مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       840 
  •    ئىنكاس 
       10 

ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي بىلەن خەلق تورىدا سۆھبەت

قەۋەت ئاتلاش
noshirwan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.32830

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   211 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8354 (سوم)
 ياخشى باھا:   1024 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1519  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5641
 سائەت
دەرىجىسى:
5641 سائەت 299 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
— بۇ تېمىنى مىرئادىل ئاۋازلىق ئەسەرلەر دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-06-24) —

خەلق تورى تور تىلىۋىزىيىسى قانىلى «مېھمانلار بىلەن سۆھبەت» پروگراممىسى 2011-يىل 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17:30 دا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى، تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ دوكتور يېتەكچىسى، ئۇيغۇر 12مۇقامى تېكىستتى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى ، پروفىسسور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى ئەپەندى بىلەن تور سۆھبىتى ئېلىپ باردى، تورداشلارنىڭ بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، سۆھبەت خاتىرىسى ئۇلانما قىلىندى. *jM]:GpyoU  
dSkMA  
سۆھبەت ئەھۋالىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: ;0FfP  
5 
http://tv.people.com.cn/img/2010tv_flash/outplayer.swf?xml=/pvservice/xml//2011/6/23/cc9bff45-d3c9-457a-9be9-7dd76c6f2820.xml&key=人民电视:/14644/"e=1 {\hjKP  
}]<0!q &xB  
ئابدۇرەئوپ پولات (ئەدەبىي تەخەللۇسى تەكلىماكانىي)،1950-يىل11-ئاينىڭ1-كۈنى، قەشقەر شەھىرى يۇمۇلاقشەكۆلبېشى مەھەللىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966-يىل قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1972- يىل بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1975-يىل ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۆز فاكۇلتېتىگە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئېلىپ قېلىنغان.ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان. Lcb5^e?'Q  
a`I \19p]  
مەنبە: ئۇيغۇرچە خەلق گېزىتى تورى
تېما تەستىقلىغۇچى : ARKZAT
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-24, 22:53
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
[ئەلبەھرە تورى قۇرۇلدى.
www.elbehre.com
چ چ: 1547408515
tragedy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.42204

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   391 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1243 (سوم)
 ياخشى باھا:   62 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   53  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 139
 سائەت
دەرىجىسى:
139 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-26
ئاخــىرقىسى:2011-09-17
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-24

ئــــــــــــەزا چــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەكلەنـــدى!!!
 
ARKZAT
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30135

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   417 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   32877 (سوم)
 ياخشى باھا:   1193 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1788  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4819
 سائەت
دەرىجىسى:
4819 سائەت 131 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-12
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-24

    بۈيۈك  تىلشۇناس ئالىمىمىز ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ھەققىدە ئەتراپلىق تونۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن تېمىنى مۇنبەرداشلىرىمىز دىققىتىگە سۇنغىنىڭىز ئۈچۈن تەشەككۇر! Vf;&z$D{r  
   ئالىمىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇقلار يار بولغاي!
 
تارىم
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4874 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   906746 (سوم)
 ياخشى باھا:   3053 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   32944  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11887
 سائەت
دەرىجىسى:
11887 سائەت 353 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-24

ئۇيغۇر تىل-يىزىق،مەدەنىيەت-تارىخ...ساھەسىدە ئۈن-تىنسىز ئىزدىنىۋتقان،ئەجىر قىلىۋاتقان،ياش ئەۋلادلارنى تەربىيلەۋاتقان تۆھپىكار ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىزغا سالاملار بولسۇن...
 

←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن.
‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...
abdikaisar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45192

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   22 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   78 (سوم)
 ياخشى باھا:   14 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 463
 سائەت
دەرىجىسى:
463 سائەت 77 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2011-06-27
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-24

ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قۇشۇپ كېلىۋاتقان ئالمىمىزنىڭ  تېنىنى سالامەت قىلسۇن ئاللا !
 
nima︿japa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43372

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   324 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3970 (سوم)
 ياخشى باھا:   1029 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1241  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1017
 سائەت
دەرىجىسى:
1017 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-24

ياخشى تىما يوللاپسىز
 
مۇھەببەت شەخسنى ئۆزگەرتەلەيدۇ
ئەرك
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8394

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   93 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8857 (سوم)
 ياخشى باھا:   588 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   940  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2856
 سائەت
دەرىجىسى:
2856 سائەت 134 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-25

دوكتورانت يېتەكچىسى، پروفېسسور، دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىلمىي – ئىجادىي ئەمگەكلىرى

  ئابدۇرەئوپ پولات ( ئەدەبىي لەقەبىي تەكلىماكانىي)،1950-يىل11-ئاينىڭ1-كۈنى، قەشقەر شەھرى يۇمۇلاقشەكۆلبېشى مەھەللىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966-يىل قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1972- يىل بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1975-يىل ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەچ، ئۆز فاكۇلتېتىگە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئېلىپ قېلىنغان.

  1978-يىل3-ئايدىن 1982-يىل7-ئايغىچە بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن. 1984-يىل 4-ئايدىن 1985-يىل 10-ئايغىچە ئىراق ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، باغدات، كۇفە، نەجەف ۋە كەربالا قاتارلىق شەھەرلەردە ئەرەب تىلى بويىچە پراكتىكا قىلغان. 1986-يىلدىن 1988-يىلغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە پارس تىلى ئۆگەنگەن. 1996-يىل 10-ئايدىن 1997-يىل 7-ئايغىچە زىيارەتچى ئالىم سالاھىيىتى بىلەن، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئەرەب ئەدەبىياتى بويىچە، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە بولسا، ئىسلام دىنى ئاساسلىرى ( ئۇسۇلۇددىن) بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.1997-يىل 10-ئايدىن 2002 -يىل 5- ئايغىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-تارىخ-جۇغرافىيە ئىنستىتۇتى چاغداش تۈرك شىۋىلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىدە، چاغاتاي تۈركىي تىل-ئەدەبىياتى بويىچە ئوقۇپ، «ئەدەبىيات دوكتورى» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

  ئۇ ھازىرغىچە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى»، «تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «نەۋائىي ئەسەرلىرى تەتقىقاتى»، «تۈرك تىلى» ۋە «ئەرەب تىلى» قاتارلىق دەرسلەرنى سۆزلىگەن. 1991- يىل «بېيجىڭ شەھرى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالانغان. 1992- يىل دوتسېنت بولغان. 1995- يىل «باۋگاڭ مائارىپ فوندى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ مۇكاپاتلانغان.2004- يىل 9- ئايدا، پروفېسسور بولغان. ئۇ ئوتتۇز يىلدىن بۇيان ئىزچىل سۆزلەپ كېلىۋاتقان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى» 2006- يىل «بېيجىڭ شەھرى دەرىجىلىك سەرخىل دەرس» بولۇپ باھالانغان. مۇشۇ شاراپەتلەر بىلەن، ئۇ 2007-يىل 10-ئايدا، دوكتور ئاسپرانت يېتەكچىسى بولغان.

 «چاغاتاي تىلى» ( خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن ھەمشىرىك)، بۇ كىتاب 1986- يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان؛ 1989 –يىل دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن 3- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  «نەۋائىي: مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» (خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن ھەمشىرىك، 1988- يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى ).

  «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر» ( 1993- يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 200 مىڭ خەت ).بۇ – ئۆزىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە قىلغان تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمى.

  «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى» ( 1995- يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشرى، 250 مىڭ خەت ). بۇ كىتاب 1996- يىل بېيجىڭ شەھرى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ 1997- يىل بولسا، مىللىي يېزىقتىكى كىتابلار بويىچە مەملىكەتلىك 3- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر باھالالىنىپ مۇكاپاتلانغان.

  «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» ( 2004- يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 300 مىڭ خەت ).

  «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىدىن – ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكستلىرى» (2005- يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 600 مىڭ خەت). بۇ كىتاب نەشىردىن چىققاندىن بۇيان، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكى قىلىپ ئىشلىتلىپ كەلمەكتە. ئۇندىن باشقا، بۇ كىتاب شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇقام ئورۇنلاش كەسپىنىڭ دەرسلىكى قىلىپمۇ ئىشلىتىلمەكتە. شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى مەزكۇر كىتابنى دەرسلىك قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە يېزىپ بەرگەن ئىسپات خېتىدە: " ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تۈزگەن بۇ كىتاب قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئىلمىيلىكى مۇناسىپ، تىلى گۈزەل، شەرھ - ئىپادىلەش پاساھەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، مۇقام ئورۇنلاش كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلىتىشىگە تازا باپ كەلدى. شۇڭا، بۇ كىتاب مەزكۇر مۇقام ئورۇنلاش كەسپىنىڭ ئوقۇش ماتېرىيالى جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ بەرگەن نادىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ." دېيىلگەن.

  «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى » (2007- يىل 6- ئاي، بېيجڭ مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 400 مىڭ خەت ) بۇ كىتاب شۇ تاپتا، ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ بېيجىڭ مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن «2006 – يىللىق بېيجىڭ شەھرى دەرىجىلىك سەرخىل دەرس» باھالانغان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى »نىڭ خاس دەرسلىك كىتابى قىلىپ قوللىنىلماقتا.

  «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»(2009-يىل 6-ئاي، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشرى، 920 مىڭ خەت). بۇ كىتاب، شۇ تاپتا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ماگىستېرانت ۋە دوكتورانتلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» دەرسىنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالى قىلىپ قوللىنىلماقتا.

  «كور خېرىدار» ( ھېكايىلەر توپلىمى، 1989- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى؛ 2000- يىل 2- نەشرى ).

  «ئۇيغۇردا ئەبگالىق» ( تەنقىدىي رېئالىزم ئەسىرى، 1996 – 1997 – يىللىق «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى ). ئۇيغۇر تەنقىدىي رىئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ دۇردانىسى دېيىشكە بولىدىغان بۇ ئەسەر 20 – ئەسىر ئۇيغۇر دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ تارقىغان ئەسەر سانىلىدۇ. 2001- يىلى گىرمانىيىلىك ئۇيغۇرلار بۇ نادىر ئەسەرنى ئاق تاشلىق كىتاب قىلىپ نەشر قىلغان.

  «رادىل ئابلا تەڭلىمىسى ۋە ئۇيغۇر تۇرمۇش پەلسەپىسى» ( پوپىلېر ئەسەر، ‹كروران› ژۇرنىلى 2005- يىللىق 5- سان ). بۇ ئەسەر 2006- يىلى، «كروران» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلار ۋە تەرەققىيات تېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر» باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان.«نەۋروز ھەققىدە» (نەسىر، 2006- يىل، 3- ئاينىڭ 22- كۈنى، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلاتقان)،

  «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ناممۇقام ناخشىسى» («جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2006-يىللىق 3-سان)

  «گۇمنام – ھىرقەتىينىڭ ئۆلۈمسىز غەزىلى ‹كاشغەر› ھەققىدە»، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى » 2007 – يىل 1- سان.

  «مۇئەللىم» (نەسىر، «جۇڭگو مىللەتلىرى» 2007- يىللىق 1- سان )

  «ئوقۇغۇچى» (نەسىر، «كروران» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 2- سان)

  «كاشغەرىي يىلى» (ناخشا تېكىستى. «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2008-يىللىق 6-سان)

  «مېنىڭ كاشغەرىي يىلىم» (ئەدەبىي خاتىرە. «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى، 2009-يىللىق 1-2-3-4-5-سانلار)

  «ئۆگىنىش ئېڭى- نۇسرەتنىڭ تېڭى» (نەسىر. «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» 2009-يىللىق 3-سان) قاتارلىقلار بار.ئىلمىي ۋە سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىلىرى:

  «‹مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين› دىن ‹مەئارىفۇل لۇغەتەين› (قوش تىل مائارىپى) غىچە – ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرى سېلىشتۇرما تەتقىقاتىغا مۇقەددىمە » ( «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2002- يىل 6- سان )،

  «ھەق ۋە ھوقۇق مەرىپىتى ئۇيغۇر مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇل تېشى » ( «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2004- يىل 1- سان )،

  «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز ئۆلچىمىنى بېكىتىش ھەققىدە » (< تىل ۋە تەرجىمە> ژۇرنىلى، 2005-يىللىق 1-سان)

  «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكستلىرى بويىچە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى توغرىسىدا » (‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى› ژۇرنىلى 2006- يىللىق 3- سان ).

  «مۇسا سايرامىي ۋە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى» ( «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 1- سان )«ئۇيغۇر چۆلئىراق مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» 2009-يىللىق 2-سان)

  «ئۇيغۇر مۇشاۋەرەك مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» («قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 3-سان) قاتارلىق يۈز نەچچە پارچە.

  دوكتورانت يېتەكچىسى، پروفېسسور، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكاني ئەپەندى نۆۋەتتە، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ۋە «‹تارىخى ھەمىدىي›نىڭ تىلى ئۈستىدە تەتقىقات» ماۋزۇلۇق ژىرىك ئەسەرلىرى ئۈستىدە جىدەللەپ ئىشلىمەكتە.

خەلىق تورى :ئابدۇرەئوپ پولات مەخسۇس سەھىپىسى

[ بۇ يازما ئەرك تەرپىدىن 2011-06-25 00:38 دە قايتا ئ ]

 
kashigar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45517

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   49 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   387 (سوم)
 ياخشى باھا:   108 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   99  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 123
 سائەت
دەرىجىسى:
123 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-24
ئاخــىرقىسى:2011-10-16
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-25

بۈيۈك  تىلشۇناس ئالىم ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇقلار يار بولغاي! Md>C!c  

 
dilmervan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39375

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   61 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3039 (سوم)
 ياخشى باھا:   89 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   121  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1329
 سائەت
دەرىجىسى:
1329 سائەت 21 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-25

    « چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئاتىسى » ۋە يېتۈك نەۋائىيشۇناس، پەخرىي ئۇستازىمىز ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينىڭ شانلىق خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق، ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك يار بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمىز!  
 
جاھان جام كۇللىي زىي جانغا ئەجەل مەيدۇر، پەلەك ساقى،
ۋە لېكىن قالغۇسىدۇر، قىلسا خەيرات تائەبەت باقى.
melody
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6403

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   728 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8431 (سوم)
 ياخشى باھا:   235 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   268  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4094
 سائەت
دەرىجىسى:
4094 سائەت 246 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-15
ئاخــىرقىسى:2011-08-14
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-25

مىنىڭ  مەركىزى  مىللەتلەر ئۇۋىرسىتىدا ئوقۇۋاتقان  ۋاقتىمدىكى mGP%"R2X  
ئەرەپ  تىلى مۇئەللىمىىم     .مۇئەللىمىمنىڭ تىنىڭ  ساغلام ئىشلىرىنىڭ c; .y  
تىخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى  تىلەيمەن
 
ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى
hasalharisi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5146

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2256 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   23087 (سوم)
 ياخشى باھا:   2504 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3045  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5340
 سائەت
دەرىجىسى:
5340 سائەت 260 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-25

بۇ سۆھبەت فىلىمىنى كۆرۈپ  ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى ئەپەندىنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشتۇم ھەم مەلۇم يېڭىچە بىلىم، دۇنيا قاراشقا ئىگە بولدۇم. تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت.
 
ئادەم بولماق تەس
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى