ئالقىشلانغان بىر ناخشىدىن تۇغۇلغان تەشۋىشلىك ئويلار
بىز- سەنئەتخۇمار ئەل، شۇڭىمۇ «تىلىمىز چىقىشى بىلەن تەڭلا ناخشا ئېيتالايمىز، ئايغىمىز چىقىشى بىلەن تەڭلا ئۇسسۇل ئوينالايمىز». بىز-سەنئەتخۇمار ئەل، شۇڭىمۇ ناخشىنى بالىلارمۇ، ياشلارمۇ، ياشانغانلارمۇ، بالىلار بىلەن ياشلار، ياشلار بىلەن ياشانغانلارمۇ بىرلىكتە جۈر بولۇشۇپ زوق-شوق بىلەن ئېيتىۋېرەلەيمىز!
..................................
ئويۇنخومار بالىمەن،
كۆپ ئويۇننى بىلىمەن.
تاپشۇرۇقلرىم بەك تولا،
قاچىدىغان بالا بارمۇ؟
قاچىدىغان بالا بارمۇ؟
بۇنداق ئېغىر سومكا بارمۇ؟
بۇ دەردىمگە داۋا بارمۇ؟
ئېيتىىڭ، بىزدە گۇناھ بارمۇ؟!
......................................
مانا، بۇ- بالىلار بىلەن ياشلار زور ئىشتىياق بىلەن قاينام-تاشقىنلىق ھېسياتقا چۆمۈلۈپ ئېيتقان شادلىق ناخشىسى، مانا، بۇ- يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان، بىر مەھەل خېلىلا ئالقىشلىنىپ، ھازىر نېمىشقىدۇر پەسكويغا چۈشۈپ قالغان «ئوينايدىغان تالا بارمۇ؟» ناملىق دەۋر سۈرگەن ناخشا!!!
بۇ ناخشا تېلېۋىزور ۋە تور دۇنياسىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرىشىپ،ناخشا-ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن سانسىزلىغان كۆرۈرمەنلەر، ئاڭلىغۇچىلار ۋە تورداشلار ئارىسىدا ئوخشاشمىغان تۇيغۇ ۋە ئىنكاس پەيدا قىلىنغىنىغا ئوخشاش مەندىمۇ بەزىبىر چۈچىمەل، ئەمما تېرەن تۇيغۇلارنى پەيدا قىلدى. بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا مۇنبەرداشلار بىلەن تۆۋەندىكىچە ئورتاقلىشىمەن.
ئويۇنخومار بالىمەن،
كۆپ ئويۇننى بىلىمەن.
.........................
دەرۋەقە، بالىلىق-تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ، بىخارامان، غەمسىز ئوينايدىغان چاغ! ئەمما مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىنىڭ ئويۇنخومار بولۇپ كېتىپ، كۆپرەك دەرس، كۆپرەك ئەمەلىي ماھارەت بىلىشكە قىزىقىشىدىن كۆرە، كۆپ ئويۇننى بىلىپ كېتىشى-قانداقتۇر ئالەمنى مالەم قىلىپ،سەۋدايىلارچە تەنتەنە بىلەن ھوزۇرلىنىپ سەكرەپ كېتىدىغان خوشاللىقتىن دېرەك بېرىپ بولالمايدۇ!
نۆۋەتتە، مەكتەپلەردە ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا تولۇقى بىلەن خاتىمە بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلارنىڭ ئىندىۋۇداللىقى بويىچە تەربىيەلەش، يەنى ئويۇن شەكلىدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى جانلىق قوللىنىپ، ئۇلارغا ئەمەلىي بىلىم-ماھارەت ئۆگىتىش تەلەپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئويۇنخومار بولۇپ، بىباھا پەسلىنى ئويۇن بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىشى راستىنلا مۇشۇنداق زوق-شوق بىلەن ئالقىشلاشقا ئەرزىيدىغان ئىشمىدۇ؟!
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇشقا ئەرزىيدۇكى، بۇنداق دېسەم بەزىلەر بەلكىم، «ئەمىسە بالىلىرىمىز، كېچىنى-كۈندۈرگە ئۇلاپ ئۆگىنىش بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ، نېرۋىسىدىن ئاداشسا بولىدىكەن-دە؟! »دېيىشى تۇرغانلا گەپ! ھەر قانداق شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپى بويىچە تەھلىل قىلغاندىمۇ، ئەقىل-پاراسىتى ئۇرغۇپ تۇرىۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ گۆدەك قەلبىنى بۇنداق كۆپ ئويۇنلار ئىگىلىۋالسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە!!!
تاپشۇرۇقلرىم بەك تولا،
قاچىدىغان بالا بارمۇ؟
....................
ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇق ئىشلىمەي نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرى زادى نەچچىلىك دەرىجىدە كۆپتۇ؟!
ھەر قايسى پەنلەردىن ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بېرىپ خۇلاسىلاش- ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى مۇستەھكەملەش، ئوقۇغۇچىلاردا مۇستەقىل ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ دەرسنى قانچىلىك چۈشەنگەنلىكىگە باھا بېرىشنى تۈپكى مەقسەت قىلىدۇ . دەرۋەقە، دەرسنىڭ ئۆزلىشىشنى تاپشۇرۇق ئارقىلىق باھالاش، مۈجىمەل ياكى ھەل قىلالمىغان ئورۇنلارغا قارىتا دەرس تولۇقلاش ۋە بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا دەرس تولۇقلاپ بېرش-تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ھەر بىر پەن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئاساسىي مەقستىدىن ئىبارەت. شۇڭا، ھەر قايسى دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۆلچىمىنىڭ تەلىپى ۋە مەكتەپلەردىكى دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلارغا سىنىپتا، دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتتا، ئائىلىدە ۋە تەتىلدە ئىشلەش ئۈچۈن تاپشۇرۇق بېرىلىدۇ. بۇ تامامەن قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ئەقەللىي ساۋات!
كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار دەرسلىك ئۆلچىمىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيەلەشكە خېلىلا ئەھمىيەت بېرىۋاتقان، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ تاپشۇرۇق ئىشلەشنى ئۆزلىرىنىڭ بۇرچى دەپ قاراپ، ئەستايىدىل ئىشلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىدىن قارىغاندا، يەنە بىر قىسىم مەسىللەرمۇ يوق ئەمەس. بۇنىمۇ ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ!
لېكىن ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك،ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇق ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ھەر قايسى پەنلەرگە نىسبەتەن قىزىقىش، تىرىشىپ بىلىم ئېلىش ئىشەنچىسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، مەكتەپلەردە ھەر قايسى پەنلەردىن تاپشۇرۇق بېرىش ۋە ئۇنى تۈزىتىپ خۇلاسىلاش- كۈندىلىك ئوقۇتۇشنىڭ دائىمىيلىق پىرىنسىپلىرى بولۇپ ھېسابلانسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغان شۇ تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلىشى-ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق بېرىشتە ئوقۇتقۇچى قايسى مەسىلىنى تاپشۇرۇق بەرگەندە ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى بىلىشكە پايدىلىق، قانداق ئاجىز ھالقىنى تولدۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق قايسى مەقسەتكە يېتىمەن دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى، ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا پىلانىنى ئورۇنداش، تاپشۇرۇق بېرىش ئۈچۈنلا تاپشۇرۇق بەرمەي بەلگىلىك مەقسەتكە ۋە نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تاپشۇرۇق بېرىشى، بەرگەن تاپشۇرۇق ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك بولۇشى،تاپشۇرۇقنىڭ مىقدارى نورمال بولۇشى، بېرىدىغان تاپشۇرۇق شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، ئاددىي-مۇرەككەپلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش سەۋىيىسىگە، ياش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئاز -كۆپلىكى نورمال تەڭشەلگەن بولۇشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتمەسلىك، ئەمما ئوقۇتۇشتا تاپشۇرۇققا سەل قاراشتەك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان تاپشۇرۇق مىقدارىغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان بولغاچقا، كۆپ ساندىكى مەكتەپلەر ئوقۇتۇش ئۆلچىمىنىڭ تەلىپى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تاپشۇرۇق بېرىش، تەكشۈرۈش، نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەش خىزمەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، خېلى ياخشى نەتىجىلەر مەيدانغا كەلدى. لېكىن يەنە بىر قىسىم مەكتەپلەر ئۇنىڭ ئەكىسچە، بۇ خىزمەتكە سەل قارىغاچقا، تاپشۇرۇق مىقدارى ئاز ياكى كۆپ بولۇش، ئىشلەنگەن تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرمەسلىك، خاتا جايلىرىنى تۈزەتمەسلىك، خاتانى توغرا دەپ تولۇق نۇمۇر بېرىش، ئوقۇتقۇچى ئۆزى تەكشۈرمەي، «ئەلاچى» ئوقۇغۇچىلارغا ياكى سىنىپ ھەيئەتلىرىگە تەكشۈرتۈش، تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرمەي، بىر قانچە قېتىملىقىنى بىراقلا تەكشۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق، ئوقۇتقۇچى ئاسانراق دەرسلەرنى ئۆتۈۋېلىپ، قېيىنلىرىنى تاپشۇرۇق قىلىپ بېرىش، تاپشۇرۇق نەتىجىلىرىنى ۋاقتى-قەرەلىدە خۇلاسە قىلماسلىق، تاپشۇرۇق بېرىش، تەكشۈرۈش ۋە خۇلاسىلاش خىزمىتىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بەرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەرخىل تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرلەپ ئىلھام بەرمەسلىك،بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بېرىش، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ساۋاقداشلىرىنىڭكىدىن قارسىغىلا كۆچۈرۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا قىسمەن دەرىجىدە بولسىمۇ مەۋجۇت. شۇڭا، بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تاپشۇرۇق ئىشلەشتىن بەزدۈرگەنلىكىنىمۇ نەزەرگە ئالماي بولمايدۇ. بۇ خىل ئىللەتلەرنى چوقۇم تۈگىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل تاپشۇرۇق ئىشلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش زۆرۈر. تاپشۇرۇق بېرىش ۋە ئىشلەش مەسلىسىدە كۆرۈلگەن بۇ خىل ئىللەتلەر قارىماققا كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، مەسلىلەرنى ھەل قىلىش، مەسلىلەرگە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىگە ئەسلا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئوقۇغۇچىلاردا تاپشۇرۇق ئىشلەشتىن مانا مۇشۇنداق زارلاپ-قاقشاش ئارقىلىق تەرەپ-تەرەپلەرنى قېچىشنى شەرەپ بىلىدىغان ناچار روھىي ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ! شۇنىڭ ئۈچۈن تاپشۇرۇق بېرىشتە ئوقۇغۇچىلاردا تاپشۇرۇقنى ياخشى ئىشلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى بېرىلگەن تاپشۇرۇق چوقۇم ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىدىن بېرىشى، مىقدارى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. مۇبادا ئۆتۈلمىگەن ئورۇنلاردىن تاپشۇرۇق بېرىلىپ قالسا، مىقدارى كۆپ بولسا ئوقۇغۇچىلاردا تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىق، تاپشۇرۇقتىن بىزار بولۇش، نەتىجىدە مەكتەپنى، ئۆينى تاشلاپ، مۇشۇنداق ناخشىنى جار سېلىپ باشلاپ، جاھانكەزدىلىك يولىغا راۋان بولىدىغان «رىكورت»لارنىڭ تۈركۈملەپ يارىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىزكى، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەت ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەلمەيمىز!
«ئوينايدىغان تالا بارمۇ؟» ناملىق بۇ ناخشىنىڭ تۆۋەندىكى مىسرالىرىغا يەنە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى:
...................................
قاچىدىغان بالا بارمۇ؟
بۇنداق ئېغىر سومكا بارمۇ؟
بۇ دەردىمگە داۋا بارمۇ؟
ئېيتىىڭ، بىزدە گۇناھ بارمۇ؟!
......................................
بۈگۈنكىدەك زامان تەرەققىي قىلغان، قىلىۋاتقان، ھەممە تەرەپ ئۇچۇرلىشىپ كەتكەن، بولۇپمۇ، كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز يۇقرىلاپ، تۇرمۇش ئەھۋالى ياخشىلىنىۋاتقان، مائارىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يوقىرى باسقۇچقا يېتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، ھەر بىرئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈزلەپ غەم يەۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل «دەرد»لىرىگە «داۋا»لارنى ئىزدەپ تېپىپ بېرىۋاتىدۇ!!! شۇنداق بولغانىكەن، بالىلارمۇ ئۆ تىرىشچانلىقى بىلەن ياخشى نەتىجەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىشى، ھېچ بولمىسا ئۆزىنىڭ ئوقۇش جەھەتتىكى ئەقەللىي ھۆددىسىدىن ئۆزى بىمالال چىقالىشى، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بىر پاتمان دەردىگە يېڭىدىن-يېڭى دەردلەرنى ھەدىيە قىلماي، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياخشى بولغان بىرەر چىقىش يولى تېپىشنىڭ ھۇلىغا مەزمۇتراق ئىشلەش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ، سومكىلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كەتمەسلىكى، ئۆزىدىكى«دەرد»لەر بىلەن ئاتا-ئانىلىرىدىكى«دەرد» لەرنى سېلىشتۇرۇشۇپ، ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇستازلىرىنى تەڭقىسلىكتە قالدۇرىدىغان بۇنداق ئاچچىق خىتاب، ئۆتكۈر قامچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار قەلبىگە يېڭىدىن-يېڭى جاراھەتلەرنى پەيدا قىلماسلىقى كېرەك!!! «ئېيتىڭ، بىزدە گۇناھ بارمۇ؟!».....توۋا!!! توۋا!!! ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلاردا، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىدا گۇناھ بارمۇ؟!
بۇ ناخشىدا ئەنە شۇنداق خىتابلار بار! ئۇنىڭغا كىم جاۋاب بەرسە بولار؟! بۇ ناخشا نۇرغۇن سەبىيلەر قەلبىگە كۈچلۈك سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسەتمىدى! دەپ كىم ئېيتالايدۇ!؟ بۇ ناخشىنىڭ «ئۈنۈمى»دىن كىملەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆيىنى تاشلاپ قاچمىدى..... قاچمايدۇ؟! ناخشىچىمىز ئۆز ناخشىسىدا شۇنداق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن( گەرچە ئەسلىدە بۇ-شۇنداق قىلمىشلارغا قارىتا دارتمىلاش بولغان بولسىمۇ) بۇنداق ناخشىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدەھېچقانداق زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ پاك-سەبىي، يۇمران قەلبىنى ئۆزگەرتىۋىتەلمەيدۇ.... دېيەلەيدىغاندىن زادى كىملەر بار؟!!! بىز بۇنداق ناخشىلارنىڭ چىقىشىنى توسمايمىز، بۇنداق ناخشىلارنىڭ چىقىشى ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن قوشىۇلغان تۆھپە. لېكىن ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمىغىنىدەك، يوقىرىقى ناخشا تېكىستدە بەزى سۆز -جۈملىلەر توغرا قوللىنىلمىغان، چۈنكى ئاپتورنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى ئەگىتمە يول بىلەن ئەمەس، تۈزلا چۈشىنىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن بالىلار مۇبادا مۇشۇ تەشەببۇس بويىچە ئىش قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، تېكىست ئاپتورى ۋە ناخشىچى چولپىنىمىز بۇ جەھەتتە نەچچىلىك دەرىجىدە «جىددىي قۇتقۇزۇش» ئېلىپ بارالار؟!!!
« ...بۇنداق ئېغىر سومكا بارمۇ، قاچىدىغان بالا بارمۇ....» بالىلار ناخشىلىرىدا مېنىڭچە، بۇنداق ئىبارىلەرنى ئالدىراپ قوللىنىشقا قەتئىي بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق مىسرالار بالىلارنىڭ ئىددىيىسىگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدۇ!
توغرا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ئۆگىنىش بىسىمى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆرىنەرلىك يوقىرىلىدى. بالىلار كىچىك تۇرۇپلا ئۆزىدىن يوغان، كەڭ، كېلەڭسىز، ئېغىر سومكىلارنى ئېسىپ، ھاسىراپ-ھۆمىدەپ مەكتەپكە بېرىپ-كەلمەكتە. ئەمما بۇنى دەستەك قىلىۋىپلىپلا بالىلارنى مەكتەپتىن قېچىشقا ئۈندەش توغرىمۇ؟!!! بولۇپمۇ ھازىرقىدەك پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەرگە كۈچلۈك رىقابەت ۋە رەھىمسىز خىس جەڭ ئېلان قىلىۋاتقان، يەنە كېلىپ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قويىلىۋاتقان كۈندە بۇنداق تەشەببۇسنى ناخشا قىلىپ ئوقۇش ئەمەس، ھەتتا بۇ ھەقتە بالىلار بار ئورۇندىمۇ ئېغىز ئېچىش- تولىمۇ ئىپتىدائىيلىق ھېسابلىنىدۇ!!! بۇ- ئەڭ ئالدى بىلەن مەجبۇرىيەت قانۇنىغا تۈپتىن مۇخالىپ. ئەگەر بىرەر بالا بۇ ناخشا ئارقىلىق ئاپتور( ياكىناخشىچى) نىڭ بۇ ناخشا ئارقىلىق دېمەكچى بولغان ئەسلىي مەقسىتىنى چۈشەنمەي، مەكتەپتىن قېچىپ بىرەر ئىش چىقارسا، ھازىرقىدەك بالا بىدىكلىرى بالىلارنى ئېلىپ قېچىپ كەتسە، قاچقان بالا سەرگەردان بولۇپ، جاھان كەزسە.... بۇ ناخشىنى زوق-شوق بىلەن ئوقۇغانلار بەلكىم قۇيرىقىنى خادا قىلىپ تىكىۋېتەر ھەقىچان؟!!! نۆۋەتتە، پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئالداپ كېتىلگەن سەرگەردان بالىلارنى زور كۈچ بىلەن قايتۇرۇپ ئەكىلىۋاتقان پەيتتە، يېنىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئورنىنى بۇ بالىلار بېرىپ تولدۇرۇپ بەرسە، مۇبادا مۇشۇنداق ئەھۋال راستىنلا يۈز بەرسە، ئاقىۋىتىگە زادى كىم مەسئۇل بولىدۇ؟!!! ئاخىرىدا ياشلىرىنى باھار يامغۇرىدەك تاراملىتىدىغىنى يەنىلا شۇ بىچارا ئاتا-ئانىلار، يۈرىكى ھەسرەت-نادامەتتە پۇچلىنىدىغىنى يەنىلا شۇ ئاتا-ئانىلار بولماسمۇ؟! شۇ چاغدىمۇ بۇ چولپانلىرىمىز ئاتا-ئانىلارنىڭ نالە-پەريادىغا جۈر بولۇپ قولاقلىرىنى پاڭ قىلىۋېلىپ، يەنە ناخشىسىنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىۋېرەرمۇ؟!!!
ھەممە مەسىلىنى بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى ھەققىدىكى پىرىنسىپ بويىچە كۆزىتىپ باقساقمۇ، ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ياخشى ھەم يامان تەرىپىنى بايقىغىلى ۋە كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر يەنە مۇشۇنداق ناخشىلار زور تۈركۈمدە چىقىۋەرسە، بۇنداق ناخشىلارنىڭ خەلقىمىزگە پايدىسىدىن تەبىئىيكى زىيىنى ئېغىر بولىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ناخشا تېكىستلىرىنى يازغانلار، بولۇپمۇ بالىلار ناخشا تېكىستلىرىنى يازىدىغانلار شۇ ناخشىنى ئاڭلايدىغانلارنىڭ ياش ئالاھىدىكى، پىسخىكىسى، بىلىم ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ، شۇلارغا نىسبەتەن پايدىسى، تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى زور بولغان مەزمۇنلارنى تاللاپ يېزىشى، چولپانلىرىمىزمۇ ۋاقىتلىق قىزغىنلىقنىلا ئەمەس، ئۆزى ئېيتقان شۇ ناخشىنىڭ تەربىيەۋىي ئۈنۈمىنى نەزەردە تۇتۇپ ئاندىن ھاياجانلىنىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، مىللىتىمىزنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيەسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى، ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ تەربىيەۋىي رولى ئارقىلىق كۆزلىرىمىزنىڭ نۇرى، يۈرەكلىرىمىزنىڭ پارىسى، ئۈمىد-ئارزۇلىرىمىزنىڭ ئىجراچىلىرى، يېقىن كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىمىزنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئەۋلادلىرىمىزنى نۆۋەتتىكى يېڭى دەۋر ۋە قەلبىمىزدىكى گۈزەل ئىستەكلەرنىڭ تەلىپىگە ماس ھالدىكى ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش مەقسىدىگە يېتەلەيمىز!
( مەنبەسى: ئەركزات يازمىلىرىدىن )
[ بۇ تېماARKZATبا2011-06-11 11:52 PMقايتا تەھرىرلەش ]