ۋ. مىنورسكىي
+(:Qf+: ئەرەب جۇغراپىيشۇناسلىرىغا چېتىشلىق بولغان مۇھىم، شۇنداقلا جەزبىدار بولغان مەسىلىنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو ھەم ھىندىستانغا ئوخشاش ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان رايونلارغا قىلغان ساياھىتى ئۈستىدىكى ئانالىزدۇر. ھەممىگە مەلۇمكى، بۇ جۇغراپىيىشۇناسلار دىققىتىنى ماكانغا مەركەزلەشتۈرۈپ دائىم زامانغا سەل قارىغان. XVI ئەسىردىكى تۈركىيە خەچۆللۈكىنىڭ سىبىرىيە چۆللىكىنىڭ يەنىلا چۆچەكلەردىكى يەجۈج-مەجۈجگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى بايقىغان ئىدىم. IX، X ئەسىرلەردە، يەنى كىلاسسىك ئەرەپ جۇغراپىيىسى دەۋرىدە، ئالىملار بىر-بىرىنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرگەنلىكىدىن ياكى قەدىمكى مەنبەلەردىن ھازىرقى ئەھۋال بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئالغانلىقىدىن ئەپسۇسلۇق ھېس قىلىنمىدى. يەنى X ئەسىردىكى «ئورتاق مەنبە»مىلادىيە 800-يىلىدىكى بېنگال ھۆكۈمىرانى دارماپالا(DharmaPala)نى كۆرسەتسىمۇ، يەنىلا ھىندىستان ھۆكۈمىرانلىرى قاتارىدا سانالغاندەك ئىش بولدى(1).
t`hes
$E بۇ خىل تەسىر بىر جەھەتتىن يات ئەللەر ھەققىدىكى خاتىرىلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن بولۇپ، ئۇلار چەكلىك ساندىكى ئەسلىي خاتىرىلەرنى ئاساس قىلغان. بۇنىڭدىن كېيىنكىلەرنىڭ تەرجىمىلىرى بولسا ئۇلارنىڭ ئەسلىي ئەسىرىنىڭ ئاددىغىنا ھالدا سۆزمۇ-سۆز تەكرارلىنىشى بولۇپ قالغان. بىراق، مەنبە ناھايىتى تولۇق ھەم تەپسىلىي بولغاندا ئاپتورلار تەسەۋۋۇر كۈچىگە ھاۋالە قىلماي، ئوخشاش تەپسىلاتلارنى نەقىل كەلتۈرەتتى. مۇبادا بۇ تەپسىلاتلار ئەمەلىيەتتە قەدىمكى بۇيۇمغا مەنسۇپ بولغىنىدا، ھازىرقى زامان ئۇچۇرلىرىنى بايقاش ئارزۇسى تۈپەيلىدىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تېكىستلەر ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىلا، بىز ئەسلىي مەنبە بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا ئېرىشەلەيمىز، ھەم بەكلا يىغىنچاقلىۋېتىلگەن ئاساسىي تېمىلاردىكى قاراڭغۇ تېمىلارنى شەرھىيلىيەلەيمىز.
~V ?z!3r-) مەن شارىف ئۆل زامان مەرۋىزىنىڭ كىتابىدىن ئىشلىگەن توپلىمىمدا تېخىمۇ يىراق شەرققە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆپ قىسمىنى بېرىشكە تىرىشقان ئىدىم. بۇ مەلۇماتلار ئەل بىرونى، ئەبۇل پىدا قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مانجۇرىيىدىن كەلگەن قىتان پادىشاھى ئەلچىسىنىڭ ھىجرىيە 418-يىلى (مىلادىيە 1027-يىلى) مەھمۇد غەزنەۋىينىڭ ئوردىسىنى زىيارەت قىلغاندىكى بايانلىرىنى ئاساس قىلغان. ئوخشاشلا شىمال توغرىسىدىكى بەزى رىۋايەتلەردە ۋولگا بۇلغار پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرىنىڭمۇ ھىجرىيە 415-يىلى (مىلادىيە 1024-يىلى) مەھمۇد غەزنەۋىينىڭ زېمىنىنى زىيارەت قىلغانلىقى ئېيتىلىدۇ(2).
> fV"bj. بۇ ۋاقىتتا ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇپ بولغان ھەم ئەرەبلەر بىلەن جۇڭگولۇقلار زومىگەرلىكنى تالىشىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن ئەرەب ساياھەتچىلىرى تېخىمۇ يىراق شەرىققە تېخىمۇ ئچكىرلەپ كىرگەن(3). بىراق، ئۇلارنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى ھەققىدە ناھايىتى ئاز خاتىرە ساقلىنىپ قالغان. IX ئەسىردە سامانىيلار ئوردىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا ئايلانغاخاتىرىلەرن ئەسلىي خاتىرلەر كېيىنكى توپلاملاردا ساقلىنىپ قالغان ھەم بەزى ساياھەتچىلەر ھەم ئېكىسپىدىتسىيچىلەرنىڭ سالاھىيىتى تېخىمۇ روشەنلەشكەن. بۇ ساھەدە دې گوجى توماسجېك، بارتولىد ۋە ماركۇاتلار كۆپلىگەن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن(4).
|LLpG37_ تېخىمۇ يېڭى مەلۇماتلارنىڭ كۆپلەپ بايقىلىشى بىلەن بۇرۇنقى مۇسۇلمان ساياھەتچىلىرىدىن تەمىم ئىبىن بەھر ئەل مۇتەۋۇنىڭ خاتىرىسىگە قايتا باھا بېرىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلدى.
ZZHQ?p- بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ياقۇتنىڭ(yaqut) جۇغراپىيە لۇغىتىدە(5) كەلتۈرگەن نەقىللىرىگە ئاساسەن بىلدۇق. بۇ ئۈزۈندىلەر ئىبىن خۇردە زىبھ، ئىبىن ئەل فەقىھ، قۇدامە قاتارلىق بۇرۇنقى جۇغراپىيشۇناسلارنىڭ تەمىمنىڭ ئەسلىي خاتىرىسىدىن ئالغان نەقىللەرنى كەلتۈرۈشىدە ئەسقاتسىمۇ، بىراق تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ مۇرەككەپ بولغان ئۈزلۈكسىز كۆچۈشى، تەمىمنىڭ ساياھىتىنىڭ مەقسىتىنى ئېنىقلاش ھەم ۋاقىتنى مۇقىملاشتۇرۇشتا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ.
k_u!E3{~ 1923-يىلى زېكى ۋەلىدى تۇغان مەشھەتتە ئىبىن ئەل فەقىھنىڭ«كىتابى بۇلدان(6)»ناملىق ئەسىرىنى بايقىغان. بۇ كىتابنىڭ BGA دې گوجى تەرىپىدىن 1885-يىلى نەشر قىلىنغان نۇسخىسىدا تۈركلەرگە ئائىت قىسمى بولۇپ(329-،330-بەت) تەمىمنىڭ ئىسمىمۇ كۆزگە چېلىقمايدۇ. يېڭى قوليازما نۇسخىسىمۇ مۇكەممەل ئەمەس، بىراق ئۇ بىر قىسىم قوشۇمچە خاتىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەقىللەر تەمىمنىڭ خاتىرىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ياقۇتنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تەپسىلاتلاردىن كۆپ. دەرۋەقە، نۇرغۇن«قەلا»، «ئېيتىدۇلەركى» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر تېكىستلەر بىلەن كىرىشتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، بىز ئۇلارنى قوش تىرناق ئىچىدە ئالدۇق ھەم شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قولىمىزغا يېتىپ كېلىشىدىن ئىلگىرىلا بىر قىسقارتىلما ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتۇق.
a"O;DYh ھەممىمىزگە مەلۇمكى، فەقىھ، ئىبنى خۇردەزبھنىڭ ئەمگىكىگە ناھايىتى كۆپ قەرزىدار(7)، شۇنداقلا خاس تەمىمنىڭ ئەسىردىن كەلتۈرگەن نەقىللەر ئايرېۋېلىنىپ ھېچقانداق تەشەككۈر، ئىپادىسىزلا 1889-يىلى BGA دا ئېلان قىلىنغان. تېكىستكە قارىغاندا ئىبنى خۇردەزىبھنىڭ ئەسلىي ئەسىرىدە تەمىمگە تېخىمۇ يۈكسەك ھۆرمەت بىلدۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. ياقۇتنىڭ ئەسىرىنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق(8) تەمىمدىن نەقىل ئالغان. بىراق بۇ خاتىرىلەرنىڭ ئىككىنچى پارچىسىنى قىسقارتىۋەتكەن.
sx7zRw
>X 11-ئابزاس: «ئۇنىڭدىن سورىساق، ئۇ ئېيتتىكى....»دەپ باشلانغان. بۇنىڭدىن شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، تەمىمنىڭ خاتىرىسىنى ئەسلىي نۇسخىسى خۇددى بىرەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ياكى بىرەر ئالىمنىڭ بەرگەن سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش شەكلىدە يېزىلغانلىقىنى تەستىقلايدۇ. تەمىمنىڭ خاتىرىسىنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ۋاسىتە بولغان كىشىلەر تۆۋەندىكىدەك رەتكە تۇرغۇزغان:
7y30TU ~AaEa,LQ OUwnVAZZ6 ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك بۇ مەنبەلەر ياقۇتنىڭ ئەسەرلىرىدە دەلىل قىلىنغاندا «بارسخان»دېگەن توغرا نامنىڭ ئورنىغا ئېنىق قىلىپ «نۇشاجان»دەپ ئېلىنىپ قالغان. بۇنىڭغا ئوخشاش خاتا يېزىلىش ھادىسىسى يۇقىرىقى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا ئۇچرايدۇ. پەقەت كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئاپتورلاردىن مۇقەددەسى(muqaddasi)، گەردىزى، مەھمد كاشىغەرىيلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە، «ھۇدۇدۇلئالەم» دە Barskhan دەپ ئېلىنغان.
b=sY%(2s تەمىم خاتىرىسىنىڭ يېڭى ئىشلەنگەن تېكىستىدە، مەركىزى ئاسىيادىكى قەدىمكى تۈرك خانلىقى تارىخىغا ئالاقىدار بىر قانچە تەپسىلاتنى ئۆزگەرتىپ چىقشقا مۇمكىنچىلىك تۇغدۇرغان. ناھايىتى مېغىزلىق ۋە مۇھىم بولغان تۆۋەندىكى پاكىتلار مەزكۇر ماقالىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە:
F" M/gy ئەڭ بۇرۇنقى خانلىق«تۈرك»مىلادىيە 552-يىلى قۇرۇلغان. كېيىن تېزلا مۇستەقىل ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتكە. شەرقى تۈركلەر ئورخۇن(ھازىرقى موڭغۇلىيە) ۋادىسىدا، غەربىي تۈركلەر ئېرىتىش(شەرقتە) بىلەن تالاس(غەربتە) ئارىلىقىدا ھاكىمىيەت ئورناتقان. شەقى تۈركلەر جۇڭگوغا يېقىن جايدا ياشىغان ھەم دائىم بېسىپ كەلگەن. غەربى تۈركلەر 10 قەبىلە بولۇپ، ئىككى ئىتتىپاققا بۆلۈنۈپ باشتا ساسانىيلارنىڭ، كېيىن ۋىزانتىيلىكلەرنىڭ ئىتىپاقچىسىغا ئايلانغان. بىر مەزگىل غەربى تۈركلەر ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شەرقى تۈركلەرنى غەربى تەرەپتىن قوغدىغان. بىراق 689-يىلىغىچە تۈركلەر ئىتتىپاقى ۋاقتىنچە شەرقى تۈركلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە قايتا قۇرۇلغان. شەرقى تۈرك خانلىقى 744-يىلى ئۇيغۇرلار باشچىلىقىدىكى ئۈچ قەبىلىدىن تۈزۈلگەن ئىتتىپاق بولۇپ، 840-يىلىغىچە مەۋجۇت بولدى. 840-يىلدىن كېيىن ئۇلار قىرغىزلار تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قالدۇق قىسمى ئاساسن غەربكە كۆچۈپ ئىككى خانلىقنى بەرپا قىلدى. بۇلارنىڭ بىرى گەنسۇدا (847-يىلىدىن كېيىن)، يەنە بىرى تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىدىكى تۇرپان رايونىدا قۇرۇلدى(866-يىلىدىن كېيىن).
4|cRYZj5 بۇ جايدا ئۇچ نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەك:
6)i>qz). 1) تۈركلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى گۇرۇپپىسى؛
ppLL
X1S 2) شەرقى ھەم غەربى تۈركلەرنىڭ تېروتېريىسى ئىچىدىكى ئوخشىمايدىغان تەرەققىيات؛
:}#)ipr 3) 744 ـــــ 840-يىللىرى ھەم 840-يىلىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن گۈللەنگەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى تېروتېرىيە.
N5K2Hv<" 1. ئەرەبچە تېكىستى
d+
]= l+& (قىسقارتىلىدى)
\AoqOC2u 2. تەرجىمىسى
9qGba=}Ey 1. تەمىم ئىبنى بەھر ئەل مۇنەۋۋىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار (تۈركلەر) نىڭ ئېلى بەكلا سوغۇق بولۇپ، بىر يىل ئىچىدە پەقەت ئالتە ئايلا سەپەر قىلىشقا بولاتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ توققۇز ئوغۇز خانلىقىغا قاغان ئەۋەتىپ بەرگەن. ئۇ ئاتقا مىنىپ ساياھەتكە بارغان بولۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە كېچە-كۈندۈزلەپ يول يۈرۈپ، ناھايىتى جاپالىق سەپەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ 20 كۈن يايلاقتا سەپەر قىلغان ئىكەن. بۇلاق ۋە گۈل-چېچەكلەر بولۇق بولسىمۇ، بىراق نە يېزا ياكى شەھەر يوق بولۇپ، بۇ يەردە پەقەت خىزمەتكە مەسئۇل ئازغىنە كىشىلەرلا چېدىرلاردا تۇرىدىكەن. ئۇ 20 كۈنلۈك ئوزۇقنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغان ئىكەن. چۈنكى ئۇ بۇ دۆلەتنىڭ (9) ئەھۋالىنى ھەم بۇ سەپەرنىڭ 20 كۈنلۈك يايلاق سەپىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن. شۇ 20 كۈنلۈك يايلاق سەپىرىدىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن كاتتا ئىمارەتلىك يېزىلارنى ئارىلاپ 20 كۈن سەپەر قىلدى. بۇ جاينىڭ پۇقرالىرى ھەممىسى ياكى كۆپ قىسمى تۈركلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتقا چوقۇنىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئىكەن. شۇ كۈنلەردىن كېيىن ئۇ پادىشاھنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
ZO<\rX ( 2. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ شەھەر ناھايىتى چوڭ، شۇنداقلا ئۇ يەرنىڭ تېرىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپى ناھايىتى ياخشى ۋە بولۇق rustaqs بىلەن ئورالغان. يېزىلىرى بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ ناھايىتى چوڭ 12 تۆمۈر دەرۋازىسى بار ئىكەن. شەھەرنڭ نوپۇسى كۆپ، قىستاڭ بازارلىرى ھەم ھەر خىل تىجارەتلىرى بەكمۇ روناق تاپقان ئىكەن. شەھەر خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى زەرنەدىقە zindiq دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن.
!L9]nO 'BL 3. ئۇ بۇ شەھەرنىڭ چىن(جۇڭگو) دىن قانچىلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەپ باققانلىقىنى، ئۇنىڭ مۆلچەرىچە ئارىلىقنىڭ 300 پەرسەخ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە: «بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن»دېگەننى قېتىپ قويغان.
RZnmia 4. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «توققۇز ئوغۇز پادىشاھى شەھىرىنىڭ ئوڭ(جەنۇب)(10) تەرىپى باشقىلار بىلەن زادىلا بېرىش-كېلىش قىلمايدىغان تۈركلەرنىڭ زېمىنى. پادىشاھ شەھىرىنىڭ سول تەرىپىدە قىماقلار، ئالدىدا چىن دۆلىتى بار.»
[x=(:soEqC 5. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، (قاغاننىڭ) شەھىرىگە بەش پەرسەخ كېلىدىغان جايدىن پادىشاھنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان چېدىرىنى كۆرگەن. بۇ چېدىر سېپىل ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ 100 ئادەم سىغقۇدەك چوڭلۇقتا ئىكەن.
aYc
6. ئۇنىڭ يېزىشىچە، توققۇز ئوغۇز پادىشاھىنىڭ قاغانى جوڭگگو پادىشاھى بىلەن قۇدىلىشش ئارقىلىق تۇغقاندارچىلىق ئورناتقان بولۇپ، جۇڭگو خانى توققۇز خانلىقىغا ھەر يىلى 500 مىڭ توپ يىپەك ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. NZ8X@|N
7. ئۇ يەنە يۇقىرى نۇشاجان(بارسخان) بىلەن ئەل شاش(تاشكەنىت) نىڭ ئارىلىقى ـــــ تارازدىن ئۆتۈپ ماڭغاندا كارۋان سەپىرى ئۈچۈن 40 مۇساپىلىك يول بولۇپ، ئۇ بۇ يولنى ئاتلىق بىر ئايدا بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. y|0/;SjV
8. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يۇقىرى نۇشاجاندا تۆت چوڭ شەھەر ۋە تۆت كىچىك شەھەر بار ئىكەن. ئۇنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئەسكەرلەر كۆل بويىغا جايلاشقان بىر شەھەرگە ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇلار تولق قوراللانغان 20 مىڭ ئاتلىق ئىكەن. تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدە ئۇلاردىن كۈچلۈكلىرى يوق بولۇپ، ئەگەر ئۇلار قارلۇقلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن توپلاشسا، ئۇلاردىن 100 ئادەم بولسا، قارلۇقلاردىن 1000 ئادەم بولسىمۇ، ئۇلار قۇتۇلۇپ چىقالايدىكەن.
8sI$
9. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۆل كۋادرات شەكىللىك بولۇپ، ئەتراپنى ئېگىز تاغلار قورشاپ تۇرىدىكەن. بۇ تاغلاردىن ھەر تۈرلۈك دەرەخلەر تېپىلىدىكەن. ئۇ: «بۇ يەردە بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ خارابىسى بار ئىكەن. تۈركلەردىن بۇ شەھەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقىنى، كىملەرنىڭ ياشىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قاچان خارابىلىككە ئايلانغانلىقىنى بىلىدىغان بىرمۇ كىشىنى ئۇچرىتالمىدىم»دەيدۇ. بۇ جايدا بىر دەريا بار بولۇپ، ئۇ شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىكەن. ھېچكىم بۇ دەريانىڭ ئاستىغا شۇڭغۇپ چۈشەلمەيدىكەن. ئۇ: «مەن بۇ دۇنيادا ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان تۈرلۈك سۇ ھايۋانلىرىنى كۆردۈم. مەن يەنە باشقا دۆلەتلەردە ئۇرىتىپ باقمىغان تۈرلۈك قۇشلارنى كۆردۈم»دەيدۇ. ئۇ يەنە: «شۇ جايغا يېقىن بولغان يېزا خەلقى ھەم نوشاجانلىقلار ھەر يىلى ئەتىيازدا دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بۇ جاينى تاۋاپ قىلىشىدۇ»، «كۆلگە تىبەت، توققۇز ئوغۇز ھەم قىماق تەرەپتىن بولۇپ چوڭ-كىچىك 150 ئېقىننىڭ سۈيى قۇيۇلىدىكەن»دەيدۇ. .ej+?QYwC
10. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ(؟) ئۇزۇنلۇقى تۆگىلىك سەپەر ئۈچۈن 40 كۈنلۈك بولسىمۇ، ئاتلىق ئادەم (بۇ ئارىلىقنى) تېز يۈرسە بىر ئايدا بېسىپ بولالايدىكەن. 5efN5Kt
11. ئۇ بايان قىلىپ، ئۇ توققۇز ئوغۇز پادىشاھىنىڭ شەھىرىگە قوشنا بولغان شەھەرگە تىكىلگەن قاغان بارگاھىغا كەلگەندە، توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پادىشاھىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى پەرەز قىلىپ كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ بارگاھى ئەتراپىدا باشقا نەرسىلەرنى تىلغا ئالمىغاندا 12 مىڭ قاراۋۇل(ئەسكەر) بار ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە: ئۇنىڭدىن باشقا 17 ئاتامان بولۇپ، ھەربىرىنىڭ قولىدا 13 مىڭ ئەسكەر بار ئىكەن، ھەر ئىككى ئاتامان قارارگاھى ئارىلىقىدا بىردىن قاراۋۇللۇق ئورنى بار ئىكەن. ئاتامانلار بىلەن قاراۋۇللۇق ئورنى بىر-بىرىگە تۇتاش بولۇپ، چەمبەر(ھالقا) نى شەكىللەندۈرگەن ئىكەن. بۇ چەمبەرسىمان شەكىلدىن ئەسكەرلەرگىچە قارىتىلغان يۆنىلىشتە تۆت ئېغىز ئېچىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە: پادىشاھ ھەم ئەسكەرلەرنىڭ بارلىق ھايۋانلىرى(ئات) پادىشاھنىڭ قارارگاھى بىلەن ئاتامانلار تەرىپىدىن ئىگەللەنگەن جاينىڭ ئارىلىقىدىلا يايلايدىكەن. بىرمۇ ھايۋان بۇ دالىدىن قېچىپ كېتەلمەيدىكەن. O/(vimx.#F
12. ئۇنىڭدىن قىماقلارغا بارىدىغان يول ھەققىدە سورىساق، ئۇ مۇنداق دېدى: «Taraz (تەراز) دىن kiwakib (11) دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى يېزىغىچە بولغان ئارىلىق بەكمۇ ئاۋات جاي ئىكەن. Taraz دىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئارىلىقى يەتتە پەرسەخ كېلىدىكەن. بۇ جايدا قۇملۇق، ئوتلاق ۋە تۈزلەڭلىكلەر كۆپ بولۇپ، ئوتلىرى بولۇق، بۇلاقلىرى كۆپ ئىكەن. بۇ جاي قىماقلارنىڭ يايلىقى بولۇپ، ئۇ سەپەر يولىدا پادىشاھ ھەم ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ چېدىرلىرىنى، ئۇلارغا قوشنا يېزىدا ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى ئۇچراتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. پادىشاھ بىر جايدىن باشقا جايغا بارماقچى بولسا، يايلاقنى بويلاپ ماڭىدىكەن. پادىشاھنىڭ چارۋىلىرى ساناقسىز ئىكەن. ئۇ ئەسكەرلەرنى ھېسابلاپ چىققان ھەم ئۇلارنىڭ 20 مىڭچە ئاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن»(12). \3K7)o^
13. ئەبۇل فازىل ئەل ۋاسجىردنىڭ بايان قىلىشىچە، ھارۇن رەشىد زامانىدا(809ـــــ786) توققۇز ئوغۇز خانى ئىككى قېتىم ئەسكەرلەرنى باشلاپ جۇڭگو خانلىقىغا قارشى چىققان(13). بىراق بۇنداق ئىش ئەل مەھدى زامانى(775 ــــــ 785) دىمۇ يۈز بەرگەن دېيىلىدۇ. بۇ(؟) ئۇرۇش سۇرۇشان(surushana) بىلەن سەمەرقەنىتكە يېقىن جاينىڭ ئارىلىقىدا يۈز بەرگەن. سەمەرقەنىت نائىبى ئۇنىڭ بىلەن بىر قانچە مەيدان ئۇرۇش قىلغان ھەم بەزى جەڭلەر بەكمۇ دەھشەتلىك بولغان. (خۇدا) سەمەرقەنىت ھۆكۈمىرانىغا نۇسرەت ئاتا قىلغان. ئۇ رەقىبلىرى ئۈستىدىن غالىب كەلگەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن. ئېيتىلىشلىرىچە، ئاتلىق ۋە پىيادە جۇڭگو ئەسكەرلىرىدىن 600 مىڭىنى ئەسىرگە ئالغان. مۇسۇلمانلار ناھايىتى كۆپ ئولجا ئالغان بولۇپ، بەزى پۇقرالارنى بالىلىرى بىلەن ئەسىر ئالغان. ئۇلار سەمەرقەنىتتە قەغەز ھەم ھەر خىل ھەربىي لاۋازىمەتلىكلەرنى ياسىغان. بۇ نەرسىلەر پۈتكۈل خۇراسان بويىچە يالغۇز سەمەرقەنىتتە ئىشلەپچىقىرىلغان. /$\8?
14. تۈرك ئېلىدە يامغۇر، قار ۋە سوغۇق تىلىگەندە كېرەك قىلىدىغان تاشلارنى كۆردۈم. ئۇ بۇ تاش ھەققىدىكى ھېكايىنى ھەممە كىشى بىلىدىكەن. شۇنداقلا ئۇ كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھېچقايسى تۈرك ئۇنى ئىنكار قىلمايدىكەن. بۇ تاشلار ئاساسلىقى توققۇز ئوغۇز خانىدىلا بولۇپ(14)، باشقا تۈرك خانلىرىدا بۇنداق تاش يوقكەن. #k>A,
15. ئەبۇ ئابدۇللا ئەل ھۈسەيىن بىننى ئۇستاد خۇيا ئۆزىنىڭ ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم بىننى ئەل ھەسەندىن، ھىشام بىننى لوخراسىپ ئەل ساھىب(؟) ئەل كەلبىدىن، ئەبۇ مالھىدىن، ئىبنى ئابباستىن ئاڭلىغانلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئېيتىپ بەردى: ئىبراھىم تىنچلىق دەۋرىدە، سارا ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۇنىڭدىن باشقا بىرىگە ئۆيلەنمەپتۇ، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ساپ ئەرەب قان سىستېمىسىدىن بولغان خانتۇرابنىت مەقتۇر دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئايال بىلەن توي قىپتۇ ھەم ئۇلار ساياھەتنى باشلاپتۇ. ئۇلار خۇراسانغا يەتكەندە، شۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ كۆپىيىپتۇ ھەمدە شۇ نام (؟) ئاستىدا ئۇلارغا قارشى تۇرغانلارنى باستۇرۇپتۇ. بۇ ھېكايە نۇھنىڭ ئوغلى يافەسنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئوغۇل خازار(khazar) غا ئاڭلىنىپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇلارغا بېغىشلاپ ئۇلار بىلەن ئەھدى تۈزۈشىپتۇ ھەم ئۆزئارا تويلىشىپتۇ. بەزىلىرى ئۇلار بىلەن تۇرۇپ قېلىشىپتۇ، قالغانلىرى بولسا ئۆز دۆلىتىگە قايىتىپ كېتىپتۇ. Mty[)+se
3. شەرھى DaGny0|BB
1. توققۇز ئوغۇز ]WcN6|b+
تەمىمنىڭ توققۇز ئوغۇزلارغا قىلغان ساياھىتى توغرىسىدىكى خاتىرىنى بىر قانچە نۇقتا بويىچە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزمەي تۇرۇپ تولۇق چۈشەنگىلى بولمايدۇ(15). (@^ySiU
1. «توققۇز ئوغۇز»دېگەن سۆز(نام) ئەڭ دەسلەپتە ئورخۇن ئابىدىلىرىدە ئۇچرايدۇ. بىراق، ئۇ قاغاننىڭ ئۆز قەبىلىسى نامىدا تىلغا ئېلىنمايدۇ. شەرقىي تۈرك قاغانلىرى ھەققىدىكى مەزمۇن جەھەتتىن بىردەكلىككە ئىگە ئىككى مەڭگۈ تاش ۋە تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى(تەخمىنەن مىلادىيە 720-يىلى) دا «تۈرك»ئاتالغۇسى ھۆكۈمىرانغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارىتا ئىشلىتىلگەن. تۆۋەندىكى نەقىلدىن ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. قاغان مۇنداق دەيدۇ: «تۈركەش قاغان ئۆز تۈركلىرىم ئىدى»دېگەن. ئۇ يەنە توققۇز ئوغۇزلارنى «ئۆز خەلقىم ئىدى»دېگەن. بىراق تۈرك قاغانى ئۆز لەشكەرلىرىنى باشلاپ، ئون ئوقلارغا قارشى تۇرغان. ئون ئوقلار بولسا تۈركەش قاغاننىڭ خەلقى ئىدى. ئۇلار شۇنداقلا توققۇز ئوغۇزلارغىمۇ قارشى تۇرغان. تۇنيۇقۇقنىڭ بايانىدا تۈركەش قاغان«بىز ئوغۇزلار»دەيدۇ ھەم تۈركلەرگە قارشى تۇرۇشنى پىلانلايدۇ. چۈنكى، «ئوغۇزلار ئۇلارنىڭ قاراملىقىدا بولغاچ، توپىلاڭ كۆتۈردى». تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تاشىنى بىلگە قاغاننىڭ «تۈرك ھەم ئوغۇزلار»ئۈستىدىن ھۆكۈمىرانلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى مەدھىيىلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. JwWxM3(%t
بۇ نەقىللەر تۈركلەرنىڭ ئېتنىك ئىتىپاقىنى، ئون ئوقلار، توققۇز ئوغۇزلار ھەم ئوغۇزلارنىڭ تۈركلەرنىڭ شىمالىدا ياشىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بىراق، سىياسىي جەھەتتىن بۇ گۇرۇپپىلار بىرلەشمىگەن ياكى پارچىلىۋېتىلگەن. شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، «توققۇز ئوغۇز»نامى ياكى شەرقى تۈركلەر ئىتىپاقىنىڭ يادروسى بولغان«تۈرك»لەرنى كۆرسەتمىگەن ياكى غەربي تۈركلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامى «ئون ئوقلار»نى بىلدۈرمىگەن. (بۇ دەۋردە تۈركەشلەر رەھبەرلىك قىلغان، ئۇزاق ئۆتمەي يېڭى ئىتتىپاق بولغان ئازلار مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن(16)). X$P(8'[9A
2. 840-يىلى ئورخۇن ۋادىسىدىكى تۈركلەرنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىدى. بۇ يېڭى رەھبەرلىك ئىتتىپاقى ئەسلى تۆلەس ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ بولۇپ، سېلىنگا ۋادىسىدا ياشىغان شۇنداقلا ئىلتەبىرنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدا ئىدى. PVljb=8F
ئۇيغۇر مەڭگۈ تاش ماتېرىياللىرى تۈرك مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىغا قارىغاندا ياخشى ساقلانمىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى قاغانىغا مەنسۇپ تولىمۇ قىممەتلىك مەڭگۈ تاشتا تۈركلەرنىڭ ئاخىرقى قاغانىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلىرىدىن بىر قانچە قۇر بۇزۇلۇپ كەتكەن(17). 4qsxlN>4O
سۇجىن ـــــ داۋا مەڭگۈ تېشىدىكى بايانلار خۇسۇسىي ماتېرىياللار بولۇپ، ئۇنىڭ مىلادىيە 840-يىلىدىن كېيىنكى يىللارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن(18). كىشىنىڭ دىققىتىنى ھەمىدىن بەك قوزغايدىغىنى 821-يىلىدىن كېيىن تىكلەنگەن مەڭگۈ تاش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى مانى دىنىغا ئۆزگەرتكەنلىكى بايان قىلىنغان. خەنزۇچە تەرجىمىسىدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار ئاز-تولا بايقىلىدۇ. سوغدىچە بايانلارنىڭ بەزى تەپسىلاتلاردا ياردىمى بار. بىراق، تۈركچە يۈزى پايدىلانغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن(19). WMW
Mb3
شىنە ــــ (shine-usu) usu مەڭگۈ تېشىدا قاغان «ئون ئۇيغۇرھەم توققۇز ئوغۇزلار»نىڭ ماكانىنى كۆرسەتكەن(N3) ھەم قاغان توققۇز ئوغۇزلارنى «ئۆز خەلقىم»(N5) دېگەن. ئۇ تۈرك خەلقىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ(N10). «ئۈچ قارلۇق»(N11) يەنە «سەككىز ئوغۇز ھەم توققۇز تاتار»(E1) توققۇز ئوغۇزلار(E10)، چىكلارغا تۇتۇق بەلگىلەش(S2)؛ تۈركەش ھەم قارلۇق(S5)؛ جوڭگۇدىكى ئوغۇز تۈركلىرى(S8) چىگىل ھەم قارلۇق تۇتۇقلىرى(S11) تۈركەشلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن. قارلۇقلار(W1) «ئۈچ قارلۇق»(W2) ئۈچ تۇغلۇقلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشى I (تۈركلەرمۇ؟)(S7) دېگەنلەر تىلغا ئېلىنغان. D8Mq '$-
بۇ تىزىملىكىدىن شۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئون ئۇيغۇر ئىتتىپاقى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پەرقى بار. ھەيران قالارلىقى ئۇيغۇرلار(شۇ ۋاقىتتا؟) ئون ئۇرۇقتىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، جۇڭگو مەنبەلىرىدە(20) پەقەت توققۇز ئۇيغۇر قەبىلىسىلا تىلغا ئېلىنىدۇ. بىز يەنە ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئۆز ئەجدادلىرى بولغان تۈرك قاغانىغا ئوخشاش، توققۇز ئوغۇزلارنى ئۆزلىرىگە تەۋە خەلق دەپ ئېيتقانلىقىنى كۆرىمىز. شۇڭلاشقا، توققۇز ئوغۇزلارنى ئۇيغۇرلارمۇ، تۈركلەرمۇ ئۆزلىرىگە تەۋە دەپ قارايدىغان ئوتتۇرىدىكى بىر ئىتتىپاق بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقالمايمىز. +IjBeQ?
پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئورخۇن ۋادىسىنىڭ قەبىلە تۈزۈلۈشىنى ئېنىق بېكىتكىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا بۇ قەبىلە ھەم ئىتتىپاقلار كۆچمەن چارۋىچىلىق ئەمەلىيىتىگە ماس ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ساداقىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرغان. Vwjic2lGI
XIVئەسىردە ياشىغان راشىددىن«ئۇيغۇرىستان»ھەققىدىكى رىۋايىتىدە، ئون دەريا بويىدا ئون ئۇيغۇرلار ياشايدۇ، توققۇز دەريا بويىدا توققۇز ئۇيغۇرلار ياشايدۇ، دېگەن خاتىرىنى قالدۇرغان. بۇلار شۈبھىسىز، شىن ە ــــ (shine-usu)usu مەڭگۈ تېشىدا تىلئىتتىپاقنغان ئىككى ئىتىپاق ئىدى. oj'YDQ^uj
بىز شۇنداق پەرەز قىلالايمىزكى، توققۇز ئۇرۇقتىن تۈزۈلگەن بۇ ئىتتىپاق ئۇيغۇرنى يادرو قىلغان خەلقتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ كېيىن پۈتكۈل ئىتتىپاقنىڭ نامى بولۇپ قالغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. ئەپسۇسكى، بۇ پەرىزىمىز نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر خانى بىرىنچى قېتىم ئون ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغان، يەنى نېمە ئۈچۈن ئون ئۇيغۇر بىلەن توققۇز ئوغۇزلارغا پەرقلىق مۇئامىلىدە بولغان دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭغا تېخىچە قايىل قىلارلىق جاۋاب يوق. C"s-ttP
3. ئىسلام مەنبەلىرىدە تۈركلەر، يەنى شەرقىي تۈركلەر(مىلادىيە 689-يىلى غەربى تۈركلەرنىڭ تېروتېريىسىنى بېسىۋالغاندىن كېيىنكى) ھەم كېيىنكى شەرقىي تۈركلەرگە ۋارىسلىق قىلغان(تۈركەش، ئازى ھەم قارلۇقلار) تۈركلەر ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەركىزى ئاسيىادىكى كۈرەشلەرگە دائىر تەپسلىي خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. بۇ مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن ئەڭ بۇرۇنقى مەنبەلەردە پەقەت «تۈرك»نامىلا قوللىنىلغان. تەبەرىنىڭ بۈيۈك تارىخى كىتابىدا بۇ نام بىرىنچى بۆلۈمدە 74 قېتىم، ئىككىنچى بۆلۈمدە 121 قېتىم، ئۈچىنچى بۆلۈمدە 111 قېتىم كۆرۈلىدۇ. پەقەت بىرلا جايدا، يەنى 820-يىلىدا تەبەرى(ئۈچىنچى بۆلۈم 1044-بەتتە) بۇ نامنى توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە تارىخچى يەئىقۇبى(ئۇ خۇراسان ھەم ماۋائۇننەھرنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق مول بىلىمگە ئىگە كىشى ئىدى) توققۇز ئوغۇز دېگەن نامنى 809-، 810-يىل ئاستىدا بىر قېتىم(II، 479)، 806-يىلىدىن كېيىن بىر قېتىم (II، 538) بولۇپ، جەمئى ئىككى قېتىم تىلغا ئالغان. بىز بۇ مەسىلىلەر توغۇرلۇق «خۇلاسە»دە مەخسۇس توختىلىمىز. بۇ جايدىكى توققۇز ئوغۇز نامى ھەققىدىكى مۇھىم پاكىت ئەسلىي مەنبەسىنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇيغۇرلار ئورخۇن ۋادىسىدا قۇدرەت تاپقاندا(21)، بۇ نام مۇسۇلمان ئاپتورلارنىڭ تارىخنامىلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ئىدى. l2dj GZk
كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئىسلام مەنبەسىدە، ئېنىقكى توققۇز ئوغۇز نامى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن ۋادىسىدىكى پادىشاھلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن بىتچىت قىلىۋېتىلگەندىن كېيىن(22) تىيانشان رايونلىرىدا ۋە گەنجۇ رايونلىرىدا قۇرغان يېڭى خانلىقنى كۆرسەتكەن. 7(^F@,,@
4. مەسئۇدنىڭ ئەسىرىدىكى ئىككى بۆلەك بىزنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ(بىرىنچى بۆلۈم 288-بەت ھەم بىرىنچى بۆلۈم 1 ــــ 312-بەت) ئالدى بىلەن مەسئۇد يافەسنىڭ ۋارىسلىرىنى ساناپ كېلىپ: «ئۇلار تۈركلەر، قارلۇقلار ھەم توققۇز ئوغۇزلاردۇر. ئۇلار كېيىن كۇشان(تۇرپانغا يېقىن) شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بولۇپ قالغان. بۇ خانلىق خۇراسان بىلەن جۇڭگونىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان. بىزنىڭ دەۋرىمىزدە دۆلەتنى ئىدارە قىلغانلاردىن، يەنى(943-يىلى) تۈرك قەبىلىلىرى ھەم تۈركلەر ئىچىدە توققۇز ئوغۇزلاردەك باتۇر، ئۇلاردەك قۇدرەتلىك ھەم ئۇلاردەك مۇستەھكەملىرى يوق. ئۇلارنىڭ قاغانى ئۇيغۇر خان بولۇپ، مانى دىنىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا تۈركلەر يوق. باشقا تۈركلەردىن قىماقلار، بارسخانلىقلار، ئەل بىدىيا(23)، ئەل جىغريا(24) لار بار. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئوغۇزلار ئەڭ كۈچلۈك، قارلۇقلار بولسا گەۋدىلىك، ئەڭ ئېگىز، گۈزەل كېلىدۇ. ئۇلار پەرغانە ھەم شاش(تاشكەنىت) رايونىدا ھەم بۇ يەرگە يېقىن جايلاردا ياشايدۇ. ئۇلار (قارلۇق دېگەندىن تۈرك دېگەن تۈزۈك) نىڭ خانلىقى بار بولۇپ، ئۇلار قاغانلارنىڭ قاغانى ئىدى. ئۇ باشقا تۈرك خانلىقلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ھەم بۇ خانلار ئۇنىڭغا بويسۇنغان. بۇ خاقانلاردىن ئاپراسىياپ تۈرك بولۇپ، پارسلارنىڭ خانلىقى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. ئۇلاردىن يەنە شابا(25) ئىسىملىك بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. بىزنىڭ دەۋرىمىزدە تۈركلەرنىڭ نە خانى، نە بۇ خانغا بېقىنىدىغان باشقا خانلار يوق ئىدى. بۇ سوياپ شەھرى ۋەيران بولغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلار. بۇ شەھەر سەمەرقەنىت يايلىقىغا جايلاشقان(26). بىز ئىل-ئەۋسات كىتابىدا ئاشۇ شەھەردىكى خانلىقنىڭ ھالاك بولۇشى ھەم ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. UM]3MS:[
5. بەزى خاتا چۈشەنچىلەر ۋە ساقلانغىلى بولمايدىغان مۈجمەللىكلەر تۈپەيلىدىن مەسئۇدى سادىق تۈرك خانلىقى(غەربىي ئون ئوقلار) نى تىلغا ئالغان. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە توققۇز ئوغۇز(تىيانشاندىكى ئۇيغۇرلار)، قارلۇق، تۈركلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك قەبىلە غۇزلار بولۇپ، توققۇز ئوغۇزلار دائىم غۇزلاردىن پەرقلىق تىلغا ئېلىنغان. &0%B3
مەسئۇدنىڭ ئىككىنچى بۆلەك خاتىرىسىنى تېخىمۇ مۈجمەل خاتىرە دېيىش مۇمكىن. مەسئۇدى خۇاڭ چاۋ توپىلىڭى(877-يىلى) ھەم ئىمپېراتورنىڭ«تۈرك خانى»ئۇيغۇر خانىدىن ياردەم ئالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىمپېرىيىنى قايتا قۇرغۇچى شاتۇ شاھزادىسى لى كېيۇڭ ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى شاتۇ سۇلالىسىدىن ئۈچى 936 ــــ923، 936 ــــ946، 946 ـــــ950-يىللىرى جوڭگۇغا ھۆكۈمىرانلىق قىلغان. بىراق، لى كېيۇڭ ئۇيغۇرلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان ئىتتىپاققا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ باش شتابى خۇاڭ خې دەرياسى ۋادىسىدا ئىدى(27). F`{O
ئۇنى ئايىرخان، ئايغىرخان، ئۇيغۇرخان دەپ ئاتاش مەسئۇدىنىڭ خاتالىقى ئىدى. ئېنىقكى، ئۇ قەھرىمان لى كېيۇڭنى ئەينى دەۋرىدىكى ئەڭ كۈچلۈك توققۇز ئوغۇزــــــــ تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ دەپ ئويلىغان. بۇ خاتىرە مەسئۇدىگە ئەرەب دېڭىزچىلىرى (28) دىن مەلۇم بولغان بولۇپ، ئۇلار جۇڭگونىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىنىڭ پەرقىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەر ئىدى. بارتولىد بولسا مەسئۇدىنىڭ ئاشۇ خاتا تىرمىنولوگىيىسىدىن قايمۇقۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى(29). &2q<#b
6. توققۇز ئوغۇزلارنىڭ مەنبەسى توغرىلىق كېيىنكى ئالىملاردىن ماكۇارت ھەم بارتولىد ئوخشىمىغان كۆز قاراشتا بولدى. ئالدىنقى(30) رېنائود، گويى تومىس ھەم سىكىلگىل (31) نىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، توققۇز ئوغۇزلارنى جۇڭگو مەنبەلىرىدىكى توققۇز قەبىلىدىن تەشكىل تاپقان ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ قويدى. بارتولىد كۆپىنچە ئەرەبلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشبالىقتىكى ئەجدادلىرىغا مەنسۇپ بولغان توققۇز ئوغۇز دېگەن نامنى ئۇيغۇرلارغا ۋە جۇڭگو مەنبەلىرىدە «ئورخۇن تۈركلىرى»دىن كېلىپ چىققان، دەپ قارىلىدىغان شاتۇلارغا مەنسۇپ قىلىپ قويغان دەپ قاراپ كەلدى. بۇ توغرا ئەمەس. شۇنداقلا مەزكۇر ماقالىمىز بارتولىدنىڭ نۇقتىنەزەرلىرىدە كۆپلىگەن ئاجىزلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە بۇ قاراشنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى(32)، ماكۇراتنىڭ كۆز قاراشىنىڭ توغىرلىقىنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىدى. بىراق، بىز ئۇنىڭ يەنىلا كىشىنى ئويغا سالىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. z
zW$
F)X
تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسىگە قارىتا ماكۇرات ياكى بارتولىد ياقۇتنىڭ ئەسىرىدىن بىرەر ئېنىق خۇلاسىگە كېلەلمىدى. ماكۇرات دەسلەپ خۇردە زىبىھ(تەمىمننىڭ خاتىرىسىگە ئاساسەن) توققۇز ئوغۇزلار ئورخۇندا، دېگەن پىكرىنى قۇۋەتلىدى. كېيىن تەمىم زىيارەت قىلىپ، توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پايتەختىنى گاۋچاڭ(تۇرپان)(33) دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. e5 zi "~
بارتولىد دەسلەپ(1897-يىلى) تەمىمنىڭ ساياھىتىنى IX ئەسىردىن كېيىن ئەمەس دېگەن ئىدى. بارتولىد «ھۇدۇلئالەم»(م ىلادىيە 986-يىلى)دىكى ھەم ئىدىرىسنىڭ بايانى(مى لادىيە 1154-يىلى)غا ئاساسەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پايتەختىنى شەرقى تىيانشانغا يېقىن جايدىن ئىزدەشنى ئېيتقان. كېيىن(1926-يىلى)ئۇ تەمىمنىڭ 760-يىلىدىن بۇرۇن(قارلۇقلار يەتتجۇڭگوۋادىسىدا ۋە جوڭگۇ ئەدەپسىز سۆزلەرھاكىمىيىتىنىە ئۆز ھاكىميىتىنى ئورناتقان ۋاقىت)بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ياكى IX ئەسىر باشلانغاندىن كېيىن(شاتۇ تۈركل ىرى بېشبالىقنى بويسۇندۇرغان ۋاقىت)بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان. «ئىسلام ئىنىسكىلوپىدىيىسى»دە بارتولىد قىسقا قىلىپ تەمىمنىڭ قاچان ساياھەت قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ(34). 'Yc^9;C(
«ھۇدۇدۇلئالەم»گە(268-بەت) بەرگەن ئىزاھاتىمىدا، مەن ياقۇتنىڭ تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدىن ئالغان نەقىلنى ئىبىن خۇردە زىبھ، قۇدامە ۋە ئەبۇ دۇلەفلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان نەقىللەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلغان ئىدىم. بەزى گۇمانلار تۈپەيلىدىن(269-بەت. 4. n) مەن تەمىم زىيارەت قىلغان پايتەخىتنىڭ بېشبالىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئىبنى ئەل فەقىھنىڭ ۋەلىدى تەرىپىدىن بايقالغان قوليازمىنىڭ توققۇز ئوغۇز ھۆكۈمىرانى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىرانلىرىنىڭ قۇدىلىشىپ توي قىلغانلىقىغا ئالاقىدار ئىنتايىن مۇھىم تولۇقلىما تەپسىلاتلىرىدىن پايدىلاندىم. شۇڭا، مېنىڭ قوشۇمچە ماتېرىيالىمدا(431-بەت) ئىلگىرىكى چۈشەندۈرۈشۈمنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتىپ ئۆتتۈم. بۇ ھەقتە مەن مەزكۇر ماقالىدە توختىلىمەن. "^wIoJ6H'
2. ئۈچ شەھەر b^ [ z'
تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسىنى ئانالىز قىلغاندا، بىز يۇقىرىقى ھەم تۆۋەنكى «نۇشاجان»، شۇنداقلا توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پايتەختى قاتارلىق ئۈچ شەھەرنىڭ پەرقىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بىز ھازىر نۇشاجان دېگەن نامنىڭ پەقەت قەدىمكى بارسخان نامىنىڭ خاتا ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرالايمىز. بۇنىڭ توغرىسى قۇدامەنىڭ ئەسىرىنىڭ 2634-بەتلىرىدە بايقالغان بولۇپ، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر قاتارىدا ئۇچرايدۇ ھەم يۇقىرىقى پىكرىنى تەستىقلايدۇ. دىۋاننىڭ 14-، 308-بەتلىرىدە، مەھمۇدنىڭ دادىسىنىڭ يۇقىرىقى بارسخاندىن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ ھەم Bars(a) ghan تەلەپپۇزدا خاتىرىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق كۆلگە قۇيۇلىدىغان بىر تارماق دەريا بولۇپ، ئۇ بۇ شەھەردە ئىزچىل Ton(Tong) دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. بۇ ئېھتمال بارسخان دېگەن نام بىلەن Tong نامىنىڭ تۈركنىڭ ئوغلىغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەت بىلەن باغلىنىشى بارلىقىدا بولسا كېرەك(35). T,vh=UF%]
1. «تۆۋەنكى»بارسخان تارازنىڭ شەرقىدىن ئۈچ پەرسەخ يىراقلىقتا ياكى سەمەرقەنىتنىڭ شەرقىدىن 50-60 پەرسەخ يىراقلىقتا(قۇدامە، 262-بەت 2-، 15-قۇر). قۇدامە ئۇنى «قىماق تەرەپتىكى Khallukhs نىڭ بىرىنچى قاراۋۇلىدا»دەپ بايان قىلىدۇ. تۆۋەنكى بارسخان بىر كىرىش ئېغىزى بولۇپ ساياھەتچىلەر مۇشۇ يەر ئارقىلىق غەرب تەرەپتىن يايلاق دۇنياسىغا كىرەتتى. du#f_|xG
2. «يۇقىرىقى»بارسخان نامى ئوخشاپ كېتىدىغان تۆۋەنكى بارسخان 500 كېلومىتىر شەرقىدە. بۇ ئىككى ئىسىمنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش تېكىسىتنى چۈشىنىشتە ئېغىر خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرىقى بارسخان ئىسسىق كۆل بويىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەھمۇد كاشىغەرىي تەرىپىدىن ناھايىتى ئېنىق ئىسپاتلانغان(III توم، 99-بەت). aD_7^8>
تەمىمنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرىقى بارسخان تۆت چچوڭراق، بەش كىچىكرەك شەھەردىن تۈزۈلگەن. ئا. ن. بىرنىشتام باشچىلىقىدىكى يېقىنقى ئارخېئولوگىيىلىك ئېكىسپىدىيتسىچىلەر، بىزنىڭ ئىسسىق كۆل ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى ھەقىقەتەن ئىلگىرى سۈردى. بارسخانىنىڭ مۇرەككەپ ئاھالىسى ئاساسەن كۆلنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، غەرب تەرەپتىن ئۇنى بىر زور تام قورشاپ تۇرىدۇ. (Koltsonka يېزىسىغا يېقىن)، ئۇنىڭ داۋامى غەربىي شىمالدىن شەرقى جەنۇبقا سوزۇلغان بولۇپ، جەنۇبتىن ئىسسىق كۆل ۋادىسى بىلەن سىر دەرياسىنىڭ باشلىنىش ئارىلىقىدىكى توڭ ئېقىنى بىلەن تاغلار ئارىسىغا جايلاقان. بۇ ئاھالىلەر كۆلنىڭ شەرقى بۇرجىكىگە قاراپ يۆتكەلگەن(Tüp دەرياسىنىڭ ئەگمىسىگە يېقىن). ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئالتە ئارخېئولوگىيىلىك نۇقتا مۇشۇ سوزۇلما رايوندىن بايقالغان ئىدى. قالغانلىرىنى بەلكىم كۆل سۈيى ئېقىتىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن(36).
تەمىمنىڭ كۆل قىرغىقى توغرىسىدىكى بايانى خاتا. ئەمەلىيەتتە، ئۇنى شۇەن زاڭ قالدۇرغان ئىسسىق كۆل توغرىسىدىكى بايان بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقايمىز. تېكىست: «ئىسسىق كۆل»نىڭ دائىرىسى 1000 چاقىرىم(تەخمىنەن 500 چاقىرىم) كېلىدۇ. بۇ كۆلنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئارىلىقىدىنمۇ ئۇزۇن. كىچىككىنە شامال چىقسا نەچچە گەز ئېگىزلىكتە دولقۇن كۆتۈرۈلىدىغان بولۇپ، قارىغان كىشىنى سۈر باسىدۇ. تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇ كۆلگە قۇيۇلىدىغان دەريالارنىڭ سۇلىرى تۇم قارا كۆرۈنىدۇ. كۆلىنىڭ سۈيى بەكلا سۈرلۈك، بۇ كۆلدە ئەجدىھا بىلەن بېلىق بىللە ياشايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر بۇ جايدا جىن-ئەرۋاھلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇڭا، ئۆتكەن-كەچكەن سەيياھلارنىڭ بۇ جايدا بەخىت-سائادەت تەمەسىدە تىلاۋەت قىلمايدىغىنى يوق. سۇدا ھەر خىل جانلىقلار كۆپ بولسىمۇ، ھېچىكىم ئۇلارنى تۇتۇشقا پېتىنالمايدۇ. R(cg`8
تەمىمنىڭ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى(كۆلنىڭمۇ؟)40 كۈنلۈك(ئاخىرىدا 30 كۈنلۈك) دېگەنلىكىنىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بەلكىم، بەزى خاتالىقلار تۈپەيلى بۇ ئارىلىق يەتتىدىن كۆپىيىپ كەتكەن. مۇبادا سىز ئۇنى ئىسسىق كۆلنىڭ دائىرىسى دەپ قارىغاندىمۇ، يەنىلا مۇبالىغە ئارلاشتۇرۋېتىلگەن بولىدۇ. گەردىزىنىڭ پەرىزىچە(بارتولىد) بۇ كۆل يەتتە ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، 70 تارماق ئېقىنى بار ئىكەن(تەمىمنىڭ ئېيتقىنى 150). بۇنىڭدىن گەردىزىنىڭ مەنبە جەھەتتىن تەمىمگە تايانمىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. 0)
F\aJ4Y
رۇسىيىلىكلەرنىڭ ھېاپلىشىغا قارىغاندا، كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 200 ــــــ 210 كىلومېتىر. چوڭقۇرلۇقى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمال تەرەپكە تەخمىنەن 80 ـــــ 400 كىلومېتىغىچە، يىل بويى توڭلىمايدىغان بولۇپ، 40 تارماق ئېقىنى بار، بېلىقلار ناھايىتى كۆپ (37). Km,o+9?1gF
3. «توققۇز ئوغۇزنىڭ پايتەختى تېخىمۇ شەرق تەرەپكە جايلاشقان. 744 ــــ 840-يىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى ئورخۇن ۋادىسىدىكى قارا بالغاسۇندا ئىدى. 840-يىللىرىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يازلىق پايتەختى بېشبالىق (دائىرىنىڭ شىمالى يېقىدا)، قىشلىق پايتەختى Kkocho(تۇرپان) دا، يەنى ئاشۇ دائىرىنىڭ جەنۇبى يېقىدا بولسىمۇ، بىز ئارىلىق توغرىسىدىكى كۆرسەتمىنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، تەمىمنىڭ پايتەخىتنى زىيارەت قىلغانلىق مەسىلىسىنى مۇلاھىزە قىلىمىز. بىراق، قۇدامە ئەسىرىدىكى يۇقىرى بارسخان بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پايتەختى ئوتتىرىسدىكى مۈجىمەللىكلەرنى سىرىپ تاشلىغاندا «ۋە چىن مەدەنەت ئەل توققۇز بۇھەيراتون»(تەرجىمىسى) دېگەن ئوقۇش ئۇسۇلى بويىچە قوبۇل قىلىشقا ئاساس ھازىرلىنىدۇ. r
)_*MPY
گەرچە كۆل(buhayra) نىڭ ئورنىغا قوليازىمىدا «يايلاق»(burriya) سۆزىنى قوللانغان بولسىمۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى ئېنىقكى ئۇ تۆۋەندىكى بايانلارغا ئاساسلانغان. (13-قۇر): «توققۇز ئوغۇز شەھىرىگە جايلاشقان بۇ كۆل يىراقتىن تاغ بىلەن قورىشىلىپ تۇرىدۇ»، بىراق، تەمىمنىڭ تېكسىتىدىكى بۇ تەپسىلات ئېنىقكى يۇقىرىقى بارسخانغا مەنسۇپ ئىدى. u=vBjaN2_w
3. ئارىلىق a)Pr&9I
بىز ئەمدى لىنىيە ھەم ئارىلىق مەسىلىسىگە كېلىمىز ھەم قۇدامەنىڭ سياھەت لىنىيىسى بىلەن باشلايمىز. ئۇ كىشىنى ئويغا سالىدىغان مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قۇدامە خاتىرىسىنى 928-يىللاردىن كېيىن، يەنى خۇردە زبىھتىن يېرىم ئەسىر كېيىن يازغان بولۇپ، ئۇنى خۇردە زبىھنىڭ خاتىرىسىدىن پايدىلانغان، دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىراق، قۇدامە تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدىن marhalas ھەم sikka دېگەنلەرنى نەقىل ئالغان بولۇشى مۇمكىن. تەمىمنىڭ ئەسلىي قوليازمىسىدىكىگە ئوخشاش، ئۇنىڭدىنمۇخۇردە زىبىھ تەرىپىدىن ئېلىنغان كۈن تەرتىپى يوق، بۇ تەپسىلاتلاردىن مەلۇمكى، باشقا ئەڭ دەسلەپكى تەپسىلاتلار قۇدامەنىڭ تېكىستىدە ئۇچرايدۇ. گەرچە قۇدامەنىڭ ئەسىرىدىكى بايانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرلۇشى تەرتىپسىز بولسىمۇ، ئەڭ بېشىدا(205-بەت) قۇدامە يولنى پەللىمۇ-پەللە بايان قىلغان بولۇپ، (A) يولى تارازدىن(38) چۇ دەرياسىغىچە(39)، ئاندىن Narakat شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىق 53 پەرسەخ(40)، ئاندىن بۇ يولدىن ئۈچ پەرسەخ ماڭغاندىن كېيىن Sughur. k. bal (مېنىڭ پەرىزىمچە كېيىنكى بالاساغۇن) غا يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن. شۇڭا يۇقىرىقى بارسخانغىچە بولغان ئارىلىق كارۋان سەپىرى ئۈچۈن يايلاق، بۇلاقلارنى بويلاپ ماڭغاندا 15 كۈنلۈك يول، بىراق تۈرك چاپارمەنلىرى ئۈچۈن پەقەت ئۈچ كۈنلۈك يول، ئۇلار بەلكىم كۆلنىڭ جەنۇبى ياكى شىمالىي قىرغىقىنى بويلاپ ماڭغان بولۇشى مۇمكىن. نېمىلا دېمەيلى، Navakat تىن ئۆتكەندىن كېيىنكى يول ئېنىق ئەمەس. v9S=$Aj
208-بەت قۇدامە پەرغانىدىن يۇقىرىقى بارسخانغىچە بولغان(B) يولنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇ سىر دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىنىنى بويلاپ تاغلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىسسىق كۆلنىڭ جەنۇبى قىرغىقىغىچە يېتىپ بارىدۇ، دېگەن. i?uX'apk
تەمىمنىڭ تەكشۈرگەنلىكى ھەققىدە (A, B يول) ئېنىق خاتىرە يوق(41). بىراق، تۆۋەنكى ئابزاس شۈبھىسىزكى تەمىمنىڭ خاتىرىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇ كىشىنى ئويغا سالىدۇ. 262-بەتتىكى قۇدامەنىڭ تېكىستىدە تەرتىپسىزلىك، قالايمىقانچىلىق مەۋجۇت. تۈركلەرنىڭ چېگرىسى خۇراسان شەھىرىنىڭ ئەڭ(42) مەشھۇرى نۇشاجان، دەپ ئاتىلىدۇ. «ئۇ سەمەرقەنىتتىن 60 پەرسەخ يىراقلىقتا بولۇپ، شاش ھەم پەرغانە تەرەپتە بۇ جاي قىماقلارنىڭ قارلۇقلار تەرىپىدىكى بىرىنچى قاراۋۇللۇق ئورنىدا. بۇ چېگرا نۇقتىدىن(thaghr) توققۇز ئوغۇزلارنىڭ شەھىرىگىچە 45 كۈنلۈك(40 كۈنلۈك) سەپەردۇر. بۇنىڭ 20 كۈنىدە ئېقىنلار، بۇلاقلار، يايلاقلار ئۇچرايدۇ. 25 كۈنلۈكى بولسا يېزىلارنى بويلاپ سوزۇلغان....»مۇشۇ تېكىستنى ئاساس قىلغاندا، بۇ 45 كۈنلۈك ئارىلىق(c يول) ھېچقانداق، تەپسىلىي ساياھەت خاتىرىسى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، تۆۋەنكى بارسخاننىڭ توققۇز ئوغۇزنىڭ پايتەختىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. - _6`0
ئۇنىڭدىن كېيىن، (9-قۇر) قۇدامە يۇقىرىقى بارسخان بىلەن بالاد ئەل شاش(تاشكەنىت) ئارىلىقىنىڭ (D يول) كارۋانلار ئۈچۈن 40 مۇساپىلىك، تېز ماڭغۇچىلار ئۈچۈن 30 كۈنلۈك سەپەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئارىلىق بىۋاسىتە ھالدا تەمىمنىڭ ئەسىرىنىڭ 7-قۇرىدىن ئېلىنغان. بۇ ئەھۋال شۇنى چۈشەندۈرىدىكى، غەرىپكىچە بولغان مۇشۇ يول ئۇنىڭ ئاساسلىق سەپەر لىنىيىسى بولغان. lQvgq
يۇقىرىقى بارسخاندىن توققۇز ئوغۇز خانلىقىغىچە بولغان ئارىلىقنى (E يول) قۇدامە (209-بەت) پەقەت ئالتە كۈنلۈك ھېسابلىغان. ئۇ بۇ جەھەتتە خۇردە زبھنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلغان ئىدى(43). بۇ ئارىلىق قارىغاندا، ئۇيغۇرلار تىيانشان رايونىغا كۆچكەندىن كېيىنكى چۈشەندۈرۈشتەك قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، يۇقىرىقى بارسخاندىن بېشبالىق ياكى تۇرپانغىچە بولغان ئارىلىق تەخمىنەن 1000 كېلومىتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇنى ئالتە كۈندە مېڭىپ بولغىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە بۇ يەردىكى كىشىنى قايىل قىلالايدىغان بىردىنبىر شەھرى جەيخاننىڭ ئەسىرىدىكى«يۇقىرىقى بارسخاندىن قۇچۇ(تۇرپان) غىچە بولغان يول بويىدا جەمئىي ئالتە تاغىر (نۇقتا) بار»(Xئەسىر نىڭ بېشىدا يازغان)دېگەن بايانى بولۇشى مۇمكىن(44). تاغىرىنى ئاپتورلار تاغىرنى مۇساپە دەپ ئالغان بولئەمەلىيەتتە بىراق ئەمىلىيەتتە بۇ نۇقتا ياكى تاغىر پەقەت يول ئۈستىدىكى مۇھىم جايلارنى كۆرسىتەتتى، خالاس. vNl)ltzJF
ئىبنى خۇردە زبىھ تېكىستىدە قۇدامەنىڭ خاتىرىسىدىكى بەزى نۇقتىلار كەم بولسىمۇ، بىراق بەزى نۇقتىلار ھەققىدىكى بايانلىرى خېلىلا مۇكەممەل. ساياھەت خاتىرىسىدە(A يول)(28-، 29-بەتلەر) يەنى تارازدىن Kibal غىچە بولغان ئارىلىق 59 پەرسەخ، دەپ ھېسابلانغان. قۇدامەگە ئوخشاش 15 كۈن (تۈركلەر ئۈچۈن ئۈچ كۈن) دە يۇقىرىقى بارسخانغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، دېيىلگەن. (B) يول (30-بەت) قۇدامەنىڭ بايان قىلغىنى بىلەن ئوخشاش. (C) ھەم (D) يول بولسا خۇردە زبىھ خاتىرىسدە قىسقارتىۋېتىلگەن. ئاخىردا ئۇ (30-بەت 12-قۇر) توققۇز ئوغۇزنىڭ پايتەختى بىلەن يۇقىرىقى بارسخاننىڭ ئارىلىقى (E) بىپايان گۈللەنگەن يېزىلاردىن ئۆتىدىغان ئۈچ ئايلىق يول، دەپ قىياس قىلىنغان(45). Q4a7g$^
مەيلى مەشھەددىكى قوليازما بولسۇن، ياكى ياقۇتنىڭ قىسقارتىلغان نەقىلىدە بولسۇن(I توم 840-بەت)تەمىمنىڭ نەدىن يولغا چىققانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.. بىراق، ئۇلار تەمىمنىڭ 20 كۈن يايلاقنى بويلاپ، 20 كۈن ئاۋات يېزىلارنى بويلاپ بىر كېچە-كۈندۈزدە ئۈچ مۇساپە يول بېسىپ توققۇز ئوغۇزنىڭ پايتەخقىلغانلىقىنىپەر قىلىغانلىقىنى بايان قىلغان. $|3zsi2
مۇساپە بولسا، ئىككى پەللە ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ئىككى پەرسەخكە توغرا كېلىدۇ. بىراق، بەزى ئىزاھاتلاردا توغرا ئارىلىقنىڭ تۆت پەرسەخ بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ(46). ساياھەت قىلغاندا 30 ــــــ35 كلومېتر ئارىلىقنى 24 سائەتتە ماڭغاندا بۇنى تېز ماڭغانلىق دېگىلى بولمايدۇ. مۇشۇنىڭ ئىككى ھەسسسىسىنى بەلكىم شۇنداق دېيىشكە بولار. شۇنداق قىلغاندا 40 كۈن ئىچىدە جەمئىي 480 پەرسەخ(2400 ــــــــ 2880 كىلومېتىر) ياكى 45 كۈن ئىچىدە 540 پەرسەخ(2700 ــــــــ 3240 كىلومېتىر) يول يۈرۈپ بولغىلى بولىدۇ. H{S+^'5Y.
خۇردە زبىھنىڭ تېكىستىدىكى ئابزاسنىڭ تەمىمنىڭ خاتىرىسىدىن ئېلىنغانلىقىدا ھېچقانداق شۈبھە يوق. پەقەت«ئۈچ ئاي» يەنى «20+20 كۈن»دەپ قوللىنىشقا خۇردە زبىھ ئۆزى ئەيىپلىك بولسا كېرەك. تەجرىبىلىك ئۆتەڭ باشلىقىغا ئوخشاش، خۇردە زبىھ ئانچە تونۇش بولمىغان مۇساپىدىن كۆرە ئاسانراق يولنى تاللاپ ئاسانلا مۇلازىمەت ئورنىغا يېتىپ بارغان. ئۈچ ئاي 90 كۈنگە تەڭ بولۇپ خۇردە زبىھ مېڭىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، بەلكىم ئىككى كۈننىڭ تېزلىكىنى بىر كۈندە ئۈچ مۇساپىدىن يول يۈرۈشكە تەڭلەشتۈرگەنلىكىنى ئاساس قىلغان بولسا كېرەك. شۇنداقلا ئېھتىماللىق شۇكى، قۇدامەگە ئوخشاش ئۇ تەمىمنىڭ تېكىستىدىكى45= 20+25 دېگىنىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە پەرسەخ (35 ــــــ40 كىلومېتىر) يول يۈردى دەپ ھېسابلانسا، ئۇنداقتا 270 پەرسەخ ياكى 1620 ــــــ 1800 كىلومېتىرغا تەڭ بولىدۇ. شۇنداق ئېيتالايمىزكى، بۇ ئارىلىق (خۇردە زبىھنىڭ ھېسابى بويىچە)1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، يۇقىرىقى بارسخاننىڭ تۇرپان ياكى بېشبالىق بىلەن بولغان ئارىلىقىغا تەڭ. مۇبادا بىز تەمىمنىڭ ساياھەت جەريانىدىكى ئەسلىي چۈشەندۈرۈشىنى ئاساس قىلساق، بۇ ئارىلىق تەخمىنەن 3000 كىلومېتىر بولىدۇ. چوڭ-كىچىك (ئۇزۇن- قىسقىلىق) تەرتىپى بويىچە تىزىلسا ئۇ تۆۋەنكى بارسخاندىن تۇرپانغىچە ياكى يۇقىرىقى بارسخاندىن قارا بالغاسۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەمەس، بەلكى تۆۋەنكى بارسخاندىن قارابالغاسۇنغىچە بولغان ئارىلىققا تەڭ بولىدۇ. g0}jE%)
بىز تەمىم ئوتتۇرىغا قويغان ئارىلىقىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن يىغىنچاقلىۋېتەلەيمىز. پەقەتلا ئۇنىڭ يازغانلىرىدىن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىش مۇمكىن: (a) ئۇ سەپەرنى تۆۋەنكى بارسخاندىن باشلىغان؛ (b) ئۇ قارا بالغاسۇننى زىيارەت قىلغان؛ (c) قايتىش سەپىرىدە ئۇ ھېچبولمىغاندا يۇقىرىقى بارسخاندىن ئۆتكەن. گەردىزى يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىن بويلىرىدىكى chikahjkath تىن قىرغىزلار رايونىغا بارىدىغان يولنى بىلىدۇ(«ھۇدۇدۇلئالەم» 282-بەتكە قاراڭ). بىراق تەمىم ئورخۇنغا ئۇدۇل يول بىلەن ماڭغان بولغاچقا، قىرغىزلارنى تىلغا ئالمىغان. pPo(nH|<
خۇلاسە: توققۇز ئوغۇز پايتەختىنىڭ ئۇدۇلىغا جۇڭگو شەھرى جايلاشقان بولۇپ، ئارىلىق 300 پەرسەخ(تەخمىنەن 1800 كىلومېتىر) ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كېلىدۇ، دېگەن بايانلاردىن تەخمىنەن جوڭگۇنى زىيارەت قىلمىغانلىقىنى، بۇ يەردە ئۇ پەقەت ئۆزى ئاڭلىغان جۇڭگو ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئېيتقانلىقىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئارىلىق ئۇيغۇر پايتەختىنىڭ ئىككىلىسىگە ئىشلىتىلگەن. پاكىت شۇكى، گەردىزى chinanjkath قۇچۇ (تۇرپان) دىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى Khamdan (چاڭئەن) غىچە بولغان ئارىلىقنى 66 كۈنلۈك(«ھودۇدۇلئالەم»229-بەتكە قاراڭ) ياكى تەخمىنەن 2000 كىلومېتىر كېلىدۇ دېگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئورخۇندىكى پايتەختىتتىن چاڭئەننىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 1700 ــــــ 1650 كلومېتر كېلىدۇ دېگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئورخۇندىكى پايتەختتىن چاڭئەننىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 1650 -ـــــــ 1700 كىلومېتىر بولۇپ، پەقەت قۇش كەبى ئۇچقاندىلا، ئاندىن تەمىم يۇقىرىدا ئېيتقاندەك بولۇشى مۇمكىن(47). 0chpC)#Q3;
4. توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پايتەختى CmBgay
توققۇز ئوغۇز پايتەختىگە قوشنا كۆلنى تىلغا ئالغاندا، ئېنىقكى قۇدامەنىڭ خاتىرىسىدىكى مۇشۇ بۆلەك خاتا چۈشەنچە ئىدى(29-بەت)(48). بۇ جايدا پەقەت پادىشاھ قورغانىدىكى «ئالتۇن چېدىر»نىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە ئالاقىدار مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان(49). مەن «ھودۇدۇلئالەم»دىكى ئىزاھاتىمدا، (269-بەت) جۇڭگو ئاپتورلىرىنىڭ بېشبالىقتىكى خاتىرىسىگە ئاساسەن، بۇ ئالاھىدە تېمىنى بۇددا دىنى يادىكارلىقلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن ئىدىم(50). مۇبادا قاغان چېدىرىنىڭ سىرتىغا ئالتۇن يالىتىغانلىقىنى مۇقەرەرلەشتۈرەلسەك، بۇ پەرەز پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن «تاڭنامە، قىرغىزلار»دا ئاخىرقى ئورخۇن قاغانىنىڭ پايتەختىدە «ئالتۇن چېدىرى»بارلىقى تىلغا ئېلىنغانغا ئوخشاش چىقىدۇ(51). M"/Jn[
قىرغىز ھوكۈمىرانى بىلەن ئۇيغۇر قاغانى ئوتتۇرىسىدىكى 20 يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆز غەلىبىسىگە ئىشەنگەن A. je: «سىلەرنىڭ مەھشەر كۈنۈڭلار يېتىپ كەلدى. ئەمدى مەن سىلەرنىڭ ئالتۇن چېدىرىڭلارنى قولۇمغا ئالىمەن ھەم چېدىرىڭلارنىڭ ئالدىدا ئەسكەرلىرىمنى چاپتۇرۇپ تۇغ-ئەلەملىرىمنى لەپىلدىتىمەن»دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئاخىر مىلادىيە 840-يىلى ئۇيغۇر قاغانى ئۆلتۈرۈلدى، تېكىنلىرى ھەر تەرەپكە پېتىراپ كەتتى. A. je بۇرۇن ئۇيغۇر قاغانى تۇرغان ئالتۇن چېدىرنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ئۇ بارلىق بايلىق ھەم تەيخى مەلىكىنى قولغا چۈشۈرۈپ لاۋ تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆز چېدىرىغا يۆتكىدى. %
Q &']
بىز خۇلاسىسىمىزدە بۇ مۇھىم تەپسىلاتلاردىن تولۇق پايدىلىنىمىز. تەمىم تىلغا ئالغان 12 تۆمۈر دەرۋازىلىق (52) ۋە كۈنگىرىلىك پايتەخت قەلئەسى بولسا بىپايان تېرىلغۇ يەرلەر ئارىسىغا جايلاشقان ئىدى. L=EkY O%\"
ئورخۇندىكى ئۇيغۇر قاغانىنىڭ قەدىمكى پايتەختى تۇنجى قاغان تەرىپىدىن ئورخۇن دەرياسى بىلەن بالىقلىقنىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا قۇرۇلغان(شىنە ــــusu ئابىدىسى S.10) ئۇنىڭ خارابىسى تەخمىنەن 2.5×7 كىلومېتىر كېلىدۇ. پادىشاھلىق قورغان ئۇنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بولۇپ، تەخمىنەن 450× 200 مېتىر كېلىدۇ(53). ئونغا يېقىن دەرۋازىنىڭ ئورنىنى ھېلھەم پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. r=vY-p
ئاللىبۇرۇن چۈشەندۈرۈلگەندەك، كېيىنكى ئۇيغۇر قاغانلىق ئىگىلىگەن رايوندا ئىككى پايتەخت بار. (a) بېشبالىق تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ھازىرقى گۇچۇڭنىڭ غەربىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا. (b) Khocho(ئىدىقۇت شەھىرى، گاۋچاڭ) تاغنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە. ?b{y#du2a
بېشبالىقنىڭ تاشقى سېپىلى ئىچىدىكى چاسا شەكىللىك رايون 2160 ×1260 يارد چوڭلۇقتا بولۇپ(1.965×1.820كىلومېتىر) شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا خان تۇغى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئىككىلا پايتەخت ئاھالىسى كۆپ، يېرى مۇنبەت، گۈللەنگەن رايونغا جايلاشقان. بىراق، ھازىرقى سىزما خەرىتىدىن ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قانچە دەرۋازىسى بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ(54). _X;,,VEV!
چۈشىنىكسىز بولغىنى، تەمىمنىڭ بايانىدىكى پايتەختكە يېتىپ بېرىشتىن 20 كۈن (25كۈن) بۇرۇن ئۇنىڭ «بىر-بىرىگە تۇتاشقان يېزىلار»غا ئارىلاپ سەپەر قىلغانلىقى ئىدى. تۇرپان رايونىدا نۇرغۇن شەھەر ھەم يېزا ئىگىلىك مەركەزلىرى بار ئىدى. J@E]Fl
بىراق، ئورخۇندىكى تېرىلغۇنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىدىن ھېچنېمىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئېھتىمال بەزى تېرىلغۇ جايلار قاغانلارغا بېقىنىدىغان سوغدلار ھەم خەنزۇلار تەرىپىدىن تېرىلغان بولسا كېرەك(55). تەمىم قاراۋۇللۇق ئورنىغا تەۋە جايلارنىمۇ تىلغا ئالغان بولۇشى مۇمكىن(56). z5(5\j]
5. دىنىي ئېتىقادى <#nU 06 fN
تەمىمنىڭ دىن توغرىسىدىكى بايانلىرى چۈشىنىكسىز بولۇپ، ئاخىرقى 20 كۈنلۈك سەپىرىدە ئۇچراتقان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى «ئاتەشپەرەسلەر بولۇپ، مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بىر قىسمى بولسا زەنەدىقە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ» دەيدۇ. پايتەختتە زەنەدىقە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. توققۇز ئوغۇزلارغا بېقىنغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا زورۇئاستىئانلارنىڭ بولۇشى ناتايىن. تەمىمنىڭ تىلغا ئالغىنى ئېھتىمال بۇددىسىتلار ياكى تەبىئەتكە چوقۇنغۇچى تۈركىي قەبىلىلەرنى كۆرسەتسە كېرەك(57). زەنەدىقە دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ھەققىدە بىزنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىمىز بار. ئادەتتىكى مۇسۇلمانلار ئۇلارنى مانىزىم مۇرىتلىرى، دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئۇيغۇر خانى قوبۇل قىلغان، خېلى بۇرۇنلا(736-يىلى لوياڭدا تۇرۇشتىن خېلى بۇرۇن) تۈركلەر ئىچىدە ئومۇملاشقان دىن بولۇشى مۇمكىن. ort*Ux)
بۇ خىل دىنى ئېتىقادتىن كېيىن«ياسالغان جىنلارنىڭ ھەيكەللىرى ھەم سىزمىلىرى»بۇزۇپ تاشلاندى ھەم مانىزىم دىندارلىرى دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى. قاغاننىڭ ۋارىسى (مىلادىيە 759 ـــــ 780-يىللىرى) قارابالغاسۇندىكى ئۈچ خىل يېزىقتىكى مەڭگۈ تاشتا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ مەڭگۈ تاش 808 ــــ 821-يىللىرى ھۆكۈمىرانلىق قىلغان قاغاننىڭ شەرىپى ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان. ئۇھەقىقەتەن ئوت يۈرەك مانىزىم دىنىي ئېتىقادچىسى ئىدى. بىراق، بۇ نۇقتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىدە ئولتۇراقلاشقان ئاھالە مانىزىم دىنىنى قوبۇل قىلالايتتى. بىراق، قوبۇل قىلمىغان ئىدى. بولۇپمۇ پايتەخت(قارا بالغاسۇن) سىرتىدىكىلەر تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. 8Q'
763-يىلى جۇڭگو ئىمپېراتورىغا ياردەملىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان خاننىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش مانىزىمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەقىياتىلىرىدىن سانالدى(58). ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنغاندىن كېيىنلا جۇڭگودا مانىزىم چەكلەندى. (843-يىلى) مانىزىمنىڭ كېيىنكى تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا تېخىمۇ كېڭىيىشى توغرىسىدىكى گەردىزىنىڭ بايانى قىزىقارلىق ھەم جانلىق يېزىلغان(59). V4ePYud;^
6. قەبىلە مەسىلىسى kc P ZIP:
تەمىمنىڭ يۇقىرىقى بارسخان ئاھالىسىنىڭ قارلۇقلار بىلەن ئۇرۇشقاندىكى ئۈستۈنلۈكى توغرىسىدا پۈتكەن بايانلىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك. يۇقىرىقى بارسخاننىڭ ئورنى تاغلار ھەم كۆللەرنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزىتىدە بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك شەھەرلەردىن ئىدى. بۇ جاينىڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى قەدىمكى ئاھالىنىڭ بىر قېتىملىق كۆچۈش دولقۇنىغا مەنسۇپ بولۇشى مۇمكىن(ئۇيسۇنلار؟) ھەم تەمىم توققۇزىنچى ئابزاستا تىلغا ئالغان بارسخاندىكى قەدىمكى شەھەر كەلگۈسىدىكى ئېكىپىدىيتسىيچىلەر ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك كۆرسەتمە بولۇشى مۇمكىن. كېيىن ئىسسىق كۆل ئېقىنى رايونى غەربىي تۈركلەر تەرىپىدىن بىرلەشتۈرۈلدى. بىراق، بۇ رايوننىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمىرانلىرىنىڭ قايسى قەبىلىدىن ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيمىز. مەسئۇدى(بىرىنچى بۆلۈم 288-بەتتە) بارسخانلىقلارنى ئالاھىدە بىر ئىتتىپاق، دەپ ئېيتقان ئىدى. Y$n+\K
مىلادىيە 766-يىلىدىن كېيىن قارلۇقلار غەربىي تۈركلەر(تۈركەشلەر) نىڭ ۋارىسى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى قانلىق جەڭلەر ئىسسىق كۆل رايونىدىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن. «ھودۇدۇلئالەم»(11 ــــــ15§) دە يۇقىرىقى بارىسخاننىڭ IX ياكى X ئەسىردىكى(60) ئورنى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. «بارىھۇزۇركۆل بويىغا جايلاشقان ئاۋات ۋە ھوزۇر بەخش شەھەر، دېھقانلىرى Khallu بولۇپ، (ئاھالىسى)توققۇز ئوغۇزغا سادىق»دېيىلگەن. «ھودۇدۇلئالەم» دە توققۇز ئوغۇز نامى تۇرپاندىكى ئۇيغۇر خانلىقىغا قارىتا قوللىنىلغان. بىز بارسخان خەلقىنىڭ تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بىراق ئۇلار قارلۇقلارنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ئارقىسىدا بويسۇندۇرۇلغان(61). @
تەمىم يەنىلا بارىسخان قارلۇقلار بىلەن بولغان كۈرەشتە غەلىبە قىلغان دەۋرنى تىلغا ئالىدۇ. Jahiz (868-يىلى ۋاپات بولغان). «گەرچە قارلۇقلار سان جەھەتتىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولسىمۇ، توققۇز ئوغۇزلار قارلۇقلاردىن ئۈستۈن تۇراتتى»دەيدۇ. ئۇنىڭ بايانىمۇ تەمىمنىڭ خاتىرىسىنىڭ تەكرارلىنىشى بولسا كېرەك(62). R3lZ|rxv:
تېخىمۇ قىزىقارلىق تەپسىلات، خاقاننىڭ (25)20+20 كۈنلۈك سەپەرگە ئات ئەۋەتكەنلىكى. ئەگەر خاقاننى بېشبالىقتىكى ئۇيغۇر ھۆكۈمىرانى دەپ چۈشەنسەك، ئاتلىق خىزمەت ئۈچۈن ئۇنىڭ شۇنچە يىراقتىكى تۆۋەنك بارسخانغا يۆتكىمە ئات ئەۋەتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلىمىز. چۈنكى، يۇقىرىقى بارىسخاننىڭ ئارىلىقى تېخىمۇ يېقىن ئىدى. ئۇيغۇرلار ئورخۇن ۋادىسىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋردە، تۆۋەنكى بارىسخان قارلۇقلارنىڭ (766-يىلىدىن باشلاپ) كونتورۇللىقىدا ئىدى. بىراق، تەمىم قارلۇقلارنىڭ بارسخانلىقلار بىلەن جەڭ قىلغانلىقىدىن باشقا، قارلۇقلار توغرىسىدا خەۋەر بەرمەيدۇ. بۇ بەلكىم مەشھەدنىڭ قىسقارتىلىما باياندىكى خاتالىقىدۇر ياكى تەمىمنىڭ ساياھەت قىلغان ۋاقتىنى بېكىتىشىمىزگە كۆرسەتمە بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇلاردىن ئاخىرقى «خۇلاسە»قىسمىدا پايدىلانماقچىمىز. ^\Q,ACkZb
توققۇز ئوغۇزلارنىڭ قوشنىلىرى توغرىسىدا تەمىم تۆتىنچى قۇردا توختىلىپ ئۆتىدۇ: «ئوڭ تەرەپ يەنى، جەنۇب تەرەپ ياكى غەبىي جەنۇب تەرەپتە، ھېچكىم بىلەن ئارىلاشمايدىغان تۈركلەر ياشايدۇ». بۇ بىر سەل قاراش خاراكتېرلىك ھۆكۈم دەرۋەقە بۇ تۈركلەر شاتۇر(63) ھەم ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى كۆرسىتەتتى. سولدا ياكى شىمالدا ئۇلار قىماقلار بىلەن قوشنا ئىدى. ئۇلار ئېرىتىش دەرياسىغا مەركەزلەشكەن قىپچاقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ماكۇارت ئۆزىنىڭ «كومانېلان»ناملىق ئەسىرىدە بۇ ئىتتىپاق VIII ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەۋجۇت ئىدى، دەپ قارايدۇ. ئورخۇن بىلەن تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارنى باشقا قەبىلىلەر قىماقلاردىن ئايرىپ تۇراتتى(64). تەمىمنىڭ يازغانلىرى ئەنە شۇ ئەھۋالنىڭ ئىنكاسى بولسا كېرەك. ئۇ توققۇز ئوغۇز خاقانىنى زىيارەت قىلغىلى بارغا ندا، تاراز(تالاس)رايونىدىن ئۆتكەن(65). بىراق، مۇشۇ ۋاقىتتا يولنىڭ سول غا(شىمال تەرەپكە)بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكى ئېنىق. ئۇ مۇشۇ يولنى بويلاپ قىماقلار تامان سەپەر قىلغان(12-ئابزاسقا قاراڭ). بىراق، بۇ يەردە يەنە بىر جەھەتتىن بىز قارلۇقلارنىڭ سايىسىنى كۆرمەيمۇ قالمايمىز(تۆۋەنگە قاراڭ). eZ]r"_?
خەلپە ھىشام(مىلادىيە 724 ــــ 743-يىللىرى) دەۋرىدىكى تۈركلەرگە ئەۋەتكەن باش ئەلچىنىڭ بايانىدا، ماكۇارت پادىشاھنىڭ ئارخىپ توپلاشتا ئىشلىتىدىغان ئون بايرىقىنىڭ بارلىقىدەك تەپسىلاتنى تەكىتلىگەن ھەم ئۇ ئەھۋالنى قايىل قىلارلىق يوسۇندا خانغا قارام ئۇرۇقلارنىڭ(غەربى تۈركلەردىكى ئون ئوقلار) سانى بىلەن باغلاپ قارىغان. تەمىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، خاقاننىڭ شەھەر سىرتىدىكى چېدىرى بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان 17 ئاتاماننىڭ چېدىرى بىلەن قوشۇلۇپ تۇرىدىكەن. بۇ سان غەلىتە بولۇپ بىلىشىمىزچە ھېچقانداق بىر تۈركلەر ئىتتىپاقى 17 ئاتالمىغان ياكى بىز خاقاننىڭ ئۆز چېدىرىنىمۇ قوشۇپ ھېسابلىساق، ئۇنداقتا بۇ سان 18 بولىدۇ(يۇقىرىدىكى 11-ئابزاسقا قاراڭ). ]w;t0Bk
مېنىڭچە، بۇنى پەقەتلا مۇنداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن: «تاڭنامە»دە توققۇز ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى تىلغا ئالغاندا«ئۇلار ئىرىقى جەھەتتىن Pu-ku(بۈگۈر)، Hun (ھون)، Pu-Xa-Ku(يايرقۇ)، Tung-Lo(توڭدا)، Se-Ke(سىقار) ھەم Ki-Pi(قېئار) قاتارلىق ئالتە گۇرۇپپا بىلەن مۇئەييەن مۇناسىۋەتكە ئىگە، بىراق ياۋايىلار ئۇلارنى(ئۇيغۇرلار) ھېسابىغا كىرگۈزمەيدۇ(66).»دەپ قوشۇپ قويىدۇ. شۇ نەرسىنى پەرەز قىلىش مۇمكىنكى، ئۇيغۇرلار كۈچىيىپ گۈللەنگەن دەۋردە ئۇلار بىر ئىرىقتىكى بارلىق قەبىلىلەر باشقۇرغان ھەم قارلۇق، باسمىللارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان بولۇشى مۇمكىن. شۇلار بىلەن ھېسابلىغاندا بۇ ئومۇمى سان 17 بولىدۇ(67). JU^Y27
ئىسسىق كۆلىنى بايان قىلغاندا، تەمىم بۇ كۆلگە قۇيۇلىدىغان دەريالار تىبەت، توققۇز ئوغۇز ۋە قىماقلار تەرەپتىن كېلىدۇ، دېگەن. تەخمىنەن ئېيتىلغان ۋە مەۋجۇت بولمىغان بۇ ئاتالغۇلار، غەرب، شەرق ھەم شىمال ئاتالمىلىرىنىڭ تەڭدىشى بولسا كېرەك.
lqL5V
"2Y
تىبەت توغرىسىدا ئېيتىلغان بايانلار گەردىزىنىڭ ھەم «ھودۇدۇلئالەم»(13 ــــــــ 15§) دىكى تىرمىنولوگىيە بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تىبەتنىڭ ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى بىر مەھەل تىبەتلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان تىيانشاننىڭ جەنۇبىنى كۆرسىتىدۇ. تىبەتلەر بۇ رايوندا 670-يىلىدىن 692-يىلىغىچە ھەم 790-يىلىدىن 850-يىلىغىچە(؟) ھۆكۈمىرانلق قىلغان ئىدى. wUr(i *
7. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ojf6@p_
مەشھەدنىڭ قوليازمىسىدىن بايقالغان ئەڭ مۇھىم يېڭى تەپسىلاتلار قاغاننىڭ قۇدىلىشش ئارقىلىق جۇڭگو ئىمپېرىيىسى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى ھەم جۇڭگو ئىمپېراتورىنىڭ ئۇلارغا ھەر يىلى يىپەك ئەۋەتىپ تۇرغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېنىقكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ ئېلىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىگە يەتكەن ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار مىلادىيە 744-يىلى ئورخۇن ۋادىسىنى ئىگىلەپ، 757-يىلى مويۇنچۇر قاغان تاڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەن لۇشەن توپىلىڭىنى بېسىقتۇرۇشقا ياردەملەشكەن. بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇ ئىمپېراتورنىڭ قىزى نىڭ گۇنى قوبۇل قىلدى(خوتۇنلۇققا ئالدى). نىڭ گۇ بايانچۇر ئۆلگەن(759-يىلى) دىن كېيىن، جۇڭگوغا قايىتىپ كەلدى. نىڭ گۇ(يۇڭۋاڭنىڭ قىزى) ئاتاق مەلىكىمۇ ئىرگەن قاغان(3-قاغان) غا تېگىپ چارۋىچى قەبىلىلەر ئارىسىدا تۇرۇپ قالدى. ئۇ 790-يىلى ئۆلدى(6-قاغان دەۋرىدە). 788-يىلى مەلىكە شىيەن كەن تۆتىنچى قاغانغا ياتلىق بولدى ھەم كېيىنچە 5-، 6-، 7-ۋارىسلارغىچە خوتۇن بولدى. يايلاقتا 21 يىلنى ئۆتكۈزۈپ 808-يىلى ئۆلدى. 821-يىلى 10-قاغانغا تەيخى(ئىمپېراتور شۈەنزۇڭنىڭ قىزى) مەلىكىنى سوۋغا قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلار 840-يىلى تالاپەتكە ئۇچرىغان دەۋرگىچە شۇ جايدا ياشاپ، نۇرغۇن كۈلپەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ 843-يىلى جۇڭگوغا قايىتىپ كەلدى(68). شۇنداق قىلىپ ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى قۇدىلىق مۇناسىۋەت ئىزچىل دېگۈدەك داۋاملاشتى. yLfyLyO L
ئۇيغۇرلارغا يىپەك سوۋغا قىلىشمۇ ئۈزۈلمەي داۋاملاشتى. 762-يىلى جۇڭگو ئەلچىسى قاغانغا ئەسكەرتىپ «تاڭ ئىمپېرىيىسى يىپەك بۇيۇملىرىنى يىلمۇ-يىل ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىدىغۇ؟»دېگەن. 758-يىلىدىن 760-يىلىغىچە ئۇيغۇرلار ھەر يىلى نۇرغۇن ناچار ئاتلارنى يۆتكەپ كېلىپ، ھەر بىر ئاتقا 40 توپ يىپەك تېگىشىش شەرتى بىلەن سودا قىلىپ نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشكەن. 758-يىلى ئۇيغۇرلار 10مىڭ ئات يۆتكەپ كېلىپ ئىمپېرىيىنى قىيىن ئەھۋالغا قويغان. ئىپمىراتور ئارانلا 6 مىڭ ئاتقا يىپەك تاپشۇرالىغان. 827-يىلى چاۋلى(chao-li) قاغان(11-قاغان) ئىمپېراتور ۋېىنزۇڭدىن ئاتلار ئۈچۈن 500مىڭ توپ يىپەك تاپشۇرۇپ ئالغان(69). ^[m-PS(
مانا مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى خاتىرىلەر تەمىمنىڭ بايانىنىڭ ئالتىنچى ئابزاسىغا ئەڭ ماس كېلىدۇ. بىراق، يىپەكلەرنىڭ سانى توغرا بولغان خرونولوگىيلەر ئۈچۈن كۆرسەتمە(70) بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى بۇ بايانلار تەمىمنىڭ بايانىنىڭ توغىرلىقىنى مۇنازىرىسىز ھالدا ئىسپاتلايدۇ. K g#Bg##
يەنە بىر جەھەتتىن، تۇرپان ھەم گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى سىياسىي جەھەتتىن پەقەت يەرلىك ھەم چەكلىك مۇھىم كۈچ بولۇشى بىلەنلا توختاپ قالغان بولۇپ، ئاشۇ ئىككى جاي سۇلالىلەر تەرىپىدىن ھۆكۈمىرانلىق قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن قۇدىلاقانلىقىغا ئالاقىدار خاتىرىلەر يوق دېيەرلىك. كېيىنكى يىللاردا(996-يىلى) تۇرپان ھۆكۈمىرانى ئارسلانخان لىياۋ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ تويلىشىپ ئىتتىپاق تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىغان(71). YQd($
4. خۇلاسە gsM$VaF(
ئانالىز قىلىنغان يۇقىرىقى نۇقتىئىنەزەرلەرگە، مەيلى قوشۇلايلى ياكى قارشى تۇرايلى، تەمىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇندىكى پايتەختى، قارابالغاسۇن(ھازىرقى موڭغۇلىيىدە) غا بارغان ھەم ئۆز زىيارىتى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان بىردىنبىر مۇسۇلمان ساياھەتچى ئىكەنلىكى ئېنىق.
0R\.G1f%
تەمىمنىڭ بايانىدا كۆرسىتىلگەن ئارىلىق مۈجمەل بولسىمۇ، بىراق 40 ـــــ 45 كۈن يول يۈرۈش(تەمىم، قۇدامە) ياكى 90 كۈندىن ئارتۇقراق يول يۈرۈش(ئىبنى خۇردە زبىھ) ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە(72). بۇ ئارىلىق بېشبالىقنىڭ تۆۋەنكى بارسخان بىلەن بولغان ئارىلىقىدىنمۇ كۆپ ئۇزۇن. يەنە شۇ ۋاقىتتا قارا بالغاسۇندىن يۇقىرىقى بارسخانغىلا ئەمەس تۆۋەنكى بارسخانغىمۇ يېتىپ بېرىشقا بولاتتى. JB'tc!!*
ساياھەت ۋاقتىغا ئاساسلانغاندا، خاتاسىز بولىدىغىنى خاقاننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدۇر(6-ئابزاسقا قاراڭ). تەمىم مانىزىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىدە ناھايىتى كەڭ تارقالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىراق، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىيە 763-يىلىدىكى ئالاھىدە دىن ئۆزگەرتىشىنى تىلغا ئالمىغان. شۇڭا بىز مەزكۇر ئەرەب ساياھەتچىسى بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرىكى بەزى ئەھۋاللارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇشقا مەجبۇر بولىمىز. R,PN?aj
خاقانغا مەنسۇپ«ئالتۇن چېدىر»ھەققىدىكى قوشۇمچە تەپسىلات تولىمۇ مۇھىم. بەختكە يارىشا، بۇ جانلىق پاكىت تاڭنامىنىڭ قىرغىز بۆلىمىدە ئۇچرايدىغان تەپسىلاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ. 840-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر قاغانى تېخى گۆدەك بالا بولۇپ، ئۇ پەقەت 839-،840-يىلىغىچە ھۆكۈمىرانلىق قىلدى. بىراق، «تاڭنامە»دە قىرغىزلار بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ 20 يىل داۋاملاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىرغىزلارنىڭ «ئالتۇن چېدىر»نى بۇلاش ھەققىدىكى تەھدىتلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. بۇ ئۇرۇش چۇڭدى(كۈن تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش كۈلۈگ بىلگە قاغان)(10-قاغان) دەۋرىدە باشلانغان. ئۇ 821-يىلىغىچە ھۆكۈمىرانلىق قىلغان. بۇ قاغان ناھايىتى شەۋكەتلىك قاغان بولۇپ، ئۇنىڭغا تەيخى مەلىكە سوۋغا قىلىنغان. بۇ ئالتۇن چېدىر (ئېھتمال جۇڭگولۇقلار ئىشلىگەن بۇيۇم بولۇشى مۇمكىن) مەلىكىنى سوۋغا قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىن. مۇھىم بولغان تەپسىلات شۇكى، 9-قاغان 821-يىلى ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر ئىمپېرىيە مەلىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ كەلدى. يەنە بىر جەھەتتىن، شۇنداق مۇمكىنچىلىك باركى، 824 ــــ832-يىلىغىچە ھۆكۈمىرانلىق قىلغان چاۋلى قاغانغا(11-قاغان) ئالدىنقى پادىشاھتىن چېدىر ھەم مەلىكە مىراس قالغان. شۇنداق قىلىپ، 500 مىڭ توپ يىپەكنىڭ 827-يىلى ئىمپېراتور ۋېنزۇڭدىن ئۇنىڭغا ئەۋەتىلىشىدىن ئىبارەت تەپسىلات، تەمىمنىڭ ئۆزىنى كۈتۈۋالغان قاغانغا يان باسقانلىقىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ. بۇ يەردە 821-يىلىنى ئىسپاتلايدىغان ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەب يوق. مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز ئۈچۈن باشقا بىر پاكىت تولىمۇ مۇھىم. پىروففىسور ھانسون قارابالغاسۇندىكى مەڭگۈ تاشنى تەكشۈرۈپ، سېگېلگېنىڭ تەرجىمىسىدىكى كۆپلىگەن خاتالىقلارنى بايقىغان(1895-يىلى)(73). ئۇ مەزكۇر مەڭگۈ تاش 821-يىلىدىن كېيىن 9-قاغاننى خاتىرىلەش ئۈچۈن تىكلەنگەن(مىلادىيە 808 ـــــ 821-يىلى) دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ. <>n|_6'$90
تەمىم گەرچە قارلۇقلار ئۈستىدە كۆپ توختالمىغان بولسىمۇ، قارابالغاسۇن مەڭگۈ تېشىنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغىشى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭدىكى تەپسىلاتلار ئارقىلىق مەن بەزى چۈشەنچىلەرگە كەلدىم. ئۇنىڭ يېڭى شەرھىيسىگە ئاساسلانغاندا، 9-قاغان(مىلادىيە 808ـــــ821-يىلى) ئۆز ھۆكۈمىرانلىقىنى سىر دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىنى ھەم پەرغانىغىچە كېڭەيتكەن. ئۇ قارلۇقلارنى بويسۇندۇرغان ھەم يېڭى يابغۇ تەيىنلىگەن(74). قىرغىزلارنىڭ ئاۋارىگەرچىلىكىگىچە مەۋجۇت بولالمىغان بۇ ھۆكۈمىرانلىق تەمىمنىڭ 821-يىلى قىماقلارنىڭ توققۇز ئوغۇزلارنىڭ شىمالدا ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تاكى تۆۋەنكى بارسخانغىچە كېڭەيگەنلىكىنى بايان قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. خەنزۇچە مەنبەلەرنىڭ ئىسپاتى گەرچە تار دائىرىلىك بولسىمۇ، ئۇلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەگەر بىز تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسىنى ۇسۇلمان تارىخچىلارنى خاتىرىلىگەن بەزى پاكىتلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىساق، بىزنىڭ قارىشىمىز تېخىمۇ يوللۇق بولىدۇ. بۇ جايدىكى بىزگە يول كۆرسەتكۈچ يىپ ئۇچى «توققۇز ئوغۇز»دېگەن نام بولۇپ، بۇ ھەقتە بۇرۇنقى تارىخچىلار(يەئىقۇبى ۋە تەبەرى) نىڭ ئېنىق قاراشلىرى بار. ئۇلار بۇ نامنى پەقەت قىسمەن، پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئۈچۈنلا ئىشلەتكەن. v}t{*P
a. توققۇز ئوغۇز دېگەن نام ئەڭ بۇرۇن يەئىقۇبىنىڭ خاتىرىسى(I I توم 568-بەتتە)ئۇچرايدۇ. 777-يىلى خەلپە مەھدى شەرق ھۆكۈمىرانلىرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ بويسۇنۇشنى ئېيتقان. شۇ قاتاردا «قارلۇقلار پادىشاھى يابغۇ......، تۈركلەر پادىشاھى تارخان، تىبەت پادىشاھىجۇڭگوۇن(75)....، جوڭگو پادىشاھى فەغفۇر(baghpur)...، توققوز ئوغۇز پادىشاھى قاغان قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنىدۇ». قارلۇق، تۈرك ھەم توققۇز ئوغۇزلارنىڭ (پەرقتتۇرىسىدىكىئۇنۋان ئۇلارنىڭ ئۇنىۋان نامىنىڭ پەرقىگە ئوخشاشلا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيھۆكۈمرانلىرىغۇز ھۆكۈمىرانلىرى ئەڭ چوڭ نام «قاغان»دىن بەھرىمەن بولىدىغان بولۇپ، يابغۇ ھەم تارخاندىن كۆپ ئۈستئەرەبرىدۇ. ئەگەر ئەرەپ ساپاھ مۇبالىغە قىلمىغان بولسىلا، بۇ خىل نام ئېنىقكى ئورخۇندىكى ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر ھۆكۈمىرانلىرىنىڭ يېڭىلا مانىزىم دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئويلىساق(763-يىلى)، مەھدىنىڭ تەلىپى تېخىمۇ چەكتىن ئاشقان بولىدۇ. مەھدى مانىزىم ئېتقادچىلىرىغا رەھىمسىز مۇئامىلە قىلغان ھەم 785-يىلى ئالاھىدە نازارەتچىلەرنى بەلگىلىگەن. 759 ـــــ780-يىللىرى داڭلىق ب ۆكۈخان ئىدىگەن(؟)ئورخۇن ۋادىسقىلدىكۈمىرانلىق قىلىدى ھەم ئىسرىيە مەلىكىگە ئۆيلەندى. تەمىمنىڭ مەھدىنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىدە ساياھەت قىلغانلىقىدەك قىياسىدىن گۇمانلىنىش ھاجەتسىز. ئۇنىڭ قىماقلارنى زىيارەت قىلسەۋەبنىڭۇ ئوخشاش سەۋەپنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ پەرەز «ئالتۇن چېدىر»غا ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە شۇنداقلا 763-يىلى تۈركلەر گەرچە قارلۇقلار تەرىپىدىن ئاغدۇرلۇش ھارپىسىدا تۇرسىمۇ، يەنىلا غەربىي تۈركلەر تېروتېريىسىنىڭ ۋارىسلىرى ئىدى. 1/:vFX
b. ئىككىنچى نەقىل يەئىقۇبنىڭ خاتىرىسى(II باب 568 -بەتتىن ئېلىنغان)بولۇپ، رافئى ئىبىن ئەسىرنىڭ سەمەرقەنىتتىكى توپىلىڭى تىلغا ئېلىنغان(تەخمىنەن مىلادىيە 806 ــــ 810-يىلىغىچە). ھارۇن رەشىد (809-يىلى ئۆلگەن)دەۋرىدە خارداما بۇ توپىلاڭنى تىنجىتىشقا ئەۋەتكەندە «تۈركلەر، قارلۇقلار، توققۇز ئوغۇزلار ھەم تىبەت ئارمىيىسى»نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. مانا شۇنداق ئەھۋالدا، تەمىم بەلكىم رافئىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن 8-قاغان چولۇ بىلگە خان(805 ــــــ 808-يىللىرىغىچە، ئۇ مەلىكە شە نشەنگە ئۆيلەنگەن)ئوردىسىنى زىيارەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ، قوماندانلىق ئورنتەسىسسەمەرقەنىتكە تەسس قىلغان رافئى قاغاننى يەرلىك مانىزىم ئېتقادچىلىرىنىڭ تەقدىرىگە قىززىقتۇرىدىغان بىر ياخشى پۇرسەتكە ئىگە بولدى. ھالبۇكى مەسىلىگە مۇنداق قاراش ئۈچۈن «ئالتۇن چېدىر»ئۈستىدە قايتا تالاش-تارتىش قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. يەئىقۇبى مەھەل نامى بىلەن ئىسلامنى جاكارلىغان قارلۇقلاردىكى يابغۇنى رافئى بىلەن بىر ئادەم دەپ باغلاشتا چىڭ تۇرىدۇ. ,.*Df)+
c. تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى، تەبەرى خاتىرلرىدە توققۇز ئوغۇزلارغا دائىر يېگانە خاتىرىدۇر(III. 1044. A. H205)«بۇ يىلنىڭ زۇلقەئىد ئاپرېل (821-يىلى ئاپرىل) تاھىر ئىبىن ئەل ھۈسەيىن خۇراسانغا بېرىپ، ئۇ جايدا ئىككى ئاي تۇردى. ئۇنىڭغا ئابىد ئەل راخمان نىشاپۇرى ئەل مۇتەۋۇرنىڭ نىشاپۇردا توپىلاڭ كۆتەرگەنلىكى ھەم توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ushrusana غا يەتكۈزۈلدىەنلىكى يەتكۈزىلدى»دېيىلگەن. بۇ بۆلەكتە، تىلغا ئېلىنغان تاھىر سۇلالىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇنى خەلپە مەئىمۇن خۇراساننىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىگەن ئىدى. ئابىد ئەل راخمان ئىبنى ئەممار توپىلىڭى توغرىسىدا، بىز پەقەت ئۇنىڭ ھۆكۈمەت بۇيرۇقىسىزلا narubiya بىلەن ئۇرۇش قىلىش كويىدا بولغانلىقىنى، كېيىنچە فارىج ئەل رۇھرھاجى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنىلا بىلىمىز. ئۇنىڭ ئەل مۇتەۋۇرى دېگەن نامى ئۇنىڭ تۈركلەر ۋە باشقىئىگىلىگەنگاھىنى ئىگەللىگەن «پىدائىيلار»نىڭ قوشۇمچە ھوقۇقدارى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مۇق ەددەسى(273-بەتتە)ئىسپىجاپ چېگرىسىنى بوئىشەنچىنىەرنىڭ ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن 1700 دەك رابات قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان. بارتولىدنىڭ دېگىنىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلار قەيەرگىلا بارسۇن يېڭى ئەسكەر ئالغان. شۇنداقلا باي ئاھالىلەر ئۇلارنى قوللىغان(77).تەۋەككۈلچىلەرغان تەۋەككۇلچىلەر(78)بولۇپ، دائىم ئابباسىيە مەمۇرىي ئورگانلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ تۇرغان. ئابىدئەل راخمان قارشى تۇرغان narabiya نىڭ كىم ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. بەلكىم فازىل ئىبىن يەھيا(79 ئەرەب95-يىلىغىچە)ئەرەپ بولمىغان كىشىلەردى ن (ئەجەملەر؟)(79)توپلئەرەبخۇراساندىكى ئەرەپ قوشۇنى بولۇشى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتلاردا خۇراساندا كۈندە دېگۈدەك ئىسىيان كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. ئۇلارغا بولسا ئاشۇلار باشچىلىق قىلىپ تمۇراجىئەتىلىلىرىگە مۇراجەت قىلىپ تۇراتتى. l6WEx
-d
Ushrusana بەگلىكى (سەمەرقەنىت بىلەن jaxartes ئارىلىقىدا) ئەرەبلەرگە جاھىلانە قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسى بىلەن تونۇلغان. مەئىمۇن ئۇ جاينىڭ پادىشاھى كاۋۇسقا قارشى جازا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن ئەۋەتكەندە كۋۇس ئوغلى فازىلنى ئەۋەتىپ تۈركلەرنى تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، فازىل كېيىنچە ئۇلارنى چۆللۈكتە تاشلاپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاچلىقتىن ئۆلگەن. ئابىد ئەل راخمان مۇتەۋۇرى ھەم كاۋۇسلارنىڭ توپىلىڭى ئوخشاش بىر يىلدا يۈز بەرگەن. ئارىلىق يىراق بولسىمۇ ئاشۇ رەھبەرلەر ئوتتۇىرسدا ئاز-تولا چۈشىنىش ھاسىل قىلىنغان بولسا كېرەك. ئابىد ئەل راخماننىڭ ماۋائۇننەھىردىكى ئاز بىر قىسىم ئابباسىيە ئارمىيىسى ئىچىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىش غەرىزىدە بولغانلىقى ئېنىق(80). شۇڭا، شۇنى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇكى تەمىم ئىبىنى بەھرنىڭ ئاتلىق سەپەر قىلىپ مۇتەۋۋەر دەپ ئاتىلىشى ئوخشاش بىر ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. تەمىمنىڭ بەزى مۇھىم ۋەزىپە سەپەر قىلغانلىقى شۇ نۇقتىدىن مەلۇمكى، قاغان ئۇنى ئات بىلەن تەمىن ئەتكەن. شۇنداقلا سەپەر سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كەتكەن(ئۇنىڭ تەكشۈرۈشىگە بۇنىڭ مۇئەييەن زىيىنى بولغان). قاغان كۈنپېتىشنى تەكشۈرۈش ھەم غەربكە كېڭىيىش ھەۋىسىدىن باشقا، مانى دىنىدىكى ئۆز دىنداشلىرىنىڭ ئىسلامغا بۇرۇلۇپ كېتىشىدى ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن(81). |iBf6smF
ئەل فىھرسىت(alfirist) نىڭ ئاپتورى(337-بەتتە) مانىزىم دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى يولىدىكى بىر قېتىملىق مۇرەسسە توغرىسىدا نەقىل كەلتۈرلىدۇ. بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار سەمەكەنىتتە 500 گە يەتكەندە خۇراسان ھۆكۈمىرانى ئۇلارنى يوقىتىشنى قەسىتلىگەن. بىراق، جۇڭگو پادىشاھى ـــــ («بىراق مەن ئۇنى توققۇز ئوغۇز ھۆكۈمىرانى دەپ قارايمەن» دەپ قوشۇپ قويىدۇ). ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنى ئۆز ھۆكۈمىرانلىقىدا ئاشۇ مانى مۇرىتلىرىدىنمۇ كۆپ مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىنى ئىما قىلىش بىلەن ئاگاھلاندۇرغان. جۇڭگو بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ئارىلاشتۇرۇۋېتىلىشى ئۇيغۇرلار تېخى ئورخۇن ۋادىسىدا تۇرۇۋاتقان مىلادىيە 840-يىلىدىن بۇرۇنقى ئىشلار ئىدى. ATc!c +
ئەگەر بىز c تەدبىرنى قوبۇل قىلساق، تەمىمنىڭ سالاھىيىتىنى مىلادىيە 821-يىلىنىڭ باشلىرى، يەنى جوڭ تى قاغان (10-قاغان مىلادىيە 821 ــــ 824-يىلى ھۆكۈمىرانلىق قىلغان) تەيخى مەلىكىگە ئۆيلەنگەندە ياكى ئۇنىڭ ئالدىدا تەخىتكە ئولتۇرغۇچى باۋيى قاغان(ئۇ مەلىكە يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى قازا قىلغان. ئۇ 9-قاغان بولۇپ 808 ــــ 821-يىللاردا تەخىتكە ئولتۇرغان) ھۆكۈمىرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سەپەرگە ئاتلانغان. }15&<s
تەمىم ئىبنى بەھرنىڭ ئىسمى (82) كىشىگە ئەرەب ئەۋلادلىرىنى ئەسلىتىدۇ. بىراق، ئابدى ئەل راخمان ئىبنى ئامىرغا ئوخشاش خۇراساندا ئۇزاق تۇرغان جگمەتكە مەنسۇپ بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ قىماقلارغا قىلغان ئاتلىق ساياھىتى، ئۇنىڭ تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدىكى كەڭ دائىرىلىك دىپلوماتىك پائالىيىتىنىڭ ئىنكاسى ئىدى. ئۇ زىيارەت قىلغان قىماقلار ئېرىتش دەرياسى ۋادىسىدا ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئىتىپاقچىلىرى تېخىمۇ شىمالى رايوندا(83)، ئۇلارنىڭ ماۋائۇننەھىر ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى ھەققىدە، قىماقلار ھەققىدە، قىماقلار تەرەپتە ھەربىيلەر قاراۋۇللۇق ئورنى بارلىقىغا ئالاقىدار پاكىتتىن باشقا خاتىرە يوق. m)<+?Bv y
مەن c تەدبىرنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشنى قوللايمەن. چۈنكى، ئۇ باشقىلرىغا قارىغاندا كىشىنى تېخىمۇ قايىل قىلىدۇ. يەنە كېلىپ، ئۇنىڭدا ماۋائۇننەھىردە يۈز بەرگەن ئىشلار مۇۋاپىق چۈشەندۈرلۈش بىلەن بىرگە، خاقاننىڭ جۇڭگو وردىسى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى، «ئالتۇن چېدىر»ھەم قارلۇق رايونىدىكى ئورنىغا ئالاقىدار تەپسىلاتلار مۇۋاپىق بايان قىلىنغان. 3
I%N4K4
تەمىمنىڭ ساياھىتى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشىمىز، مەشھەد بىر قەدەر مۇكەممەل قوليازما تېكىستىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تۈزىتىلگەن بەزى پىكىرلەرنى ئالىملار يەنە مۇھاكىمە قىلىپ كۆرسە بولىدۇ. 8NNh8k#6
1. ئىبىن خۇردا زىبھىنىڭ ئەسىرىنىڭ ۋاقتى ھەققىدە بۇ ئەسەرنىڭ تەھرىرى ئۇنىڭ ئىككى نۇسخىسى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ بىر تەخمىنەن 846-، 847-يىللىرى يېزىلغان. يەنە بىرى تەخمىنەن 885-، 886-يىللىرى يېزىلغان(قوليازما A نۇسخا). ماكۇرات تەمىمنىڭ خاتىرىسىدىن ئېلىنغان نەقىلنىڭ ئاشۇ ئىككى خىل قوليازمىنىڭ ھەر ئىككىسلىدە ئۇچرايدىغانلىقىنى، تەمىمنىڭ مىلادىيە 866-يىلىدىن كېيىن تۇرپاندا ئولتۇراقلاشقان كېيىنكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇ ئەسەرنىڭ پەقەتلا بىر خىل نۇسخىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. تەمىمنىڭ ساياھىتى مىلادىيە 821-يىلى باشلانغانلىقىغا ئاساسلانغان چېغىمىزدا بىز دې گوجېنىڭ مۇلاھىزىسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. Wkk(6gS,
2. بىزنىڭ ئانالىزىمىزدىن كېلىپ چىققان خۇلاسە ماكۇراتنىڭ توققۇز ئوغۇز = ئۇيغۇر دېگەن مۇلاھىزىسىنىڭ كۈچەيتىلمىسىدىن ئىبارەت، خالاس. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا بۇ قاراش توققۇز ئوغۇز شاتۇ تۈركلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك(يۇقىرىغا قاراڭ 281-بەت) دېگەن قارىشىغا زىت كېلىدۇ. توققۇز ئوغۇز دېگەن نامنىڭ كېلىش مەنبەسى تېخىچە ئېنىق ئەمەس. بىراق، بۇ نام ئورخۇندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تىيانشان ۋادىسىدىكى ئۇلارنىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرىغا قارىتا ئىشلىتىلگەن(بىز شۇنى قوشۇپ قويالايمىزكى قارا بالغاسۇن مەڭگۈ تېشىدا ئورخۇندىكى 9-قاغاننىڭ تىبەتلەردىن بېشبالىقنى تارتىۋالغانلىقى بايان قىلىنغان. بىراق، ‹Haloun› نىڭ بۇ پىكرىنى قوبۇل قىلالىشىغا بىر نەرسە دېيەلمەيمىز). I(BJ1 8F$
3. تەمىمنىڭ ساياھىتى ھەققىدىكى تەدبىرىمىز بەزىلەرنىڭ سمرغرنى توققۇز ئوغۇز ياكى توققۇز ئۇيغۇر دەپ ئوقۇشتەك ئۇنتۇلغان مەسىلىگە دىققىتىنى جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ(84). بۇ مەسىلە توغرىسىدا نولدېك پەھلىۋى تېكىستىگە ئاساسەن Z ھەرپىنىڭ ئورنى بۇ نامنىڭ ئاخىرىدا بولىدۇ(85)، دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇر ھەم تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدا Toguz-oghuz نامى مەۋجۇت. ئەڭ دەسلەپ بۇ نام بەزى ئالاھىدە قەبىلە ئىتتىپاقلىرىنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. [>p!*%m
4. بۇ ماقالە ئارقىلىق يەنە بىر قىسىم ئەرەب جۇغراپىيچىلىرىنىڭ نام-شەرىپىنىڭ مالغا يېپىلغان ياپراقتەك ئۇلارنىڭ ئەسەر مەزمۇنلىرىنى بېسىپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارزۇسىدىمەن. خۇددى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تاموژنا ساقچىسىغا ئوخشاش بىر شەرقشۇناس بىر دۆۋە مالنىڭ ئىچىدىكى تەركىپلەرنىڭ پەرىقىنى بىلىشى كېرەك. بارچە مەنبەلەر ھەققىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇزاق مەزگىللىك ھەم جاپالىق ئەمگەك، بىراق ئۇ ئەنئەنىۋى ئىلىمنىڭ سىرلىق قەلئەسىدىن ئۆتۈشتىكى بىردىنبىر ئىشەنچلىك ئۇسۇلدۇر. Ofoh4BL'1@
5. قوشۇمچە Q/Z>w+zh#
مەشھەددىكى قوليازمىنىڭ تۈركلەرگە ئالاقىدار مەزمۇنى توغرىسىدا ئا. ز. ۋەلىدىنىڭ رۇسىيە پەنلەر ئاكادىيمىسى پەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئەسىرى (1924-يىل 3-، 240-بەتلەر). مەن تەرجىمىسىنى بەرگەن 13 ـــــ 15 قۇرلۇق تېكىستىن باشقا، بۇنىڭ ئالدىدا تېكىست بار بولغان بىرەر مۇكەممەل خاتىرىگە ئىگە ئەمەسمەن. مەشھەد قوليازمىسى مۇنداق جۈملىدىن كېيىن باشلانغان: {_\
dwe9
Fibulahim wa fi biladi mnal khutu 1nvT={'R
al-jayyad huwa jubbatu dubbatintu sudu X{!,j}
ئىبنى فەقىھنىڭ نەشر قىلىنغان قىسقارتىلىمىسدا بۇ تېكسىت 329-بەتنىڭ 9-قۇرىدا تۆۋەندىكى قۇرلاردىن كېيىن بېرىلگەن: o+}1M
Mahhab al-zanadqa wa al-ghalib &DYC3*)Jih
Ala al-atrak بۇ، تەمىمنىڭ ئەسىرىدىن ساقلىنىپ قالغان يېگانە خاتىرىدۇر. BGA نىڭ تېكىستىدە ئاشۇ قۇرلاردىن كېيىن مۇنداق ئىبارىلەر بار: j&S.k
Wamin ajaib al-turbk na satun yCkc3s|DA;
Yastamtirunei bila ma shau p8.JJt^
بۇ مەشھەد تېكىستىنىڭ 14-بۆلىكىدىكى ئۈزۈندى بولۇپ، بۇ بۆلەكنىڭ ئاپتورى تەمىم ئەمەس بەلكى ئەبۇل ئابباستۇر. zD8$DG8
ياقۇتىنىڭ خاتىرىسىدە(I توم 890-بەت)تۈركلەرنىڭ توي ئادىتى ھەققىدە تەمىمنىڭ خاتىرىسىدىن ئېلىنغان نەقىللەر بار. بۇ نەقىللەر نەق ئوتتۇرىدىن ئۈزۈك. بىراق، نۇشاجان ھەققىدىكى جايلاردا (IV توم 823-بەت)ياقۇتى تەمىمنىڭ بارسخان ھەققىدىكى تەسۋىرىنى قايتا نەقىل قىلغان. بۇ ۋاقىتتا ياقۇتى، ئىبنى ئەل فەقىھنىڭ ئاشۇ بايانلىرىنى تەمىمنىڭ ئەسىرىدىن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىشكە قادىر بولبىۋاسىتە. تەمىم خاتىرىدىن ئېلىنغان بىۋا ستە نەقىلدىن كېيىن (V توم 840-بەت)ياقۇتى، ئەخ مەت ئىبىن مۇھەممەت ئەل مەھدانىدىن (ئىبىن ئەل فەقىھ)ئېلىنغان يادا تېشى ھەققىدىكى ئۇزاق رىۋايەتنى نەقىل كەلتۈرگەن. بۇ رىۋايەتنىڭ ئازلا بىر قىسمى فەقىھنىڭ قىسقارتىلام ئەسىرىدە ساقلىنىپ قالغان (BGA. V توم 329-بەت). jb/C\2U4)
!JDuVqW
ئىزاھاتلار: 2'W#x
(1) مەرۋىزى ھەققىدىكى ئەسىرىمگە قارالسۇن، 147-بەت Q8l vwip
(2) «مەرۋىزى جۇڭگو، تۈركلەر ھەم ھىندىستان توغرىسىدا» پادىشاھلىق ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى ژۇرنىلى،1942-يىللىق سان. 68 ــــ 111-بەتلەر. k:j?8o3
(3) A. R. H گىبنىڭ «ئەرەب تاجاۋۇزچىلىرى 715-يىلى قەشقەردە»دېگەن ماقالىسىگە قارالسۇن. BSOS 3\II 1922-، 467 ـــــ 674. گىب «ئوئەرەبلەرسىيادىكى ئەرەپلەر توغرىسىدىكى خەنزۇچە خاتىرىلەر»يۇقىرىقى ژۇرنال 4\ 1922. 622\613. بويسۇندۇرۇشىەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرشى»1923. 12-، 13-بەتلەر. CUC]-]8
(4) خەلپە ئىنامنىڭ ئەلچىسى (مىلادىيە 724 ــــ 743-يىللىرى) بۇ ھەقتە ماكۇراتنىڭ 1920-يىلى يېزىلغان ئەسىرىنىڭ 289 ــــ 293-بەتلىرىگە قارالسۇن. تەرجىمىھال سالام خەلپە ۋاتىق(مىلادىيە 842 ــــ 847-يىللىرى) دەۋرىدە شۇنىڭغا ۋاكالىتەن بارغان. «ھودۇدۇلئالەم» 225-بەتكە قاراڭ. ئىبىن فازىل 921-يىلى كۇۋالىسكىنىڭ رۇسچە تەرجىمىسىگە قاراڭ. 1939-يىلى، ھەم زېكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ 1940-يىلىدىكى ئاخىرقى ئەسەرلىرىگە قاراڭ. (ئىزاھات يېڭى نەشرى U. S. S. R دا تەييارلانغان). ئەبۇ دۇلەھەف ساياھىتى(تەخمىنەن مىلادىيە 941-يىلى باشلانغان دەپ پەرەز قىلىنىدۇ) ھەققىدىكى ساختا بايان توغرىسىدا ماكۇراتنىڭ ئەسىرى 74 ـــــ 95-بەتلەرگە قاراڭ. ماكۇرات ئەڭ ئاخىردا مەزكۇر دوكلاتنىڭ ساختىلىقى ئەبۇ دۇلەھەبگە تەئەللۇق دەپ خۇلاسە چىقارغان. ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەسىرىنى ماكۇرات پىلانلىق ھالدا بۆلۈۋەتكەن. ئەبۇدۇلەھەبنىڭ كۆپ ئەسەرلىرىنى ئا. ۋون روخرىسائو ئېر رەتلىگەن. مەن بۇلارنى پەقەت پىرامنورخ. ۋون مزكنىڭ قارااشلىرىدىن بىلدىم (022، 1942-يىلى، V توم، 240-بەت). l&W:t9o
(5) سۈپ ۋىسبىردى: ئەدەپسىز سۆزلەر، I توم، 840-بەت، 1 ـــــ 15 قۇرلار. نۇشاجان، IV توم، 823-بەت. 7bGt'gvv
(6) بۇ بايقاشنى زېكى ۋەلىدىنىڭ: «ئىبىن ئەل فەقىھنىڭ مەشھەد قوليازمىسى»، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەن نەشرىياتى 1924-يىلى، 237 ــــ 248-بەتلىرىگە قاراڭ، ھەم زېكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ: «ئىبىن فەزلاننىڭ ساياھىتى»غا قاراڭ(ئوخشاش مەشھەد قوليازمىسىدىن كېيىن رەتلەنگەن). %t9Kc9u3p
(7) BGA, De. Coeje نىڭ ئەسىرىگە قاراڭ. V توم. 12-بەت. 9"
B;o
(8) ئۇنىڭ ئىبىن فەقىھدىن كۆچۈرگىنى مەشھەد قوليازمىدىن تولۇقتەك كۆرۈنىدۇ. 14-ئابزاس بىلەن ياقۇتنىڭ تېكىستى سېلشتۇرۇلدى. K'"s9b8
(9) شەھەر بىلەن ناھىيىنىڭ ئالماشتۇرلۇپ ئىشلىتىلىشى. 225-بەت. ئى ھەققۇل 285-بەت. _Y6Ezh.
(10) ياقۇتنىڭ ئەسىرىدە دېيىلگەن «ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقى» W S9:*YH
(11) . Kh I. 28 قۇدامە، K,wyk.t. b=W kRj
(12) مۇشۇ يەردە تەمىمدىن ئېلىنغان نەقىل ئاخىرلىشىدۇ. |D'!.$7%
(13) 13-ئابزاس بەكلا مۈجمەل، توققۇز ئوغۇز خانى جۇڭگوغا ئەمەس ماۋائۇننەھرگە تاجاۋۇز قىلغان. بۇ مىلادىيە 821-يىلىدىكى تىلغا ئېلىنغان ئىش بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ئەبۇل فازىل ئۇلارنى مىلادىيە 751-يىلى جۇڭگو ھۈنەرۋەنلىرى قولغا چۈشۈرگەن، جۇڭگو مۇسۇلمانلار ئۇرۇشى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەيدۇ. مېنىڭ مەرۋىزى ھەققىدىكى ئەسىرىمنىڭ 67-بېتىگە قاراڭ. l.}gWN9-
(14) 14-ئابزاس ئەبۇ فەقىھنىڭ قىسقارتلمىسىدىمۇ ئۇچرايدۇ. بىراق ياقۇتىنىڭكىدە تېخىمۇ تەپسىلىي I. 2 ــــ 840. ئېھتىمال، ئەبۇ فەقىھ ياقۇتنىڭ مەنبەسى بولسا كېرەك. V0#E7u`4
(15) «ھودۇدۇلئالەم»(7-، 267-بەتلىرىگە قاراڭ) بۇ ھەقتىكى دەسلەپكى ئانالىزمغا قاراڭ. مەن بۇ ھەقتە كەڭ چۈشەنچە بەرگەن.
(16) «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى»شەرقىي يۈز، 19-قۇر. 5*B'e{C
(17) «شىنە ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى»رامسىتىتنىڭ ئۇيغۇرچە، رونىك مەڭگۈ تاشلىرىدىن ئىككى پارچە دېگەن ئەسىرىگە قاراڭ. @k:@mzB7R
(18) ئا. ن. بېرنىشتام: «ئورخۇن ــــ يېنسەي تۈركلىرىنىڭ جەمئىيەت ھەم ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى»(رۇسچە) موسكۋا. 1946. 53-بەت. t[ b(erO'
(19) سىچگىل: «قارابالغاسۇندىكى خەنزۇچە مەڭگۈ تاشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزلىرى»، 1896-يىلى، ئە، خانىس «قارا بالغاسۇندىن تېپىلغان سوغدىچە مەڭگۈ تاش». 1930-يىلى، «ھون ــــ ئۇگۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلى». 0r&FH$
(20) F. Hirth «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىغا مۇقەددىمە»، پېتىربۇرۇگ، 1899-يىلى. 36-بەت. چاۋاننېس «غەربى تۈرك خانلىقىغا دائىر ماتېرىياللار»34-بەت. `I|Y7GoUO
(21) مەرۋىزىنىڭ دېگىنىگە ئاسالانغاندا، تولۇن يەنى مىسىردا تولۇند سۇلالىسىنى قۇرغۇچىنىڭ ئاتىسى توققۇز ئوغۇزلاردىن ئىكەن. ھىجرىيە 200-يىلى (مىلادىيە 815-، 816-يىللىرى) بۇخارادىكى سامانىيلار ھۆكۈمىرانى نۇھ بىننى ئەسئەت تەرىپىدىن، باشقا سوۋغا-سالاملارغا قوشۇپ مەئىمۇنغا ئەۋەتكەن. تېخىمۇ توغىراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىش ھىجرىيە 204-يىلى (مىلادىيە 819-يىلى) مەئىمۇن سەمەرقەنىتنى نۇھقا بېرىۋەتكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. Ut2x4$9
(22) مەسئۇدى I توم، 288-بەت(ئۇنىڭ مۈجمەل يېرى I توم، 305-بەتنىڭ ئاستىدا،(توققۇز ئوغۇجۇڭگونىڭتىبەت، قارلۇق، قىرغىز ھەم جوڭگونىڭ ئارىسىدا)؛ گەردىزى، بارتولىد ئەسىرىنىڭ 2 ـــــ 90-بەتلىرىدە، «ھودۇدۇلئالەم»12 §، مەرۋىزى 78-بەت. 2|M,#2E-
(23) ئېھتىمال Adhkish بولۇشى مۇمكىن. ئىبىن خۇردە زىبھ(37-بەت). 4 T/ ~erc
(24) ئېھتىمال مەجغارى بولۇشى مۇمكىن(باشقىلاردىن؟). !E *IktAI
(25) تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بەھرەم جرىبىنغا رەقىب بولۇشى ھەققىدە نولدىكنىڭ ئەسىرىگە قاراڭ. پاكىتلارغا قارىغاندا شاۋا(شاۋاغ) لار ئېفالىتلار ئىكەن. ماكۇرات ئىرەنشەھەر 4 ــــ 83-بەتلەر. PCKx
o;bD
(26) بىرنىشتام سويابنى چۆلنىڭ شەرقى تەرىپىدە دەپ قارىغان. بىراق، بۇ يەردە ئىككى شەھەر ئوتتۇرىسىدا مۈجىمەللىك مەۋجۇت. ئىبىن خۇردە زىبھ 28-بەت ھەم قۇدامە 200-بەتكە «تۈرك خانلىقىنىڭ شەھىرى(يېزىسى) چۇ دەرياسىنىڭ غەرب(؟) ىدە»، دەپ تىلغا ئالغان. Hu
!
(27) شاتۇلار، چىگىللاردىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار غەربي تۈركلەر تەرىپىدىن بىرلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇلار تۈركلەرنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ بولمىغاندەك قىلىدۇ. چىگىللارنىڭ ئەسلىي تېروتېرىيسى VII ئەسىردىن بۇرۇن گۇچىڭ(古城) ئەتراپىدا بولۇپ، شەرقتە ماناس بويىدىكى چۇمۇل قەبىلىسى بىلەن تۇتىشاتتى. خەنزۇلار 654-يىلى بېشبالىقنى قۇرغاندا، چىگللەر بارىكۆلگە يۆتكەلگەن. ئۇلار نىڭ بىر بۆلىكى(؟)شاتۇ (قۇملۇق تۈركلىرى)نامى بىلەن تونۇلغان. 794-يىلى شاتۇلار تىبەتلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرلۇپ، گەنجۇ رايونىغا كۆچكەن. 809-يىلى شاتۇلار خەنزۇلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرلۇپ، يەنى شىمالىي ئوردۇس يايلىقىغا كۆچكەن ھەمدە شۇ جايدا ئولتۇراقلشقان. شىياكنىس: 7.2 ـــــ 452؛ چاۋانىس9.31 ــــــ 96. =D 5!Xq'|
(28) ئەبۇ زەيىد ئارقىلىق قوشۇمچە ماتېرىيالنىڭ ئاپتورى سودىگەر(؟) ئاتالمىش سۇلايمان مەسئۇدى (I، 6 ـــــ 353) ئۇنى بەسردە 915-يىلى ئۇچراتقان. Zl2doXC
(29) كېيىنچە ئۇيغۇرلار ئۆز نامى بىلەن تونۇلۇشقا باشلىغاندا، ئۇيغۇرلار بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ئوخشاشلىقى تېخىمۇ بەكرەك تونۇپ يېتىلمىدى ھەم ئىلگىرى توققۇز ئوغۇزلار ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئايرىم ۋە مۈجمەل گۇرۇپپا دەپ قارالدى. مەرۋىزى. 29-بەت. #Pq6q.UB
(30) Wzkm 1898-يىلى. 12 ــــ 170. شۇنداقلا «كۇمانلار»دېگەن ماقالىگە قاراڭ. 201-بەت. &#]||T-
(31) F. Hirth نىڭ ئەسىرىگە قاراڭ. 34-، 37-بەت. yv5c0G.D
(32) «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»نىڭ «غۇز»ھەم «توققۇز ئوغۇزلار»دېگەن ماۋزۇلىرىغا قاراڭ. غەربىي تۈركلەر شۈبھىسىزكى، ئون ئۇرۇق(ئون ئوق) تىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ «توققۇز ئوغۇز»دەپ ئاتىلىشى مۇمكىن ئەمەس. kr]_?B(r
(33) ماكۇراتنىڭ ئەسىرى، 80-بەت، 390-بەت. vRO`hGH
(34) تۈرك تارىخىدىن 12 لېكسىيە. 54-بەت. «ئىسلام ئىنسىكىلوپىدىيىسى»، ‹توققۇز ئوغۇز›. Cz4l
(35) «مۇدجىمىل تارىخ»باھار 1939-يىلى 99-بەت. ئىسسىق كۆل بولسا تۈركلەرنىڭ ئەسلى ئانا ماكانى، «ھودۇدۇلئالەم»، 292-بەت. y;LZX-Z-
(36) ئا. ن. بېرنىشتام «شىمالى قىرغىزىستاندىكى ئارخىئولوگىيلىك تەكشۈرۈش»(رۇسچە 1941-يىلى، 2 ـــــ 80-بەت). ?vP}#N!=d
(37) شۈەنزاڭ تىلغا ئالغان «ئەجدىھا»بىلەن تەمىم تىلغا ئالغان «سۇ ھايۋىنى»نىڭ ھەر ئىككىسى ئەمەس. }e,*'mCC*
(38) ئەرەبچە مەنبەلەردىكى تاراز تالاسىنى كۆرسىتىدۇ. ns8I_H
(39) تالاسىنىڭ ھازىرقى خارابىسى، تاشكەنىتنىڭ شەرقى شىمالىدىن 28 كىلومېتىر كېلىدۇ. d!q)
FRzi
(40) بىرنىشتام ناۋاكەنىتنى ئورلۇكا كەنتىگە يېقىن، چۇ دەرياسىنىڭ غەربىدە دەپ قارىغان. بىراق، «ھودۇدۇلئالەم»دە بۇنداق خاتىرىلەنمىگەن. 290 ـــــ 298-بەتلەر. DzvGR)>/
(41) «ھودۇدۇلئالەم»، 273-بەت (3-، §12) ھەم 293-بەت (13-، 15 §) كە قاراڭ. hKp-"
(42) بۇ جايدا بىز مۇنداق سۆزلەر بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلالايمىز: «(لار توققۇز ئوغۇزلاردۇر. تۈركلەرنىڭ ئالدى تەرىپىدە) تۆۋەنكى نۇشاجان دېيىلىدۇ». )G9,5[
(43) كۆچۈرگۈچى كاتىپ ئۇنى X ئەسىردىكى يەر، دەپ ئويلاپ ھۇخم ھرىرخا ن(ئۇيغۇرلار يۇرتى)نى مۇخىم ھراخان قىلىپ خاتا يېزىپ قويغان(بۇغراخان، يەنى قاراخانىيلارنىڭ قەشقەردىكى ئەجدادى)«ھودۇدۇلئالەم»278-بەتكە قاراڭ؛ بىرئارىلىقسىتىلگەن بۇ ئارلىق بەكلا قىسقا. e p\a
(44) «ھودۇدۇلئالەم»273-بەت (3-، 12 §) ھەم 293-بەت (13-، 15§) قا قاراڭ، قۇدامە بىلەن گەردىزىنىڭ بەزى كۆرسەتمىلىرى ئوخشاش. ?s{Pp
(45) I. faqih ئەسىرىنىڭ قايتا نەشرى BaA. 329-بەت ھەم ياقۇتى ئەسەرلىرى IV توم.823-بەت. & Pzr)W(
(46) بالاىۇرى، دېگوجى سۆزلۈك جەدۋىلى، 52-بەت. ئەرەب ساياھەتچىلىرىنىڭ قوللانمىسىنى ئانالىز قىلىپ، بىرنىشتام بىر پەرسەخنى 6 كلومېتىغا تەڭ دەپ خۇلاسىلىگەن. v!?>90a
(47) خەنزۇچە مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، قارا بالغاسۇندىن (خۇاڭخى دەرياسى، ئوردۇس ئەگمىسىدە) چاڭئەنگىچە بولغان ئارىلىق 4000 چاقىرىم، يەنى 2450 كىلومېتىر كېلەتتى(ھالون). q \\52:\
(48) خەنزۇلارنىڭ ئەلچىسى ۋاڭ يەندى بۇ كۆلنى بېشبالىققا يېقىن دەپ تىلغا ئالغان بولۇپ، ئېنىقكى بۇ تەبىئىي كۆل كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. «ھودۇدۇلئالەم»، 269-بەت. cH\.-5NQ
(49) «100 ئادەم بىمالال سىغىدۇ». بۇ جۈملە مەشھەد قوليازمىسى ھەم ئىبىن خۇردە زبىھ(31-بەت) ھەم ياقۇتنىڭ ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان. ياقۇتنىڭ ( Iتوم، 840-بەتتە)ئەسىرىدە بۇ بايان خاتا ھالدا: «پادىشاھنىڭ چېدىرى ئالتۇن بولۇپ قەلئەنىڭ تۆپىسىدە ئىكەن. ئۇنىڭغا 900 ئادەم سىغىدىكەن»دەپ توقۇلغان. بۇ بۆلەك ئەبۇدۇلافنىڭ چېدىر ھەققىدىكى ساختا بايانى بىلەن بىرلىشىپ ھەم تەزۋىن نۇسخىسىدىن ئېلىنغان بۇ قوشۇمچە بۆلەك ۋۇستنمولد تەرىپىدىن مۇنداق تەرجىمە قىلىنغان: «خاقاننىڭ ئالتۇن چېدىرى بار بولۇپ، ئۇ قەلئە ئۈستىدە ئىكەن. ئۇنىڭ 100 ئادەم سىغققۇدەك، شۇنداقلا ئۇنى بەش پەرسەخ يىراقلىقتىن كۆرگىلى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ بايرىقى قارا رەڭدە ئىكەن. بىز ئىنتايىن قورقىنچ ئىچىدە(تەخمىنەن) 20 كۈن ساياھەتتە بولدۇق»بۇ يەردىكى كۈن تەمىمنىڭ كۈن سانىنىڭ تەكرارلىنىشى بولۇشى مۇمكىن. l8ZzKb-
(50) چاۋاننس: «غەربى تۈركلەرگە دائىر ماتېرىياللار توپلىمى». 305-بەت. |<1
(51) مەن ئۇنى ئىئاكنۋنىڭ رۇسچە تەرجىمىسى(2\1، 449-، 450-بەتلىرى) دىن بايقىدىم. بىراق، دوستۇم فىروففىسور گ. ھالون بۇ پۈتۈن بۆلەكنى ماڭا قىزغىنلىق بىلەن تەرجىمە قىلىپ بەردى. ئۇنى ئۈزۈندى ھالىتىگە يىغىنچاقلىدىم. "EC,#$e%ev
(52) خۇردە زىبھ ئەسىرىدە تەكرارلانغان(31-بەت). قۇدامە، 262-بەت. ياقۇتىنىڭكىدە ئىككى قېتىم تەكرارلانغان(I توم، 840-بەت ھەم IV توم 843-بەت). 4o*wLCo7^
(53) رادلوف: «موڭغۇل ئاسار ئەتىقىلىرى ئاتىلسى». 27-بەت. V@Fj!
/
(54) دولېجۈنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسلانغاندا: «بېشبالىقنىڭ ئۈچ دەرۋازىسى بار». zro، 1915-يىلى 14-بەت. بۇ شەھەرنىڭ ئۈچ دەرۋازىسى بار(؟) سىتەيىن «ئىچكى ئاسىيا»23-، 24-بەت. ;?0k>
(55) شىنە ـــ ئۇسۇ مەڭگۈ تېشىدا تىلغا ئېلىنىشىچە(غەربىي يۈز 5-قۇر) بايبالىق شەھرى خاقان سوغدىيان ھەم خەنزۇلارغا سېلىنگا ۋادىسىغا سېلىپ بەرگەن شەھەر ئىكەن. 72 >/@
(56) مەن پروفېسسور ھالوننىڭ ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە سابىق ئوڭگۇت رايونىدىكى ئوتتۇرا ئەسىر تەرىقەتچىلىك ئىزلىرى توغرىسىدا ئەسكەرتمە بەرگەنلىكىدىن، شۇنداقلا قەدىمكى قىرغىزلار رايونىدىمۇ شۇ خىلدىكى ئىزلارنى ئىزدەپ كۆرۈش ھەققىدىكى تەكلىپىدىن بەكمۇ مىننەتدارمەن. ئەپسۇسلىنارلىقى بىز تەمىمنىڭ ماڭغان يولىنى بىلمەيمىز. 0')O4IHH
(57) «تاڭنامە»ھەم گەردىزىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، قىرغىزلار ئۇلارنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىردە ئوتقا چوقۇنۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا pus لار «مەمۇرى»دەپ ئاتالغان. D^9r#&
(58) چاۋاننېس، فىللئوت: «مانى دىنى جۇڭگودا»، 1913-يىلدىكى نەشرى، «ئاسىيا ژۇرنىلى»، 261 ـــــ 303-بەت. bjEm=4FI;
(59) بارتولد: «ئوتتۇرا ئاسىيانى تەكشۈرۈش خاتىرىسى» 2 ـــــــ 90(تەرجىمىسى 16 ــــ 144-بەت). YYUWBnf30G
(60) «ھودۇدۇلئالەم» مىلادىيە 982-يىلى يېزىلغان. بۇ بۆلەك ئېھتىمال X ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمدا يازغان جەريانىدىن نەقىل ئېلىنغان بولسا كېرەك. Mm+kG'Z!S
(61) قارلۇق ــــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇش دەۋرىدىكى بايانلىرىنى «ھودۇدۇلئالەم»دىن كۆرۈڭ(12-، 15§). qkN{l88
(62) ماكۇراتنىڭ ئەسىرى، 91-بەت. (},TZ+u
(63) 809-يىلىدىن كېيىن شىمالى ئوردۇس يايلىقىدا ماكانلاشقان. يۇقىرىغا قاراڭ، 288-بەت 5-قۇر. |+Fko8-
(64) بىرىنچى ۋەقە قىرغىزلار تەرىپىدىن (يەنىلا يېنسەي دەرياسى ۋادىسىدا) پەيدا قىلىنغان. ئىككىنچى قېىملىقى قارلۇقلار تەرىپىدىن ھەم تۈركەش ئىتىتىپاقىنىڭ قالدۇقى تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان. w(KB=lA2
(65) تېخىمۇ ئېنىقراقى، «كۈۋپكەت يېزىسىدىن»12-ئابزاسقا قاراڭ. MxO0#
(66) خرىد: «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىغا مۇقەددىمە»36-بەت. VMZ"i1rP
(67) ئوخشاش نەتىجە تۆلەس ئىتىپاقىنىڭ ئەسلىدىكى 15 قەبىلىنىڭ قوشۇۋېتىلىشى بىلەن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن(ئۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى، ئىئاكنېۋ 2\1، 426 ـــــ 442-بەت، چاۋاننىس 8 ــــــ 87-بەت) قارلۇق ھەم باسمىللارمۇ شۇ قاتاردا ئىدى. 5g3D}F>OJ
(68) ئىئاكنېۋ: 2\1، 382 ــــــ 426-بەتلەر، چاۋننىس، پىللئوت، 286-بەت. gE>_:s
(69) ئىئاكنېۋ: 2\1 403 ـــــ418-بەتلەر، چاۋاننىس فىللئوت 277-بەت. ۋاڭ يەندىنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا ئۇ 981-يىلى تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان. «ئاسىيا ژۇرنىلى»1847-يىلى IX. 64. بىر ياخشى ئاتنىڭ باھاسى پەقەت بىر توپ يىپەك، ئادەتتىكى ئاتقا ب ىر گەز(ئۈچ مېتىر)يىپەك بېرىلەتتى. nDvj*lZF
(70) قانداقلا بولمىسۇن، 827-يىلى ياش تۇل ئايال مەلىكە تەيخى يەنىلا يايلاق دۇنياسىدا تۇرۇۋاتاتتى. تۆۋەنگە قاراڭ. 302-بەت. l|c#
(71) ئوتتۇرا ئەسىر تەتقىقاتى، i. 242-بەت. 5P'
(72) تۆۋەن نىسبەتتە كۈنىگە 30 كىلومېتىر ھېسابلانسا، ساياھەتچى 90 كۈندە 2700 كىلومېتىر يول يۈرىدۇ. "Y Z B@
(73) سىچېگېنىڭ تەڭرى خاقاننى خاتا ھالدا جۇڭگو ئىمپېراتورى دەپ قارىغانلىقىنى ھەممە بىلىدۇ. چاۋاننىس فىللئوت «مانى دىنى جۇڭگودا». 1913-يىل، 198-بەت. 451TTqc
(74) خەنزۇچە يۈز 17 ــــــ 21-قۇر. سوغدىيانچە يۈز 19-، 2-قۇر. !z7j.u`Y
(75) دوستۇم دوكتۇر گ. ئېرىچ(1947-يىلى vii) مۇنداق دەيدۇ. J. h. run تىبەت خانىنىڭ ئىمنىك ئالدىنقى يېرىمى بولغان Khri ____ Sran نى كۆرسىتىش مۇمكىن. چۈنكى، Kh تاۋۇشى بەزى تىبەت دىئالىكىتىدا تاڭلاي تاۋۇشى بولۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. al9L+ruR
(76) يۇقىرىغا قاراڭ: 288-بەت. مەسئۇدى(288-بەت). y()7m/
(77) بارتولىد: ئەدەپسىز سۆزلەر، 176-بەت. DRC2U%[
(78) بۇ تەپسىلاتلار داڭلىق شاففارىد سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ياقۇب ئىبىنى لەيگە مەنسۇپ. b'Scoa7@'
(79) تەبىرىiii. 631: (ھىجرىيە 178-بەت): ئابباسىيلاردىن 20 مىڭ كىشى باغداتقا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ جايدا «ئەل كارانىيا»(كاللەكبەسەي يەيدىغانلار) دەپ ئاتالدى. ئۇلاردىن خۇراساندا قالغانلىرى قېلىۋەردى. مەرۋان ئىبنى ئابى ئەسكەرلەرنىڭ سانى ئازراق مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەن دېگەن. gi|j! m
(80) قوشۇمچە قىلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، مەشھەد قوليازمىنىڭ قالدۇق پارچىلىرىدىن 13-ئابزاستا، ئۇشرۇساناغا ئالاقىدار ۋەقەلەر بولۇشى مۇمكىن. گەرچە «توققۇز ئوغۇز»ۋەقەسى قارىماققا تەپسلىي بايان قىلغان«خادىل ھەم تۈركلەر»ۋەقەسىدىن پەرقلىق بولسىمۇ. >8$
]g
(81) ماكۇرات: wzkm. 1898-، 163؛ بارتولد: 12-لېكسىيە 55. =@F1J7
(82) «تەمىم»دېگەن ئىسىم ناسىر ئىبنى سەييار تەرىپىدىن كۆرۈلىدۇ. ئۇ راختىن ئىبنى سەيسنىڭ نەۋرسى بولۇپ، 806 ــــ 810-يىللىرى توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان تۈرك قەبىلىرىدىن ياردەم سورىغان. 775-يىلىدىن ئىلگىرى سەيىس(ئىبىن ناسىر؟) قەشقەردە تۇرۇۋاتقان پەرغانە ھۆكۈمرانلىرىغا ئەلچى ئەۋەتكەنلىكىنى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن ئىدى. xWv@PqXD
(83) بۇ ھەقتە«ھودۇدۇلئالەم»گە بەرگەن ئىزاھاتىمغا قاراڭ. 304 ــــ 310-بەت. T(UPWsj
(84) يۇقىرىقى 287-بەتكە قاراڭ، راسۇ ئەل دىندىن نەقىل. a9h K
8e
(85) دې گوجى: BaA.. Vii 8-بەت.(بۇ خۇلاسە ھۆججىتىمىزنىڭ دەۋرى ئۈچۈن مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە. r ۋەz تاۋۇشلىرىنىڭ ئۆزئارا نۆۋەتلىشىشىدەك تۈركىي تىلغا خاس ئالاھىدىلىكىنى دېمىگەندىمۇ شۇنداق قىممەتلىك. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا «ئوغۇز»، «ئوغرى» يەنە «ئۇيغۇر»دېگەنلەر ئوخشاش بىر نامنىڭ تۈرلۈك ۋارىيانتلىرى بولسا كېرەك). :`~;~gW<
Oq-O|qJj
3dlL?+Y#
ۋىلادىمىر مىنورىسكىي: «ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۈركلەر، ئىران ۋە كاۋكازلىقلار» دېگەن ماقالىلەر توپلىمىنىڭ 1979-يىلى لوندون ۋارىئۇرۇم نەشرىياتنىڭ ئىنگلىزچە نەشرىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى. tnv @`xBn
(مەنبە: خۇا تاۋ «Ⅷ-Ⅹئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»، تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆمەرجان نۇرى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2003. نەشرى.546 -610. بەتلەر) owz6j:
#bz#&vt$
يەنىمۇ كۆپ تارىخىي يازمىلار:http://www.honzade.com/ دا