مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       826 
  •    ئىنكاس 
       17 

ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى

قەۋەت ئاتلاش
kichikoghul
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33767

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   98 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16092 (سوم)
 ياخشى باھا:   1614 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2577  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2965
 سائەت
دەرىجىسى:
2965 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-06

                                                     ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى MOHHZApt  
                                                                 (مۇلاھىزە) 8( lCi$  
پېقىر  بىر ئەتىرەتتىكى تارماق باشلانغۇچ مەكتەپتە بەش يىل ئۆزەم يالغۇز  مەخسۇس باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-2-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقان قوشما سىنىپ مودېرى ئىدىم.ئالدىنقى يىللىرى يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ سىنىپ مودېرى ۋە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇش جەريانىدا ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى،شۇنداقلا بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئاكتىپ ۋە پاسسىپ پوزۇتسىيەسى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم.تۆۋەندە  بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. i21QJ6jPcI  
                                                              1 DY3:#X`4  
ھەممىگە مەلۇم،ئىنتايىن ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قوراللانغان 8-ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ زامانىۋىي قوراللار بىلەن قوراللانغان،ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،قۇربان بېرىشتىن قورقماي(دۇڭ سۇنرۇي،خۇاڭ جىگۇاڭ،ليۇ خۇلەن...قاتارلىقلار ۋەتەن ئېڭىنىڭ يوقۇرلىقىدىن ئەمەس،ئاكتىپ پوزۇتسىيەنىڭ تەسىرىدە قەھىرمانلىق كۆرسەتكەن)جەڭ قىلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلىشى تۈپ نىگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ماۋزېدۇڭنىڭ ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ ئاكتىپ پوزۇتسىيەسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرالىغانلىقىنىڭ نەتىنجىسى.ئوخشاشلا يەنە‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دەۋرلەردە خەلقىمىزنىڭ يىراقتىكى ئادەملەر ئۈچۈن‹‹ياشىسۇن››ۋە‹‹يوقالسۇن››دەپ شۇئار توۋلاپ بىگۇناھ  قېرىنداشلىرىنى كۈرەش قىلىپ-دومبالاپ ئۆلتۈرۈشى،ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق جانلىرىنى سېلىپ بېرىشى كىشىلەردىكى ئاشۇ دەۋرنىڭ سىياسىي ھاۋاسى شەكىللەندۈرگەن ئاكتىپ پوزۇتسىيەنىڭ نەتىنجىسى.(شۇ سەۋەبتىن ئاكتىپ دېگەن بۇ ئىجابىي مەنىلىك سۆزنى بىز ھازىرغا قەدەر كۆپ ھاللاردا سەلبىي مەنىدە قوللىنىمىز.) nCaLdj?  
