مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1183 
  •    ئىنكاس 
       38 

بالىلىقتىكى تاتلىق ئەسلىمىلەر

قەۋەت ئاتلاش
cayyara
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.32274

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   456 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4829 (سوم)
 ياخشى باھا:   255 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   163  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4739
 سائەت
دەرىجىسى:
4739 سائەت 211 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
— بۇ تېمىنى alafasy تاغدىن باغدىن دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-05-18) —

                                               بالىلىقتىكى تاتلىق ئەسلىمىلەر =K\.YKT  
بالىلىق چاغلار كىشى ھاياتىدىكى ئەڭ بىغۇبار ، غەمسىز ، ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلەر بۇلىشى مومكىن ، ھەر قېتىم بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئاشۇ قىلىقلىرىمنى ئويلىسام ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا تاتلىق كۈلۈمسىرەپ قالىمەن ، ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئۇ-بۇ  كۆڭۈلسىزلىكلەردىن بىخەۋەر شۇ غەمسىز ئۆتكەن چاغلىرىمىز ھەر-بىرىمىزنى شېرىن ھېسلارغا باشلايدۇ ، نىمىشقىدۇر مۇشۇ كۈنلەردە ئاشۇ بىغۇبار غەمسىز كۈنلىرىمنى كۆپ ئەسلەيدىغان بۇلۇپ قالدىم .......ئاشۇ ئۇماق قىلىقلىرىم ھەم يۇمۇرلۇق ئىشلىرىمنى ئەسلىسەم شۇ ۋاقىتلىرىمغا قايىتقۇم كېلىدۇ ،بالىلىقنىڭ پەيزىنى يەنە بىرپەس سۈرگۈم كېلىدۇ ، بىراق ۋاقىتنىڭ كەينىگە قايتىشى مومكىنمۇ ؟ ئاشۇ كەپسىزلىكلىرىمنى ھەم يۇمۇرلۇق ئىشلىرىمنى مۇنبەردىكى دوستلىرىمغا سۆزلەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ ھەم دوستلىرىمنڭمۇ بالىلىقتىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى بىرلىكتە ئاڭلاپ، بىردەم بولسىمۇ بالىلىقىمىزغا قايتىۋالايلى ، تاتلىق كۈلىۋالايلى دىگەن مەخسەتتە بۇ تېمىنى يوللىدىم . kmfxk/F}  
مېنىڭ بەش ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى ، بەكمۇ شوخ ،تەنتەك ،كەپسىز ، ئىچى تار قىز ئىدىم . دائىم ئىش تېرىپلا يۈرەتتىم ،دوستلىرىم بىلەن شۇنداق قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئوينايتۇق .ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ، سەنئەتچى بۇلۇپ دىگەندەك..... دائىم مەن ئوقۇتقۇچى بۇلىۋالاتتىم ، ئاپام ماڭا بىرنەچچە ھەرىپنى ۋە سانلارنى ئۈگۈتۈپ قويغان ئىدى دوستلىرىمنى ۋە نەۋرە ئاكا-ئاچىلىرىمنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۇلارغا دەرىس ئۆتەتتىم  . <zE~N~;  
مەن __ < ئا > دەڭلار   !!! T|FF&|Pk  
ئوقۇغۇچىلىرىم __ < ئا > دەڭلار  . t+`>zux5(T  
مەن__ < دەڭلار > دىگەننى دىمەي دەڭلار !!! -Rz%<`  
ئوقۇغۇچىلىرىم__< دەڭلار > دىگەننى دىمەي دەڭلار !!! "I`g(q#Uo  
مەن تېرىكىپ يىغلاپ كېتەتتىم ، بىردەم دومسىيىپ ئولتۇرۇپ يەنە سەۋىرچانلىق بىلەن<< دەرىسىم>>نى باشلايتىم .  CH3bpZv  
ئەنە شۇ چاغلاردا مېنىڭ قولۇمدا ئوقىغان نەۋرە ئاكا-ئاچىلىرىم ھازىر ئوقۇتقۇچى بولدى . C.}Vm};M  
= 7TK &  
بىز يەنە سەنئەتچى بۇلۇپ ئوينايتۇق ،تېلىۋىزوردا دىلنار ئابدۇللانىڭ ناخشا ئۇسۇللىرىنى كۆپ بېرەتتى ، مەن دىلنار ئابدۇللانى دوراشنى ياخشى كۆرەتتىم ، دىلنار ئابدۇللا ئوينىغان ئۇسۇللىرىدا دائىم ئىگىز پاشىنلىق ئاياق كىيىۋېلىپمۇ بەك چىرايلىق چۆگىلەيتى ،ھەركەتلىرىمۇ شۇنداق نەپىس چىقاتتى ، بىر كۈنى دوستلىرىم بىلەن ئويناۋاتاتتىم ،ئاپام چوڭ ئانامنىڭ ئۈيىگە چىقىپ كەتتى ، بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلدىم دە ، ئاپامنىڭ يېڭى سېتىۋالغان ئىگىز پاشىنلىق ئايىغىنى كۆتۈرۈپ چىقتىم . ئۇنى كىيپ ئۇسۇل ئويناپ دوستلىرىمنى تاڭ قالدۇرماقچى بولدۇم . ئاياقنى كىيدىم ، |37y ="  
__ ھوۋۋۋ.....بەكلا چوڭ كېلىپ قالدىغۇ ؟..... C=|X]"*:u0  
ئاياقنىڭ تاسمىسىنى تازا چىڭ تارتىپ چىڭىتتىم . 8F*"z^vD=  
__  ھىم ،،،ھېچ بولمىسا ئەمدى پۇتۇمدىن چۈشۈپ قالمايدۇ .   n:d7 Tv1Z8  
ئوتتۇرغا چۈشۈپ قولۇمنى كۆتۈرۈپ ، بىرنى چۆگىلە- چۆگلىمەستىن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يەرنى قاماللاپ دۈم چۈشتۈم  ، پۇتۇمنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم ، يىغلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي پۇتۇمدىكى ئاياغقا قارىدىم . ~\~K ,v  
__ ھوۋۋۋ....پاشنىسى ئاجراپ ،تاسمىسىى ئۈزۈلۈپ كېتىپتىغۇ ....ئەمدى ئاپامغا نىمە دەرمەن ،،،ھى...ھى....پۇتۇم ئاغرىپ كەتتى ،،،،،قانداق قىلىمەن ....ئاپوي .....!!! 9?~K"+-SI  
بەك ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن خېلى يىغلىغان ئىدىم ، پۇتۇمنىڭ ئاغرىقىنى ئاز دەپ ئاپامدىنمۇ بۇلىشىغا تىل ئىششىتكەن . يەنە ئىچى ئاغرىپ دورىلاپ تېڭىپ قويغان ئىدى . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇسۇل ئوينىساممۇ ئوينايتىم ئاپامنىڭ ئايىغىنى قەتئى كەيمەس بولدۇم . DeTD.)pS  
q&`>&k  
ئۆي ياساپ ئويناشلىرىمىزنى دىمەيسىز تېخى ، ئۆزۈم بىلەن تەڭ يوغان قونچىقىم بار ئىدى ، ئۇنى بالام دەيتىم ، قوشنىمىزنىڭ قىزلىرىنىڭمۇ مېنىڭكىدەك قونچىقى بار ئىدى ، بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئۈيىگە مىھماندارچىلىققا بېرىپ ، << بازار >>غا بېرىپ << بالىمىز >> غا نەرسە ئېلىپ بېرىپ ئوينايتۇق ، << بازار >> غا بېرىش ئۈچۈن پۇل بۇلىشى كېرەك .بىر كۈنى  مەن ئاكامنىڭ دەرىسلىك كىتابىنىڭ ۋاراقلىرىنى پۇلنىڭ چوڭلىقىدا يىرتىپ پۇل ياسىدىم ، ئاندىن ئاپامنىڭ ئىشلەتمەيدىغان سومكىسىغا <<پۇلنى >>سېلىپ چىقتىم . دوستلىرىممۇ شۇنداق قىلاتتى .ئاكام مەندىن ئۈچ ياش چوڭ ئىدى ، شۇ كۈنى ئاكام كىتابىنىڭ مەن تەرەپتىن <<پۇل >> غا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق يىغلاپ كەتكەن ،بىراق مېنى كىچىك ، گەپ كۆتۈرەلمەيدۇ دەپ  بەك گەپ قىلىپ كەتمىگەن ،ئاكامنىڭ شۇنچىلىك ئېزىلىپ يىغلاپ كەتكىنىگە قاراپ شۇندىن كىين ئۇنىڭ كىتاپلىرىدىن <<پۇل>>ياسىمىغان ئىدىم . - 
auKGm:  
ئاپامنىڭ ياكى ئاكامنىڭ بىرەر يېڭى ئالغان كىيىملىرى كۆزۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتى ، شۇنداق يېڭى كىيىم كەيگىنىنى كۆرسەملا مەنمۇ كىيىمەن دەپ يىغلايتىم ، ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ قالسا ئەسلا ئۇنمايتىم ، چوقۇم ماڭىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشنى قىلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى ، ھەتتا ئاكامنىڭ يېڭىدىن پايپاق كەيگىنىنى كۆرۈپ قېلىپ ئالدىراپ مەكتەپكە ماڭغىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ پۇتىدىن سالدۇرۋالغان ئىدىم ، شۇ كۈنى ئاكام پايپىقىنى ماڭا سېلىپ بېرىپ باشقىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي كېتىپ قالغان ئىدى . ئاپامنىڭمۇ يېڭىدىن كۆڭلەك كەيگىنىنى كۆرۈپ مەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشنى كىيىمەن دەپ تۇرىۋلغان ئىدىم ، ئاپامنىڭ تىللىغانلىرىغا، يالۋۇرغانلىرىغا قارىماي ئاخىرى قونچىقىمغا بىرنى  ، ماڭىمۇ  بىرنى تىكتۈرتۈپ بەرگەندىن كىيىن ئاندىن ئۆزى كىيەلىگەن ئىدى . توۋا،،،،ھەجەپ بىر ئەسكىكەنمەنتۇق . IFg(Ze~  
تېلىۋىزوردا توي قىزلىرىنىڭ توي كۆينىكى كىيىپ چىرايلىق بېزەلگەن ماشىنلارغا ئولتۇرغىنىنى كۆرگىنىمدە __  ئاپوي ، دادامغا دەڭە بىزنىڭ ماشىننىمۇ ئاۋۇنىڭدەك ياساپ ،مەنمۇ ئاشۇنداق كۆينەك كىيىپ باقاي .   .]\+JTm  
دەپتىكەنمەن . ئاپام كۈلۈپ كېتىپ ، z8"(Yy7m  
__  ئۇ دىگەن توي قىزلىرى ،خۇدايىم بۇيرىسا چوڭ بولغاندا ئاشۇنداق كۆينەك كىيىپ ،شۇنداق ماشىندا ئولتۇرىسىز قىزىم ، خۇدايىم بەختىڭىزنى بەرسۇن .... J6VG j=/  
__ قاچانمۇ چوڭ بۇلارمەن ھە،،،،توي قىزى بولسام بوپتىكەن ، ھەجەپ چىرايلىق كۆينەك كىيىدىكەن .... KASw3!.W  
بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ئۆيدىكىلەر بىر ھازا كۈلگەن ئىدى ، مەن ئۇلارنىڭ نىمىشقا كۈلگىنىنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ قاراپ قالغان ئىدىم ، مانا ئەمدى چۈشەندىم ، بىرەدە شۇنداق دىگەنتىڭىز دەپ يۈزۈمگە سېلىپ قويىدۇ ، خىجىل بۇلۇپ يەرگە كىرىپ كېتەي دەپ قالىمەن ، ئۇچاغدا نىمە بىلەي ، بىلگەن بولسام شۇنداق دەرمىدىم .   z]J pvw`p  
ھەي توۋا.....مۇشۇ ئىشلارغىمۇ ھەپ-پەش دىگۈچە 15 يىل بۇلۇپتۇ .....كىچىك چېغىمدا شۇنداق ئىچى تار ، كەپسىزلىكىم .........ھازىرغۇ ئۇنداق ئەمەس شۇنداق كەڭ قورساق ، مۇلايىم قىز بۇلۇپ كەتتىم ، چوڭ بولدۇق ئەمەسمۇ ، ھې،،،ھې،،ھې،،، }N6r/ VtOQ  
ھازىرقى كىچىك بالىلار بىزدەك قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئوينىماس بۇلۇپ كېتىپتