جۇڭگۇ تارىخىدا ئاغۋاتلار ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بىر خانىدانلىق بولغان ئىكەن، بۇ خانىدانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەبىقىسىدە پادىشاھتىن باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئاغۋات ئىكەن. يۇقۇرىسى باش ۋەزىردىن تارتىپ تۆۋىنى ناھىيە ئامبىلىغىچە ھەممىسى دىگۈدەك ئاغۋات ئىكەن. بۇ دەل بەش سۇلالە دەۋرىدىكى 10بەگلىكنىڭ بىرى بولغان جەنۇبى خەن بەگلىگىدۇر. Ak"m 85B
[ ~&/s:Vvo
جەنۇبى خەننىڭ ھۆكۈمدارى لىيۇ يەن دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى تىرىشىپ باشقۇرغان ئىكەن، شۇڭا دۆلەتتە «ئوردا غەزىنىسى تولۇق، ھاكىمىيەت ئىشلىرى پاك،ئەل ئىناق،چىگرا ئەمىن» ھالەت شەكىللەنگەن. بىراق لىيۇ يەنمۇ فېئودال ھۆكۈمىرانلارنىڭ ئوخشاش خاتالىقى-كۆپىيىش مەسىلىسىدىن چۆچۈش كىسىلىگە مۇپتىلا بولغان. شۇڭا ئۆلۈمدىن قورقۇش پىسخىكىسى ئۇنىڭ ئەقلىنى ئازدۇرغان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا شۇنچىلىك كۆرەڭ ھالەتكە يەتكەنكى، ھەرقانداق رەزىللىكتىن باش تارتمىغان. تىخىمۇ غەلىتە يىرى شۇكى، ئۇ جاھان ئەھلىنى تاڭ قالدۇرۇپ، بىز باشتا تىلغا ئالغان ئىشنى قانۇن شەكلىدە ئىلان قىلغان. يەنى «ئوردا ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاختا قىلىنسۇن!» دەپ پەرمان چۈشۈرگەن. ھەتتا ئوردا ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ، لىكىن پادىشاھنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە نائىل بولغان ئەمەلدارمۇ ئاختا قىلىنىش تەقدىرىدىن قىچىپ قۇتۇلالمىغان. ھەتتا شەيىخ ياكى دەرۋىشلەر بولسىمۇ كىمكى شاھ بىلەن ھىدايەت يولى ئۈستىدە مۇڭدىشىشقا بۇيرۇلغان بولسا، ئالدى بىلەن ئاختا قىلىنىش تەقدىرىگە دۇچار بولغان. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيى، بالا-چاقىسى بولسا ، چوقۇم پادىشاھقا سادىق بولمايىتتى. شۇڭا شامالنىڭ چىقىشىغا، سۇنىڭ ئىقىشىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان بەزى كىشىلەر ئۆزىنى ئاختا قىلىۋىتىپ، ئاندىن پادىشاھنىڭ شاپائىتىگە ئىرىشىشنىڭ كويىغا كىرىدىغان بولۇپ قالغان.
tHwMX1 IG ئاختا قىلىۋېتىلگەن ئات ۋە ئاغۋاتلار ھەققىدىكى يازمىلارنى ئوقۇۋېتىپ، ئۇلار بىلەن ئەقىدىسىز ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا قانداقتۇر بىر ئوخشاشلىق بارلىقىنى ھېس قىلىپ قىلدىم.
9e,0\J W+ko q*P غايىسىز، ئېتىقادسىز، ئەقىدىسىز ئادەملەر قانداق بولىدۇ؟ قانداق گەپلەرنى، قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ؟ قاراپ باقساق، بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ ئاز ئەمەس.
l#Y,R 0 ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەردە ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاش روھى بولمايدۇ.
k5.Lna ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەردە ھەقىقىي دوستلۇق ۋە مۇھەببەت بولمايدۇ.
[;),\\u,d ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر رەھىمسىز، ياۋۇز، رەزىل، نەپسانىيەتچى، ھاياسىز، نومۇسسىز، خىيانەتكار بولىدۇ.
|_aa&v~ ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر ئۆزىگە ئادىمىيلىك ئۆلچەمدە تەلەپ قويالمايدۇ.
zL `iK"N` ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر نام-ئاتاق، ئۈستۈنلۈك قازىنىش، باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي ھەرقانداق رەزىللىكنى قىلىدۇ.
qm8B8&-
ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر مال-دۇنيانى، نەپسىنى دەپ، نومۇسنى ئۇنتۇپ، قېرىندىشىغا خىيانەت قىلىشتىن ھايا قىلمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلىدۇ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدۇ، لەۋزىدە تۇرمايدۇ.
\B,@`dw ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ئەر ئايالىغا، ئايالى ئېرىگە خىيانەت قىلىشتىن ھايا قىلمايدۇ.
h-<81"}j1 ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر ئۆكتەملىك، مۇتتەھەملىك، زالىملىق، رەھىمسىزلىك قىلىشنى جان بېقىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىدۇ، مال-دۇنيا ۋە شەخسىي مەنپەئەتنىڭ ۋەسۋەسىيسى بىلەن ھەقنى سۆزلەيدىغان تىللىرى بوغۇلىدۇ، ناھەقچىلىككە يان بېسىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ئەقىدە-ئىتقاتىسز ئادەملەردە ھەق ناھەق كۆزقارىشى بولمايدۇ، موقۇم مەيدانى بولمايدۇ. ئىككى يۇزلىمىچى، يۇمىلاق تاۋۇزنىڭ ئۆزىلا بولىدۇ. تۈكنى يېتىشىغا سىلايدۇ، سۇنىڭ ئېقىشىغا باقىدۇ. قۇل مىجەز، ئىسمى-جىسمىغا لايىق غالچا بولىدۇ.
:hk5 .[ %^GfS@t ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدۇ.
W^LY'ypT ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر يالغانچى، مۇناپىق، تۇزكور بولىدۇ. بەزىدە «ئەلھەمدۇ لىللاھ مەن مۇسۇلمان» دەيدۇ، بەزىدە مەھەللىسىدىكى مەسجىدلەرنى تاقاپ، ئۇنى ئەسكى - تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار قىلىۋالىدۇ. بەزىدە «مەن ماركسىزمچى، كوممۇنىستمەن» دەيدۇ، بەزىدە بىر يۇمۇلىنىپلا تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مەسجىد جامائېتىنىڭ قاتارىغا قوشۇلىۋېلىپ، ساقاللىرىنى ئۇزۇن قويىۋېتىپ، قوللىرىدىن تەسۋىنى چۈشۈرمەي «سۇبھانەللاھ» دېيىشىپ يۈرۈيدۇ.
f=gW]x7'R+ ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر كۆڭلى قارا بولىدۇ. بىرى-بىرىنى قانداق ئەپلەش، قانداق يوقىتىشنىڭ كويىدا، يەنى قانداق قىلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ كويىدىلا ئۆتىدۇ.
ca*DZG/ ئەقىدە-ئېتىقادسىز ئادەملەر شەخسىيەتچى، گۇمانخور، ساتقىن-مۇناپىق بولىدۇ.
qCpp6~]Um Rmt~,cW!\ <~'"
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئا.ت. تارىمغا تەۋە. توردا تارقىتىش ھوقۇقى «تارىم شېئىرىيەت تورى»غا (http://www.sheiriyet.com) تەۋە. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرسىڭىز، ئاپتۇرنى ۋە مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. J1RJ*mo7,