بىرىنچى، ئالەم ھەققىدە چۇشەنچە
c&{1Z&Y ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى بىلگىلى بولمايدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىنمۇ؟ شۇنداق دىسەكمۇ بولىدۇ ، چۈنكى ئىنساننىڭ ھازىرقى بىلىش ئىقتىدارى بىلەن قارىغاندا بۇ، ئالەمنىڭ چېتى بولمىغانلىقىدىندۇر. ئۇنداقتا، ئالەم دېگەن نىمە؟ ئالەم _ بىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مۇشۇ ماكان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پىلانىتلاردىن ئىبارەت. بۇ ئالەمنىڭ يا بېشى، يا ئايىقى يوق. بۇ چېتى يوق ماكانغا شەكلى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان، ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلىنىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئاسمان جىسىملىرى جايلاشقان. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئالەمنىڭ چېتى يوق. ئۇ مەڭگۈ ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان چەكسىز پىلانىتلار توپى. بىز ياشاۋاتقان يەر شارى بىزگە نىسبەتەن ئېھتىمال چوڭ بىر ئاسمان جىسمى ھېسابلىنىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ بىپايان ئالەم دېڭىزىدىكى بىر زەررىچىدىن ئىبارەت، خالاس.
-_bnGY%, >VQP,J{ (سامان يولى سىستېمىسىدىكى يۇلتۇزلار)
`u zR!^X يەر شارىدا تۇرغان كىشىلەر پەقەت ئۆزىنىڭ كۆرۈش دائىرىسى ئىچىدىكى يۇلتۇزلارنىلا كۆرەلەيدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتى خېلى ياخشى ھېسابلىنىدىغان كىشىلەرمۇ ئىگىز جايدا تۇرۇپ ئاسمانغا قارىغاندا، ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت 3 مىڭدىن كۆپرەك يۇلتۇزنىلا كۆرەلەيدۇ. لېكىن، شۇنى ئۇنۇتماڭكى، سىزنىڭ ئۈستىڭىز پەقەت ئاسمان بوشلۇقىنىڭ يېرىمىلا خالاس. ئۇنىڭغا ئۇپۇق سىزىقىنىڭ تۆۋەندىكى يېرىم ئاسمان بوشلۇقىنى قوشقاندا، ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ ئومۇمىي سانى 6 مىڭدىن 7 مىڭغىچە بولىدۇ. ئەگەر چوڭ تىپتىكى زامانىۋى ئاسترونومىيە تېلېسكوپى بىلەن قارايدىغان بولساق، ئاز دېگەندە 10 مىليارد يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقىدىكى ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرەلەيمىز. كۆرەلەيدىغان يۇلتۇزلارنىڭ سانى بىر نەچچە يۈز مىلياردقا يېتىشى مۇمكىن. بىراق، بۇمۇ يەنىلا پۈتكۈل ئالەمدىكى بارلىق يۇلتۇزلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت. بۇنىڭ بىلەن ئالەمنڭ ھەقىقىي چوڭلىقىنى بەلگىلىيەلمەيمىز. بىزگە يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ئاتا قىلىدىغان قۇياشنى ئالساق، ئۇ سامان يولى سىستېمىسىدىكى ئاددىي بىر يۇلتۇز بولۇپ، چوڭلۇقى بىر مىليون 300 مىڭ يەر شارىغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما سامان يولى سىستېمىسىدا 200 مىلياردقا يېقىن قۇياشتەك ھەم قۇياشتىنمۇ زور بولغان يۇلتۇزلار بار.
(aAv7kB&
`K ,{Y_ (سامان يولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزى)
PJq;OM| ئېھتىمال سىز سامان يولى سىستېمىسىدىنمۇ چوڭ بولغان ئاللىقانداق يەنە بىر نەرسە يوق، دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئاسترونوملار ناھايىتى چوڭ تېلېسكوپنىڭ ياردىمى بىلەن سامان يولى سىستېمىسى سىرتىدا يەنە سامان يولى سىستېمىسىغا ئوخشايدىغان سانسىزلىغان غايەت زور ئاسمان جىسىملىرىدىن تەركىب تاپقان يۇلتۇزلار سىستېمىسى بارلىقىنى بايقىدى. ھازىرقى زامان تېلېسكوپلىرى بىلەن 10 مىليارد يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى كۈزەتكىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تېخى ئالەمنىڭ چېتى ئەمەس. بۇ پەقەت بىز نۆۋەتتە كۆزىتەلەيدىغان ئالەمنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنىڭ ئاز دېگەندە 10 مىليارد يورۇقلۇق يىلىدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھەقىقىي ئالەمنىڭ بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت.(
http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=7294 ) ئالىملار ئېنىقلىقى تېخىمۇ يوقىرى تېلېسكوپلارنى ياساپ، ئۇلارنى باشقا سەييارىلەرگە ئېلىپ چىقىپ ئالەمنى كۆزىتىشى مۇمكىن. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، ئالەمنىڭ باش - ئايىقىنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئالەمنىڭ چېتى يوق. قاراپ بېقىڭ تۆۋەندىكى يەر شارىدا ئادەم قانچىلىك چوڭلۇقتا بولار؟ تۆۋەندىكىسى ساما يولى سېستىمىسىنىڭ كۆرۈنۈشى ئۇ يەردە بىز بىلىدىغان قۇياشقا ئوخشاش سېستىمىدىن كامىدا 200مىڭى بار...
g[Z$\A?ZbZ wx
a?. ئىككىنچى، قۇياش سىستىمىسى ھەققىدە چۇشەنچە
1G0U}-6RH قۇياش سىستېمىسى قۇياشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئوت ھالىتىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ھەركەت قىلىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىستېمىسى بولۇپ، ئاساسەن قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ، يەر شارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. توققۇز چوڭ سەييارىنى ۋە بۇ سەييارىلەرنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاي قاتارلىق 60 تىن ئارتۇق ھەمراھنى،10 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك سەييارىنى، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنى، ئاقار يۇلتۇزلارنى، شۇنىڭدەك يۇلتۇزلار ئارا گاز جىسىملار ۋە چاڭ - توزانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
iP7
Cku}l ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىسىدە قۇياش ئەڭ چوڭ بولۇپ، بارلىق ئاسمان جىسىملىرى مەلۇم ئوربىتا بويىچە ئۇنى چۆرىدەپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بەزىدە بىرقانچە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ۋە ئاقار يۇلتۇزنىڭ تاسادىپىي سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھەرىكەت ئوربىتىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ، شۇنداقتىمۇ يەنىلا قۇياشنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتەلمەي قۇياشنى سوقىچاق شەكلىدە ئايلىنىدۇ. قۇياش خۇددى بىر شەكىلسىز ئارغامچا بىلەن پۈتۈن ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆزىگە تارتىپ بىللە ئايلاندۇرۇۋاتقان چەكسىز بوشلۇقتىكى شارلار توپىغا ئوخشايدۇ. بۇ «ئارغامچا» دەل «ئالەملىك تارتىشىش كۈچى» دېيىلىدۇ.
O_zW/#
DqfWu* http://blog.sina.com.cn/s/blog_693847db0100lr7q.html S(B$[)(
قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەر z n,y'},
( مائۇسنى سەييارە ئۇستىگە توغۇرلاپ چەكسىڭىز مۇناسىۋەتلىك سانلىق مىقدارلار كۆرىنىدۇ)
R&>G6jZ?8 قۇياش سىستېمىسى ئىچىدە قۇياش ئالاھىدە «نوپۇز» غا ئىگە. ئۇنىڭ ماسسىسى پۈتۈن قۇياش سىستېمىسى ئومۇمىي ماسسىسىنىڭ %9.99 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ ھەم قۇياش سىستېمىسىدىكى ئۆزىدىن يورۇقلۇق تارقىتالايدىغان بىردىنبىر تۇرغۇن يۇلتۇزدۇر، ئەتراپتىكى باشقا ئەزالارنىڭ ھەممىسى پەقەت قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇش ئارقىلىقلا نۇر تارقىتالايدۇ.قۇياش سىستېمىسىنىڭ بوشلۇقتا ئىگىلىگەن دائىرىسى ناھايىتى چوڭ، ئەگەر قۇياشقا ئەڭ يىراق سەييارە — پلۇتوننىڭ ئوربىتىسىنى قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چېتى دەپ ھېسابلىساق، ئۇ چاغدا بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئالەمدە ئىگىلىگەن دائىرىسىنىڭ دىئامېتىرى12 مىليارد كىلومېتىر كېلىدۇ. توققۇز چوڭ سەييارە قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ئەزالىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مېركۇرىينىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن، قالغانلىرى رەت تەرتىپى بويىچە ۋېنېرا، يەر شارى، مارس، يۇپىتېر، ساتۇرن، ئۇران، نېپتۇن، پلۇتونلاردىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا يەنە يېڭى بايقالغان ئىككى سەييارە بولۇپ،ئۇلارغا سىمىل ۋە كارلا دەپ ئىسىم قويۇلغان.يەنە نەچچە يۈز مىڭلىغان كىچىك سەييارىلەر بار بولۇپ، ئاساسلىقى مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىسىغا توپلاشقان، ئەگەر توققۇز چوڭ سەييارىنى چوڭ - كىچىكلىك تەرتىپى بويىچە قاتار تىزساق، ئەڭ چوڭى يۇپىتېر بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ساتۇرن، ئۇران، نېپتۇن، يەر شارى، ۋېنېرا، مارس، مېركۇرىي كېلىدۇ. پلۇتوننىڭ دىئامېتىرى 3000 كىلومېتىردىن 3600 كىلومېتىرغىچە بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىمەكتە، ئەگەر مۇشۇ سان ئېتىراپ قىلىنسا، توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە پلۇتون ئەڭ كىچىك سەييارە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدە تۇرۇپ قۇياشقا نەزەر سالغاندا، قۇياشنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىمۇ ئوخشاش كۆرۈنمەيدۇ(http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=6462).
$+ z3 قۇياش سىستېمىسى ئۆز نۆۋىتىدە سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ناھايىتى كىچىك بىر قىسمى بولۇپ، قۇياشنىڭ ئۆزىمۇ سامان يولى سېستىمىسى تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئائىلىسىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئالەمنىڭ مەركىزى ئەمەس ھەم سامانيولى سىستېمىسىنىڭمۇ مەركىزى ئەمەس، ئۇ قۇياش سىستېمىسىدىكى بارلىق ئەزالىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ.
#\|Ac*> ئالەمدە «قۇياش سىستېمىسى» پەقەت بىرلا ئەمەس.1983 - يىلى8 - ئايدا ئامېرىكا ئالىملىرى قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر «قۇياش سىستېمىسى» نىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېلېسكوپ ئارقىلىق بىر قىسىم ئاسمان جىسىملىرىنىڭ توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا مەۋجۇت بولۇپ ئۇنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى قۇياش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ بايقاش ئارقىلىق ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى «قۇياش سىستېمىسى» نى كۆزىتىش ۋە سېلىشتۇرما تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى، ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئالەمنىڭ سىرىنى ئېچىپ، ئاسمان جىسىملىرىغا بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغۇسى.
m\4V;F F9ys.Bc ئۇچىنچى، قۇياش ھەققىدە چۇشەنچە
8#m,TOp قۇياش يەر شارى ۋە باشقا پىلانېتىلارنى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلاندۇرۇپ، ھەمدە ئۇلارغا يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بېرىپ تۇرىدىغان قۇياش سىستېمىسىدىكى مەركىزىي ئاسمان جىسىمى، شۇنداقلا يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، جىمى ھاياتلىق قۇياش بولمىسا داۋاملىشالمايدۇ. قۇياشنىڭ ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ330 مىڭ ھەسسىسىگە، ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ1 مىليون300 مىڭ ھەسسىسىگە، دىئامېتىرى يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ109 ھەسسىسىگە (تەخمىنەن1 مىليون390 مىڭ كىلومېتىرغا) توغرا كېلىدۇ. يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ. لېكىن، چەكسىز يۇلتۇزلار دۇنياسىدا قۇياش پەقەت ئاددىيلا بىر ئەزادىن ئىبارەت.
<r9L-4
S!Alno (فىلىم - قۇياشنىڭ ھەركەت قانۇنىيىتى)
X#ZQpo'h قۇياش سىرتقى يۈزىدە توختىماي پارتىلاش ھادىسسى يۈز بېرىپ تۇرغان، چوغدەك قىزىپ تۇرغان گاز شارى بولۇپ، سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى6000 سېلىسىيە گرادۇس، ئىچكى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى17 مىليون سېلىسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ. قۇياش ئاساسەن ھىدروگېن بىلەن گېلىيدىن تەركىب تاپقان. ماسسىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھىدروگېن تەخمىنەن %71 نى، گېلىي تەخمىنەن %27 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز مىقداردا ئوكسىگېن، كاربون، ئازوت، تۆمۈر، سىلىتسىي، ماگنىي، گۈڭگۈرت قاتارلىقلارمۇ بار.
SmpYH
@ قۇياش ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان يادرو مەركىزى رايونى، رادىئاتسىيە رايونى ۋە كونۋېكسىيە رايونى قاتارلىق ئۈچ قەۋەتتىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان، ھىدروگېننىڭ توپلىشىپ گېلىيغا ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت ئىسسىق يادرو رېئاكسىيىسى يادرو مەركىزى رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئېنېرگىيە رادىئاتسىيە، كونۋېكسىيە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، ئەڭ ئاخىردا، قۇياش يۈزىدىن چېچىلغان قۇياش رادىئاتسىيىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. قۇياشنىڭ سىرتقى قەۋىتى ئادەتتە «قۇياش ئاتموسفېراسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يەنە ئىچىدىن سىرتقا قاراپ فوتوسفېرا، خروموسفېرا ۋە قۇياش تاجى قاتارلىق ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ. فوتوسفېرا قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى نېپىز قاتلام بولۇپ، قېلىنلىقى500 كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇياشنىڭ دىئامېتىرى مۇشۇ يۇمىلاق يۈزگە ئاساسەن بېكىتىلگەن. فوتوسفېرانىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن6000 سېلىسىيە گرادۇس بولۇپ، قۇياشنىڭ نۇرى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ جايدىن تارقىلىدۇ. بۇ نېپىز قەۋەت كىشىلەرنىڭ كۆرۈش سىزىقىنى توسۇۋالىدۇ، شۇڭا، كىشىلەر قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىرلارنى بىلىشكە ئامالسىز قالماقتا.
x0KW\<k
Dias!$g (قۇياشنىڭ تۈزىلىشى)
خروموسفېرا قۇياش ئاتموسفېراسىنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمى بولۇپ، ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى2000 كىلومېتىر كېلىدۇ. زىچلىقى فوتوسفېرا زىچلىقىدىن تۆۋەن بولۇپ، ناھايىتىمۇ سۈزۈك. خروموسفېرانىڭ تېمپېراتۇرىسى نەچچە مىڭ سېلىسىيە گرادۇستىن نەچچە ئون مىڭ سېلىسىيە گرادۇسقىچە بولىدۇ، لېكىن خروموسفېرادىن تارقىلىدىغان نۇر فوتوسفېرادىن تارقىلىدىغان نۇرنىڭ بىرقانچە1000 /1 ىگە توغرا كېلىدۇ، ئادەتتە بىز ئۇنى بىۋاسىتە كۆرەلمەيمىز. پەقەت كۈن تۇتۇلغاندا ياكى خروموسفېرا تېلېسكوپى بىلەن كۆزەتكەندىلا ئاندىن كۆرگىلى بولىدۇ. كۈن تولۇق تۇتۇلغاندا، يەنى قۇياش فوتوسفېراسى ئاي تەرىپىدىن تامامەن توسۇۋېلىنغان چاغدا، قارامتۇل ئاي ھالقىسى ئەتراپىدىن خۇددى ئادەمنىڭ قېشىغا ئوخشايدىغان ناھايىتى ئىنچىكە بىر قىزىل نۇرنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ دەل قۇياش خروموسفېراسىنىڭ نۇرىدۇر.
= 9Ow!(!@ قۇياش تاجى قۇياش ئاتموسفېراسىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتى بولۇپ، قېلىنلىقى نەچچە مىليون كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ قاتلامنىڭ ئاتموسفېراسى تېخىمۇ شالاڭ بولۇپ، يەر يۈزى ئاتموسفېرا زىچلىقىنىڭ تەخمىنەن مىلتيۇندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. قۇياش تاجىنىڭ نۇر تارقىتىشى خروموسفېرادىن خېلى ئاجىز بولۇپ، ئادەتتە ئاددىي كۆز بىلەن ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيمىز. پەقەت كۈن تولۇق تۇتۇلغاندا، قارامتۇل ئاي ھالقىسىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن كەڭ كۆلەمدە كۈمۈش رەڭلىك نۇرلارنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ دەل قۇياش تاجىسى قەۋىتىنىڭ ئۆزىدۇر.
4.=jKj9j قۇياش تاجىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ،1 مىليون سېلىسىيە گرادۇس كېلىدۇ. بۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ھىدروگېن ۋە گېلىي ئاتوملىرى ئىئونلىنىپ مۇسبەت زەررەتلىك پروتونلار (يەنى ھىدروگېن ئاتوميادروسى، گېلىي ئاتوم يادروسى) ۋە مەنپىي زەررەتلىك ئەركىن ئېلېكترونلارغا ئايلىنىدۇ. بۇ زەرەتلىك يادروسى، گېلىي ئاتوم يادروسى) ۋە مەنپىي زەررەتلىك ئەركىن ئېلېكترونلارغا ئايلىنىدۇ. بۇ زەرەتلىك زەررىچىلەرنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغاچقا، زەرەتلىك زەررىچىلەر قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلۇپ، قۇياش سىستېمىسىنىڭ بوشلۇقىغا قاراپ ھالقىپ چىقىدۇ. بۇنداق شەكىللەنگەن زەرەتلىك زەررىچىلەر ئېقىمىنى كىشىلەر «قۇياش بورىنى» دەپ ئاتايدۇ.
H;h$k]T قۇياش تاجىنىڭ شەكىل - ھالىتى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى قۇياش داغلىرى پائالىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قۇياش داغلىرى پائالىيىتى كۈچەيگەن يىللاردا قۇياش تاجى يۇمىلاق ھەم يىراققا سوزۇلغان ھالەتتە كۆرۈنىدۇ؛ئاجىزلىغان يىللاردا قۇياش تاجى ئۇزۇن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ.
?XlPKY قۇياشمۇ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى قۇياش يۈزى ئېكۋاتورىدا25 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، ئىككى قۇتۇپقا يېقىنلاشقانسېرى بۇ دەۋر ئۇزىرايدۇ، ئىككى قۇتۇپ رايونىدا تەخمىنەن35 كۈن بولىدۇ.
oimM)Yo 'mELW)S توتىنچى،يەر شارى ھەققىدە چۇشەنچە
fN_qJm#:$y يەر شارى چەكسىز ھاياتى كۈچكە تولغان سامان يولى سىستىمىسىدىكى قۇياش سېستىمىسىغا قاراشلىق بىر ئاددى پىلانىت. يەر شارىدا سانسىزلىغان جانلىقلار بىرلىكتە ھايات كەچۈرىدۇ. ئالىملار بىردەك ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى يەر شارى پۈتۈنلەي ئۈزلۈكسىز پارتىلاپ تۇرغان يانار تاغلار ۋە يانار تاغ لاۋلىرى بىلەن قاپلانغان ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىنتايىن تىز بولغان، ئوت دىڭىزى بولۇپ، بۇ ۋاقىتلاردا ھىچقانداق ھاياتلىقتىن ئېغىز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، كېيىن مەلۇم تارتىش كۈچى نەتىجىسىدە يىغىلىشى بىلەن يەر شارى بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ.
`f[
kl~)<,/@ (يەر شارىنىڭ قۇياش سىستېمىسىدىكى ئورنى)
:MP*Xy\7&J 1.يەر شارىنڭ ئېغىرلىقى(6000.000.000.000.000.000.000.)توننا يەنى 6×10^24 كىلوگىرام كېلىدۇ
+a'LdEp 2.قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 1يېرىم مىلىيون كىلومېتىر، يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش ئوربىتاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 924 مىلىيۇن 375مىلىيۇن 700كىلومېتىر كېلىدۇ.
[ *~2Ts 3.قۇياشنىڭ ھەجىمى يەر شارىنىڭ ھەجىمىنىڭ 1مىلىيون 300مىڭ ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ
qs%UJ0tR 4.يەر شارى يادروسىنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەخمىنەن 5700سېلسىيە گىرادوس كېلىدۇ.
!X[P)/?b0+ 5.يەر شارى تەخمىنەن 4مىليارت600مىلىيۇن ياشقا كىردى.
d =p=eUd2 6.يەر شارى سىكۇنتىغا 29.7كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ھەر 24 سائەتتە ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ، سىكۇنتىغا 11.186كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ھەر 365كۈندە قۇياشنى بىر قېتىم غەرپتىن شەرققە قاراپ ئايلىنىپ چىقىدۇ.
f<{f/lU@ 7.يەر شارى ئايلانغاندا ئېكۋاتورنى نۆل دەپ قارىغاندىكى 23.26گىرادۇسقىچە قۇياش نۇرىغا تىك چۈشىدۇ، يەر شارى بىر يىل ئىچىدە جەنۇبى ۋە شىمالىغا ئىككى قېتىم قىيپاش بولىدىغانلىقتىن جەنۇبى ۋە شىمالى تىروپىك سىزىقى مۇشۇ ئىككى گىرادۇسنى ئۆلچەم قىلىپ شەكىللەنگەن بولىدۇ.
.O
pG2P I/*^s 8.يەر شارىنىڭ جەنۇپتىن شىمالغا بولغان رادىئۇسى 6356كىلومېتىر، غەرپتىن بولغان ئېكۋاتور رادىئۇسى تەخمىنەن 6371 كىلومېتىر ، ئايلانمىسى 40مىڭ 75كىلومېتىر، ھەجمى 1تىرلىيۇن 83مىليارت 200مىلىيۇن كۇپ كىلومېتىر كېلىدۇ. يەنى ھازىرقى سائىتىگە 800كىلومېتىر ئۇچىدىغان ئەڭ ئىلغار يولۇچىلار ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغاندا يەر شارىنى تولۇق ئايلىنىش ئۈچۈن 50سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.
nWes,K6T 9.يەر شارىنىڭ يۈزى 510مىليۇن كۇۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ يۈزى 361مىليارت 745مىلىيۇن كۇۋادرات كىلومېتىر بولۇپ70.8 %نى ئىگەللەيدۇ، قۇرۇقلۇق يۈزى 148مىلىيارت 939كىلومېتىر بولۇپ 29.2 % نى ئىگەللەيدۇ.
`Frr?.3&- 10. يەر شارى ئاتموسفىراسىدا ئازوت 78.5% نى، ئوكسېگىن 21.5%نى ئىگەللەيدۇ. يەر شارىدا تەخمىنەن 7 مىلىيادقا يېقىن ئىنسان بار.
.0rTk$B
(http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=7221 )
K))P
2ss %L|xmx!c بەشىنچى، ئاي شارى ھەققىدە چۇشەنچە
;X
N Ahg7 ئاي- يەر شارىنىڭ بىردىنبىر تەبىئىي ھەمراھى، يەر شارىغا ئەڭ يېقىن تەبىئىي ئاسمان جىسمى.
jLA)Y
[h ئاينىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى384400 كىلومېتىر بولۇپ، يېقىن ۋاقتىدا 363مىڭ كىلومېتىر، يىراق ۋاقتىدا 405مىڭ500كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاي شارى ئاي ئۆزى نۇر تارقاتمايدۇ، بىز كۆرگەن ئاي نۇرى ئاي يۈزىدقن قايتقان قۇياش نۇرىدىن ئىبارەت.
?t/G@ ئاي شارىنىڭ ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ48 /1، ىگە تەڭ، كۆلىمى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ كۆلىمىگە تەڭ دېگۈدەك كېلىدۇ.
?iZM.$![ ئاي شارىنىڭ دىئامېتىرى 3476كىلومېتىر بولۇپ يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ 11دەن ئۈچىگە توغرا كېلىدۇ.
!' 0PM[ ئاي شارىنىڭ ماسسىسى 735مىليارد توننا بولۇپ يەر شارى ماسسىسىنىڭ تەخمىنەن81 /1 ىگە، زىچلىقى يەر شارى زىچلىقىنىڭ5 /3 قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ئاي شارى يەر شارىدەك ئۇنداق مۇستەھكەم ئەمەس.
#+N_wIP4 \:g\?[ 1G6 \}El95 (ئاي يۈزىنىڭ ئالدىدىن ۋە ئارقىسىدىن كۆرىنىشى)
l^^Z}3^Rk ئاي شارىدىكى ئېغىرلىق كۈچى يەر شارىنىڭكىنىڭ 6دەن بىرىگە تەڭ بولۇپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىغا چىققان ۋاقىتتا بىرىنچى بولۇپ بەدىنىنىڭ يېنىكلەپ، كۈچ - قۇۋۋىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ؛ يول ماڭغاندا خۇددى ئۇچقاندەك بىلىنىدۇ،3 -4 مېتىر ئېگىزلىكتىكى توسالغۇ ماددىلاردىن ھەم10 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغىلاردىن بىر سەكرەپلا ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، يەر شارىدا100 كىلوگرام كەلگەن ماددا ئاي شارىدا17 كىلوگرامغىمۇ يەتمەيدۇ، كىشىلەر ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئۇنى كۆتۈرەلەيدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئېغىر ئالەم كىيىمى بىلەن ئاي شارىدا ماڭغاندا، ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.
.^2.h ئاي شارى ھېچقانداق ھاياتلىق مەۋجۇت بولمىغان بىر دۇنيا بولۇپ، ئۇنىڭدا ھاۋا، سۇ دېگەنلەر يوق، ئاتموسفېرانىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش رولىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭدا كېچە - كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ.
^s
#+`Y05/ ئاي شارىنىڭ كۈن نۇرى چۈشكەن يۈزىدە تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا127 سېلىسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، كېچىسى نۆلدىن تۆۋەن183 سېلىسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالىدۇ، كېچە - كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى300 سېلىسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ. ئاي شارىنىڭ ماگنىت مەيدانى ناھايىتى ئاجىز بولغانلىقتىن، ھاياتلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن تېز سۈرئەتلىك زەرەتلىك زەررىچىلەر بىۋاسىتە ئايغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تەبىئىي شارائىتتا ئاي شارىدا يەر يۈزىدىكى ھاياتلىق ياشىيالمايدۇ.
DgK*>A
Fe
%Vp/ (ئاي شارىدىكى تۇنجى ئاياغ ئىزى)
ئاي يۈزىنى چوڭ - كىچىك ھالقىسىمان تاغلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، شەكلى يەر شارىدىكى يانار تاغ ئېغىزلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھالقىسىمان تاغلارنىڭ ئېگىز - پەسلىكى، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، ئەڭ چوڭىنىڭ دىئامېتىرى236 كىلومېتىر كېلىدۇ. دىئامېتىرى بىر كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئەمەس، ئەڭ چوڭىنىڭ دىئامېتىرى236 كىلومېتىر كېلىدۇ. دىئامېتىرى بىر كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ھالقىسىمان تاغلاردىن جەمئىي30 مىڭدىن كۆپرەكى بار. ئادەتتە ھالقىسىمان تاغلارنىڭ كۆپىنچىسى مېتېئورىتلارنىڭ سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بولۇشى ياكى يانار تاغلارنىڭ پارتلىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىدۇ. ئاي شارىدا يەنە ئون نەچچە تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىلىرى بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى6400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى9000 مېتىردىن ئاشىدۇ. بىز ئاددىي كۆز ئارقىلىق كۆرۈۋاتقان ئاي يۈزىدىكى قارا داغلار »ئاي دېڭىزى« دېيىلىدۇ، ئۇ ئاي شارىدىكى تۈزلەڭلىك ياكى ئويمانلىقتىن ئىبارەت(http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=6417).
+_k A&Q(t =1k%T {>
rT=C/SKP (ئاي فازىلىرىنىڭ ھاسىل بولىشى)
+0)M1!gK ئاي شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى بىلەن قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى تەڭ، يەنى3 .27 كۈن، ئۇلارنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا، ئاي شارىدا كېچە بىلەن كۈندۈز يېرىم ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئاي ھەمىشە يەر شارىغا ئۇدۇل قاراپ تۇرىدۇ.1969 - يىل7 - ئاينىڭ21 - كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى)، ئا ق ش ئالەم ئۇچقۇچىسى ئارمستروئىگ بىلەن ئالدىرىن ئولتۇرغان »ئاپوللو −11 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى75 سائەت50 مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن، ئاخىر تۇنجى بولۇپ ئايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوندى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. تۇنجى قېتىملىق ئايغا چىقىشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئىنسانلار ئاينىڭ پەيدا بولۇشى، قۇرۇلمىسى ۋە ئۆزگىرىش جەريانى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدى. كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئاي شارىنىڭ ماددىي قۇرۇلمىسى يەر شارىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى، ئاي جىنسلىرى تەركىبىدە ئاليۇمىن، كالتسىي، سېلىتسىي، تىتان، ماگنىي، كالىي قاتارلىق66 خىل ئېلېمېنت بارلىقى، ئۇلار ئېچىپ پايدىلىنىش جەھەتتە يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
tSux5yV 'sXrtl7{^ مەنبە: ماتېماتىكا تەييارلىدى
P(FlU]
q