مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       4025 
  •    ئىنكاس 
       56 

ئۇنتۇلغان چولپان-جۈرئەت ئوبۇلقاسىم

قەۋەت ئاتلاش
honzada
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6636

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   219 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6283 (سوم)
 ياخشى باھا:   271 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   368  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4611
 سائەت
دەرىجىسى:
4611 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-02

It 2U fW  
جۈرئەت ئوبۇلقاسىم دېگەن بۇ ئىسىم «جىننېس دۇنيا رېكورتى» بىلەن زىچ باغلانغان، شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە ئاۋۋال «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتۇق. r2G*!qK*1  
':;LrTc'K  
«جىننېس دۇنيا رېكورتى» دېگەن نېمە؟ B {i&~k  
جىننېس (Guinness 吉尼斯) ئەسلىدە بىر پىۋا زاۋۇتىنىڭ نامى ئىدى. «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ناھايىتى تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە بارلىققا كەلگەن. بىر كۈنى زاۋۇت دىرېكتورى Beaver چوشقا ئوۋلاۋېتىپ، ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر قۇشنى كۆرۈپ قالىدۇ. كۆپچىلىك بۇ قۇشنى «ياۋروپادىكى ئەڭ تېز ئۇچىدىغان قۇشمۇ ئەمەسمۇ» دېگەن مەسىلىدە مۇنازىرىلىشىپ قالىدۇ. لېكىن، ئىلگىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرۇلمىغاچقا، بىردەكلىككە كېلەلمەيدۇ. h1%y:[_  
-"Gl 4)  
Beaver ئىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. 1954-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇ قوشكېزەك ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە «دۇنيادىكى ئەڭ» نى خاتىرىلەيدىغان شىركەت «جىننېس شىركىتى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىزمەت رەسمىي باشلىنىپ كېتىدۇ. mvf _@2^  
1XnBK$`  
1955-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى «جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسىنىڭ تۇنجى سانى نەشردىن چىقىدۇ. «جىننېس دۇنيا رېكورتى» دۇنيا رېكورتلىرى ئىچىدىكى باشلامچىلىق ئورنى بىلەن، دۇنياغا بىر خىل قىزىقىش ۋە ئەسەبىيلىك ئېلىپ كېلىدۇ. -g2{68 1`r  
'{D%\w5{  
«جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسى ھەر يىلى بىر سان نەشىر قىلىنىپ، شۇ يىل ئىچىدىكى «دۇنيادىكى ئەڭ» لەرنى خاتىرىلەيدۇ. Fi{mr*}  
M]s[ "0O  
«جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسى 198 بەتلىك كىتابچە بولۇپ، دائىرىسى تەنتەربىيە، پەن-تېخنىكا، سودا، قۇرۇلۇش، تەبىئەت قاتارلىق 12 ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنگلىز، فرانسۇز، نېمىس، ياپون تىللىرىدا نەشىر قىلىنىدۇ. OX,F09.C  
u-/3(dKt  
جۈرئەت ئوبۇلقاسىم كىم؟ VEo^ :o)r  
جۈرئەت ئوبۇلقاسىم 1971-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلدى. ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سودا بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ جەرياندا ھالال قان-تەرىگە تايىنىپ ئاز-تولا ئىقتىساد توپلىدى. 7+] F^ 6  
k*9%8yi_ U  
1997-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئادىل ھوشۇر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سەنشيا بوغۇزىغا تارتىلغان سۇ يۈزىدىن 402 مېتىر ئېگىزلىكتىكى 640.7 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات ئارغامچىدىن 13 مىنۇت 48 سېكۇنتتا ئۆتۈپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى كوچرەين 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇ يەردە ياراتقان 53 مىنۇت 10 سېكۇنتتا ئۆتۈشتەك «دۇنيا جىننېس رېكورتى» نى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭى رېكورتنى ياراتقاندىن كېيىن، جۈرئەتتە «پەلەك شاھى» ئادىل ھوشۇرغا نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغالدى. ئۇنىڭدىمۇ مەلۇم بىر تۈردە «جىننېس دۇنيا رېكورتى» يارىتىپ، ۋەتەن-خەلققە شەرەپ كەلتۈرۈش ئىستىكى پەيدا بولدى. ئۇ موتسىكلىت مىنىشكە ھەۋەس قىلغاچقا موتسىكلىت مىنىشنىڭ مەلۇم ھالقىسىدا جىننېس رېكورتى ياراتماقچى بولۇپ، «شاڭخەي دۇنيا جىننېس رېكورتى» باش شتابى (قىسمەت قىستۇرمىسى: ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» باش شتابى شاڭخەيدە ئەمەس، لوندوندا . «جىننېس دۇنيا رېكورتى» نىڭ خەنزۇچە نامى 吉尼斯世界纪录، ئاۋۇ شاڭخەيدىكى جىننېس رېكورتىنىڭ خەنزۇچە نامى 上海大世界基尼纪录) دىكى خادىملارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە موتسىكلىت بىلەن جۇڭگونى ئايلىنىپ چىقماقچى بولدى. @S}|Ccfc _  
3V!x?H$  
جىننېس رېكورتى يارىتىش يولىدا |x[$3R1@  
شۇنداق قىلىپ، جۈرئەت زاۋۇتقا ئۆزى بۇيرۇتۇپ ياساتقان «يېڭى قىتئە 新大洲» ماركىلىق موتسىكلىت بىلەن «جىننېس دۇنيا رېكورتى» يارىتىش سەپىرىگە ئاتلاندى. [b pwg&Oo  
"x.88,T6  
ئۇ 1998-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەيكۇ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، 2000-يىلى سائەت نۆلدىن نۆل مىنۇت ئۆتكەندە يەنە شۇ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان خەيكۇ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يېڭى ئەسىردىكى تۇنجى «جىننېس دۇنيا رېكورتى» نى ياراتتى. x_pMG!2  
g BH?l/  
بۇ جەرياندا ئۇ 436 كۈن يول يۈردى، مەملىكىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە 312 ناھىيە (شەھەر) نى ئايلىنىپ، 73 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى باستى. |<2JQ[]  
@%keTTZ  
بۇ جەرياندا ئۇ 260 مىڭ يۈەنگە (بۇنى 1998-2000-يىللاردىكى ئىقتىساد قارىشى بىلەن ھەزىم قىلىڭ) يېقىن چىقىم قىلدى. بۇنىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراقىنى ئۆزى چىقاردى، 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ياردەم قىلدى. 70 مىڭ يۈەندەك پۇلنى قەرز ئالدى. دىلشات، ئابلىمىت ھاجىم قاتارلىق بىر قىسىم تىجارەتچىلەر 5000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە ياردەم قىلدى. Bzwx0c2VY8  
EXH!glR[$  
بۇ جەرياندا ئۇ ئادەمزات ئاياغ باسمىغان چۆللەردە يۈردى، ئاي نۇرى باغاشلىغان دالىلاردا تۈنىدى. كۈنلەپ-كۈنلەپ ئاچ قالدى. بۆرىلەرگە ئۇچراپ، قېچىپ قۇتۇلدى. ئىشقىلىپ ئادەمم ئىشەنگۈسىز جاپالارنى ئۇ ئۆزى يالغۇز باشتىن كەچۈردى. G:){^Z?  
f>b!-|  
بۇ جەرياندا ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىبانلىقىغا، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ قىزغىن ياردىمىگە ئېرىشتى. ئەپسۇس، ئۇ جىننېس رېكورتىنى ياراتقان كۈنى يېنىدا تىيىن پۇل يوق ھالەتتە سىرتتا تۈنىدى. ئايالىغا تېلېفون قىلىپ، مۇھەببەتلىك بىر-ئىككى ئېغىز گەپكە ئېرىشەلمىدى. k.h^ $f  
!c v6 #:  
جىننېس رېكورتىغا ئاتلىنىشتىن بۇرۇنقى بويى 180 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 76 كىلوگرام كېلىدىغان، يۈز مىڭ يۈەنلەپ پۇل تاپقان بۇ يىگىت رېكورت يارىتىلغان كۈنى 54 كىلوگرام كېلىدىغان، جاپادىن مۈكچەيگەن، نەچچە يۈز مىڭ يۈەننى گەدىنىگە ئارتىۋالغان 29 ياشلىق جاپاكەشكە ئايلىنىپ قالدى. ~ |J*E38  
{!> E9Px  
خۇلاسە .Lp Nm'=R  
1997-يىلى ئادىل ھوشۇر جىننېس رېكورتىنى يېڭىلىغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئوت يۈرەك ئوغۇل-قىزلىرىمىز بۇ يولغا كىردى. لېكىن، ئادىل ھوشۇردىن باشقىلار بۇ يولدا ئاساسەن ئۈزۈپ چىقالمىدى. ئادىل ھوشۇر ھېلىھەم دۆلەتنىڭ، خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدە ياشاۋاتقىنى بىلەن، باشقىلار ئۈن-تىنسىز «يوقاپ» كەتتى. Udg & eEF  
WCWSLEAza  
يازمىمىزنىڭ باش قەھرىمانى جۈرئەت ئوبۇلقاسىم باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر يولنى تاللىغان ئىدى. ئۇنىڭ تاللىغان يولى ھەقىقەتەن جاپالىق، ناھايىتى كۆپ ۋاقىت (436 كۈن سەپەر قىلىش ئاز ۋاقىت ئەمەس)، ئىقتىساد سەرپ قىلىدىغان يول ئىدى. ئاقىۋەت، جۈرئەت ئۆزىنىڭ ھەقىقىي يىگىتلىكىنى نامايان قىلدى. ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بەدەل تۆلىگەن بۇ يىگىت بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنتۇلۇپ كەتتى. X~`.}  
ئۈچ كۈن ئاۋۋال ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدا ماشىنا ساقلاۋېتىپ جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنى كۆرۈپ قالدىم. ئەھۋاللاشماقچى بولۇپ ئۇ تەرەپكە ماڭدىم-يۇ، ئۇنىڭغا قايتىدىن بىر قاراپ نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى، ئۇنىڭ 40 ياشقا كىرە-كىرمەي تاقىرلىشىپ كەتكەن باشلىرى، مۇڭ باسقان چىرايى ماڭا ئۈنسىز خىتاب قىلىۋاتاتتى: «ھېسسىياتقا تايىنىپ، قىزىققانلىق بىلەن ئىش قىلماڭلار» … oT$(<$&<  
]Sk#a-^~  
راست، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنى «يەپ كەتتى». جۈرئەت ئۇبۇلقاسىملا ئەمەس، «جىننېس رېكورتى» ئۈچۈن ئاتالمىش «شاڭخەي دۇنيا جىننېس رېكورتى» باش شتابىغا پۇل تۆلىگەن، ئاللىقانداق يېڭىلىقلار ئۈچۈن ۋاقتىنى، ئىقتسادىنى، جېنىنى دوغا تىككەن تالاي ئوت يۈرەكلەر «يىيىلىپ كەتتى». Jq=X!mT d.  
V_7 Y1GD  
ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» شىتابى شاڭخەيدە ئەمەس، لوندوندا ئىدى. #%9oQ6nO  
UA1]o5K  
ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» باش شتابىنىڭ جۇڭگودىكى تارمىقى شاڭخەيدە ئەمەس، لياۋنىڭدا ئىدى. "{,\]l&o  
Ki&WS<,0Z  
ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» بىز بىلىدىغان «ئولىمپىك» تەك دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس باھادىرلارنىلا ئەمەس، دۇنيادىكى «ئەڭ چوڭ بۇرۇت رېكورتى»، «ئەڭ يۇقىرى ئاۋازدىكى كېكىرىش رېكورتى»، «ئەڭ يىراققا سىيىش رېكورتى» دېگەندەك بىمەنە ئىشلارنىمۇ خاتىرىلەيتتى. \pT^Zhp)  
Vq?8u/  
ئەپسۇس… }L{_xyi>#  
q!u lE{ ^  
ئەسلى مەنبە:http://www.qismet.me/juret_obulqasim.html#comment-2830
تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-12, 12:23
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
http://honzada.blogbus.com/
XaPaRaG-5
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10675

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   323 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7099 (سوم)
 ياخشى باھا:   266 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   338  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6328
 سائەت
دەرىجىسى:
6328 سائەت 322 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

جۈرئەت ئۇبۇل قاسىم كىيىن  ‹‹تەنھا بۈرە ››رىستۇراننىمىۇ ئېچىپ  ماڭغۇزالماي  باشقىلارغا ئۆتكۈزۋەتتى .
 
hasalharisi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5146

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2256 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   23087 (سوم)
 ياخشى باھا:   2504 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3045  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5340
 سائەت
دەرىجىسى:
5340 سائەت 260 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

‹‹جېنىس دۇنيا رېكورتى››ھەققىدە چۈشەنچەم ئايدىڭلاشتى.تېمىڭىزغا رەھمەت.بىراق،‹‹ۈچ كۈن ئاۋۋال ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدا ماشىنا ساقلاۋېتىپ جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنى كۆرۈپ قالدىم. ئەھۋاللاشماقچى بولۇپ ئۇ تەرەپكە ماڭدىم-يۇ، ئۇنىڭغا قايتىدىن بىر قاراپ نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى، ئۇنىڭ 40 ياشقا كىرە-كىرمەي تاقىرلىشىپ كەتكەن باشلىرى، مۇڭ باسقان چىرايى ماڭا ئۈنسىز خىتاب قىلىۋاتاتتى: «ھېسسىياتقا تايىنىپ، قىزىققانلىق بىلەن ئىش قىلماڭلار» … bc بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى.NyB$S   tTal<4  
0~P]Fw^w
 
ئادەم بولماق تەس
Я!У♬ㄒ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43923

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   174 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   881 (سوم)
 ياخشى باھا:   245 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   151  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2329
 سائەت
دەرىجىسى:
2329 سائەت 191 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

مەن تېخى جىننىس رىكورتى ياراتسا باي بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن ،ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كۆڭلۈم ھەجەپ يېرىم بولدى
 
M U X T A 世界 B U
sahrayi-tarim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2051

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   412 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8203 (سوم)
 ياخشى باھا:   647 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   713  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2746
 سائەت
دەرىجىسى:
2746 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

vtmvvv  
بۇ نەرسە بىز خەقتە نىمانچە قىستۇ؟؟؟؟؟
 
مەن شۇ مەن
kulpat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8501

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   267 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6575 (سوم)
 ياخشى باھا:   343 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   496  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 512
 سائەت
دەرىجىسى:
512 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

بۇ تىمىنى چوققىلاپ قويسا بولغۇدەك~~~~~~~~~~!بىزمۇ بولسا  ئۇنى تونۇيلى~~~~~~~~~~~~~~~!
 
YOLDAX
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9113

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   86 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4304 (سوم)
 ياخشى باھا:   234 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   339  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6668
 سائەت
دەرىجىسى:
6668 سائەت 352 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-04
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم .ئىشقىلىپ ئېچىنغان يۇرەكلەر يىغلىمىسۇن.
 
باشقىلار سۇدا ئۈزۇپ ئاسماندا ئۇچىۋاتىدۇ، مەن تېخى يالاڭئاياغ تىكەن دەسسەپ يۇرۇپتىمەن!!!
adil2052103
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14887

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1326 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   137 (سوم)
 ياخشى باھا:   1205 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   824  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5356
 سائەت
دەرىجىسى:
5356 سائەت 244 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

مەن مۇ  ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن  تېما ئېگىسىگە رەھمەت
 
ئۆلدى دەپ بىلىڭلار ئېلىمدىن كەچسەم،  
جاھالەت باسىدۇ بىلىمدىن كەچسەم،  
ئۇيغۇر تىزىمىدىن ئۆچۈرۈڭلار مېنى،  
جان ئانام ئۆگەتكەن تىلىمدىن كەچسەم!
شاتمەن
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16159

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   738 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4679 (سوم)
 ياخشى باھا:   645 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   566  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6139
 سائەت
دەرىجىسى:
6139 سائەت 151 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر ژورنالدا جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ سەپەردىكى كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان بىرماقالنى كۈرگەنتىم . ioxs x>e<  
ئىچكى مۇڭغۇلغا كەلگەندە بىردەرياغا دۇچكىلىپ موتونى چۇۋۇپ دەريادىن ئۆتكۈزۈپ ،  قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئەمدە مېڭىشىغا بىرتوپ بۆرىنىڭ قورشاۋىغا ئۇچراپ قېلىپ يايلاقتا يېرىم سائەتتەك قوغلايدۇ . Q/[|/uNw?  
ئاخىرىدا بۆرىدىن قۇتۇلۇپ، موتونى توختىتىپ تەكشۇرۇپ بېقىش ئۈچۈن چاقىغان بىرنى تەپسە چاق ئېتىلىپ كىتىدۇ . I*c B Ha  
ئاباينىڭ ياقى شۇنچە بۆرە قوغلىسا ئېتىلمىغان چاق ، بىرتىپەك بىلەن ئېتىلىپ كىتىدۇ . >C,=elM  
تەلەي دىگەن شۇدە .................
 
قىزلار كىرمەڭلار         http://xatman.blogbus.com
tarimjan102
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28022

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   520 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5154 (سوم)
 ياخشى باھا:   284 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   308  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1402
 سائەت
دەرىجىسى:
1402 سائەت 118 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-27
ئاخــىرقىسى:2011-10-28
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

تىمىڭىزنى ئۇقېۋېتىپ روھىم باشقىلا چۇشۇپ كۆڭلىم شۇنداق يېرىم بولدى ،،
 
ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر .


دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.
UYGHURAAA
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3750

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1092 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11995 (سوم)
 ياخشى باھا:   616 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   511  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 265
 سائەت
دەرىجىسى:
265 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

تورداش چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
 
ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك.

ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.
exanq098
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40002

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   17 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   115 (سوم)
 ياخشى باھا:   1 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 96
 سائەت
دەرىجىسى:
96 سائەت 44 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-08
ئاخــىرقىسى:2011-08-01
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك كشىكەن ......مۇنبەرنىڭ قونچاق رەسىم لىرى نىمىبولۇپ كەتتى .................................
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى