مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1542 
  •    ئىنكاس 
       27 

ئاپېرىن سىزگە پەخرىيە ، سىز بىزنىڭ مەڭگۈلۈك پەخرىمىز

قەۋەت ئاتلاش
kahar42
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   76 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13992 (سوم)
 ياخشى باھا:   1194 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1919  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1893
 سائەت
دەرىجىسى:
1893 سائەت 197 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-19
ئاخــىرقىسى:2011-11-06

پەخرىيە ھەقىقەتەنمۇ بىز پەخىرلەنگۈدەك بىر قىز. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ماتېماتىكىدىكى تولۇق نومۇر ( 150 نومۇر ) ئېلىش ھادىسىسى شىنجاڭ تارىخىدا ئاز دېگەندىمۇ 30 يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان «مۆجىزە»(بەلكىم بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ بۇنداق ئالاھىدە نومۇر ئېلىشىنى قايتا كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن). قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا شىنجاڭدا مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان سۇئالى ئىشلىتىلگەن 27 يىلدىن بۇيان تېخى ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر ئېلىش ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەمەس. iB\d `NUf  
مەن پەخىرىيە ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئىمتىھان نەتىجىسى چىققان كۈنىلا كۆرگەن بولساممۇ ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىگەن ئىدىم. چۈنكى مەن بۇنىڭدىن گۇمانلانغان، توردىكى ھەر بىر ئۇچۇرنىڭ راست بولۇپ كېتىشى ناتايىن، بولۇپمۇ كىشىلەر ئۆز ئالدىغا تاراتقان ئۇچۇر تېخىمۇ شۇنداق. مەن پەقەت ئۆز كۆزۈم بىلەن ئۇنىڭ بارلىق نەتىجىسى چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر سۈرىتىنى كۆرگەندىلا ئاندىن بۇ ئۇچۇرنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم. بۇ ۋاقىت دۈشەنبە كۈنى كەچكە توغرا كەلگەن ئىدى. ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئۆزئاراچانلىقى كۈچىيىۋاتقان كۈنلەردە مىكرو بلوگ، ئاۋام (مەكتەپ ئىچى)تورى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقىچانلىقى كۈچلۈك ۋاستىلاردا ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى بولۇپمۇ ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇچۇر تارىتىشى ئىشلاردىن ناھايىتى تىز خەۋەرلىنىشىمىزگە ناھايىتى پايدىلىق بولىۋاتىدۇ. پەخرىيەنىڭ نەتىجىسىنىڭ جەمئىيەتكە ئىنتايىن تىز تارقىلىشى، ھەتتاكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىر قەدەم كېيىن خەۋەر قىلغانلىقى تورنىڭ ھازىرقى ئەھمىيىتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. }\1V;T  
مەن سەيشەنبە كۈنى (28 - ئىيۇن) پەخرىيە ھەققىدە خەۋەر ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئانا مەكتىپى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلدىم. مەكتەپنىڭ ئىككى دەرۋازىسىغا ئېسىلغان پەخرىيەنىڭ سۈرىتى ۋە ئۇنىڭ شەرىپى چۈشۈرۈلگەن تاختاي ئېسىلغان، دەرۋازا ئۈستىگە بولسا ئۇ ھەققىدە پىلاكات تارتىلغان، مەكتەپ ئىچىدىمۇ ئوخشاش خىلدىكى پىلاكاتلارنى كۆرگىلى بۇلاتتى، ئوقۇتۇش بىنالىرى ئالدىدىكى دۈگىلەنمە ئۇچۇر كۆزنەكلىرىدىمۇ ئۇنىڭ ئالاھىدە نەتىجە قازانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تولغان ئىدى. مەن تېخى پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆزۈمنى ئۇنى ئاخبارات نۇقتىسىدىن زىيارەت قىلغان تۇنجى ئادەم دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەپسۇسكى تۇنجى قېتىملىق زىيارەت ماڭا نېسىپ بولماپتۇ. ئالدىنقى كۈنىلا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسى «ياشلىق مىلودىيەسى» پروگراممىسى، چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى لىنىيىسى (خەنزۇچە، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ ئورگان تورى) قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى زىيارەت قىلىپ بوپتىكەن، مېنىڭ ئۇ ھەققىدىكى زىيارەت ئۇرۇنۇشلىرىممۇ بىكار كەتمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ماڭا نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى، مەن يەنە پەخرىيەنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم. giI9- C  
پەخىرىيە ئوقۇتقۇچىسى ماھىنۇر مۇئەللىم ئېيتقاندەك ئۇرۇق، ئېگىز بويلۇق قىز ئىدى. ئۇنىڭ كەمتەر، سىپايە بولغان مىجەزى بىر قاراشتىنلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىمنى تېلېفون ئارقىلىقلا يەتكۈزۈپ بولغان ئىدىم، ئەسلىدە ئۆيىدە تاماق تەييار بوپتىكەن، ئۇ شۇنداق بولىشىغا قارىماي زىيارىتىمنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. زىيارەت داۋامىدا ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، كۆيۈمچان قىز ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. مەكتەپ تەرەپ مېنى خېلى يېتەرلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن بولغاچقا پەخرىيەنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ يۈرمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە يازىدىغىنىم سۆھبەت خاتىرىسى ئەمەس ئىدى. مەن زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ياتاققا قايتىپلا خەۋەرنى يېزىپ، ئەڭ تىز سۈرئەتتە تاماملىدىم، شۇنداق بولغاچقا سۈپەت جەھەتتە سەۋەنلىكلەردىن ساقلىنالمىدىم. Q} / :  
پەخىرىيە ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ كەڭ تارىلىشى، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇنى توختىماي زىيارەت قىلىشى بىزگە نىسبەتەن ئۇنى چۈشىنىشىمىزگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولسىمۇ، زىيارەت داۋامىدىكى ئوخشاش نۇقتىدىن زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى ئادەمنى سەل ئەپسۇسلاندۇرۇپ قويىدۇ. مەن توردىن پەخرىيە ھەققىدە يېزىلغان ھەر بىر تېما ۋە ئىنكاس، بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى كۆردۈم ۋە ئاڭلىدىم. گەرچە مەن پەخرىيەنىڭ ئەھۋالىنى تامامەن بىلىپ كەتمىسەممۇ، زىيارەت داۋامىدا ئېرىشكەنلىرىم ۋە باشقا زىيارەتلەر داۋامىدا ئۇنىڭ ئەھۋالدىن خېلى ئوبدان خەۋەر تېپىپ قالدىم، شۇ ۋەجىدىن پەخرىيەنىڭ بىر قىسىم ئەھۋالى ۋە مېدىيالارنىڭ پوزىتسىيەسى ھەققىدە ئازراق توختىلىشنى، چۈشەنچە بېرىشنى زۆرۈر تاپتىم. [ P 8e=;  
1.    پەخرىيەنىڭ ئەسلى ئارزۇسى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى }@x0@sI9  
بىر قىسىم تورداشلار ئۆز ئىنكاسلىرىدا پەخرىيەنىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل تاللاش پۇرسىتى پەخرىيەگە نائىل بولمىغان. چۈنكى ئارزۇ تاللاش دائىرىسىدە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بولمىغاچقا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللاشنى لايىق تاپقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بىر يىل تەييارلىقتىن كېيىن قايتا كەسىپ تاللايدىكەن. نېمىلا بولمىسۇن ئۇ شۇ مەكتەپتە ئۇقۇشنى قارار قىلغان ھەم جۇڭگودىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى، بىز ئۇنىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشىغا مۇۋەپپەقىيەت ۋە نەتىجە تىلەيمىز! W{k}ogI;  
2.    پەخرىيە مىنكاۋخەن ئەمەس \;Ii(3+v;  
بىر قىسىم تورداشلار ئۇنى مىنكاۋخەن دەپ ئويلاپ قاپتۇ، ئۇ قوش تىدا ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىمۇ قوش تىل بويىچە تەبىئىي پەندە بەرگەن، يەنى ماتېماتىكا ۋە تەبىئىي پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا، تىل – ئەدەبىياتنى ئۇيغۇر تىلىدا بەرگەن. قوش تىل ئوقۇغۇچىسى بىلەن مىنكاۋخەننىڭ پەرقى ھەممىمىزگە مەلۇملۇق. ئۇ تولۇق نومۇر ئالغان ئىمتىھان سۇئالىمۇ شىنجاڭ ۋە باشقا بىر قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ سۇئالىغا ئوخشاش خەنزۇچە. zhFGMF1  
3.    پەخرىيەنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى بىزنى يەنە بىر قېتىم قايىل قىلدى `TAhW  
مەن پەخرىيەنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئەبجەشلەشتۈرمەي سۆزلىگەنلىكىگە ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. بۇ ھەقتە يەنە مىسرانىم ئەزاسى مۇرات ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:« ...گەپ سۆزلىرىدىن كىچىك پېئىل، ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق يېتىشكەن قىز ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىكەن بۇ سىڭلىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك تىللىرىمىز ئەبجەشلىشىپ كېتىۋاتقان مەزگىلدە،ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر قىزنىڭ تىلىنىڭ شۇنچىلىك ساپ ،ئازراقمۇ غەيرىيلىك ،ئەبجەشلىك ئارلاشماي ھەقىقىي ئۇيغۇر تىلىدا پىكىر بايان قىلىشى مېنى يەنە بىر قېتىم سۆيۈندۈردى.... »، مىسرانىم ئەزاسى جاڭگال :« توۋۋا قىلدىم خۇدايىم!!! مۇشۇ كۈندە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن باللارنىڭ ئارىسىدىمۇ خەقنىڭ تىلىنى بىر ئېغىزمۇ ئارىلاشتۇرماي گۈزەل ئانا تىلىمىزدا ساپ سۆزلەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز بار ئىكەن-ھە!!! پەخىرلىنىشكە بۇ تەرىپىڭىزمۇ يېتەرلىك ئىكەن قېرىندىشىم پەخىرىيە!!!!!» دېگەن. مەن ئاپتوبۇس ۋە كوچىلاردا دائىم پەخرىيە بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ قالغىنىمدا ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىگەنلەرنى ئۇچراتمىغان ئىدىم، راستىنى ئېيتسام ئۆزۈممۇ شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «ياشلىق مىلودىيەسى» پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمدا نىمىشقىكىن 充值  دېگەن سۆزنى ئىككى قېتىم تەكرارلاپ سېلىپ بەكلا خىجىل بولغان ئىدىم. مانا بۈگۈنكى كۈندە پەخرىيە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەش ئارقىلىق ھەممىمىزگە بىر ئانا تىل سۆيگۈسىنى ئاتا قىلدى. تېلىكامىرا ۋە مىكروفون ئالدىدا تۇرغاندا كۆپىنچە ئادەتلىنىپ قالغان سۆزلەر چىقىپ كېتىپ قالىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئۆزگەرتىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى پەخرىيە ئادەتتىمۇ تىل ساپلىقىغا ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ بىز ھەممىمىزنىڭ ئۆرنەك ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ. پەخرىيەدىن ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر ئېلىشنى ئۆگىنەلمىسەكمۇ، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالايلى!!! d~qDQ6!  
4.    پەخرىيەنى تەشۋىق قىلغاندا رادىيو – تېلېۋىزىيە – تورلار ئۆزلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالىغان بولسىمۇ، گېزىتلەر ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى ,KZ_#9[>  
يۇقىرىدا دېگىنىمدەك مەن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پەخرىيەنى زىيارەت قىلغاندىكى ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلدىم. ئۆزۈممۇ ئاخبارات كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا بۇ ئۆزۈمنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دائىرىسى ئىچىدە دەپ قارايمەن. b8>r UGA{  
پەخرىيە ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى، ئەلكۈيى تورى، ئۈرۈمچى لىنىيىسى (خەنزۇچە، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ ئورگان تورى) قاتارلىق بىر قانچە ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئەمما مەن ئاتايىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى گېزىت – ژۇرناللار قىرائەتخانىسىدىكى گېزىتلەرگە قارىغىنىمدا پەقەت ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 29- ئىيۇندىكى خەنزۇچە نۇسخىسى ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى لىنىيىسىنىڭ زىيارىتىگە ئاساسەن يېزىلغان زىيارەتنى خەۋەر قىلغان، ئۇيغۇرچە گېزىتىمۇ ئۆز مۇخبىرى (ئىسىمى ئىسىمدە قالماپتۇ) نىڭ پەخرىيە ھەققىدە يازغان خەۋىرىنى بەرگەن، گېزىتلىرىمىز ئىچىدە پەقەت مۇشۇ گېزىتلا پەخرىيە ھەققىدە خەۋەر بەردى، ئۇنداقتا باشقا گېزىتلەر نېمىشقا بۇ ھەقتە خەۋەر بەرمەيدۇ؟ گەرچە گېزىتنىڭ ۋاقىتچانلىقى تور، رادىيو، تېلېۋىزورلاردىن ئاستىراق بولسىمۇ لېكىن پەخرىيەنىڭ زىيارىتىگە نىسبەتەن گېزىتنىڭ ۋاقىتچانلىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، تېلېۋىزىيە ۋە رادىيولار بىر قىسىم تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە پىروگراممىنىڭ ئەسلى ۋاقتى بويىچە بېرىلىدىغان بولغاچقا بىر قىسىم پروگراممىلارنىڭ زىيارىتى تېخىچە قۇيۇلمىدى، ئەمما گېزىتلەر بۇنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئىككىنچى كۈنى بېرەلەيتتى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاش باشلىنىپ، تاكى چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغان ئوقۇغۇچىنى خەۋەر قىلغۇچە بولغان نەچچە ئاي ۋاقىت ئىچىدە گېزىتلىرىمىز توختىماي خەۋەر قىلىدۇ، ئەمما 27 يىلدىن بۇيان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكىسىدا تۇنجى تولۇق نومۇر ئالغان قىزنى كەڭ تەشۋىق قىلىشىمىز، ھېچ بولمىغاندىمۇ قىسقا خەۋەر بىلەن بولسىمۇ خەۋەر قىلغان بولسا، تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، رادىيو ياكى تېلېۋىزىيە ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى بىلەلمىگەن كىشىلىرىمىز خەۋەر تېپىپ قالغان بولاتتى. 2LXy$[)7  
5.    كىيىنكىلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن پەخرىيەنىڭ ماتېماتىكىدا يۇقىرى نومۇر ئېلىشنىڭ سىرى نەدە؟ x#'# ~EO-G  
پەخىرىيە ئۆزى ئېيتقاندەك ماتېماتىكىغا ئۆگىنىش ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى ئاجراتقان، ھەم بۇرۇندىنلا ماتېماتىكىغا ئالاھىدە قىزىققان. ئىمتىھان سۇئالى ۋە مەشىق سۇئاللىرىنى ئىشلىگەندە زېھنىنى يىغىپ ئىشلىگەن. ئەڭ مۇھىمى يەنىلا قىزىقىش، ماتېماتىكا ئۆگىنىشىنى خۇشاللىق دەپ بىلگەن. باشقا پەنلەرنىمۇ ياخشى ئۆگەنگەن، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ماتېماتىكا يەككە پەن نەتىجىسىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرماستىن، باشقا پەن ۋە ئومۇمىي پەنلەردىكى نەتىجىسىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئەليۇلئەلالىق شەرىپىگە ئېرىشكەن. ao Y "uT+  
U^[ 
ئاخىرىدا پەخرىيەنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ خۇشال، ئۆگىنىشىنىڭ نەتىجىلىك، ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەم، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى كەلگۈسىدە خەلقىمىز ئۈچۈن زور تۆھپە قوشالايدىغان ياراملىق ئادەمگە ئايلىنىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن!!! i{xgygp6f  
Hcuvu[)T"  
پەخرىيە ھەققىدە بىر قىسىم يازما ۋە سۆھبەت ئەھۋالىنىڭ ئادرېسى: UP^{'eh  
پەخىرلىك قىز پەخىرىيە(تەڭرىتاغ تورى): B_nim[7 2  
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2011-06/28/content_151832.htm  GVe[)R  
eNpGa0 eG  
تەڭرىتاغ تورىدا «پەخرىيە ئەشرەپ بىلەن سۆھبەت » (تەڭرىتاغ تورى): b v~"_)C  
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2011-07/01/content_152959.htm BH0].-)[y!  
/read.php?tid-54621.shtml ;5?$q  
#zyEN+  
پەخرىيە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 711 نومۇر ئالدى(مىسرانىم) : EE=!Y NP]  
/read.php?tid-54621.shtml tY~EB.%  
_f8Wa u# "  
ئىسمى جىسمىغا لايىق ئەليولئەلا پەخرىيە(ئالىم ئەھەت بلوگى): B ;@7  
http://www.alimahat.com/?p=423 4f:B2x{  
V)mitRaV  
پەخرىيە ئەشرەپ بىلەن ئەلكۈيى ئىكرانىدا سۆھبەت(ئەلكۈيى): Ko|nF-r_  
http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=10663 O4dJ> O  
UJ* D  
پەخرىيە بىلەن سۆھبەت(ئۈرۈمچى لىنىيەسى، خەنزۇچە): a<*q+a(*W  
http://www.wlmqwb.com/wlmqzxft/wlmqzxftzt/2011gkphly/ L3/m}AH,  

تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-03, 11:25
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +101
mamtimin0105 مۇنبەر پۇلى +1 07-23 -
kilyang مۇنبەر پۇلى +100 07-03 ئەجرىڭىزگە رەھمەت !
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
تارىم
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4874 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   906526 (سوم)
 ياخشى باھا:   3053 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   32944  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11847
 سائەت
دەرىجىسى:
11847 سائەت 393 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

مۇنبىرىمىز ئەزاسى تاڭنۇرنىڭ شېئىرى: *WMI 
3ScOJo  
كۈلدى ئەل،ئاپرىن ئوقوپ،ئاختى دەريا،شاۋقۇن ئورۇپ ، r c ++c,=  
پەخرىيە ئۇيغۇر قىزى ، خۇشال بۈگۈن ، شەرەپ قۇچۇپ . tBU n KPT  
Uzh#z eZ`<  
ياغدى ئەلدىن ، تالاي ئالقىش ،ئۇيغۇر ئۈچۈن غەزەل قېتىپ ، zD^*->`p  
قۇشلار ئارا ، بەيگە قىلىپ ،تاپسۇن شەرەپ ، قانات قېقىپ . yK+1C68A  
 GY`mF1b  
ئەل ئۈچۈن ، مىللەت ئۈچۈن ، تۆھپە قوشۇپ ، سۈيىدە ئېقىپ ، O}s Mqh  
مىھىر بېرىڭ ،زەمزەم بولۇپ، قۇياش كەبى ، نۇرلار چېچىپ . ~cv322N   
R1 C}S  
بىلىم ئېلىپ ، باغلاپ ئىمان ، ھەقنى كۆزلەپ ، ئەلنى كېزىپ ، \^oI3K0`  
خۇشال قىلىڭ، ساپ ئەجىردە، مىللەت ئۈچۈن ، دەستە تىزىپ . x`:c0y9uG  
0ZM#..3sI  
كەلسە تۆھمەت  ، ئۆسەك توقۇپ ، ھەق يولىنى ، تار قىلىپ ، ]A&pX AM  
يەكسان قىلىڭ ،يەر چىشلىتىپ ،پەن - بىلىمنى ، خەنجەر قىلىپ . @#r6->%W  
#_SsSD=.Sy  
ھايات سەرخىل ، قىسمەت تولا ، سىناپ تۇرار ، پۇرسەت بېرىپ . V1#:[o63+  
كەلسە ئامەت ، كەلسە ئاپەت ،مەزمۇت تۇرۇڭ ،كەتمەڭ ئېزىپ . 8-B6D~i  
%63s(ekU  

 

←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن.
‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...
pamirogli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.46160

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   51 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   312 (سوم)
 ياخشى باھا:   51 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 595
 سائەت
دەرىجىسى:
595 سائەت 55 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-30
ئاخــىرقىسى:2011-10-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

بەك ياخشى ئش بولوپتۇ.......... بۇ راستىنلا بىر مۆجىزە.
 
kilyang
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   318 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3135 (سوم)
 ياخشى باھا:   814 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1194  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1535
 سائەت
دەرىجىسى:
1535 سائەت 165 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! تىما ئىگىسىگە رەھمەت  ! [8UZ5_1WL  
پەخىرىيە سىڭلىمىزغا تەشەككۇر  ھۆرمەتلىك   سىڭلىمىزنىڭ  كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ مەغرۇرلۇق كىشىنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ  دىگەن تەپەككۇر بويچە    
بۇنىڭدىن كىيىن يەنىمۇ تىرىشىپ بۇنىڭدىن كىيىنكى  ئەڭ قىيىن ۋەزىپىنى ئورۇندىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن شۇنداقلا g_IcF> 
بۇ سىڭلىمىزنىڭ ئۆز ئارزۇسىدىكى ئالىي مەكتەپكە بېرىپ، كەلگۈسىدىمۇ ئۆز ئىسمىغا لايىق پەخىرلىك ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سىڭدۈرگەن ئەجىرلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن! x'|9A?ez@Z  
qbsod  

 
ئىمىنجان ھىدايەت
kok-sultan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3170

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1041 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22588 (سوم)
 ياخشى باھا:   1774 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2616  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3730
 سائەت
دەرىجىسى:
3730 سائەت 40 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

جاپاكەش ماتېماتىكا مۇئەللىملىرىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپتۇ بۇ قىز...ئاپىرىن!
 
پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ
yal_guz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11309

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   198 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6911 (سوم)
 ياخشى باھا:   599 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   648  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 352
 سائەت
دەرىجىسى:
352 سائەت 88 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-23
ئاخــىرقىسى:2011-10-23
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

تىخىمۇ تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇڭ.
 
mugsirdax
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.622

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1786 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12700 (سوم)
 ياخشى باھا:   586 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   443  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9268
 سائەت
دەرىجىسى:
9268 سائەت 182 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

يارەيسەن  ئۇيغۇر قىزى ... uQg&A`4  
  
بۇندىن كىيىن ئىشلىرىڭىزنىڭ  ئۇڭۇشلۇق  ياخشى نەتىجىلەرنى  قولغا   كەلتۇرىشىڭىزگە  تىلەكداشمەن ..
 
qq  1063545754         ئىسىل   ياشا
akwolf
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25046

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   186 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4237 (سوم)
 ياخشى باھا:   351 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   459  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3654
 سائەت
دەرىجىسى:
3654 سائەت 116 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

ئوقۇسا مۇشۇندا ئوقۇسا بولىدۇ، بەزى تورلاردا بەزىبىر قالايمىقان گۆش يەيدىغانلار بۇ قىزنى ياراتماپتۇ،نوچى بولسا بىزنىڭ بۇيەردە بەرسۇن دەپ  مىنىڭ ئۇقۇشۇمچە ماتىماتكا سۇئالى پۇتۇن مەملىكەت ئىچىدە ئوخشاشتۇ؟ $*`=sV!r  
ئۇ قىزنى مەملىكەت بويىچە بىرىنجى بولمىدى دىسەكمۇ شىنجاڭنىڭ بىرىنجىسىغۇ؟ ماختىغۇدەك،پەخىرلەنگۇدەك قىز...كۆرەلمەيدىغانلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپكەن،ئەسلىغۇ مەن ئىنكاس يازمايتىم،لىكىن بەزى كۆرەلمەيدىغانلار ...بولدىلار... ئىت بىلەن تەڭ بولمىساقلا بولىدىغۇ... |h; _r&  
5@6%/='I q  
تىخىمۇ تىرىشىڭ سىڭلىم، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن...
 
خۇشال ياشاش كېرەك!
FIRDEWIS
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41136

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   130 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1088 (سوم)
 ياخشى باھا:   77 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 651
 سائەت
دەرىجىسى:
651 سائەت 119 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-18
ئاخــىرقىسى:2011-10-19
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

تولىمۇ خۇش بولدۇم!يارايسىز پـەخىرىيـە!ئۇيغۇرنىڭ ئـەقلى بۆلۈنمىسى،يـەھۇدىنىڭكىدىن يۇقىرى بولسا باركى كـەم ئەمـەس!
 
ئـىشنىڭ ياخشى تـەرىپىنى ئويلىغانلار ئـايروپىلان ياساپتۇ،يامان تـەرىپىنى ئويلىغانلار پاراشوت ياساپتۇ.
atax003
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.46362

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   37 (سوم)
 ياخشى باھا:   7 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 26
 سائەت
دەرىجىسى:
26 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-01
ئاخــىرقىسى:2011-07-23
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

ھەقىقەتەن  ياخشى ئىش بولۇپتۇ  ،يارايسىز ،بۇندىن  كىيىن  سىزگە ھەر-ۋاقىت بەخىت-ئامەت يار بولسۇن ....ياخشى ئوقۇپ مىللىتىمىزنى  تونۇتۇڭ !
 
دۇنيا مىھىر-مۇھاببەت بىلەن گۇزەل!
turkinaz0992
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36864

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   696 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5624 (سوم)
 ياخشى باھا:   653 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   475  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3518
 سائەت
دەرىجىسى:
3518 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

ھەممىدىن سىزنىڭ مىنكاۋ خەن ئەمەسلىكىڭىز ھاردۇقۇمنى چىقاردى مېنىڭ !  ئۇيغۇر مائارىپىغا ئىشەنمەيدىغان ، ھەتتا ئۆز مائارىپىغا ئىشەنمەي باللىرىنى مىنكاۋ خەن قىلىپ تەربىيىلەپ پەخىرلىنىپ كېتىدىغان بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار ( بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ نېنىنى يەۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئاتا - ئانىلار مۇ بار )مۇ كۆرۈپ قوي ئويلىنىپ قالار ... &j?+%Y1n@  
          ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر ئاز ئەمەس ، ئەمما باللىرىمىزنى خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئارقىلىق مەسلىنى ھەل قىلىش مېنىڭچە تازا مۇۋاپىق ئەمەس . بىر - بىرىمىزنى قوللايلى ، ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر ھەققىدە بىرلىكتە ئويلىنايلى ، بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلەيلى . مائارىپ - يەنى تەربىيە خىزمىتى مەڭگۈلۈك خىزمەت ، دېمەك مەڭگۈ ئىزدىنىشكە ، بۇ يولدا مەڭگۈ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ ...ھەمىمىز مەسئۇلىيەتتىن قاچساق ، تاشلاپ قويساق ، بىر -بىرىمىزگە ئىتتەرسەك  بىرسى كېلىپ ھەرگىز بىزنىڭ ئىشىمىزنى قىلىپ بەرمەيدۇ ، شۇنداقمۇ؟ `q m$2  
         بىزمۇ ( بولۇپمۇ ئىشخانىدىكىلەر ) نەچچە كۈندىن بېرى پەخرىيەنى مىنكاۋ خەن دەپ بىلىپ كەلگەن ، ھەممىمىز  مىنكاۋخەن بولمىغان بولسىچۇ ( بۇ يەردە ھەرگىز باشقا مەقسەت يوق ) دېيىشكەن ئىدۇق راستنى دېسەم ، پەخرىيەنىڭ مىنكاۋ خەن ئەمەسلىكى شەخسەن مېنى تېخىمۇ خۇش قىلدى . چۈنكى مەن بىر  ئوقۇتقۇچى ... ئۇيغۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ، مەن باللىرىمغا ، ئۇيغۇر باللىرىغا ئىشىنىمەن ،  ئۇلاردىن سۆيۈنىمەن ، ئۇلار بەك ئەقىللىق !  كىچىكىدىن تەربىيىنى كۈچەيتسەك ، مەكتەپ ، ئائىلە ، جەمىيەت ئۆز - ئارا ماسلاشساق ، باللىرىمىزنىڭ ئىچىدىن يەنە پەخرىيەدەك باللار چىقىدۇ ! ksy]t |  
سىڭلىم پەخرىيە ماتىماتىكا ئۇيغۇر باللارنىڭ ئاجىز نۇقتىسى ئەمەسلىكىنى بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردىڭىز ، شۇ تاپتا بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ ھاردۇقى چىقمايۋاتقان جاپاكەش ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭمۇ ھاردۇقى چىققاندەك بولغاندۇ ، ئۈمىدلىنىپ قالغاندۇ ؟ ....... 0BP Ubp(  
سىزنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ، بىر ئېغىزمۇ باشقا تىللارنى ئارىلاشتۇرماي سۆزلىگەنلىكىڭىزدىن شەخسەن مەن بەك پەخىرلەندىم ! مەن تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ، ئانا تىلىمنى ئۆزۈمنى سۆيگەندەك سۆيىدىغان ، غورۇرۇمنى قوغدىغاندەك قوغدىسام دەيدىغان ، ئۆز كەسپىمنى ھەقىقىي سۆيىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى ، جەمىئيەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغان كىشىلىرىمىزگە قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ . ئەمما شۇ نەرسە ئايانكى ، ھەقىقي بىلىم سەۋىيىسى بار ، ساپالىق ئادەملەرلا سىزگە ئوخشاش قىلالايدۇ ، چۈنكى  «يېرىم چىلەك سۇ بەكرەك شالاقلايدۇ »ئەمەسمۇ ؟   سىڭلىم پەخرىيە ، ئالدىڭىزدا يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ، ئۆتكەللەر بار  ، بەلكىم بۇ سىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىڭىز بولۇشى مۇمكىن ، كىيىنكى ئوقۇش ھاياتىڭىزدا قەتىئي بوشاشماسلىقىڭىزنى ، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار غايىلەرنى كۆڭلىڭىزگە پۈكۈپ تىرىشچانلىقىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ! سىزگە يەنىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن ، سىڭلىم !.......... c>%%'c  
fk2p}  
[ بۇ يازما turkinaz0992 تەرپىدىن 2011-07-03 14:26 دە ]

 
ئەقىل ئىگىلىرىنى ئىككى ئىش ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .بىرسى ،قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئۆز كەسپىگە قويماسلىق ، يەنە بىرسى قابىلىيەتسىز كىشىلەرنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەش .
PARWEZA
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18575

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   34 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3199 (سوم)
 ياخشى باھا:   169 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   215  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 217
 سائەت
دەرىجىسى:
217 سائەت 53 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-22
ئاخــىرقىسى:2011-07-21
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

سىز بىزنىڭ پەخرىمىز سىڭلىم!! Q\>mg*79  

 
كۈلۈپ ياشايمەن!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى