http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2011-05/19/content_143056.htmكاپالەتلىك تۇرالغۇنىڭ‹‹سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ››
Z?^AX&F ~>qcV=F^d, 2011– يىل5– ئاينىڭ19– كۈنى07:30شىنجاڭ گېزىتى
*VL-b8'A< R2r0'Yx يېقىندا باۋتۇدىكى ئەڭ چوڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرى بويىچە سېلىنغان قىسمەن ئۆيلەردە سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلۈپ، تام سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كەتكەن، خەيكۇدىكى كۆچۈرۈلگەنلەرنى قايتا ئولتۇراقلاشتۇرۇش مەھەللىسىدىكى 93 ئائىلىلىك كىشى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، ئۇزاق ئۆتمەي تورۇستىن سۇ ئۆتىدىغانلىقىنى بايقىغان.
&}*[-z ھازىر جايلار زور كۈچ ئاجرىتىپ ۋە سۈرئەت قوغلىشىپ كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قىلىۋاتىدۇ، بەزى جايلارنىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇ تۈرلىرىنىڭ سۈپىتىدە نۇقسان كۆرۈلدى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەيۋاتىدۇ، بۇ ئايرىم ئەھۋال ھېسابلانسىمۇ، بىراق بۇ ئاممىنىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىلەمدۇ – قانداق؟ دېگەن ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى.
ON!1lS سۈپەتكە ‹‹قىزىل چىراغ›› يېقىلدى
H'2pmwk خەيكۇ خەيديەنشى شىمالىي قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ كۆچۈرۈلگەنلەرنى قايتا ئولتۇراقلاشتۇرۇش مەھەللىسىدىكى ‹‹شۈيئەن تىڭتاۋ›› مەھەللىسىدىكى 93 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيىدە سۇ ئۆتۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. بۇ مەھەللىدىكى كې ۋېنتۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ئاران دېگەندە قولىمىزغا تەگكەن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ بىر ئاي بولمايلا، تازىلىق ئۆيىدىن ھۇجرىغا سۇ ئۆتۈپ كەتتى، رېمونت قىلدۇرساقمۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولمىدى، يېڭى ئۆيگە قاراپ، يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلمەي قالدۇق››.
V}Oxz
04 بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتۇ شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىش تۈرى بولغان ‹‹ئەل يۇرت›› مەھەللىسىدىكى ‹‹ئەمىن ئۆي››لەر ‹‹ۋەھىمىلىك ئۆي››گە ئايلىنىپ قالغان. قىسمەن ئۆيلەرنىڭ سۇۋاق دەرىجىسى ئۆلچەمگە يەتمىگەن، 500دىن كۆپ ئائىلىلىكنىڭ ئۆيىدە تام سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كەتكەن.
6LUB3;g7 كاپالەتلىك تۇرالغۇلارنىڭ سۈپىتىگە قاتتىق تەلەپ قويۇلغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈنكۆچۈپ كىرگەنلەر خاتىرجەم بولالمايدۇ؟ نېمىشقا سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ؟ گەپ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۈپەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدە. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن قىسقا مەزگىل ئىچىدە تاۋار ئۆيگە ئوخشاش كۆپ پايدا ئالغىلى بولمايدۇ، بەزى ئۆي – زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى قىسقا مەزگىللىك پايدىنى كۆزلەپ، قۇرۇلۇشنى ئەپلەپ – سەپلەپ پۈتكۈزۈپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىۋەتكەچكە، كاپالەتلىك تۇرالغۇلاردا سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلگەن.
r1t TY? يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر ئەمەلىيلەشمىدى
k}JjSt1_A; Xo$(zGb دۆلەت ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي تەپتىش ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشمىگەن، شەھەر رايونىدىن يىراق، قاتناش قولايسىز بولغاچقا، بەزى شەھەرلەردە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنى ئىجارە بېرىشتە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن، ئۆيلەر بوش قالغان، بەزى جايلاردا ھەتتا كۆچۈپ كىرگەن ئائىلىلەر ئۆينى قايتۇرغان.
+jQW 6k# شەھەر رايونىدىن يىراق بولۇش، قاتناش قولايسىز بولۇش، سودا ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئاھالىلەر بەزى كاپالەتلىك تۇرالغۇ تۈرىدىن ئاغرىنغان. ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۇرمۇش راسخوتى ئويلاشمىسا بولمايدىغان رېئال ئامىل. دېمەك، شەھەر رايونىدىن يىراق بولۇش، يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرى ناچار بولۇش تۈپەيلىدىن بەزى كاپالەتلىك تۇرالغۇلارنى ھەتتا ئىجارە ئالىدىغانلار، سېتىۋالىدىغانلارمۇ چىقمىغان.
OBu$T& خەينەن ئۆلكىلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تۇرالغۇ كاپالىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سۈن جيەن مۇنداق دېدى: ھازىر كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش بىر ئىزدا توختاپ قېلىش مەسىلىسى ھەقىقەتەن مەۋجۇت. خەيكۇ، سەنيا قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن كاپالەتلىك تۇرالغۇلارنىڭ سۇ بېرىش، يۇندى چىقىرىش، سودا سارىيى، مەكتەپ قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولمىغاچقا، كۆچۈپ كىرىش نىسبىتىگە تەسىر كۆرسەتتى.
&(irri_ جۇڭگو ئۆي – زېمىن جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ جۇڭيى مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كاپالەتلىك تۇرالغۇ شەھەر رايونىدىن يىراق يەرلەرگە سېلىنغاچقا، يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە پىلانى ئەمەلىيلەشمەيدۇ، يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋاقتى ئىمكانقەدەر قىسقارتىش كېرەك.
{QJJw}!# سانغىلا ئەھمىيەت بەرمەي، سۈپەتكىمۇ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
$Z$BF كەلگۈسى بەش يىلدا، ئېلىمىزدە 36 مىليون يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ سېلىنىدۇ، سۈپەت بىلەن يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنمىسا، زور ئىسراپچىلىق ۋە قالدۇق مەسىلە كۆرۈلىدۇ.
rr9N(AoxW 7oK!!Qd^w بېيجىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ‹‹شىڭتەي›› ئۆي – زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جى يۇڭخۇا مۇنداق دېدى: كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرگە كۆپرەك كۈچ چىقىرىپ، باھاسىنىڭ ئەرزان، سۈپىتىنىڭ يۇقىرى، قاتناش، دوختۇرخانا، مەكتەپ، سودا ساراي قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنسا، مەھەللىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ.
X`#vH8 مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە تارماقلار مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كاپالەت تۇرالغۇ سۈپىتى توغرىسىدا ئەرز – شىكايەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەسىلە كۆرۈلگەن قۇرۇلۇشلارنى كارخانىلارنىڭ ناچار قىلمىش خاتىرىسىگە كىرگۈزۈپ، خېرىدار چاقىرىش، تۈرلۈك كاپالەت سوممىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا بىخەستەلىك قىلىپ سۈپەت مەسىلىسى پەيدا قىلغان ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
V+-%$-w> جۇ جۇڭيى مۇنداق دېدى: كاپالەت تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش تەلەپ قىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا، كۆرسەتكۈچنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بەرمەي، سۈپەتكىمۇ قاراپ، ‹‹تەننەرخنى تۆۋەنلىتىۋېتىپ››، كاپالەتلىك تۇرالغۇنىڭ ئەسلىدىكى ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
8+^q9rLii (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
z'j4^Xz?%$ x
rf z-"n4 ( مۇھەررىر : بۇئايشەم )
k_/*>lIZY Z<@0~t_:?p