مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       494 
  •    ئىنكاس 
       28 

ئاجرىشىشنىڭ ئالدى-كەينىدە

قەۋەت ئاتلاش
Aychin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6322

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   162 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3215 (سوم)
 ياخشى باھا:   456 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   554  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 655
 سائەت
دەرىجىسى:
655 سائەت 115 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-14
ئاخــىرقىسى:2011-07-13

ئاجرىشىشنىڭ ئالدى كەينىدە
&PFK0tY  
3lN@1jlh  
ھېكايە
eCG{KCM~_Z  
t_\&LMD  
    ئۇنىڭ  بىلەن بۇ كۈنلەرنى يەنە بىللە ئۆتكۈزۈشكە پەقەتلا تاقىتىم قالمىدى، ئوتتۇرىمىزدا بەرىبىر بىز تارتىشىدىغان بالا بولمىغاندىكىن ئاجرىشىش بىز ئۈچۈن ئەڭ ئاقىلانە تاللاش بولۇپ قالغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىمىزنىڭ بۇ يات شەھەردە ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز بولمىغاچقا بىزگە نەسىھەت قىلىدىغانلارمۇ يوق ئىدى. مەن ئاجرىشىپ كېتەيلى دەپ ئۈچىنچى كۈنى ئىككىمىز بىز تۇرۇشلۇق كوچا ئىش بىجىرىش باشقارمىسىغا بېرىپ ئاجرىشىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىدۇق. -a7BVEFts  
    ئۇ مېنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم بولۇپ، بىز تۆت يىل مۇھەببەتلىشىپ،ئىككى يىل ئۆي تۇتقان ئىدۇق، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۇ يېڭى تۇرالغۇ تېپىشتىن بۇرۇن بىز يەنىلا بىر ئۆيدە تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدۇق. Raf-I+  
    ئويلىساملا كۈلگۈم كېلىدۇ، مۇھەببەتلەشكەن ۋاقتىمىزدا ئىككىلىمىز شۇنچىلىك سادا، سەمىمىي ھەم پاك ئىدۇق،ئەمما توي قىلغاندىن كېيىن بۇ خىل ھېسسىياتلار قاياقلارغىدۇر غايىپ بولغان ئىدى. @su!9]o  
    كىچىككىنە ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيدە ئەمدى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى ئادەمنىڭ بىرگە تۇرۇشى ھەقىقەتەن بەكلا قولايسىز ئىدى، ئەمما مەن ئۇنى ھەرگىز سىرىتتىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىيالمايتىم، چۈنكى ئۇ بىر ئايال كىشى-دە. NdC5w-WY  
    تۇنجى كۈنى كەچتە مەن بىر دانە كىرلىك ۋە يۇڭ ئەديال ئېلىپلا مىھمانخانىدىكى كىرىسلودا ئۇخلىدىم. gq~"Z[T  
    تۇنجى كېچە ناھايىتى راھەتلىنىپ ئۇخلاپتىمەن! قۇلاق تۈۋىمدە كوتۇلداپ تۇرىدىغان ئادەم يوق شۇنچىلىك بولغاچقا گۈزەل! ئەمما بىزنىڭ كىرىسلويىمىز رەخت كىرىسلو بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن، بۇ ياغاچ كىرىسلودا ئۇخلاپ ئەتىسى بوينۇمنىڭ شۇنچىلىك ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. \og2\Oh&gH  
    تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىى ئالدىغا كېلىشىمگە ئىچىدىن سۇنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ ناچار خوتۇن قاچانلاردا يۇقتۇرۋالغان ئادەتكىن دەيمەن،  مۇشۇنداق شىپى شالاق قىلىپ ئاخشىمى تېخى  ئۇخلىمىغان، ئەتتىگىنى يەنە شۇنداق قىلىپ ئادەمگە ئارام بەرمىگەن، خەپ، بولدىلا، بەرىبىر بۇ ناچار ئادەتلىرىڭگىمۇ كۆنۈپ قالغانمەن، تەرەت قىستاپ كېتىۋاتقاندا سېنىڭ چىقىشىڭنى ساقلاپ ماڭا نېمە جاپا دەپ ئويلىدىم دە، ئىشىكنى ئېچىپلا كىردىم. Px gul7  
    ئەمدى تەرەت تۇڭىنىڭ قاپقىغىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشۇمغىلا، ئۇنىڭ ۋايجان دەپ ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. -:Bgp*S  
    -ئەتتىگەندە جىنغا يولۇقمىغانسەن؟ نېمە سەت ۋارقىرايسەن؟ مېنى قورقۇتۇپ ھاجەت قىلغىلىمۇ قويمىدىڭغۇ؟ \ !IEZ  
    -يۇيۇنىۋاتقىنىمنى كۆرمىدىڭىزما؟ سىز ئەر كىشىمۇ نېمە؟ نەدە شۇنداق ئايال كىشى يۇيۇنىۋاتسا خالىغانچە كىرىپ ھاجەت قىلىدىغان ئەر كىشى بار؟-ئۇ زەرپ بىلەن مۇنچىنىڭ پەردىسىنى قايرىپ، بىر قولىدا لۆڭگە بىلەن بەدىنىنى ئوراپ، يەنە بىر قولىدا بۇرنۇمغا نوقۇپ ماڭا چېچىلىشقا باشلىدى. IaO*{1re  
    -نېمىگە چالۋاقايسەن؟ بەرىبىر مۇنچىنىڭ پەردىسى بارغۇ؟ سېنىڭ نېمەڭنى كۆرەتتىم شۇنچە؟ يا بۇ مېنىڭ سەن يۇيۇنىۋاتقاندا كىرىپ تۇنجى قېتىم ھاجەت قىلىشىم بولمىسا، بۇنچىۋالا ئاشۇرۋىتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سېنىڭ بەدىنىڭنى ئىككى يىلدىن بېرى بىلمەيتىممۇ، كۆزۈمنى يۇمۇۋالساممۇ يەنە قانداقلىقىڭنى ھېس قىلالايمەن، ئوغۇرلۇقچە كۆرۈشۈمنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟-دەپ سۆزلەپلا كەتتىم. kR{$&cE^  
    -سىز...ئۇ ئاچچىقىدا گەپمۇ قىلالماي قالغانىدى، لۆڭگىسىنى بەدىنىگە ئورىغان پېتىم مۇنچىدىن يۈگۈرگەندەك چىقىپ كەتتى- دە، ھوجرا ئۆينىڭ ئىشىگىنى جاڭڭىدە ياپقان ئاۋاز ئاڭلاندى. `)Y 5L}c=  
    -بېشەم خوتۇن، مۇشۇ ئوسال مىجەزىڭ بىلەن يەنە كىممۇ ئالار سېنى دەپ تىللىدىم ئىچىمدە. o Va[  
    يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ بولۇپ، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ھوجرا ئۆيگە ماڭدىم،بۈگۈن كىيىدىغان كىيمىم ھوجرا ئۆيدىكى كىيىم ئىشكاۋىدا ئىدى.ۋۇ ئۆلگۈر خوتۇن، ئۇ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالغان ئىدى، بىر دەم ئىشىكنى چەككەندىن كېيىن ئۆي ئىچىدىن مەن كىيىم كىيىۋاتىمەن! دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. t|*UlTLm  
    بولدىلا، بەرىبىر ئاجرىشىپ كەتكەن بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا يول قوياي دەپ ئويلاپ كارىم بولمىدى. \p!m/2  
    يېرىم سائەتلەردىن كېيىن، ئۇ ئۆيدىن ناھايىتى شوخ رەڭلىك بىر كۆينىكىنى كىيگەن ھالدا چىقىۋىدى، كۆزلىرىم چاقناپ كەتتى، ئەمما ئىشىكتىن چىقىدىغان چاغدا ماڭا شۇنداق سەت ئالايدىكى، ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىمۇ شۇنىڭ بىلەن نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى. دەل مۇشۇ يېرىم سائەت سەۋەبىدىن مەن بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئىشقا كىچىكتىم. -jVg {f!  
    ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن مەن مەخسەتسىزلا كوچا لاغايلاپ ۋاقت ئۆتكۈزدۈم،گەرچە زېرىكىشلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۆيگە بالدۇر قايتىپ ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرگەندىن كۆپ ئەۋزەل ئىدى، شۇنداق قىلىپ سائەتنى يەتتە قىلىپ ئازراق تاماق يىۋېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. !(y(6u#  
    ئۆيگە كىرىپلا ئۇنىڭ كىرىسلودا تېلىۋىزۇر كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، يەنە تېخى چىرايىدا كۈلۈمسىرىگەنگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىپادە بار ئىدى، مەن گۇمانسرىغان ھالدا ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇردۇم.توۋا قىلدىم خۇدا، ئۇ تېخى ماڭا چايمۇ دەملەپ قويغان ئىدى. {~#d_!(  
    ئۇ مېنى كولدۇرلاتماقچىمىدۇ ياكى نېمە ئويلاۋاتقاندۇ، شۇ زامات كاللامدىن ئاغزىدا كۈلكە چاخچاق، قوينىدا پالتا پىچاق دېگەن ماقال تەمسىل يالت قىلىپ كەچتى. T#HF! GH]  
    -بۈگۈن مەن كۆپ ئويلاندىم ، ئىككىمىز گەرچە ئەر-خوتۇن بولمىساقمۇ، ئەمما مەن كۆچۈپ چىقىپ كېتىدىغانغا يەنە بىر ئاي ۋاقىت بار ئىكەن، مۇشۇ بىر ئاي جەريانىدا بەرىبىر قولايسىزلىق ۋە ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەن بىر كېلىشىمنامە تۈزسەكمىكىن دەپ ئويلىدىم، ئۇ شۇنداق دېگەچ ناھايىتى مېھرىبانلىق بىلەن بىر ۋاراق قەغەزنى ئالدىمغا قويدى، V(Oi!(H;v  
    -قېنى كۆرۈپ بېقىڭ، ئەگەر باشقىچە پىكرىڭىز بولمىسا ئىمزا قويۇۋەتسىڭىز، بىر نۇسخىسى سىزدە، بىر نۇسخىسى مەندە قالىدۇ-دېدى. He&A>bA)z  
    مەن قەغەزنى قولۇمغا ئېلىپ كۆز يۈگۈرۈتتۈم. ](`:<>c  
