مۇنبەر مۇھىتنى مۆتىدىللەشتۈرەيلى YKl!M/
(بەزى مۇنبەرلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن مۇنبەر قەلەمكەشلىرىنىڭ پەزىلىتىگە نەزەر )
j&m<=-q ئىككى كىشى ئارىسىغا ئوت ياقسا كىمكى،
QbqLj>-AJ ئوتتۇرىدا شۇ ناداننىڭ كۆيىدۇ ئۆزى.
!1"~tA!+p= - سەئىدىي شىرازى
nhXa&Nro قارايدىغان بولساق، ھەر قانداق بىر مۇنبەردە مۇنبەر قۇرغۇچىلىرى ۋە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىدىن زارلاش، قاقشاش، رەنجىشلەر خېلىلا كۆپ، بۇ خىل ئورۇنسىز رەنجىشلەرنى يىغىپ كەلگەندە، ئاساسلىقى ئۆز يازما (تېما)لىرىنىڭ تەستىقلانمىغانلىقى، «سەۋەبسىزلا» ئۆچۈرۈلگەنلىكى، «شۇنچە ياخشى ئەسەر»لەرنى يازالايدىغان خېلى غوللۇق ئەزا تۇرۇپمۇ، «بىكاردىن-بىكار» چەكلەنگەنلىكى...ھەققىدىكى رەنجىش ۋە قىيداشلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھەممەيلەن مۇشۇ رېئال جەمئىيەتتە ياشاۋاتىمىز. ھاياتلىق قانۇنىيىتىدىن مەلۇمكى، تۆت كۈنلۈك بۇ تىرىكچىلىك ئالىمىدە ھېچكىممۇ-ھېچكىمنى ھېچقاچان ئەبەدىي خۇش قىلىپمۇ ھەم مەڭگۈ رەنجىتىپمۇ ئۆتۈۋېرەلمەيدۇ! چۈنكى ھايات-ئون كۈلكە بىلەن بىر يىغىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت بولغان خېلىلا مۇشەققەتلىك ھەم ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر جەريان. بىز كەچۈرىۋاتقان تۇرمۇشمۇ «تۇر!!! +مۇش!!! =تۇرمۇش!!!!!!»تىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، تورۇشقا بەلگۈلەنگەن ئورۇندا چىدام، غەيرەت، ئۈمىد بىلەن ئىز بېسىپ، مەھكەم تۇرالمىغانلار مۇش، يەنى جازا( خاپىلىق)بىلەن نەتىجىلىنىدىغان تراگېدىيە! ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى بىز يولۇقتۇرغان، ئۇچرىتىدىغان قىلمىش-ئەتمىش ۋە كەلمىشلەرنىڭ ھېچبىرى ھېچكىمنىڭ ئىرادىسى بويىچىلا بولىۋەرمەيدۇ! خۇددى شامال كېمىنىڭ تەلىپى بويىچە چىقمىغاندەكلا! تور(مۇنبەر) دىن ئىبارەت بۇ چەكسىزلىككە سوزۇلغان مەۋھۇم دۇنيادىكى ئىشلار تېخىمۇ شۇنداق، ئەلۋەتتە! بۇ، مۇنبەر ئەھلىگە ناھايىتى ئايان بولغان ئاددىي بىر ھەقىقەت!
G';oM;~/| مەن يېقىندىن بۇيان، خېلى نوپۇزلۇق بىر قىسىم مۇنبەرلەردە (جۈملىدىن، مىسرانىم ۋە يازغۇچىلار مۇنبىرىدە) مۇشۇ خىل ئورۇنسىز رەنجىش، كۆرەڭلەش، مەنسىتمەسلىك ...قاتارلىق بىر قىسىم ناچار روھىي ئىللەتلەر تالاپىتىدىن كېلىپ چىققان، چىقىۋاتقان، چىقىش ئالدىدىكى كۆڭۈلسىزلىك، رەنجىش، بۇتناش، قۇتۇپلىشىپ كېتىش، «قوللاپ»، دېپىنى چېلىپ كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرۇش، تىللاپ،چۆكۈرۈپ تۇنجۇقتۇرىۋېتىش، تەزدۈرۈپ پالاندى قىلىش، چاقىرىپ ئەزىزلەپ، باشقىلارغا ئۇلارنىڭ ئاللىقانداق «مۆجىزات»لىرىنى نامايەن قىلىپ، داغدۇغا پەيدا قىلىش....تەك ئۆزگىچە «يېڭىلىق»لارنىڭ «ئىجادىيەتچىلىرى»گە قارىتا ئاينىپ كەتمەسلىك، كەمتەررەك بولۇش ھەققىدە ئاز-تولا بىشارەت بېرىش(ھالىمغا باقماي)، ئەنە شۇنداقلارنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرىۋاتقان «سوۋغاتى»دىن تويۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ قېلىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا ئاز-تولا بولسىمۇ تەسەللىي بېرىش، مۇنبەرداشلار ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارغا قارىتا ھەممەيلەننىڭ ئەپۇچانلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ، مۇنبەر تەرەققىياتىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس، دېگەن مەقسەتتە بۇ ئاددىي يازمامنى يېزىپ يوللۇدۇم.
T*h+"TmE باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش- ئېسىل بىر خىل ئادەمىيلىك پەزىلەت. ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ھەممە ئادەم باراۋەر، بىلىپ-بىلمەي خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئادەم بولسىمۇ، ئۇنى ئەپۇ قىلىش – ئالىيجاناپلىق. كەچۈرۈشنى بىلگەندىلا، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىش چوڭقۇرلۇشۇپ، ئۆز-ئارا دوستلۇق كۈچىيىدۇ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئەڭ گۈزەل قەلب ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھازىرقىدەك تۇرمۇش رېتىمى كۈنسېرى تېزلىشىپ كېتىۋاتقان پەيىتتە، كىشىلەر ئارا تۈرلۈك زىددىيەتتىن ساقلىنىش بەكلا تەس! شۇڭا بىز ئەڭ ياخشىىسى ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز كېرەك.
<)n
مېنىڭچە، مۇنبەرلەردە ھەممىدىن تەڭ رەنجىپ،رەنجىتىپ، ئۆزىچە كۆرەڭلەپ، باشقىلارنى يالاپ-تالاپ جاھانسازلىق قىلىۋاتقان ئىنتايىن ئاز-ساندىكى بىر قىسىم ئادەمىي شەيتانلار مۇنداق پاكىتلىق مۇلاھىزىلەردىن ئۆزلىرىگە تەسەللىي تېپىۋالسا بولىۋېرىدۇ:
gYzKUX@ 1.تېما( توغرىسى-يازما ياكى ئەسەر) سى تەستىقلانماسلىقتىن رەنجىگۈچىلەرگە سۆزۈم شۇكى: سىز يوللىغان شۇ تېما( يازما) ئەقەللىيسى مەزمۇن، بەدئيلىك، ھەجىم، ئىملا...قاتارلىق جەھەتلەردىن چوقۇم تەستىقلىنىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك. ئويلاپ بېقىڭ: سىزمۇ بەزىدە ماۋزۇسى تولىمۇ ھەيۋەت، ئەمما مەزمۇنى بەكلا پۈچەك ، تېتىقسىز تېمىلارنى كۆرىسىز بەلكىم. شۇ چاغدا قانداق ئويلاردا بولارسىز؟! ئۆزىگە يارىغان-خانغا يارايدۇ، دەرۋەقە! ئەمما ھازىر كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىكى تەلەپ-ئېھتىياجى نەقەدەر ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەستىن چىقارماڭ! شۇ تېما سىزگىلا ئەمەس، تور دۇنياسىدىكى شۇنچە كۆپ تورداشلارغىمۇ يارىشى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، شۇ تېمىدا چوڭ ئومۇمىيلىق نەزەردە تۇتۇلغان بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ شۇ تېما ئارقىلىق ئۆزىمىزنىلا، ئۆزىمىزنىڭ نوپۇزى ۋە تالانتىنىلا....نامايەن قىلىۋېلىش، ئاللىقانداق نام-ئەمەل...لىرىمىزنى دەستەك قىلىشتىن بىلىپ-بىلمەي خالىي بولالماي قالساق، ئەڭ ئالدى بىلەن شۇ «ئەتىۋالىق» تېمىڭىز تەستىقلانمايلا، زاكىسىدا تۇنجۇقۇپ قېلىشى، تاسادىپىي تەستىقلانغان تەقدىردىمۇ، سەلبىي ئىنكاسلارغا كۆمۈلۈپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ!!! ئەڭ ئاددىي ساۋات، ئەقەللىي يەكۈن شۇكى، ئەگەر سىزمۇ بازارلاردىن نەرسە سېتىۋالسىڭىزمۇ بەلگىلىك ئۆلچەم ئاساسىدا سېتىۋالسىڭىزغۇ دەيمەن؟! ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمىدىن رەنجىيسىز؟!! ئەگەر سىز باشقۇرغۇچى بولسىڭىز ئەنە شۇنداق تېمىلارنى تەستىقلارسىزمۇ؟! بۇ يەردە ھەممە تەرەپكە تەڭ چېتىلىدىغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەت بارلىقىنى ئەسلا ئۇنتۇماڭ!!!
x5`q)!<&
2. تېما(يازما) سى ئۆچۈرۈلگەنلىكتىن رەنجىگۈچىلەرگە تەسەللىيىمىز شۇكى: ئەڭ ئاۋۋال ئەنە شۇ تېمىنىڭ ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبىنى چۈشىنىش كېرەك. دۇنيادا ئەسلا سەۋەبسىز ئىش بولمايدۇ، بۇنى ياخشى بىلىسىز! مۇنبەرگە يوللانغان تېمىلار تەستىقلىنىش ئۆلچىمىگە يەتمىسە، تەھرىرخانا( ئارقا بەت)نى بىكارلاش(تازىلاش) ئۈچۈنمۇ، شۇنداقلا تەستىقلىنىپ بولۇپ، سەلىبىي تەسىر پەيدا قىلغانلىق ۋە تەكرار يوللىنىپ قېلىش ...قاتارلىق ئوبيېكتىپ سەۋەبلەردىنمۇ بەزى تېما-ئىنكاسلار ئۆچۈرىلىدۇ، ئەلۋەتتە! شۇنىسى قىزىقكى، بەزى قۇنچاق ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلسىمۇ، بۇنى «تېمام ئۆچۈرۈلدى!!!» دەپ زارلاپ- قاقشاش نەقەدەر ئىپتىدائىيلىق ۋە كۈلكىلىك ئىش-ھە؟!!!
{/0,lic 3.چەكلىنىپ قالغانلىقتىن رەنجىگۈچىلەرگە تەسەللىيمىز شۇكى، تور بىكەت قۇرغۇچىلار ئۆز تورىغا كۆپرەك تورداشلارنىڭ چىقىشىنى شۇنچە تەشنالىق بىلەن كۈتىدىغان پىسخىكىدا تۇرىۋاتسا، ئۆز تورىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، توردىكى ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ(تېما-ئىنكاسلارنىڭ) چېكىلىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ بېرىشىۋاتقان ئەزالارنى سەۋەبسىزلا چەكلەيدىغان ئىش نەدە بار؟! كىممۇ ئۆز ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقان بارماقلىرىنى كېسىپ تاشلىۋېتىدۇ؟! كىممۇ ئۆزىنى مەنزىللەرگە باشلاپ مېڭىۋاتقان پۇتىنى پالتا بىلەن چېپىۋېلىپ ئاقساپ يۈرۈشنى ئۆزىگە راۋا ئىش دەپ تاللىۋالىدۇ؟!!!.... قانۇن-نىزام، ۋە قائىدە- تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلمىساق، كىممۇ بىزنى سەۋەبسىزلا جازالاپ، چارە كۆرىدۇ؟! مۇنبەرداشلارغا ئەقەللىي ساۋات شۇكى، تور(مۇنبەر)-خەلقئارالىق مۇنازىرە سەھنىسى! بۇ سەھنىدە رەڭدار خۇشپۇراق گۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغىنىنى كۆرۈشنى ھەممىمىز ئارزۇ قىلىمىزكى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدا ئەجىرسىز ئۆسۈپ قالغانلىقتىن، كۈتۈلمىگەندە كۆز قارچۇقىمىزغا قادىلىپ قېلىپ، ئۆزىمىزگە زەرەر يەتكۈزىدىغان ياۋا نەشتەرلىك شوخىلارنىڭ، كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان بەدبۇي شۇم بۇيىلارنىڭ ئۈنۈپ قېلىپ، بىزنى بىئارام قىلىشىنى ھېچقايسىمىز ئەسلا خالىمايمىز! شۇنداقكەن، مۇنبەرداشلارنىڭ مەزمۇنى ساغلام، تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى، بەدئىيلىكى، ئىستېتىك قىممىتى يۇقىرى تېمىلارنى يوللاپ، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بەھىرلىنىشى ئۈچۈن كۆپلەپ تېرىشچانلىق كۆرسىتىشى تولىمۇ مۇھىمكى، ناچار، پۈچەك، سەزگۈر تېمىلارنى يوللاپ، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىلەرگىمۇ ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدىغان ۋاقىتلىق ھاياجانلانغۇچىلارنى ھېچقايسى تور بەتلەر قارشى ئالالمايدۇ! شۇنىسى مۇنازىرىسىز پاكىتكى، ھېچكىممۇ ئۆزىگە شېرىن مېۋە بەرگەن، بېرىۋاتقان، بېرىدىغان كۆچەتنى يۇلۇپ تاشلىمايدۇ! «چەكلەش»- باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن شۇ ئەزاغا ئامالسىزلىقتىن قوللىنىلغان بىر خىل «كۆيىنىش» تىن ئىبارەت! بۇ قىسمەتكە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز مۇپتىلا قىلغان، خالاس! رەنجىشكە توغرا كەلسە، ئۆزىمىزدىن ھەتتا بىر ئۆمۈر چەكسىز نارازىلىقتا رەنجىۋالساق، ھەتتا ئۆزىمىزدىن شۇ قەدەر سەسكىنىۋالساقمۇ، بۇ تامامەن ئۆز ئىختىيارىمىزكى ئىمتىياز، خالاس!
4VU5}"< 3. ئورۇنسىز تالاش-تارتىشىشلارنى قىلىشىپ، ئارىغا زىددىيەت ئۇرۇقى چاچقۇچى قىسمەن «ساخاۋەتچى»«دانىشمەن» قەلەمكەشلىرىمىزگە سەمىمىي تەۋسىيىمىز شۇكى،گەرچە زىددىيەتسىز ھالدا شەيئىلەر تەرەققىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ بىمەنلىك بولغىنىغا ئوخشاش، ئورۇنسىز دە-تالاش، قىممىتى يوق بەس-مۇنازىرە، يەنە ئاللىقانداق مەقسەت-غەرەزلەر تۈرتكىسىدە ئېيتىلغان ياپتا گەپ-سۆز، دارتمىلاش، ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قويۇپ، يىلاننىڭ كۆشەۋاتقىنىنى بايقاش ئۈچۈن تور بوشلۇقى بىلەن چەكلىك ئۆمرىدىكى ۋاقتىنى زايا قىلىپ، مۇنبەرلەردە تىمىسقىلاپ، تېنەپ-تەمتىرەپ، قېدىرىپ-تەكشۈرۈپ، چارلاپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، توپاقنى چىمداپ ئۆلتۈرۈش ئىستىكىدە تىپىرلاۋاتقان ئىچى قوتۇر،دىلى زەھەر، ئىچىدە توڭگۇز قاترايدىغان، ماڭسا-تۇرسا باشقىلارغا شۇملۇقنى تىلەيدىغان، پىتنە-پاسات، غەيۋەت-شىكايەتنى كۈندىلىك ئوزۇقى قىلىپ ياشاشنى ھاياتلىق مىزانى قىلىۋالغان بىر قىسىملىرىمىزلنىڭ ئارىغا تېرىۋاتقان زىددىيەتلىرى ھەرگىزمۇ مۇنبەر تەرەققىياتىنى تېزلىتەلمەيدۇلا ئەمەس، بەلكى ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇنبەرلەرنىڭ تاقىلىشىغا زامىن بولىدۇ، خالاس!
)s=z i" مۇنبەرگە ئىجادىي تېما يوللىغۇچى ھەرقانداق بىر تورداشنى ئاددىي بولسىمۇ قەلەم ئىگىسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئاساسەن بولىدۇ. مەيلى ئۇ ھەر دەرىجىلىك يازغۇچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىق كىنىشكىسىگە نائىل بولالىغانلار ياكى قولىغا ئەمدىلەتىن قەلەم ئالغان ھەۋەسكار بولسۇن، ئۇلار نېمىلا بولمىسۇن، قەلەمكەش! بەزىلىرىمىزنىڭ تىلى بويىچە مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «يازغۇچى، شائىر»لار. (بەزىلەر ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچنىڭ چوڭقۇرلۇقى، پات ئارىدا قولغا كەلتۈرەلەيدىغان مەنىۋىي مەھسۇلاتلىرىنىڭ تولىمۇ پەخىرلىنەرلىك بولىدىغانلىقىغا ئۈمىدىنىڭ ئاجايىپ زورلۇقى بىلەنمۇ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى خۇددى روھىي غالىبىيەتچى ئۆلمەس پېرسوناژىمىز Qئادەك شۇ خىل ناملاردا ئاتاپ يۈرىشىدۇ)! شۇنداق ئىكەن، بۇنداق پىتنە-پاساتلارنى تېرىپ يۈرسەك، بۇ خىل سالاھىتىمىزگە يارىشارمۇ؟! شاتىراقچى بىر موزاي پۈتۈن پادىنى بۇلغىغاندەك مۇنبەرلەر ئارا شاپاشلاپ يۈرۈپ، شالىمىزنى ھەممىگە تەڭ چېچىپ، بىر مۇنبەرگە ئۆزىمىز ھەر خىل ناملاردا كىرىپ، بىر نامىمىزدا ئەسىرىمىزنى يوللاپ، يەنە بىر نامىمىزدا شۇ ئەسىرىمىزنى مەدھىيەلەپ ياكى مەدھىيەلەتكۈزۈپ بىرىنچى ئەخمەقلەردىن بولۇش شەرتىنى تالىشىپ ھازىرلىشىپ يۈرسەك، بۇ سىر ئاشكارىلانغاندا، ئۆزىمىزگە، خېلى ئاتالغان، يىراق-يېقىنغا تارالغان شۇ مۇبارەك نام-ئاتىقىمىز ئۈچۈن نەچچىلىك زىننەت ۋە قەدىر-قىممەت ئاتا قىلىنار؟!!! ياكى بۇنداق چاغلاردا يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى-جېنىمنىڭ راھىتى دەپ چەكسىز «راھەت-پاراغەت»پەيزىگە چۆمۈپ ئولتۇرىۋېرەرمىزمۇ؟! پەخىلىنىشكە تېگىشلىك تۆھپىمىز بولسا، ئەللەر بىلەن بىرگە پەخىرلىنەيلى! بىلىش لازىمكى، ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك! ئالتۇن نىجاسەتتىمۇ يەنە پارقىراۋېرەلەيدۇ! ئەتتىگەندە دەرەخ تىكىپ، چۈشتە سايىداش، كەچتە مېۋىسىنى يېيىش ئىستىكىدە تەنتەكلىشىپ تولا كۆپ تىپىرلىمايلى! سەۋر-ئاڭلىق ئادەمنىڭ مۇستەھكەم ئىستىھكامى!
P<4jY?. بىلىمىز: يازغۇچىلار- دەۋرنىڭ كۆزى، يازغۇچىلار- خەلقنىڭ غەمگۇزارلىرى. ئەتراپىمىزدىكى تۈرلۈك تۈمەن ۋەقە-ھادىسە، گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەت ۋە بارلىق قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىز ئەنە شۇ مېھنەتكەش يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى، سەزگۈر قۇلاقلىرى، سەگەك تەپەككۇرلىرى ئارقىلىق چاقماق تېزلىكىدە بايقىلىپ، ياخشىلىرى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشى، كەمچىلىك، ئىللەت، نۇقسانلار بەزىلىرىمىزنىڭ، جۈملىدىن ھەممىمىزنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن تۈرلۈك ژانېردا ماقالە-ئەسەر بولۇپ مەنىۋىي مەھسۇلات سۈپىتىدە ئىشلەپچىقىرىلىپ بىزگە ئادەمىيلىك يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ! شۇڭا ھەقىقىي ۋىجدان-غۇرۇلۇق يازغۇچى-قەلەمكەشلەر خەلقىمىزنىڭ ئەڭ پەخىرلىنەرلىك كىشىلىرى بولۇشقا ئەزەلدىنلا مۇناسىپ بولۇپ كەلگەن. ئالايلى، قايسى بىر كلاسسىكلىرىمىز ئۆزى يازغان دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە، ئەسرلەر بويى ئەل ئارا سۆيۈپ ئوقۇلۇپ كېلىۋاتقان، بەلكى مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان بۈيۈك ئەسەرلىرىنى يازغاندا، شۇ ئەسىرىدىن پەخىرلەنگەن؟! ئۇنى كىملەرگە كۆز-كۆز قىلىشقان؟! بەلكى، ئۇلاردىن ئۆز ئەسەرلىرىگە ھەتتا ئۆز نام-شەرىپىنىمۇ يازمىغانلاردىن خېلى بارغۇ؟!!!
dEe/\i'r9 مېھنەت قىلىش-ئېسىل پەزىلەت، مىننەت قىلىش ھايۋانىيلىقتىنمۇ بەتتەر كالۋالىق، ھاماقەتلىك، تولىمۇ ئىپتىدائىيلىق! يازغۇچىلىق( بۇ يەردە تېما-ئىنكاس يولللىغۇچىلار دەپمۇ چۈشىنىپ تۇرايلى) ئالاھىدە ماھارەت ئارقىلىق باشقىلارغا پەزىلەت تارىتىدىغان مىننەتسىز مېھنەت! بۇنداق مېھنەت ئۇچرىغانلىكى ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە! نەچچە يۈز ئادەمدىن پەقەت بىرەرسى بەلكىم ئۆزى ئۇچراتقان ۋەقە-ھادىسە، ئويلىغان تەپەككۇرلىرى ھەققىدە قولىغا قەلەمنى ئېلىپلا، ۋاراقنى تولا يىرتماي ئۆز مەقسىتىنى بىمالال ھالدا راۋان ۋە ئوبراشلىق، مەزمۇنلۇق ئىپادە قىلالىسا كېرەك. ئاددىيسى بىر پارچە رۇخسەت سوراش خېتى ياكى ئىلتىماس، ئەقەللىيسى بىرەر-ئىككى بەت تەسىرات ماقالىسى يېزىشتا بەزىلىرىمىز زادى نەچچىلىك تېنەپ-تەمتىرەيمىز؟! بۇ تولىمۇ ئېنىق بىر پاكىتقۇ؟! دېمەكچى، يېزىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، يارىغۇدەك يېزىش تېخىمۇ قىيىن! باھا بېرىشچۇ؟!!!
v@t*iDa?7 دەرۋەقە، قەلەم ساھىبىلىرى ھۆرمەتلىنىشكە ئەڭ بەرھەق كىشىلەردۇر. ئەمما بىر قولىمىزدا قەلەم يەنە بىر قولىمىزدا سۈپۈرگىمىز بىللە تۇرسا، يېزىپ تاپقان ھۆرمىتىمىز، ئەل قەلبىدە قالدۇرىۋاتقان «ئىز»لىرىمىزنى «سۈپۈرگە»مىزدە ئۇدۇللۇق ئۆچۈرۈپ-تازىلاپ، سۈپۈرۈپ-ئادالاپ ماڭساق، بەلكى كۆرەڭلىسەك، بىزگە بۇ ھۆرمەت يەنە نېسىپ بولارمۇ؟! شۇنىڭغا كۆز يۇممايمىزكى، قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە ھەقىقەتەن خېلى گەپ-سۆزلەر، غەيۋەت-شىكايەتلەر بار. بۇنى بىر-بىرلەپ دەپمۇ يۈرمەيلى! ئەمما كىمىكى، ئاق قەغەزگە قارا سىيادا خەت يازىدىغان مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، باشقىلار ئۇلارنى كالۋا، ساراڭ...دەمدۇ، ماختاپ، ئۇچۇرامدۇ بۇلارغا ئانچە بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكى، ئۆزى توغرا دەپ تاللىغان يولدا، ئەلنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ ياشاشنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەمىيلىك مىزانى قىلىپ ياشىمىقى لازىم! ھازىر دەۋر تەرەققىي قىلدى. كىشىلىرىمىز كەسىپ ئەھلىگە، بىلىم ئەھلىگە ئايلاندى، ئايلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق پەيتتە، بىلىملىكلەر يەنىلا قەدىرلىنىدۇ. ئەمما مەن-مەنچىلىكنى، چوڭچىلىقنى، باشقىلارنىڭ ئورۇنسىز تالاپ-غاجاشلىرىغا سۈكۈت قىلىپ، قول قوشتۇرۇپ«لەببەي»لەپ تۇرىۋېرىدىغانلار نېمىشقىكىن، بارا-بارا بەك كۆپ قالمايۋاتىدۇ! چوڭچىلىق، پوچىلىق، كۆرەڭلەش-ھەتتا يەر شارىغىمۇ بىھۇدە يۈك! بىلىم ئېلىپ تاكامۇللىشىش- تولىمۇ ياخشى ئىش، ئەمما ئۆز بىلىمىنى، «شۆھرەت»لىرىنى ئەل ئارا نامايەن قىلىشقا ئالدىراش، «قىلىچتەك ئۆتكۈر سۆز»لىرى بىلەن باشقىلارغا نەشتەرىنى زورلاپ سانچىۋالالىغانلىقىدىن ۋاقتىنچە كېرىلىپ كېتىش بەكلا ئالجىپ قالغانلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس!!!
$yFur[9
7C بىز ھېس-ھاياجانلىرىمىزغا قۇل بولۇپ كەتكەچكە، ئالدىراپ-تېنەپ بىخۇدلۇقتا يېزىلغانبەزىبىر تېما- ئىنكاسلىرىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ پەزىلىتىگە، خېلى چوڭ نام-شەرىپىمىزگە دەخلى يەتكۈزىۋالمايلى! بۇنداق «مەھسۇلات»لىرىمىز كۆڭلىمىزدىكىدەك ئالقىشلىنالماي، باشقىلارنىڭ سەلبىي ئىنكاس ۋە تاپا-تەنىلىرىدىن يېتىمسىراپ بىر بۇلۇڭدا دۈگدىيىپ قالسا ياكى ئۆچۈرۈلسە بۇنىڭدىنمۇ ئالدىراپ نارازى بولۇپمۇ كەتمەيلى، نارازى بولۇشقا توغرا كەلسە، ئۆزىمىزنىڭ ئالا كۆڭۈللىكىدىن نارازى بولايلى! جاھىل، مەنمەنچى،نادان ئەخمەقلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشىش خۇددى قارڭغۇ گۆرنى يورۇتۇش ئۈچۈن چىراغ ياققانلىق بىلەن باراۋەر. بىز چىراغنى تۇرىۋاتقان ئۆيىمىزگە، ھەسەت تۇمانلىرى بىلەن خىرەلەشكەن قەلب سارىيىمىزغا ياقايلىكى، تىرىكلىكىمىزنى قاراڭغۇدا شەپەرەڭدەك تىمىسقىلاپ لەنەتگەردە بولۇپ بىھۇدە ئۆتكۈزىۋېتىپ، لەھەتلىرىمىزنى نۇرلاندۇرۇشقا كۈچەيدىغان «ئاقىل»لاردىن بولۇپ قالمايلى!!! بۇ- مانا مۇشۇنداق جاھان! ئۆزىدىن نارازى بولۇپ ياشاش-ئۆز نۆۋىتىدە ھەقىقىي ئىقتىدارلىق، تەلەپچان، ياراملىق كىشىلەرنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن بىرى. چۈنكى ئۇنداقلار ئۆزىدىكى بىلىم-ماھارەتتىن يېتىشسىزلىكلەرنىڭ خېلىلا كۆپلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭدىن خىجىل بولۇپ، ئۆز نەتىجىلىرىدىن پەخىرلىنىش ئەمەس، نارازى بولۇش پىسخىكىسىدا تۇرۇپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئاڭدا، ھەرىكەتتە، تۇيغۇدا ياشايدۇ! تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى ئەكىس ئېتىدۇ.
[#R%jLEJ2 بىزدە:«ئارىلاشقان ئادىمىڭگە قاراپ پەزىلىتىڭنىڭ يېرىمىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن ئاتىلار سۆزى بار. ئويلاپ باقايلى، ئىنسان ئۈچۈن ئۆزى ھەققىدە پەخىرلىنىپ سۆزلەشتىنمۇ سەترەك ئىش بولارمۇ؟! بىز، بەزىلىرىمىز 40-50 مىڭ ئادەم ئالدىدا ئويالماستىن ئەنە شۇنداق قىلدۇق گاھىدا! ياخشىسى، بىز ئۆزىمىزنى ماختىمايلى، بىزنى خەلق ماختىسۇن! ئىلگىرىكى ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەك، مەسەللەردە يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئەڭ قورقۇنچلۇق، يىرگىنىشلىك مەخلۇق دەپ تەسۋىرلىنەتتى، ئەمدى ئويلىسام، ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەر، كۆرەڭلىگۈچىلەر، ئارىغا زىددىيەت ئۇرۇقى چاچقۇچىلار ئەڭ يىرگىنىشلىك مەخلۇقلار ئىكەن! ئاچچىق سوئال سوراپ، شېرىن جاۋاب كۈتۈش، تېرەك كۆچىتى تىكىپ،ئۇنىڭدىن شېرىن نەشپۈت ئۈزۈش ئىستىكىدە بولۇش بەكمۇ كۈلكىلىك ئىش! بىلىمىز: ئۆزى يۈزسىزنىڭ سۆزى تۇزسىز بولىدۇ، تۇزسىزنىڭ تەمى بولمايدۇ، تەمسىزنىڭ قىممىتى ۋە لەززىتى بولمايدۇ! مۇنبەر دېگەن بەس-مۇنازىرە سورۇنى. شۇنداق ئىكەن، خۇددى بىر ئېغىز ئىچىدىكى قەدىناسلاردىن ھېسابلىنىدىغان تىل بىلەن چىش گاھىدا چىشلىشىپمۇ قالغاندەك مۇنبەردىكى مۇنازىرىلەر جەريانىدا بەزىبىر زىددىيەتلەردىن ساقلانماق ھەقىقەتەن مۈشكۈل. چىش تىلنى چىشلىگىنى بىلەن ئۇلار قەدىناس دوست! بىزمۇ مۇنازىرىلەر ئارقىلىق بەزىدە تاكاللىشىپ، غالجىرلىشىپ كەتسەكمۇ، يەنىلا بەرىبىر مۇنبەرداش! چىلبۆرىدىن قورققان ئادەم ئورمانلىققا كىرەلمىگەندەك، مۇنبەردىكى زىددىيەت-توقۇنۇشتىن قورققان ئادەم مۇنبەرگە ياراملىق بىرەر ئەزا بولۇشقىمۇ يارىمايدۇ! شۇنىسى ئېنىقكى، قاغىلار ھەر قانچە قاققىلدىسىمۇ، دەريالار دېڭىزغا قۇيىلىۋېرىدۇ. ئىتلار ھاۋشىغانغا كارۋانلار توختاپ قالمايدۇ. پاقا كۇكىرىمىسا، ئىت قاۋىمىسا، ئېشەك ھاڭرىمىسا بېشى ئاغرىيمىش! كىشىلەر ئارىسىدا قاننى كۆرسەتمەيلا جاننى ئالىدىغان جاللاتلارمۇ،«راست»گەپلا قىلىپ بىزنى «تەسىر»لەندۈرۈپ، كۈلىمىزنى كۆككە سورۇپ، نامىمىزنى سۈيئىتېمال قىلىپ «يۈز تېپىپ» ياشايدىغان «ماھىر»لارمۇ خېلى بار! شۇڭا بەلكىم، ئاللىكىملەر ئۈستىمىزدىن نەچچىلىك توقۇم توقۇپ، بىزگە ئەپسۇن ۋە لەنەتلەرنى ئوقۇپ كەتسىمۇ كەتسۇنكى، ئەمما بىز ئۆز ئارا ئورا كولاشمايلى! سەن ئۆل، مەن تىرىلەي دەپ، باشقىلارنىڭ ماتىمىدىن بەھىرلىنىپ ھېيت ئوينىمايلى! بىزدىن ئەل بىزار بولمىسۇن! بىز بەزىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ تۈلكىدىنمۇ بەتتەر ساختىپەزلىكىمىز بىلەن باشقىلارنى بۇ مەۋھۇم دۇنيادا ھەر خىل ۋاستىلار بىلەن ئالدىمايلى! بىز بەزىلىرىمىز بۆرىدەك يالماۋۇزلىقىمىز بىلەن ھەممىنى تەڭ تالاپ-غاجاپ، سۈر-توقاي قىلشمايلى! بىز بەزىلىرىمىز قۇرۇق تېرە تاراقشىتىپ، باشقىلارغا بۇنچە چوڭ ھەيۋە قىلمايلى! مۇنبەر دېگەن ئىللىق ماكان ئىدى. ئۇ پىكىرداشلارنىڭ قىزغىن بەس-مۇنازىرىلىرى ئارقىلىق قىزىپ كېتەتتى. ئەمدى ئۇ مۇشۇنداق بىر قىسىملىرىمىزنىڭ «مېھنىتى»ئارقىلىق ئاپىرىدىلەنگەن ئاجايىپ-غارايىپ مۇنازىرىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ قىزىتىشى بىلەن ھېچكىم ئاياغ باسالمىغۇدەك دەرىجىدىكى يۇقىرى ھارارەتلىك ئاتەش-چوغ ماكانغا، زىمىستان تۈسىنى ئالغان تىترەڭگۈ، سوغاق، توڭ، تېتىقسىز سۆزلىرىمىز بەرىكاتىدىن ھاياتلىق چەكلەنگەن ئانتىراكتىداغا، تالاش-غاجاشلىرىمىزدىن كۆتېرىلگەن قارغىش تەگكۈر لەنىتى بورانلار ئۇچۇپ تۇرىدىغان جىن-ئالۋاستىلار ماكانى- كۇھىقاپقا ئايلىنىپ قالمىسۇن!! ئورۇنسىز تۆھمەتلىرىمىزدىن ئاۋات مۇنبەرلەر يەنە بىمەھەل چۆلدەرەپ قالمىسۇن! بىزنىڭ تۇزلۇق سۆزلىرىمىزنىڭ كاساپىتىدىن مۇنبەرنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى شورلىشىپ گىياھسىراپ كەتمىسۇن! بىزنىڭ رەھىمسىزلەرچە، تەلۋىلەرچە ئوڭ- تەتۈر دەسسەپ- يەنجىشلىرىمىز، تېپىپ- چىچاڭشىشلىرىمىز كاساپىتىدىن مۇنبەردىكى يۇمران ئۈمىد مايسىلىرى بىمەھەل چەيلەنمىسۇن! بىزنىڭ قاڭسىق، تېتىقسىز، لاۋزا، بەتتەم سۆز-ئىبارىلىرىمىز خاسىيىتىدىن مۇنبەرنىڭ ساغلام مۇھىتى بىۋاق بۇلغانمىسۇن! قەلەمكەشلىك، توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئادەمىيلىك پەزىلىتىمىز بىلەن مۇنبەرلەر مۇھىتىنى بۇنچىۋالا بەك قىزىتىپمۇ كەتمەي، سوۋېتىپمۇ قويماي، قۇرغاق رايونلار مۇھىتىدەك قۇرغاقلاشتۇرۇپمۇ ئەتمەي، مۇنبەر مۇھىتىنى ھالال ئەجرىمىز بىلەن مۆتىدىللەشتۈرۈپ، ئۇنى ھەر خىل مىجەز، ھەر خىل خاراكتېر، ھەر خىل تەبىئەتلىكلەرگە ئورتاق ماس كېلىدىغان مۇنبەت، مۆتىدىل ماكانغا ئايلاندۇرايلى! پاك قەلب، سەمىمىي تىلەك-تەۋسىيەلىرىمىز ئارقىلىق بۇ گۈلىستاندا تېخىمۇ رەڭدار، تېخىمۇ خۇشبۇي، تېخىمۇ كۆپ سەر خىل گۈل-غۇنچىلارنىڭ كۈنسېرى تۈركۈملەپ پورەكلەپ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى! شۇندىلا، مۇنبەر قۇرغۇچى قېرىنداشلىرىمىزمۇ خاتىرجەم ھالدا بىز ئۈچۈن ياخشى بولغان مۇنازىرە مۇنبىرى راسلاش يولىدا دادىل ئىزدىنىش ئىمكانىيىتىگە، يازما-ئىنكاس يوللىغۇچىلارمۇ ھەر ۋاقىت ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئىجاد بەيگىسى سورۇنىغا، مۇنبەردىن بەھىرلەنگۈچى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئىزدىگىنىنى بىمالال تېپىپ پايدىلىنالايدىغان ئەۋزەل ئىمكانىيەتكە ئىگە بولسۇن!! مانا بۇ پىكىر يەنە كىمگە ياقار؟! كىملەرگە ياقماس؟! قىسقىسى، مۇنبەرلەر مۇھىتىنى مۆتىدىللەشتۈرەيلى!!! سۆزۈمنى خىسراۋ دېھلىۋىينىڭ مۇنۇ ئىبارىسى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي:
2Vu|uZd U.^)|IHW كىمىكى يامان ئىشنى بىلىدۇ راۋا،
ReK@~#hLY ئۇ ئۆز قىلمىشىدىن تارتىدۇ جازا.
|y:DLsom?i Dh9-~}sW' 2011 -يىل 7-ئىيۇل
%MjPQ MW4dPoa ( مەنبەسى: ئەركزات يازمىسى )
>6kWmXK[ [ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-07-08 13:20 دە قاي ]