مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       509 
  •    ئىنكاس 
       3 

ئىملا ۋە تەلەپپۇزغا قىستۇرما

قەۋەت ئاتلاش
hasalharisi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5146

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2256 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   23087 (سوم)
 ياخشى باھا:   2504 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3045  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5340
 سائەت
دەرىجىسى:
5340 سائەت 260 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-06

‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى››گە قىستۇرما pmWy:0R  
oA7DhU5n  
خەپتاجى ئابلىكىم ، زۇلقەر ئەزىز
} eHxw+.  
.s,04xW\  
    ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى›› (ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى) ناملىق كىتابنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى 2009 – يىلى 9 – ئايدا نەشر قىلدى. بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ھەر ساھە خىزمەتلىرىمىزدە تىل – يېزىقىمىزدىن توغرا، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىزغا زور قولايلىقلارنى ياراتتى. ~TS!5Wiv  
    تىل ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى. تىلنى يېزىق ۋە تەلەپپۇز جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرۇش ئۇنىڭ رولىنىڭ ياخشى جارى قىلىنىشىنى پۇختا ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىپ، شۇ تىلنىڭ ئىگىسى بولغان مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. تىل – يېزىقنىڭ قېلىپلىشىش – قېلىپلىشالماسلىقى، تىل – يېزىقنى قېلىپلاشقان قائىدىسى بويىچە توغرا ئىشلىتىش – ئىشلەتمەسلىك شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە روھىي قىياپىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرىدۇ. زامانىۋىلىشىش دەۋرىدىكى بىر مىللەت تىل – يېزىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشى، قېلىپلاشتۇرۇشى ھەم شۇ بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك، ئەلۋەتتە. بىز بۇ كىتابنى 1997 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى››گە سېلىشتۇرۇپ، بۇنىڭدىكى سۆزلۈكلەرنىڭ كۆپلۈكى، توغرا ئېلىنغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندۇق. شۇ ۋەجىدىن بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىغا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلەر ھەم بۇ خەيرلىك خىزمەتنى قوللىغۇچىلارغا چىن قەلبىمىزدىن چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز. ئاڭلىساق، بۇ لۇغەت يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش مەقسىتىدە قايتا ئىشلىنىدىكەن. شۇڭا، ئۇنىڭ قايتا مۇكەممەللىشىشىگە مەسلىھەت، ئاڭغىچە ئۇنىڭدىن پايدىلانغۇچىلارغا تولۇقلىما بولسا ئەجەب ئەمەس دېگەن مۇددىئادا كىتابتىكى بەزى خاتالىق ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى جامائەتچىلىكنىڭ سەمىگە سېلىشنى لايىق تاپتۇق. مېھنىتىمىزدە نۇقسان بولسا، كەسىپكارلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز. 1;S?9N_B  
    1 .2 – بەتنىڭ 12 – قۇرىدا ‹‹قەدەم باسقۇچلۇق›› دېگەن ئىككى سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىغا ‹‹ –›› (سىزىقچە) ئېلىنمىغان، 477 – بەتتە ‹‹قەدەم – باسقۇچلۇق›› دەپ توغرا يېزىلغان. "JLE  
    2 .35 – بەتنىڭ 1 – قۇرىدا ‹‹كاماندا›› دېگەن سۆزنىڭ بىرىنچى بوغۇمى ‹‹ا›› ھەرپى بىلەن يېزىلغان، 539 – بەتتە ‹‹كوماندا، كوماندىر، كوماندىرلىق›› دەپ ‹‹و›› ھەرپى بىلەن توغرا ئېلىنغان. S5ai@Ks f  
    3 .840 – بەتنىڭ ئەڭ تېگىدىكى قۇردا ‹‹خىمىيىۋى››، 307 – بەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ‹‹خىمىيەۋى›› دەپ ئىككى خىل ئېلىنغان. ئەسلىدە 21 – بەتتىكى ‹‹ئاخىرقى بوغۇمى <ىيە> شەكلىدە تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا بوغۇم ئاخىرىدىكى <ئە> تاۋۇشى <ئى> گە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەيدۇ›› دېگەن قائىدىگە ئاساسەن ‹‹خىمىيەۋى، خىمىيەلىك›› دەپ ئېلىنسا توغرا بولاتتى. ~]d9 J  
(GpP=lSSeY  
    4 .2 – بەتتە ‹‹پەيدىن – پەي›› دەپ ‹‹ – ›› قويۇپ يېزىلغان، 135 – بەتتە ‹‹پەيدىنپەي›› دەپ قوشۇلۇپ توغرا يېزىلغان. h%W,O,K/  
    5 .864 – بەتنىڭ 3 – قۇرىدا ‹‹بۇ يەردە ئەسلى بويىچە يېزىلدى›› ۋە 848 – بەتنىڭ 3 – قۇرىدا ‹‹ئەسلى دەرىجە›› (ئەسلى) دەپ ‹‹ي›› ھەرپى چۈشۈپ قالغان. 58 – بەتتە ‹‹ئەسلىي (تۇرغۇن)›› دەپ توغرا يېزىلغان. z\ONw Ml  
    6 .كونىشەھەر ناھىيەسى. بۇ سۆزنى بەزىلەر ‹‹كوناشەھەر ناھىيەسى›› دەپ ئالسا، بەزىلەر كونىشەھەر ناھىيەسى، دەپ قوللىنىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ سۆز ئورۇننى بىلدۈرىدىغان بىرىككەن سۆز ھالىتىدە كەلگەندە‹‹كونىشەھەر ناھىيەسى›› دەپ، جۈملىدە سۈپەت شەكلىدە كەلگەندە‹‹كونا شەھەر رايونى›› دەپ ئايرىپ يېزىلىشى كېرەك ئىدى. *n&Sd~Mg  
    7 .883 – بەتتىكى جەدۋەلنىڭ تېگىدىن سانىدىغاندىكى – قۇرىدا ‹‹جۇڭخۇا مىڭگو›› دەپ ئېلىنغان، توغرىسى ‹‹جۇڭخۇامىنگو››. |? fAe {*  
    8 .جاۋەن، جاۋەنلىك (تۇرغۇن) (246 – بەت). بۇ ‹‹جاۋەن›› 1) (ئىشكاپ)، 2) ‹‹جاۋەن ›› ئات، ئېشەك ھارۋىسىنىڭ جابدۇقى، دەپ تولۇقلانسا. شۇنداقلا، بالنېست، ئىستاتا قاتارلىق چەتتىن كىرىپ تىلىمىزغا ئۆزلەشكەن قىسمەن سۆز – ئاتالغۇلار لۇغەتتە يوق. ئۇلار تولۇقلانسا. 4^:dmeMZ`  
    9 .باياشات (باي ۋە شاد)، ئاباد، ئەبەت(ئەبەد)، شات(شاد) قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ‹‹د›› ياكى ‹‹ت››بىلەن ئېلىنىشى رەسمىي قېلىپلاشتۇرۇلسا.  1hi, &h  
    10 .سەتىر، سەتىرلەر، پېنسىيونېر قاتارلىقلار لۇغەتتە يوق. ئۇلار تولۇقلانسا. G/#  
    بۇلاردىن باشقا، كىتابتىكى جەدۋەللەردە سۆز – ئاتالغۇلارنىڭ شەخسلەر بويىچە تۈرلىنىشىدە بىردەكلىك يوق. مەسىلەن: ‹‹پولۇ، پولۇيۇم، پولۇيۇڭ، پولۇسى›› بولۇسى، ھەرگىزمۇ پولۇ، پولۇيىم، پولۇيىڭ بولماسلىقى كېرەك ئىدى. a.gMH uL  
    بۇ مەزمۇنلار 1997 – يىلى 1 – ئايدا نەشر قىلىنغان ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى›› نىڭ 25 – بېتىدە تۆۋەندىكىدەك توغرا ئېلىنغان، مەسىلەن: F*Hovxez  
    ‹‹پولۇ، پولۇيۇم، پولۇيۇڭ، پولۇسى. ›› tKLeq(  
    جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. توغرا – خاتانى ئايرىش يولىدىكى كۈرەش ئەزەلدىن توختاپ باقمىغان. يۇقىرىقىلار بىزنىڭ ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى››نى ئوقۇپ ھېس قىلغانلىرىمىز. كۆپچىلىكنىڭ نۇقسانلىرىمىزنى كەچۈرۈپ، مۇۋاپىق دەپ قارالغان تەكلىپىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمىز. O|=?!|`o  
 + @f  
مەنبە:2011– يىل6– ئاينىڭ24– كۈنىدىكى‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› OAW_c.)5D  
[ بۇ يازما Eltekin تەرپىدىن 2011-06-28 10:44 دە قايت ]

تېما تەستىقلىغۇچى : .tuz.
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-28, 11:15
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئادەم بولماق تەس
murat001
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43786

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   177 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1858 (سوم)
 ياخشى باھا:   377 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   400  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1929
 سائەت
دەرىجىسى:
1929 سائەت 161 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-09
ئاخــىرقىسى:2011-10-30
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-28

چىراق  تۈۋى   قاراڭغۇ
 
koktash
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6665

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   95 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7938 (سوم)
 ياخشى باھا:   383 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   481  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1683
 سائەت
دەرىجىسى:
1683 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-28

بۇ ئىككى قارىنداشىمىز بۇ كىتابنى ئوبدانلا تەتقىق قىلىبدۇ! ئەجرىگە ئەشقاللاھ! mF jM6pmo  
!7MRHI/0C  
ئاتالمىش «ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلى» نىڭ ئەسلى قۇرۇلمىسىدا خاتالىق نۇرغۇن، قەدىمكى چاغاتاي تىلى، باشقا تۈرك تىللىرى يىلتىزىدىن كۆپ چەتنەپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى ئىملا بېكىتىشتە، ئا ئە تاۋۇشلىرى قىسمەن ئاجىزلاشتۇرۇلمايدىغان بولۇپتۇ. مەسىلەن:  ‹‹خىمىيەۋى، خىمىيەلىك›› ، «ناھىيىسى» دىمەي، «ناھىيەسى» دەپ ناھايىتى توغرا ئېلىپتۇ.  بۇ بىر ياخشى بۇرۇلۇش. ئاللاھ خالىسا، 10 يىلدىن كېيىنكى (ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ئىملا تۈزىتىۋاتىمىز) كېلەر قېتىملىق ئىملانى چاغاتاي ۋە تۈرك تىلى يىلتىزىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئا ئە تاۋۇشلىتىنى قەتئىي ئاجىزلاشتۇرماي يازىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلسەك ياخشى بولاتتى. مەسىلەن: «ئانىسى» دىمەي، «ئاناسى» دەپ يازىدىغان بولساق دىمەكچى.
 
nurjula
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.22604

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   387 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5340 (سوم)
 ياخشى باھا:   370 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3376
 سائەت
دەرىجىسى:
3376 سائەت 124 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-28

ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇكەممەللىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغىنىڭلارغا تەشەككۈر!  بىزمۇ ھازىر ماتىريال ۋە لوزۇنكا شۇئارلاردا ناھىيەسى، ناھىيەمىز دەپ ئىلىۋاتىمىز!
 
بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى