ئىشخانىدا ئىشلەۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز يانفونۇم سايراپ توختاپ قالدى ، يانفوننى قولۇمغا ئېلىپ قارىسام ئۇ ئىكەن ، بەك خۇش بولدۇم -دە تېزلا تېلېفون قايتۇردۇم . 
 7[=MgnmuC  - ۋەي ! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سەن جانىم ؟
 no6q3<re  - مەنغۇ ياخشى ئۆزۈڭچۇ  ؟قانداراق تۇردۇڭ؟
 |Tn+Aq7  -مەن ئاتتەك شاش تۇردۇم جانىم . نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟
 _ISIq3A?	  -شۇ ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرى بىلەن  . سەنچۇ ؟ نىمە ئىش قىلىۋاتاتتىڭ؟
 %ZT@&  -مەنمۇ شۇ ئىشخانىدا ئىشلەۋاتقان .
 AUZ
^XiK  -ھە، شۇنداقمۇ؟ ئالدىراشمۇ قانداق ؟ پاراڭلىشاي دېگەن .
 VJp;	XM  -سەن ئۈچۈن ئالدىراش بولساممۇ ۋاقىت چىقىرىمەن جېنىم .  ئۇ گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدى . 
 (-'Jf#&X^  -ۋەي ! ئالو  بارمۇ سەن ؟
 :xd)]Ns  -مەن بار .
 2`2S94'  -ئەمسە دېمەمسەن گېپىڭنى .  ئۇ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن :
 IrIF 853g  -مەن توي قىلىدىغان بولدۇم؟ مەن ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ:
 
PH6!T/2[  -شۇ ئازقالدى ، ئىشلىرىممۇ تۈگەپ قالدى  بىر ئايغا قالماي مەنمۇ ئاتۇشقا بارىمەن شۇ چاغدا توينىڭ مەسلىھەتىنى قىلىمىز خاتىرجەم بولغىن . دېدىم 
 'JA<q-Gn  -ياق ئەتە تويۇم بولىدۇ .  
 Ft} h&aYP  بۇ گەپنى ئاڭلاپ مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتكەندەك بولدى .  خۇددى بۇ بىر چۈشتەك ھېس قىلىپ :
 IYZ$a/{P  -چاقچاق قىلمىغىنە ، بۇ نىمە دېگىنىڭ ئەمدى ؟
 ExJch\  -ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەھەللىمىزدىكى تۇققانلارنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلىدىغان بولدۇم 
 6;JlA})  بۇ گەپنى ئاڭلىغان چېغىمدا يۈرۈكۈمگە بىرسى پىچاق تىقىپ . قوچۇۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى . قولۇمدىن تېلفۇننىڭ قانداق چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن . ئاران مىڭ تەسلىكتە ئىسىمگە كېلىپ تىلفۇننى قولۇمغا ئالدىم .
 v'fX'/  - سەن نىمە دەۋاتىسەن ؟ مەن سېنىڭ ئالدىڭدا بىر قونچاقما؟ مۇشۇنداق چوڭ ئىشنىمۇ ئەمدى دەمسەن ؟ ئىقككىمىزنىڭ 6 يىللىق مۇھەببىتى نېمىگە ھېساپ ؟ ئىككىمىز يۈرگەن كۈنلەر ، قىلىشقان ۋەدىلەر ، .....  ئاھ ! خۇدا  بۇ نىمە ئىش ئەمدى .  سەن مېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەنمىدىڭ ؟ مېنىڭ مۇھەببىتىم ، ئەجرىم بىكار بولدىما ؟ شۇنچە يىل مۇھەببەتلىشىپ سەندىن ئالغان جاۋابىم شۇ بولدىما ؟ ئويلاپ باققىن شۇنچە قەھرىتان قىشتا سەن ئىشتىن چۈشكىچە سېنى ساقلىغانلىرىمنى ، سەن ئۈچۈن ياش تۆككەنلىرىمنى .  ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن  ، مەن مەڭگۈ سېنىڭ ›› دېگەن ۋەدىلىرىڭ قېنى ؟ ئاھ! خۇدا .
 1m c'=S{  -كەچۈرگىن . بۇ چوڭلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ، چوڭلار شۇنداق دەۋاتسا مەن قانداق قىلىمەن ؟
 D'
d^rT|	H  -چوڭلار ئورۇنلاشتۇرغان بولسا بوپتۇ . ئۇنىڭغىمۇ مەيلى  بىراق ، توينىڭ ھارپا كۈنى ماڭا دەمسەن بۇ گەپنى ياكى بۇرۇن ئەمەس ياكى كىيىن ئەمەس . ھازىرلا بېرىپ كۆرۈشكۈم بار . لېكىن مەن ئىچكىردە   سەن بىلەن توي قىلىمەن دەپ مەدىكارچىلىق قىلىپ پۇل تېپىۋاتىمەن . سەندە يۈرەك بارمۇ ؟   سېنى ھازىرلا ئېلىپ قاچقۇم كېلىۋاتىدۇ . چۈشەندىڭمۇ ؟  كۆزلىرىمدىكى ياش مەڭزىمنى  سىيپاپ ئېقىپ يەرگە چۇشمەكتە ئىدى . 
 *3A`7usU  ئۇ تېلفۇننى قويىۋېتىپتۇ . نەچچە رەت تىلفۇن قىلدىم  كۆتۈرمىدى ، ئۆيۈگە ئۇردۇم ئالمىدى ، خۇددى جان تالىشىۋاتقان قويدەك نىمە قىلىشىمنى بىلمەي تىپىرلاپ كەتتىم . ئىشخانىدىكى ئىشىمنى تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم . ئۇدۇل دەريا بويغا كېلىپ خالىيراق يەرنى تېپىپ بىردەم ئولتۇردۇم . ئويلىغانسىرى ئىچىم قايناپ ئاچچىغىم كېلەتتى . دەريا بويىدا ئولتۇرۇپ ،ئۆتكەن كۈنلەردىكى ئەگرى توقاي مۇھەببەت يولىمىز  بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمدا خۇددى كىنو لېنتىسىدەك نامايان بولۇشقا باشلىدى .
 gGdt&9z
%  ئۇنىڭ بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە تونۇشقان چاغدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ئەسلىمىلىرىم  كۆزئالدىمدا قايتىدىن پەيدا بولۇۋاتاتتى .يۈرۈگۈم لەختە-قان ، تاماكىنى كۈچەپ كۈچەپ شورىماقتا مەن . توساتتىنلا كاللامغا بىر خىيال كەلدى ، يەنى ھازىرلا قايتىش . 
 _s(izc  شۇ تەرىقىدە قايتىش ئۈچۈن ئايروپىلان بېلىتى ئىزدەشكە باشلىدىم  . سائەت چۈشتىن كىيىن تۆتتىن ئېشىپتۇ  . ھەي ! بۇ نىمە كۈن ئەمدى . بېلەت ساتىدىغان يەرنىڭ ھەممىسىگە كىردىم ئامال يوق . تۈگىدى دەيدۇ . چۈنكى 7.ئاينىڭ بېشى بولغاچقا ساياھەت مەزگىلى ئىكەن. ئويلىغانسىرى ئىچىم تىتىلداپ توختىمايۋاتاتتى . ئامال قانچە 4 كۈنلۈك بىلەت ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بوپتۇ ،. پويزدا بارسام ئاتۇشقا 5 كۈن ئەتراپىدا كېتىدۇ . بەرىبىر كېچىكتىم ،ئامال قانچە ۋاز كېچىش كېرەك . تەقدىر مۇشۇ بولسا كېرەك . 
 1-!q,q  بۇكېچە بەكمۇ تەستە تاڭ ئاتتى . كېچىچە ئىچىپتىمەن ،كۆزلىرىم قىپقىزىل ،قاپاقلىرىم ئىششىغان . ھەي!! رەزىل مۇھەببەت  سەن ھەقىقەتەن رەزىل ئىكەنسەن . تۇرمۇش بەكمۇ رەھىمسىز ئىكەن .
 J~"h&>T    بۈگۈنمۇ بەرىبىر بارالمىدىم ، چۈنكى مەن 3000 كىلومېتىر يىراقلىقتا . ساڭا قىلغان شۇنچە كۆپ ئەقىدەمگە مۇشۇنداق جاۋاپقا ئېرىشتىم . كۆپ رەھمەت ساڭا . مەن ئۇنىڭغائاددى قىسقا چۈشىنىشلىك قىلىپ  خەت يېزىشقا باشلىدىم .
 ZKk*2EK]2z    {y>o6OTITR  ئەي!  مەن ئۈچۈن قەدىرلىك بولغان،سۆيۈملۈك ۋاپاسىز يار . تويۇڭغا مۇبارەك بولسۇن ! ساڭا مەڭگۇ بەخت تىلەيمەن !  كېچىدىن بېرى ئۇيقۇم كەلمىدى ،رەسىمىڭ قولۇمدا، باراي دىسەم يول يىراق ، نە ئامال مەندە ؟ كېچىچە ئىككىمىز ئۆتكۈزگەن شېرىن ،بەختلىك ، روماتنىك كۈنلىرىمىز نى ئەسلەپ قالدىم .
 #RN"Ul-B|  ئىسىڭدىمۇ تۇنجى تونۇشقان چاغلىرىمىز  ، تولۇق ئوتتۇردا تونۇشقان ئىدۇق ئككىمىز ، شۇنىڭدىن كىيىن دوست بولدۇق ،مۇھەببەتلەشتۇق،مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا ۋەدىلەشتۇق . بىراق بۇ نىمىگە ھېساپ بولدى ؟  مەن ئىچكىرگە ماڭىدىغان چاغدا ‹‹سېنى مەڭگۈ كۈتىمەن ›› دېگەن سۆزۈڭ ھېلىمۇ ئىسىمدە ، بەلكىم سىنىڭ يادىڭدىن چىقىپ قالغاندۇ . ئىسىڭدىمۇ بوغازدىكى تاغ باغرىدا دېگەن سۆزلىرىڭ  ئۇ چاغ سەن ماڭا :‹‹ سەندىن ئايرىلسام ئۆلۈۋالىمەن ، مېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمىگىن.›› دېگەن ئىدىڭ . مەن سېنى تاشلىمىدىم بەلكىم سەن مېنى دەرت-ئەلەم،ھەسرەت،ئىشقى-پىراق ئازابىغا تاشلاپ كەتتىڭ . كۆزئالدىم قاراڭغۇلاشماقتا . ئىككىمىز ئايلانغان ،يۈرگەن باغچىلار ، قەشقەر ياشلار باغچىسى ، دوڭخۇ كۆلىدە ئوينىغانلىرىمىز ،....  ئىشقىلىپ كۆز ئالدىمدا ھەممە پەيدا بولۇشقا باشلىدى  . 
 R=/^5DZ}  ئەمدى بولدى قىلاي . سەن بەختلىك بولساڭ مەن خۇشال . ساڭا مەڭگۈ بەخت ئامەت تىلەيمەن !  ئىككىمىز ئۆتكۈزگەن شېرىن ئەسلىمىلەرنى ئەسلەپ تۇرغىن . 
 +?&|p0  ۋىسالىڭغا يىتەلمىگەن دەرتمەن يايرىڭ دىلمۇراتتىن. 
 :\Pk>a    !}+rg2  خەتنى يېزىپ بولۇپ ،ئاتۇشتىكى ئەڭ يېقىن بىر دوستۇمغا بۇ خەتنى فاكىس قىلىپ يوللاپ بەردىم . بىردەستە گۈل ئارىسىغا بۇ خەتنى قىستۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەكىرىپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلدىم ... 
 _,G^#$pH    dI$U{;t   مەنبە: ئۆز قەلىمىم 
 I"_``*/1    `8D)j>Yh~    7y/Pch  
 8`$lsD  
 X6Y 
  Uiz#QGt  
  9^AfT>b~f  
  HHZGu8tzt  
[ بۇ يازما Eltekin تەرپىدىن 2011-06-25 21:52 دە قايت ]