ئالدى بىلەن مىسرانىم ئەپەندىنىڭ ئەل سۆيگەن، ئاتاغلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئاكىمىزنىڭ ھاياتى ۋە يېزىقچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىمەن .
Hs
-NP#I فىلىمنى تەپسىلى كۆرۈپ ، ئۆزۈم ھۆرمەت تۆرۈمدىن ئورۇن بەرگەن، دىدارلىشىپ يېزىقچىلىق ھەققىدە تەلىم ئېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن جالالىدىن بەھرام ئاكىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ يۈزلىنىشى ، ئەدەبىياتچىلىقىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەر ۋە ئۆزى يازغان ئەسەرلەردىكى پۇرسۇناژلارنىڭ يارىتىلىش جەريانى ۋە تورداشلارغا قىلغان يۈرەك سۆزلىرىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندىم .
}#yRaIp
بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز بىر خىل قاتماللىق ئىچىدە مېڭىۋاتىدۇ، شۇنداقلا دورامچىلىق ئەۋجى ئېلىپ كەتتى.كۆپلىگەن ئەسەرلەردە يازغۇچىلار ئۆزلىرى ياراتقان پۇرسۇناژلارنى مەلۇم كاتۇگىرىيە ئىچىدىلا چەكلەپ قويدى . بىرەر سەلبى پۇرسۇناژنى تەسۋىرلىسە باشتىن ئاياق ئۇنى ناچارغا چىقىرىۋەتتى . بۇنى ھەتتا شۇ پۇرسۇناژنىڭ چىراي شەكلىگىمۇ باغلاپ ، ئۇلارنىڭ چىرايىنىمۇ ئاجايىپ بەت - بەشىرە سىياقتا مەيدانغا چىقاردى . ئىجابىي پۇرسۇناژنى قەغەزدىن ئاق قىلىپ تەسۋىرلىدى . قىسقىسى ئۇلار ئىنساننىڭ ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە ئىكەنلىگى __ ئارتۇقچىلىق بىلەن نوقسانلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئىلىپمۇ قويمىدى. ئۇلار ياراتقان پۇرسۇناژلارئوقۇرمەنلەرگە ياسالمىدەك بىلىنىپ ، ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنى ئۆز تۇرمۇشى ئەتراپىدىن ئىزدەپ تاپالمىدى ، ئوقۇرمەنلەر ئاشۇ ئەسەرلەردىن زوقلىنالمىدى. نەتىجىدە ئاجايىپ ئىسىل تاشلار بىلەن مۇقاۋىلانغان، ئەمما ئوقۇرمەنلەرگە قىلچىلىك چىنلىق تۇيغۇسى بېرەلمىگەن نۇرغۇن كىتابلار كىتاپخانىلاردا چاڭ بېسىپ ياتماقتا.
*><]
[|Y@H جالادىن بەھرام ئاكا ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىنساننىڭ ئىككى ياقلىمىلىقىنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ، ياراتقان پۇرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرىنى ناھايىتى ياخشى ئېچىپ بېرىپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئۆز ئەسىرى ئىچىگە سۆرەپ كىرىپ، خۇددى ئاشۇ دەۋىردە ، ئاشۇ پۇرسۇناژلار بىلەن بىللە ياشاۋاتقاندەك، ئۇلار كۈلسە كۈلۈپ ، يىغلىسا يىغلايدىغان ، تۇرمۇش چىنلىقىغا ، دەۋىر ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەسەرلەرنى سوۋغا قىلدى، ئۇنىڭ نەشىر قىلدۇرغان كىتابلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشپ، تالىشىپ سېتىۋالىدىغان كىتاب بولۇپ قالدى .
~CM{?{z; بۇرۇن چوڭلاردىن << مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى>> توغرۇلۇق نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ ئەمما شۇ ۋاقىتتىكى تارىخ توغرۇلۇق مۇكەممەل ئەسەر ئۇچرىتالمىغان، قايسى بىر خەنزۇ يازغۇچىنىڭ << قېرىنداشلار>> دىگەن رومانى (خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلىنغان) نى ئوقۇپ شۇ دەۋىردىكى ھەقىقىي ئىشلار توغرىسىدا مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ئىدىم. جالالىدىن بەھرام ئاكىمىز << لېيىغان بۇلاق>> رومانىنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرىشى بىلەن ھەر ساھە ئامما ئىچىدە زور ئالقىشقا ئېرىشتى. <<لېيىغان بۇلاق>> بولسا ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى رايۇنىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان<< مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى>>نىڭ تارىخى ئارقا كۈرۈنۈشىنى ئەڭ مۇكەممەل ئىپادىلەپ بەرگەن رومان . ھىكمەت ، مۇرات ، كامىل ، گۈلزىبا ، زۇمرەت ..... لەر ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر بىزنى ئاشۇ دەۋىرگە نىسبەتەن خېلى چوڭقۇر بولغان كۆز قاراشقا ئىگە قىلىدۇ.
EO|
kiC << ئامەت ۋە ئاپەت >> روماندىكى قەدىردان ، زۇلئاي ، مېھرىبان ، ھۆسنارخان ، ئەسئەت ، غەيرەت جاڭدو..... قاتارلىق پۇرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرىدىكى چىنلىق بىزنى ئىختىيارسىز ئاشۇ ئەسەر ئىچىگە ئەكىرىپ ئاشۇ پۇرسۇناژلار بىلەن بىللە ياشاۋاتقاندەك ھېس تۇيغۇغا كەلتۇرسە ، ئاشۇ پۇرسۇناژلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى گاھى بىزنى غەزەپتىن يېرىلغۇدەك قىلىۋەتسە، گاھى بىزنى ئاشۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىگە چوڭقۇر ئېچىنىش بىلەن كۆز ياشلىرىمىزنى توختىتالماسلىققا دۇچار قىلىدۇ .
cAktSoF قىسقىسى جالالىدىن بەھرام ئاكا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىمىزدا رىئال تۇرمۇشنى ، پۇرسۇناژلار خارەكتىرىنىڭ ھېسسىيات قاتلىمىدىكى زىددىيەت توقۇنۇشىنى ئەڭ ئاددى تىللار بىلەن ئىپادىلەپ ، ئەسەرلىرىدە ھەقىقىي چىنلىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ساناقلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى .
".w*_1G7U ئاخىرىدا جالالىدىن بەھرام ئاكىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى يېقىندىن قوللاپ، مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان ئايالى خالىدە ھەدىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ، بارلىق ئىشلىرىنىڭ خەيىرلىك بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن .
DF&C7+hO جالالىدىن بەھرام ئاكا ، خەلقىمىز سىزدەك ھەقىقىي تۇرمۇشنى ، چىنلىقنى يازىدىغان يازغۇچىغا مۇھتاج، خەلقىمىز سىزنى مەڭگۈ ھۆرمەتلەيدۇ، قوللايدۇ . ئىجادىيەت تۇلپارىڭىزنى تېخىمۇ كۆكلەردە پەرۋاز قىلدۇرۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىدۇ.
X=.+XP] [ بۇ يازما hokumran تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]