    -بىرىنچى ماددا، بىر تەرەپ تازىلق ئۆيىنى ئىشلىتىۋاتقاندا، يەنە بىر تەرەپنىڭ ھەر قانداق سەۋەپ بىلەن ئىچىگە كىرىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. L5CnPnF  
    -ئىككىنچى ماددا،ھەر قانداق سەۋەپ بىلەن قارشى تەرەپنىڭ بەدىنىگە يېقىنلىشىش مەنئى قىلىنىدۇ. ,<[x9 "3\  
    . 3M>y.MS  
    . -o5 7"r^x  
    . {'#7b# DB>  
    مەن ساناپ باقسام چوڭ كىچىك بولۇپ جەمئىي 26 ماددىدىن كۆپرەك كېلىشىمنامە ئىكەن، M`xI N~  
    -ئەگەر باشقىچە پىكرىڭىز بولمىسا قول قويۇۋەتسىڭىز، ئۇ ھەتتا قەلەمنىمۇ تەييار قىلىپ قويۇپتىكەن. jEK{47i v  
    ئەسلىدە تازا بىر سۆزلەي دەپ ئويلىغانتىم ئەمما يەنە بىر ئويلىسام بۇنداق قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوقتەك. بەرىبىر ناھايىتى شۇ بىر ئاي ۋاقىتقۇ، چىشىمنى چىشلەپ ئۆتكۈزىۋىتەي دەپ ئويلۇدۇم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا سوغۇققىنا بىر قارىۋىتىپ، ئۆزەمنىڭ ئىمزايىمنى قويدۇم. @Y#TWt#  
    -ھە راست، ئىمزا قويغىنڭىزغا رەھمىتىم بولۇپ قالسۇن، بۇ بىر ئاي ئىچىدە يەنىلا تامىقىڭىزنى مەن ئېتىپ بېرەي دىدى. am/D$ (l1  
    ئوتتۇرىمىزدا بۇ كېلىشىمنامە بولغاچقا، كۈنلىرىم خۇددى بىر چەكلىمە ئىچىدە ئۆتۈۋاتقاندەك بەكلا سىقىلىپ كەتتىم، دەسلەپتىكى نەچچە كۈندە، مەن يەنە بۇرۇنقىدەكلا سىرىتتا لاغايلاپ كۈننى كەچ قىلىپ تاماق يەپ قايتىپ كەلدىم، ھېم، ماڭا تاماق ئېتىپ بەرگىنىڭگە مەن تەسىرلىنىپ كېتەمتىم؟ ئۇخلاپ چۈشۈڭ، سېنىڭ تامىقىڭنى يېمىگەنگە مەن ئاچ قالامتىم! دەپ غۇدۇراپ قوياتتىم ئۆزۈمچە. ئەمما گەپنى شۇنداق دېگىنىم بىلەن، ھەر قېتىم كوچا ئايلىنىپ يۈرگەن چېغىمدا باشقلارنىڭ ئەتكەن مېزىلىك دىماقلىرىمنى غىدىقلاپ، ئۇلارغا شۇنچىلىك ھەۋەسلىنىپ كېتەتتىم. B9'2$s+Z;  
شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتە تېنىچلا ئۆتۈپ كەتتى. .[Ny(X/]/}  
   ئىككى ھەپتىمۇ...... { 
    . !X=93%  
    . u3 HaWf3  
    بىر كۈنى ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا ئۇ دەل سىرىتقا چىقىشقا تەييارلىنىپ تۇرۇپتكەن، CC]q\%y-_  
    -سىرىتقا چىقامسەن؟ دەپ سوراپ قويدۇم خۇددى پەرۋا قىلمىغاندەك قىياپەتتە، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ بۇنداق كەچتە سىرىتقا چىقىشىنى قەتئىي ياقتۇرمايتىم، يەنە كېلىپ تېخى ئەتىر سېپىپ دەڭە. Po.izE!C  
    -شۇنداق، دىلبەر يولدىشىنىڭ بىر دوستىنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويماقچى بولغاندى، بۇ كىيىمنى بۈگۈن سېتىۋالغانتىم يارىشىپتۇمۇ؟ دېگىنىچە ئەينەك ئالدىدا ئۆز ئۆزىگە مەسلىكى كەلگەندەك قاراپ تۇراتتى. ^;@!\Rc  
    -ھە، خېلى بولىدىكەن، قايسى كالۋا ماس كېلەر ساڭا؟-دېدىم دىمىغىمنى قېقىپ . ictOC F  
    -سىز؟ ئۇنىڭ چىرايىدا يەنىلا مەندىن بىزار بولغاندەك ئالامەتلەر چىقىپ تۇراتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ چاندۇرماستىن خوشال ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ: ,;yaYF 6|/  
    -شۇنداق، بەرىبىر مەن ھازىر ئاجراشقان ئايال، ماڭا كالۋا ماس كەلسىمۇ ئەمما مېنىڭ شۇنداق ھوقۇقۇم بار،مېنىڭ قەدرىمگە يېتىدىغان ئادەم چوقۇم چىقىدۇ. سىزمۇ كىچىك ئەمەس، ئەمدى ئاستا بېشىڭىزنى ئوڭشاپ بەختىڭىزنى تېپىۋالارسىز- دېدى ئۇ خۇددى ماڭا كۆز-كۆز قىلىۋاتقاندەك. S4{\5ulr7  
    -ئۇنداقتا بۈگۈن سىنىڭ بىر كالۋا بىلەن چىقىشىپ قېلىشىڭغا تىلەكداشمەن،ئەگەر ئۇ كالۋا ساڭا بىرەر داچا سوۋغا قىلىپ قالسا، مېنىمۇ داچا ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ بىر ئىككى كۈن تۇرغۇزۇپ كۆزۈمنى ئېچىپ قويارسەن-دېدىم. ئارقىدىنلا ئۇمۇ بوش كەلمەي ئۇلاپلا: >9[wjB2?}  
    -ۋۇي، گەپلىرىڭىز بەكلا سېسىققۇ؟ مېنىڭ سىرىتقا ماڭغىنىمنى كۆرۈپ چىدىمايۋاتامسىز نېمە؟ دېگىنىچە قاقاھلاپ كۈلدى. T=fVD8  
    -ۋاي ماڭا ماڭە، تولا بۇ يەردە ماڭا پۇتلاشماي دېدىم مەن ئۇنى سىلكىشلەپ،شۇنداق دىگىنىمچە ئىشىك تۈۋىگە كېلىشىمگە، ئۇ ماڭا يانتۇ قاراپ ئالىيىپ قويدى دە، ھىم دېگىنىچە چىقىپ كەتتى، مەنمۇ ئىشىكنى جاڭڭىدە يېپىۋەتتىم. _F jax  
    ماڭا پۇتلىشىدىغان ئادەم يوق خاتىرجەم توپ مۇسابىقىسى كۆرۈۋاتاتتىم، ئەمما نېمىگىدۇر ناھايىتى ئىچىم سىقىلىۋاتاتتى،مەن راستىنلا ئۇنىڭ سىرىتقا چىققىنىغا چىدىماي قېلىۋاتامدىم؟  ھا ھا ھا، ئۆزەمچە كۈلۈپ كەتتىم،ئۇنىڭ بىلەن ئۆزەم تەلەپ قىلىپ ئاجراشقان تۇرسام، بۇ مۇمكىنمۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. ; $UB@)7%  
    ئالاھەزەل ئىككى سائەتلەردىن كېيىن ئۇ قايتىپ كەلدى،ئۇ ئالدىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا قارىسام ئۇنىڭ چىرايى ناھايىتى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى، شۇ كىرىپ كەتكەنچە يۈز كۆزىنى يۇيغىلىمۇ چىقمىدى. ?q"9ZYX<  
    ئۇنىڭ كەيپىياتى ئوسال قايتىپ كېلىۋىدى، ئەكسىچە مېنىڭ كەيپىم شۇنچىلىك چاغ ئىدى، خوپ بولدى ، كېچىدە خوتۇن كىشىگە پوق بارمۇ تالادا دەيتىم ئىچىمدە. W}k)5 
    يېرىم كېچە بولغاندا ئۇنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىدىن چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم، ئۇ ئۇخلاش كېيىم كىيگىنىچە ياتاق ئۆيدىن يۈگرەپ چىقىپ قورققىنىچە بوينۇمغا ئېسىلىۋالغانىدى، نېمە بولدۇڭ؟ دېدىم مەن ئۇنىڭ دۈمبىسىگە شاپىلاقلاپ، x!UGLL]_M  
    -سۈۋەرەك دېۋىدى، مۇشۇ گەپتىنلا مەن ھەممىنى چۈشەندىم، بۇ خوتۇن مېنىڭ ئالدىمدا شۇنچىلىك بېشەم بولغان بىلەن، ئەمما ئۇششاق ھاشارەت ۋە ھايۋانلاردىن ئۆلگۈدەك قورقاتتى. /-g%IeF  
    -قورقما، مەن بار دەپ بۇرۇنقىدەكلا ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردىم دە، ياتاق ئۆيگە سۈۋەرەكنى ئۆلتۈرگىلى ماڭدىم.ياتاق ئۆينى شۇنچە ئاختۇرغان بولساممۇ، سۈۋەرەكنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتى، شۇنىڭ بىلەن يەنە قايتىپ چىقتىم. K ?V' ?s  
    ئۇ يەنە مىنىڭ بوينۇمغا گىرە سېلىۋېلىپ : )lVplAhZD  
    -ئۆلتۈرىۋەتتىڭىزمۇ؟ دەپ سورىدى، ئۇنىڭ قورقۇپ تاتىرىپ كەتكەن يۈزىدە  ياش تامچىللىرى ئەگىپ تۇرسىمۇ، ئەمما كېچىنىڭ ئاجىزغىنە يورۇقىدا كىشىگە خۇددى گۈل بەرگىگە چۈشكەن شەبنەمنى ئەسلىتەتتى. WQHlf 0]  
    -بولدى، قورقمىغىن، ئۆلتۈرىۋەتتىم، خاتىرجەم كىرىپ ئۇيقۇڭنى ئۇخلا، ئەتە ئىككىلىمىز ئىشقا بارىمىز دېدىم ئۇنىڭغا يالغان سۆزلەپ.چۈنكى مەن شۇنداق دېمىسەم ئۇنىڭ يەنە مېنى سۈۋەرەكنى ئىزلىگىلى سالىدىغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئېدى، ئۇ ئەھۋالدا مېنىڭ ئۇخلاشتن ئېغىز ئېچىشىمغۇ يوق گەپ. Gdlx0i  
    -مەن قورقىمەن، ئۇخلىمايمەن ئەمدى. OWmI$_L  
    -بىزنىڭ ئاجرىشىپ كەتكىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭما؟ يەنە تېخى ئوتتۇرىمىزدىكى كېلىشىمنامىنىڭ ئۈچىنچى ماددىسىغا خىلاپلىق قىلىپ ماڭا ئېسىلىۋالدىڭ، سىرىتقا چىقىدىغاندا مەن ئېسىڭدە يوق، سۈۋەرەكتىن قورقققاندا مەن ئېسىڭگە كەلدىمما؟ دېدىم مەن سوغۇقلا. \Qz  
    ئۇ بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپ،لېۋىنى چىشلىگىنىچە: lUHpGr|U%  
    -كەچۈرۈڭ! دېدى دە ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى يېپىۋەتتى. Q_A?p$%;L  
    مەن ھاڭۋاققىنىمچە بىر دەم ئولتۇرۇپ كېتىپ ئۆزەمنى بىر تەستەك سالدىم. R?l={N=Wf  
    مەن كىرىسلودا ياتقىنىمچە قانچە كۆزەمنى يۇمۇۋالساممۇ پەقەت ئۇيقۇم كەلمەيۋاتاتتى، شۇ ئەسنادا ياتاق ئۆيدىن يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى.مەن كىرەيمۇ ياكى كىرمەيمۇ دەپ ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ كېتىپ، ئەر كىشى بولساڭ كىر دەپ ئۆزەمنى يەنە بىر تەستەك سالدىم. Mj:=$}rs^  
ئىشىكنى ئېچىپ قارىسام ، ئۇ يوتقانغا پۈركىنىۋېلىپ يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ، مەن كارۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ يوتقاننى تارتىپ ئۇنىڭدىن: -}Gk@=$G  
    -نېمە بولدۇڭ؟ دەپ سورىدىم، راست گەپنى قىلسام ئۇنىڭ يىغلاۋاتقان شۇ تۇرقىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئىچىم سېرىلىپ كەتتى. [1.>9ngj  
    -سىز نېمىگە كىردىڭىز؟ بىز ئاجرىشىپ كەتكەنتۇققۇ؟ مەن سىزنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزگە مۇھتاج ئەمەس! چىقىپ كېتىڭ، چىقىڭ! ئۇ ماڭا جېنىڭ بېرىچە ۋارقىراپ ، ياستۇقنى ماڭا قارىتىپ ئاتتى. FdmoR;  
    -كەچۈرگىن،مەن بايا خاتا گەپ قىلىپ قويۇپتىمەن،مېنى كەچۈرگىن دېدىم، ھەم نېمە سەۋەپتىنكىن ئۇنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ مەڭزىگە مېھرىم بىلەن يۈزىدىكى يېشىغا سۆيۈپ قويدۇم، ئۇمۇ ماڭا بارغانسىرى چاپلىشىپ ئۈن-تىنسىز ياش تۆكۈشكە باشلىدى. N x/_+JWje  
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۈگۈن نېمە سەۋەپتىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىشكە باشلىدى،ئەسلىدە دىلبەر ئۇنىڭغا تونۇشتۇرغان ھېلىقى ئەبلەخ ئۇچىغا چىققان خوتۇن بېدىكى بولۇپ، تاماق يەۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ھېلى ئۇ يېرىنى، ھېلى بۇ يېىنى تۇتماقچى بولغانلىقىنى، دىلبەرنىڭ تېخى ئۇنىڭغا بولۇشۇپ سەن ئاجرىشىپ كەتكەن بولغاندىن كىيىن، مۇشۇ كىشىگە ياخشى كۆرۈنۈپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمامسەن دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى ، ھەم مەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈنلا مۇشۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىشىم كېرەكمۇ، بىز زادى نېمە ئۈچۈن ئاجرىشىپ كېتىمىز؟  دەپ بىر تەرەپتىن يىغلاپ، بىر تەرەپتىن مېنىڭ بوينۇمنى سىقىۋاتاتتى. yv.(Oy  
    بۇ سۇئالغا قانداق جاۋاپ بېرىشكە ئامالىم يوق ئېدى، چۈنكى ئۇنىڭ جاۋابىنى مەن ئۆزەممۇ بىلمەيتىم. گەرچە ئۇ بوينۇمنى سىقىپ ئاغرىتىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما سىقسا سىقىۋەرسۇن، بەرىبىر سىقىپ مېنى ئۆلتۈرۈپ قويمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم تۇرساق ھەتتا بۇنداق پۇرسەتمۇ يوق دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم. 'U4@Sax,  
    ئاخىرى ئىككىلىمىز ھېرىپ، قاتتىق ئۇخلاپ كېتىپتۇق. i>AKXJ+  
    ئويغانغىنىمدا بولسا ئاللا بۇرۇن تاڭ ئاتقان بولۇپ ، مەن ئۇنى قۇچاقلىغان، ئۇمۇ بوينۇمغا گىرە سالغان ھالەتتە ئۇخلاپ قالغىنىمىزنى بىلدىم. N`!=z++G  
    مەن ئۇنىڭ چۈشىدىن ئويغىتىۋىتىشتىن ئەنسىرەپ مىدىرلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم، بەلكىم بۇنداق تۇيغۇ دا بولۇپ باقمىغىلى بەكلا ئۇزۇن بولغان بولسا كېرەك.ئىككى ئادەمنىڭ بىرگە تۇرغان ۋاقتى ئۇزارغانسىرى، سەھەردە ئويغانغاندا بارغانسىرى ھېسسىيات سۇسلىشىپ كېتەمدىكىن تاڭ. بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى ئەسلەپ باقسام ئىككىلىمىز ئالدىراشلا ئويغۇنۇپ بىر بىرىمىزدىن قاخشىغىنىمىزچە نەرسە كېرەكلىرىمىنى يۇغۇشتۇرۇپ ئىشقا ئالدىراپ چىقىپ كېتەتتۇق. بىز نېمە ئۈچۈن زادى مۇشۇ باسقۇچقا بېرىپ قالدۇق، زادى نېمە ئۈچۈن؟ I i J%.U  
    ئۇ ئويغاندى. 4(}V$#^+  
    ئويغانغاندىن كېيىن ئۇ تۇيۇقسىزلا بىر نېمىنى سەزگەندەك ، قولىنى دەرھال بوينۇمدىن تارتىۋالدى ھەم بىر خىل خىجىللىق ئىچىدە: 5\P3JoH:Yg  
    -ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟ دەپ سورىدى.مەنمۇ جىددىيلىشىپ ئۇنىڭ قولىنى قويۇۋىتىپ كارىۋاتتىن چۈشتۈم دە: N^B y#Z  
    -ئاخشام.... zu|=1C#5h  
    -ئاخشام ھېچ ئىش بولمىدى، چاققان يۈز كۆزىڭىزنى يۇيۇڭ، بولمىسا ئىشقا كىچىكىپ قالىسىز -دېدى. ,daZ K xT  
    شۇ كۈنىدىن باشلاپ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزدە كىچىككىنە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېلىۋاتقىچە يولدا ئۇ ئامراق يېمەكلىكلەرنى كۆرسەم ئۇنىڭغا ئالاتتىم دە، ئۆيگە دەرھال قايتىشنى ياكى كېيىنرەك قايتىشنى ئويلۇنۇپ قالاتتىم، ھەم بۇرۇنقىدە ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئۆيگە قايتاتتىم. Xu#K<#V  
    -ئۇكام، تاتلىق ياڭيۇنى قىززىقىدا يېسە تەمى ياخشى بولىدۇ، سوۋۇپ قالمىسۇن- دەيتى تاتلىق ياڭيۇ ساتىدىغان بوۋاي. '9#h^.  
    مەن يۈزۈمنى قېلىن قىلىپلا ئۆيگە قايىتتىم، ئۇ تاماق ئېتىۋاتقانكەن، مەن : (.54`[2+L  
    -بۇنى...، بۇنى ساڭا ئالغاچ كەلگەنتىم ، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېلىۋتسام يولدا سېتىۋېتىپتىكەن دېدىم مەن تاماق قىلىۋاتقان ئۇنىڭغا قاراپ كېكەچلەپ. E;C=V2#>[  
    ئۇ ناھايىتى خوشال بولۇپ كەتتى، ھەم بىرنى ئېلىپلا سويۇپ يېگەچ :-قولىڭىزنى يۇيۇڭ، تاماق تەييار بولدى دېدى. ^\zf8kPti  
     ئوخشىتىپ ئېتىلگەن چۆچۈرىگە قاراپ، كۆڭلۈمدە ئاجايىپ بىر ئىللىق سىزىم پەيدا بولدى. dk4|*l-  
     ساناپ باقسام سىرىتتىن تاماق يەۋاتقىنىمغا يىگىرمە نەچچە كۈن بولغان بولۇپ، ئۇ ئەتكەن تاماق ئاجايىپ مېزىلىك ئىدى. mBZg(TY  
    -قېنى، قىززىقىدا ئىچىڭ دېدى ئۇ كۆيۈنۈپ تۇرۇپ. 8]-c4zK  
    مەنمۇ ئاشنى قولۇمغا ئېلىپلا تۈزۈت قىلماستىن ئىچىشكە باشلىدىم. iH""dtO  
    -يېقىندىن بۇيان جۈدەپ كېتىۋاتىسىز، بۇنىڭدىن كىيىن سىرىتتىن تاماق يىمەڭ، ھەم قىممەت ھەم قۇۋۋەتسىز، يەنىلا ئۆيدىن يىگىنىڭىز ياخشى دېدى ئۇ. nI6[y)j  
    تاماقنى يەپ بولدۇق، مەن چىنىلەرنى قولۇمغا ئېلىشىمغىلا ئۇ: > : ;*3  
    -توي قىلغاندىن بۇيان سىزنىڭ قاچا يۇيغىنىڭىزنى كۆرمىگەن ئىدىم، يەنىلا مەن قىلاي ، ئەكىلىڭ دەپلا قولۇمدىكى چىنىنى تارتىۋالدى. T1Y _Jf*KJ  
    -مەن...... 51lN,VVD  
    - بولدى ھېچقىسى يوق، سىز چىقىپ تېلىۋىزۇر كۆرۈڭ، مەن بىر دەمدىلا يۇغۇشتۇرۇپ بولىمەن دېدى دە ، قاچىلارنى ئېلىپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.  zL,B?  
    مەن شۇ پۇرسەتتە چاي دەملىدىم، ھەم ئۇنىڭغىمۇ بىر پىيالە چاي قۇيۇپ ئۇنىڭ چىقىشىنى ساقلىدىم. ?y qTLj  
    ئۇ قاچىلارنى يۇغۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قېشىمغا كىلىپ ئولتۇردى، مەن بىر پىيالە چاينى ئۇنىڭغا سۇنۇپ: 79JU   
    -قايسى قانالنى كۆرگۈڭ بار؟ دەپ سورىدۇم تىزگىنەكنى ئالغاچ. nY[]k p@  
    -بۈگۈن بەكلا تۈزۈت قىلىپ كەتتىڭىز، مەن تازا كۆنەلمىدىم جۇمۇ دېدى ئۇ كۈلۈپ كېتىپ. Lu@'Ee!>G  
    مەنمۇ خىجىل بولغان ھالدا: ?pJUbZ#J  
    -مەن بۇرۇن شۇنچىۋالا ئەسكىمىتىم ؟ دېدىم بېشىمنى قاشلاپ تۇرۇپ. @ s2 
    -ئەسكى؟  سىزنى ھېچكىم ئەسكى دېگىنى يوققۇ؟ سىز پەقەت ھورۇن. بىز ئاجرىشىپ كەتكەن تۇرۇقلۇقمۇ ئۆزىڭىزنىڭ كىيىمىنى يۇيۇشنى بىلمىسىڭىز، سىز كۈندە كىيىۋاتقان شۇ پاكىز كىيىملەرنى كىمنىڭ يۇيۇپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئويلاپ باقمىدىڭىزغۇ دەيمەن،بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزىڭىز چىقىشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ! S=bdue  
    -ئاجرىشىپ كەتتۇق؟......شۇنداق، بىز ئاجرىشىپ كەتتۇق، مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئۈن چىقماي ئولتۇرۇپ كەتتىم. atA:v3"  
    ئۇمۇ چوڭقۇر سۈكۈتكە چۆمگەن ئىدى. ;=[~2*8  
    شۇ كۈنى كەچتە بىز بىللە ئولتۇرۇپ ئۈچ سائەت تېلىۋىزۇر كۆردۇق، ھەم زۇۋان سۈرمىدۇق، ھەم قانالمۇ يۆتكىمىدۇق، ئەمما مەن ئۆزەمنىڭ نېمىنى كۆرگىنىمنى پەقەت ئېسىمگە ئالالمىدىم. $ }D9)&f;  
c 
C3p/|{TP  
مەنبە : قەلىمىم
[ بۇ يازما Aychin تەرپىدىن 2011-07-11 12:11 AM دە قا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : قۇملۇق
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-11, 00:12
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ھېچنىمە دىگۈم يوق!
قاشتىشى
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35032

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   421 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1718 (سوم)
 ياخشى باھا:   96 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1985
 سائەت
دەرىجىسى:
1985 سائەت 105 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-24
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

قايتا توي خىتى ئىلىۋالساڭلار بولىدىكەنغۇ.
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.
polat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2181

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   269 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4797 (سوم)
 ياخشى باھا:   355 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   509  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5621
 سائەت
دەرىجىسى:
5621 سائەت 319 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-03
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

تەسەۋۋرۇرىڭىزغا ئاپىرىن ...!!! `e`DSl D>  

ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ساپ ئىمان - ئېتىقاد ، كۈچ-قۇۋۋەت ، ئەقىل-پاراسەت تېلەيمەن . . .  !!!
kunlarim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47274

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   24 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   155 (سوم)
 ياخشى باھا:   25 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

ئەمدى بولدى قىلىڭلار  چۈنكى  يەنلا مۇھببەت غالىپتۇر
بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   3545 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   38456 (سوم)
 ياخشى باھا:   943 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   937  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1339
 سائەت
دەرىجىسى:
1339 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-07-14
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

ئەر -ئاياللارنىڭ  ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئىچكى ھېسياتلىرى ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ... d NgjM Q  
ئەر -ئاياللارنى بىر -بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان نەرسە كۆيۈنۈش،مېھرى -مۇھاببەت.....
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
1670154432
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43241

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   314 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2055 (سوم)
 ياخشى باھا:   450 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   397  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 547
 سائەت
دەرىجىسى:
547 سائەت 103 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-07-14
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

   دىمەك  ئىككىڭلارنىڭ ئۇتۇرىسىدا ،يەنىلا مىھرى -مۇھاببەت مەۋجۇتكەن ، بىر-بىرىڭلارغا يول قۇيۇپ  ،ئائىلەڭلارنى  بۇزماڭلار .ياندىكى كاسىپنىڭ ئەتىۋارى يۇق دىگەن شۇ دە .ئەڭ ياخشىسى ،كۇز ئالدمىزدىكى بەخىتىنى قەدىرلەيلى .
adil2052103
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14887

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   801 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1526 (سوم)
 ياخشى باھا:   445 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   430  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2943
 سائەت
دەرىجىسى:
2943 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-22
ئاخــىرقىسى:2011-07-14
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

ۋاي ۋاي نېمانداق  تۇتۇرۇقسىز  ئاۋۇ ئەر  قارسا شۇنداق يېنىشىۋالغۇسى با لىكىن شۇ   ]O;Hlty(g  
بولسا مۇشۇ ئاجىرشىش  ئىشىغا كەلگەندە  ئەر-ئايال جىڭغا ئۈزىنى  بىر ئىككىيۇز قېتىم سېلىپ ھەم ئۈزىنى بېسىۋىلىپ ئىشتۇتسا  دەيمەن WZ<kk T  
يۇقارقى ھىكايىدەك بولسۇغۇ سەتلەشمەي يېنىشىۋالسا بولدۇ لىكىن  كۈرۋاتىمىزغۇ  دۇشمەن بوپكەتكەنلەنى مۇ   Fc"&lk4e  
ئاللاھ  ئۆزەڭبا !!!!!!!!!!!!!!!!!
چېچەك
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10299

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   360 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9093 (سوم)
 ياخشى باھا:   236 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   301  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3400
 سائەت
دەرىجىسى:
3400 سائەت 100 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-14
ئاخــىرقىسى:2011-07-14
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

مېنىڭچە بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى ھېسىياتىنى شۇنداق ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپسىز.‹بىر كۈنلۈك ئەر-خوتۇندا يۈز كۈنلۈك مۇھەببەت بولىدۇ›دېگەن شۇ بولسا كېرەك.تەشەككۈر!!
شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.
seal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26349

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2019 (سوم)
 ياخشى باھا:   152 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6
 سائەت
دەرىجىسى:
6 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-15
ئاخــىرقىسى:2011-07-11
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

ھەقىقەتەن   تەسىرلىك يېزىپسىز،  بىر قىسىم جايلىرى  مىنى   دەپ  يازغاندەك .   y t: V+qdv  
ئاجىرىشىش  ئالدىراپ  قىلىدىغان  ئىش  ئەمەس،
muslina216
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31445

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   310 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5425 (سوم)
 ياخشى باھا:   367 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   472  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 427
 سائەت
دەرىجىسى:
427 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-23
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

تۇرمۇشۇمىزدا مۇشۇنداق ئىشلارنى يوق دىگىلى بولامدۇ ، بىراق ئۇلار ئاجرشىپلا ئۇلاردەك بىر ئۆيدە تۇرۇش پۇرسىتىدىم مەھرۇم قالىدۇدە ، بۇنداق يارىشىۋېلىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق بولىدۇ .
polat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2181

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   269 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4797 (سوم)
 ياخشى باھا:   355 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   509  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5621
 سائەت
دەرىجىسى:
5621 سائەت 319 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-03
ئاخــىرقىسى:2011-07-13
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

تورداشلار بىر مەسىلىگە دېھقەت قىلىپ باقتىڭلارمۇ ؟ HmB[oH "x  
مەيلى نېگىر،ئەرەب،رۇس،ئۇيغۇر قارزاق ... قايسى مىللەت،قايسى دىن، قايسى ئېرىقتىن بولمىسۇن . خوتۇندىن تەلىيى كەلمىگەن ئەركىشىنىڭ ئىشى ھەرگۈزمۇ ئالغا باسمايدىكەن . aevG<|qP  
خوتۇندىن تەلىيى كەلمىگەن ئەركەك . ھامان ، جاھاننىڭ ئارقىسىدا ئىكەن .
ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ساپ ئىمان - ئېتىقاد ، كۈچ-قۇۋۋەت ، ئەقىل-پاراسەت تېلەيمەن . . .  !!!
qolguli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40488

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   25 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   109 (سوم)
 ياخشى باھا:   18 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 643
 سائەت
دەرىجىسى:
643 سائەت 7 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-12
ئاخــىرقىسى:2011-07-12
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-11

بۇ ئازراق ئوزگەرتىلگەن تەرجىمە ئەسەرمۇ قانداق؟مەن بۇرۇن بىر خەنزوچە ژورنالدا ئوقوغاندەك قىلغان.ئەگەر ئوزىڭىزنىڭ تەسەۋۇررى بولسا تەسەۋۇرىڭىزغۇ ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ،ئەمما شۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەليىـىتگە تازا ماس كەلمەپتۇ.بىز ئۇيغۇرلاردا ئاجىرشىپ كەتكەندىن كىيىن ھەرقانچە ئوي بولمىسمۇ بىر ئۇيدە تۇردىغان ئادەت يوق،ئەمما زە بۇ گۇزەل تەسەۋۇرۇڭىزغا ئوخشاش ئاجىرشىپ كەتكەن نۇرغۇن ئەر ئاياللار مۇشۇنداق يەنلا بىر ئويدە تۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشسە يېنىشىپ قالدىغانلار چوقوم كوپ چىقىدۇ.
كەم كۇتسىز دوسلۇق ئېزدەيمەن دىسەڭ بىر ئومۇر ئېزدسەڭمۇ تاپالمايسەن ..
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى