مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       797 
  •    ئىنكاس 
       0 

«ئەمگەك ھەققىنى »قايتۇرۇش «مۇقەددەستۇر»

قەۋەت ئاتلاش
esma0999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16129

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1321 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14341 (سوم)
 ياخشى باھا:   1326 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   900  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8348
 سائەت
دەرىجىسى:
8348 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
— بۇ يازما alafasy تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-06-17) —

                                               «ئەمگەك » ھەققىنى قايتۇرۇش «مۇقەددەستۇر » h4pS~/  
s7 "xDDV  
:DN!1~ZtW  
                                                                     ئاپتۇرى: لى جى )r9 9zdUk  
3^o(\=-JX  
    ھازىر «ئەمگەك  ھەققى مۇقەددەستۇر»دىگەن شوئارنى ھىچكىم ئوتتۇرىغا قويماس بولدى.«ئەمگەكنىڭ قىممەت يارىتىشى»مۇ تاشلىنىپ قالدى. «سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ توپلاش» ھەممە جاينى ئىگەللىدى. كاپىتالىسلار بىلەن ئومۇمى ھوقۇق كۈچى جوڭگۇ  ئىقتىسادىدىكى ئەڭ زور پايدا ئالغۇچى تەرەپ بولۇپ قالدى. كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ جەمىيەتتىكى ئىقتىسادىي ئورنى تۆۋەن بولۇپ كەلدى. 1997-يىلىدىن 2007-يىلغىچە دۆلىتىمىزنىڭ گ د پ سىگە قاراپ باقساق،  ھۆكۈمەت مالىيەسىنىڭ كىرىمى 10.95%تىن 20.57%گە ئۆستى. كارخانىلارنىڭ ئاشۇرمىسى 21.23%تىن 31.29%كە  ئۆرلىدى. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققى 63.4%تىن 39.74%گە چۈشۈپ قالدى. O^@8Drgc  
     دۆلەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىرقىتىملىق تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، 23.4% ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ 5يىل ئىچىدە مائاشى ئۆسمىگەن. 72.2%ئىشچى خىزمەتچى نۆۋەتتە جەمىيەتتىكى كىرىم ۋە تەقسىمات ئادىل ئەمەس دەپ قارايدىكەن. 61%ئىشچى -خىزمەتچى ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ بىرقەدەر تۆۋەن بولۇشى ئەڭ زور دەرىجىدە ئادىل بولمىغان ئەھۋال دەپ قارايدىكەن. gpV4qDXV  
   ماركىس «ئەمگەكچىنىڭ ئەمگىگى ئىجدىمائى بايلىقىنىڭ ئاساسىدۇر. »دەپ كۆرسەتكەن. لىئۇجىروڭ ئەپەندىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە :جوڭگۇدىكى كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان گە د پ ، دۇنيا بويىچە 99-ئورۇندا تۇرىدىكەن، بىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشىمىز دۇنيادىكى 183دۆلەت ھەم رايۇن ئىچىدە 158ئورۇندا تۇرىدىكەن. ھەتتا ئافرىقىدىكى 32دۆلەتنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن ئىكەن.  ئەمگەكچىلەرنىڭ جەمىيەتتىكى ئىقسادىي ئورنىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى ، بىر تەرەپتىن ئەمگەك ئىش ۋە ھەققى مۇناسىۋىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت تەقسىماتىنىڭ يىتەرسىزلىگى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئىجدىمائى بىخەتەرلىك تورى ساغلام بولمىغاچقا، ئەمگەكچىلەر دە ئىغىر دەرىجىدىكى ئىجدىمائى ئادىلسىزلىق كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 5CkG^9  
    نۆۋەتتە ،دۆلىتىمىز  بۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۋاتىدۇ، بىر مەزگىل كەڭ دىھقانلار تىرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ، شەھەرلەرگە كىرىپ، «دىھقان ئىشلەمچى » ئاتالغان،  زور كۆلەمدىكى ئەمگەكچىلەر قۇشۇنىنى بەرپا قىلدى. 10نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ شەھەرلىشىش، سانائەتلىشىش، زامانىۋىلىشىش تەرەقىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قۇشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،غايەت زور بەدەل تۆلىدى ھەم قۇربانلىق بەردى. ئۇلارنىڭ قىغىنى ساپلا  ئەڭ جاپالىق ،ئەڭ مەينەت ئىشلار بولدى. ئاسمان پەلەك ئىگىز بىنالارنى، ئاسما كۆۋرۈكلەرنى ، يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى ياساپ تاماملىغاندا، ئەكسىچە ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ « ياراتقان مەھسۇلارتلىرى » دىن چەتكە قىقىلدى. ئۇلارنىڭ باللىرى ئۇزۇن مۇددەتكىچە شەھەرلەر تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمىغانلىقىنى دىمەي تۇرايلى،  ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قان تەر بەدىلىگە كەلگەن ئازغىنە مائاشىنى ۋاقتىدا ئالالمىدى، مانا بۇ ئىش كەڭ كۆلەمدىكى جەمىيەت مەسىلىسىگە  ئايلانغان بولسىمۇ، ئەرز ئىيتىپ كەلگۈچىلەرنىڭ دەردىنى ئاڭلايدىغان ئورۇن بولمىدى. ئۆزلىرىنىڭ قان تەرى بەدىلىگە بىرىلدىغان مائاشىنى قايتۇرۇپ كىلىشنى كۆزلەپ زىرىكمەي تىرىكمەي ئەرز قىلىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى چىدالمىغاندا « بىنادىن سەكرەش » قاتارلىق ئەخمىقانە يوللارنىمۇ تاللىدى. ھەق -ناھەق، ئەگرى- تۇقايلىقنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئادەم چىقماي ئەكسىچە ، بەزىلەر بۇ ئىشنى دىھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ « يامان غىرەزلىك ئىش ھەققىنى سۈيلىشى » دەپ تۇنۇدى. دىھقان ئىشلەمچىلەر ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش يولىدا پەقەت «كۆكرەكنى يىرىپ ، ئۆپكىسىنى تەكشۈرتۈش» نىلا قىلماي قالدى. &bsq;)wzs  
     جوڭگۇ ئىشچىلىرىنى باش مۇھەررىر چارلىت،سىتانگىر ،«بۇ ئىشچىلار بولمىسا، جوڭگۇ ئىقتىسادى 8%لىك ئۆسۈشنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ ، دۇنيا ئىقتىسادىمۇ ئەڭ ناچار ھالەتتە تۇرۇپ قالىدۇ، شۇڭا جوڭگۇ ئىشچىلىرى جوڭگۇنى كۈزىتىشتىكى  دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كۆزنەكتۇر.  بۇنداق تەسىرنى راستىنلا مۆلچەرلىگۈسىز » دىگەن ئىدى. ئاۋىستىرالىيەلىك «سودا كۈزەتچىسى »نىڭ  باھاسى ئادەمنى تولىمۇ ئويلاندۇرىدۇ. ئۇلار « جوڭگۇلۇق ئىشچىلار جوڭگۇنىڭ ئاسمىنى تىرەپ  تۇرغۇچىلاردۇر. شۇڭا  ئۇلارنى چەتئەل ئاخپارات ۋاستىلىرىلا مەدھىلەپ قالماي  ، جوڭگۇ ھۆكۈمىتىمۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىساتنىڭ تۈۋرۈكى ئىكەنلىگىنى  ئىسىدىن چىقىرىپ قويماسلقى كىرەك. ئۇلار بولمىسا جوڭگۇ بىر قەدەممۇ ئىلگىرلىيەلمەيدۇ.  ئۇلار بولغاچقىلا پۈتكۈل دۇنيا جوڭگۇدىن   مىننەتدار بولۋاتىدۇ  » دىگەن ئىدى. S>yiD`v  
       گىرمانىيەنىڭ «ئەيبەك »گىزىتى 2005-يىلىلا باھا بىرىپ«جوڭگۇ ئىقتىسادى يەر شارىدىكى يەڭگۈچى ئائىلىدۇر. لىكىن جوڭگۇ ئىشچىلىرى نىمىگە ئىرىشتى؟ »دىگەن ئىدى. گ د پ شۇناسلار ،جەمىيەتتىكى ئۆتكۈر زىدىيەتلەرنى ھىلىگەرلىك  بىلەن يىپىپ قويۇشتى. دۆلىتمىزنىڭ ئىنىرگىيە، ئۆي -مۈلۈك كەسىپلىرىنى ئىلىپ ئىيتايلى، ھەممەيەردە كاپىتال بىلەن ئومۇمى ھوقۇقنىڭ گىرەلەشكەن گەۋدىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كاپىتالنىڭ چىرىكلىشىشى بىلەن ئومىمى ھوقۇقلۇنىڭ قالايمىقان ياۋۇزلىشىشى گىرەلىشىپ قالسا، ئۇنداقتا كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ بىشىغا ئاپەتنىڭ كەلگەنلىگىدىن دىرەك بىرىدۇ. ئۆي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ئاددى ئەمگەكچىلەرنىڭ جەمىيەتنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمىغا ئۆزگىرىش چۈشىنى بەربات قىلغانلىقىنى دىمەي تۇرساق، دۆلەتنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە تارقالغان زوراۋانلىق بىلەن مەجبۇرى چىقىش ھەركىتىنىڭ  باش كۆتىرىپ چىقىشى، توپا كولاش ماشىنىسىنىڭ ھۆكىرىەەن ئاۋازى، بىر تەرەپتىن ئەمگەكچى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى ھەم مال- مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ بەربات بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، يەنە بىرتەرەپتىن قانۇننىڭ ئىززىتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئادىللىقىنى يوققا چىقىرۋاتىدۇ  يەنە دۇنيادىكى ئاز كۆرىلىدىغان كان ھادىسىلىرىدىن مىسال ئالساق ، 2003-يىلى بىر يىلدا، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كان ھادىسىلىرىدە 8000ئادەم ئۆلگەن  بولۇپ، جوڭگۇدا كان ھادىسىسىدە ئۆلگەنلەر 6434بولۇپ،  80%نى ئىگەللەيدىكەن. &uNec( c  
     دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، تەڭپۇڭلۇق بىلەن نازارەت قىلىش كەمچىل بولغانلىقتىن ، بەزى چەتئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلار ۋە ئىچكى مەبلەغ خارەكتىردىكى  كارخانىلار كەڭ كۆلەمدە ئەمگەكچىلەرنىڭ قۇشۇمچە قىممىتىنى قىسىپ  كىتىپ بارىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ،ماركىسنىڭ كۆرسەتكىنىدەك «ئىپتىدائى جۇغلانما» ھەم « قان تەر زاۋۇتى»نىڭ مۇساپىسىدە ئەمگەكچىلەرنىڭ غۇرۇرىغا سەل قارىلىۋاتىدۇ . &GP(yj]  
   بۇلتۇر شىنجىندىكى فۇشىكاڭ شىركىتىدە ئارقا -ئارقىدىن ئىشچىلارنىڭ بىنادىن سەكرىۋىلىش ھادىسىسى كۆرۈلدى. مانا بۇ « قان تەر زاۋۇتى»نىڭ كىچىكلىتىلگەن  ھالىتىدۇر، ئەمگەكچىلەر  دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەقىياتىنىڭ ئاساسى كۈچى، ئەمگەكچىلەر دۆلىتىمىز دىكى جەمىيەت  بايلىقىنى ياراتقۇچىلاردۇر.  ئۇزۇندىن  بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ھەم جەمىيەت قۇرۇلۇشىنىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلدى. 30يىلدىن بۇيان، ئىقتىساتنىڭ ئومۇمى مىقدارى ئاشتى ،لىكىن جەمىيەت ئادىللىقى ئەمەلگە ئاشمىدى. جەمىيەتتىكى ھەر خىل ساھالەر ئىچىدە ، ئەمگەكچىلەر ئاسانلا كۆزگە چىلىقىدىغان  ئاجىزلار  توپى بولۇشتەك ئورۇنغا ئىگە  بولدى. قانداق قىلغاندا ئىقتىسادىي تەرەقىياتنىڭ ئ.اساسى كۈچى بولغان  ئەمگەكچىلەرنى تەرەقىيات مىۋىلىرىدىن تەڭ بەھرىمان قىلغىلى  بولىدۇ ، قانداق قىلغاندا جەمىيەتنىڭ  بايقىنى ياراتقۇچىلارنى، تىخىمۇ كۆپ بايلىقتىن بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ . مانا بۇ ئىجدىمائى ئادىللىقنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولۇپلا قالماستىن  ، «سوتسىيا»  «لىزىم» تۈزۈمنىڭ بىر بۇرچىدۇر. G$<(>"Yr~$  
+MoUh'/u  
    مەنبە :« فىلياتۇنلار گىزىتى »نىڭ 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تېما تەستىقلىغۇچى : alafasy
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-17, 22:41
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران