مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       875 
  •    ئىنكاس 
       11 

30يىلدا يېزىپ چىقىلغان ‹‹60مىڭ تىللا››لىق دۇنياۋى شۆھرەتلىك ئۇلۇغ داستان

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14292 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07

30يىلدا يېزىپ چىقىلغان ‹‹60مىڭ تىللا››لىق دۇنياۋى شۆھرەتلىك ئۇلۇغ داستان p) ea1j>N  
*q |3QHZ  
ئىنسانىيەتكە مەدەنىيەت تېڭى ئېتىپ ،يېزىق پەيدا بولۇپ،ھەر خىل ئىسىل ئەسەرلەر يېزىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان كىلاسسىك شائىرلىرىمىز تارىخ سەھىپىسىدە گۆھەر كەبى پارلاپ تۇرىدىغان،ئۆزى ئۆلسىمۇ ئۇلۇغ نامى ۋە شۆھرىتىنى تا دەۋرى قىيامەتكىچە داۋام قىلىپ تۇرالىغۇدەك نۇرغۇن گىگانىت ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ يۈكسەك چوققىلىرىنى،ئىنسان ھىس تۇيغۇلىرىنىڭ ئاقايىپ ساپ ۋە دېڭىز كەبى چوڭقۇرلىقىنى نامايەن قىلىپ  ئەۋلاتلارغا  بىلىم ۋە ئەقىل جەھەتتە ئۇستاز بولۇپ، قانداق ياشاش قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىپ كەلدى. om}jQJ]KH  
شۇلارنىڭ ئارىسىدا 30يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يېزىپ چىقىلغان،60مىڭ بىيىتلىق نەچچە ئون داستان،نەچچە يۈز پېرسۇناژنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،ئىراننىڭ تۆت مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئاجايىپ ھىكايەت ۋە رىۋايەتلەر جەم قىلىنغان، مىڭ يىلدىن بېرى پۇتۇن دۇنيا ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدە ‹‹ئۆلمەس ئەسەر››دەپ تەرىپلىنىپ شۆھرەت قازىنىپ كىلىۋاتقان بىر ئۇلۇغ كىتاپ بار.  بۇ كىتاپنىڭ مۇئەللىپى ‹‹شەرىق بەدىئى تەپەككۇرىنىڭ ئۇلۇغۋار نامايەندىسى››،‹‹جاھان سەنئەت مۇنبىرىدىكى مىسلىسىز ئەزىمەت›› ،‹‹پارىس تاجىك كىلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ ئىپتىخارى›› دەپ تەرىپلەنگەن،ھەتتا ئۇلۇغ شائىرىمىز ئەلىشىر نەۋائىمۇ‹‹ئۇستازى پەن›› دەپ ئۇلۇغلىغان،چېرنىشىۋىسكى ‹‹رومانچىلىق ئىچىدىكى رومانچىلىق ››ناملىق ماقالىسىدە مالتۇن،شىكىسپىر،بوككاكۇ،دانتىلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى شائىر دەپ تەرىپلىگەن ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىدۇر. g tV*`g  
ئوبۇلقاسىم فىردەۋسنىڭ يۇقۇرىدا تەرىپلەنگەن دۇنياۋى مەشھۇر ئەسىرىنىڭ نامى >*cg K}!@  
‹‹شاھنامە›› بولۇپ، ئەينى زاماندا بۇ كىتاپنىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانى ۋە شائىرنىڭ كىيىنكى تەقدىرى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ۋە ئېچىندۇرىدىغان رىۋايەتسىمان ئاجايىپ ھىكايىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. za oC  
ئوبۇلقاسىم فىردەۋس زامانىسىدا ئۆتكەن مەشھۇر ھۆكۈمران سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ئۇلۇغ پادىشاھ،مەشھۇر ھەربى ئالىم ،ۋە ئىلىمخۇمار شائىر بولۇپ بىلىم ئەھلىلىرىنى،ئەقىلدارلارنى ناھايىتى ئەتىۋارلاپ ئىشقا سالىدىغان،ئۇلارنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىدىغان ئاقىل ھۆكۈمران ئىكەن. لىكىن بۇ پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا ياخشىنى يامان، سەتنى چىرايلىق،قىممەتلىكنى قىممەتسىز كۆرسىتىپ يۈرىدىغان بىر قىسىم ھەسەتخور ‹‹ئالىجاناپ›› چۈپرەندىلەرمۇ يوق ئەمەسكەن.ئۇلار بۇ شائىرنىمۇ پادىشاھقا ‹‹ئىقتىدارسىز ئاقنانچى›› قىلىپ كۆرسىتىپتۇ.شائىرغا ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىپ بۇ جىن شەيتانلارنىڭ ھىلە مىكرىسىنى مات قىلىشنى كۆزدە تۇتقان پادىشاھ مەھمۇد غەزنەۋى بىر قېتىملىق خاس سۆھبەتتە ئوبۇلقاسىم فىردەۋسكە ‹‹مۇبادا سىز بارلىق تالانتىڭىزنى ئىشقا سېلىپ ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە بىر ئەسەر يېزىپ چىقالىسىڭىز غەزىنەم ئىشىكىنى كەڭرى ئېچىپ ،ھەر بىر بىيىتىڭىز ئۈچۈن بىردىن ئالتۇن تىللا مۇكاپات بېرىمەن›› دەپ ۋەدە قىلىپ شائىرنى ئىلھاملاندۇرغان.شۇنىڭ بىلەن شائىر فىردەۋسى ئىران تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر پادىشاھلار،باتۇرلار قەھرىمانلار ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئاجايىپ ئىش ئىزلىرى-رىۋايەت ھىكايىلىرى تېما قىلىنغان زور ھەجىملىك داستانلار توپلىمى ‹‹شاھنامە››نى يېزىشقا كىرىشىپ يۇقۇرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك ئوتتۇز يىلدا بۇ كىتاپنى  تاماملىغان.كىتاپ تاماملانغاندىن كىيىن ۋەدىگە بىنائەن ئوردىغا ئېلىپ كىرىپ پادىشاھ مەھمۇد غەزنەۋىگە سوۋغا قىلغان.ئەينى چاغدا مەھمۇد غەزنەۋى ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ئەسكىرى كۈچى ۋە ھەربى ئالىملىق تالانتىغا تايىنىپ ھىندىستان قاتارلىق ئەتراپتىكى مەملىكەتلەرگە بېسىپ كىرىپ ئۇلارنى بويسۇندۇرۇش، زىمىنى تەسىر دائىرىسى ،ھوقۇق كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بولۇپ كەتكەن بولغاچقا بۇ كىتاپنى ئۆزى بىۋاستە كۆزدىن كەچۈرۈشكە ۋاقىت چىقىرالمااي قول ئاستىدىكىلەرنى كۆرۈپ باھا بىرىپ چىقىشقا بۇيرىغان.ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغان ئەپسۇسلىنارلىق پاجىئە دەل مانا شۇ سەۋەپتىن كېلىپ چىققان .بۇ كىتاپقا كۆرۈپ باھا بىرىپ چىقىش ئىشى دەل بىز باشتا تىلغا ئالغىنمىزدەك ئىقتىدارسىز،ياخشى ياماننى پەرىق ئېتەلمەيدىغان،بىلىملىك ئىقتىدارلىقلارنى كۆرەلمەيدىغان ئىچى قوتۇر نائەھلىلەرگە تاپشۇرۇلۇپ قالغان بولۇپ ئۇلار بۇ كىتاپنىڭ قىممىتىنى تولىمۇ تۆۋەن باھالىغان ۋە ‹‹باھا››سىنى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىگە مەلۇم قىلغان. hpOUz%  
شۇنداقتىمۇ سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى شائىرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى نەزەردە تۇتۇپ J=C63YB  
ئۇنىى ئوردىسىغا چاقىرتىپ بۇ كىتاپ ئۈچۈن ئۇنىڭغا 20مىڭ كۈمۈش تەڭگە مۇكاپات بەرگەن.ئۆز ئەمگىگىنىڭ قەدىر قىممىتىنى ياخشى بىلىدىغان شائىرغا aj)?P  
بۇ مۇكاپات ئۆزىنى تولىمۇ پەسلەشتۈرگەنلىك،ئەجرىنى ئەقىدىسىنى خارلىغانلىق بولۇپ تۇيۇلۇپ قاتتىق خورلۇق ھىس قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئوردىدىن قايتىپ چىققاندىن كىيىن ئۇدۇل ئۆيىگە قايتماستىن ھاممامغا بېرىپ ناھايىت ئۇزاق يۇيۇنغان ۋە بوزا ئىچكەن .مەست بولۇپ قالغاندىن كىيىن پىغانى تېخىمۇ ئۆرلەپ مۇكاپات بىرىلگەن 20مىڭ تەڭگىنىڭ ھەممىسىنى شۇ ئەتراپتىكى قەلەندەر سەرگەردانلارغا ۋە كەمبەغەل نامراتلار ھاممامغا چۈشكقىلى كەلگەنلەرگە بىر تەڭگىسىنىمۇ قويماي سەدىقە قىلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بېرىۋەتكەن.ئاندىن مەستلىكى يېشىلگەندىن كىيىن ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن. +Jv*u8T'  
ھەرۋاقىت ياخشىلارنىڭ پىيىدە يۈرىدىغان،پىتنى گۈمبەز كۆرسىتىپ ئېچىتقۇلۇق قىلىپ باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ زىيانكەشلىكلىرى ھېساۋىغا ھوزۇر ھىس قىلىدىغان ئىنسان سىياقتىكى ئالۋاستى مەلئۇنلار بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن دەرھال بۇ ئىشنى پادىشاھقا مۇبالىغىلەشتۈرۈپ دوكلات قىلىپ پادىشاھنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغاپ قويغان. پادىشاھ غەزىپىگە پايلىماي: 37QXML  
‹‹ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى قەيەردە بولسا شۇ يەردىن تۇتۇپ كىلىنىپ، پادىشاھنى كۆزگە ئىلمىغانلىق،مۇكاپاتىنى خارلىغانلىق جىنايىتى بىلەن    قاتتىق جازالانسۇن.دەرھال پىلنىڭ ئاستىغا تاشلىنىپ پىلغا دەسسىتىپ ئۆلتۈرۈلسۇن››دەپ پەرمان چۈشۈرگەن.  ~ok i s  
شائىر ئوبۇلقاسىم پىردەۋسنىڭ ‹‹مەھمۇد غەزنەۋىگە ھەجۋى›› ناملىق ھەجۋى شېئىرىدا بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار بار. @Xb>GPVe#L  
‹‹نامەگە بىرەرمۇ تاشلىماي نىگاھ، n%YG)5 ;  
ئىغۋاگەرگە قۇلاق سالدىڭمۇ گۇمراھ. 5pI=K/-  
شىئىرىمنى پەسەيتمەك ئۇلارنىڭ ئىشى، _cW6H B^j  
پەلەكتىن ياخشلىق كۆرمەس ئول كىشى. /K@{(=n  
شۇمىدى ۋەدىلەر شۇنداقمىدى دىت، 6Y[|xu:N8Y  
شۇمىدى بۇ جاھان شاھىدىن ئۈمىد؟ ']]& 
ئىغۋاگەر كۆرمىسۇن ياخشىلىق يۈزىن، >)IXc<"wq  
يامانغا بۇيرۇپتۇ ياخشىلىق سۆزىن. }_{QsPx9  
شاھقا كۆرسىتىشتى تۇرقۇمنى خۇنۇك، U~w g'  
يالقۇنلۇق چوغۇمنى كۆمۈردەك سوغۇق. mzX <!  
جاھاندار بولمىسا مۇنچىلىك خەسىس،  !&Z,ev  
مىنى ھەيدىمەيتتى تەختىدىن ھەرگىز. Q$(0Nx<  
مەملىكەت بېشىغا خەسىس چىقمىسۇن، F|DKp[<]8  
مەرتلەرگە خەسىسلىك ئەسلا يۇقمىسۇن. k 
شاھتىن كۆپ يىراققا داندلىق بەختى، T"GuE[?a  
بولمىسا جايىم بۇلۇر شاھ تەختى. weOzs]uc  
ئەجدادى تاجىدار بولمىغان پادىشاھ، B !(t 
تاجىدار ئىشلىرىدىن قىلالماس ئەسلا. epH48)2  
شاھلاردىن بولسىدى بۇ شاھقا پەدەر، 2 8j=q-9Z  
كىيگۈزگەن بولاتتى ماڭا تاجۇ زەر. ?]=fC{Rh  
مۇبادا ئانىسى بولسىدى خاندان، Y"uFlHN&i  
تىللارغا كۆمەتتى مېنى بىگۇمان. 0)8QOTeT  
ئۇلۇغلار زاتىدىن بولمىغاچ بۇ شاھ، J9LS6~ 7  
ئۇلۇغلار نامىدىن دىلى بولدى سىياھ. TgaDzF,j{A  
‹‹شاھنامە››دەپ چەكتىم ئوتتۇز يىللىق زەنج، _e.b # {=9  
شاھىمدىن كۈتتۈم ئاڭا لايىق گەنىج. /p [l(H  
قالۇر دەپ جاھاندا نامىم بىنىياز، -?b@6U  
ئۇلۇغلار قاتارى قىلىپ سەرەفزار. c= 2e?  
ھەققىمگە خەزىنە ئىشىكىن ئېچىپ، OvPy+I  
قېتىق پۇلى بەردە ماڭا گەنج چېچىپ. &F}1\6{fL  
قېتىق پۇلى بوپتۇ مېنىڭ قىممىتىم، !v2,lH  
پۇلىغا قېتىق ئالدىم كېتەر سائىتىم. qD\%8l.]Z  
قورقۇتتۇڭ:‹‹ئۈستىگە دەسسىسۇن دەپ پىل، \i-jME(sN  
تىنىدىن چىقسۇن قان دېدىڭ مىسلى نىل!›› ^c]Sl  
دىلىم پاك بولغاچقا بۇندىن قورقمىدىم، &Jj> jCg  
نەبى، خۇدا يولى مېنىڭ تۇتقىنىم.   g]xZ^M+  
ئەگەر شاھ مەھمۇد بىلمىسە بۇنى، FbM5Bqv  
ئەقىل بىر كىپەككە تەڭ قىلماس ئۇنى...›› ]@J}f}Mjo  
شائىر  بۇ پەرماندىن بۇرۇن ئاقىۋەتنى ئالدىن مۆلچەرلەپ ئاللىقاچان باشقا شەھەر مەملىكەتلەرگە قېچىپ كەتكەن بولغاچقا شائىرنى ئۆلتۈرۈپ قىساس ئېلىش سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمىغان. fnnwe2aso  
ئەينى زاماندا ‹‹شاھنامە ››ئۆزى ئاپىرىدە بولغان تۇپراقتا تىگىشلىك قەدىرلەشلەرگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ لىكىن باشقا ىوشنا مەملىكەتلەردە ناھايىتى تېزلا شۆھرەت قازىنىپ ئەل ئاۋام ئەڭ ياقتۇرۇپ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان /^[)JbgB  
كىتاپقا ئايلىنىپ قالغان.(گۆھەر دىگەن توپىغا كۆمۈلسىمۇ،پاتقاققا تاشلانسىمۇ بەرىبىر گۆھەردە؟!) تارىختا ياخشى ياماننى ئەڭ ئېنىق ئايرىغۇچى،تارىخى شەخىسلەر ۋە ۋەقەلەرگە،پەيدا بولغان ياىشى يامان نەرسىلەرگە ئەڭ ئادىل باھا بەرگۈچى خەلىق بولۇپ كەلگەن. 29ft!R>[  
ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ سۇلتان مەھمۇد ھىندىستان تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلغاندا باشقىلاردىن ‹‹شاھنامە››نىڭ خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىپ ناھايىتى شۆھرەت قازىنىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ شاھنامىنى تاپقۇزۇپ كىلىپ باشقىدىن كۆرۈپ چىققان ۋە بۇنىڭ ھەقىقەتەن مۆجىزە خاراكتېرلىك ئىسىل ئەسەر ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ بىباھا ئىكەنلىكىنى،ئۆزىنىڭ يامانلارنىڭ پىتنىسىگە ئىشىنىپ شائىرغا ۋە دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بۇ كاتتا ئەسەرگە قاتتىق ئۇۋال قىلغانلىقىنى تونۇپ يىتىپ، دەرھال 60مىڭ تىللاللىق ئىسىل سوغا سالام ۋە قىممەتلىك خۇشبۇي بوياق سىياھلارنى تەييارلاپ، خاس ئەلچىلەرنى بەلگىلەپ شائىر ئوبۇلقاسىم پىردەۋسنى ئىزدەپ تېپىپ كەچۈرۈم سوراشقا،زور ئىززەت ئىكراملارنى قىلىپ ئۆز مەملىقكىتىگە،شاھ ئوردىسىغا قايتۇرۇپ كىلىش توغرىسىدا ئالى پەرمان چۈشۈرىدۇ.ئەپسۇسكى بۇ خاس ئەلچىلەرنىڭ شائىر تۇرغان جايغا يىتىپ كىلىشى،شائىر ۋاپات بولۇپ جامائەت ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتىرىپ قەبرىستانلىققا ماڭغان ۋاقىتقا توغرى كىلىپ قالىدۇ. na']{a 1K  
دىمەك شائىرغا سۇلتان مەھمۇدنىڭ شائر ھايات ۋاقتىدىكى كاتتا مۇكاپاتى ۋە ئەسىرىگە بەرگەن ئادىل باھاسىنى ئاڭلاش نىسىپ بولمايدۇ. lO $M6l  
بۇ كاتتا ئەسەر ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا ئەپسانىۋى ھىكايىلەربايان قىلىنىدۇ.ھەجمى تەخمىنەن بەش مىڭ بىيىت ئەتراپىدا.تەسۋىرلەنگەن تارىخ مىلادىدىن ئىلگىركى 3223-يىلىدىن 782-يىلىغىچە بولغان ۋەقەلەر. W,{`)NWg  
ئىككىنچى قىسمى قەھرىمانلىق رىۋايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەجمى تەخمىنەن يىگىرمە سەككىز  مىڭ بىيىت. تەسۋىرلەنگەن تارىخ مىلادىدىن ئىلگىركى782-يىلىدىن 50-يىلىغىچە بولغان ۋەقەلەردۇر. z3*G(,  
ئۈچىنچى قىسمىدا شاھلار ھىكايىلىرى سۆزلەنگەن بولۇپ ،بۇ قىسمى تەخمىنەن ئونمىڭ بىيىت ئەتراپىدا بولۇپ مىلادىدىن ئىلگىركى 50-يىللاردىن مىلادىنىڭ 651-يىلىغىچە بولغان ۋەقەلەر يەنى سامانىلار سۇلالىسىنىڭ ئەرەپلەر تەرىپىدىن   2K*-uT#$~  
،ھالاك قىلىنىشىغىچە بولغان ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ. L7Oytdc<  
‹‹شاھنامە ››داستانىدا مۇقەددىمىدىن كىيىن كەيۇمەرىس،ھۇشەڭ،تەھمۇرەس،جەمشىد،زەھھاك  قىسسىلىرىنى،‹‹زال ۋە رۇدابە››  رومانتىك داستانىنى،‹‹سوھراب ۋە سىياۋۇش››،‹‹رۇستەم›› ھىكايىلىرىنى،‹‹كەيخۇسرەۋ پادىشاھلىقى››،‹‹بىجەن ۋە مەنىجە››،‹‹خۇسرەۋ پەرۋىز ۋە شىرىن›› قاتارلىق ئىشقى- مۇھەببەت  داستانلىرىنى،‹‹ئىسپەندىيار››نىڭ جاسارىتىنى،ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن،ئەشكانىلار پادىشالىقى،سامانىلار پادىشالىقى،يەزدىگىرىد پادىشالىقى، بەھرام گور پادىشالىقى ،قوباد پادىشالىقى،ھورمۇز پادىشالىقى،خۇسرەۋ پەرۋىز پادىشالىقى قاتارلىق كاتتا پادىشالىقلارنىڭ  تارىخى ۋەقەلىكلىرىنى،بىر بىرلەپ بايان ئەتسە،سام، نەرىمان،زال،رۇستەم،گېۋ،بىىجەن قاتارلىق ئەپسانىۋى قەھرىمانلار ئوبرازلىرى ئوقۇرمەن قەلبىنى كۈچلۈك ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ ئۇيقۇسىنى ھارام قىلىدۇ. a3c4 #'c|D  
دىمەك ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى شاھنامىدەك مىسلىسىز زور ۋە ئاجايىپ ماھارەتلىك ئەسىرى ئارقىلىق ھەقىقەتەن ئۆلمەس بىر قەسىر تىكلىگەن،‹‹فارىس تىلىدا ئەجەمنى قۇتقۇزۇپ قالدىم››دىگىنىدەك ئۆز ئانا تىلىنىڭ يۈكسەك ئىپادىلىك سېھرى كۈچى ئارقىلىق بۇ ئەسەرنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئىراننى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتقان. بۇنداق شائىر ۋە بۇيۈك ئەسەردىن ھەقىقەتەنمۇ مىڭ يىلدا بىرەر-ئىككىسى تەستە ۋۇجۇدقا كىلىدۇ. M<$l&%<`G  
بۇ داستاننىڭ دەۋرىمىزدە شۆھرەتكە ئىگە بولۇشىدىكى يەنە بىر سىر بۇ داستاننى بىزنىڭ داڭلىق ئالىم ۋە شائىرلىرىمىزدىن مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىلەن ئابدۇۋەلى خەلپەت ئۇيغۇرچىغا پاساھەتلىك ئۇيغۇرچە نەزمى تىل بىلەن تەرجىمە قىلغان بولۇپ ئەسلى ئەسەرنىڭ بەدىئى قىممىتىنى ساقلاپ قېلىپلا قالماي يۈكسەك بەدئى ماھارەت بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇپ بېرەلىگەن. }BogE$tc  
بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچىسى بۇندىن 13 يىل ئىلگىرى شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن 5000نۇسخا پەقەت بىر قېتىملا نەشىر قىلىنغان بولۇپ ئۇنىڭدىن كىيىنكى نەشىرلىرىنىڭ بار يوقلىقىنى بىلمەيمەن.مەن 30-ماي كۈنى قەشقەرگە ئالاھىدە بېرىپ بارلىق كىتاپخانىلارنى بىر كۈن ئاختۇرۇپ ئاخىر ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› كىتاپخانىسىدىن ئەڭ ئاخىرقى ساقلانما بولغان بىر نۇسخىسىنى ئەسلى باھاسىنىڭ ئىككى ھەسسسىسىچىلىك باھاغا سېتىۋېلىپ خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوشال بولۇپ قايتىپ كەلدىم .ۋە كىچىلەپ ئوقۇپ بۇ كىتاپقا بولغان تەشنالىقىمنى قاندۇردۇم. ^LU[{HZV  
كىتاپنى ئوقۇش جەريانىدا شۇنداق بىر تەسىرات ۋە ئىرادىغا كەلدىمكى ھازىرغىچە ھايات سەھنىسىدە قىرىق نەچچە يىل ياشاپ بىلىم ئۆگەنگىنىم ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ  ئەۋلاد تەربىيەلىگىنىمدىن باشقا ۋەتەن خەلققە بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپ بېرەلمەپتىمەن.بۇ كىتاپ گەرچە ئۇيغۇر نەزمى تىلىغا ناھايىتى ئىسىل تەرجىمە قىلىنغان ەۈزەل لىرىك تىل ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ لىكىن پىكىرنى ئۇدۇللا تۈز ئىپادىلەپ بەرمەستىن كىتاپخانلارنى تۈز ئۇدۇل نەسرى باياندىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرمىگەن.شۇڭا مەن بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ داستان ۋەقەلىكىنى ئەسلى پىكىر ۋە ھىسسىياتقا سادىق بولغان ئاساستا نەسرى شەكىلدە يەنى ھىكايە- چۆچەك ،ئەپسانە -رىۋايەت تىلىدا بايان قىلىپ تور ئەدەبىياتى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارغا تونۇشتۇرۇشنى قارار قىلدىم.بىلمىدىم كىتاپخانلار كەمىنىنىڭ بۇ ياخشى نىيىتىگە قانداق ئىنكاس قايتۇراركىن.؟! J#x91Jh  
مەنبەسى ئۆز قەلىمىم. .V.N^8(:a  
پايدىلانغان ماتېرياللار: 78QFaN$  
1-‹‹شاھنامە›› داستانىنىڭ ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرى . CLkVe  
2-تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى2-قىسىمدىكى‹‹مەھمۇد غەزنىۋىگە ھەجۋى›› ناملىق شىئىر. 4P~<_]yf  
3- تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى2-قىسىمنىڭ ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش ماتېريالى. /MU<)[*Ro  
-.*\J|S@g  
Gj ^bz'2  
^r& {V"l]  
*tO<wp&  
V0AX1?H~w  

تېما تەستىقلىغۇچى : moghal
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-01, 11:23
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
aptap104
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12462

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   802 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13012 (سوم)
 ياخشى باھا:   1482 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1796  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5281
 سائەت
دەرىجىسى:
5281 سائەت 319 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-01

مەن ئۇشبۇ كىتاپنى كۆپ ئاڭلىغان ، لىكىن مۇقاۋىسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان . \Wc/kY3&  
مۇشۇ كىتاپنىڭ ھازىرقى تىلغا تەرجىمە قىلىنغىنى بارمىدۇ .
 
ئالەمدە پەقەت خوجايىن بىر ئاللاھدۇر!
ھاياتلىق ھەممىدىنئەۋزەل . لىكىن چاشقاندەك ياشاش ئادەمگە مەنا ئاتا قىلمايدۇ.
ziyaliy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18074

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   435 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6806 (سوم)
 ياخشى باھا:   193 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   283  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1998
 سائەت
دەرىجىسى:
1998 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-19
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-01

مەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن، ئەمما تۈرلۈك سىياسى نەزىريەۋى دەرسلەرنىڭ كۆپلىكى، خەنزۇتىلى، چەتئەل تىلى ئۆگىنىش بېسىمى ئالدىدا نۇرغۇن ئېسىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدۇم. ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ داڭلىق رومان، پوۋېست ۋە ھېكايىلەر،شېئىرلارلا قەلب كۆزىمدىن ئۆتتى.   ;9p5YxD  
   ئىشىنىمەنكى ، لايەقەتلىك دەۋر زىيالىيسى بولۇش ئۈچۈن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزنى تاللاپ ئوقۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن. *7;*@H*jd  
  ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسىنىڭ شاھنامە ناملىق ئەسىرىنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپىقىيتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
 
cahra
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.34113

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   185 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   235 (سوم)
 ياخشى باھا:   160 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   150  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 293
 سائەت
دەرىجىسى:
293 سائەت 57 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-01

مەن بۇئەسەرنى ئۇقۇش تۇگۇل كۇرۇپمۇ باقماپتىمەن  ئەگەر ئۇيغۇرچە تەرجىمسى بۇلسا چۇقۇم ئۇقۇيمەن  بەك بەك جاپا تارتىپسىز گەرچە ئۇقۇشتىن بۇرۇن  بۇ ئەسەرنىڭ تارخىنى چۇشەنگەن بۇسامۇ  سىزنىڭ بۇ ئەسەرگەبۇلغان ئۇتىتەك قىزغىنلىغڭىز  ھەم بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىش جەرياندا چالا قالغان يەرلىرنى تۇلۇقلۇشىڭىز مىنى  بۇ ئەسەرگەنىسبەتەن چەكسىز قەدىر تۇيغۇسى يەتكۇزدى  ئەجىرىڭز ھەرگىز يەردە قالمايدۇ  
 
dilpara
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12455

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   133 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5216 (سوم)
 ياخشى باھا:   184 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   251  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1977
 سائەت
دەرىجىسى:
1977 سائەت 113 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-09
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-01

ناھايىتى   ياخشى ئويلاپسىز، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.... ئۇبۇلقاسىم فىردەۋىسىي ۋە بۇ شاھانە ئەسەر توغۇرلۇق كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ، لىكىن بىر ئوقۇش نىسىپ بولمىغان ئىدى.............
 
مەن مىھرىمنى ئۈزەلمەيمەن گۇناھتىن،
چۈشىنىمەن سىنى ئويلاش بىر گۈناھ....
ئارقۇ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15755

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   348 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4867 (سوم)
 ياخشى باھا:   405 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   484  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6099
 سائەت
دەرىجىسى:
6099 سائەت 191 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-01

ئېسىل كىتاپلارنى سېتىۋالىدىغانلار كىلىپ بولغىچە تۈگەپ كىتىدىغان ئىش.بۇ كىتاپ مەندە بار،مەنمۇ بىر قېتىم ئوقۇغان،ئەمدى بالامغا ئوقۇپ بىرىۋاتىمەن.
 
ئاددىي ئادەم دائىم ياش تۇرۇدۇ.ياخشىچاق ئادەم ئاسانلا قېرىپ كىتىدۇ.
قاباھەتكە خەيرىلىك قىلىش مۈمكىن ئەمەس.ئەڭ موھىمى قاباھەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش.
sawutjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18532

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   108 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3536 (سوم)
 ياخشى باھا:   209 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   211  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4508
 سائەت
دەرىجىسى:
4508 سائەت 132 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-01

ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز ۋە ئەھمىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز، مەنمۇ ئاڭلىغان لىكىن بۇ كىتاپنى ئوقۇپ باقمىغان، سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئوتۇق تىلەيمەن. مۇناسۋەتلىك تىمىلارنى تىزراق يوللىسىڭىز بولاتتى.
 
ساۋۇتجان
ORLAX
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1449

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   350 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6872 (سوم)
 ياخشى باھا:   259 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   297  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1541
 سائەت
دەرىجىسى:
1541 سائەت 159 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-01

بۇ كىتاپىنى بىر ئوقوپ كۆرسەم بولغىدەك ،رەھمەت،
 
ئۆز ئارا قول تۇتۇشۇپ بىرىگە ئۆرلەيلى
impirya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18662

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   13 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3028 (سوم)
 ياخشى باھا:   161 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2010
 سائەت
دەرىجىسى:
2010 سائەت 80 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-01

ئسسئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئ
 
بوستان
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14292 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-02

ئىمپىرىيە قېرىندىشىم ،نىمە بولدىڭىز. بىرمۇنچە ئىنجىقلىرىڭىزنى يوللىۋېتىپسىزغۇ؟ ياپۇنىيەگە ھامىلدار بولۇپ قالمىغانسىز؟!
 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
kadihan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3901

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6198 (سوم)
 ياخشى باھا:   432 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   628  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2831
 سائەت
دەرىجىسى:
2831 سائەت 159 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-02

بۇ داستان توغرىلىق «يىپەك يولىدىكى 99 سىر ›› دېگەن كىتاپتا ئېنىق مەلۇمەت بېرىلگەن . يەنى پىردەۋس قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇ بىر دەھرى بولغانلىغى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار قەۋرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنماي ئۆزىنىڭ بېغىغا دەپنە قىلىنغان ، 20 مىڭ تەڭگىنى ئالغاندىن كېيىن بوزا ئىچمىگەن  بەلكى پىۋا ئىچكەن . ھەمدە 20 تەڭگىنى پىۋا ئەكىلىپ بەدىنىنى سۈرتۈپ يۇيۇپ قويغان مونچا خىزمەتكارىغا بېرىۋەتكەن .
 
izdinish
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40939

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   138 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   776 (سوم)
 ياخشى باھا:   65 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1952
 سائەت
دەرىجىسى:
1952 سائەت 138 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-16
ئاخــىرقىسى:2011-10-28
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-02

بەلكىم راستۇ ، مەس بولدى دېگـەننى كۆرۈپلا يۈرىكىم قارتتىدە قىلغان....
 
ئىنسان ئاللاھ ئالدىدىلا قۇل، بەندە ئالدىدا ھەممە ئوخشاش...
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى