y[;>#j$   (PLUFT  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ، بەلكىم ماقالەمنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ ئەركەكمۇ يېرىم بولامدۇ دەپ ھەيران قالغانسىلەر ؟ ........... 
 Nn6%9PX_)  ئەركەك ئەرلىك تۇرقى بىلەن كۆرۈنىشىدە يېرىم بولمايدۇ ، بەلكى يېرىملىق ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ، ئەرلىك غۇرۇرىدا ، ئىمانىدا بولىدۇ ، ئۇنداقتا << يېرىم ئەركەك >> دېگەن زادى قانداق ئەركەك ؟ 
 :#Wd~~d   بىز جەمىيەتكە قاراپ باقايلى ، دۇنيا ھاياتلىقى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان ئۆز نەپسىمىز ئۈچۈن ئۆزگىنىڭ نەپسىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ، ئادىمىيلىك ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىدىن يىراقلىشىشقا باشلىغان مۇنۇ 
 6nn*]|7  زېھنىمىز ، ۋىژدان - غۇرۇرىمىزغا ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن مەسلىلەر ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىپ بېقىشقا بىر ئاز رۇخسەت بېرەيلى ! .......... كۆردۇقكى بىز بىز بولماي قېلىۋېتىپتىمىز ، ئائىلىنىڭ ، جەمىيەتنىڭ تۈۋرۈكى بولىمىش ئەركەكلىرىمىز ئاجىزلاشقا ( مەنىۋىي جەھەتتىن ) باشلاپتۇ . مېنىڭچە ئەمدى قۇرۇق پەلسەپە سۆزلىمەي ئەمەلىي مىساللارنى سۆزلىگىنىم ياخشىدەك قىلىدۇ ، 
 dysS9a,  كوچىغا چىقىپ قارايدىغان بولساق ئاياللىرىمىز كىيىم كەيگەن يالىڭاچ ، كۆپۈنچە قىز -ئاياللىرىمىز ئاياللىقىمدىكى بار دەسمايەم مۇشۇ شۇ ، كۆرۈپ بېقىڭلار ، باھالاپ بېقىڭلار دەپ ئۆزىنى خۇددى كۆرگەزمە بۇيۇمىدەك باشقىلارغا نامايەن قىلىدۇ ، تاس قالىدۇ مال - باھا ئىدارىسىگە باھا بېكىتكۈزگىلى بارغىلى . ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە شەرمىي - ھايا دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق ، يېڭىچە زامانىۋى جەمىيەتتە ئۇلار شۇنداق ئېچىلدىكى : 
 &>O+}>lr9  ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ مەسلىلەرنى تەپەككۈر قىلىشتىكى مەركىزىي ئاپاراتى بولىمىش مېڭىسى جايلاشقان كاللىسى ئېچىلدى ، ئېچىلدىيۇ بېشىدىكى چاچلىرى پاخپىيىپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى ، ئۇلار زىيالىي ئىسلاھاتنىڭ باشلامچىسى دەۋىرنىڭ ئاۋانگارتلىرى دېگەنگە ئوخشاش چىرايلىق ناملار ئاستىدا ، ئۇلارنىڭ قىبلىنامىسى ، يولباشچىسى بولغان دارىۋېننىڭ تەدرىجىي تەرەقىيات پەلسەپىسىنى مەركىىي نۇقتا قىلىپ ئېچىلىش دائىرىسىمۇ كېڭىيىپ باردى . مەندەك بىر قۇرامىغا يېتىپ قالغان توي قىلمىغان ئەركەككە نىسبەتەن ئۇلارغا ئىمان - ھايا ، غۇرۇر - ۋىژدان دېگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ باقسا بۇمۇ ياخشى ئىكەن ، 
 4W75T2q#  چۈنكى ئۇلاردىكى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرغان مەخپىيەتلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن . ئەركەكلەرنى قىزلىق لاتاپىتى بىلەن ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ئاشىق - بىقارا قىلىش ئورنىغا ، يىگىتلەرنى ئۆزىدىن پەقەت ۋە پەقەت ۋاقىتلىق پايدىلىنىشقا قىززىقتۇرىدىغان ئاشۇ مايمۇن سۈپەت گۈزەل خېنىملارنىڭ ئوچۇق بەدەنلىرىنى تولا كۆرۈپ كەتكەچكە ئادەمدە ئۇلارغا قىززىقىش بولمايدىكەن ، قوزغىلىدىغىنى پەقەت ھايۋانلاردىمۇ بولىدىغان شەھۋەتلا بولىدىكەن خالاس . ( اللە ساقلىسۇن ئۇنداق نائەھلى ھاياسىزلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ) . ھەيرانمەن بۇ ئۈرۈمچى دېگەن ئاجايىپ بىر يەر ئىكەن ، سوغوق ئەرلەردىن ، ئىسسىق ئاياللاردىن باشلىنىدىكەن . ئەرلەر چاپان بىلەن يۈرىيدىكەنۇ ئاياللار بەدىنىنى يېپىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى سەتلىكىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن بەدىنىگە چۈمبەل قىلىپ تارىۋالغان تار ، كالتە ، يىرتىق ئىشىك - دەرىزىلىك كىيىملەر بىلەن يۈرىۋېرىدىكەن . بۇنىڭدىنمۇ ئويلاپ باقسام بىز ئەركەكلەر ئاياللاردىن ئاجىزدەك ھېس قىلىپ قالدىم ، سوغوقتىن قورقىدىكەنمىز ئەمەسمۇ ؟ يا بۇ بىزگە كەلگەن يوقىلىش ، خارابلىشىشتىن ئالدىن سىگنالمۇ ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئوسمان تۈرك ئىمپىريىسىنى مەغلۇپ قىلىشتا غەرب مۇستەملىكچىلىرى ئاتا تۈرۈك مۇستافا كامالدەك بىر زىيالىينى تەربىيلەش بىلەن بىرگە << ئەگەر سەن بىر قەۋىم ئۈستىدىن غالىب كېلىمەن دەيدىكەنسەن ، ئالدى بىلەن ئىشنى ئاياللىرىدىن باشلا ، ئايالى بۇزۇلغان قەۋىم تەبىي زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ >> دەپ ئۆگەتكەن ئىكەن ، جەمىيەتنىڭ ئانىسى بولغان ئاياللىرى بۇزۇلغان قەۋىم قانداقمۇ ئالغا ئىلگىرلىيەلىسۇن ، بۇنداق مەدەنىيەت ( كۈلتۈر ) دە باشقىلارغا بېقىنىپ ، مەدەنىيەتنى باشقىلاردىن ئېلىپ ئۆز خاسلىقىنى ساقلىمىغان قەۋىمنى كىممۇ كۆزگە ئىلسۇن ، قېنى بىزنىڭ ئۆز ئىپپەت - نۇمۇسى ئۈچۈن جاندىن كېچەلەيدىغان سۆيۈملۈك ھەمشىرىلىرىمىز ؟ قېنى بىزنىڭ مەرىپەت ، مەدەنىيەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان ، قەۋىمنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىمانلىق ، دىيانەتلىك ، ۋىژدانلىق ، غۇرۇرلۇق ئەۋلادلارنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشالايدىغان ئانىلىرىمىز ؟ ئاياللىرىمىز بۇزۇلدى ، قىزلىرىمىز بۇزۇلدى ، دېمەك ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەدەنىيەت تەربىيچىسى بۇزۇلدى ، نەتىجە شۇ بولدىكى ئاشۇ بۇزۇق ئانىلارنىڭ قولىدا بىر توپ نان قېپى ، داشقاللار مەيدانغا كەلدى . 
 0GwR~Z}Z  ئەمدى بۇنىڭغا كىم مەسئۇل ؟.......... ، مەنمۇ ؟......... ، سىزمۇ ؟..... ۋەياكى ؟؟؟ .............. 
 ~N4m1s"  بۇنىڭغا دەل سىزگە ۋە ماڭا ئوخشاش ئەركەكلەر مەسئۇل ! چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ساللاللھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم << سىلەر يەنى ( ئەرلەر ) ھەممىڭلار پادىچى ھېسابلىنىسىلەر ، سىلەر ئۆز پاداڭلاردىن ھېساب بېرىسىلەر>> دېگەن . دېمەك بىز بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز . 
 P \I|,  مەسلەن : ئاددىي بىر مىسال ئالايلى ، سىز بىر ئەر ئايالىڭىزغا ئىگە بولالىدىڭىزمۇ ؟ قىزلىرىڭىزنى باشقۇرالىدىڭىزمۇ ؟ سىز بىر ئوغۇل ئاچا - سىڭىللىرىڭىزنى يامان يولدىن توسالىدىڭىزمۇ ؟ 
 HS$r8`S?)  سىز بىر پۈتۈن ئەركەك بولۇپ ئايالىڭىزنى ياخشى يوللارغا باشلىيالىدىڭىزمۇ ؟ سىز بىر زىيالىي ، خىزمەتتىن كېلىپ ئايالىڭىز گىرىم جازىسىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ ، سىز ئاشخانىغا كىرىپ تاماق ئېتىسىز ( تاماق ئېتىشىڭىز ئەيىپ ئەمەس ) بىراق سىز ئۆيدە ئۆزىڭىز ئەتكەن تاماقلارنى بالىلىرىڭىز بىلەن يەيسىز ، ئايالىڭىز بولسا چىرايلىق ياسىنىپ مېزىلىك ئەتتىرلەرنى سۈرتۈپ باشقا ئەرلەرگە ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن ( ھەرخىل ئولتۇرۇشلار مەقسەد ) ماڭىدۇ ، سىز سويمەك ئەركەكلىك ئىمتىيازىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئايالىڭىزنى توسالىدىڭزمۇ ؟ ۋە ياكى ئۆيدە سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تازىلىقسىز مەينەت ھالەتتە تۇرىدۇ يۇ ، سىرتلارغا ، كوچىلارغا ياسىنىپ گۈزەل قەددى - قامىتى ، ئاياللارغا خاس جەزبىدارلىقى بىلەن چىقىدۇ ، ئايالىڭىزنىڭ گىرىم بىلەن ئارلاشقان ئاشۇ گۈزەل رۇخسارىدىن بولسا باشقىلار ھۇزۇلىنىدۇ ، سىز پەقەت ئايالىڭىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى ئاددىي تۇرقىدىنلا بەھىرلىنىسىز . بىرەر قېتىم بولسىمۇ مېنىڭ ھەقدارىم سەن بولغىنىڭدەك ، سېنىڭ ھەقدارىڭ مەن تۇرسام يەنە كىم ئۈچۈن ياسىناتتىڭ ؟ گۈزەللىكىڭ مەن ئۈچۈن بولسا كۇپايە ، دېگەندەك گەپلەرنىمۇ دېيەلمەيسىز ھەقاچان ، بەلكىم سىزمۇ ئايالىڭز كوچىلاردا راۋۇرۇس ياسىنىپ ماڭسا ، باشقا ئەرلەر ئايالىڭىزغا ئاچ قالغان بۆرىدەك شەھۋەتلىك كۆزى بىلەن تىكىلسە ئىچىڭىز ئاچچىق بولماقتا يوق ، ئايالىڭىزنىڭ گۈزەل ھۆسىن - جامالىدىن پەخىرلىنىپ كېتەرسىز . ئايالىڭىزغا مەنىۋى جەھەتتىن ئەمەس بەلكى ماددىي جەھەتلەردىنلا ئىگە بولارسىز ؟ مانا مۇشۇ سىزدىكى مەسئۇلىيەت . 
 Py<}S-:  ھە راست ئۇنتۇپتىمەن ، سىز دېگەن زىيالىي زىيالىيلار ئۇنداق قاتمال ، مۇتەئەسسىپ بولسا بولمايدۇ . ئۇ دېگەن بىلىمسىز ، نادان سەھرالىق تومپايلارنىڭ ئىشى . 
 T{"(\X$  لېكىن ئويلىمايسىزكى : سىزگە ئوخشاش بىر مىللەتنىڭ ئاۋانگارت زىيالىيسى ئېچىپ بەرگەن يوللاردا مەدەنىيەت جەھەتتە سىزدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارنىڭ سىز گە ئەگىشىدىغانلىقىنى ، 
 ?dTD\)%A  سىز بەلكىم غەرب مەدەنىيىتىنىڭ نىگىزى بولغان دارۋېن پەلسەپىسىنى جىق ئۆگەنگەچكە ، ئادەم مايمۇندىن تۆرەلگەن دېگەن پەلسەپىگە ئىشىنەرسىز ، شۇڭا ئەسلىڭىزنى ئۇنۇتقىڭىز كەلمىگەندۇ ، 
 y =@N|f!  سىز بىر ئىشچى ، سىزنىڭمۇ خەقتىن قالغىڭىز كەلمىگەندۇ ، شۇڭا تاپقان - تەرگىنىڭىزنى ئايالىڭىزنى بېزەشكە سەرىپ قىلغانسىز . 
 st*gs-8jJ;  سىز بىر ئوقۇتقۇچى ، بىلىپ قويۇڭ مەسئۇلىيىتىڭىز ھەممىدىن ئېغىركى باشقىلاردىن يېنىك ئەمەس ، لېكىن سىزمۇ خەقتىن كەم ئەمەستە ؟ سىزمۇ قالمايسىز ؟ 
 )oZ dj`  مەيلى سىز ئەر ئوقۇتقۇچى بولۇڭ مەيلى ئايال ئوقۇتقۇچى بولۇڭ سىزنىڭ ئاشۇ سەبىي ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ قەلبى گويا ئۇرۇق سېلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان مۇنبەت زېمىن ، ئۇلارنىڭ قانداق مېۋە بېرىشى سىزنىڭ قانداق ئۇرۇق ئىشلىتىشىڭىز ، قانداق پەرۋىش قىلىشىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ( بۇ مەزمۇننىڭ تېما بىلەن ئالاقىسى بولمىسىمۇ سۆزلەپ ئۆتۈش مۇۋاپىق دەپ قارايمەن ) . 
 6!o1XQr=Z  سىز بىر سودىگەر سودا قىلىپ ئىككى - تۆت تال پۇل تاپتىڭىز ، سىزنىڭ نامىڭىز (老板) شۇڭا سىزمۇ خەقتىن قالسىڭىز بولمايدۇ ، ئىناۋەت قوغلاشمىسىڭز بولمايدۇ . 
 <@}9Bid!o  سىز بىر دېھقان ، سەھنىلەردە ، سەھىپىلەردە سىزنىڭ نامىڭىز ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈكلۈك ، شۇڭا سىزمۇ يانمايسىز ، ئويۇن - تاماشاغا قانمايسىز . سىزنىڭمۇ شەھەرلىكلەردىن ھېچ نەرىڭىز كەم ئەمەس ، زادى دورىمىسىڭىز ، ئەگەشمىسىڭىز بولمايدۇ . 
 _F{C\}  دېمەك ھەممەيلەننىڭ خەقنىڭ ئالدىدا مۇتەئەسسىپ ، قاتمال ، سەھرالىق ، خۇراپات بولغۇسى يوق شۇڭا ئاياللىرىنى ئاچا - سىڭىللىرىنى باشقۇرمايدۇ ، ئەر بولغانلارنىڭ ئايالى سىرتقا چىقىپ قايتىپ كەلسە ئېغىز بۇرۇنى جايىدا بولسىلا بولدى . ئاكا - ئىنى بولغانلار ئاچىلىرىمىز ياكى سىڭىللىرىمىز بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا باشقا ئەركەكلەر بىلەن ئىش - پەش تارتىشىپ يۈرسە بېرىپ تەستەك بىلەن سېلىش ئورنىغا خەقلەرنىڭ ئالدىدا ئۇياتقا قالماسلىق ئۈچۈن ئامال بولسا ئايلىنىپ ، ئامال بولمىسا يەرگە قاراپ كۆرمىگەن بولۇپ ئۆتۈپ كېتىمىز . ئۇلاردىن ھېساب ئېلىپ باقمايمىز ، جەمىيەتنىڭ داشقىلى ، قاتمال ، مۇتەئەسسىپ ، خۇراپات كىشىلەردىن بولۇپ قېلىشتىن قورقۇمىز . 
 }]TxlSp!;  بىزدە ھەقىقى ئەركەكلەردە بولىدىغان قورقۇمسىزلىق ، دىيانەت ئەھلىلىرىدە بولۇدىغان راستچىللىق ، ھەقىقانىيلىق يوق ، بىز ئەركەكلەرنىڭ ھالى شۇ تۇرسا ئاياللارغا نېمە تۇرۇش ؟ 
 	CLSK'+l  بىز ئەركەكلەر ئېچىلالماي قالاقلىقتىن قۇتۇلالماي ، ئۆزىمىزدىكى روھىي ئاجىزلىق بولغان ئۆز قەلبىدىكىنى ئەمەس بەلكى خەقنىڭ ئالدىدىكى ئوبرازنىلا ئويلاش ئېڭىنى بۇزۇپ تاشلىيالماي يا ئەسلىمىزنى تاپالماي يۈرسەك ئاياللار غا قانداقمۇ ئىگە بولاتتۇق ؟ 
 E`q_bn  دېمەك مەسئۇلىيەت كىمدە ئىكەن ؟ 
 :gT4K-Oj  مېنىڭچە 80% مەسئۇلىيەت ئەرلەردە . 
 Z)!C'c b  قېرىنداشلار ئەسلىمىزنى تاپايلى ! ئەسلىمىزگە قايتايلى ! يېرىم ئەركەكلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشايلى ! 
 B!yr!DWv  ئەي سۆيۈملۈك ئاچا سىڭىللار سىلەرمۇ ئەسلىڭلارنى تېپىڭلار ، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز راۋۇرۇس غايىلىك ، ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ئىگە يىگىتلەرگە ۋە ئۇنىڭغا ھەمتەڭ بولۇپ ماسلىشىپ بېرەلەيدىغان جۆرىلەرگە موھتاج . 
 |{;G2G1[  ئەي مېھرىبان ، رەھىمدىل بىردىنبىر ئىلاھىمىز اللە بىزدەك ئازغۇن بەندىلىرىڭنى ئۆزۈڭنىڭ ھىدايەت نۇرلىرى بىلەن توغرا يولغا باشلىغىن ! امن . . . . . . . 
 K,]=6Rj   g0
[w-?f  مەن ئەسلىدىنلا ساھىبۇلقەلەم ياكى ناتىق بولمىغاچقا ، ماقالەمدە نامۇۋاپىق سۆز - ئىبارىلەرنىڭ بولۇشى تەبئىي ، ھەر قايسىڭلارنىڭ كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى ، نامۇۋاپىق جايلىرىنى تەھرىرلەپ تۈزىتىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن . اللە ھەممىزگە ئىنساپ ، ھىدايەت ، تەۋپىق ئاتا قىلسۇن ، ئاياللىرىغا ئىگە بولالمايدىغان دەيۈزلەردىن بولۇپ قېلىشتىن اللە  پاناھلىق بەرسۇن !
 mmsPLv6   ئەگەر مۇشۇ ماقالەم ھەربىر ۋىژدان ئەھلىنى ئازراق ئويغا سالالىسا بۇ ماقالەمنى يازغانلىقىمدىن رازى بولاتتىم .
 fVwUe _Y  ئاپتۇرى : ئادىل ھۇشۇر ئوغلانى 
 B *vM0  مەنبە : 
http://alhux.com/bbs