تومۇز ئايلىرىنىڭ بىرى ئىدى. مەن ئۆزۈم يالغۇز ياپيېشىل دەرەخلىك، قۇشلار ئەركىن پەرۋاز قىلىشىپ، سايرىشىۋاتقان، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان ... ئىشقىلىپ شۇ شەھەردىكى ئەڭ گۈزەل ، مەنزىرىلىك جايلارنى ئايلىنىپ كېتىۋاتقىنىمدا، توساتتىن دىققىتىمنى بۇ ھاياجانلىق مىنۇتلاردا ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بىر يېقىمسىز يىغا ئاۋازى ئۆزىگە تارتتى. ئاۋازنىڭ ئىنچىكىلىكىدىن ئۇنىڭ 18~19 ياشلار چامىسىدىكى سەبىي، گۆدەك بىر قىز ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس ئىدى. شۇ چاغدا، مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىش ئويلىدىم. ئەمما، نېمىشقىكىن بىلمىدىم، يۈرۈگۈم يەنىلا شۇ تەرەپكە ئېغىپ تۇراتتى. مەن قاتتىق ئويلاندىم ”بارايمۇ ياكى بارمايمۇ؟...“ قىزلار بىلەن ئانچە پاراڭلىشىپ كەتمىگەچكىمىكىن بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم ، قىزلارغا بولغان ھۆرمىتىمنىڭ كۈچلۈكلىكىدىنمىكىن ئۇنىڭ يىغىسىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ باققىم كەلدى........ قانداق بېرىپ قالدىمكىن تاڭ، بىر كەمدە كۆزۈمنى ئاچسام ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋېتىپتىمەن. شۇ چاغدا ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ، تەمكىنلىك بىلەن ئۇنىڭ يىغىسىنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم. ئۇ باشتا كۆزىنى مەندىن قاچۇردى، كېيىن مېنىڭ كېتىشىمنى، ئۆزىنى يالغۇز قۇيىشىمنى ئېيتتى. دەماللىققا مەن ئۇنى يىگىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. مېنىڭ قىزلارنى ئەخمەق قىلغان ئوغۇللار بىلەن تازا بەك خوشۇم بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ بەك يېپىشىۋالدىم ۋە ئۇنىڭدىن قايتا - قايتىلاپ سورىدىم. ئۇنىڭ ئەپتىدىن ئېيتمايدىغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. مەن شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قاتتىق تەلەپپۇزدا مۇنداق دېدىم :”يىغا بىلەن ھېقانداق ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. كۆزۈڭدىكى ياشنى سۈرتۈپ، ئالدىڭغا... كەلگۈسۈڭگە قارا! شۇندىلا ئۆزۈڭنىڭ قايسى يولدا مېڭىش، قايسى ئىشنى قىلىشىڭنىڭ زۆرۆرلىكىنى بىلىۋالالايسەن“ - دېدىم. ئۇ شۇ دەقىقىدە ماڭا شۇنچىلىك ئۇزۇن تىكىلىپ قارىدىكى ، تاس قالدى كۆزىنىڭ قارىچۇقى چۈشۈپ قالغىلى... بىر ھازادىن كېيىن ئۇ يەرگە قارىدى، قاتتىق بىرنى ئۇھسىنىۋېتىپ، كۆزىنىڭ يېشىنى سۈرتتى ۋە قېشىغا چۈشۈپ تۇرغان ماڭلاي چېچىنى ئاچچىق بىلەن پۈۋلىۋېتىپ، يىراق ئۇپۇققا نەزىرىنى يۆتكىدى - دە سۆزىنى باشلىدى :
p40;@gUug -مەن ئىلگىرى خوشال ئىدىم، ئۆزۈمنى ئەڭ بەختلىك ھىس قىلاتتىم. دوستلىرىم كۆپ ئىدى، ئۇلار بىلەن سىردىشاتتىم، بىرگە بازار ئايلىناتتىم. ئۇنىڭ ئارىسىدا قىزلارمۇ بار ئىدى، ئوغۇللارمۇ بار ئىدى. دوستلىرىمنىڭ تولىسى ماڭا :”سەن نېمانچە بىغەم؟! نېمانچە خوشال؟! نېمانچە ئەركىن؟!“ دەپ ، قىزغىنىشاتتى. دوستلىرىم بىلەن بەكمۇ سىرداش ئۈتەتتىم. ئالدىنكى يىلى باشقا يۇرتتىكى بىر بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن دوست بۇلدۇم. بىز خېلى يېقىن ئۈتەتتۇق. ئارلىقتا ئۇ نەچچە رەت بىزنىڭ يۇرتقا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يېدىم، بىللە ئايلاندىم. ئۇ چاغلاردا ئۇنى چۈشەنمەپتىكەنمەن. بىز شۇ تەرىقىدە بىر يىلدىن ئۇزۇنراق دوست بۇلۇپ ئۆتتۇق. غەمسىز ئىدىم، كاللامدا ھىچ غېمىم يوق ئىدى؛ خوشال ئىدىم، كۈنلىرىم بەكمۇ رىتىملىق ئۆتەتتى؛ بەختلىك ئىدىم، ئۆز تۇرمۇشۇمدىن ئۆزۈم توق ئىدىم. خىيالىمغا نېمە ئوي كەلسە شۇنى قىلاتتىم. خىزمىتىم ھەم كۆڭۈللۈك ئىدى. مۇشۇ يىلنىڭ ياق، ياق ... مۇشۇ ئاينىڭ ... بۇمۇ توغرا ئەمەس، - ئۇ دۇدۇقلاۋاتاتتى. نېمە دېيىشىنى، ماڭا ئىشىنىش - ئىشەنمەسلىكنى ئويلاۋاتاتتى. قىسقىسى ماڭا ئىشەنچ قىلالمايۋاتاتتى، - دەل ، دەل بۈگۈن . مەن خىزمەت ئۈستىدە ئىدىم، توساتتىن يان تىلفۇنۇم سايراپ كەتتى. يان تىلفۇن ئېكرانىغا قارىسام ناتۇنۇش نۇمۇر ئىكەن. تىلفۇننى ئالدىم - دە، قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. چۈنكى ئۇ دەل مەن بىر يىل ئىلگىرى تۇنۇشقان، يېقىن دوستۇم دەپ قارىغان ئاشۇ بالا ئىكەن. ئۇ ماڭا :”مەن ھازىر خوتەنگە كەلگەن، چىقالامسەن؟“ دېدى. مەن ئۇنىڭغا ئۇزۇنغا قالماي ئىشتىن چۈشىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ مېنى دوختۇرخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاشخانىدا ساقلايدىغان بۇلۇپ، تىلفۇننى ئۈزىۋەتتى. تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن ”مەن شۇ دەرىجىدە نادانمۇ“ دەپ. ئىشتىن چۈشۈپ ئالدىراپ - تىنەپ ئۇنىڭ يېنىغا چىقتىم ۋە بىللە تاماق يىدۇق. ئارقىدىن بىرە يېرىمدەم كوچا ئايلاندۇق. قاراڭغۇ چۈشىدىغان ۋاقىت بۇلىۋاتاتتى. مەن ئۆيگە قايتىشنى ئېيتتىم. بىراق، ئۇ قۇشۇلمىدى. مەنمۇ ساراڭ ئەمەستە، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن ياتاققا كىرگىلى ... ئۇ ئاخىرى بىر نېمىلەرنى باھانە قىلىپ، مېنى سۆرەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. مەن ئۇنىڭغا قاتتىق ئىشىنەتتىم. ئەگەر شۇ ئورنۇمدىلا قاتتىقراق قارشىلىق قىلغان بولسام، ئادەم كۆپ يەردە ئۇ مېنى ھېچنېمە قىلالمىغان بۇلاتتى، - ئۇ شۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، ئىختىيارسىز كۆزىگە ياش ئالدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئىنتايىن ئازابلانغانلىقى، ئۇ ئىشلارنى ئېسىگە ئالغۇسىنىڭ يوقلۇقى چىقىپلا تۇراتتى. توساتتىن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ ساپتىمەن، شارقىراتما ئارىسىدىن ئوتتەك يالقۇنجاۋاتقان كۆز قارىچۇقى، بىر قاراپلا غەزەپ - نەپرىتىنىڭ داۋۇلغىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بۇلىدىغان بۇ سەبىي كۆز ئۇنىڭ قەيسەرلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى.
;!S i_b2 قىزنىڭ تەلەپپۇزى بارغانچە كەسكىنلىشىپ قاتتىقلىشىۋاتاتتى، - كىردىم. شۇنداق، مەن ئۇنىڭ بىلەن ياتاققا كىردىم. شۇ ھامان ئۇ ئىشىكنى تاقىۋالدى. شۇ چاغدىلا مەن ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى، ئەسلى مەقسىتىنى چۈشەندىم. ئەمما، تولىمۇ كىچىكىپ بىلىپتىمەن. شۇ پەيىتتە كاللامدا پەقەت بۇ قەپەستىن چىقىپ كېتىشلا بار ئىدى، - توساتتىن ئۇ قىزنىڭ مۇشتىنىڭ تۈگۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم، قىزنىڭ غەزىپىدىن ھەتتا پۇت - قوللىرىمۇ تىترەۋاتاتتى. بەلكىم، يۈرىگى بۇنىڭدىنمۇ بەكراق جىغىلداۋاتقان بولسا كېرەك. غەزەپتىن كۆزلىرى چاچرىغۇدەك بولدى، - مەن دەرھال ئارقىغا ياندىم ۋە تېزدىن ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىغا ئېسىلدىم. ئۇ ئىشىكنى ئىتتىرىپ تۇرۇپ، قولۇمدىن تارتتى. مەنمۇ بوش كەلمەيتتىم، تىركىشەتتىم. كۈچۈمنىڭ بېرىچە ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتەتتىم. قىزلار ھەقىقەتەن ئاجىز بۇلىدىكەن، - دېدى ئۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا، -مەن ئىككى قوللاپ ئۇنىڭ بىر قولىنىڭ بېسىمىنى قايتۇرالمىدىم، ئىشىكنى ئاچالمىدىم. قانداق قىلىشىم كېرەك. مەن داۋاملىق قارشىلىق قىلاتتىم. ئاخىرى بولماي، ئۇ مېنى ئۇرۇشقا باشلىدى، بىلىمگە، قۇل - پۇتلىرىمغا ئۇردى. ئۇنىڭ يوغان - يوغان قوللىرىنىڭ بېسىمى ماڭا كار قىلمايتتى، ھىچقانداق ئاغرىقنى ھىس قىلمايتتىم. چۈنكى، مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇنىڭ بۇ رەزىل چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشنىلا ئويلايتتىم. ئۇ مېنى سۆرەپ ئېلىپ مېڭىشقا تەمشىلىۋېدى، مەن ئولتۇرىۋالدىم، تۈگۈلىۋالدىم. شۇنداق قىلسام، سۆرىيەلمەيدىغۇ، دەپ ئويلىدىم. ئەمما، خاتالىشىپتىمەن. ئۇ مېنى كۆتۈرگىنىچە كارۋاتقا ئېتىۋەتتى. بېشىم كارۋاتنىڭ قىرىغا تىگىپ كەتتى بولغاي، 1~2 سائەت ھۇشۇمنى بىلمەپتىمەن. - ئۇ ئۆكسىۋاتاتتى، - ھۇشۇمغا كېلىپ قارىسام، كىيىملىرىم پۈتۈن ھالدا كارۋاتتا يېتىپتىمەن. ئۇ رەزىللىك ئالىمىدىن چىققان مەلئۇن يىراقتا ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى. بېشىم ئاغرىۋاتاتتى، ياق ياق ... پۈتۈن بەدىنىم قاتتىق ئاغرىدى. توساتتىن كۆزۈم كۆرپىگە چۈشۈپ قالدى. قىزىل ... قىزىل ... ،- ئۇ ئېتىلىپ - ئېتىلىپ يىغلىۋەتتى.
~6A;H$dr نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتاتتىم. ئۇنىڭغا نېمە دەپ تەسەللىي بېرەي؟ نېمە دەپ كۆڭلىنى بەزلەي؟ ياق، ئۇ يىغلىۋالسۇن، كۆڭلىدىكى يارىلارنىڭ ”قەقەشلىرى“نى چىقىرىۋەتسۇن. شۇنداق بولغاندىلا، كېيىنكى قېتىملىق خاتالىقنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، شۇ خاتالىقتىن ساقلىنالايدۇ ھەم شۇلارغا ”ئوڭ كۆزى“ بىلەن قارىيالايدىغان بۇلىدۇ..... مەن ئۇنىڭغا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىۋاتقىنىمدا، ئۇ يىغىسىدىن تېخى توختىمىغان ئىدى. يىغا دەستىدىنمۇ بىلمىدىم، ئۇ بىلىكىمنى تۇتۇۋالدى. ئاچچىق، غەزەپ ئوتلىرى ئۇنىڭغا كۈچ - قۇۋۋەت بېرىۋاتامدۇ، بىلىكىمنى سىقىپ ئاغرىتىۋەتتى، ئاغرىقتىن ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدىم. ئۇ يىغلاۋاتىدۇ، تېخىغىچە يىغلاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يىغىسىنى ھازىر مەن ئاڭلاۋاتىمەن، مەنمۇ ئۇنىڭغا قۇشۇلۇپ يىغلاۋاتىمەن. بىراق ، مەندىكى ياش ئىچىمگە ئېقىۋاتىدۇ. ”ئەي قىزچاق، بۈگۈن سىزنىڭ يىغىڭىزنى مەن ئاڭلىدىم، سىزگە قۇشۇلۇپ يىغلىدىم، سىزنىڭ غەزىپىڭىزگە جور بولدۇم. سىزگە ۋەدە قىلاي، يىغىڭىزنى ھامان بىر كۈنى پۈتكۈل جاھان ئاڭلايدۇ. ئۇلارمۇ سىزگە قۇشۇلۇپ تەڭ يىغلايدۇ، “ دەپ ئۆز - ئۆزەمگە تەسەللىي بەردىم. بىر يازغۇچىمىز مۇنداق دېگەن : ”باشقىلارنىڭ سىڭلىسىنى ئۆزىمىزنىڭ سىڭلىمىزدەك كۆرەلىگەن بولساق، ئالماقچى بولغان قىزىمىزنىڭ <ساق> چىقماسلىقىدىن ۋايىم يېيىش ھاجەتسىز بولغان بۇلاتتى“...
hbdB67, شۇنداق بولدى، قىزلىرىمىز ئارىسىدىن ”يەنە بىر قىز“ پاكلىقىدىن ئايرىلدى. ئاللا كىشىلەر ھاياتىغا سوۋغا قىلىپ بىرلا قېتىم بېرىدىغان پاكلىقنى، ئاشۇ ئىتتىن پەس، پەسلىك دەرىجىسىدىن غورورىنى يۇقاتقان، ئىپلاسلىق سەنئىتىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان، مەلئۇنى ھايۋان مەڭگۈلۈككە يۇقاتتى. ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ. مەڭگۈگە ! .......
VTUSM{TC 3/N~`!zeX
6t\0Ui cYgd1 مەنبە : ئۆزۈم. (ھەقىقىي ئەھۋال)
[ بۇ يازما alafasy تەرپىدىن 2011-07-11 12:17 PM دە ق ]