مەن ساڭا ئاشىق
مانا ھەش پەش دىگۈچىلا ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمىلەرگە تولغان ئالى مەكتەپ ھاياتىم ئاخىرلىشپ گۈزەل يۇرتۇم قەشقەرگە مىڭىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن، قەدىرلىك دادام، مىھرىبان ئانامنى كۆرۈش، باغرىمغا بىسىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن، خەيرى خوش ئۈرۈمچى، خەيرى خوش ئانا مەكتىۋىم.
يۇرتقا قايتىشنىڭ خۇشاللىقىدا ئايرۇدۇرۇمغا بالدۇرلا كىلىۋالغان ئىدىم، ئايرۇپىلاننىڭ مىڭىش ۋاقتى توشاي دىمەيتى، سائەتكە قارىدىم، ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچىشىغا يەنە 1 سائەتتەك بارئىدى، زىرىكىش ھىسلىرىمنى پەسەيتىش ئۈچۈن كىتاپ ئوقوماقچى بولدۇم دە يىقىن ئەتراپتىكى تىلىغۇن بوتكىسىدىن كومپىيوتىرغا ئائىت ژورنالدىن بىرنى سىتىۋىلىپ كۆرۈشكە باشلىدىم ، ژورنالدىكى ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان تىمىلارنى بىر قاتار كۆرۈپ چىقىپ بولوپ يەنە سائەتكە قارىدىم ،ئايرۇپىلاننىڭ قوزغىلىشىغا يەنە يىرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت بارئىدى، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خاتىرە كومپىيوتىرىمنى ئىلىپ تورغا چىقىشقا باشلىدىم، ئۆزۈم سودا كەسپىدە ئوقوغان بولساممۇ كومپىيوتىرغا ئالاھىدە قىزىقاتتىم، بولوپمۇ تور بىلىملىرىگە ،تور بەت ياساشقا ئالاھىدە قىزىقاتتىم شۇڭىمۇ بىكار قالساملا كومپىيوتىرغا ئائىت كىتاپ ژورناللارنى ئىلىپ ئوقويتۇم، مۇھىم جايلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماتىرىيال ئىزدەپ تەپسىلى كۆرەتتىم، كۆپ ۋاقىتلاردا كۈنلەپ ياتاقتىن چىقماي خاتىرە كومپىيوتىرىمدا تورغا چىقىپ ماتىرىيال ئىزدىسەم ، بەزى ۋاقىتلاردا ياتاقداشلىرىمنىڭ زورى بىلەن ، تورخانىلاردا كىچىلەپ ئولتۇرۇپ قالاتتىم، ماتىرىيال كۆرۈپ چارچاپ كەتكەندە ياكى بىكار قالغان چاغلاردا مۇنبەرلەرنى ئارىلاپ، يىڭى يوللانغان بەزى تىمىلارغا ئىنكاس يىزىپ قوياتتىم، بەزى بەزىدە كومپىيوتىر بىلىملىرىغا ئائىت بەزى تىمىلارنى يوللاپ باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇناتتىم، يىقىندا تىخى ئۆزۈم ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايدىغان ناخشىلارنى توپلاپ ئاددى بىر ناخشا مۇزىكا چۈشۈرۈش بىكىتىدىن بىرنى قۇرۇۋالغان ئىدىم.
ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇلىنىش تورى ۋە ئەلكۈيى تور بىكىتىنى ئىچىپ يىڭى خەۋەرلەرنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىتىم دە مىسرانىم مۇنبىرىنى ئىچىپ يىڭى تىمىلارنى كۆرۈشكە باشلىدىم ، يازما نامى ئالاھىدە قويولغان بىر تىما مىنى ئۆزىگە تارتتى.
ئاجايىپ ئادەملەر باردە توۋا يازما نامىنىمۇ مۇشۇنداق قويامدۇ دەپ كۈلدۈم ئىچىمدە، بۇ يازمىنىڭ تىمىسى ‹‹سىنىڭ كۆڭلۈڭ كىمگە باقتى›› ئىدى.
يازمىنى ئوتقاش تەخەللۇسىدىكى بىر قىز تورداش قالدۇرغان بولوپ، يازمىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى.
‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكوم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر، ئالدىنقى قىتىم قايسى بىر تور بىكەتتىن تاسادىپى بىر ناخشىنى ئاڭلاپ قالغان ئىدىم بۈگۈن ئاڭلاي دىسەم ئىزدەپ تاپالمىدىم ئىزدەپ تىپىشىپ بەرگەن بولساڭلار، بىشىدىكى مىسراسىدا سىنىڭ كۆڭلۈڭ كىمگە باقتى، مىنىڭ كۆڭلۈم ساڭا باقتى دەپ چىققاندەك قىلىۋاتاتتى، ناخشا ئىسمنى تاپالمىدىم ، بەكمۇ مۇڭلۇق ناخشا ئىكەن بىلىدىغانلار بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار، ئالاقە چ چ نۇمۇرۇم xxxxxx ››
يازمىدىكى ناخشىنىڭ بۇ ئىككى مىراسىنى كۆرۈپلا ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ‹‹ئاشىق›› ناملىق ناخشا ئىكەنلىكىنى بلىدىم، بۇ ناخشا مىنىڭ ناخشا مۇزىكا چۈشۈرۈش بىكىتىدە بار ئىدى، مەن بۇ ناخشىنى تىپىپ تىما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ يەنە ئىككى ئۈچ ئىغىز ئىنكاس يازاي دەپ تۇرۇشۇمغا تىلىغۇنۇم سايراشقا باشلىدى،ئامالسىز ناخشا ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويوپلا مۇنبەردىن چىكىندىم، تىلىغۇن دادامدىن كەلگەن ئىدى، تىلىغۇننى ئالدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم دادا، قانداق تۇرۇپلا، ئانامنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ دىدىم مەن تىلىغۇننى ئىلىپ.
ياخشى بالام، ھەممىمىز شۇنداق ياخشى تۇردۇق،ئۆزلىرىچۇ، ئەھۋاللىرى قانداقراق، ئۈرۈمچىدىكى شىركەتتىكى بالىلار بىلەن كۆرۈشلىمۇ؟ ئۇلارغا بىلەت ئىلىپ سىلىگە ئاپىرىپ بىرىشنى ئورونلاشتۇرغان، بىلەت ئالالاپتۇمۇ؟ ئاۋازلىرى پەس چىقىدۇ مىجەزلىرى يوقمۇ نىمە؟ دىدى دادام ئەھۋالىمنى بىلىشكە ئالدىراپ.
ئەنسىرىمىسىلە دادا، بىر سائەت بۇرۇن بىلەتنى ئىلىپ مەكتىۋىمگە بىرىپتىكەن، بايا ئايرۇدۇمغا ئەكىلىپ قويوپ قايتىپ كەتتى خاتىرجەم بولسىلا ، سالامەتلىكىم ياخشى ئەنسىرىگىدەك ئىش يوق دادا ئاۋازىمنى سەل يۇقىرى چىقىرىىپ.
بوپتۇ بالام، ئەمىسە خاتىرجەم بولدۇق ، شىركەتتىكى بالىلاردىن 4 نى ئالدىلىرىغا سىىلىنى ئەكىلىشكە ئايرۇدۇرۇمغا ماڭدۇردۇق، ئۇلار ئايرۇدۇرۇمدا سىىلىنى ساقلىماقچى، دىدى دادام.
دادا مەن يا كىچىك بالا بولمىسام 24 ياشقا كىرىپ قالدىم مەنمۇ، نىمىمۇ قىلارلا ئالدىمغا ئالغىلى ئادەم چىقىرىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قەشقەرگە چۈشۈشكە خىلى تۇرسا ، ئايرۇپىلانغىمۇ چىقمىسام تىخى، بالدۇرلا ماڭدۇرۇپلا ، بالىلار بەك ساقلاپ قالارمىكىن دىدىم نارازى بولغاندەك.(ئادەتتە ئۆيدىكىلىرىمنىڭ ئۇنداق بەك كۆزۈمگە كىرىۋىلىشىنى، سىرىتلارغا چىققاندا ئارقامغا سىلى بىلەن چۆرگىلەپ كەلسۇن دەپ ئادەم سىلىپ قويىشىنى خالىمايتىم. لىكىن نىمە ئامال مەن ئۆيدە پەقەت بىرلا بالا، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەۋرىلەر ئىچىدە بىرلا ئوغول نەۋرە بولغانلىقىم ئۈچۈن سىرىتلارغا چىققىنىمدا 4-6 گىچە قوغدىغۇچى كەم بولمايتى )
ھىچقىسى يوق بەگزادەم بار يوقى سىلى بىرلا بەگزادىمىز تۇرسلا ساقلىسا نىمە بوپتۇ، قەشقەرگە چۈشۈپلا تىلىغۇن قىلسىلا ، بىزمۇ خاتىرجەم بولايلى دىدى دادام، دادام بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن ئانام بىلەن ئەھۋاللىشىپ بولوپ تىلىغۇننى قويدۇمدە سائىتىمگە قارىدىم ۋاقىتمۇ توشوپ قالغان ئىدى، نەرسە كىرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئايرۇپىلانغا چىقىش ئىغىزىغا قاراپ مىڭىشقا باشلىدىم ، ئارقا تەرىپىمدىن بىرىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئارقامغا قارىدىم، مەن تونۇيدىغان بىرەرسى باردەك قىلمايتى، خاتا ئاڭلاپ قالغان بولسام كىرەك دەپ ئويلاپ يولومنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدىم، بىر قانچە قەدەم ماڭا ماڭمايلا بىر قىزنىڭ ئىسمىمنى چاقىرغانلىق ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى،
ھەي پاكزات بۇ مەن ؟ئوقوش پۈتتۈرۈپ بىر كۈن بولا بولمايلا ساۋاقداشلىرىنىمۇ تۇنۇماس بوپ كەتلىما ؟
ئارقامغا ئۆرۈلۈپ قارىدىم 4-5 مىتىر يىراقلىقتا ئالى مەكتەپتە بىر سىنىپتا بىللە ئوقوغان ساۋاقدىشىم مىھرىئاي بىر قىز بىلەن بىللە تۇراتتى، ئالدىراپ تۇرساممۇ ئۇلار تەرەپكە قاراپ ماڭدىم، قىسقىلا سالاملاشقاندىن كىيىن مىھرىئاي گەپنى باشلىدى.
ئوقوشىمىز پۈتۈپ بىر كۈن بولا بولماي ئىسملىرىنى تولسا ئاڭلىمايدىغان بوپ كىتىپلا قەشقەرگە بارساق ئىش بار ئوخشايدۇ ، تەنە ئارىلاش چاقچاق قىلدى مىھرىئاي، نەدىكىنى خاتا ئاڭلاپ قالغان ئوخشايمەن دەپتىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرۇپىلانغا ئالدىراپ ،ھە راس بايا ماشىنا بىلەن ماڭىمەن دەۋاتاتتىلە قاراررلىرىنى ئۆزگەرتىپ قاپلىغۇ، بايا ئايرۇپىلاندا ماڭىدىغانلىقلىرىنى ئىيتقان بولسىلا بىللە كىلەتتۇق ئەمەسمۇ دىدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.
بايا ماشىنىدا ماڭاي دىگەن لىكىن بۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىدىكىلەر جىددى قايتىشنى ئىيتىپتىكەن شۇڭا ئايرۇپىلاندا قايتىدىغان بولدۇق، چامادانلىرىمىز كۆپ بولغاچقا كۆتۈرۈپ بولالمىدۇق كۆتۈرۈشۈپ بەرملا ، ماۋۇ ئىشنى بايىدىن بىرى گەپ بىلەن بولوپ دوستۇمنى تونۇشتۇرۇپ قويوشنى ئۇنتۇپتىمەن ، تونۇشۇپ قىلىڭلار بۇياق ساۋاقدىشىم پاكزات بولىدۇ، يۇرتىمىزدىكى كاتتا باينىڭ بالىسى ، سىنىپىمىزنىڭ ئەلاچىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق كىلىشكەن، ماقۇل دىسە يۈرۈۋالغۇدەكلا يىگىت، لىكىن بىرلا يىرى باشقىلار گەپ قىلمىسا ئاي يىللاپ گەپ قىلمايدۇ، قانداق بولامدىكەن؟ ھەممەيلەن تەڭ كۈلۈشۈپ كەتتۇق، لىكىن يۈزلىرىم ئوت بولوپ يىنىپ كەتكەن ئىدى، ئادەتتە باشقىلارنىڭ دادامنىڭ بايلىقى توغرىسىدا گەپ قىلىشىنى ياقتۇرمىساممۇ ئەدەپ يۈزىسىدىن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. بۇ دوستىمنىمۇ تونۇشتۇرۇپ قوياي، ئىسمى ئۇيغۇرئاي، مەكتىۋىمىزنىڭ مۇزىكا فاكولتىتىدا ئوقوغان ، كىلەر يىلى ئوقوشى پۈتىدۇ، مەكتىۋىمىزنىڭ مەكتەپ گۈزىلى دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ بۇ دوستۇمنى، ئۆيى قەشقەر قىزىلدۆۋىدە.
نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسەن دىدى، ئۇيغۇرئاي سەل خىجىل بولغاندەك قىلىپ، ئۇنىڭ يۈزلىرىمۇ ماڭا ئوخشاش ئوت رەڭگىدە رەڭ ئالغان ئىدى.
قىزغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم، توۋا ئىنسان بالىسىمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق بولىدىكەن، يوغان قوي كۆزلەر، ئىقىپ چۈشكەندەك بۇرۇن، قاپقارا چاچلار، ئويماقتەك ئىغىز، مودىللارنىڭ ھەسىتىنى قوزغىغۇدەك گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى بۇ قىزدىن تىپىلاتتى،ئاددى ئەمما شۇنداق ماسلاشتۇرۇپ كىيىلگەن كىيىم كىچىكى بۇ قىزنى تىخىمۇ گۈزەل، تىخىمۇ ئوماق قىلىپ كۆرسىتەتتى ،ئىچىمدە ئويلايتىم بىر قانچە يىللاردىن بىرى بىر مەكتەپتە ئوقوپ تۇرۇپمۇ نىمشقىمۇ كۆرمىگەن بولغىتىم، بۇرۇنراق كۆرگەن بولسام .... دىگەنلەرنى ئويلىدىم ئىچىمدە، خۇددى ئۇلار ئويلىغانلىرىمنى بىلىۋالغاندەك يۈزلىرىم تىخىمۇ قىزىرىپ كەتتى، ماڭامدۇق ياكى بىردەم قارىشىۋالامسىلە، ھىھھى ھى ھى ، مىھرىئاينىڭ بۇ چاقچىقى بىلەن ئۆزۈمگە كەلگەندەك بولدۇمدە ، ھىلىغۇ چامادانكەن ھەر قايسىلىرى ئۈچۈن ھەر قانداق ئىغىرچىلىق بولسىمۇ كۆتۈرۈشكە تەييارمەن دىدىم چاقچاققا چاقچاق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ، لىكىن گەپلىرىم ئۆزۈمگە پەقەتلا قولاشمايۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى ، چاماداننى كۆتۈرۈپ ماڭماقچى بولدۇم، ئۇنىڭ بۇ چاقچىقى مىنى بەكلا ھۇدۇقتۇرۇپ قويغاچقىمۇ ھەركەتلىرىم پەقەتلا قولاشمايتى، تۇيۇقسىز ئوڭ قولومدا كۆتۈرۈپ ماڭغان چامادانغا پۇتلىشىپ چامادان قولومدىن چۈشۈپ كەتتى، توۋا ماۋۇ ئىشنى، نىمە كىلىشمەسلىك ئەمدى بۇ، چىرايىم ۋاژىداپ كۆيۈۋۈتقاندەك ئىدى، چاماداننى تىزلىك بىلەن ئىلىۋىلىش ئۈچۈن چامادانغا قولومنى ئۇزاتتىم، تۇتقىنىم چاماداننىڭ تۇتقۇچى ئەمەس نازۇك بىر قول ئىدى، تىزلىك بىلەن قولومغا ئاندىن نازۇك قولنىڭ ئىگىسىگە قارىدىم ،مەن چاماداننى ئىلىش ئۈچۈن قولومنى ئۇزاتقاندا ئۇيغۇرئايمۇ مەن بىلەن تەڭ قولىنى ئۇزاتقان، مەن بىخەستەلىكتە ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان ئىدىم، بۇ قول شۇنچىلىك نازۇك لىكىن، شۇنچىلىك مىھرى ئىسسىق، ئوتلۇق قول ئىدى، لىكىن قويوپ بەرمەي بولمايتى.
كە، كەچۈرۈڭ، سەت بولدى، ئىھتىياتسىزلىقتىن.... مۇشۇ گەپلەرنى ئارانلا قىلالىدىم، ئۇ خۇددى بىر قىزىل ئوتقا، يۈرۈگۈمنى كۆيدۈرگۈچى قىزىل چوغقىلا ئوخشاپ قالغانىدى، ھىچقىسى يوق، ئۇمۇ مۇشۇ گەپنى ئارانلا دىدىدە قولىنى چاماداندىن، مىنىڭ قولومدىن تارتتى، ئۇ قولىنى قولومدىن ئەمەس خۇددى، يۈرۈگۈمنى تۈكلۈك مەيدەمدىن سۇغۇرۇپ تارتقاندەك، جىنىمنى ئالماقچى بولغاندەك بولوپ كىتىۋاتاتتىم. تەلىيىمگە مىھرىئاي بۇ قىتىم گەپ قىلمىدى، ئەمدى يەنە بىرەر چاقچاق قىلسا تىكمۇ تۇرالمايدىغاندەكلا ئىدىم، ، نەرسە كىرەكلەرنى ئورونلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئايرۇپىلانغا چىقتۇق ، بىز ئۈچەيلەننىڭ ئورنى بىر رەتتە بولوپ، ئۇ ئىككەيلەن سول تەرەپتىكى بىر قاتاردا مەن ئوڭ تەرەپتىكى بىرىنجى رەتتە ئىدىم، كىچىدىن بىرى تورغا چىقىپ چارچاپ كەتكەچكىمۇ كۆزلىرىم ئىچىشىپ ئاچالمايلا قىلىۋاتاتتىم، ئورنۇمغا كىلىپلا بىردەم ئۇخلىۋىلىش ئۈچۈن كۆزۈمنى يۇمماقچى بولدۇم ،لىكىن خىيالىمدا يەنىلا بايىقى ئوتلۇق قوللار،قوي كۆزلەر، ئۇلارغا قارىدىم ئۇلار پىچىرلىشىپ نىمەلەرنىدۇر دىيىشىۋاتاتتى، بەش مىنۇتتەك كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۆزۈمنى ئۇيقىغا زورلاپ باققان بولساممۇ ھىچ ئۇيقۇم كىلەي دىمەيتى، كۆزۈمنى ئاچالمايتىم، لىكىن مىڭەم سەگەك ئىدى، تۇيۇقسىز ئۇ ئىككى قىزنىڭ پىچىرلىشىپ مۇڭداشقان ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
مېھراينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، قانداق بولامدىكەن ئاداش ، ئۆزىغۇ بەك قاملاشقان يىگىت ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيىدىكىلىرى ئىنتايىن باي، نەچچە ئون جايدا قورو جايى، ھەم ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەردە شىركەتلىرى بار، لىكىن بەكلا كەم سۆز، ئەينى ۋاقىتا بۇ بەگزادىنى بەكلا قولغا كەلتۈرگۈم بار ئىدى، لىكىن بىر قانچە قىتىم بىر يەرلىك بولغاندىكىن يىقىن ئۆتەيلى ، دەپ ياتاققا تاماققا تەكلىپ قىلغانمۇ بولدۇم لىكىن ئۆزرە ئىيتىپ ئىشىنىڭ كۆپلىكىنى سەۋەپ قىلىپ پەقەتلا تۇتۇق بەرمىدى، مەنمۇ بولدى قىلدىم، نىمەن ئامال خەق ئازراقمۇ قىزىقمىسا.
سەندەك چىرايىم بولغان بولسا نەۋاخ قولغا كەلتۈرۈپ بولاتتىم مەن.
ئارقىدىنلا ئۇيغۇرئاينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، مۇھەببەتكە چىراي بولسىلا بولامدۇ، مىنىڭچە گۈزەل قەلىب، پاك سۆيگۈ ھەممىدىن مۇھىم.
مىھرىئاي گىپىنى داۋاملاشتۇردى، ساددىدە ئاداش سەن سەندەك گۈزەلنى كۆرگەندە ئىرىمەيدىغان ئەركەك بار دىسە ئىشەنمەيمەن مەن، بولدىلا بۇ گەپنى قىلىشمايلى، بۇ گەپلەرنى قىلىشقا رايىم يوق مىنىڭ ھازىر دىدى ئۇيغۇرئاي.
ئۇلارنىڭ پارىڭى مۇشۇ يەردە توختىدى، لىكىن مىنىڭ خىيال قوشلىرىم ماڭا تۇتۇق بەرمەي پەرۋاز قىلىۋاتاتتى.
توۋا بىر يۇرتلۇق ، بىر مەھەللىلىك دەپ كەتسە ھەجەپ كۆيۈمچان قىزكەن دەپ كىتىپتىكەنمەن ئەينى ۋاقىتتا، جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دەڭ، ھىلىمۇ ياخشى ياخشى كۆرۈپ قالماپتىمەن سىنى، ماڭا دادامنىڭ بايلىقىنى ئەمەس، مىنى ياخشى كۆرىدىغان، ۋاپادار قىز كىرەك، پۇلنىڭ قۇلى كىرەك ئەمەس، مەنمۇ ھەر قانداق قىزنى كۆرسىلا ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان ئۈژمە كۆڭۈل ، شاتراق يىگىتلەردىن ئەمەس، ماڭا ئىچ ئىچىدىن ماڭا كۆيەلەيدىغان ، پۇلنى ئەمەس مىنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى دەپ بىلىدىغان،ماڭا ئۆمۈرلۈك سادىق ھەمراھ بولالايدىغان ، مىنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھى دەپ بىلىدىغان، ئەخلاقلىق، بالامنى ياخشى تەربىيلەپ كەلگۈسۈمنى يورۇق قىلالايدىغان قىز كىرەك دەپ ئويلايتىم ئىچىمدە.
خىيال ئاسمىنىمدا قەدىردان ئاتا ئانام كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
دادم ئەخمەت ھاجى 45 ياشلار چامىسىدىكى ئىگىز بويلوق قاملاشقان، خۇشچاقچاق، لىكىن كۆپ گەپ قىلمايدىغان ، گەپ سۆزلىرى جايىدا،يىتىم يىسىر، قىيىنچىلىقى بارلارغا بەكلا مىھرىبان ،سودىغا ماھىر ئادەم، جەمەتىمىزدىكى ھەممە ئادەم دىگۈدەك ئۇنىڭدىن ھىيىقىدۇ، جەمەتىمىز ئىچىدىكى ھەر قانداق چوڭ كىچىك ئىشلاردا ئۇنىڭ دىگىنى ھىساپ، دادامنىڭ ئىيتىپ بىرىشىچە دادام 4 يىشىدىلا ئاتا ئانىسىدىن يىتىم قالغان بولوپ خوتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار ئىلىپ كىتىپ بالىچىلاپ باققان ۋە سودا سىتىق ئۈگۈتۈپ چوڭ قىلغان ئىكەن، دادم 15 يىشىدىن باشلاپ ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن قاشتىشى سودىسىغا كىرىشكەن بولوپ ، 20 يىشىدا ھەر قانداق قاشتىشىنى بىرلا كۆرۈپ باھاسىنى دەپ بىرەلەيدىكەنتۇق، يىگىتلىك قورامىغا يەتكەندىن كىيىن خوتەندىكى ئىلى دادامنىڭ(چوڭ دادام) قىزى(ئانام) گۈلنىسا خىنىم بىلەن توي قىلىپ قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ سودا بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنداقلا ناھايتى تىز بىيىپ 30 نەچچە يىشىغىچە قەشقەردىكى چوڭ بايلاردىن بولوپ قالغان ئىكەن، ئانام ياش ۋاقتىدا دۇتتار بىلەن خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقويدىكەنتۇق ، دادام ئانامنىڭ ناخشىسىغا، بۇلبۇلدەك ئاۋازىغا ئاشىق بولوپ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن، ئىسىمگە كەلسەم بىكار قالغان ۋاقىتلىرىمىزدا خوتەن، قەشقەر خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقوپ بىرەتتى، دادام كەيپىياتى ياخشى ۋاقىتلىرىدا ئانامنىڭ ناخشىلىرىغا كەلتۈرۈپ ئۇسۇل ئويناپ بىرەتتى، بەزى بەزىدە مىنى ئۇسۇلغا تارتىپ قاشلىرىنى ئىتىپ ، قىزىقارلىق ھەركەتلەرنى قىلىپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرەتتى، بىزنىڭ ئائىلىنى ئەڭ بەخىتلىك ئائىللەردىن دىيىشكە بولاتتى.
ئايرۇپىلاننىڭ قاتتىق سىلكىنىپ قونىشى بىلەن خىيال قۇشلىرىم قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى، كۆزۈمنى ئاچتىم ھەممەيلەن نەرسە كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ پەسكە چۈشۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشىۋاتاتتى، كۆڭلۈم ، كۆزۈم يەنىلا يان تەرەپتىكى ئوروندۇقنى ئۇيغۇرئاي بار تەرەپنى تارتىپ تۇراتتى، توۋا دەيمەن، مەن نىمە بولغاندىمەن، بۇ قىزنى تىخى بۈگۈنلا كۆرۈشۈم تۇرسا ياكى بۇ قىزنى بۇندىن بۇرۇن كۆرۈپ باقمسام، نىمە ئىش بوپ كەتتى بۇ، مەنغۇ ئۇنچە سۇيۇق يىگىتلەردىنغۇ ئەمەس بولمسا ، بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قىلىش دىگەن مۇشۇ بولسا كىرەك بەلكىم، ئۇ بار تەرەپكە قارىدىم، ئۇمۇ نەرسە كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرغىلى تورغان ئىدى.
ئۇ ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى، ئۇنىڭ مۇشۇ گۈزەللىكى مىنىڭ قەلبىمگە مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى چاچقان، مىنى ئەسىر قىلغان ئىدى، مۇشۇ تۈنجى قىتىملىق ئۇچرىشىش مىنى ئۇنىڭغا باغلىغان ئىدى، شۇنداق ئۇ مىنى ئەسىر قىلغان ئىدى، لىكىن مەن ئۇنى چۈشەنمەيتىم، خۇي مىجەزىنىمۇ ،قانداق ئادەملىكىنىمۇ بىلمەيتىم، لىكىن ئۇنىڭغا قارىغۇم، توختىماي قارىغۇم كىلەتتى. ئۇنى چۈشەنمىسەممۇ، ماڭا قانداق قارايدىغانلىقىمنى بىلمىسەممۇ، يەنىلا قارىغۇم كىلەتتى، نەچچە يىللىق ئوقوش ھاياتىمدا بىرمۇ قىزغا كۆڭۈل بەرمىگەن، كەسپىم بىلەن كومپىيوتىردىن باشقىغا قىزىقمىغان مەندەك بىر كىتاپ خالتىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك تاسادىپى پۇرسەتتە تونۇشۇپ قالغان قىزغا ئەسىر بولوپ قالغىنىم قىززىق، ئوقوۋاتقان ۋاقتىمدا سىنىپ، ياتاق، تورخانا ئارلىقىدا قاتناپ سىنىپىمىزدىكى باشقا بالىلارغا ئوخشاش دىبا، كەچلىك ئۇچرىششلارغا ۋاقىت ئاجراتمىغانلىقىم سەۋەبىدىن بولسا كىرەك، مىنى سىنىپىمىزدىكى بالىلار ۋە باشقا فاكولتىتتىكى بىر قانچە كومپىيوتىر ، تور بەت ھەۋەسكارلىرىدىن باشقا بالىلارمۇ بەك تونۇپ كەتمەيتى. ئۆزۈمنىڭمۇ ئولتۇرۇش ناخشا مۇزىكا سورونلىرى بىلەن خوشوم يوق ئىدى، بىكار بولساملا كەسپىمگە ياكى كومپىيوتىرغا ئائىت كىتاپلارنى ئىلىپ كۆرەتتىم ، بىكار بولوپ قالسام تورخانىغا چىقىپ باس باس، مىسرانىم، ئەلكۈيى قاتارلىق داڭلىق بىكەتلەرنىڭ مۇنبەرلىردىكى تىمىلارنى بىر باشتىن كۆرۈپ چىقاتتىم ياكى ئىنكاس يىزىپ ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتورىغا قوياتتىم، سىنىپىمىزدىكى بالىلارمۇ چاقچاق قىلىشىپ كىتاپ خالتىسى، تور قۇرۇتى، دىگەندەك لەقەملەرنى قويوشوپ چاقچاق قىلىشتاتتى.
مانا بۇ باشقىلار دەيدىغان بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولوش شۇ بولسا كىرەك.
مىھرىئاينىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى.
پاكزات بولوڭ، نىمانداق قاراپ تۇرىسىز، ماڭايلى ھەممە ئادەم چۈشۈپ بولدى.
ئۇلار مىڭىشقا تەييار بولوپ بولغان ئىدى، نەرسە كىرەكلىرىمنى ئالدىمدە ئايرۇپىلاندىن چۈشۈش ئۈچۈن ئايرۇپىلان ئىشكىگە قاراپ ماڭدىم، لىكىن ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇم يوق ئىدى، خۇددى مۇشۇ ئايرۇپىلاندىن چۈشسەملا ئۇنى كۆرەلمەيدىغاندەك ھىس قىلاتتىم، بولسا ئايرۇپىلاننىڭ قايتىدىن قوزغىلىپ ئۇچىشىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆكتە پەرۋاز قىلىشنى ، ياكى ئۇنىڭ ئايرۇپىلاننىڭ ئىشىكى تاقىلىپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىردەم بولسىمۇ خالى قىلىشنى ، ئۇنىڭغا بىردەم قارىۋىلىشنى، ئۇنىڭ ئوتلۇق قوللىرىنى قايتا تۇتىۋىلىشنى ئارزۇلايتىم.
ئاخىرى ئىنكاس شەكلىدە يوللىندۇ-----------
[ بۇ يازما Nazar. تەرپىدىن 2011-07-09 18:37 دە قايتا ]