مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       690 
  •    ئىنكاس 
       10 

تاتار خەلقىنىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپىغا قوشقان تۆھپىلىرى

قەۋەت ئاتلاش
xopur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11976

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   389 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10107 (سوم)
 ياخشى باھا:   1875 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3037  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 294
 سائەت
دەرىجىسى:
294 سائەت 56 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-28
ئاخــىرقىسى:2011-09-30

?t%{2a 
P;.roD9  
ھاكىم جاپپار
yP7b))AW9  
;~0q23{+;U  
}W^@mi  
تاتار خەلقى مەملىكىتىمىزدىكى تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيەتلىك تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى. تاتار خەلقى ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئەسىرلەردىن بېرى بىللە ياشاپ كەلمەكتە. تاتار خەلقى مەملىكىتىمىزدىن باشقا دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئاسىيا بىلەن ياۋروپا تۇتىشىدىغان جايلاردا ياشىغاچقا، باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىغاندا ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە بۇرۇنراق تەرەققىي قىلغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سانائىتى تەرەققىي قىلغان ھازىرقى زامان مىللەتلىرى قاتارىغا كىرگەن. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرى يۈكسەلگەن. تاتارلاردا ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپ سوكنو توقۇش، تېرە-كۆنچىلىك، مىس ئېرىتىش، كېمسازلىق قاتارلىق ھۈنەر-كەسپ كارخانىلىرى قۇرۇلغان. :6o%x0l  
ou-#+Sdd  
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تاتارلار ئىسلامىيەتتىن باشلاپ 20-ئەسىرگىچە ئەرەب يېزىقىنى، 1919-يىلىدىن كېيىن لاتىن يېزىقىنى، 1939-يىلىدىن كېيىن سلاۋيان يېزىقىنى قوللانغان. تاتار بىلەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي قانداشلىقى، تىل ئورتاقلىقى، تېرىتورىيە تۇتاشلىقى، دىنىي ئېتىقاد بىرلىكى قاتارلىق تەرەپلەردە قويۇق مۇناسىۋىتى بار. تارىختىن بېرى ئارىلىشىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، ئۇرۇق-تۇققان، قۇدا بولۇشۇپ كەلگەن. مۇشۇنداق ئالاھىدە ئۆزگىچە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە تاتار خەلقى مۇھىم رول ئوينىغان. l :{q I#Q  
>c_fUX={  
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، تۇرپانلىق مەھسۇد مۇھىتى قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەر زاتلار رۇسىيە تەۋەسىدىن كۆپلىگەن تاتار زىيالىيلىرىنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. 1913-يىلى رۇسىيە تەۋەسىدىن ھەيدەر ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنى ئەكەلدۈرگەن بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇرات ئەپەندىنى (1934-1853) قازاندىن تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. مۇرات ئەپەندى ئاۋۋال چۆچەك شەھىرىدە، 1929-يىلىدىن كېيىن تۇرپاندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. شۇ چاغدا تۇرپان ئاستانىدا «مەخسۇدىيە» نامىدىكى پەننىي مەكتەپ بارلىققا كەلگەن. CF>&mXg\  
vu)EB!%[  
ھۆرمەتلىك ئۇستاز گۈلەندەم ئابىستاي (1947-1889) يولدىشى مۇجىبۇللا ئابدۇللىن ئەپەندى بىلەن 1918-يىلى تۇرپان ئاستانىغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىققا قىلغان. كېيىن چۆچەككە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا، چۆچەكتە ئاتاقلىق «گۈلەندەمىيە» مەكتىپىنى بەرپا قىلغان. گۈلەندەم ئانىنىڭ جاھالەتنىڭ قارا چۈمبەردىسىگە سولانغان، قۇل ئورنىدا خارلانغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت خانىم-قىزلىرىنى ئاشۇ زۇلمەتلىك دۇنيادىن قۇتۇلدۇرۇپ، يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇشتا تۆھپىسى زور. xS UpVK  
شۇ يىللاردا مەخسۇد مۇھىتى مۇجىبۇللا ئەپەندىلەر قاتارىدا ئوفا شەھىرىدىن ئەلى ئىبراھىم، ھېسامىدىن باۋى، ئابدۇللا لوقمانوۋ، نىغمەتۇللا شەيخى قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. EPJ>@A>;D  
(-$5YKm  
غەلى ئەپەندى (1947-1900) 1919-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، سېماپالاتىنسكىي شەھىرىگە كەلگەن. ئۇ بۇ شەھەردە شىنجاڭدىن كەلگەن سودىگەرلەردىن تۇرپانلىق مەخسۇد مۇھىتى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان ۋە ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن تۆگە كارۋانلىرى ئارقىلىق 1919-يىلى سىنتەبىردە تۇرپانغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ 1930-يىلى بۇرھان شەھىدى، ھەيدەر سايرانى، تۆمۈر غەلى ئىسھاقوۋلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1937-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان 6-مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە بۇنىڭغا قوشۇمچە تۈرلۈك مەخسۇس كۇرسلارنى ئېچىپ ۋە بۇ كۇرسلارغا مۇدىرلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. شۇنداقلا، بۇ مەخسۇس كۇرسلارغا دەرس بەرگۈچى سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رۇس تىلىدا تۈزگەن دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. 1937-، 1938-يىللىرى ئاقسۇ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ئاقسۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. 1938-يىلىدىن 1940-يىلىغىچە ئاقسۇ كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان. 1946-يىلى ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى تەھرىر-تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ، دەرسلىك تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە شۇ يىلى ئۆلكىلىك مەركىزىي تاتار مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1947-يىلى بىتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، غۇلجىغا كېلىپ تاكى ئازادلىققىچە غۇلجىدا تاتار مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئەرلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان. غەلى ئەپەندى 1940-يىلى جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1945-يىلى تۈرمىدىن چىققان. ئەلى ئەپەندى 1956-يىلىدىن كېيىن، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1979-يىلى ئەلى ئەپەندىنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئەلى ئەپەندى 1929-يىلى تۇرپانلىق ئۇيغۇر قىزى پاتىمە رەخىموۋا بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ، ئەر-ئايال ئىككىسىلا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. [;{xiW4V]  
R]yce2w"z  
تاتار زىيالىيلىرىنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي خىزمەتلەردىكى تۆھپىسىنى ئىلى رايونىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك كۆرگىلى بولىدۇ. 1920-يىللاردىن كېيىنلا ئىلى رايونىنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىدا تاتار زىيالىيلىرىنىڭ رولى كۆرۈنەرلىك بولۇپ كەلدى. غۇلجىدىكى ئاتاقلىق تاتار زىيالىيلىرىدىن خەبىب يۇنۇچى (1945-1908)، فەرىد ئابىدى، زەينەپ ئابىدى (1985-1904) غارىپ سىراجى، ماھىنۇر خانىم سىراجىۋا، مالىك بىكتېمىرۇۋ، فەرىخە ئەلى ئەكبەرۇۋا قاتارلىقلارنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. بۇلاردىن ھەبىب يۇنۇچى، مالىك بىكتېمىرۇۋلار گېرمانىيە ۋە تۈركىيەلەردە ئوقۇغان بولۇپ، بىر نەچچە خىل چەت ئەل تىلىنى بىلىدىغان يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە كىشىلەر ئىدى. قالغان ئىسمى ئاتالغانلارمۇ مول بىلىم-تەجرىبىگە ئىگە پىداگوگلار بولۇپ، رۇس تىلىنى بىلەتتى. مالىك بېكتېمىرۇۋ بىلەن فەرىخى ئەلى ئەكبەرۇۋالار ئىلى گىمنازىيەنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، مېنىڭ ئۇستازلىرىم ئىدى. مالىك ئەبزى ئالگېبرا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق دەرسلەرنى، فەرىخە ئاپپاي بولسا، زوئولوگىيە، ئاناتومىيە دەرسلىرىنى بېرەتتى. q6pHL  
ھەبىب يۇنۇچى 1930-يىللاردىن باشلاپ ئاساسلىقى ئىلىدا گېزىتخانىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ يەنە ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە ئېچىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسلىرىدا دەرس ئۆتەتتى. ئۇ 1944-يىلى قۇرۇلغان يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلات ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن بىرى ئىدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا ناھايىتى كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغانىدى. 1945-يىلى 2-ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. K&&T:'=/  
: j kO  
5/Qu5/  
1940-1950-يىللاردا غۇلجا شەھىرىدىكى بىر قانچە نۇقتىلىق مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى تاتار زىيالىيلىرى ئىدى. مەسلەن: غۇلجا ئۆزبېك مەكتىپى («نەمۇنە» مەكتەپ – ھازىر غۇلجا شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ) نىڭ ئىلمىي مۇدىرى رەمزىيە خانىم، غۇلجا «شەرق» مەكتەپ (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 11-باشلانغۇچ مەكتەپ) نىڭ ئىلمىي مۇدىرى ئەلفىيە خەمىدۇۋا، «ئۈمىد» مەكتەپ ۋە «سايرامىيە» (ھازىرقى 2-ئوتتۇرا مەكتەپ) لەردە 1920-يىلىدىن تارتىپ ئوقۇتقۇچىلىق ۋە مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلگەن پېشقەدەم ئۇستاز زەينەپ ئابىدىۋا، غۇلجا قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە مۇدىر بولغان ماھىنۇر سىراجىۋا بىلەن رەئىسە كېرىمۇۋا، تاتار مەكتەپ (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپ) نىڭ مۇدىرى كېرىم خالىد قاتارلىقلار. ,y'6vW`%g9  
)PvnB=wy  
شىنجاڭدىكى ھازىرقى يۇقىرى ئۇنۋانلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلىرىنىڭ زور بىر قىسمى پېشقەدەم ئۇستازلىرىدىن ئېرىكچى يۇنۇچى، ئابدۇلھەي ئەختەمەۋ (1978-1918)، ۋاغى يولدابايېۋلارنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئېرىكچى يۇنۇچى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقتىدا ئىلى بىلىم يۇرتىدا، ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىزىكا، ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ مەسئۇلى بولغان ۋە بۇ پەنلەردىن دەرس ئۆتكەن. ئابدۇلھەي ئەختەموۋ يېتىشكەن خېمىك بولۇپ، ئازادلىقتىن بۇرۇن ۋە ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە خىمىيە دەرسى ئۆتكەن. ۋافى يولدابايىۋ بولسا ئۈچ ۋىلايەت ۋاقتىدا ئىلى بىلىم يۇرتىدا، ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ، جۇغراپىيە فاكۇلتېتلىرىنىڭ مەسئۇلى بولغان ۋە جۇغراپىيەدىن دەرس ئۆتكەن. مانا مۇشۇ تاتار زىيالىيلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق كۈچ چىقىرىشى بىلەن تارىختا تۇرپاندا «مەخسۇدىيە»، چۆچەكتە «ماھمۇدىيە»، «گۈلەندەمىيە»، ئىلىدا «ھۈسەينىيە»، «تۇرانىيە» ۋە «سايرامىيە» قاتارلىق يېڭىچە مەكتەپلەر قەد كۆتۈرگەنىدى. 8Tg1 >q<  
T O]7cC  
غۇلجا، ئۈرۈمچى، چۆچەك قاتارلىق جايلاردا مەكتەپ مائارىپىدىن باشقا، تاتار خەلقىنىڭ باشلامچىلىقىدا زامانىۋى سەنئەت ئۆمەكلىرى قۇرۇلۇپ، تۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. بۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرىگە بولغان تەسىرى زور بولۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەتتىمۇ زور ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى ئوينىغان. بولۇپمۇ ئاتاقلىق تاتار شائىرى ئابدۇللا توقاي، ھادى تاقتاشلارنىڭ نامى كەڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا خېلى ئۇزۇندىن بېرى تونۇشلۇق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى ئۇلارنى ئۇستاز تۇتقانىدى.  omg#[  
)C"ixZ>2xQ  
شىنجاڭدا ھازىرقى زامان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ قانات يېيىشىدىمۇ تاتار خەلقى باشلامچى بولدى، دېيىشكە بولىدۇ. x*:VE57,z  
fZpi+I  
05{}@tW-  
شىنجاڭنىڭ مالىيە ئىشلىرىدىمۇ تاتارلاردىن چىققان بوغالتىر، ئىقتىسادشۇناسلار ئۆز تالانتىنى كۆرسىتىپ، مالىيە بوغالتىرلىق كەسپلىرى بويىچە ئېچىلغان كۇرسلاردا دەرس ئۆتۈپ، مالىيە كادىرلىرىنى تەربىيەلىگەن. ئازادلىقتىن بۇرۇن ۋە ئازادلىقتىن كېيىنكى بىر مەزگىلگىچە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ئورگان، زاۋۇت، كارخانىلىرىنىڭ مالىيە ئىشلىرىدا نۇرغۇن تاتار ياشلىرى ۋە كادىرلىرى ئىشلەپ كەلگەن. مەسلەن: ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاققاس ھاجى ئىرشانۇۋ، مالىيە نازارىتىنىڭ باش بوغالتىرى ھەم بانكا باشلىقى، ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق نازارىتىنىڭ نازىرى ھۈسەيىن مۇراتۇۋ، ئىلى ۋە ئالتايلاردىكى ۋالىي مەھكىمىلىرىنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ كەلگەن رەفقەت ئابزى، غىلاجىدىن ئابزى، سادىق دولاتوۋلارنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. F?tWx+N<{  
S'^ q  
تاتار خەلقىنىڭ ئۆچمەس تۆھپىسىنى ئۇلارنىڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ مىللي ئازادلىق كۈرەشلىرىدە ئوينىغان رولى، كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىدىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولدى. ھازىرقى زاماندىنلا ئالىدىغان بولسا، ئىلىنى مەركەز قىلىپ كۆرۈلگەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا ھەبىب يۇنۇچىنىڭ ئوينىغان رولى ھەممىگە مەلۇم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يېقىن سەپدىشى، گېزىت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ئەسقەت ئىسھاقوۋ (1976-1921) نىڭ نامىنى ھەممىمىز ئىپتىخار-سېغىنىش ھېسسىياتىمىز بىلەن تىلغا ئېلىپ ئەسلەيمىز. 5.ab/uk;M  
ECi;o1hda  
ئەسئەت ئابزى پىشقان تەربىيەچى ھەم تەشۋىقاتچى بولۇپ، ئەڭ كەمتەر، ئەڭ پاك-دىيانەتلىك، راست سۆزلۈك، ئاقكۆڭۈل يولداش ئىدى. مەن بىر مەزگىل ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە بىللە ئىشلىدىم. ئۇنىڭ ئىشچانلىقىنى، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەسىنى، يۈكسەك ئەخلاق-پەزىلىتىنى، توغرا ۋە ئادىل ئىستىلىنى دائىم ئەسلەپ، ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىپ كەلدىم. } r(b:}DN  
OS`jttU@  
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئاتاقلىق گېنېرالى مەرغۇپ ئىسھاقوۋ، ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيەسىنىڭ پولكوۋنىكلىرى ئايتۇغان يۇنۇچى، فوئات خەمىدۇۋ قاتارلىقلارنىڭ خەلق ئازادلىق يولىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ھەمدە نىلقىدىن قوزغالغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلىپىدىكى پارتىزانلىق ئۇرۇش مەزگىلىدە نامى چىققان، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى ئالاقزادە قىلغان خەلق باتۇرلىرى ئىچىدە تاتار خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىن خەمىت مۇسلىمۇف (1944-يىلى 9-ئايدا نىلقا ناھىيەسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان)، فاتىخ مۇسلىمۇف، رەپىق بايچۇرىنلارنى دائىم ئەسكە ئېلىشىدۇ، ئەلۋەتتە. l!XCYg@67  
P 
دېمەك، شىنجاڭ خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىدە بولسۇن، جۈملىدىن مەدەنىيەت-مائارىپ، مالىيە ئىشلىرىدا بولسۇن تاتار خەلقىنىڭ، تاتار زىيالىيلىرىنىڭ ئەمگىكى، سىڭدۈرگەن قان تەرى، قوشقان تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك. تاتار خەلقىنىڭ شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مىللىي ئازادلىق كۈرەشلەردە خەلقنى ئويغىتىش، نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن ئۆچمەس خىزمەتلىرى سان-ساناقسىز. بىز شىنجاڭ تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ كىشىلەرنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز. ئۇلارنىڭ تارىخىي تۆھپىلىرى ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ. بۇ كىشىلەر شىنجاڭ تارىخىنىڭ سەھىپىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئېلىشقا ھەقلىق. [/q Bvuun  
)%S@l<%@?  
$%cHplQz5  
«ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 24-قىسمىدىن ئېلىندى. $adZ|Q\  
http://www.uycnr.com/wh/yyyj/201106/t20110610_119427_3.html E"VF BKB  

تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-03, 00:28
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك
turkinaz0992
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36864

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   696 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5624 (سوم)
 ياخشى باھا:   653 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   475  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3518
 سائەت
دەرىجىسى:
3518 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

تاتارلار ھەقىقەتەن مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەندۇق !.................
 
ئەقىل ئىگىلىرىنى ئىككى ئىش ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .بىرسى ،قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئۆز كەسپىگە قويماسلىق ، يەنە بىرسى قابىلىيەتسىز كىشىلەرنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەش .
tuprakbag
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1036

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   200 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7559 (سوم)
 ياخشى باھا:   408 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   525  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6445
 سائەت
دەرىجىسى:
6445 سائەت 205 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

ئۇيغۇرغا ئەڭ يېقىن مىللەتتەكلا ھىس قىلىمەن......تىمىڭىزغا رەھمەت!
 
ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!
kaisar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.427

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1583 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1105 (سوم)
 ياخشى باھا:   456 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   455  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7702
 سائەت
دەرىجىسى:
7702 سائەت 88 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

ئەسكەرتىش :  تورداشلىرىمنىڭ مىللەتنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ئىنكاسلارنى يازماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن . بەك يازغىڭىز بولسا قەغىزىڭىزگە يىزىپ بولۇپ يىرتىۋەتسىڭىز ئىچ-پۇچىقىڭىز چىقىپ قالىدۇ .
 
مەن «بارسا كەلمەس » يولنى تاللايمەن ،بۇ يولغا يىڭى ئىز سالىمەن ، چۈنكى بۇ مەڭگۈ كەينىگە يانمايدىغان ئۆمۈر يولى.
ilim-pen
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25090

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5264 (سوم)
 ياخشى باھا:   645 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1027  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 65
 سائەت
دەرىجىسى:
65 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-05
ئاخــىرقىسى:2011-09-13
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

تاتارلار ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلەرنى ياراتقان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرگە ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ياراتتى. تاتار خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل -      پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ  مەدەنىيەت، مائارىپ، سودا - سانائەت، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، سەھىيە ۋە باشقا ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. ~e{ @5.g  
     «تاتار» دېگەن بۇ سۆز توڭگۇسچە سۆز بولۇپ، «كەپە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «تاتار» دېگەن بۇ نام قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ئابىدىلەردە «توققۇز تاتار»، «ئوتتۇز تاتار» دەپ ئاتالغان . -pu5O 9 @  
     ئېلىمىزدىكى تاتارلار ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوىنىڭ ئۈرۈمچى ، ئالتاي ، چۆچەك ، غۇلجا قاتارلىق ۋىلايەت - شەھەرلىرىگە ۋە گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ چىشمە تاتار مىللىي يېزىسىدا ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىڭ 890 . @]=40Yj~w  
     تاتارلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، روسىيىنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، قالغان بىر قىسمى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئوكرايىنا، بېلىروسىيە، لىتۋا، تۈركىيە، پولشا، رومىنىيە، بۇلغارىيە، فىنلاندىيە، گېرمانىيە، برازىلىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان . ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 8 مىليون ئەتراپىدا. \ |;\  
     تاتار تىلى - ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ قىپچاق تىل تارمىقىغا كىرىدۇ. تاتارلار ئۆز تارىخىدا قەدىمكى تۈرك يېزىقى (تۈرك - رونىك يېزىقى ياكى ئۇرخۇن - يەنسەي يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، سۈرىيە يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى، ئەرەب ئېلېپبەسى ئاساسىدىكى تاتار يېزىقى، لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى تاتار يېزىقى، رۇس ئېلېپبەسى ئاساسىدىكى تاتار يېزىقىنى ئىشلەتكەن. d#ir=+o{h  
     تاتارلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، توي - تۆكۈن ، ھېيت - بايرام، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ، ئۆلۈم - يېتىم ، پەرھىز قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت ۋە قائىدە - يوسۇنلارنى شەكىللەندۈرگەن. * DL7p8  
     تاتار ئەرلىرى بېشىغا ئومۇمەن قارا تەقىيە ياكى يېشىل، قىزغۇچ، بېغىررەڭ گۈل چېكىلگەن، شىرىپ تىكىلگەن تەقىيەلەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چوڭلار ئۇچىسىغا ياقىلىق، سول ياندىن تۈگمىلىنىدىغان ئاق كۆڭلەك، قارا جىلىتكە كىيىدۇ. ياشلار ئاق قايرىما ياقىلىق، ياقىسىغا، يەڭلىرىگە كەشتە ئىشلەنگەن كۆڭلەكلەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەرخىل رەختلەردىن تىكىلگەن، كۆك، كۈلرەڭ، جىگەر رەڭ، قارا رەڭلىك شىم كىيىدۇ. ئاياغلىرىغا ئۆتۈك ياكى شىبلىت كىيىدۇ. قىش كۈنلىرى ئاساسەن ئۇزۇن ياكى قىسقا پەلتو، پەشمەت ۋە تۈلكە، قوي ۋە باشقا قىممەتلىك ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئاياللار بېشىغا مەرۋايىتتىن گۈل ئىشلەنگەن تۆبەتەي، قالغاق كىيىدۇ. قىزلار مەرۋايىتتىن گۈل ئىشلەنگەن تەقىيە كىيىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار تۆبەتەي ۋە قالغاقلىرىنىڭ ئۈستىگە بۆرتمەشال ئارتىۋالىدۇ. گۈللۈك، سىدام رەختلەردىن ئۇزۇن، پۈرمىلىك قىلىپ تىكىلگەن كۆڭلەكلەرنى ، توپلىي، چېتىك، ئۆتۈك قاتارلىق ئاياغ كىيىملەرنى كىيىدۇ. VeoG[Jl  
     تاتارلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ئەنئەنىۋى تائاملىرىدىن شورپا، شورپىلىق تائاملار، كەشمىر، قىزدۇرما (قاقلانما)، گۇبەدىيە ۋە بەلىش، پەرەمەچ، سومسا، بوككەن، گۆشلۈك قاتلىما، قولداما ۋە سالما قاتارلىقلارنى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەرخىل مېۋە شېرنىلىرى، مۇراببالىرى، پىرەنىكلەر، باقالى، تورتلار، قاقلىق چاي تائاملىرى، قالاچ - توقاچلارنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تاتارلارنىڭ بۇ خىل تائاملىرى ۋە يېمەك - ئىچمەكلىرى ئۆزىنىڭ لەززەتلىكلىكى، مەززىلىكلىكى، شېرىنلىكى بىلەن كىشىگە ئۆزگىچە تەم ۋە ھۇزۇر بېغىشلىغاچقا، نۇرغۇن باشقا مىللەت خەلقلىرىنىڭمۇ ياخشى كۆرۈپ ئىستېمال قىلىدىغان تائام ۋە يېمەك - ئىچمەكلىرىگە ئايلاندى. R?{+&r.X  
     تاتارلار روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيت قاتارلىق دىنى بايراملارنى ئۆتكۈزگەندىن باشقا، تاتارلار ئارىسىدا بىرقەدەر كەڭ ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى __ «سابان توي»( «قوش چىققانلىق تويى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ )نى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. ;5[KZ8j6Y  
     قىسقىسى، تاتار خەلقى مەيلى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەكچانلىقى، ئىجادچانلىقى، ئەقىل - پاراسەتلىكلىكى ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىكى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن ئۆم - ئىناق ياشاپ ، دۇنيا تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشماقتا.
 
tewelgha
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18902

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   625 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8711 (سوم)
 ياخشى باھا:   441 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6018
 سائەت
دەرىجىسى:
6018 سائەت 272 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

تاتارلار بىزگە پەننى مەكتەپ ،ئىلغار مەدەنىيەت ،ئىلغار ئىدىيىلەرنى ئىلىپ كەلگىنىدىن باشقا يەنە «ئازاتلىق ئۈچۈن كۇرەش قىلىش»روھىنىمۇ بىللە ئىلىپ كەلگەن قىرىنداش مىللەتتۇر.
 
ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
xapkat2
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.46258

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   18 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   91 (سوم)
 ياخشى باھا:   18 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 211
 سائەت
دەرىجىسى:
211 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-30
ئاخــىرقىسى:2011-07-15
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-03

شىنجاڭ خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىدە بولسۇن، جۈملىدىن مەدەنىيەت-مائارىپ، مالىيە ئىشلىرىدا بولسۇن تاتار خەلقىنىڭ، تاتار زىيالىيلىرىنىڭ ئەمگىكى، سىڭدۈرگەن قان تەرى، قوشقان تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك. تاتار خەلقىنىڭ شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مىللىي ئازادلىق كۈرەشلەردە خەلقنى ئويغىتىش، نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن ئۆچمەس خىزمەتلىرى سان-ساناقسىز. بىز شىنجاڭ تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ كىشىلەرنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز. ئۇلارنىڭ تارىخىي تۆھپىلىرى ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ. بۇ كىشىلەر شىنجاڭ تارىخىنىڭ سەھىپىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئېلىشقا ھەقلىق .
 
muharram@0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45195

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   122 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   780 (سوم)
 ياخشى باھا:   119 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1233
 سائەت
دەرىجىسى:
1233 سائەت 117 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2011-10-20
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-05

تاتارلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت -سەنئەت ، ئەدەبىيات تارىخىغا قوشقان تۆھپىسى  خىلىلا زور كەن .
 
babur99
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18979

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   263 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5451 (سوم)
 ياخشى باھا:   428 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1653
 سائەت
دەرىجىسى:
1653 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-05

تاتار ۋە ئۇيغۇر ئۇتتۇرا ئاسىيادا(بۇيەردە سابىق سوۋېىت ئىتتپاقى تىرىتورىيىسىدىكى  ئۇتتۇرا ئاسىيانى دىمەكچىمەن) ئەڭ بۇرۇن ئويغانغان مىللەتلەر. ئۆتكەن ئەسرنىڭ 20-30يىللىرىدا ئۇيغۇر ۋە تاتار زىيالىيلىرى ،سىياسىئونلىرى بۇجايلاردىكى تۈركىي مىىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتىدا زور رول ئوينىغان. شۇڭا سىتالىن بۇ ئىككى مىللەتتىن خاتىرجەم بولالماي 30-يىللاردىكى چوڭ تازىلاشتا بۇلارنى تازا ئوبدان «تازىلاپ» ئورنىدىن قوپالماس قىلۋەتكەنىدى.
 
xopur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11976

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   389 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10107 (سوم)
 ياخشى باھا:   1875 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3037  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 294
 سائەت
دەرىجىسى:
294 سائەت 56 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-28
ئاخــىرقىسى:2011-09-30
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-09

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت  babur99 كە 2011-07-05 12:09ئەۋەتىلدى  : B,b8\\^k|  
تاتار ۋە ئۇيغۇر ئۇتتۇرا ئاسىيادا(بۇيەردە سابىق سوۋېىت ئىتتپاقى تىرىتورىيىسىدىكى  ئۇتتۇرا ئاسىيانى دىمەكچىمەن) ئەڭ بۇرۇن ئويغانغان مىللەتلەر. ئۆتكەن ئەسرنىڭ 20-30يىللىرىدا ئۇيغۇر ۋە تاتار زىيالىيلىرى ،سىياسىئونلىرى بۇجايلاردىكى تۈركىي مىىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتىدا زور رول ئوينىغان. شۇڭا سىتالىن بۇ ئىككى مىللەتتىن خاتىرجەم بولالماي 30-يىللاردىكى چوڭ تازىلاشتا بۇلارنى تازا ئوبدان «تازىلاپ» ئورنىدىن قوپالماس قىلۋەتكەنىدى. @K;b7@4y  
)JMqC+J3*t  
@yp0WB  
ئورتاق پىكىر! bY_'B5$.^2  

 
قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك
تىرەن
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36679

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   651 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3170 (سوم)
 ياخشى باھا:   526 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   51  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3475
 سائەت
دەرىجىسى:
3475 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-09

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت  babur99 كە 2011-07-05 12:09ئەۋەتىلدى  : (8x gn   }s,NM%oI  
تاتار ۋە ئۇيغۇر ئۇتتۇرا ئاسىيادا(بۇيەردە سابىق سوۋېىت ئىتتپاقى تىرىتورىيىسىدىكى  ئۇتتۇرا ئاسىيانى دىمەكچىمەن) ئەڭ بۇرۇن ئويغانغان مىللەتلەر. ئۆتكەن ئەسرنىڭ 20-30يىللىرىدا ئۇيغۇر ۋە تاتار زىيالىيلىرى ،سىياسىئونلىرى بۇجايلاردىكى تۈركىي مىىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتىدا زور رول ئوينىغان. شۇڭا سىتالىن بۇ ئىككى مىللەتتىن خاتىرجەم بولالماي 30-يىللاردىكى چوڭ تازىلاشتا بۇلارنى تازا ئوبدان «تازىلاپ» ئورنىدىن قوپالماس قىلۋەتكەنىدى. ]B>76?2W  
      ھەق توغرا  گەپ قىلدىڭ    سىتالىن دىگەن   بىر   ئىشت.........
 
كىشلەرنىمە كويدا
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى