تۇردى ئاخۇن ئاكا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ قۇتقازغۇچىسى
ئەخەت تۇردى
Ne*I$T 5 pVn6>\xa 5:9Ay ? مۇقام — ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات نەتىجىسى. ئۇ ئەڭ ئىپتىدائىي سەنئەت شەكىللىرىنىڭ سىرلىق ئالىمىدىن بۈگۈنكى زامانداش مۇزىكانتلارنىڭ ھەيۋەتلىك سىمفونىيەلىرىگىچە ئادەمنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە ئېستېتىك زوق ئېلىش سالاھىيىتىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى — گۈزەللىك مۈلكىنىڭ مەڭگۈ سۇلماس چېچەكلىرىدۇر. ئۇلاردا ئىشىق بار، دەرد بار، شادلىق بار... ئۇلاردا تىنىمسىز، ئوتلۇق قەلبنىڭ بۈيۈك تەلپۈنۈشلىرى، يۈكسەك، ئالىيجاناپ روھنىڭ بىتەكرار سۈرەتلىرى، مەنزىرىلىرى بار... تۇردى ئاخۇن ئاكا ئۆزىگە تەئەللۇق مانا شۇنداق سىرلىق ئالەمنىڭ ئىچ-ئىچىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ۋە بىر ئۆمۈر ئۇنى ئۆزىگە رەھنامە قىلغان مۇقام ئۇستازىدۇر. ئۇنىڭ ئورنى، تەقدىرى مۇقام بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن.
XG
n"Ec %n
|s|>46E
O;
EI&
تۇردى ئاخۇن ئاكا 1951-يىلى تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە چاقىرىلغاندىلا، ئۆزىنىڭ مۇقامغا، ئەل-يۇرتقا لازىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئالەمشۇمۇل بەختكە چۆمگەن ۋە ئۇزاقتىن بېرى ساقلاپ كېلىۋاتقان بۇ بىباھا ئەڭگۈشتەرنى خەلقىگە تەقدىم قىلىشقا بەل باغلىغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ئۆچمەس تۆھپىسى خەلقىمىزنىڭ پۈتۈن مەدەنىي، مەنىۋى ھاياتىغا سىڭىپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەتمۇ مۇقەررەر سەنئىتىمىزگە بولغان چەكسىز مۇھەببەت نىشانىسى بولۇپ قالدى. شۇڭا ھېچ ئىككىلەنمەي، كامىل ئىشەنچ بىلەن ئېيتىمىزكى، تۇردى ئاخۇن ئاكا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ كۆركى، پەخرى ۋە ئۇنى ساقلاپ قالغۇچى، قۇتقازغۇچى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ۋە بۇ ئالەمشۇمۇل تۆھپىسىدىن خۇددى تاغدەك سالماققا ئىگە تارىخىي كۈچ بالقىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىگە خاس بىتەكرار سەنئەتكار سۈپىتىدە تارىخنىڭ تەرەققىيات جەريانىغا تەسىر كۆرسەتتى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى مۇڭلۇق ساتارى بىلەن ياڭراق كۈيلىرىدە ئىپادىلەپ، ئۇلارنىڭ مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن ئۇلۇغ مۇرەببىلىك رولىنى ئوينىدى. Q6Q>b4 .3
xr!FDfM.K
تۇردى ئاخۇن ئاكىدىن ئىبارەت ئاشۇنداق كەڭ ۋە ھەيۋەتلىك مەنىۋى سەھنە بولمىغان بولسا، كومپوزىتور ۋەن تۇڭشۇغا نوتىغا ئالىدىغان 12 مۇقاممۇ بولمىغان بولاتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يېقىندا نەشر قىلىنغان «مۇقامنىڭ ئالەمشۇمۇل قۇتقازغۇچىسى — ۋەن تۇڭشۇ» دېگەن كىتابتا بۇ ھەقىقەتنىڭ يۈزى سەل خىرەلىشىپ قالغان. مەن بۇ گەپلەر بىلەن ھەرگىزمۇ ۋەن تۇڭشۇنىڭ تۆھپىسىنى يوققا چىقارماقچى ئەمەس. پەقەت ھەر قانداق ئىش ئۆز لايىقىدا بولغىنى، ھەر قانداق گەپ سىڭىپ پاتا بولغىنى ياخشى دېمەكچىمەن! UV)[a%/SB&
l3n* b6
بۇ يەردە مەن يەنە مۇقامنى رەتلەش، نوتىغا ئېلىش قاتارلىق رەھبەرلىك ۋە تېخنىكىلىق ئىشلاردا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ۋەن تۇڭشۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى ليەن شاۋمېيلارنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋە پۈتۈن ئۆمرىنى مۇقامغا ئاتىغانلىقى ۋە شۇ يولدا بىر ئۆمۈر تىرىشىپ ئىزدەنگەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالىمەن، ئەلۋەتتە. ۋەن تۇڭشۇ بىلەن ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئايالى مۇقامغا باغلانغان يېرىم ئەسىرلىك جاپالىق، مەنىلىك سەنئەت ھاياتىدا مەيدانغا كەلتۈرگەن مۆجىزىلىك ئەمگەك مېۋىلىرى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئوتلۇق ناخشىسىنى ياڭراتتى ۋە مىللەتلەر ئارا نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قالدۇردى. ۋەن تۇڭشۇ ئىشلىگەن نوتا دۇردانىلىرى مۇشەققەتلىك ئىزدىنىشلەر، ئېغىر مېھنەتلەر نەتىجىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ مۇقام تېكىستلىرىنىڭ يېزىلىش تەرتىپىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خەلقئارا نوتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئالماشتۇرۇپ، ئەسلىدىكى سولدىن ئوڭغا قاراپ ئوقۇشتىن، كېيىنكى ئوڭدىن سولغا قاراپ ئوقۇشقا ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا نوتىدا بار بولغان شەرتلىك بەلگىلەر مۇقام ئاھاڭىدىكى نازۇك مېلودىيەلەرنى ئىپادىلەپ بېرەلمىگەندە، ۋەن تۇڭشۇ دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ، يېڭى بەلگىلەرنى ئىجاد قىلىپ، خەلقئارا نوتىنى بېيىتتى. دېمەك، ۋەن تۇڭشۇ ئاغزاكى مۇزىكا مۇقامنى رەتلەش ۋە ئۇنىڭ خەلقئارا نوتىسىنى تۇرغۇزۇپ جاھانغا تونۇتۇش جەھەتتە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ھارماس تۆھپىكار! #!h:w
#^<