ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا «خوتەن» نى تەخەللۇس قىلغان ئەدىبلەر
}VJ>}i* JE9v+a{7 ئىمىن تاجى تۈرگۈن
x!GDS> (شنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخى كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتى)
U!|)M ZzE( S قىسقىچە مەزمۇنى : ھەممىزگە مەلۇمكى، خوتەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى جۈملىدىن شىنجاڭ تارىخىدا ئالاھىدە موھىم ئورۇن تۇتىدىغان قەدىمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆز تارىخىدا كۆپ خىل دىن، يېزىق ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىش جەريانى بولغان ھەمدە يىپىك يولىنىڭ جەنۇبىي بەلبىغىغا جايلىشىشتەك ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ئورنى بىلەن جوڭگۇ-چەتئەل ئالىملىرى، سەيياھلىرى، دىنى تارقاتقۇچىلىرى ۋە ئېكىسپىدىتسىيەچىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىدىكى ئاتەش ماكانغا ئايلانغان. بۇ دىياردا ياشاپ ئۆتكەن ئەدىب، شائىر، يازغۇچى ۋە ئەللامىلەر ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ماكاندا تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىدىن پەخىرلەنگەن ھەمدە ئۆزىگە بۇ نامنى تەخەللۇس قىلىپ ئىشلەتكەن. بۇ ئارقىلىق ئانا يۇرتىغا بولغان بىر خىل مېھرى-مۇھەببىتىنى، ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىجادىيەت ئىشلىرىغا بولغان ئىشەنچىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ماقالىدە قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ «خوتەن» نى تەخەللۇس قىلغان ئەدىبلەرنىڭ ھاياتى، ئەسەرلىرى ۋە ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزىلىدۇ.
L%v@|COQ3
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : خوتەن، ئەدىبلەر، ئەسەر، تەخەللۇس، مەزمۇن. خوتەن-تارىختا قاشتېشى دىيارى، شايى-ئەتلەس ماكانى ۋە گىلەم يۇرتى دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ مەشھۇر. بۇنىڭدىن ئالتە-يەتتە مىڭ يىللار ئىلگىرى قەدىمكى خوتەنلىكلەر يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە قەدەم قويغان، بۇنىڭدىن بەش-ئالتە مىڭ يىللار ئىلگىرى بولسا خوتەن قاشتېشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە ئوتتۇرا دېڭىز رايونى بويلىرىغا كۆپلەپ كىرگۈزۈلۈپ «يىپەك يولى»دىن ئىلگىرىلا «قاشتېشى يولى» شەكىللەنگەن. yP$esDP
8wkhbD|;
خوتەن مەدھىيىسى-كىلاسسىكلاردىكى بىر خىل ئىجادىيەت خاسلىقىدىن ئىبارەت.خەنزۇ شائىرلىرىدىن سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان نامەلۇم شائىرنىڭ «خوتەندە گۈل سەيلىسى» ناملىق شېئىرىدىن باشلاپ تيەن جيەن، فاڭ جىمىن قاتارلىقلار، پارس شائىرلىرىدىن ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى، شەيخ سەئىدىن، ھاپىز شىرازى، سابىر تېرمىزى، نادىرە قاتارلىقلار، تۈركىي شائىرلاردىن لۇتفى، ئەلېشىر نەۋائي،سەككاكى، ئاتايى، ئابدۇرەھىم ھاپىز خارەزمى، ھۈۋەيدا، ھەيدەر خارازەمى، فۇرقەت، شاھ مەشرەپ، موللا نىياز قارى سابىر، مۇھەممەت رەھىم راغىبى، سەدائىي، ئابدۇراززاق ئەندىجانى، موللا بىلال نازىمى ،زەلىلى، نەۋبەتى قاتارلىقلار، زامانىمىزدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئىمىن تۇرسۇن قاتارلىقلارمۇ خوتەن ھەققىدە مەدھىيە ناخشىلىرىنى ياڭراتتى. بەزىلىرى خوتەنگە بىر بېرىپ كېلىش ئارزۇسىدا ئارماندا كەتتى. m=9
b/Nr4
?+hEs =Xs
20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى موللا مۇسا سايرامى ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىر « تارىخى ئەمىنىيە» ۋە بۇنى قايتا تۈزۈتۈش ئاساسىدا تولۇقلاپ يېزىپ چىققان ئەسىرى «تارىخى ھەمىدىيە» دە خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ پىسخىكىسىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەپ چىققان. J8Wits]A]$
3#,6(k4>
خوتەن - ناھايىتى قەدىمىي شەھەردۇر، ئاداملىرى گېپىدە چىڭ تۇرىدىغان، مۇستەھكەم ئىتتىپاق خەلقتۇر. ئۇلار پىششىقلىقتا ۋە بېخىللىقتا تەڭدىشى يوق بولۇپ، تەقۋەدار، پەرھىزكارلىرى تولا، يامانلىرى ئاندىن تولا، ھەممە ئادەملىرى ھۈنەرۋەن ۋە كاسىپ، ئەقىل ۋە ئىدراكى زىيادە، تەدبىرلىك ۋە پاراسەتلىك ، ھۈنەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ خىرىدارغا ئوبدان كۆرسىتىپ قولىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولىدىن ئۆتكۈزۈشكە ماھىر خەلقتۇر. بىز بۇ باياندىن خوتەن خەلقىنىڭ ناھايىتى ئەمگەكچان، ھۈنەرۋەن ۋە ئىلىم-مەرىپەتنى قەدىرلەيدىغان روھىنى كۆرۈۋالالايمىز. مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ زېمىن ۋە جاسارەتلىك، مېھرى ئېسسىق خەلقنىڭ قوينىدا چوڭ بولۇپ ئۆسكەن خوتەن دىيارىدىكى ئەدىبلەر بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرىلىنىپ « خوتەن» دىن ئىبارەت يۇرت نامىنى ئۆزىنىڭ تەخەللۇسى قىلغان. بۇ خوتەندىكى پارلاق مىللى مەدەنىيەت ۋە خوتەن خەلقىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئەدىب – شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا بىر مەنىۋى كۈچ بىغىشلىغان. FA-cTF[,(
j$Ndq(
خوتەندە يارىتىلغان پارلاق مەدەنىيەت ۋە مۇقەددەس ئىنسان خاراكتېرى كلاسسىكلارنى بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشكە دالالەت قىلغان ئەڭ موھىم ئىلھام بۇلېقىدىن ئىبارەت. ئىجتىھاتچان پروفېسسور ئابدۇللا سۇلايمان باشچىلىقىدا تۈزۈپ چىقىلغان «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار» ناملىق بىر يۈرۈش كىتابلار بىر پۈتۈن خوتەن ئېنىسكلوپىدىيەسىنى تەشكىل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ مەدھىيە ناخشىسىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ توختاپ قالماي تېخىمۇ ياڭراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان موھىم ئىسپالارنىڭ بىرىدۇر. Tfh2
>
26aDPTP $<
ئۇيغۇرلاردا تەخەللۇس ۋە فامىلە قوللىنىش ئەنئەنىسى خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە . تەخەللۇس- ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئۇ يازغۇچى ، شائىرلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىدىن باشقا، ئۆزلىرىگە نام قىلىپ ئالغان ۋە ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىشلەتكەن سۆزدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، شۇ كىشىنىڭ ئەدەبىي لەقىمىدۇر. )@DDs(q=i
eV}" L:bgJ
ئۇيغۇر ئەدىب - شائىرىلىرى ئۆز ئىسمى ، ئاتىسىنىڭ ئىسمىدىن كېيىن ئۈچىنچى بىر ئىسىم ئورنىدا تەخەللۇس قوللىنىدۇ. ئەمما ئۇنى قەلەمكەشلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىدۇ. يەنى شائىرلار ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ خۇلاسە مىسرالىرىدا ':_9o5I
ep"{{S5g
خاس ئىسىمنىڭ ئورنىدا تەخەللۇسنى يالغۇز قوللىنىدۇ. شۇڭا بەزى تەخەللۇسلار كىشىلەرگە قەلەمكەشنىڭ ئەسلى ئىسىمدەكلا بىلىنىدىغان بولۇپ كەتكەن. ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تەخەللۇسلار ئومۇمەن« مەشرەپ، زۇلپىقار » دېگەندەك ئىسىملاردىن، « لۇتفى، سەبۇرى، تەجەللى، سۈزۈك، ئۆتكۈر» دېگەندەك سۈپەت سۆزلىرىدىن، شۇنىڭدەك ئاخىرىغا « ئى » قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ سۈپەتلەشتۈرۈلگەن « قەشقەرى، خوتەنى، يېڭىسارى، سايرامى » دېگەندەك يەر-جاي ناملىرىدىن، ئۇنىڭدىن باشقا سۈپەتلەشتۈرۈلگەن باشقا ئىسىملاردىن تەشكىل تاپقان. نۆۋەتتە سۈپەتلەشتۈرۈلمىگەن نۇرغۇن ئورۇن - جاي ئىسىملىرىمۇ ئەينەن قوللىنىلىپ تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلە : « باغراش، كرورەن، بوغدا، كەلپىن» دېگەندەك. *CXc{{
&