گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرى چېقىشنى قەتئىي چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.
:6M0`V;L
bo -Gh` شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ ، 19-ماي تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 13-ماي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، دەرھال مەملىكەت بويىچە يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش تۈزۈمى ۋە بەلگىلىمىسىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۆچەيتىپ ، مەسئۇلىيەتنى جىددىي سۈرۈشتۈرۈپ ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەجبۇرى چېقىش قىلمىشىنى قەتئىي چەكلەپ ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداشنى بەلگىلىدى .
c3
pt?C ئۇقتۇرۇشتا جايلار ، تارماقلارنىڭ بۇ يىل يانۋاردا گوۋۇيۈەن ئېلان قىلىپ ، يولغا قويغان ‹‹ دۆلەت ئىلىكىدىكى يەرلەرنى سېتىۋېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش نىزامى ›› ۋە ‹‹ گوۋۇيۈەن بەنگوڭتىڭىنىڭ يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىيەنىمۇ چىڭىتىپ ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇشى ›› قاتارلىق يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش تۈزۈمى ۋە بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، قەتئىي قانۇن ۋە تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىپ ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەجبۇرىي چېقىش ، كۆچۈرۈش ۋە زورلۇق كۈچى بىلەن چېقىش ، كۆچۈرۈشنى قەتئىي چەكلەش ، مەنبە جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىپ ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ ، قانۇن بويىچە ، مەدەنىي ، مۇۋاپىق ھالدا چېقىش ، كۆچۈرۈش تەلەپ قىلىندى .
7kwG_0QO ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى ، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈشتە تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك مەزموننى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك : بىرىنچى ، ‹‹ نىزام ›› ۋە يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش توغرىسىدىكى باشقا تۈزۈم ، بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش . بۇ ‹‹ نىزام ›› نى تەشۋىق قىلىش ، ئۆگىنىش ئەھۋالى ؛ يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى تەربىيلەش ئەھۋالى ؛ يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش بەلگىلىمىسى ھەققىدە ئاممىدىن پىكىر ئېلىش ئەھۋالى ؛ جەمئىيەت مۇقىملىقى خەۋپ - خەتىرىنى باھالاش ئەھۋالى ؛ تولۇقلىما بېرىش لايىھەسى ھەققىدە ئاممىدىن پىكىر ئېلىش ئەھۋالى ؛ ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشتا باھالاش ئەھۋالى ۋە تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىنىڭ بېكىتىلىش ، ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ؛ تولۇقلىما خىراجىتىنىڭ ۋاقتىدا ، تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى ؛ ئاۋۋال تولۇقلىما بېرىش ، ئاندىن كۆچۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى ؛ ئۆي سېتىۋېلىش تارماقلىرى ۋە سېتىۋېلىشنى يولغا قويىدىغان ئورۇنلارنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالى ؛ يەرلىك قانۇن - نىزام ، قائىدە ۋە قېىپلاشقان ھۈججەتلەرنى ئېنىقلاش ۋە ئۇلارنى تۈزىتىش ئەھۋالى ؛ ‹‹ نىزام ›› بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن يەرلىك قانۇن - نىزام ، سىياسەتلەرنى تۈزۈش ئەھۋالى ؛ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كاپالەت سىياسىتىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ؛ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئىككىنىچى ، يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى . بۇ ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاساسىي رەھبەرلىرى ۋە شۇ ئىشنى باشقۇرىدىغان رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى ؛ ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى ؛ يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈشتىكى زىددىيەت ۋە تالاش - تارتىشلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۈچىنچى ، يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈشتىكى قانۇن ، نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى . بۇ ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەجبۇرىي چېقىش ، كۆچۈرۈش ۋە زورلۇق كۈچى بىلەن چېقىش ، كۆچۈرۈش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ؛ چېتىلىدىغان رەھبەرلەرنىڭ جاۋابكارلىقى ، باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ جاۋابكارلىقى ۋە بىۋاستە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى ؛ قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىنغان دەپ گۇمانلانغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
s]&y\Z ئۇقتۇرۇشتا ، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىش ، بىرىنچى باسقۇچتا ، ئۆلكىلىك ( رايون ، شەھەرلىك ) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپ بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈشىنى دەرھال قانات يايدۇرىشى ، 20-ئىيۇندىن ئىلگىرى ئۆز–ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى گوۋۇيۈەنگە يوللىشى ، ئىككىنچى باسقۇچنى 6-ئاينىڭ ئاخىرى باشلاپ ، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى ، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى ، ج خ مىنىستىرلىقى ، رېۋىزىيە مىنىستىرلىقى ، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ، قانۇنچىلىق ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ، نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى .
BxT~1SBFq ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى ، ئۆلكە ( رايون ، شەھەر ) لەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە ئۈستىگە ئېلىپ ، تۈرلۈك تۈزۈم ، بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۆز جايىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .ئۆز رايونىدىكى يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ ، ئۆزىگە قاراشلىق شەھەر ، ناھىيەلەرنىڭ قەتئىي قانۇن ۋە تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىپ ، ئاممىغا بولغان خىزمەتنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەجبۇرىي چېقىش ، كۆچۈرۈش ۋە زورلۇق كۈچى بىلەن چېقىش ، كۆچۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ قايتا يۈر بەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم . ئۆلكە ( رايون ، شەھەر ) لەر دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇپ ، خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ ، خىزمەتتىكى تەلەپلەرنى تەپسىيلىيلەشتۈرۈپ ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ، مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ ، گوۋۇيۈەننىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىشى كېرەك . ئۆز رايونىدىكى يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش تۈزۈمى ۋە بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلىش ئەھۋالىنى دەرھال ئومۇميۈزۈك تەكشۈرۈپ ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . ‹‹ نىزام ›› يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىئۆيلەرنى چېقىش ، كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە ئالغان تۈرلەرنى دەرھال ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ، زىددىيەت ۋە تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىش لازىم ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى مەجبۇرىي چېقىش ، كۆچۈرۈشكە بۇيرۇشىغا بولمايدۇ .
%5KR}NXX6 ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى ، ئۆلكە ( رايون ، شەھەر ) لەر ئۆزىگە قاراشلىق شەھەرلىك ، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ‹‹ نىزام ›› ۋە ‹‹ جىددىي ئۇقتۇرۇش ›› تىكى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئۆزى تەكشۈرۈپ چىققان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىش كېرەك . قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەجبۇرىي چېقىش ، كۆچۈرۈش ۋە زورلۇق كۈچى بىلەن چېقىش ، كۆچۈرۈش دېلولىرىنى قەتئىي قانۇن بويىچە قاتتىق ، تېز بىر تەرەپ قىلىش ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەجبۇرىي چاقتۇرغان مەسئۇل كىشىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ؛ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش لازىم ؛ قىلمىشى ئېغىر ، تەسىرى قەبىھ بولغان ئىشلاردا ، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك رەھبەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك . مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈشتىكى زىددىيەت ، تالاش تارتىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزىمى تۇرغۇزۇپ ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق–مەنپەئەتىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق ، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش لازىم .[ تەرجىمە قىلغۇچى : مۇسا ئەخمەت .
aw4
+1.xy -$kJERvy مەنبىئى :
http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2011-05/24/content_195954.htm