zt,Tda4Y 4H
4W
-نېمە؟ شۇمۇ گەپ بولدىمۇ؟ ئادەممۇ نېمە ئاۋۇ خوتۇن....... V%|CCrR
ئابدۇساتتار شۇنداق دېگىنىچە ئىشىككە قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭغىچە ئايشەم خېنىم ئۇنى توسۇۋالدى: "Sx}7?8AB
-ۋاي بالام، ئاچچىقلىرىغا ھاي بەرسىلە، مەيلى، ئۆزىنىڭ بالىسى ئەمەسمۇ، بىكا ئۆزلىرىگە ئىش تاپىلا.. 6>L)
-ھاي ئانا، قارىسىلا، ما ئادەمنىڭ يۈرىكى ئىچىشىدىكەن ئۇنداق دېگەنلىرى بىلەن، ھازىر قانچىنچى ئاي دەيمە؟ مۇشۇ پىژغىرىم ئىسسىقتا ئىككى سائەت ئەمەس، ئىككى مىنۇت تۇرۇپ باقسۇنا........ [B0]%!hFw
ئابدۇساتتار شۇنداق دېگەنچە يەنە ئىشىككە قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭ ئەزەلدىن يوغان كۆزلىرى تېخىمۇ يوغىناپ، قارىسا ئەيمەنگۈدەك ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى، داۋاملىق كۆپۈشۈپ تۇرىدىغان تومۇرلىرى تېخىمۇ بەتتەر بولۇپ قالغان ئىدى، ئەمما ئايشەم خېنىم يەنە توسۇۋالدى: $nf5bo/;
-بولدى بالام، خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزى جاۋاب بېرىدۇ، بىكار بىرنەرسە دېيىشىپ قالسىلا ئۇرۇق-تۇققان ئادەم، سەت تۇرىدۇ، ماڭسىلا، ئارام ئالسىلا... gC/~@Z8W]
ئابدۇساتتار ئامالسىز ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى، ئايشەم خېنىم دېگەندەك، ئۇ مۇشۇ ئەلپازى بىلەن ئاسىيەنىڭ يېنىغا چىقسا، چوقۇم بىر نەرسە دېيىشىپ قالاتتى. بۇ تەرسا مىجەزى، ئاشۇ زەھەردەك تىللىرى بىلەن ئاسىيەنى نەچچە كۈن تاماق يېمەس قىلىۋىتىپ، تۇققانلار ئارىسىدا بولدى دېگۈچە گەپكە قىلىشى ئىنىقلا ئىدى.
n7EG%q6m+
ئايشەم خېنىم ئاستا قەدەم بىلەن ئوغلىنىڭ يېنىغا كىرگەندە ھەر قاچان ئويچان، جىمغۇر ۋە ئۆز ئالاھىلىدىلىكى بىلەن باشقىلارغا بەكمۇ سىرلىق تۇيغۇ بېرىدىغان ئابدۇساتتار بىر كىتابقا تىكىلگىنىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى، ئوغلىنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدى. lhk=yVG3
S`w_q=-^8
بۇلارنىڭ ئائىلىسى تىپىك دىننى ئائىلە بولۇپ، ئايشەم خېنىم بالىنىڭ تۆتىنجىسى ئىدى، پەرھات بولسا بالىنىڭ كىچىكى بولۇپ، بەكمۇ ئەركە ۋە شوخ، ئەقىللىق چوڭ بولدى، ئەمما بالىلار ئەمدى چوڭ بولۇۋاتقاندا بۇلارنىڭ ئانىسى بۇ ئالەمنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى ۋە شاتلىقلىرىنى بەش بالىغا تاشلاپ، ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالدى، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئايشەم خېنىم ئىككى قىزنىڭ كېچىكى بولۇش سالاھىيتى بىلەن ئائىلىنىڭ ھەممە يۈكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، كىچىك ئوغۇل پەرھاتجان شۇنچە ئەقىللىق ۋە شوخلىقىغا قارىماي، مەكتەپتە ئوقۇغىلى ئۇنىمىدى، دادىسى ئابدۇللا ھاجىممۇ ئامال قىلالماي، ئۇنىڭ دېگىنىگە كۆنۈپ شەھەرنىڭ ئاۋات رەستىسىدىن ئۇنىڭغا بىر چەرچىن مال دۇكىنى ئېچىپ بەردى. '!V5 #J
جاھاندا ھەر قانداق ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە باشلىنىش جەريانى بولىدۇ، بەلكىم مۇشۇ دۇكاننىڭ ئىچىلىشى بۇ ئائىلىدىكى كۆڭۈلسىزلىك، چۈشىنىشمەسلىك ۋە ياتلىشىشقا قاراپ تەرەققى قىلىشنىڭ مۇقەددىمسى بولسا كېرەك. B)L=)N
jsp)e=
ئابدۇللا ھاجىم تۈگەپ كېتىپ بىر يىلدىن كىيىنكى بىر كۈنى ئاخشىمى ئايشەم خېنىم تۇيۇقسىزلا بالىلىرىنى قويۇپ يۇرتىغا قايتىدىغان بولۇپ قالدى، پەقەت بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كېلەتتى، 10 ياشقا كىرگەن ئابدۇساتتار بىلەن 6 ياشقا كىرگەن ماھىرە دادىسى مەۋلان ھاجىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرىدىغان بولدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى ئايشەم خېنىم بىلەن مەۋلان ھاجىم نۇرغۇن ئىشلارنى دېيىشتى، ياندىكى ئۆيدە تېخى ئۇيقۇسى كەلمىگەن ئابدۇساتتار ئانىسىنىڭ دەۋاتقان «سىرتتىن نىكاھلىنىپ............بىر ئوغۇل.......» دېگەن گەپلىرىنى چالا-پۇچۇق ئاڭلىغان بولسىمۇ ھىچنىمىنى چۈشەنمىگەچكە بەخىرامان يېتىپ بىر كەملەردە ئۇخلاپ قالدى. b
jq+x:>
ئۈچ كۈندىن كېيىن ئايشەم خېنىم قايتىپ كەلدى، ئەمما چىرايى سۇلغۇن، بىر ئىشقا غەزەپلىرى ئۆرلەپ تۇرغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى، مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئايشەم خېنىم پات-پات تېلېفۇندا ئاكا-ئىنىلىرى بىلەن بىر نەرسىلەرنى تالىشىپ ۋارقىرىشىدىغان، پات-پات تۇيۇقسىز يۇرتىغا بارىدىغان بولۇپ قالدى. بۇلارنى مىراس تالىشامدىكىن دېسە، ئابدۇللا ھاجىم تۈگەپ كېتىپ يىرىم يىلدىن كېيىن بىر چىرايلىق ھەل قىلىپ، شۇنداق ئىناق ئۆتۈۋاتاتتى، ئايشەم خېنىمنىڭ گەپلىرىدىن قارىغاندا بۇ ھەرگىزمۇ مىراس ماجىراسى ئەمەس ئىدى، گەپنىڭ ئورامى تولاراق ئاشۇ پەرھات ئاكىسىنىڭ ئۈستىدە بولاتتى. ~ZxFL$<'3
ئارىدىن يەنە ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئابدۇساتتارمۇ خىلى بىر ئىشلارنى بىلگۈدەك بولدى، بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيەردىن مارىلاپ، بۇ يەردى ئاڭلاپ قېلىپ يۈرۈپ، ئاكىسى پەرھاتجاننىڭ دۇكان ئىچىش جەريانىدا يەنە باشقا بىر ئايالنى نىكاھىغا ئالغانلىقىنى، ھازىر ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا بىر بالىنىڭ بارلىقى، بۇ بالىنىڭ 2 ياشقا كېرىپ قالغانلىقىنى بىلىپ قالدى. شۇنىڭ سەۋەبىدىنمىكىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى جىدەل تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئەمما مۇشۇ كۈنلەردە بۇ ئۆينىڭ بىشىنىمۇ بىر مۇدھىش ئەگىۋاتاتتى. pBR9)T\n
بۈگۈن ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق، شامال دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، ئاسمان بېتى شۇنداق سۈزۈك... ھازىر بالىلارغا تەتىل، 12 ياشقا كىرىپ قالغان ئابدۇساتتار ھويلىدىكى تال باراڭ ئاستىدىكى سۇپىدا بۇرۇنقىدەك سوزۇلۇپ يېتىپ دادىسى كۆرىدىغان كونا تارىخى كىتابلارنى كۆرۈۋاتاتتى، دەل شۇ چاغدا مەۋلان ھاجىم شوپۇرى بىلەن ئۆيگە كېرىپ كەلدى، مەۋلان ھاجىمنىڭ چىرايى تاتارغان، كۆزلىرى قىززىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئەتىگەن تېخى ساق دەسسەپ چىقىپ كەتكەن ئادەم ھازىر بولسا شوپۇرنىڭ قولىدا ئاران يەر دەسسەپ تۇراتتى، چىرايى زەپىراندەك سارغىيىپ، لەۋلىرى تىتىرەپ تۇراتتى، شوپۇرى مەۋلان ھاجىمنى ئۆيىگە ئەكىردى، ئۆيدە ئايشەم خېنىم يوق ئىدى، ئۇ بىر تويغا كەتكەن ئىدى، مەۋلان ھاجىمنىڭ شوپۇرى مەۋلان ھاجىمغا دورىسىنى ئىچۈرگەندىن كېيىن يەنە مەۋلان ھاجىمنى ئىلىپ دوختۇرخانىغا ماڭدى، مەۋلان ھاجىم ئابدۇساتتارنى ئىلىۋالدى. ZH
s' #
ئۇلار دوختۇرخانىغا كەلدى، دوختۇرلار مەۋلان ھاجىمنى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ، «قان بېسىمى بەك ئۆرلەپ كېتىپتۇ، ئاشقازاننىڭ بېسىمى ئارتىپ كېتىپتۇ، چۈشتە نېمە يېگەن؟ قەيەردە يېگەن؟» دېگەندەك سۇئاللارنى سورىغاچ ئوكۇل سالدى، شۇ پەيىتتە ئايشەم ھاجىم دوختۇرخانىدا زۆرۈر لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كېرىپ كەلدى: [(81-j1v
-نېمە بولدىلا ھاجىم؟ ئۆيگە كىرسەم ماھىرە بىلەن ھەبىبە يالغۇزكەن، سىلىنى دوختۇرخانىدا دەيدۇ..... XX9u%BZ~
-ۋاي سورىمىسىلا، ئىدارىدىكىلەر بىلەن بىللە تاماق يېگەن، شۇ تاماق يەپ بولۇپلا قورسىقىم بەك ئاغرىپ كەتتى.... Q>QES-.l
ئۇلار بىر نەچچە سائەت دوختۇرخانىدا ھايال بولۇپ، ئۆيگە قايتتى، ئەمما مەۋلان ھاجىمنىڭ قورساق ئاغرىقى ھىچ قويۇپ بىرەي دېمەيتتى، بىر كىچە شۇنداق ئۇيقۇسىز ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار مەۋلان ھاجىمنى چوڭراق دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، دوختۇرلار كۆرۈپ، گەپ سوراپلا چوڭ ئۈسكۈنىلەرگە سىلىشقا باشلىدى. مانا، ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن دوختۇرلار ئايشەم خېنىمنى چاقىرىپ ئايرىم پاراڭلاشتى. |to|kU
ئابدۇساتتار بولسا دادىسى بۇرۇن پات-پات مۇشۇنداق ئاغرىپ قالغاچقا بۇرۇنقىدەك دادىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، گەپلىرىگە جاۋاپ بېرىپ تۇراتتى. ئەمما ئانىسىنىڭ چىرايىدىكى ئاللىقانداق ئەندىشە ۋە قايغۇنى ھىس قىلالمىغانىدى. .29y3}[PO
-ئابدۇساتتار، بالام، ماڭسىلا، ئۆيگە كەتسىلە، سىڭىللىرى بىزنى كەلمىدى دەپ يىغلاپ قالمىسۇن، ئۇنى ئۆيگە ئەكىرىۋالسىلا. h ycdk1SN
ئابدۇساتتار ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆيگە كەتتى، شۇ كۈنى كىچىدە دوختۇرخانىدا ئايشەم خېنىم ۋە مەۋلان ھاجىمنىڭ كىچىك ئىنىسى ھەمرا بولۇپ قالدى. ئابدۇساتتارلارغا بولسا نەۋرە ئاكىسى بىلەن نەۋرە ئاكىسىنىڭ ئايالى ھەمراھ بولدى. FCp\w1+
تۈن يىرىم بىلەن ئۇيقۇسى قاچقان ئابدۇساتتار تال باراڭلىرى ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ ياتاتتى، تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تېلېفۇن ئاۋازى ئۇنى خىلىلا چۈچۈتتى، نەۋرە ئاكىسى دەرھال بىرىپ تېلېفۇننى ئالدى، ۋە روھى چىقىپ كەتكەندەكلا تېلېفۇننى قويۇپ ئاستالا ئابدۇساتتارنىڭ يېنىغا كەلدى، ۋە ئويغاقلىقىنى كۆرۈپ: xlHC?d0}
-ئۇكام، كېيىمىڭىزنى كېيىڭە، دوختۇرخانىغا بارىدىكەنمىز، دېدى، بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئابدۇساتتار ئاجايىپ قورقتى، دەل شۇ ئارىلىقتا مەۋلان ھاجىمنىڭ شوپۇرى ئىشىك چەكتى. Dpf"H
ئۇلار دوختۇرخانىغا كىرگەندە مەۋلان ھاجىم ياتقان ياتاقنىڭ ئىچى دوختۇرلار بىلەن لىق توشقان ئىدى، مەۋلان ھاجىم بولسا پۈتۈن بەدىنىدە تەكشۈرۈش ئۈسكىنىلىرى ئورنىتىلغان ھالەتتە ياتاتتى، ئابدۇساتتار يۈگۈرەپ بىرىپ دادىسىنىڭ قولىغا ئىسىلىپ يېغىنى باشلىدى، بۇ چاغدا مەۋلان ھاجىم ئاران-ئاران نەپەس ئىلىۋاتاتتى، پۈتۈن بەدىنى ئاتەشتەك قىززىپ كەتكەن ئىدى، مەۋلان ھاجىم ئوغلىنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى، ھەمدە ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىنىق ئەمما پەس ئاۋازدا: +jv&V%IL
-يىغلىما....ئوغۇل بالىمۇ يىغلامدا؟ دېدى ۋە نەپەستىن قالدى. "I
n[= 2w
ئابدۇساتتار تۇيۇقسىز ئاجايىپلا بولۇپ قالدى، يۈزلىرى قىززىرىپ، نەپسى قىيىنلىشىۋاتاتتى، دوختۇرلار دەرھال ئۇنى سىرتقا ئاچىقىپ كەتتى، شۇ چاغدا شوپۇر بايام ئۆيدە قالغان 8 ياشلىق ماھىرەنى ئىلىپ كىردى، ماھىرە كىرگەندە دوختۇرلار مەۋلان ھاجىمنىڭ بەدىنىدىكى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاجرىتىۋاتاتتى. x[m&ILr
-دادا، ياق!! دادا، كۆزلىرىنى ئاچسىلا، ئاپپاق دادا، خۇش بولاي، مېنى بىر ئەركىلىتىپ قويسىلا، سىلى بولمىسىلا مەن قانداق قىلىمەن؟ كىمنى دادا دەيمەن؟....... [(d))(M$|
ماھىرە جان ئۈزگەن دادىسىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئىتىپ بوزلاپ يىغلاپ كەتتى، ئاندىن تۇيۇقسىز مەسئۇل دوختۇرنىڭ قولىغا ئىسىلدى: K:_5#!*^98
-ئوبدان دوختۇر ئاكا، خۇش بولاي، دادامنى ساقايتىپ بەرسىلىچۇ؟ دادام بولمىسا بولمايدۇ، ئوبدان ئاكا، سىلى دوختۇرغۇ؟ دوختۇر دېگەن ئادەمنى ساقايتالايدىغۇ؟ ئۇ مۇشۇنداق بىردەم ئۆزىنى مەۋلان ھاجىمنىڭ مېيىتىغا ئىتىپ يىغلىسا بىردەم دوختۇرغا يىلىناتتى، ھەتتا باشقا سىستىرالارمۇ ماھىرەنى تۇتۇپ بولالمايۋاتاتتى، بىمارلار تەرىپىدىن كۆزىدىن ياش چىقمايدۇ دەپ قارالغان دوختۇرلارمۇ ماھىرەگە قاراپ يىغلاۋاتاتتى. ماھىرەنىڭ بۇ يېغىسى راستىنلا ئادەمنىڭ ئاجايىپ يۈرىكىنى ئىزەتتى. =VFPZ
شۇنداق قىلىپ مەۋلان ھاجىم ئاستا خاراكتىرلىك ئاشقازان راكى دېگەن كېسەل بىلەن بىر كۈن يېتىپ قازا تاپتى، بۇ كېسەل بەش يىل بۇرۇن بايقالغان بولسىمۇ مەۋلان ھاجىم ئەسلا بىلمەيتتى، بۇنى پەقەت ئايشەم خېنىم ھەمدە مەسئۇل دوختۇرلا بىلەتتى... Q[Xh{B
بۇ ئابدۇساتتار دەل تولۇقسىزغا چىققان يىلى ئىدى. .kT}E5
rq]zt2
يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك پەرھاتجان چەرچىن مال دۇكىنى ئىچىش جەريانىدا بىر ئايال بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىدىكلەردىن يۇشۇرۇن نىكاھلىنىپ بىرگە ئۆتكەن ئىدى، بۇ جەرياندا سودىسى شۇنداق ئاققان دۇكاننى تولا تاشلاپ قويۇپ، ھىلىقى ئايال بىلەن يۈرۈپ ئەپچىللا سورۇقچۇلۇققا ئۇچراپ كەتتى، بەزى جازانىخورلاردىن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئالدىيۇ، قەرزنى توغرا ئىشلىتىشنى بىلمەي يەنە ئويۇن-تاماشىغا ئىشلىتىپ قويدى، ئاندىن يەنە قەرز ئىلىپ، كومپيۇتېر مەشخۇلاتچىلىق ئورنى ئاچتى، ئەمما قەرزلەر ۋاقتىدا قايتۇرۇلمىغاچقا ئۆسۈمى ۋە دىرى بولۇپ، ئۇ ئالغاندىن نەچچە ھەسسە كۆپ پۇل ئۇنىڭ گەدىنىگە يۈكلەندى، قەرزدارلار كۈندە ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، دۇكىنى ئالدىدا ئۆكتەملىق قىلىپ، ھىچ ئىش قىلغۇزمايۋاتقاچقا ئاخىرى ئايشەم خېنىملارنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرۇشنى ئويلاپ بۇ يەرگە كېلىۋالدى، پەرھاتجاننىڭ ئاۋۇ يەنە بىر ئايالىدىن بولغان مىجىتنى بولسا ئايشەم خېنىم دەپ ئەكەلدۈرۈپ بىقىۋالدى. پەرھاتجان يەنىلا مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ، كەسپىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدى، ئەمما ئايشەم خېنىم بۇ سەۋەپلىك بەزى ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. 6.(L8.jv
پەرھاتجان بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، پات-پات كىچىلىرى يوقاپ كېتىدىغان بولۇۋالدى، ئايشەم خېنىمنىڭ بۇ ئىشلارغا بەكلا ئاچچىقى كەلدى، نېمىشقا دېگەندە، پەرھاتجان گەرچە ھىلىقى ئايالدىن «ئادا-جۇدا بولدۇم» دېگەن بولسىمۇ، يەنە ئىزدىشىپ، باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ ئۇ ئايالغا سودا قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىپ بېرىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالغان ئىدى. ئەمما تولۇق بىرەر پاكىت بولمىغاچقا چىش يېرىپ بىر نەرسە دېيەلمەيۋاتاتتى، مىجىتنى بولسا ئۆز ئوغلىدەك كۆيۈنۈپ بىقىۋاتاتتى، بۇ بالىمۇ ھازىر ئىككى ياشتىن ئاشقان، ئايىغى چىققان ئىدى، ئەمما تىخىچە تىلى چىقمىغان ئىدى. #@^mA{Dt5
بىر كۈنى چۈشكە يېقىن ئۆيگە كىرمىگىلى نەچچە كۈن بولغان پەرھاتجان پەيدا بولدى، ئۆيگە كىردىيۇ ھويلىدا ئويناۋاتقان مىجىتنى كۆرۈپلا ۋارقىدى: ynQ+yW74Z
-ئاچا! قىنى سىلى؟! k __MYb
-ئۇۋ....مانا مەن....... xoQ;fVNp
-قارىسىلا ما بالىغا! قانچىنچى ئاي دەيمە ماۋۇ؟ مۇشۇنداق يالاڭئاياغ ئوينىسا بولامدا؟ ab/^z0GT
ئايشەم خېنىم تۇرۇپلا قالدى، ئۇكىسىنىڭ ئۇنىڭغا بۇنداق قاتتىق تېگىشى ئۇنىڭدا ئىغىر كەلدى. EH2
a
-نېمە بوپتۇ؟ بۇ بىر قاراقىش ئەمەس، ئەمدى 9-ئاي، ئانچە-مۇنچە يالاڭئاياغ ئوينىسا تەن سالامەتلىكىگىمۇ.... *ke9/hO1i
-شۇندادىمۇ ئاياغ كەيدۈرۈپ قويىلى، ئاغرىپ يېتىپ بەرمىسۇن ماڭا.....زىيانلىق-پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.... m_;<7W&p]
«سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋەلاي» دېگەندەك، نەچچە كۈندىن بىرى قەيەرلەرگە بارغىنىنى بىلگىلى بولماي تۇرۇپ، يەنە بۇنداق ئەلەمگە ئۇچراش ئايشەم خېنىمغا سەل ئىغىر كەلدى، ئەمما يەنىلا بوپتۇ دەپ ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئەمما يەنە ھەپتىدىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر ئىش ئايشەم خېنىمنىڭ سەۋر قاچىسىنى راستىنلا چىقىپ تاشلىدى، ئىش مۇنداق بولغانىدى، شۇ ئارىلىقتا پەرھاتجان يەنە نەچچە كۈن ئۆيگە كىرمىدى، بىر كۈنى ئايشەم خېنىمنىڭ بىر تونۇشى ئايشەم خېنىمغا تېلېفۇن قىلىپ، پەرھاتجاننى يەنە ھىلىقى چوكان بىلەن بىر يەرلەردە كۆرگەنلىكىنى، ئاندىن قەيەرلەرگە ماڭغانلىقىنى......دەپ قويدى، شۇڭا بۈگۈن چۈشتە ئايشەم خېنىم پەرھاتجاننى سوراققا تارتتى: Hp}d m93T
-ئۇكام، تۈنۈگۈن، ئۈلۈشكۈن ئۆيگە كىرمىدىلە؟ نەگە باردىلا؟ <{"Jy)Uf
-مەن بار ئاچا، شۇ ئاق بۈركۈتتىكى ئاغىنەم ياردەملىشىپ بەرسەڭلا دېگەن، شۇيەردە يېتىپ-قوپۇپ....
-قەيەردىكى ئاق بۈركۈتتە؟ Qi?xx')
-مۇشۇ يەردىكى... W%,h{
-قايسى ئاق بۈركۈت ئىكەنلىكىنى مەن دەپ بىرەي،-ئايشەم خېنىم شۇنداق دەپلا ھەممە ئاڭلىغانلىرىنى دەۋەتتى، پەرھاتجان لام-جىم دېمەي تۇرۇۋالدى، گەپ ئاياغلاشقاندا بولسا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مىجىتنى كۆتۈرگىنىچە غايىپ بولدى. ئايشەم خېنىمغا بۇ ئىش بەك ھار كەلگدى، شۇ ئاچچىقىدا يا تېلېفۇن قىلمىدى، يا سۈرۈشتۈرۈپمۇ يۈرمىدى، ئەمما مانا شۇنىڭدىن باشلاپ مىجىتنىڭ بىشىغا ئاجايىپ كۈلپەتلەر كىلىشكە باشلىدى. \7elqX`.yY
Rk(2|I
پەرھاتجان مىجىتنى ئاپىرىپ، ھازىرقى ئايالى ئاسىيەنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئاسىيە بويى ئىگىز، يۈزلىرى سۈزۈك، ئەمما بەكلا سۇزنچاق، قەستەن ئاۋازىنى ئىنچىكە چىقىرىپ گەپ قىلىدىغان، ئەڭ مۇھىمى سۇخەنچى ھەم ھىلىگەر ئايال ئىدى. ئاسىيە بۇ بالىنى «كۈندىشىمنىڭ بالىسى» دەپ ئويلاپ قالدىمۇ نېمە، بەكلا خارلىدى، بۇ بالا يا ئاچ قالاتتى، يا تالادا قالاتتى، كىچىككىنە بالىغا بۇنداق قىلىشقا ئاشۇ ئايالنىڭ كۆڭلى كۆتۈرگىنىنى ھىچكىم چۈشىنەلمەيۋاتاتتى، بىچارە بالا شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، ئۆزىنى سۇغىلا گۆللەپ ئۆتەتتى، قورسىقى ئاچسىلا ھارماي سۇ ئىچەتتى. پەرھاتجان كۈندۈزلىرى دۇكىنىدا بولغاچ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر ئىلىپ بولالمايتتى، ئاسىيەمۇ ئۆزىنىڭ كىچىك ئوغلى (بۇ كىچىك ئوغۇلمۇ مىجىتتىن نەچچە ئايلىقلا كىچىك ئىدى) جاسارەت بىلەنلا بولۇۋالاتتى، مەيلى يازنىڭ تومۇز تەپتى كۈنلىرى بولسۇن، قىشنىڭ جۇت شىۋىرغانلىرى بولسۇن چۈش بولدى ھامانى «مەن ئۇخلايمەن، سەن ئويناپ كىر» دەپ، ئۆزىنىڭ ئوغلىنى قوينىغا مەھكەم سولاپ، مىجىتنى «غەلۋە قىلىدۇ» باھانىسى بىلەن سىرتقا چىقىرىۋىتەتتى، بىچارە بالىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلماي قالمايتتى، تولا ھاللاردا بۇ بالىنىڭ ھويلا ئىچىدە ئەمەس، دەرۋازا تۈۋىدە ئىشىكنى يۆلەپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئىككى بالا تەڭ چوڭۇپ ئۈچ ياشلاردىن ئىشىپ قالدى، ئەمما ئاسىيەنىڭ ئۆز ئوغلى جاسارەت بولسا يېشىغا باقماي ناھايىتىمۇ ھاكاۋۇر، چاتاقچى بىر نېمە ئىدى، ھە دېسىلا قولىغا بىر نەرسىلەرنى ئېلىۋىلىپ، مىجىتنى قوغلاپ يۈرۈپ بوزەك قىلغىنى قىلغان ئىدى، ئاسىيە بولسا ھاي دېمەكتە يوق: p+
7ZGB
-مىجىت، بوپتۇ بالام، ئۇكىڭىز كىچىك، ئوينىۋالسۇن، تىرىكتۈرمەك...دەپ قوياتتى، جاسارەت كەلسە قاچقىلى تەمشەلسە: '3'*VcL(
-نەگە قاچىسە؟ ئۇكاڭ يېمەيدۇ سېنى، تۇرۇپ بەرسەڭ ئۆلتۈرمەيدۇ ئۇ سېنى...دېگەندەك گەپلەر بىلەن راستىنلا ئادەمنىڭ نىرۋىسىنى ئۆرلىتەتتى. ئەجەبا كېچىك بالا دېگەننىڭ پەرقلىق مۇئامىلىنى ناھايىتى تىزلا ھىس قىلىپ يىتەلەيدىغىنىنى ئۇ بىلەتتىيۇ، لېكىن ئۆزى بىلگەننى قىلاتتى. بۇنى ئاز دېگەندەك پەرھاتجان يەنە كونا سەنىمىگە دەسسەپ ھىلىقى ئايالدىن قولىنى ئۈزەلمەي يۈردى، بۇنى بايقاپ قالغان ئاسىيە «يا بالىغا تۇرىسەن يا ماڭا، بالىغا تۇرساڭ مەن كېتىمەن، بولمىسا بالىنى يوقات» دەپ تۇرۇۋالدى، پەرھاتجان ئامال قىلالماي بالىسىنى بىر يېراق يېزىدىن كەلگەن شاگىرتىنىڭ ئۆيىگە بېقىپ بىرىشكە ئاپىرىپ بەردى. J*}Qnl +
بۇ جەرياندا ئابدۇساتتارمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ تولۇققا قەدەم قويدى، ئەمما ئانىسىنىڭ تولا يۇرتۇمغا كەتسەم بولاتتى دەپ تۇرۇۋىلىشلىرىغا رازى بولۇپ، ئوقۇشىنى بۇ يەردە ئوقۇماقچى بولدى. ئەمما بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۇنىمۇ خىلى ھالسىراتتى. b$O1I[o
مىجىتنى بىقىۋاتقان ئائىلىدىكىلەر بولسا ئۇنىڭغا تازا ياخشى قارىيالمايۋاتاتتى، «كاناي ياغلىغىلى ياغ يوي، سۇنايغا ياغ نەدە؟» دېگەندەك، ئۇ ئائىلىنىڭمۇ ئىقتىزادى ياخشى بولمىغاچقا مىجىت بەكلا قىينىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ كۈنلىرى پاختا تىرىش، ئوت ئوتاش، قوي-كالىلارغا كىچىككىنچە قوللىرىدا ھەلەپ ئىتىش....قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆتۈۋاتاتتى، ئۇنى بىقىۋاتقان ئائىلىدىكى ئايالنىڭ ئىسمى پاتەمخانمۇ بىر ئاز قوپال، كىلەڭسىز ۋە ئۇششۇقراق بىر ئايال ئىدى، مىجىت «پاتەم ئانام» دەپ چاقىراتتى، بۇ جەرياندا ئۇ تولا ئاچ قالدى، يىلىڭ قالدى، بېشىنى بولسا تاز يارىسى بېسىپ كەتتى، بۇنى ئاسىيە ئاڭلاپ تۇرغان بولسىمۇ پەقەتلا كارى بولمىدى. o%1dbbh
كۈز كۈنلىرىنىڭ ئاخىرى ئىدى، ھاۋا تۇتۇق، سارغايغان ياپراقلار ھەممىلا يەرنى قاپلىغان، مىجىت بولسا ھويلىدا ئولتۇرۇپ كىۋەز چۆللەۋاتاتتى، چۈش ۋاقتى بىلەن ئۇ بەكلا توڭلىدى، ھەم قورسىقى ئاچتى، ئۇ ئاستالا ئۆيگە كىرىپ پاتەم ئانىسىغا دېدى: blHJhB&8
-ئانا، قورسىقىم بەك ئىچىپ كەتتى، توڭلاپ كەتتىم.... U|!L{+F
-ماڭە، سەن توخۇ كاتىكىگە قاراپ باق، توخۇ تۇغۇم كاكىلىغان بولسا ئىلىپ كىر، مەن ساڭا نان چىلاپ بىرەي. n |Is&fy
ئۇ توخۇ كاتىكىدىن تۇخۇمنى ئىلىپ چىقىۋاتقاندا مىكيان قىزغاندىمۇ قانداق ئۇنىڭ قولىنى بىرلا چوقۇپ تۇخۇمنى چۈشۈرۈۋەتتى، ئاندىن تۇخۇمىنى ئۆزى ئىچىۋالدى، ئۇ ئۆيگە يىغلاپ كىردى. +\@}IKWl-?
-تۇخۇم قىنى؟ 6Q}WX[| tQ
-مەن...مەن ئىلىپ ماڭغان.... توخۇ.... چوقۇلاپ... ھۈ.... ھۈ.... ھۈ... {L9WeosQ
چاڭ قىلىپ تەگكەن بىر تەستەك مىجىتنى كەينىگە ئۇچۇرۇۋەتتى، پاتەمخان ئۇنى تىللاپلا چۈشتىلا: W]l&mr
-ۋۇ نان يىمەس لەقۋا! مەن سېنى بىكارغا بىقىۋاتامدىم؟ بىر تۇخۇمنى جايلاپ ئەكىرەلمىگەن ھالىڭغا......ماڭە ئىشىڭنى قىل! Q
xg)Wb#
بىچارە مىجىت ئاچ قورساق يەنە چىقىپ كەتتى. بۇندا ئىشلار پات-پات يۈز بېرىپ تۇراتتى. مىجىت بولسا ئاتا-ئانىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى، ئۆزى كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان كۈنلەرنى كۆرۈۋاتاتتى. WY3D.z-
بىر كۈنى پاتەمخان نەۋرە قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ تويغا بارماقچى بولدى، مىجىتنىڭمۇ بارغۇسى بار ئىدى، ئانىسىغا يىلىندى. }US^GEs(
-ئەمىسىچۇ، سەن قويلارغا ھەلەپ ئەتكەچ تۇر، مەن كىيىمىمنى كېيىپ سېنى ئالغىلى چىقاي، تىزراق ئەتمىسەڭ ئاپارمەيمەن جۇمۇ... z3+7gp+I;
مىجىت بۇ گەپنى راس ئوخشايدۇ دەپ يۈگۈرۈپ سامانلىققا كىرىپ كەتتى، ئەمما پاتەمخان بولسا، بىر توغرام نانمۇ قويۇپ قويماي ئىشىكلەرنى مەھكەم تاقاپ، تويىغا كېتىۋەردى، قويلارغا ھەلەپ ئېتىپ بولۇپ سامانلىقتا خىلى ئولتۇرغان مىجىت قورسىقى ئىچىپ، ئۆيگە كىرسە تويغا بارالماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ يەنە ئولتۇرىۋەردى، ئاخىرى ھويلىغا چىقىپ، ئۆينىڭ ئىشىككە قاراپ تۇرۇپلا قالدى، ئاندىن يىغلاشقا باشلىدى، ئەمما كەچكىچە ئۇنىڭ يىغىسىغا كەچكۈزنىڭ ئاچچىق شامىلىدىن باشقا ھىچنەرسە ھەمراھ بولمىدى. |^!
بۇنداق ئىشلارنى كۆپ ئاڭلىغان ئايشەم خېنىم ئاخىرى ئابدۇساتتار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مىجىتنى بىقىپ بىرىشنى ئىيتتى، ئابدۇساتتارمۇ ئوشۇق گەپ قىلماي ماقۇل بولدى. بۇ چاغدا مىجىت تۆت ياشتىن ئاشقان ئىدى. {=)g?!zC
شۇنداق قىلىپ ئايشەم خېنىم مىجىتنى بىقىۋالدى، توغرىسى بېقىپ بەردى، بۇ ئىشتا ئابدۇساتتار گەرچە دېمىگەن بولسىمۇ نارازىلىقى بار ئازراق يېرى بار ئىدى، نېمىشقا دېگەندە ئابدۇساتتار بۇ بالىنى بالىچىلاپ بىقىۋالايلى دېگەندە تاغىسىنىڭ ئۇنىماسلىقى ئىدى، پەرھاتنىڭ دېگىنىچە بولسا، بۇلار بالىنى بېقىپ بەرسە بولىدۇ، ئەمما بالىچىلاپ بىقىۋىلىشقا بولمايدۇ، بۇنداق «پايدىلىنىش»قا ئابدۇساتتار رازى ئەمەس ئىدى، ئابدۇساتتارچە بولغاندا بالىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇپ بىقىۋالسا ئاندىن بېقىشنى ئويلىغان، نېمىشقا دېگەندە بالا بۇنداق ئىككى ئارىلىقتا چوڭ بولسا تەسىرى ياخشى بولمايتتى، ھەم كېيىن بالىنى تەربىيلەش جەرياندا توسالغۇغا ئۇچراپ قىلىشتىن ئەنسىرەيتتى. ئابدۇساتتارنىڭ سىڭلىسى ماھىرەمۇ بىر چىرايلىق چوڭ بولۇۋاتاتتى، ئۇمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرەي دەپ قالدى، ئاكىسى ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە ئۇمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرەتتى، ئەمما ئۇ ئاكىسىدەك يىراقنى ئويلىيالمايتتىيۇ بەكلا جانلىق، ئەقىللىق ئىدى، بويى ئۆسكىلەڭ، قاپقارا بۈدرە چاچلىرىنى ياغلىققا مەھكەم ئوراپ يۈرەتتى، ئاكىسىدەك زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرۇپ بىر ئىغىز گەپتە ئۇجۇقتۇرىدىغانلاردىن ئەمەس، سۆزلەپ سۆزلەپ ئاڭلىغۇچىنىڭ ئاغزىنى قۇشقاچ تەشكەن كاماردەك قىپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋىرەتتى. LH_rc
ھازىر ئابدۇساتتار 17 گە ، ماھىرە 13 كە كىرىپ قالدى، مىجىتمۇ 7 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ نوپۇسى بولمىغاچ مەكتەپتە ئوقۇيالمىدى، بۇ جەرياندا ماھىرە ئۇنىڭ ساۋادىنى چىقارماقچى بولدى، ئەمما بۇ ئۇنىڭغا ئاجايىپ تەسكە توختىدى، بەلكىم، ھىلى ئۇ يەردە، ھىلى بۇ يەردە يۈرۈپ، تىل-دەشنامغا تويۇپ، پىشىپ قالغانمىكىن تاڭ، نېمىلا دېسە ماقۇل دەيتتى، ئەمما ئۆزى بىلگەننى قىلاتتى، دەپتەرگە ھەرىپلەرنى چىرايلىق بىر قۇر يېزىپ ئوقۇپ ياز دەپ قويۇپ ئىشىنى قىلسا دەپتەرنى تۇتۇپ مىدىرلىماي ئولتۇراتتىكى بىرنى جىجىلاپ قويمايتتى، ئەگەر ماھىرە ئازراقلا ئاچچىقلاپ بولغۇچە چىقىراپ يىغلاپ، ئالەمنى بېشىغا كېيەتتى، ئىشقىلىپ بۇ بالىدا ئاجايىپلا بىر خىل مىجەز يېتىلىپ قالغان ئىدى، داۋاملىق ئاچ يۈرۈپ شۇنداقمۇ ياكى ھازىر شۇنداق بوپقالدىمۇ، قورسىقى تويغاننى بىلمەي يەۋىرەتتى، ئاندىن ياندۇراتتى، تۇرۇپ-تۇرۇپلا ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يىغلاپ كىتەتتى... R3,O;9i
نېمىشقىكىن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالغانسىرى ئابدۇساتتار بارغانچە جىمغۇر، كەمسۆز، ئاجايىپلا تىرىشچان بولۇپ قالدى، قولىدىن كىتاپ چۈشمەيتتى، ئۇ ئىجتىمائى پەن ئوقۇغاچقا ھارماي بىرنەرسىلەرنى يادلايىتتى، ئادەتتە ئانچە-مۇنچە شىئېر، ھىكايىلەرنىمۇ يېزىپ قوياتتى، كۆپىنچە مەكتەپتىن كېلىپ كىتابقا بېشىچىلاپ كېرىپ كەتسە سائەت 1-2لەرگىچە ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ئىدى، ئۆگىنىشتىن باشقا قىلىدىغان ئىشى بىرلا، يەنى تىزگىنەكلىك ماشىنىسىنىڭ ئىچىنى چۇۋۇپ، زاپچاسلىرىنى سۆكەتتى، ئاندىن باشقىلاردىن سورىۋالغان ماشىنىلارنىڭ زاپچاسلىرى بىلەن ئالماشتۇراتتى، يەنە قوراشتۇراتتى، يا بۇزمايتتى، يا ئۆزگەرتمەتتى، بىرلا ئىشنى تەكرارلايتتى.... /CW
0N@
ماھىرە بولسا تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇمايدىغان بولغاچقا كۆپرەك مىجىتنى ئوقۇتۇۋاتاتتى، ئەمما مىجىتقا خەت ئۆگىتىۋاتقىلى ئىككى ئايغا يىقىن بوپقالغان بولسىمۇ ئۇ بىر «ئا» ھەرىپىنى جايلاپ يېزىپ، ئوقۇشنى ئۆگىنەلمەيۋاتاتتى، ئەگەر دەرس چۈشەندۈرەي دەپ يېنىغا كەلسە خۇددى يىرتقۇچ ھايۋاننى كۆرگەندەك چىقىرايتتى، بۇ ئىش ئەزەلدىن نىرۋىسى ئىتتىك ئابدۇساتتارنى بەك بىزار قىلدى، باشتا چىرايلىق تەربىيە قىلدى، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش قىلمىسا بولمايدىغانلىقى، شۇڭا تىنچلىق كىرەكلىكىنى ئىيتتى، ئەمما يەتتە ياشقا كىرپ قالغان بولسىمۇ مىجىت بۇ گەپلەرگە قۇلاق سالمىدى، ئابدۇساتتار كېيىنكى بىر نەچچە قېتىم قاتتىقراق ۋارقىراپ تىل سالدى، مانا بۈگۈن ئۇنىڭ سەۋر قاچىسى توشقان چىغى، ئاچچىقىدا قولىغا چىقىپ قالغان بامبۇك تايىقى بىلەن ئۇنىڭ پاقالچىقىغا نەچچىنى ئۇرۇۋەتتى، مىجىت بولسا باشتا تېخىمۇ يىغلىدى، ئەمما ئاكىسىنىڭ ئاچچىقىنى كۆرۈپ دەرھال يىغىسىنى يىغۇشتۇردى، ئەمما ئەتىسى بۇ ئەھۋال يەنە تەكرارلاندى، مانا ئەمدى بۇرۇن مىجىتنى بىقىۋىلىشنى دەپ چىڭ تۇرغان ئابدۇساتتار مىجىتقا ئۆچ بولۇپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلدى، چۈنكى ھازىر ئۇ دەرس ئۆگىتىش ئەمەس، بىكاردىن بىكار ئاشۇنداق ۋارقىراپ يىغلاپ قويدىغان بولۇۋالدى. qS.TVNZ

'L1=:g.\i
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ ئاياغلاشتى، خىلى كۈنلەر ئۆتكەن بولسىمۇ ئابدۇساتتارغا چاقىرىق كەلمەيۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى راسلا ئويلىمىغان يەردىن چىقتى، شۇنچە ياخشى ئوقۇغان ئادەمنىڭ تايىنى يوقلا بىر نومۇر ئىلىشى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىلا ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ھەيران قالدۇردى، ئەمما بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سىرنى بىر ئابدۇساتتار بىلەن ياراتقان ئىگىسى بىلەتتىكى، ئۆزگە ھىچكىم بىلمەيتتى، ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلغىنىغا يۈرىكى ئىچىشاتتىيۇ، ئەمما ئانىسىنى ئويلىسا بۇ قىلغىنىنى خاتا دەپ ئويلىمايتتى. ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ قايتا ئىمتىھان بىرىش تەكلىپىنىمۇ رەت قىلىپ، «ھۈنەر ئۆگىنىمەن» دەپ كومپيۇتېر كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نەۋرە ئاكىسىنىڭ قىشىغا بىرىۋالدى. y53f73Cg
شۇ كۈنلەردە پەرھات بىلەن ئاسىيە قايتىدىن كېلىشىپ، مىجىتنى يەنە ئۆزلىرى باقىدىغان بولدى، پەرھات بىلەن ئايشەم خېنىم تام قوشنا ئىدى، مانا ئەمدى مىجىت تېخىمۇ ئىغىر كۈنگە قالدى، ئەسلىدە ئابدۇساتتارنىڭ بەرگۈسىمۇ يوق ئىدى، ئەمما ھازىر بىكاردىن بىكار يىرىم كىچىدە تۇرۇپ، يىغلاپ ھەممىنى ئويغىتىۋىتىپ ئۆزى ئۇخلاپ قالغۇدەك دەرىجىدە قىتىغورلىشىپ كەتكەن مىجىت ئۇنى ئازراق زىرىكتۈرۈپ قويدى. لېكىن ئىنسان كۆڭلى ئاق بولسا، يەنىلا مېھرىبانلىق ھۆكۈم سۈرىدىكەن. !Ic{lB
مىجىتنى ئۇلار بىقىپ بىر نەچچە كۈن بولغاندا بىر كۈنى كەچتە ئۇنىڭ يەنە يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئابدۇساتتار بۇنى دەسلەپتە يەنە ھىلىقىدەك كىشىنى بىزار قىلىدىغان يىغا دەپ كارى بولمىدى، ئەمما ئۇنىڭ يىغىسى بارغانچە ئەۋجىگە چىقتى، ئابدۇساتتار ئازراق دىققەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىم راس يىغلاۋاتقانلىقىنى بىلدى، ھەمدە ئىشىنى تاشلاپ ئۇنىڭ يېنىغا چىقتى، ئەسلىدە پەرھاتنىڭ كىچىك قىزى بىر تال قوڭغۇزنى تاياقنىڭ ئۇچىغا ئىلىپ، ئۇنى قورقۇتۇپ ئويناۋاتاتتى، پەرھاتنىڭ بۇ قىزى بەئەينى ئانىسىنى دورىغان بولۇپ، شۇرتۇمشۇق، پىتنىخور ۋە يالغانچى ئىدى، ئۇ ئابدۇساتتارنى كۆرۈپلا قولىدىكى تاياقنى تاشلاپ: N u]&?
-ۋاي چاق-چاق قىپ قويدۇم، ئۇششۇق بولمىغىنە، يېمەيدۇ سىنى ئۇ نەرسە....دەپ دوق قىلىشقا باشلىدى، بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئابدۇساتتار يەردىكى قوڭغۇزنى قولى بىلەنلا تۇتۇپ ئۇنىڭ بىشىغا ئاتتى. 9+!1jTGSkf
-ئا............ۋايجان..........رامىلە قوڭغۇزدىن ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپ ياندىكى ئورۇندۇققا پۇتلۇشۇپ دۈملا چۈشتى، ئابدۇساتتارمۇ ئۇنى دوراپ:
F]L$xU
--ۋاي چاق-چاق قىپ قويدۇم، ئۇششۇق بولمىغىنە، يېمەيدۇ سىنى ئۇ نەرسە....دەپ قويۇپ ئۆيىگە قايتىپ چىقتى، ئەمما ھايالشىمايلا ئاسىيە غەۋغا كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردى. h'D-e5i
-ئابدۇساتتار غوجام، نېمە گەپ بۇ؟ +dB/SC-^U
-ھە؟ مەن نېمە قىپتىمەن؟ |4lrVYG^K
-كىچىككىنە بالىنى قورقۇتۇپ، يۈرىكىنى قوزغىتىپ قويۇپلا، شۇنداقمۇ قىلاملا؟ vsDR@Y}k
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئابدۇساتتارنىڭ جۇدۇنى تۇتتى، ئەمما ئاسىيەنى ھۆرمەت قىلىپ: :p6.v>s8
-ئاچا، قارىسىلا، ئەمىسە مىجىت چوڭكەندە؟ مەنمۇ شۇ ئوخشاش چاق-چاق قىلدىم. مىجىتنىڭ يۈرىكىمۇ شۇ قىزلىرىنىڭ يۈرىكىگە ئوخشايدىغاندۇ؟ KTzkJx
-ئۇندا دېگەنلىرى بىلەن بۇ بالا مىجىتقا ئاتماپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىزبالا تۇرسا. |}YeQl
-ھە....ماندا دېسىلە-ئابدۇساتتار ئەمدى ئاياپ ئولتۇرماي كونا قائىدىسى بويىچە نەشتەر سانجىدى- سىلىچە بولغاندىزە، مىجىت قوڭغۇز بىلەن ئاشنا-ئاداش، رامىلە دۈشمەن-كۈنداشكەندە؟ }%m:^*@$9
بۇ زەھەرلىك ھەم تېگى بار گەپنى دەرھال چۈشەنگەن ئاسىيە تۇرۇپلا قالدى، ئاندىن يىغلىغان پىتى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، ئەمما ئايشەم خېنىم ئابدۇساتتارغا تەربىيە قىلىشقا باشلىدى: ~ R:
=zGDV
-نېمانداق گەپ قىلىدىغانلا بالام، چوڭ بولغاندىكىن، ئازراق ھۆرمىتىنىمۇ قىپ قويمىلا.... V< ]l=JOd
-قويسىلا ئانا....كىچىككىنە بالىنى شۇنچە بوزەك قىلسا، خارلىسا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىر ئىغىز گەپ قىلمىدىم، ئەمدى بولسىمۇ ئازراق گەپ قىپقوياي، ئۆزىنىڭ بالىسى ئاسماندىن چۈشكەن كۆك مۇنچاق، مىجىتاخۇن بىر كۆلدىن سۈزۈپ ئوينايدىغان قاراقومچاق ئەمەس..... D. _*p
ئۇ بىردەم چىچىلغاندىن كېيىن، ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى، ھەمدە ئۇزۇندىن بىرى تاشلاپ قويغان قەلەمنى قولىغا ئېلىپ، مونۇ مىسرالارنى پۈتۈپ قويدى: _#2AdhCu
/'S@iq
كۈلىۋالدىم دېمىگىن، يىغا باردۇر بىر كۈنى، r'C(+E (
ساڭىمۇ ھەم ھاياتنىڭ يولى تاردۇر بىر كۈنى،
b}eBy
ئازار بىرىپ ناھەقتىن بىر ناتىۋان قەلبىگە، = @UgCu>=
يۈرەكلەرنى ئەزگەننىڭ ئۆزى خاردۇر بىر كۈنى. Ig*qn# Dd
}/{G
بۇ ئالەم ئۇزۇن شۇنچە، ئۆتنىسى بار بىر كۈنى، .^Z^L F
قىلغىنىڭنىڭ ئالدىڭدىن ئۆتمىكى بار بىر كۈنى، D02_ Jrg
ئىنساپ، ئەدلى-ئادالەت گەر بولمىسا دىلىڭدا، HalkNR-eEm
ۋىجدانىڭنىڭ سوراقتا ئۆلمىكى بار بىر كۈنى. qg(rG5kD@
~MOab e
ئىنسان مەڭگۈ ياشىماس، كېتەر ھامان بىر كۈنى، ]nEZQ+F
بۇ ھاياتتىن قولىنى ئۈزەر ھامان بىر كۈنى، )kq3q5*_
ئويلاپ قويۇپ ياشىغىن تا قىيامەت، مەھشەرنى، ) ag8]
ھامان رەببىم ئالدىدا، ھېساب بېرەر بىر كۈنى. e>:bV7h
j~
NvZ )zE
بۇ ئىش ئۆتۈپ نەچچە كۈندىن كېيىن ئابدۇساتتار ئەلياتقۇدا بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ، ئىشىك تۈۋىدە مىدىرلاپ ئولتۇرغان بىر نەرسىنى كۆرۈپ، ئىت ئوخشايدۇ دەپ قولىغا بىر تال تاياق ئىلىپ، يېنىغا بىرىپ چۈچۈپ كەتتى، چۈنكى ئۇ يەردە ئولتۇرغىنى ئىت ئەمەس دەل مىجىت ئىدى. *i}Nb*Z3
-ھېي! –ئابدۇساتتار نېمىشقىكىن، ئۇنىڭغا داۋاملىق ئاشۇنداق گەپ قىلاتتى-بۇنچە كەچتە نېمە بار ساڭا بۇ يەردە؟ P[.BK
-..... t:|+U:! >
-نىمە بولدى؟! Or0eY#c
-ئانام....ھۈ...ھۈ... ئاچام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسام، تىللاپ، ئاندىن....ئاچام ئۆيدىن چىق دەپ، مېنى...... D~;hIt*
ئابدۇساتتار گەپنىڭ ئايىغى چۈشۈپ بولغۇچە ھەممىنى چۈشەندى، ھازىر پەرھات ئۆيدە يوق ئىدى، ئۇ ئۈرۈمچىگە تېخنىكا ئۆگەنگىلى كەتكەن بولغاچ، بۇنداق ئىشلاردىن بىخەۋەر ئىدى ئەلۋەتتە، ئابدۇساتتار بىرىپ پەرھاتلارنىڭ ئىشىكىنى كۈچەپ تەپتى، ئىشىك تاقاق ئىدى، ئۇ كىلىشتۈرۈپ يەنە ئىككىنى تەپتى، ئۇنىڭغىچە ئاسىيەنىڭ قىزى يۈگۈرەپ چىقىپ ۋارقىرىدى: #b~wIOR)Z
-ۋاي كىمۇ؟ gZ5E%']sT
-مەن! ئاچە ئىشكىنى! nbnbG0r:
-مانا....مانا ھازىر...ئاچقۇچنى.... $uA?c&
e
ئىشىك ئىچىلغاندا ئابدۇساتتار ھىچ تۈزۈتسىز يەڭگىسى ئاسىيەنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كىردى، ئۇ بۇ قىلىقىنىڭ راسلا بىر قىلىقسىزلىقىنى بىلسىمۇ قەستەن قىلدى، ئاسىيە بولسا يانپاشلاپ يېتىپ تېلېۋىزۇر كۆرۈۋاتاتتى: 'wo[iNy[
-ۋاي ئۇكام، ھە... كۆرپە سالاي..... RaKfYLw
ئاسىيە ئابدۇساتتارنى كۆرۈپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپلا قالدى. ئابدۇساتتار ھىچ ئىش بولمىغاندەك سورىدى: I[~EQ{Iz
-ئاسىيە ئاچا، بىكارمۇ يا؟ 6\MJvg\;
-ھە...ھە...بىكار، ھازىر تېخى بالىلارنى ياتقۇزۇۋىتىپ چىققان... [TZlvX(E
-ما مىجىتقا بۇ كىچىدە تالادا نېمە بار؟ p0KkPE">p4
-تالادا؟ ۋاي خۇدايىم، نېمە بولۇپ ئۇنتۇلۇپ قالغاندۇ؟-ئاسىيە خۇددى بىلمەي قالغاندەك چىرايىغا ھەيرانلىق تۈسى بەردى، ئەمما چاندۇرۇپ قويدى. dbkkx1{>Y
-ھېي، ھازىر تېخى بالىلارنى ياتقۇزۇپ دەۋاتمامتىلە؟ _YXk,ME!Q
-ياق....مەن شۇ....دىققەت قىلماي.. G`9\v=0
-مىجىت، كېلە مايەگە، باياتىن ئۇرۇشۇپ ئاچاڭ ئۆيدىن چىقىرۋەتكەندە ئاناڭ بارمىتى يا؟ 73$^y)AvY
-بارتى.....شۇ باشتا تىللاپ...... tylMJ$ 9*.
-ماڭە، يېتىپ قال...... [)}F4Jsz%
ئابدۇساتتار ئۇزاتقىلى چىققان ئاسىيەگە قاراپمۇ قويماي ئىشىغا ماڭدى، بۇنچە كېچىدە سىرىتقا چىقىرىۋىتلگەن مىجىتنىڭ سىماسى ئاسىيەنىڭ قەلبىنى تامامەن يورۇتۇپ بىرەلەيتتى. (+
بۇنداق ئىشلار پەقەت ئۈزۈلمىدى، بىر كۈنى ئەتىگەن ئابدۇساتتار نامازدىن يېنىپ سەل ھايال بولۇپ ئۆيگە كىردى، ئۇ دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە، جاسارەت ئۆيدىن چىققانچە چىقىپ، ئىشىك ئالدىنى سۈپۈرۈۋاتقان مىجىتنى ئۇرۇپ كەتتى، ئابدۇساتتارمۇ بارغانچە بىرىپ جاسارەتنى ئىككى شاپىلاق سالدى، ئەگەر بۇ ئابدۇساتتاردىن باشقا ئادەم بولغان بولسا جاسارەتنىڭ كەينىدىن پايپاسلاپ چىققان ئاسىيە چوقۇم مەھەللىنى بېشىغا كەيگەن بولاتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئابدۇساتتارغا دېۋەيلەپ كەلدى: Z!TLWX"
-ۋاي ئابدۇساتتار غوجام بۇ نېمە قىلىق؟ مۇشۇ بالام مەھەللىگە پاتمامدا؟ aU]A#g
-نېمە قىلىقلىقىنى ماۋۇ كۆك مۇنچاقلىرىدىن سورىۋالاي ئاۋال، مىجىت نېمە قىپتۇ بۇنى؟ ئەمىسە مىجىت پاتمىسا بولىدىكەندە شۇنچە كەڭ جاھانغا؟ )5Ddvz>+
-كىچىك بالىلار ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولمامدۇ؟ 'CT8vt;
-ھېي، شۇ نېمە تالاش –تارتىش؟ دەپباقماملا ئاۋال؟ @
8yV 15!
ئۇنىڭ «ھېي» دېگەن گېپىنى ئاڭلىغان ئاسىيەنى يەنە سۈر باستى، ئابدۇساتتارنىڭ ئىغىزىدىن مۇشۇ گەپ چىقتىمۇ بولدى، ئۇ ئادەم تونۇمايتتى. _B`'1tNx
-شۇ جاسارەتنىڭ چاپىنىنىڭ سىرتمىسى بۇزلۇپ قاپتىكەن، بۇنى بۇزۇپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ.... -LL49P6
-بەلەن ئىش قىپتۇ، قاراپ قويىلى بالىمىز بولغاندىكىن، ئەتە ئۆگۈن چوڭ بولغاندا.......... جۇدۇنى تۇتقان ئابدۇساتتار شۇنداق ئەپسانىۋى گەپتىن بىرنى دەۋىتىپلا ئۆيىگە كېرىپ كەتتى. مانا ئەمدى ئايشەم خېنىممۇ بۇنداق ئىشلارغا ئارىلاشماس بولدى، ئەمما بىر كۈنى خىلىلا ئازار يەۋالدى، ئىش مۇنداق بولغان ئىدى: ئايشەم خېنىم بىرنەرسە سوراپ پەرھاتلارنىڭ ئۆيىگە چىقتى، ئۆيدە بالىلار ۋە ئاسىيە بار ئىدى، مىجىت بولسا بىر بۇلۇڭدا مۈگدەپ ياتاتتى، تۇيۇقسىز جاسارەت ئالچاڭلاپ كەلگىنىچە مىجىتنىڭ بىشىغا بىرنى تەپتى، بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈپ كەتكەن مىجىت ئاۋازىنىمۇ چىقىرالماي ياتتى، جاسارەت ئىككىنچى قېتىم يەنە تەپتى، بۇنى كۆرۈپ تۇرغان ئاسىيە بىر ئېغىز ھاي دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ سالمىدى، ئۈچىنچى قېتىم تەپكەندە ئايشەم خېنىم ئاخىرى ئارىلاشتى: _94|^
-ھاي جاسارەت، ئاكىڭىز ئاۋۇ، نېمانداق قىلىسىز؟ 6[kp#
بۇنى ئاڭلاپ جاسارەت ئاياپ ئولتۇرمايلا تىل سالدى: A4.Q\0
-ماڭاۋاي ھايۋان....كارىڭ بولمىسۇن. 'qS&7
W(
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئايشەم خېنىم بۇ بالىنىڭ ئاشۇنداق ھارامزادە، ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئاشۇنداق ئېغىزى بىزەپ چوڭ بولغانلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە تەربىيە قىلاي دەپ ئويلىدىمۇ يەنە گەپ ئاچتى: gF;i3OJg
-ۋاي ئەدەپسىز، چوڭلارغا ئۇنداق گەپ قىلسا يامان بولمامدۇ؟ ~:r:?PwWG
-يامان دېگەن مۇنداق بولىدۇ.... Qvh: hkR
جاسارەت يەردىن بىر تال ساپما كەشنى ئىلىپ، ئايشەم خېنىمنىڭ يۈزىگىلا ئاتتى، ئايشەم خېنىم ئەمدى سۈلكەت قىلىپ ئولتۇرماي قولىغا كەشنى ئىلىپ، ئەمدى بىرنى قويۇشىغا باياتىن بىرى تۆشۈكتەك قاراپ تۇرغان ئاسىيە كەكلىكتەك يورغىلاپ كېلىپ ئايشەم خېنىمنىڭ قولىغا ئىسىلدى: H:
Rd4dl,
-ۋاي بولدى قىلسىلا، نەسىھەت بولسا مەن ئۆزۈم قىلاي، كىچىك بالىغا قول تەككۈزمەيلى... (]0JI1
d
بۇنىڭ ئاڭلاپ ئايشەم خېنىم غەزەپتىن يېرىلاي دېدى، ئەمما گەپ قىلماي ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىككە ماڭدى. _p/
_t76s
-ۋاي بىردەم ئولتۇرۇپ...... ;
F% 3b47
ئايشەم خېنىم ئۆيگە قايتىپ چىقتى، ئەمما بۇ ئىش ئۇنىڭغا بەك ئىغىر كېلىۋاتاتتى، ئانىسى قاراپ تۇرۇپ بالىسى شۇنداق قىلسا ھاي دېمىسە، تەربىيە ئۈچۈن بىرنى قويۇپ بولغۇچە يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئارىغا چۈشۈش قانداق گەپ ئەمدى؟ (K"U# Zn
ئايشەم خېنىم ئادەتتە مەيلى قانداق بولمىسۇن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناچار بولغاچقا كۈندە تاماق سۇنۇپ، ئىھتىياجىدىن ئارتۇق نەرسىلەرنى سۇنۇپ تۇرغان ئىدى، ئەمما بۇ گەپنى ئابدۇساتتار ئاڭلىغاندىن كېيىن راسا قاينىدى، ئاندىن: ]NS{q85
-ماڭا قارىسىلا ئانا، ئۆتكەندە مىجىت بىلەن ئىچە دەپ بىر چىنە چۆچۈرە ئەپچىقىپ كەتكەن، كەچتە مىجىتتىن سورىسام چۈشتە مەن چۆچۈرە تۈگۈل قاتتىق نانمۇ غاجىلىمىدىم دەيدۇ، ئۆيدىن نان ئىپبەردىم، سىلى ئۇندان مىجىتقىمۇ بىرە دەپ ئاچىققان بىلەن، مىجىتقا ئىس-بۇسىنى كۆرسەتمەيدۇ ئۇ خەق، ئەمدى ئا ئۆيگە بىر نەرسە توشۇسىلا مەن رەنجىپ قالىمەن، توشۇساقمۇ پەرھات ئاكام كەلگەندە بىر گەپ بولا، ماقۇلما؟ تاماق بولسا مىجىتنى ئۆيگە ئەكىرىپ بىرىلى، ئاۋۇ توخۇ پوقى مەندىن ھىزى بولسۇن، ئەمدى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ قالسا.... &U%AVD[
ئايشەم خېنىم ئوغلىنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە ئوشۇق گەپ قىلمىدى، ئابدۇساتتارنىڭ بۈگۈنكى قاينىشىمۇ بىكار ئەمەس ئىدى، نېمىشقا دېگەندە بۈگۈن ئاسىيەگە كۆكتات لازىمكەن، بازارغا بىرىش خۇشياقماپتۇ، كۈندە مۇشۇ مەھەللىدىن كۆكتات ئۆتكۈزىدىغان كۆكتاتچى كەلسە تۇيماي قالماي دەپ، سائەت 1 لەر بىلەن چۈشلۈك تامىقىنى يەپ بولغان مىجىتنى «يولغا قاراپ تۇر، كۆكتاتچى كەلسە چاقىر» دەپ چېقىرىۋىتىپتۇ، بىرەر سايە تاپالماي، ئاپتاپتا بىرەر سائەت تۇرغان مىجىتنىڭ بۇرنى قاناپ كېتىشىگە بۇ يەرگە يەنە ئابدۇساتتار كېلىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بېشىدا قەيت قىلغان تالاش-تارتىش بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. ~;nh|v/e
ئابدۇساتتار بىلەن ئاسىيەلەر ئارىسىدىكى جىدەل ھىچ تۈگەي دېمەيتتى، بۇنى ئاز دەپ، پەرھاتنىڭ بىشىغا بىر دەرد كەلدى. P!@b:.$
ئابدۇساتتارنىڭ دادىسىنىڭ يۇرتىدا قالغان مەۋلان ھاجىمنىڭ كىچىك ئىنىسى ئوغلىنى ئۆيلىدى، بۇ توي ناھايىتى چوڭ ئۆتكۈزۈلدى، ئابدۇساتتار تاغىسىنىڭ بۇ ئوغلى بىلەن كىچىكىدىن بىر نان تاپسا تەڭ بۆلۈشۈپ يەپ چوڭ بولغاچقىمىكىن، تويدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن چىقىپ قارىشىپ بەردى، بۇ جەرياندا دادىسى تۈگەپ كەتكەندىن بىرى «ما يەردە ئاكامنىڭ ئايالى بىلەن ئۈچ بالىسى بار ئىدى» دەپ ئىسىگە ئىپباقمىغان يەنە بىر تاغىسىمۇ يىراقتىن پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن كەلگەن ئىدى. بۇ تاغىسىنىڭ بىر قىز نەۋرىسى بولۇپ، بۇ قىز بۇ يىل دەل 17 ياش ئىدى، پەرھات بولسا ھازىر 20 گە كېرىپ قالغان ئىدى، توي كۈنىگىچە ئۇلار بىر-بىرىنى تونۇشمىدى، ئەمما ئۇ قىز توي كۈنى كەچتە ئابدۇساتتارنى بىر ئۆي مېھمان بار يەردە نۇمۇستىن ئۆلتۈرەي دېدى. f0+)%gO{
ئەسلى قىز تەرەپ بۇلارغا يات بولغاچ تۇققانلار ئاساسەن بىلمەيتتى، ئابدۇساتتار بولسا ئوغۇل تەرەپ بىلەن قىز تەرەپنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقىدا ھىلى ئۇنى، ھىلى بۇنى توشۇپ ھارماي قاتراۋاتاتتى، بىر چاغدا يول ياقىسىدا توختۇتۇلغان ماشىنىنىڭ يول تەرەپتىكى ئىشىكى تۇيۇقسىز ئىچىلىپ، بىر قىز چۈشتى، موتۇسىكىلىت بىلەن كىتىۋاتقان ئابدۇساتتار دەرھال موتۇسىكىلىتنى يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئالدىيۇ ماشىنىدىن چۈشكەن قىزنىڭ كىملىكىگە زەن سالمايلا راسا بىرنى ئالىيىپ قويۇپ، ئۇ قىز ئاڭلىغۇدەك قىلىپ «قاراپ بىر ئىش قىلسىكەن» دەپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى، بۇ قىز دەل تاغىسىنىڭ نەۋرىسى مەنزۇرەم ئىدى، بۇ قىز ناھايىتى شوخ، بەكلا كەپسىز، ھىچكىمگە گەپ بەرمەيدىغان قىز ئىدى، كەچتە ھەممەيلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ئابدۇساتتار يەنە كونا ئادىتى بويىچە تىلىنى چىشلەپ ئولتۇراتتى، بۇ چاغدا توي بولغان يىگىتنىڭ ئىنىسى سۆز ئاچتى، چۈنكى بۈگۈن ئابدۇساتتار ئۇ نېمىلا دېسە پۇتاق چىقىرىپ بەكلا چاندۇردى، بولۇپمۇ قىزنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئۇ ئاستالا ئابدۇساتتارنىڭ قۇلىقىغا: o.IJ4'}aN
-ئاداش (بۇلار ئىككى ئايلىق پەرقلەنگەچكە ئاداش دېيىشەتتى، توي بولغان يېگىت، ئىنىسى ۋە ئابدۇساتتار بۇرۇن قەيەرگە بارسا بىللە بىرىشاتتى) موتونىڭ ئاچقۇسىنى بىرىڭلا، ئۆيدە بىر نەرسە قاپتۇ. v7x%V%K
ئابدۇساتتار بۇ چاغدا ناھايىتى ھەيران قالغان قىياپەتتە ئۇنى شۇنداق چاندۇردى: Z
_W.iBF
-يا ئاللا، ھازىر ئا ئۆيدىمۇ يەپ كەلدۇق ئاداش، ئالدىرىمساڭلىمۇ ھازىر ئەكىرىدۇ پولونى، ئالدى بىلەن بى ئاكاڭلا ئىغىز تەگسۇن ھە، ئاندىن بىز يەرمىز، ماقۇلما؟! سەل تەخىر قىپبىرىڭلا... 7 lc -
بۇ گەپنى ئاڭلىغان توي ئەھلى ئۆينى كۆتۈرىۋەتكۈدەك كۈلدى، ھىلىقى بالا «توۋا خۇدايىم، سۇبھاناللا، پەندىيات» دەپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى. W8{g<.
/
-ئاداش، بايام ئەجەپ سەتلەشتۈردۈڭلا ھە؟ 8,unq3
ئابدۇساتتار مۇشۇنداق پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغاچقا يەنە بوش قويمىدى: /
i[F
-قىززىقكەنسىلە، ئۇندا «دادامغا دەڭلا، ئەمدى ماڭا يول ماڭسۇن، بويتاقتىن مەن قالدىم» دېگەن گەپنى مانىڭغا ئوخشاش سورۇندا دەيمىز، يات ئادەم بار يەردە دېسەڭلا ئاشۇندا ئىش بار. %mKM9>lf#
ئۇ بالا تۇرۇپلا قالدى، ئاندىن ئۆزىمۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ سالدى، بۇ چاغدا ئابدۇساتتارنىڭ تاغىسى گەپكە ئارىلاشتى: jroR2*
-خوپ بولدىمۇ لەقۋا، جىم ئولتۇرىدىغان، ۋاقتى كەلسە يول ماڭىمەن ئۆزۈم... }ZaZPB/_}P
-پەندىيات ئاداش، توۋا قىلدىم، سىلىگە گەپ قىلغان ئىغىزىمغا قاغا شاتاققىدە.....ئەتىگەن ئۆزەڭلا بامداتتىن كېيىن كېلىپ، گەپنى قايدۇرۇپ بىر مۇنچە ئادەم بار يەردە مەن نىكاھتىن كېيىن كەلگەن بولدۇم، ئاۋۇ ئۆيدە پولو ئەكىرمىدى دەپ داۋراڭ سالدىم، ئەمدى خوتۇن جىدىلى قىلدىم، گەپ قىلماييا سىلىگە. A=8%2UwI
بۇ چاغدا باياتىندىن بىرىمۇ چۇڭۇلداپ سۆزلەۋاتقان مەنزۇرەم گەپنى تارتىۋالدى: h"R{{yf2
-ۋاي ئاكا، خاپا بولمىسىلا، شۇ ئابدۇساتتار ئاكامنىڭ نەپسى پولو غىمىدە، كۆڭلى خوتۇن غىمىدە قالغاچقا قۇلاققا شۇندا ئاڭلىنىپ كەتكەن گەپ. 6! `^}4
بۇنداق يەردىن زەربە يېيىشنى ئويلىمىغان ئابدۇساتتار ئۇجۇقۇپلا كەتتى، ئەمدى بولسا ئاۋۇ بالىغا بولۇپ بەردى: })~M}d2LXB
-ئاداش، گەپ قىلىڭلا، مەنزۇرەمنىڭ دېگىنى راسمۇ يا؟ hO8~Rg
ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ھەممىسى بۇ چاق-چاقچىلارغا قاراپ كۈلۈۋاتاتتى: zsM3
[2E*
-ئاداش، بايامقىدەك تويدا، يولدا بولسا گەپ قىلالماي تىلىڭلىنى چاينايسىلە، ئەمدى قىز بالىنى كۆرسەڭلا كىچىك تىلىڭلىمۇ سايرايدىكەن ھە؟ ;5S'?fj
-ھەئە...، ئاشۇندا...گەپ قىلمدىم. R*PR21g
-ئاكا، باشقىلارنى بوش مازاق قىلسىلا، سىلىمۇ چاغلىق، ئالايىتەن سالام قىلاي دەپ ماشىنىدىن چۈشسە قارغاپ ئۆتۈپ كەتكەنلىرىدىن قارىغاندا..... wz[Xay9jW
-ئوھ...... 2iX57-6Ub
ئۆيدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى، ئابدۇساتتار ئۇ ئىشنى ئىسىگە ئىپبولغۇچە مەنزۇرەم بىرنى ئون قىلىپ، كۆپتۈرۈپ، راسا ھەجىۋىيلەشتۈرۈپ ئابدۇساتتارنىڭ سورۇن ئەھلىگە تونۇشتۇرۇپ بولدى. b{
M'aV
ئابدۇساتتار گەپتە بۇ قىزغا تۇتۇلۇپ قىلىشنى ئويلىمىغاچقا بىر نېمە دېيەلمىدى، ئەمما كەچتە كىم ئۇردى ئوينايمىز دەپ ھەممىسى يىغىلغاندا بۇ قىز ئابدۇساتتارنى راسا تويغازدى، ئابۇساتتار ياتسىلا بۇ قىز بولدى دېگۈچە سالاتتى، ئابدۇساتتار تۇيۇپ تۇرسىمۇ قىزبالا دەپ قەستەن خاتا تاپتى، خاتا تاپقانسىرى قىز بەكرەك سالدى، بۇ ئىش نەچچە قېتىم تەكرارلاندى، ئاخىرى ئويۇن چىڭىغا چىقىپ، ئۇلار ھىرىپ قالدى-دە، ئويۇننى توختاتتى. sKu/VAh
x
ئەتىسى ھەممە تۇغقانلار ساياھەتكە چىقتى، بۇ راسا ياز ۋاقتى بولۇپ، كۈن ناھايىتى ئىسسىق ئىدى، ئۇلار ساياھەتتىن قايتىۋىتىپ بەكمۇ ھاۋالىق بىر ئۆستەڭ بويىدا دەم ئالدى، بۇ چاغدا چوڭلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ئابدۇساتتار كەينىدىن چىچىلغان مۇزدەك سۇدىن ئەندىكىپ كەتتى ۋە كەينىگە قاراپ مەنزۇرەمنى كۆرۈپ: KK
-ھاي...ھاي.... چوڭلار پاراڭلىشىۋاتقاندا چۆچۈرە باشلار قالايمىقان قىلمايدىغان..... 85e!)I_
بۇ قىز ناھايىتى شوخ، ۋىت-ۋىت بولغاچقىمىكىن ئۆيىدىكلەر ئۇنى «چۆچۈرە باش» دەپ مازاق قىلاتتى، ئابدۇساتتارمۇ شۇنداق دەپ قويۇپلا ئالدىغا قاراپ، پارىڭىنى سىلىۋەردى، ئەمما بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەنزۇرەم يۈگۈرەپ كېلىپ ئۇنىڭ بىر ئىتتىرىپلا لىق سۇ ئىقىۋاتقان ئۆستەڭگە چۈشۈرۈۋەتتى..... pc+'/~
ئەزەلدىن سۇ ئۈزۈشنى تۈزۈك ئۇقۇپ كەتمەيدىغان ئابدۇساتتار بىرەر يۈز مېتىر ئاققاندىن كېيىن سۇدىن ئاران چىقتى، بۇ ئارىلىقتا بىر نەچچەيلەن ئۇنى چىقىرىش ئۈچۈن سۇغا سەكرەپمۇ بولغان ئىدى، بىر مۇنچە سۇ ئىچىۋالغان ئابدۇساتتار گەپ-سۆزسىز ئاپتاپقا بىرىپ تۇردى، بىر تۇرۇپ ناھايىتى ئاچچىقى كەلدى، بىر تۇرۇپ بەكلا كۈلكە قىستىدى، راستىنى دېگەندە تۈنۈگۈندىن بىرى ئۆزى بىلەن قىرىشىپ قالغان بۇ قىزنىڭ بىر ئەدىبىنى بەرگۈسى كىپكەتتى. >^!)G^B
مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، ئابدۇساتتار ئۇ قىز بىلەن ھەپتە يۈردى، چاتاقمۇ دەل مۇشۇ يەردىن باشلاندى، قىز ئابدۇساتتارنىڭ يۈرىكىگە كىرىۋالغان ئىدى، ئابدۇساتتارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە قىزغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى، بۇلار ھەر ئىككىسى بىر كۈندە ئۆز ئىشىغا ماڭىدىغان بولۇپ قالدى، كۆڭۈل بەكلا تۇيغۇن، ھەيران قالغۇدەك چوڭلارنىڭ ھەممىسى بىرسى ئۇ ئىش، بىرسى ئۇ ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتى، ئۆيدە ئىككىسى يالغۇز قالدى، ئابدۇساتتارمۇ بىر قىز بىلەن خالى جايدا يالغۇز ئولتۇرۇشنىڭ تازا توغرا ئەمەسلىكىنى بىلگەچكە چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇشىغا قىزنىڭ گىپى جايىغا ئولتۇرغۇزدى: .:wo
AR
W!
-شۇنداق قىلىپ كېتەملا؟ بىزدەك سىڭىللىرىنىغۇ ئۇنتۇپ قالماسلا؟ ;rj|>
-ھە...ياق، ئالاقىلىشىپ تۇرامىز خۇدايىم بۇيرۇسا.... nyl[d|pVa
-ھە، ئاكا-سىڭىل بولغاندىكىن، خاتا چۈشىنىپمۇ يۈرمەسلا، تېلېفۇن نومۇرلىرىنى بىر دەپبەرسىلە. BmhIKXE{*
ئىككىسى شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ، تېلېفۇن نومۇرلىرىنى دەپبىرىشتى، ئابدۇساتتار نەچچە كۈندىن بىرى بىكار قالسىلا قولىدىكى ئاپاراتتا تۇققانلارنى سۈرەتكە تارتىپ، خاتىرە قىلىپ ساقلايمەن دەپ يۈرەتتى، ئەمما بۇ قىزنى ئايرىم تارتىپ باقمىغان ئىدى، بۇ قىزنىڭ كاللىسى ئاجايىپ ئىشلەپ قالدى. %96l(JlJ)B
-ئاكا، ئاپاراتلىرى غۇۋا يەردىمۇ تارتالامدۇ؟ بۇلار تۇرۇۋاتقان ئۆي راستىنلا سەل غۇۋا ئىدى. i8nzPKF2$3
-ھەئە، تارتىدۇ، ياپۇننىڭ ئەمەسمۇ.،.... BJ*8mKi h
تارتىپ باقاملا ئەمىسە؟ ehTRw8"R
ئابدۇساتتار قىزنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ ئۇنى نەچچە پارچە رەسىمگە تارتىۋالدى، ئۇنىڭغىچە چوڭلارمۇ تەييار بولدى، ماڭدىغان ۋاقىتمۇ بولدى، بۇلار خوشلاشتى.
Neb")
E{8-VmY
-ئۇكام، ئا خەتكە قاراپ قويسىلا، جەدۋەلگە پاتمىدى.... =6O<1<[y
ئابدۇساتتار ئىسىنى يېغىپ ئىكرانغا نەزىرىنى ئاغدۇردى، ئۇ كەسپى بەتچىك بولۇشنى نىيەت قىلىپ ئۆگىنىۋاتقان بولغاچقا خەتنى ناھايىتى تىز ھەم توغرا ئۇراتتى، بىراۋغا گەپ قىلىۋىتىپمۇ، خيال سۈرۈۋىتىپمۇ، ناخشا ئىيتىۋىتىپمۇ ئۇرىۋىرەتتى، ئەمما مۇشۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى نەۋرە ئاكىسىنى ھەيران قالدۇرۇپ، بىر بەت خەتنمۇ يىرىم سائەتتە تەييار قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىملاسى خاتا، تەلەپ بويىچە ئەمەس، ئالدىنقى كۈنى نەچچە مىڭ باسما ماتىرىيالنىڭ ئىككى قۇر خەتنى چۈشۈرۈپ قويۇپ بىر مۇنچە زىيان سالدى، بۈگۈن بولسا كۈندە قىلىدىغان ئىشى تۇرسىمۇ يەنە ھارماي خاتا تەڭشەۋاتاتتى. !;%+1j?d
-ئۇكام، سىلىگە نېمە بولدى؟ بۇ يېقىندىن بىرى ئەجەببىر ئىش خوشياقماس بولۇپ قالدا سىلىگە؟ pPH"6
-ھە....سەل مىجەزىم يوق.... &6O0h0Vy
ئابدۇساتتار نەۋرە ئاكىسىنىڭ قىشىدا ئىشلەۋاتقاچقا ئوشۇق گەپ-سۆزمۇ يوق ئىدى، شۇڭا ئاكىسىمۇ ئۇنى ئۆيگە قايتىپ ئارام ئىلىشىنى ئىيتىپ قايتۇرۇۋەتتى، چۈشنى بۇنداق ئىشلىگەندە يەنە چاتاق چىقماي قالمايتتى. ئابدۇساتتارنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىدا سەۋەب بار ئىدى، چۈنكى ھېلىقى تاغىسى ئوغلىنى ئۆيلىگەنگىمۇ يىرىم يىلدىن ئاشتى، ئابدۇساتتارنىڭ يۈرىكىگە ئوت يىقىلغىلىمۇ شۇنچىلىك بولدى، شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ كۈندە دېگۈدەك مەنزۇرەمگە تېلېفۇن ئۇرۇپ تۇراتتى، ئۇنىڭ خۇشال كۈلكىلىرىنى ئاڭلاش، تىرىكتۈرۈپ مەنزۇرەمنىڭ تىللىرىنى ئاڭلاش، قەستەنگە «مەن سىلىدىن خاپا بولدۇم» دەپ مەنزۇرەمنى جىلە قىلىپ ئويناش ئۇنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى ئىدى، ئۇلار بىر-بىرىگە كۆڭلى بارلىقىنى ئىنىق ئىيتمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەت ھەممىنى ئىسپاتلاپ، بىر-بىرىنى ئاساسەن چۈشىنىشىپ بولغان ئىدى، ھەتتا ئابدۇساتتار تېخى ئىككى ھەپتە بۇرۇن تولا ئۆيلەپ قويۇش غەلۋىسىنى قىلىۋاتقان ئايشەم خېنىمغا مىڭ بىر جاپادا نەۋرە ئاكىسى ئارقىلىق مەنزۇرەمگە ئۆيلىنىش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپمۇ بولغان ئىدى. ئايشەم خېنىممۇ بۇ گەپكە قارشى پىكىردە بولمىغان، ياكى باشقىچىمۇ ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى. ئەمما يىقىندىن بىرى نېمىشقىدۇر مەنزۇرەم تېلېفۇندا بۇرۇنقىدەك گەپ قىلمايدىغان، ئىچىلىپ سۆزلىمەيدىغان، بۇرۇنقىدەك شوخلۇق قىلمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، ئابدۇساتتارنىڭ كاللىسىغا مۇشۇ ئىش كىرىۋالغاچقا ئىشلىرىدىن تولا ئىۋەن كۆرۈلۈۋاتاتتى. CFW#+U#U
ئابدۇساتتار خىزمەت ئورنىدىن چىقىپلا مەنزۇرەمگە تېلېفۇن ئۇردى، (ئادەتتە مەنزۇرەمنىڭ دادىسى، ئانىسى سىرتتا خىزمەتتە، ئاكىسى ئالى مەكتەپتە بولغاچقا ئۇ كۈندۈزلىرى ئۆيىدە يالغۇز ئىدى، شۇڭلاشقا تېلېفۇن قىلىش ئۇنچە ئەپسىز ئەمەس ئىدى) ئۇنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە مەنزۇرەمنىڭ كەيپىياتى بۈگۈن نەچچەكۈندىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ناچار ئىدى، گەپمۇ گەپكە قولاشمايۋاتاتتى، ئابدۇساتتارنىڭ تېخىمۇ ئىچى سىقىلىپ، تېلېفۇننى قويۇۋەتتى، ئاندىن ئۆيىگە كەتتى، ئوغلىنىڭ بۇرۇنلا قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئايشەم خېنىم ئۇنىڭغا بىر باغاقنى سۇندى، ئابدۇساتتار باغاققا قاراپلا بىشى پىررىدە قېيىپ كەتتى، مەنزۇرەمنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدى، چۈنكى بۇ باشقا بىرىنىڭ ئەمەس، دەل مەنزۇرەمنىڭ توي باغىقى ئىدى، ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ ئايشەم خېنىممۇ ئوشۇق گەپ قىلمىدى، ئەمما ئىشلار بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى. ئابدۇساتتار يەنە قولىغا قەلەم ئالدىدە، ئۆز پىغانلىرىنى خاتىرىسى بىلەن ئورتاقلاشتى. c2~oPUj
:zK\t5
تويغا چىللاپ ئەۋەتىپ نامە، q]rqFP0C
يۈرىكىمنى ئەزدىڭغۇ نىگار. [J\! 2\Oo
مېنى قويۇپ داغدا، ھەسرەتتە، Xf6\{
قاي كۆڭۈلنى قىلىسەن شىكار؟ "NvB@>S
W8N__
ئەۋەتكىنىڭ ئەمەس توينامە، %T,cR>lw
بەلكى مېنىڭ ھىجران نامەمدۇر.
EXizRL-9o
بۇ كۆڭۈللەر قىلسا ئىختىيار، PL*1-t?#
مەڭگۈلۈككە سېنى سۆيگەندۇر. ~vV+)KI
شىۋىرغاندا قالغاندەك يۈرەك، 2B[I-
K s
ئۆز-ئۆزىگە ئىزدەر تەسەللى. ,r,$x4*
توينامىلەر دىلنى كۆيدۈرەر، UI_u:a9Q/
بولۇپ قالسۇن سۆيگۈم ئاداققى. (dHil#l
eeCrHt4;
رەنجىشىمگە بارمىدى ئىمكان؟ h"4i/L3aAh
بولمىسا بۇ سېنىڭ دىل رايىڭ. ;G4g;YHy|
(بەلكىم بەخىت كۈتۈپ تۇرغاندۇر،) =@s {H +
رەت قىلىشقا بارمۇ ئامالىڭ؟ ;6tGRh$b
[
w?v !8l
بۇمۇ بەلكىم ئۆز مەيلىڭ ئەمەس، Z>_F:1x
پەقەت مەجبۇر بولۇپ باسقان يول. #OVS]Asn}
مەيلى جانان سۆيگىن بىرىنى، kA{eT
تائەبەدكە شاد، بەخىتلىك بول. ^$~&e :{
************************************************ 63T4''bwu
بۈگۈن ھاۋا بۆلەكچىلا ئوچۇق ئىدى، ئابدۇساتتارنىڭ كۆڭلى يەنە يالغۇزلۇقنى خالاپ قالدى، بۈگۈن خىزمەت ئورنىدا قىلغۇدەك ئىش يوق، ئاكىسى ئۈرۈمچىگە كەتكەن ئىدى، بىر چاغلارغىچە خىزمەتدىشى بىلەن دۇنيانىڭ پارىڭىنى سىلىۋاتقان ئابدۇساتتار ئەمسى سەل جىمىپ قالدى، ئابدۇساتتارنىڭ بۇ خىزمەتدىشى بەكلا ئوڭلۇق ۋە مۇلايىم قىز بولۇپ، يېشىنىڭ چوڭ بولۇشىغا قارىماي ئابدۇساتتار بىلەن بەكلا چىقىشالايتتى، ئۇنىڭغا ھىچكىمگە دېمىگەن سىرلىرىنى ئىيىتپ بىرەتتى، شۇڭا ئابدۇساتتارمۇ بۇ قىزغا ئۆز ئاچىسىدەكلا ئامراق ئىدى، بەزىدە بۇ قىزغا ئىشنى تاشلاپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كېتىۋىرەتتى، بۇ قىزمۇ ئاكىسىغا چىقىشتۇرماي، تېلېفۇن قىلىپ سوراپ قالسا ماتىرىيالغا كەتتى، قەغەز تەييارلاۋاتىدۇ دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇنى چاندۇرۇپ يۈرمەيتتى، بۈگۈنمۇ ئۇ ئاچىسىغا ئىشنى تاشلاپ قويۇپ، تېلېفۇننى ئاچىسىدىن باشقا ئادەمنىڭ تېلېفۇنى ئۇلانمايدىغان قېلىۋىتىپ، خاتىرجەم ھالدا دۇكىنىنىڭ يېنىدىكى كۈتۈپخانىغا چىقىپ كەتتى، بىر چاغدا ئۇنىڭ تېلېفۇنى سايراپ كەتتى، ئاچىسىدىن باشقا ئادەمنىڭ تېلېفۇنى ئۇلانمايدىغان بولغاچقا ئۇ چوقۇم ئىز-دىرىكىم بولدى دەپ ئويلىغاچ تېلېفۇننى ئالدى: 2i~zAD'
-ۋەي، ئاچا.... Q
=#@g
-ھە، ئۇكام، سىلى نەدە؟ vhL/L?NB$
-مەن مۇشۇ كۈتۈپخانىدا، چىقايمۇ؟
cOb,Md
-ياق، چىقسىلىمۇ ئىش يوق، بايام بىر قىز تېلېفۇن قىپتىكەن، تېلېفۇننى ئوڭشىۋەتسىلە، ئۇنىڭغا ھازىرلا تېلېفۇننى ئىچىۋىتىدۇ دېگەنتىم. lzK,VZ=mM
ئابدۇساتتار بۇ كىمدۇ دېگەنلەرنى خىيال قىلغاچ تېلېفۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تۇرۇشىغا مەنزۇرەمنىڭ نومۇرىدىن تېلېفۇن كەلدى، بۇ مەنزۇرەمنىڭ تويى بولۇپ ئىككى ئاي ئۆتكەن چاغلار ئىدى. ;]Ko7M(4
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم. /<)kI(gf
-ۋە ئەلەيكۇم-ئەسسالام، ئاكا..... Z
lR2
-قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۆيدىكىلەر ياخشىدۇ؟ O"m(C[+[
ئەمما جاۋاب ئورنىغا قارشى تەرەپنىڭ ئىسەدەپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ يىغا ئابدۇساتتارنىڭ يۈرىكىگىلا تەگدى، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشىۋاتقان كۈنلەردىكى بۇ تېلېفۇن ئۇنىڭ يۈرەك يارىسىنى يەنە قوزغاپ قويدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق جايدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ تېلېفۇندا ۋارقىراپلا كەتتى: mE"},ksg
-ۋاي سىڭلىم، نېمە بولدىلا؟ بىرە ئىش بولمىغاندۇ؟ گەپ قىلسىلا دەيمەن. OG{vap)
مەنزۇرەم گەپ قىلمايلا تېلېفۇننى قويۇۋەتتى، ئۇ قايتۇرۇپ تېلېفۇن ئۇرغاندا تېلېفۇننى ئالمىدى...... MRa
|
نىرۋىسىغا بىر ئىشلار ئىتتىك تەسىر قىلىدىغان ئابدۇساتتار ئىش ئورنىغا قايتىپ كەتتى، ئەمما پەقەت كۆڭلى تىنمىدى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى كۆرگەن خىزمەتدىشى ئۇنى نىرۋىسىنى ئارام ئالدۇرۇپ كەلسۇن دېدىمۇ قانداق يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن تەييارلايدىغان بىر ئىشنى ئۇنىڭغا قىلىۋىتىپ كېلىشنى ئىيتتى، بۇ ئىش ناھايىتى ئاددى، ئەمما سەل خەتەرلىك ئىدى، ھەمدە داۋاملىق ئابدۇساتتار بىجىرەتتى، يەنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىلغان ماتىرىياللارنى چوڭ تىغلىق ماشىنىدا كەسلەپ ئەكىلەتتى، ئۇ ماتىرىيالنى ئىلىپ، چوڭ ماشىنا قويۇلغان سىخقا كەلدى، ئاندىن ماشىنىنى تەڭشەپ قەغەزنى قويۇپ تىغنى چۈشۈردى، ئەمما بايا ساق تۇرغان ماشىنىنىڭ توغۇرلاش تاياقچىسى تىغ بىلەن تەڭ چۈشۈپلا كۆتۈرۈلمەي تۇرۇۋالدى، ئۇ ئاچچىقىدا ماشىنىنى توكتىن ئۈزمەيلا بىر قوللاپ مەشخۇلات ئىلىپ بىرىشقا باشلىدى، قولىنى تىغنىڭ ئاستىغا ئۇزىتىپ، توغۇرلۇغۇچنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ قولىنى سوزۇپ تۇرۇشىغا، ماشىنىنىڭ قوزغالغان ئاۋازى ئاڭلاندى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ مىڭىسىدىن كىرگەن بىر ئاغرىتىن كېيىن ئۇ ھىچنىمىنى سەزمىدى. 9t_N9@
********************************************** 0)E`6s#M
ئۇ كۆزىنى ئاچقاندا دوختۇرخانىدا ياتاتتى، ئوڭ قولى بولسا بارماقلىرىدىن تارتىپ جەينىكىگىچە مەھكەم تىڭىۋىتىلگەن، سول قولىدا ئوكۇل يىڭنىسى تۇراتتى، ئۇنىڭ بىشىدا ماھىرە قاراپ تۇراتتى،(ماھىرە تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيدە ئايشەم خېنىمغا ھەمراھ بولۇۋاتاتتى) ئابدۇساتتار ئوڭ قولىنىڭ ئاغرىقىدىن باشقا ئەتىگەنكىدىن ئۆزىنى يەڭگىللەپ قالغاندەكلا ھىس قىپ قالدى. k/.a
yLq
-ئويغانلىمۇ ئاكا؟ نېمە ئىش بولدى بايام؟ ھىلىمۇ قوللىرىنى ئۈزۈۋەتمەپتۇ، ئەجەپ قورقتۇم..... H*vd
-ۋاي تاڭ.....شۇ ماشىنا تەڭشەۋاتقان، كېيىنكى ئىشلار ئىسىمدە يوق. نېمە بولۇپ قوزغىلىپ كەتتىكىن ئۇ ماشىنا..... OQ*rxLcA
-بايام ئۆيدە تۇرسام دۇكاندىكىلەر تېلېفۇن قىپتۇ، دوختۇرنىغا كەلسىلە دەپ، كەلسەم ئەھۋال مۇشۇ.... I9g!#lbl
ئەسلىدە ئۇ ماشىنا تەپكىسى ئۇستىدە تۇرپ، بىر قولىدا ماشىنا گىرۋىكىنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىنى تىغ ئاستىغا كىرگۈزۈۋاتقاندا سول قولى تىيىلىپ كېتىپ ماشىنىنىڭ قوزغاش كونۇپكىسىغا تېگىپ كەتكەن، توكتىن ئۈزۈلمىگەن ماشىنا تەپكە بىسىغلىق بولغاچقا قوزغىلىپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ تەليىىگە قولىنى تىخى تولۇق كىرگۈزمىگەچكە ئوڭ قولىنىنىڭ بارمىقىدىن بىلىكىگىچە بولغان ئارىلىقنى ماشىنا ئەپچىللا شىلىۋەتكەن ئىدى، باش بارمىقىنىڭ سۆڭىكى ئازار يېگەن، باشقا بارماقلىرى ۋە بىلىكىنىڭ بولسا مۇسكۇلى زەخمىلەنگەن ئىدى. بايام ئۇنىڭ بىر مۇنچە گۆشىنى ماشىنا شىلىۋالغاچقا ئۇ ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى. wSIfqf+y
ئۇ نەچچە كۈن يېتىپلا دوختۇرخانىدىن چىقىۋالدى، قولى تېخى ساقايمىغاچقا ھازىر كومپيۇتېر ئالدىغا كېلەلمەي باشقا ئىشلارنى قىلىۋاتاتتى، بۈگۈن ئۇنىڭ تېلېفۇنىغا يەنە مەنزۇرەمدىن تېلېفۇن كەلدى، ھەمدە ھىچ گەپتىن ھىچ گەپ يوقلا: +WB';D
-ۋەي، ئاكا، مەن ئاجرىشىپ كەتتىم، ئۇلار مېنى پاتۇرمىدى، ئەمدى ھىچكىم تاپالمايدىغان بىر يەرگە كېتىمەن، ھاياتتىن بەكلا بىزار بولدۇم، جاھان ماڭا بەكلا تاركەن، خوش.... v 8NoD_
مەنزۇرەم ئابدۇساتتارنى ئىغىز ئاچۇرمايلا دەيدىغاننى دەپ بولۇپ، تېلېفۇننى قويۇۋەتتى، ئارىدىن ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەلگەن يەنە بىر تېلېفۇن ئۇنىڭ يۈرەك باغرىنى قان قىلىۋەتتى. uJu#Vr:m
-ۋەي، ئابدۇساتتارما؟ قارشى تەرەپ ئابدۇساتتارنىڭ تاغىسى ئىدى. 2sOetmWE7
-ھەئە، مەن شۇ، قانداق ئەھۋاللىرى؟ Fv2U@n6'v
-ئۇكام، تۇققانلارغا خەۋەر قىلىۋىتىڭە، مەنزۇرەم قازا قىپكەتتى، نامازنى ئەسىرگە چىقىرىدىغان بولدۇق، بولسا ئۈلگۈرۈپ كېلىپ نامازغا قاتنىشىپ بېرىڭ....... VY_