شۇنداق،ئاكتىپ پوزۇتسىيە ئادەمگە ھەرقانداق ياخشى ۋە يامان ئىشنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلدۈرىدۇ.ئادەم بىر ئىشنى ئاكتىپ پوزۇتسىيە بىلەن قىلغاندا ھېرىپ قالمايدۇ،ئاچلىق،ئۇسسۇزلۇق،سۇغۇق، ئىسسىققا ۋە قىلىۋاتقان شۇ ئىشىنىڭ ئۆزىگە،جەمئىيەتكە ئېلىپ كىلىدىغان پايدا-زىيىنىغا پەرۋا قىلمايدۇ.قىسقىسى،‹‹ئاكتىپ پوزۇتسىيە ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ››،ئادەمگە غەيرەت-شىجائەت،تەشەببۇسكارلىق ۋە قەيسەرلىك ئاتا قىلىدۇ. AQh["1{yJ  
ئۇزۇق تۈلۈكى مول،شارائىتى ياخشى،قوراللىرى خىل بولغان ياقۇپ بەگ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسە ئاز،ئۇزۇق-تۈلۈكى تۈگىگەن،مىڭ كىلومېتىرچە يىراقلىقتىن ھېرىپ-ئېچىپ ئۆلەي دېگەن ھالدا كەلگەن زۇزۇڭتاڭ ئەسكەرلىرىنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمەي تۇرۇپلا قېچىپ يېڭىلىپ قېلىشى،بىرسى، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ۋەتەن ئېڭىنىڭ يوقلىقىنىڭ نەتىنجىسى بولسا،ئىككىنچى بىرسى،ئۇلاردىكى پاسسىپ پوزۇتسىيەنىڭ نەتىنجىسى. -!R l(if  
شۇنداق،پاسسىپ پوزۇتسىيە ئادەمنى چۈشكۈن،قورقۇنچاق،چىدامسىز،غەيرەتسىز،ئىرادسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.ئادەمنىڭ پوزۇتسىيەسى قانچە پاسسىپلاشقانسىرى ئادەم جەمئىيەتتىن،شارائىتتىن شۇنچە ئاغىرىندىغان،بىر ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلىماي ھەمىشە پەقەت يامان تەرىپىنىلا ئويلايدىغان،ھەممە ئىشتا باشقىلارنىڭ كەينىدە قالىدىغان بولۇپ قالىدۇ. vt trKVA  
                                                                2 [.3sE  
    يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى شۇنداق چېچەن،شۇنداق قىزغىن،شۇنداق تېتىك،شۇنداق شوق ۋە شۇنداق  جانلىق.ئادەم بىر ئىشنى  توققۇز قېتىم قىلىڭلار دېسە،‹‹مۇئەللىم مەن ئوتتۇز قېتىم قىلىپ بولدۇم››دەپ بىر ئىشنى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئۆگۈنىۋېلىپ ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى بەكمۇ سۈيۈندۈرىدۇ. ھەتتا،مەن1-يىللىققا  ئالماي،بىۋاستە2-يىللىققا ئالغان،ئۆيىدە ئاكىلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن ئۆزلىگىدىن ئېلىپبە ۋە ھېسابتىن ساۋادىنى چىقىرۋالغان يەتتە ياشلىق بالىلارمۇ بولغان. Oz>io\P94  
ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتنى كۆرۈپ بەكمۇ ھەيران قالدىم.تولۇقسىز 7-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدا ھەرھالدا قىزغىنلىق بار، 8-يىللىققا چىققاندا قارىسا ئەللىك پىرسەنت ئوقۇغۇچىدا قىزغىنلىق قالغان.9-يىللىقتا چىققاندا ئوقۇغۇچىلار شۇنداق پاسسىپلىشىپ كېتىدۇكىن،خەت يېزىش،كىتاب ئوقۇش ئۇياقتا تۇرسۇن،بۇخچىسىدىكى ماتېرياللارنى ئېلىشمۇ ئۇلارغا ناھايىتى تەس كېلىدۇ.مەن9-يىللىققا دەرس ئۆتىدىغان بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇندىقىدا يېتىۋالغانلىقى توغىرسىدىكى ۋايساشلىرىنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرىمەن.9-يىللىققا كىرگەن ئادەم گويا دەرسخانىدا بىرنەچچىلا قىز ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ. sU%" azc  
قىسقىسى،توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ياش قورامى بىلەن ئاكتىپ پوزۇتسىيەسى تەتۈر تاناسىپ تۈزگەن.ئۇلارنىڭ يېشى چوڭايغانسىرى ئوقۇشقا،ئۆگۈنۈشكە بولغان ئاكتىپلىقى ۋە قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ بارغان،مەن ئۆزەمنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشتا ئەڭ ماھىر ئوقۇتقۇچى ھېسابلايتىم،باشلانغۇچ مەكتەپتە مەن ئادەتتە ئىككى ئاي ئىچىدە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ،كىتاب ئوقۇيدىغان،خەت يازىدىغان قېلىۋېتەتتىم.بىراق ئوتتۇرا مەكتەپتە نەچچە نەپەر ساۋادسىز ئوقۇغۇچى بىلەن ئىككى يىل ھەپلىشىپمۇ بىرسىنىڭمۇ ساۋادىنى چىقىرالمىدىم. سەۋەبى ئۇلارغا بىر ھەرىپنى بەش قېتىم يېزىڭ،دەپ بەش قېتىم يازدۇرالمىدىم.بۇنداق ئەھۋالنى بىر يىل ئەمەس،تۆت يىلدىن بېرى يولۇقتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن.ئوقۇشسام قوشنا يېزا ۋە قوشنا ناھيلەردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.  -$R5  
                                                                   3 9 z*(8d  
خوش،ئۇنداقتا بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى،جۈملىدىن ئۇيغۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى بۇنداق پاسسىپ پوزۇتسىيە،چۈشكۈن كەيپىياتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى سەۋەب نەدە؟بۇ ھەقتە بىرنەچچە يىل كۈزۈتىش،ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق بۇنىڭ‹‹سىرى››نى ئاز-تولا تېپىپ چىقتىم. `7_n}8NVC  
90-يىللاردا مەرھۇم شائىرىمىز رۇزى سايىت يازغان‹‹دېھقان بولماق تەس››دېگەن شىئېر جەمئىيەتكە كەڭ تارقىلىپ بەلگۈلۈك تەسىر پەيدا قىلغاندىن كېيىن ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ يېزىلغان‹‹كادىر بولماق تەس››،‹‹ئوقۇتقۇچى بولماق تەس››،‹‹ئەر بولماق تەس››،‹‹خوتۇن بولماق تەس››،‹‹پاختا تەرمەك تەس››،‹‹يەر تېرىماق تەس››،‹‹خامان ئالماق تەس››،‹‹ئىشچى بولماق تەس››‹‹ئوقۇغۇچى بولماق تەس››،‹‹شوپۇر بولماق تەس››،‹‹دادا بولماق تەس››،‹‹ئانا بولماق تەس››،‹‹ئۆلمەك تەس››....قاتارلىق شئېر ۋە ناخشىلار ئېغىزچە ۋە يازمىچە جەمئىيەتكە تارقالدى ھەم بۇ ‹‹تەس››لەر بىر قىسىم چوڭلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ  كاتتا گۆھۈرىگە ئايلاندى.ئەپسۇس،بۇ گۆھەرنىڭ كىشىلىرىمىزگە ئاتا قىلغىنى بايلىق بولماستىن،روھى چۈشكۈنلۈك ۋە پاسسىپ كەيپىيات بولدى. NDo^B7 R-  
ھازىر  يان تېلېفۇن كۆتەرمەيدىغان ياشلىرىمىز ناھايىتى ئاز قالدى.ھەتتا،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىمۇ يان تېلېفۇن بار.ئۇنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ دېسىڭىز،ناخشا ئاڭلايدۇ!‹‹پاختا تەرمەك تەس››،‹‹مۇئەللىم كەلدى››،‹‹گۈلۈم كەتتى››،‹‹دەردى بار>>،‹‹ھەسىرەت چەكتىم››...دېگەندەك چۈشكۈن ناخشىلارنى ئاڭلاشقا ئىشلىتىدۇ! بۇنداق چۈشكۈن ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرىنى بىر قىسىم ساۋادلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ خاتىرلىرىدىمۇ تولا ئۇچىراتتىم.(مۇتلەق كۆپ چوڭلىرىمىز ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا پەقەت ناخشا-ئۇسۇلغا قارىتالا  ئاكتىپ پوزۇتسىيە بار.) H%T3Pc  
مەن بۇ يەردە يالغۇز‹‹دېھقان بولماق تەس››ئادەملىرىمىزنىڭ ئاكتىپ پوزۇتسىيەسىگە تەسىر كۆرسەتتى دېمەكچىلا ئەمەس،ئەمەليەتتە بۇنداق پاسسىپ كەيپىيات پەيدا قىلىدىغان خەلق ناخشىلىرىمىزمۇ خېلى بار،كىنو-فىلىملىرىمىز تېخىمۇ كۆپ. q]l\`/R%u  
مەن يېقىندا سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە يېزىلغان‹‹چىن ئىنسان ھەققىدە قىسسە››،‹‹پولات قانداق تاۋلاندى››دېگەن ئىككى كىتابنى ئوقۇپ قالدىم،بۇ كىتابلاردا شۇنچە زور قىيىنچىلىقلار تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ،ئەمما پىرسۇناژلارنىڭ تىلىدا بېرىلگەن ‹‹تەس››دېگەن ئىبارىنى پەقەتلا ئۇچىراتمىدىم.ئەسەردىن قەھىرمانلىق،قەيسەرلىك،قەتئىيلىك،باتۇرلۇق،چىدامچانلىق، تەقدىم قىلىش،ئۈزلىكسىز ئالغا  ئىلگىرلەش روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. 9OZ>y0)K~  
ھازىرقى ھەرقانداق بىر‹‹تەس››ئىشىمىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز  ياشىغان50-60-70-يىللارغا قارىغاندا كۆپ قولايلىقلاشتى.دېھقانچىلىق،ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئوقۇشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە. z1qUz7  
لۇتپۇللا مۇتەللىپ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق شائىرلىرىمىز ياشىغان دەۋرلەردىكى ئىشلار ھەرگىز ھازىرقىدىن ئاسان ئەمەس ئىدى.ئۇلار يولۇققان قىيىنچىلىقلارمۇ ھەرگىز ئاز ئەمەس ئىدى.ئەمما ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرىدە ھېرىپ-چارچاش،ئاغىرىنىپ-قاخشاشلار بولمىغاندەك ئۇلارنىڭ يالقۇنلۇق شېئىرلىرىدىنمۇ‹‹تەس››دېگەن سۆزدىن بىرنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. 9/H^t* 5t  
بەس ئەمدى،شائىرلىرىمىز ئۇ تەس، بۇ تەسنى قۇيۇپ باۋدۇن باي،ھۈسەن باي،ئابدۈشكۈر،ئادىل ھۇشۇر،ئادىلجان...لاردەك غالىپلىرىمىز ھەققىدە داستان قىسئەلەرنى يېزىپ،كىنو-فىلىملەرنى ئىشلەپ،خەلقىمىزنىڭ،جۈملىدىن ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ئاكتىپ پوزۇتسىيەسىنى يىتىلدۈرۈشكە،جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇشقا كۈچ قوشقايسىلەر! 0gi}"v  
                                                                4 ~,+[M-  
ھاسىلىكالام،يەسلى ۋە باشلانغۇچتىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ زېرەك،تېتىك،تىرىشچان بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇلار كىچىك بولغاچقا چوڭلارنىڭ،جەمئىيەتنىڭ ۋە چۈشكۈن،ۋايساش بىلەن تولغان ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەسىرىگە يولۇقمىغانلىقىدا،بىرسى-بىرسىنى قىزىل ئاكتىپ دەپ مەسخىرە قىلىشنى بىلمىگەنلىكىدە،بالىلارغا خاس ئاكتىپ پوزۇتسىيەنىڭ روھيىتىدە بولغانلىقىدا.كەلگۈسىگە،غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان ئىشەنچنىڭ بولغانلىقىدا. v/(__xN`B  
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىپەرۋا،‹‹دۆت››،ھۇرۇن،چىدامسىز،قورقۇنچاق ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ يوق بولۇشىدا ئۇلار چوڭلارنىڭ،جەمئىيەتنىڭ ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەسىرىنى ئۆزىگە يوقتۇرۋالغانلىقىدا. قايسى يىلى تولوقسىزدا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يالقۇن رۇزى ئەپەندىمگە يازغان‹‹ئەگەر ئەللىك يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىتى راستىنلا مەۋجۇت بولالماي قالسا.....››دېگەن ئوچۇق خېتى سۆزۈمىزگە دەلىل بولالايدۇ. ! $XO U'n  
كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدىكى،ھازىر  ھېچقانداق بىر ئىش تەس ئەمەس،قەتئىي تەس ئەمەس،پەقەت شۇ ئادەملەر،مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى رىقابەت كەسكىنلەشتى،رەھىمسىزلەشتى.جىگدە ياغىچى بادىر بولمىسا مەيلى،دېھقان بالىسى كادىر بولمساقمۇ مەيلى.ئوقۇشتىكى مەقسەت كادىر بولۇشلا ئەمەس،ئەخلاقى-پەزىلەتلىك،ئەقىدە-ئېتىقادلىك،غايە-ئىرادىلىك،ۋىجدانلىق،ئاڭلىق،بىلىملىك،ئىقتىدارلىق،ياراملىق ئادەم بولۇش. v6(,Ax&  
بۇنىڭدىن مىڭ يىل ئىلگىركى جەمئىيەت تەرەققىي قىلمىغان زامانلاردىمۇ ھەرقانداق جايدا،ھەرقانداق ۋاقىتتا،ھەقىقىي پەزىلەت ۋە ھەقىقىي بىلىمگە ئىگە كىشىلەر قەدىرلەنگەن،ئەتىۋارلانغان،بىلىمى ھېچقاچان كۆمۈلۈپ قالمىغان،ھازىرمۇ،بۇنىڭدىن مىڭ يىل ياكى ئونمىڭ يىلدىن كېيىنمۇ ھەقىقىي پەزىلەت ۋەھەقىقىي بىلىمگە ئىگە بولغان ئادەملەر يەنىلا قەدىرلىنىدۇ،ھەرگىز كۆمۈلۈپ قالمايدۇ. C }bPv +t  
                                                                 5 i&5!9m`Cw  
بىز كەلگۈسىمىزنىڭ ئىزباسارلىرىنىڭ-بالىلارنىڭ ئاكتىپ پوزۇتسىيەسىنى،قىزغىنلىقى،تىرىشچانلىق،جانلىقلىق،تېتىكلىك ۋە ئۈمىدۋارلىق روھىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىمىز،ئۇلارنى قەيسەر،ئىرادىلىك،چىداملىق،قولىدىن ئىش كېلىدىغان،ياراملىق ئادەملەردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىمىز دېسەك،ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلارنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق چۈشكۈن،ئۈمىدسىز سۆزلەرنى قىلماسلىقى،ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىدىغان سۆزلەرنى،جەمئىيەتتىكى ناھەقچىلىك ۋە بۇزۇلۇشلار ھەققىدىكى سۆزلەرنى بالىلار بار يەردە قىلىشتىن ساقلىىنىشى لازىم. :.C)7( 8S  
ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىمكانيەتنىڭ بېرىچە بالىلارغا ئىلھام بېرىشىمىز،روھىنى  كۆتۈرۈشىمىز،ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىمىز،ئۆي باھاسى ئۆسۈپ كەتتى،خىزمەتكە ئورۇنلاشماق تەسلىشىپ كەتتى،جاھاندا ئادىللىق قالمىدى،تېزىرەك دەم ئېلىشقا چىقىش...دېگەندەك مەسىلىنىڭ يامان تەرىپى ھەققىدىكى پاراڭلىرىمىزنى  ۋە ئۆزۈمىزدىكى ھەرقانداق پاسسىپ كەيپىياتنى مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا قويۇپ كىرىشىمىز كېرەك.يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىز: {AtfK>D  
                                                                  كۆر، ئىتقا بولىۋەرسە باش ئارسىلان، H8x:D3C0  
                                                                   بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسىلانسىمان. tTE3H_   
                                                                   گەر ئىت ئۇ بولسا ئارسىلانغا باش،   0L 7@2|a0  
                                                                   بولۇر ئارسىلانلار ھەم ئىتتەك ھامان. UU-v;_oP  
دېگىنىدەك ئوقۇتقۇچىلاردىكى ئاكتىپ ياكى پاسسىپ پوزۇتسىيەمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىغا بەلگۈلۈك دەرىجدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. =+k&&vOAn  
VQ/ <09e  
مەنبە:ئۆز قەلەم ^glbxbhI4  

تېما تەستىقلىغۇچى : Eltekin
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-05, 20:46
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟
ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟
يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ،
گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟
Eltekin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1424

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1916 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2262 (سوم)
 ياخشى باھا:   1519 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1928  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10085
 سائەت
دەرىجىسى:
10085 سائەت 255 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-05

كۆر، ئىتقا بولىۋەرسە باش ئارسىلان، +dPE!:  
بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسىلانسىمان. {HE.mHy  
گەر ئىت ئۇ بولسا ئارسىلانغا باش، bUZ& }(/  
بولۇر ئارسىلانلار ھەم ئىتتەك ھامان
.
#lLn='4  
توغرىسى مۇشۇ ئىدى دەپ قارايمەن. سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق يازغانلىقىڭىزنى بىلمىگەچكە شېئىر سۆزىنى تەھرىرلىمىدىم. h}c6+@w&-  
q%)*,I<  
بالىلار ئۈچۈن ئىزدەنگىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم. بالىلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەمەسمۇ !!!

 
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى،قورققىنى ئەمەس.         — ئەلتېكىن
kichikoghul
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33767

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   98 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16092 (سوم)
 ياخشى باھا:   1614 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2577  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2965
 سائەت
دەرىجىسى:
2965 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-05

تەستىقلىغۇچىEltekin ئەپەندىمگە رەھمەت.ئۆزۈمنىڭ خاتىرەمگە بەك ئىشىنىپ كېتىپتىمەن.تۈزتىپ تەھرىرلىدىم.
 
جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟
ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟
يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ،
گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟
281151976
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6837

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   35 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5262 (سوم)
 ياخشى باھا:   185 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   256  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 973
 سائەت
دەرىجىسى:
973 سائەت 67 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-19
ئاخــىرقىسى:2011-10-27
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-05

[T?6~^m=  
مائارىپتىن ئاغرېنىشنىڭ پايدىسى يوق ، گەپ ئەمدى مائارىپىمزىنى قانداق يولغا باشلاشتا ، !/ q&0a  
مەن يول تېپىپ قويدۇم مەن بالامنى تەربىلىگەندە خۇدايىم بۇيرۇسا مۇنداق تەربىيلەيمەن ، ھەرگىزمۇ مائارىپقا ئارتىپ قويمايمەن ، LYo7?rp  
بېرىنجى  بالامنى قوشتىللىق يەسلىگە بېرىمەن ، `0gK;D8t  
ئككىنجى بالامنىڭ ئىسلام سەۋيەسىنى باشلانغۇچتىلا يېتىلدۇرۇپ بۇلىىمەن چۇنكى ، بالا ئەخلاقلىق بۇلمىسا ھەم ئۆز ئەنئەنسىنى ئۇنتۇپ قالسا بۇلمايدۇ، T/.y(8!0I8  
ئۇچىنجى بالام تولۇقسىزنى پۇتتۇرگىچە    مەكتەپ ئۇگۇنىشنى ئاساس ، قىزز ش ئالاھدېلىكى ئاساسەن  ئەسقاتارۋى بىلىملەرنى مۇھىم تۇتۇپ تەربىلەيمەن، OG$iZiuf  
تۆتىنجى بالام تولۇقسىنى پۇتتۇرگەندىن كېىن پۇل ھەم نەتىجە ئۇچۇن جان تكىپ كۇرەش قىلىشقا  ئۇندەشكە باشلايمەن . 4 Fc1 '  
سەياھ بالا
 
ijatqan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39650

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   51 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   220 (سوم)
 ياخشى باھا:   12 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1295
 سائەت
دەرىجىسى:
1295 سائەت 55 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-04
ئاخــىرقىسى:2011-10-20
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-05

ئەتراپلىق قىلىنغان مۇلاھىزڭىزدىن شۇنداق سۇيۇندۇم! ?) 
مىنىڭچە بۇ مەسىلدە ھەر-بىرمىزنىڭ مەسۇلىيىتى ئېغىر....كەلگۇسى ئىز باسارلىرمىزغا ھەممە جەھەتىن كوڭۇل بۇلەيلى!!!! q`K-T _<  
ئۇلار بىزنىڭ ئۇمۇدىمىز ئەمەسمۇ!!!!!!!! ~ab_+%  
L2A#OZZu  

 
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4326 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55393 (سوم)
 ياخشى باھا:   2683 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2586  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1681
 سائەت
دەرىجىسى:
1681 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-05

  مىللىي  مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۆرۈلگەن يېتەرسىلىكلەرنى ئەستايىدىل تەھلىل قىپسىز... ea+rjvm  
مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،ئۈچ قارار ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقاردىم،دەسلەپكى قارادا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن كېيىنكى قارادا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى،ئەخلاقى -پەزىلىتى،ئاتا -ئانىلارنى،ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى.....قاتارلىقلاردا خېلى پەرقلەر بار....دېمەكچىمەنكى ئوقۇغۇچىلاردىكى قىزغىنلىق يىلدىن -يىلغا چېكىنىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.بۇنىڭدىكى سەۋەبنى ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىشى،ئىشقا ئورۇنىلشىش ئەھۋالى،جەمىيىتىمىزنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن چېكىنىشى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىڭ سۇسلىشىشى .....قاتارلىق بىرقانچە جەھەتلەردىن كۆرۈشكە بولىدۇ....
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +20
mangkurt مۇنبەر پۇلى +20 06-07 نەق گەپ
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
ubul0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7478

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   3556 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   636 (سوم)
 ياخشى باھا:   1153 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   592  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7275
 سائەت
دەرىجىسى:
7275 سائەت 125 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-05

ئىشلىتىش
ئىشلىتىدىغان قەۋەت5قەۋەتmusilinaبىلەن2011-06-05 09:26 PMيوللانغان : Fi#t88+1  
  مىللىي  مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۆرۈلگەن يېتەرسىلىكلەرنى ئەستايىدىل تەھلىل قىپسىز... ziOmmL(r  
مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،ئۈچ قارار ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقاردىم،دەسلەپكى قارادا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن كېيىنكى قارادا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى،ئەخلاقى -پەزىلىتى،ئاتا -ئانىلارنى،ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى.....قاتارلىقلاردا خېلى پەرقلەر بار....دېمەكچىمەنكى ئوقۇغۇچىلاردىكى قىزغىنلىق يىلدىن -يىلغا چېكىنىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.بۇنىڭدىكى سەۋەبنى ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىشى،ئىشقا ئورۇنىلشىش ئەھۋالى،جەمىيىتىمىزنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن چېكىنىشى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىڭ سۇسلىشىشى .....قاتارلىق بىرقانچە جەھەتلەردىن كۆرۈشكە بولىدۇ.... r0sd_@Oj  
#FcYJH   
مىنىڭ قارشىم بىلەن ئوخشاشكەن.
 
umak88
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1969

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1679 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14281 (سوم)
 ياخشى باھا:   611 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   478  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3311
 سائەت
دەرىجىسى:
3311 سائەت 189 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-05

تۇغۇلمىغان بالامنى قانداق تەربىيەلەش توغرىسىدا تېخى باشلىرىم قېتىپ كىتىدۇ مىنىڭ ، ئاللاھ كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمۈدى بولغان شۇ  ناراسىدىلەرنىڭ كەلگۈسىنى ياخشى قىلغىن !
 
http://blog.sina.com.cn/esma88
101nazinin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4980

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   146 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5974 (سوم)
 ياخشى باھا:   208 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   265  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2692
 سائەت
دەرىجىسى:
2692 سائەت 58 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-28
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-05

ھەقىقەتەن راست بويىچە تەھلىل قىلىپسىز. )dV.A IQ+  
ئەمما مائارىپتىكى ساختىلىقلارنىڭ كۆپلىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ساختىلاشتۇرۇشقا قاراپ ماڭدى.تاپشۇرۇقنىڭ قېتىم سانىنىڭ بەلگىلنىشى ئوقۇغۇچىلارنى تاپشۇرۇقتىن بىزار قىلدى.قۇرۇق يازمىلارنىڭ كۆپلىكى ساقتىلىقنى ئاشۇردى.ئاندىن بەلكىم كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلار قۇبۇل قىلالماسلىقى ،مېنىڭچە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار 40ياشقا كىرىپلا ئۆزىنى قېرىتىۋالدى.بىزنىڭ مەكتەپنى مىسال ئالسام مۇنبەردە تۇرۇپ پىنسىيىگە چىقىمەن دىگەندىن ئىككىسىنىلا ئاڭلىدىم.قالغان 40ياشلىقلار بولسا دەرۋازا باقسام،قالغان كۈنلەردە ئارام ئالسام دىگەندىن باشقا گەپنى قىلمايدۇ
 
ئىنسان ئىنساندەك ياشىسىلا رەزىللىكتىن خالى بولاتتى
AZGUNBALA
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40639

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   252 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   755 (سوم)
 ياخشى باھا:   5 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   5  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 446
 سائەت
دەرىجىسى:
446 سائەت 94 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-14
ئاخــىرقىسى:2011-08-16
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-06

مەن بۇھەقتە بىر نىمە دىيىشكە تېخى كىچىكلىك قىلىدىكەنمەن جۇمۇ، بولسا چوڭلار بىزگە ئۈلگە بۇلۇڭلار، مىللىتىمىز زاۋاللىقتىن يانسۇن!
 
ئازغۇن ئۆزىنىڭ ئازغىنىنى بىلىدۇ،
     بىراق توغرا يولغا قايتىشقا كىممۇ ياردەم قىلىدۇ؟
alqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.834

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   461 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14917 (سوم)
 ياخشى باھا:   342 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   362  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1712
 سائەت
دەرىجىسى:
1712 سائەت 178 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-06

مۇشۇ مىللىي دېگەن گەپنى توغرا ئىشلەتسەك دەيمەن،نەگىلا قارىسا مىللىي....مىللىيچە كىيىم،مىللىيچە ساتراشخانا،مىللىي ئەنئەنە ئەمدى مىللىي مەكتەپ دەپ چىقىپتۇ،،،،بۇلارنى ئۇيغۇرنىڭ كىيىمى،ئۇيغۇرنىڭ ساتراشخانىسى،ئۇيغۇرنىڭ ئەنئەنىسى، ئۇيغۇر مەكتىپى دېسە بولمامدا؟شەبنەم مۇنبىرىگىمۇ،سەلكىنگىمۇ بىر مۇنبەرگە يېزىلغانتى مىللىي دېمەڭ دەپ بىر تېما.
 
دۇنيانىڭ تىلىكى،سەمەرىمۇ بىز،
ئەقىل كۆزى قارىسى-جەۋھىرىمۇ بىز.
دۈگىلەك جاھاننى ئۈزۈك دەپ بىلسەك،
شەكسىزكى ئۇنىڭ كۆزى،گۆھىرىمۇ بىز.
alqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.834

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   461 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14917 (سوم)
 ياخشى باھا:   342 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   362  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1712
 سائەت
دەرىجىسى:
1712 سائەت 178 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-06
3قەۋەتتىكى(281151976) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

ھېچقانداق ئاق-قارىنى پەرق قىلالمايدىغان بالىنى قوش قىلسىڭىز،خېلى بېسىم كېتىدۇ،چالا موللىلاردەك ،زادى مۇشۇ قوش تىلنى.....................
 
دۇنيانىڭ تىلىكى،سەمەرىمۇ بىز،
ئەقىل كۆزى قارىسى-جەۋھىرىمۇ بىز.
دۈگىلەك جاھاننى ئۈزۈك دەپ بىلسەك،
شەكسىزكى ئۇنىڭ كۆزى،گۆھىرىمۇ بىز.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى