆرگەنلىكىدىن  كۆپ خوشال بولدى.ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ قورچاققا كۆزىنى ئۈزمەستىن قاراپ مۇنداق دىدى: SlsNtaNt  
-    گەرچە بۇ قورچاقنىڭ بويى بەلدىن ئىگىز چىقمىسىمۇ نەق ماڭا ئوخشاپتۇ.بۇ شۇنداق باتۇر ئوغۇل بولغايكى بۇلۇتلارمۇ ئۇنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغاي! S1r{2s&  
شۇ سكزدىن كېيىن سام خەۋەرچىگە بويى بىلەن تەڭ دىرھەم  سۆيۈنچە بەردى .ئاندىن دەرگاھىنى خۇددى رەڭدار خورازدەك بىزەپ ناغرا -دۇمباق،ساز- پازلانى چالدۇردى.بۇيرۇققا بىنائەن تەرەپ تەرەپتە تەبرىكلەش مۇراسىملىرىنى ئۇيۇشتۇردى.سەگساردىن تارتىپ مازەندىرانغىچە بىزىلىپ شاتلىق مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى.تەبرىكلەش مۇراسىملىرى بىر ھەپتە داۋاملاشتى.بۇ خوشاللىققا ئورتاقلاشمىغان ۋە دىنار چاچمىلاردىن  نەپكە ئېرىشمىگەن كىشى قالمىدى.كېيىن سام باش خەتتاتنى يېنىغا چاقىرىپ زالغا جاۋاپ خەت يازدۇردى.مەكتۇپ ياخشى سۆز ۋە تىلەكلەر بىلەن جەننەتتەك بىزەندى.ئۇنىڭدا ئەڭ ئالدى بىلەن تەڭرىگە ئاپىرىنلار ئېيتىلىپ- بەندىنىڭ تەڭرى ئاتا قىلغان ئۇلۇغ پەرزەنىت تۈپەيلى ناھايىتى شادلانغانلىقى،تەڭرىگە  رەھمەر ئېيتىش يۈزىسىدىن سانسىز ھەمدۇ سانالار ئېيتقانلىقى بايان قىلىنىپ كىلىپ پالۋان زالغا شان شەرەپلەر تىلەنگەن .ئاخىرىدا بوۋاققا نۆۋەت بېرىپ :‹‹نۇر چېھىر››،‹‹شاھانە››،‹‹پەھلىۋان قامەت›› دىگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ۋە ئۇنى ياخشى ئاسراپ بېقىش ئالاھىدە جېكىلەنگەن ئىدى: ‹‹بالىنى جاننى پىدا قىلىپ بولسىمۇ ياخشى ئاسراڭلار.گۆدەك ھىچبىر زىيان زەخمەت كۆرمىسۇن.مەن تۈنۈگۈن خۇداغا :‹ ئەي ئاللاھ، ئوغلۇمغا ئوغۇل ئاتا قىلغىن› دەپ سېغىنىپ تىلەك تىلىگەن ئىدىم.ئۇلۇغ پەرۋەردىگار ئاخىر تىلىكىمنى ئىجابەت قىلىپتۇ.مەن ئەسلى تېزلا نەۋرەمنى كۆرۈشكە بارماقچى ئىدىم. ئىشلار ئالدىراش بولۇپ قالغاچ بارالمىدىم،كىيىن چوقۇم بارىمەن.تەڭرى نەۋرەمنىڭ  ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن.›› m0G"Aj  
چاپار سامنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن بۇ خەتنى ئېلىپ زابۇلىستانغا قاراپ بوراندەك ئات سېلىپ يۈرۈپ كەتتى.زابۇلىستانغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن زالنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپ سامنىڭ سالامى بىلەن مەكتۇبىنى زال زەرگە يەتكۈزدى.شۇنداقلا سامنىڭ نەقەدەر خوشال بولغانلىقىنى،قانچىلىغان شاتلىق بەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپلا قالماي يەنە ناھايىتى كۆپ پۇل مال دۇنيانى شاتلىق چاچقۇسى قىلغانلىرىدىن تارتىپ ھەممە ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. jnV#Q ;  
ئەمدى گەپنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەھۋالىدىن ئاڭلايمىز.تالاي ئاي كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈشكە باشلىدى.بۇ ئارىدا سىر بولۇپ تۇرىۋاتقان نۇرغۇن تېپىشماقلاربىر- بىرلەپ يىشىلىشكە باشلىدى.گۆداكنىڭ ئىشتىھاسى بەكمۇ ياخشى بولغاچقا بىر ئانىسىنىڭ سۈتى بىلەنلا بېقىپ بولغىىلى بولمىدى.ئىنىك ئانىلار كۆپەيتىلىپ ھەر كۈنى تەيىنلەنگەن ئون ئىنىك ئانا رۇستەمنى نۆۋەت بىلەن ئىمىتىپ ئۇنىڭ سۈت ئېھتىياجىنى ئاران قامدايتتى.شۇ تەرىقىدە بىر يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ رۇستەمنىڭ سۈتتىن ئايرىلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى.ئەمدى كۈتكۈچى ئانىلار ئۇنى نان،كالا سۈتى،ۋە گۆشلەر بىلەن بېقىشقا كىرىشتى.تاماققىمۇ بىر ئوبدانلا كىرىشىپ قالغان ئىدى.رۇستەم سەككىز توققۇز ياشلارغا كىرىپ قالغان چاغلاردا  يەيدىغان تامىقى شۇنچىلىك كۆپەيدىكى بىر ئولتۇرۇشىدا بىر يولىلا 50تاۋاق تاماقنى يەپ تۈگىتىۋېتىدىغان ھالەتكە يەتتى.بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ھەيرانلىقتىن بارمىقىنى چىشلىشىپ:‹‹ يا خەللاق›› دېيىشەتتى.ئۇ بىر تەرەپتىن سەرۋى دەرىخىدەك كۈنسېرى  ئىگىز ۋە قامەتلىك ئۆسسە،يەنە بىر تەرەپتىن ھۆسىن جامالدىمۇ  تەڭ يېتىلىپ ئاسماندىكى ئاي بولدى. ]Jz=. F sO  

قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1157 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10211 (سوم)
 ياخشى باھا:   340 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   418  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3193
 سائەت
دەرىجىسى:
3193 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 02:10

سام نەۋرىسى رۇستەم ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى يەنى ئۇنىڭ ناھايىتى تېز ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقانلىقى،كىچىك تۇرۇۇپلا باتۇرلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ بولغانلىقى،ئەقىللىقلىقى،چىرايلىقلىقى...ۋاي –ۋۇي ئىشقىلىپ نەۋرىسى ھەققىدىكى ھەرقانداق خەۋەرلەرنى قىزىقىپ ئاڭلايتتى،سۈرۈشتۈرۈپ تۇراتتى.رۇستەمنىڭ داڭقى چىققانسېرى سامنىڭ ئۇنى كۆرۈش ھەۋىسى بارغاسېرى كۈچەيدى.شۇنىڭ بىلەن تاقىتى قالمىغان سام بىر كۈنى لەشكەرلىرىنى  باش قوماندانىغا تاپشۇرۇپ،ئىشلارنى ئەتراپلىق تاپىلاپ، ئۆزىگە يېقىن كىشىلىرىدىن ئون نەچچىنى ھەمراھ قىلىپ زابۇلىستانغا قاراپ ئاتلىق يولغا چىقتى.زال دادىسىنىڭ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ دەرھال قىزىنى يوقلاپ كەلگەن قېيناتىسى مىھرابنىمۇ بىرگە ئېلىپ قارا چۈمۈلىلەردەك ناھايىتى كۆپ قارشى ئالغۇچى لەشكەرلەر بىلەن داقا –دۇمباق، ناغرا- سۇنايلارنىراسا چالدۇرۇپ شەھەردىن 2-3 مىل يىراقلىققىچە  ئالدىغا چىقىپ تەنتەنىلىك قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.بۇ مۇراسىمغا شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلۈنگەن ئىدىكى كاناي ئاۋازلىرى شەھەردىن يىراق يېزىلارغا قەدەر ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قارشى ئېلىشقا چىققان لەشكەرلەرنىڭ كۆپلۈگۈدىن لەشكەرلەرنىڭ ئۇزۇن سېپى تاغدىن تاغقا قەدەر سوزۇلۇپ كەتكەن ئىدى.نەگىلا قارىسا،قىزىل ساۋۇت كىيىپ قالقان كۆتۈرىۋالغان لەشكەر كۆرۈنەتتى.پىللارنىڭ ھۆركىرىشى،ئاتلارنىڭ كىشنىشى ۋە ناغرا دۇمباق ئاۋازلىرىنى بەش مىل يىراقلىقتىن ئاڭلاشقا بولاتتى.بىر جەڭگىۋار چوڭ پىلغا كۆچمە تەخىت يۈكلەنگەن بولۇپ ئېسىللىكىدىن ھەممىلا يېرى تىللا بىلەن قاپلانغان ئىدى.رۇستەم ئەنە شۇ كاتتا تەختكە ئولتۇرغۇزۇلۇپ بوۋىسىنىڭ ئالدىغا بىرگە ئېلىپ چىقىلغان ئىدى.رۇستەمنىڭ تۇرقىدىن شىر قامەت،كۈچتۈڭگۈرلۈك،جەسۇرلۇق ۋە بەردەملىك مانا –مەن دەپ بالقىپ تۇراتتى.ئۇ بېشىغا گۆھەر تاج تاقاغان،بېلىگە ئالتۇن كەمەر باغلاپ،قولىغا ئالتۇن كامان تۇتقان،تۆت ئەتراپىدا خىزمەتچى سىپاھلار خوش ئۈستىگە خوش دىيىشىپ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ھالەتتە بوۋىسىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى.بۇ ئارقىلىق زال رۇستەمنى قانچىلىك ئەتىۋارلاۋاتقان ۋە ئاسراۋاتقانلىقىنى ئاتىسىغا كۆرسىتىپ ئۇنى خۇرسەن قىلماقچىدەك قىلاتتى.سام ئۆزىنى قارشى ئېلىشقا چىققانلارنىڭ شۇنچە كۆپلۈگىنى،ئوغلى ئۆزىنى  زور ھۆرمەت، ئالى ئىززەت بىلەن  قارشى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ  چوڭ شەرەپ ھىس قىلدى.ئەسكەرلەر ئىككى سەپ بولۇشۇپ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا سامنى ۋە پادىشاھىنى قوغداپ تۇرۇشاتتى. مىھراب بىلەن زال سامنى يىراقتىن كۆرۈپلا ئاتلىرىدىن چۈشۈپ پىيادە ئالدىغا بېرىپ يەر سۆيۈپ  سامنى قىزغىن قارشى ئالدى.باشقا دۆلەت كاتتىلىرىمۇ تاۋاپ تازىمدا بىرگە ئىدى.ئۇلار سام ھەققىدە مەدھىيەلەرنى  شېئىر قىلىپ ئوقۇپ ئۇنى شەرەپلىدى.قېرى سام تەخت ئۈستىدە ئۇلۇغۋار قىياپەتتە ئولۇرتۇرغان نەۋرىسىنى كۆرۈپ خوشاللىقىدىن چېھرى گۈلدەك ياشناپ كەتتى.   پىل ئۈستىدە سامنىڭ پەرەز قىلغىنىدىنمۇ ھەيۋەت بىر چوڭ سۈپەت باتۇر ئەزىمەت قۇياشتەك پارلاپ ئولتۇراتتى. قاتتىق زوقى كەلگەن سام بارلىق گۇمانلىرى دىلىدىن تارقاپ خوشال كۈلۈپ قويدى.خىزمەتچىلەر پىلنى سامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى.سام نەۋرىسىنى شەرەپلەپ دۇئا قىلار ئىدى:‹‹ئەي شىر يىگىت،ياش پالۋان،مەڭگۈ ئامان بولغايسەن.›› .9DhD=8aIO  
رۇستەممۇ بوۋىسىنى كۆرۈپ تەختتىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ بوۋىىسى ئولتۇرغان تەختنى سۆيۈپ چوڭقۇر ھۆرمەت ئىھتىرام بىلەن سالام بەردى.ۋە پاساھەتلىك تىللار بىلەن بوۋىسىنى ئۇلۇغلاشقا باشلىدى:   =>*}qen  
  -ئەي جاھان پالۋانى ۋە مىنىڭ قەدىرلىك، ئۇلۇغ،جان  بوۋام ،سەن ئەبەدى ساق –سالامەت بولغايسەن.مەن سېنىڭ نىھالىڭ،سەن بولساڭ ئىسىل بۇنيادىمسەن.مەن سېنىڭ سادىق قۇلۇڭ بولۇپ خىزمىتىڭگە ياراپ قالسام ئالەمچە شاتلىق ھىس قىلىمەن.بۈگۈن مەن ساڭا كۆرۈشۈش مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنى ئۇقتۇرۇپ قويايكى، مەن ئەمدى چوڭ بولدۇم،ئەقىل تېپىپ ئوڭ بولدۇم .ئەمدى ماڭا بۇرۇنقىدەك بىكار يەپ يېتىۋەرسەم ياراشمايدۇ.ماڭا ئەمدى سىلەرنىڭ ئەمەس قىلىچ نەيزىلىرىمنىڭ پاناھلىقى كېرەك.قولۇمدا گۈرزىيۇ قالقان،يەنە بىر قولۇمدا كامان،ساداق ئوق بىلەن لىق تولغان.ئەمدى مىنى كىچىك بالىدەك بېقىۋەرمەي  دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى ئۇرۇشقا چىقىشقا بۇيرۇڭلار.مەن باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ھەممە دۈشمەنلىرىڭلارنى تارمار قىلىۋېتەي مەندىن ئەنسىرىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق.ماڭا تەڭرى ئۆزى مەدەتكار.ئەي بوۋا قارىغىنا،چېھرىمدىن تارتىپ بوي بەستىمگىچە پەقەت سېنىلا تارىتتىم.باتۇرلۇق مەرتلىك جەھەتتتىمۇ سېنىلا ئەندىز قىلىپ كەلدىم.مىنى دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى ئۇرۇشتىن توسۇۋالمىغايسەن! b#709VHm  

قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1157 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10211 (سوم)
 ياخشى باھا:   340 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   418  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3193
 سائەت
دەرىجىسى:
3193 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 09:27

كىيىن سام بىلەن رۇستەم ھەر ئىككىلىسى پىللىرىنى تاشلاپ بىر بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇشۇپ پىيادە مېڭىشتى.بوۋىسى ئامراقلىقى كېلىپ نەۋرىسىنىڭ يۈزلىرىدىن تىنماي سۆيەتتى.ئەتراپتىكىلەر بۇ خىل چوڭقۇر ئامراقلىققا ھەيران بولۇشاتتى.كېيىن ئۇلار سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ شەھەرگە كىرىشتى. زال ئاتىسىنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن ساراينى ئالاھىدە بېزىتىپ ئاتىسىنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن جاۋاھىرلىق تەخىت قويدۇرغان ئىدى.ھەممە شاد- خورام تەبەسسۇملۇق ئىدى . سارايدىكى بەزمىدە سۆھبەت راسا قىزىپ كەتتى.نەي،چاڭراۋاپ قاتارلىق تۈرلۈك چالغۇلار بەس بەستە سايرىشاتتى،ھاپىزلار بار كارامەتلىرىنى ئىشكقا سېلىپ بەزىدە ئەنئەنىۋى مۇقاملارنى،بەزىدەشى خەلق ناىشىلىرىنى،ۋە بەزىدە ئاشىقلارنىڭ مۇھەببەتلىك كۈيلىرىنى ئورۇنلاپ سورۇندىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇراتتى.تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدا سام،بىر تەرىپىدە زال،يەنە بىر تەرىپىدە رۇستەم قاتارلىقلار ئۆزىگە يارىشا كىيىملەرنى كىيىپ،ھۇمايۇن پەيلىك تاجلارنى تاقاپ شاد خورام ئولتۇرۇشاتتى. سامنى رۇستەمنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى ھەيران قالدۇراتتى،بىرسى ناھايىتى تەقۋادار بولۇپ تەڭرى نامىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى.يەنە بىرى ئۇ ئادەتتىكى ئاەملەردىن زور پەرىقلىق ھالدا ھەقىقى قاھان پالۋىنىغا خاس بوي بەست بىلەن ئۆسمەكتە ئىدى.بىلەكلىرى دەرەخ غولىدەك يوغان ۋە ئۇزۇن،كۆكرەكلىرى كەڭ،بېلى قەلەمدەك تۈز شۇنداقلا ئىككى ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمىگۈدەك چوڭ ئايلانمىلىق،بويىنىڭ ئىگىزلىكىمۇ ئادەتتىكى نورمال ئادەملەرنىڭ  بويىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك كېلەتتى. پۇتلىرىمۇ تۆگە پۇتلىرىدەك يوغان ئىدى.ماڭسا گۈرسىلدەپ يەرنى تىترىتىپ ماڭاتتى.ھىچنىمىدىن قورىقمايتتى.جاھان باتۇرلىرىغا خاس قاراملىق-دىلىدا شىر قۇدرىتى، يولۋاس شىددىتى ھەرقاچان نامايەن ئىدى. چېھرىمۇ تەڭداشسىز گۈزەل بولۇپ ئادەم پەرزەنىتلىرى ئىچىدە بۇنداق ھەر جەھەتتىن يىتىشكىنى كەم تېپىلاتتى.سام ئەھۋاللاردىن شاد ۋە رازى بولۇپ زالغا شۇنداق دىدى:‹‹تارىختىن يۈز ئەسىرچە ۋاقىت ئۆتسىمۇ ھىچكىم بۇنداق ئاجايىپ ئىشنىڭ بولغانلىقىنى يادىغا ئالالمايدۇ.ھىچكىم سىلەردەك تۇغۇلالمىغان بالىنى قورساقنى يېرىپ ئېلىپ باققان،ئەشۇنداق بالا جاھان پالۋىنى بولۇپ ئۆسۈپ يىتىلگەن ئىشنى تېخى قۇلاق ئاڭلىغان ئەمەس.بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەپكارى بولغان ھېلىقى سۇمرۇغقا مىڭلارچە رەھمەت ئەڭ مۇھىمى ئەشۇنداق ئەقىل پاراسەتلىك،تەدبىرلىك،غايەت زڭور قۇشنى ياراتقان قادىر خۇداغا مىڭلارچە تەشەككۈر.ئەەەر ئۇ مەدەت قىلىپ ئىشىمىزنى ئوڭ قىلمىغان بولسا بىز بۈگۈنكىدەك خۇشال خورام جەم ولۇپ  بىرگەئولتۇرالمىغان بولار ئىدۇق.››  
  بۇ بەزمە –مەشرەپلەر، خۇشال –ئويۇن تاماششىلىق سۆھبەتلەر راسا بىر ئايغىچە داۋاملىشىپ ئۇلار ھايات پەيزىنى قانغۇچە سۈرۈشتى.بۇ بەش كۈنلۈك جاھاننىڭ كارى ئەنە شۇنچىلىك.بىر قېرىسا يەنە بىر نەۋقىران يىتىشىپ چىقىدۇ.ئۇلار ھەركۈنى دىگۈدەك مەي شاراپلارنى بولۇشىغا ئىچىپ مەست بولۇشۇپ، مەستلىكتە ئوڭ- تەتۈر سۆزلەرنى قىلىشىپ مەستلىكتىكى سۆزلەرگە تە بولۇشماي شىرىن سۈخەن ئاۋات كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشتى.بۇ سورۇنلاردا مىھراب شاھمۇ بار ئىدى.بىر كۈنى ئۇ راسا ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ ئۆزىدىن باشقىلارنى تونىماي مەستلىكتە مۇنداق دىدى:‹‹مىنىڭ رۇستەمدەك باتۇر نەۋرەم بار،مەن ئەمدى زالنىڭ سىپاھلىرىدىنمۇ،شاھىنشاھ مەنۇچېھىردىنمۇ،تىغ يامغۇرى،ئوت دېڭىزلىرىدىنمۇ قورىقمايمەن.ماڭا ئەمدى،بۇلۇتمۇ سايە سالالمايدۇ،ھىچكىم قارشى چىقىپ بوۋام زەھھاكنى تىرىلدۈرۈشۈمگە توسالغۇ بولالمايدۇ.مەن ئەمدى قايتىدىن تۇپراقنى مۈشك –ئەنبەرگە، قىممەتىك تۇتىياغا ئايلاندۇرىمەن،رۇستەمگە كابۇلدا ئاسمان پەلەك بىنالارنى ياسىتىپ راھەت تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئالدۇرىمەن....››مىھراب شۇنداق ئاچچىق،كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان،تەنە مالامەت ئارىلاشقان سۆزلەرنى قىلسىمۇ بىرىنچىدىن مىھمانلىق ھۆرمىتى،ئىككىنچىدىن قۇدا ھەم قېيناتىلىق ئىززىتى،ئۈچىنچىدىن مەستلىكتە ھەرنىمىلەر دىيىلىدىغان بولغاچ ھىچكىم ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئېرەن قىلىپ كەتمىدى.بەلكى سورۇندا ئېيتىلغان قىزىقچىلىق سۆزى دەپ تونۇشۇپ تېلىقىپ تېلىقىپ  كۈلۈپ ئۆتكۈزىۋېتىشتى. f  
ئويۇن تاماششا سورۇنى بىر ئاي داۋاملىشىپ ئاخىرلىشىپ يېڭى ئاي بېشى يىتىپ كەلگەندە سام ئۇلار بىلەن خوشلۇشۇپ يەنە  سەپەرگە چىقتىى.زال ئوغلى رۇستەم  بىلەن پىل مىنىشىپ باشقا مۇھىم دۆلەت ئەرباپلىرى بىلەن ئۇنى ئۇزۇتۇپ خېلى ئۇزاق يەرگىچە بىرگە بېرىشتى.سام كىتىۋېتىپ ئاتا مەقبۇرىيىتى تۈپەيلىدىن ئوغلى زال زەرگە پەندى نەسىھەت قىلىپ ماڭدى:‹‹ ئەي ئوغلۇم،ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇپ تۇرغاي،قىلچە پالاكەت كۆرمىگەيسەن.مەملىكەت ئىشىدا ھەرقاچان ئەدلى ئادالەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قوي.ئىىم پەن كىشىلىرىنى،دانا مۇتەپەككۇرلارنىدوست تۇت ھەرگىز يېنىڭدىن ئايرىماي مۈشكۈل ئىشلارنى ئۇلار بىلەن مەسلىھەتىشىپ ئاندىن قىل.شاھنىڭ پەرمانىدىن ھەرگىز چىقمىغىن.يامان ئادەملەر،يامان ئىشلاردىن ھەرۋاقىت نېرى قاچ. يولۇڭنى تەڭرى يولى يورۇتسۇن.دائىم ئىچىڭ بىلەن تېشىڭ بىردەك بولسۇن.نەسىھەتلىرىمنى ھەرقاچان ئېسىڭدە چىڭ تۇت.توغرا يولدىن ئۆمۈرۋايەت يانما .مەن بۇندىن كېيىن يەنە بۇنداق پەندىلەرنى بېرەلەيمەنمۇ يوق بىلمەيمەن.ئۆزۈمگىمۇ ئايان ،ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالغاندەك ئانچە بەك ئۇزاق ۋاقىت ياشىيالمايدىغاندەك كۆڭلۈمدىن كېچىۋاتىدۇ.ئۇلار شۇ تەرىقىدە ئۈچ مەنزىلەىچە ئۇزۇتۇپ بىرگە بېرىشتى. سام پەندىلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بۇ بىر جۈپ پەرزەنتىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ خوشلاشتى .بىللە كەلگەن سىپاھدار لەشكەرلەر ئۇنى قورۇغداپ بىرگە ماڭدى.زالمۇ رۇستەم بىلەن قايتىپ كېلىپ ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشۇل بولۇشتى. 7*&q"   

قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
aptap104
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12462

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   423 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7798 (سوم)
 ياخشى باھا:   319 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   457  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2678
 سائەت
دەرىجىسى:
2678 سائەت 72 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-02
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 19:02

  
ئالەمدە پەقەت خوجايىن بىر ئاللاھدۇر!
ھاياتلىق ھەممىدىنئەۋزەل . لىكىن چاشقاندەك ياشاش ئادەمگە مەنا ئاتا قىلمايدۇ.
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1157 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10211 (سوم)
 ياخشى باھا:   340 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   418  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3193
 سائەت
دەرىجىسى:
3193 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 01:06

رۇستەم بىر كۈنى ئاتىسى زال زەر ۋە باشقا دوستلىرى بىلەن ئوردا ئەتراپىدىكى ھاۋالىق،شىپاڭ راۋاقلىق ،گۈزەل بىر باغدا يىغىلىپ ئۈلپەت بولۇشۇپ سورۇن تۈزۈپ ئولتۇردى.ئۇلار بىر تەرەپتىن ئىسىل مەي -شاراپلاردىن ئىچىپ،يەنە بىر تەرەپتىن ناخشىچى سازەندىلەرگە شوخ ناىشا مۇزىكىلارنى ئورۇنلاتقۇزۇپ،كېنىزەك قىزلارنى لەرزان ئۇسۇللارغا سېلىپ ئۇسۇلدىنمۇ ھوزۇرلىنىپ:‹‹غىزانىڭ ياخشىسى پاخلان گۆش كاۋاپ،ئويۇننىڭ ياخشىسى شوخ ناخشا راۋاپ›› دىگەن شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلاپ ئالامەت پەيزى قىلىپ ئولتۇرۇشتى. قىپ- قىزىل رەڭلىك كۈچلۈك ئۈزۈم شارابى كۈمۈش قەدەھلەرگە قۇيۇلۇپ نۆۋەت بويىچە ئايلىنىپ باشلارنى پەيدىن -پەي ئايلاندۇرماقتا ئىدى.ئارلىقتا زال ئوغلى رۇستەمگە مۇراجەت قىلىپ شۇنداق دىدى: p]E\!/  
   -ئەي داڭدار ئوغلۇم،مەرتلىك،كەڭ قوللۇق،شاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ ياخشى خىسلىتى.باھادىر دوستلىرىڭنى تېخىمۇ خوشال قىلاي دىسەڭ- ئۇلارغا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىسىل ئات دىگەندەك  قىممەتلىك نەرسىلەردىن مۇكاپات بەرگىن! 8%Eau wAx  
رۇستەم ئاتىسىنىڭ بۇ ياخشى مەسلىھەتىدىن سۆيۈنۈپ دەرھال غەزىنىدىن قىزىل ئالتۇن،قىممەتلىك گۆھەر جاۋاھىرات،ئىسىل تون سەرۇپاي،ۋە چاپچىپ تۇرىدىغان تۇلپار نەسىللىك ئەرەپ ئاتلىرىدىن كەلتۈرۈپ دوستلىرىغا ۋە شۇ سورۇندىكى پالۋان سەركەردىلەرگە سوۋغا قىلىپ ئۇلارنىڭ شاتلىقىنى پەلەككە يەتكۈزۈپ  ئۆزىنى تېخىمۇ قوللايدىغان،چوڭ بىلىدىغان قىلدى.سورۇن ھەممەيلەن ئېغىر كەيىپ بولۇپ :‹‹ئەمدى بولدى قىلايلى›› دىگۈچە داۋاملاشتى... 1@W*fVn  
رۇستەم ئولتۇرۇشتىن قايتىپ كېلىپ  كەيىپنىڭ كۈچىدە قاتتىق ئۇيقۇسى كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئالى ياسالغان ھوجرىسىدا كارۋاتقا چىقىپ ياتتى.ياتتىيۇ كۆزى ئۇيىغا ئىلىندى.پۇتكۈل ھويلا باغۇ -بوستاننى جىمجىتلىق باستى.ئارىدىن خېلى بىر ۋاقىت ئۆتكەندە ھويلىدىن خىزمەتچىلەرنىڭ دۈپۈرلەپ قېچىشقان، ئاللا- چۇقان كۆتۈرۈشكەن ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ رۇستەم ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ كەتتى ۋە نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتى.ئەسلىدە شاھنىڭ ئاق پىلى باغلاقتىن بوشاپ كەتكەن بولۇپ ھىچكىمگە تۇتۇق بەرمەي ھەر تەرەپلەرنى مالتىلاپ ھەممەيلەننىڭ ئارامىنى بۇزىۋەتكەن ئىدى.رۇستەم تېخىچە مەستلىكتىن يىشىلمىگەن ئىدى.بۇ خۋەرنى ئاڭلاپ كەيىپچىلىكتە قاتتىق زەردىسى قايناپ پىل بىلەن ئېلىشماقچى ۋە ئۇنى بويسۇندۇرماقچى بولۇپ بوۋىسىنىڭ كالا باشلىق گۈرزىسىنى قولىغا ئېلىپ ھويلا ئىشىىكىكە يۈگۈردى .قۇلۇپنى بىرلا تارتىپ يۇلۇپ تاشلاپ  سىرتقا ئېتىلدى.لىكىن غۇلاملار ۋە چاكارلار  ئۇنى نەدىمۇ ماڭغىلى قويسۇن؟! ئۇلار رۇستەمگە ھاي بىرىپ يەڭ ۋە قوللىرىغا ئېسىلىۋېلىپ: zz_(*0,Qcr  
-    ئەي شاھزادەم،كىچىدە قۇترىغان پىلنىڭ يېنىغا بارغانلىق ئۆزىگە ئۆلۈم تىلىگەنلىك بىلەن باراۋەر.كونىلار:‹‹ قۇترىغان پىلنىڭ يېنىغا بارغۇچى- ئۆزىگە ئەزرائىل چاقىرغۇچى.ئۇنداق ئادەمنىڭ ئالدىغا تىۋىپ ئەمەس مىيىت يۇيغۇچى چاقىرىش كېرەك›› دەپ نەسىھەت قىلىشقان، ھويلىدىن چىققۇچى بولمىسىلا سىلىگە بىرەر خەتەر يىتىپ قالسا بىرىمىزمۇ ساق قالمايمىز –دىيىشىپ ئۇنى بىر قەدەممۇ  ماڭغىلى قويمىدى.كەيىپلىكتە زەردىسى قايناپ ئاران تۇرغان رۇستەمگە بۇنداق گەپ خوش ياقاتتىمۇ ئەكسىچە ئوت ئۈستىگە ماي چاچقاندەك زەردىسىنى تېخىمۇ قاينىتىۋەتتى.ئۇ ئوڭ قولىنى تارتىۋېلىپ سول قولىغا ئېسىلىۋالغان بىرسىنىڭ بېشىغا بىر مۇشت سېلىۋىدى.ھېلىقى خىزمەتكارنىڭ بېشى خۇددى چالمىدەكلا ئېزىلىپ تاش تىگىپ مىجىلغان شاپتۇل يەرگە چۈشكەندەك گەۋدىسىىدىن ئۈزۈلۈپ‹‹ پوك›› قىلىپ يەرگە دومىلاپ چۈشتى.ئاندىن كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ،ھەممىسىدىن  يۈز ئۆرۈپ بىر قارىۋىدى.غۇلاملار قاچا-قاچ بولۇشۇپ ئۇنىڭ ئەتراپىدىن نېرى كىتىپ يوشۇرۇنىشىۋېلىپ بىرىمۇ كىلىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.رۇستەم چوڭ ئىشىككە چىقىپ ئۇنىڭ قات-قات زەنجىرلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. تارتىپمۇ ئۈزىۋېتەلەيدىغان نىمىسىگە غەزىپى چىكىگە يەتكەن بولغاچ ئالدىرىغان بويى گۈرزە بىلەن بىر قويۇۋىدى ئىشىك پاچاقلىنىپ زەنجىرمۇ پارچە-پارچە بولۇپ يەرگە چۈشتى.ئاندىن تاشقىرقى ھويلىغا يۈگرەپ چىقتى.ئاق پىل خۇددى كۆچمە ئاق تاغدەك ھويلا ۋە باغدا ئۇچرىغانلا ئادەمنى سۈرۈپ يۈرەتتى.باتۇرلارمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلىشالماي بۆرىدىن قاچقان قوزىدەك ئۆزىنى ھەريان قاچۇرىشاتتى.ھويلا ۋە باغ خۇددى قىيامەت بولغاندەك پاتىپاراقچىلىق بىلەن تولغان ئىدى.رۇستەم خۇددى قۇترىغان شىردەك نەرە تارتىپ كىلىۋىدى ئاق پىلمۇ ھەيۋەتلىك تاغسىمان يوپۇرۇلۇپ شىپقاپ كەلدى.پىل خارتۇمى بىلەن يۆگەپ تۇتۇۋېلىپ زىيان سېلىش مەقسىدىدە خارتۇمىنى شۇنداق سوزىشىغا رۇستەم ئۇنىڭ خارتۇمىدىن تۇتۇۋېلىپ سىلكىپ-سىلكىپ تارتتى.پىل ئىككىنچى ھۈنىرىنى كۆرسۈتۈپ بولغۇچە تەھەمتەن(رۇستەم بەزىدە شۇنداق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) گۈرزە بىلەن بېشىغا كىلىشتۈرۈپ بىر قويۇۋىدى.ھەيۋەت بىلەن يوپۇرۇلۇپ كىلىۋاتقان پىل شۇ زامان بوشۇشۇپ خۇددى ئىگىز تاغ غۇلىغاندەك‹‹ گۈلدۈر›› قىلىپ يىقىلىپ چۈشتى.ئاق پىلنىڭ باياتىنقى ئالەمگە پاتماي قالغان ھەيۋىسىدىن بىردەمدە ئەسەرمۇ قالماي خار- مىسكىن بولۇپ يەردە يېتىپ قالدى.بىردەمدىن كېيىن ئەتراپقا يوشۇرىنىۋالغانلار پىلنىڭ مىدىر قىلماي ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئكلگەنلىكىنى قەزىم قىلىشىپ بىردىن- ئىككىدىن پىلنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىشتى.رۇستەم بولسا ىاتىرقەم بولۇپ چالا قالغان ئۇيقۇسىنى ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاق ھوجرىسىغا قاراپ ماڭدى... _my!YS5n  
ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇياتچان گۈزەل كىلىن،نۇرلۇق قۇياش ئوتقاشتەك شەرىق ئاسمىنى مەپىسىگە ئۇيالغاندەك  قىزىرىپ چىققىنىدا زال كېچىدىكى بۇ ‹‹ئاجايىپ جەڭ››دىن خەۋەر تاپتى .بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلاش نىسىپ بولغان قانداق ئاتا  ئۆز ئوغلىدىن ئىپتىخارلانماي تۇرالىسۇن؟! ئۇ بىر تەرەپتىن ئاق پىلىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ھەسراتلەنسە ،يەنە بىر تەرەپتىن ئوغلىنىڭ بۇنداق تېز يىتىلىپ كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك قالتىس ئالەم پالۋىنىغا ئايلانغانلىقىدىن شەرەپ ھىس قىلاتتى .شۇ چاغدائۇنىڭ ئىسىگە سۇمرۇغنىڭ ۋە يۇلتۇز سانار پالچىلارنىڭ مەنۇچېھىر ھوزۇرىدا بۇرۇن بەرگەن بىشارەتلىرى كەلدى.ئۇ ئادەملىرىگە قاراپ : cy @",z  
   -ئاق پىل ئاجايىپ باتۇر  پىل ئىدى.جەڭلەرگە مىنىپ چىقسام باتۇرلۇق كۆرسىتىپ دۈشمەن قېنىنى نىلدەك ئاققۇزاتتى.ناھايىتى كۆپ جەڭلەر ئۇنىڭ كۈچى جاسارىتى بىلەن غەلىبىگە يۈزلەنگەن ئىدى.دۈشمەن سىپىگە بۆسۈپ كىرىپ قەدىمىنى قاياققا بۇرىسا غەلىبىمۇ شۇياققا يۈزلىنەتتى.دۈشمەنلەرمۇ ئۇنىڭدىن ئەزرائىلدىن قورىققاندەك قورقاتتى.ھالا بۈگۈن ھىچقانداق ئۇرۇشتا يىڭىلمەي كەلگەن ئاق پىلىم ئوغلۇم رۇستەمنىڭ قولىدا يەر چىشلەپتۇ. بوپتۇ.ئاق پىلىم ئۆلگەن بىلەن ئاللاھ ماڭا ئاق پىلدىنمۇ مىڭ ھەسسە باتۇر ۋە شىجائەتلىك قەھرىمان ئوغۇل بېرىپتۇ.مۇشۇنىڭ ئۆزى مىنىڭ خوشال بولۇشۇمغا ،شەرەپ ھىس قىلىشىمغا يىتىپ ئاشىدۇ،ئوغلۇمنى چاقىرىڭلار ! –دىدى. )N'rYS' 9  
رۇستەم چاقىرىپ چىقىلغاندا زال زەر ئۇنى تېخى ئەمدىلا كۆرىۋاتقاندەك ئۈستىبېشىغا  يېڭىباشتىن سەپسېلىپ چىقتى.يېقىن دوستلاردەك ئۇنىڭ ئالقىنىغا ئۇرۇپ كۆرۈشۈپ ھۆرمەت ۋە ئىپتىخار ئىلكىدە پىشانىسىگە سۆيدىۋە دىدى: %("WoBPH`  
  -ئەي باتۇر ئوغلۇم،تەڭداشسىز شىر بالا! بۈەۈن شۇنى بايقىدىمكى چاڭگىلىڭ قۇدرەتلىك كۈچكە تولۇپتۇ.گەرچە ياش بولساڭمۇ ئالەمدە ساڭا بارابەر كەلگۈدەك ئىككىنچى بىر ئەر تېخى ئانىسىدىن تۇغۇلمىدى.بۈگۈن ساڭا شۇنداق پەرمان بېرەيكى داڭقىڭ ئەتراپقا تارالماستىن،مەقسەد ئارمانلىرىڭ ئاشكارە بولماستىن بۇرۇن بوۋاڭ نەرىماننىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلىپ لەشكەر بىلەن سىپەند تېغىغا قاراپ ئات سالغىن.ئۇ يەرنى قانداق جاي دەپ سورىساڭ،شۇنداق ئىگىز بىر قەلئە شەھەركى بېشى ئاسمانغا تاقىشىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھەتتا بۈركۈتمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ،قەلئەسىنىڭ ئىگىزلىكى تۆت پەرسەڭ، كەڭلىكىمۇ تۆت پەرسەڭ كېلىدۇ.ئۇ يەردە ،سۇ،ئوت- چۆپ،دىنار ئالتۇن،ھەر خىل قۇش ۋە ھايۋانلار،ناھايىتى كۆپ ئىنسانلار بار.دەل-دەرەخلىرىنىڭ سان ئېدىتى يوق.يايلاق ئىكىنزارلىرىمۇ كۆز يەتكۈسىز. پاك پەرۋەردىگار قۇدرەت كامالى بىلەن شۇنداق ياراتقان ئاجايىپ بىر زىمىندۇركى تا ھازىرغىچە ھىچكىم بۇنداق بىر دىياردىن ئىككىنچى بىرىنى كۆرۈپ باقمىغان.بۇ يەرنىڭ قەلئەلىرى شۇنچە ئىگىز بولغان بىلەن چىقىدىغان بىرلا يولى بار.لىكىن بەكمۇ تار.دەرۋازىسىمۇ ئاسمان پەلەك ئىگىز ۋە ھەيۋەتلىك. پەرىدۇن شاھنىڭ زامانىدا شاھ بىرىنچى پالۋانى بوۋىمىز نەرىماننى دەل مۇشۇ سىپەند تېغىغا ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ ئۇ يەردىكىلەرنى بويسۇندۇرۇپ كىلىشكە بۇيرۇغان ئىكەن.بوۋىمىز ئۇ يەرگە بېرىپ بىرنەچچە زامان باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىپتۇ ئالالماپتۇ.ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نۇرغۇن ھىيلىلەرنى قىلىپ باقسىمۇ يەنە كار قىلماپتۇ.شۇندىمۇ بوۋىمىز ئىرادىسىدىن يانماي كۆپ يىللارغىچە بۇ قەلئەنى قورشاپ داۋاملىق جەڭ قىلىۋېرىپتۇ.قازارا بىر كۈنى بوۋىمىز قەلئە ئەتراپىنى چارلاۋاتقاندا ياۋۇز ھىيلىگەر دۈشمەنلەر ئۈستىدىن تاش غۇلىتىپتۇ.بوۋىمىز ئەنە شۇ تاش بېسىۋېلىپ قازا قىپتۇ.يولباشچىسىدىن ئايرىلغان قوشۇنلىرى داۋاملىق جەڭ قىلىۋېرىشنى خالىماي ئاخىر قايتىپ كەپتۇ. بىر ھەپتىلىك ماتەمدىن كىيىن بوۋاڭ سام ئاتىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە قوشۇن باشلاپ بېرىپ ئۇمۇ نەچچە يىل قورشاپ ياتقان، باتۇرلارچە جەڭ قىلغان بولسىمۇ قەلئە ئىچىگە كىرىدىغان يول تاپالمىدى.بۇ قەلئەگە نە بىرەر تىرىك جان كىرمەيدىكەن،نە ئۇنىڭدىن بىرەر چاشقان چاغلىق نەرسە سىرتقا چىقمايدىكەن.دەرۋازىسى يىللاپ تاقاق تۇرسىمۇ خەلقى بىرەر نانغا مۇھتاجلىق سەزمەيدىكەن.شۇندىن بۇيان بوۋاڭ سام ئاتا قىساسىنى ئالالماي بىئاراملىق ئىچىدە  نائىلاج قايتىپ كەلگەن ئىدى.جان ئوغلۇم ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى.سەن ئۇ يەرگە بارغىنىڭدىن كېيىن بوۋىلىرىڭدەك قاراملىق قىلماي ئەقىل پەم ئىشلىتىپ خۇشال خورام ھالدا سودىگەر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ  چوڭ كارۋان باشلاپ بارغىن.سەن تېخى تولۇق نام چىقارمىدىڭ،سېنى تونۇيدىغانلار كۆپ ئەمەس،سودىگەر قىياپىتى بىلەن بارساڭ بەلكىم ئۇلار سودا سېتىققا قىزىقىپ بولسىمۇ دەرۋازىسىنى ئېچىپ قالار،سەن ئادەملىرىڭ بىلەن قەلئە ئىچىگە كىرىپلىۋالالىساڭ كۈچۈڭنى نامايەن قىلىپ ھەرقانداق كۈچلۈك ياۋنىمۇ يوقۇتىۋېتەلەيسەن.شۇنى ئۇنۇتمىغىنكى جەڭدە باتۇر بولۇپلا قالماي ئەقىللىق تەدبىرلىك بولۇپ، ئۇ ئەبلەخلەرنى بويسۇندۇرۇپ شېخىنى يىلتىزى بىلەن قوشۇپ يۇلۇپ تاشلىغىن. V3v/h V:  
كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ ئۇنى ئىشلىتىدىغان يەر تاپالماي تۇرغان باتۇر رۇستەمگە بۇ بۇيرۇق مايدەك ياقتى.شۇڭا دەرھال خوشاللىق بىلەن بۇيرۇقنى قوبۇل قىلدى: GMW, +  
  -بېشىم بىلەن    -دىدى ئۇ   - پەرمانىڭىزنى قوبۇل قىلدىم .مەن ئۇ يەرگە بارغان ئىكەنمەن چوقۇم كىرىشنىڭمۇ چارىسىنى قىلىمەن. tx_h1[qi  
  -ئەي ئوغلۇم،ئەس ھۇشۇڭنى يىغ،ھەربىر ئىشتا قاتتىق ئېھتىياتچان بول،سۆزۈمدىن ھەرگىز چىقما.بۇيرۇقۇمغا بىنائەن چۆلدىن تۆگىلەر كىلىدۇ.خاس باتۇر يىگىتلىرىڭنى ۋە لەشكەرلىرىڭنى كارۋاندىكى سودىگەر ۋە قورۇغدىغۇچىلاردەك قىلىپ ياسا تۆگىلەرگە باشقا مال قاچىلىماي پەقەت ئاشتۇزىلا قاچىلا ،نىمىشقا دىسەڭ مىنىڭ ئۇ قەلئە ھەققىدە ئالغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتىمدىن قارىغاندا ئۇ قەلئەدىكىلەرنىڭ ھەممە نەررسىسى تولۇق ئىكەن .پەقەت ئاشتۇزىلا كەمچىل ئىكەن. ئۇلاردا ئاشتۇزى بولمىغاچقا ھەم سىرت بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىغاچقا  تۇز قەھەتچىلىكى بەكمۇ ئېغىر ئىكەن.شۇڭا ئۇلار تۇزنى ھەممە نەرسىدىن ئەلا بىلىدىكەن.ئەگەر سەن تۇز سودىگىرى بولۇپ ياسىنىپ بارساڭ قەلئەگە كىرەلىشىڭ ۋە غەلىبە قىلالىشىڭ مۈمكىن. w)7s]Ld  
1}ER+;If  

قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1157 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10211 (سوم)
 ياخشى باھا:   340 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   418  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3193
 سائەت
دەرىجىسى:
3193 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 22:12

رۇستەم زالنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ شۇ ھامان سەپەر ھازىرلىقىنى قىلىشقا كىرىشتى.ئۇ ئاتىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يېقىن دوستلىرى ۋە باتۇر مەرت پالۋانلاردىن يەتتە كىشىنى ھەمراھ قىلىپ تاللاپ 10نەچچە تۆگىگە تاغارلارغا قاچىلانغان تۇز ئارتىپ تۇزئارىسىغا قىلىچ خەنجەرلىرىنى يوشۇرۇپ ھەممىسى تۇزچى كارۋانلاردەك  ياسىنىپ سەپەرگە ئاتلاندى. Zonr/sA~  
ئۇلار بىرنەچەچە ھەپتە يول يۈرۈپ ئاخىر سىپەند تېغىغا يىتىپ باردى.قارىغۇدەك بولسا ھەقىقەتەن ئاتىسى تەسۋىرلەپ بەرگەندەك  كۆككە بوي سوزغان بۇلۇتلاردىنمۇ ئىگىز بىر قەلئە ئىكەن.ھەممە تەرىپى ئىگىز قەلئە تېمى بىلەن توسۇۋېتىلگەن بولۇپ سىرتقا قارايدىغان بىرلا دەرۋازىسى بار ئىكەن.لىكىن بۇ دەرۋازىسىمۇ يىل بويى تاقاقلىق تۇراتتى.ئۇلارقەلئە دەرۋازىسىغا يېقىنلا يەردىكى ئورمانلىق بويىغا كىلىپ تۆگىلىرىنى توختۇتۇپ  يالغاندىن ھاردۇق ئېلىپ ئولتۇردى. >SHP,> 
قەلئە دەرۋازىسىنىڭ قاراۋۇلى ئۇلارنى كۆرۈپ دەرھال  قاراۋۇلخانىغا  يۈگرەپ كىرىپ سەردارىغا ئەھۋال مەلۇم قىلدى: bwyj[:6l  
  -دوكلات سەردار جاناپلىرى.ئون نەچچە ئادەمدىن تەشكىللەنگەن تۆگىلىك بىر كارۋان قەلئە دەرۋازىسى ئۇدۇلىغا كېلىپ چۈشكۈن قىلىپ ئارام ئېلىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ باشچىسى ئىگىز بويلۇق بىر پالۋان سۈپەت كىشىكەن.ئۇلار تۆگىلىرىگە نۇرغۇن تاغار ئارتىۋاپتۇ.گۇمانىمچە تۇز سودىگەرلىرىدەك قىلىدۇ. @FaK/lKK  
سەردار بۇ مەلۇماتنى ئاڭلاپ سىرتقا دەرھال ئەھۋال ئۇقۇپ كىرىش ئۈچۈن چاپار چىقاردى: F2!]T=  
   -سەن چىقىپ ئەھۋال ئۇقۇشۇپ كىرگىن،كارۋاننىڭ باشچىسى كىم ئىكەن،بۇ يەرگە نىمە مەقسەد بىلەن كەپتۇ.تۆگىلىرىگە ئارتىۋالغىنى نىمە ئىكەن؟ تېزرەك بىلىپ كەل،چاققان ۋە زېرەك بول،ھاڭۋاقتىلىق قىلما ! تېز بېرىپ،تېز قايتىپ كەل! TrR=3_;.7  
چاپار قەلئەدىن شامالدەك تېز چىقىپ رۇستەمنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن سورىدى: K9QC$b9(  
   -ئەي كارۋان بېشى، تۆگەڭلارغا ئارتىپ كەلگىنىڭلار نىمە؟ بۇ يەرگە نىمە مەقسەد بىلەن كەلدىڭلار؟ ئەھۋالىڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار ! مەن كىلىش مەقسىدىڭلارنى ئۇقۇپ سەردارغا ئەھۋال مەلۇم قىلاي.ئاندىن نىمە پەرمان بەرسە شۇنى سىلەرگە يەتكۈزەي. -(JBgM"  
رۇستەم مۇلايىم قىياپەتتە كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى: s_ %LU:WC  
-كىرىپ داڭدار باشلىقىڭغا ئېيت،بىز شەھەرمۇ شەھەر يۈرۈپ تۇز تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەر.سودا بىلەن كېتىۋېتىپ بۇيەردىن ئۆتۈپ قالدۇق.ئەگەر شەھىرىڭلاردىكىلەرنىڭ تۇزغا ئىھتىياجى بولسا بىزنى قارشى ئالساڭلار كىرىپ سودا قىلىپ كەتسەكمۇ بولىدۇ.ئېھتىياجىڭلار بولمىسا سىلەرمۇ بىزنى ئاۋارە قىلماڭلار، بىزمۇ ئۆز يولىمىزغا مېڭىۋېرىپ كۆزلىگەن يېرىمىزگە بېرىپ سودا قىلساقمۇ بىزگە زىيان يوق.ئىشقىلىپ مېلىمىز نەگىلا بارساق بازىرىئىتتىك مال. 'cPE7uNT  
چاپار بۇ گەپنى ئاڭلاپ قايتىپ كىرىپ باشلىقىغا يەتكۈزدى.باشلىقىنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ىوشال بولغىنىدىن ئاغزى يۇمۇلمايلا قالدى.ۋە تېزلىكتە بۇيرۇق چۈشۈردى: 0S#T}ITm4Z  
  -دەرۋازا ئېچىلسۇن،تۇز سودىگەرلىرى قەلئەيىمىزگە كىرگۈزۈلسۇن! S<81r2LT  
دەرۋازىۋەنلەر دەرھال يوغان دەرۋازىنى ئاچتى.رۇستەملەر تۆگىلىرىنى يېتىلەپ  ئامان ئىسەن دەرۋازىدىن قەلئە ئىچىگە كىرىۋالدى.تۇز سودىگەرلىرىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان شەھەر خەلقى كەلكۇن سۇدەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ بۇ ‹‹تۇز سودىگەرلىرى››نى ئورىۋېلىشتى.رۇستەم بىرىنچى بولۇپ سەردارنىڭ يېنىغا كىرىپ يەر سۆيۈپ تۈرۈپ سەردارنى قۇتلۇقلىدى ۋە ئۈچ تاغار تۇزنى ئۇنىڭغا سوغا قىلىپ بەردى.سەردار تېخىمۇ خوشال بولۇپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى: e'T|5I0K  
   -ئەي كارۋان بېشى ،بېشىڭ مەڭگۈ ئامان بولسۇن.شادلىق ھەمىشە ھەمراھىڭ بولسۇن.ئىقبال قۇياشىڭ دائىم نۇر چېچىپ تۇرسۇن.ئەسلى سوغا قوبۇل قىلمايتتىم، قارىسام ياخشى ئادەمنىڭ بالىسىدەك قىلىپ تۇرىسەن.شۇڭا ساڭا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ سوغاڭنى قوبۇل قىلاي.قەلئەيىمىز تولىمۇ باي باياشات.ھىچنىمىدىن غېمىمىز يوق.پەقەتلا تۇزغا ئېھتىياجىمىز بار ئىدى.سىلەر تۇز ئېلىپ كىلىپ خوپ ئوبدان ئىش قىلىپسىلەر.بىمالال شەھەرگە كىرىپ خالىغان جايدا تۇز سوداڭلارنى قىلىۋېرىڭلار.بۇندىن كېيىنمۇ تۇز ئېلىپ كەلسەڭلار دەرۋازىمىز سىلەرگە ھەر زامان ئوچۇق. ZmAo 9>'Kg  
رۇستەملەر سەردارنىڭ رۇخسىتىگە بىنائەن بازارنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىگە بېرىپ يالغاننى راستەك قىلىپ ئويناپ شەھەر خەلقى بىلەن تۇز سودىسى قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. تۇز ھەممىلا ئادەمگە جىددى ئېھتىياجلىق بولغاچقا نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر سودىگەرلەرنى قورشىۋېلىپ سودا قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. بۇ قەلئەدىكىلەر پۇل  ئىشلەتمەيتتى.لىكىن قىممەتلىك نەرسىلىرى  كۆپ ئىدى.بىرلىرى ئىسىل كىيىم بەرسە ،بىرلىرىكۈمۈش،بىرلىرى قاشتېشى بەرسە بىرلىرى ئالتۇن،يەنە بەزلىرى گۆھەر ياقۇت بەرسە يەنە بەزىلىرى ئالماس ياكى مەرۋايىتلانىمۇ ئېلىپ كىلىشەتتى. قانچە قىممەت ساتسىمۇ قىلچە ۋايسىماي تۇزغا ئېرىشەلىگىنىگە خوشال بولۇشاتتى.ئۇلار ئەكەلگەن تۇزلىرىنى بىر ئاش پىشىم ۋاقىتقا قالماي سېتىپ بولۇشتى.كىيىن  بىر سارايدىن ياتاق ئېلىپ ئورۇنلىشىۋېلىپ  كەچ كىرىشىنى كۈتتى.قاش قارايغان ھامان تاقىتى تاق بولۇپ تۇرغان رۇستەم تۇز ئىچىگە يوشۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن گۈرزىسىنى چىقىرىپ ئادەملىرى بىلەن جەڭ باشلىۋەتتى.پۇىرالارنى ئۆلتۈرمەي لەشكەرلەر بىلەنلا جەڭ قىلدى.سەردار بۇ غەۋغادىن خەۋەر تېپىپ ئېتىنى مىنىپ قورالىنى شىلتىغىنىچە رۇستەملەر جەڭ قىلىۋاتقان يەرگە  ئات چېپىپ كىلىپ توپتوغرا رۇستەمگىلا ئېتىلدى.سەردار قىلىچىنىشىلتىپ بولغۇچە رۇستەم ‹‹ئېيتماق ئاستا قىلماق تېز ››دىگەندەك  گۈرزىسى بىلەن كىلىشتۈرۈپ بىر قويۇۋىدى.سەردارنىڭ بېشى بىلەن تېنى ئات پېتى بىلەنلا مىجىلىپ يەردىكى بىر دۆۋە گۆش تېرە ئارىلاشمىسىغا ئايلىنىپ قالدى. قورغاندىكىلەر ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىشقاندىن كېيىن شەھىرىنى ساقلاپ قالماق بولۇشۇپ لەشكەر پۇخرا دىمەي ھەممىسى تەڭ قوراللىنىپ  كەلكۇن سۇدەك يوپۇرۇلۇپ رۇستەملەرنى قورشاپ كېلىشتى.باشقىلار سەل قورقۇپ تەمتىرەشكەن بولسىمۇ رۇستەم جەڭ قىلغانچە روھلىنىپ تېخىمۇ كۈچلىنپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ  گۈرزىسىنى شىددەت بىلەن ئوينۇتۇپ ئالدىغا كەلگىنىنى كالتەك بىلەن قوناق سوققاندەك سوقىۋەردى.گۈرزىسىنى ھەر بىر شىلتىغاندا ئالدىغا كىلىپ قالغان  ئۆلەرمەندىن بىر ياكى ئىككىسى مىجىلىپ جېنىدىن جۇدا بولاتتى.بايا يوپرۇلۇپ كەلگەنلەر ئەمدى كۈچلۈك شىر توپىغا دۇچ كەلگەن قوي پادىلىرىدەك تەرەپ تەرەپلەرگە قېچىشقا جانلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇندى. رۇستەم بىلەن باھادىرلىرى ھاردىم -تالدىم دېمەي، ئالدىغا كەلگەننى ئورۇقكەن سىمىزكەن دىمەي، قىلىچ بىلەن چېپىپ، ئوق بىلەن ئېتىپ، گۈرزە بىلەن سېلىپ قىلچە ئاياپ قويماي باتۇرلۇق بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلىۋەردى.ئۇلاردا قورقۇش دىگەن تۇيغۇ قىلچە قالمىغان ئىدى. شۇ تاپتا خۇددى ئورما ئورغۇچىلارغا،ئالدىغا پۇتلاشقاننى يىقىتىپ يول ئاچقۇچىلارغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.ئۇلا شۇ تەرىقىدە جەڭ قىلىپ تاڭ ئېتىپ قۇياش چىققىنىنىمۇ تۇيماي قېلىشتى.ئەتراپ لەشكەر ۋە پۇخرانىڭ ئۆلۈكلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ ،پۇتى سۇنغان،قولى ناكا بولغان ،يېرىم چېپىلىپ جان تالىشىپ ياتقان يارىدرلارنىڭمۇ ھەدى- ھېسابى يوق ئىدى.يەردە قانلار ئېرىق بولۇپ ئېقىشاتتى.قارىغۇدەك بولسا ئۆلگەنلار -ئۆلۈپ  قەلئەدە بىرمۇ ساق ساغلام تەن قالمىغان ئىدى.ساق قالغانلىرىمۇ ‹‹جېنىم تاتلىقكەن››دىيىشىپ تەرەپ –تەرەپلەرگە قېچىپ كېتىشكەن ئىدى.قولغا چۈشكەنلىرىنىمۇ غەزىبى قايناپ- تاشقان رۇستەم گۈرزىلىۋەتتى. كىيىن ئۇ ئادەملىرى بىلەن  شەھەر ئىچىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. dh V6r  
رۇستەم تاغ ئارىسىدىكى تار قىستاڭ يول بويىدا  تاملىرىمۇ ئۆگزىلىرىمۇ تاشتىن ياسالغان بىر ئۆينى كۆردى.ئۇنىڭ پەقەت بىرلا ئىشىكى بولۇپ ئۇمۇ تۆمۈردىن ياسالغان ئىدى.ئۇنىڭغا ھىچكىم ئاچالمىسۇن دىگەندەك مەھكەم قىلىپ مۇھەندىس ئورنۇتۇپ قويغان ئىدى. رۇستەم نەدىنمۇ ئاچقۇچ ئىزدەپ يۈرسۇن گۈرزىسى بىلەن كىلىشتۈرۈپ بىر قويۇۋىدى تۆمۈر ئىشىك زەربىگە چىدىماي ئېچىلىپ كەتتى.رۇستەم ئىچىدە نىمە بارلىقىغا قىزىقىپ ئۆي ئىچىگە قەدەم قويدى.بۇ تورۇسى يوغان گۈمبەزلىك قىلىپ ياسالغان زالدەك چوڭلۇقتىكى بىر ئۆي بولۇپ يەردىن تارتىپ تاكى تورۇسقىچە جاۋاھىر بىلەن لىپمۇ لىق تولغان ئىدى.بۇنى كۆرگەن رۇستەم ھەيرانلىقتىن قېتىپلا قالدى.ئۇ ھەيرانلىق ئىچىدە لىۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ ھەمراھلىرىغا دىدى: mWTV)z57  
  -مەن بۇ يەردە بۇ خىلدىكى مۆجىزىنى كۆرەرمەن دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.گويا  يەر يۈزىدە جقاۋاھىر كانى قالمىغاندەك، دەريا دېڭىزلاردىكى ۋە بارلىق شاھلارنىڭ غەزىنىسىدىكى قىممەتلىك بايلىقلار  بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەندەك ئاجايىپ كاتتا بىر غەزىنىگە دۇچ كەپتىمىز. ",pd 9  
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بۈگۈنكى يازمىمىز مەشەدە ئاخىرلاشتى.رۇستەمگە بۇ بايلىقلار نىسىپ بولامدۇ؟ ئۇ ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ بۇ ۋەقەلەرگە قىزىقسىڭىز ئەتە دىققىتىڭىز داۋاملىق سەھىپىمىزدە بولسۇن. iC4rzgq  

قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى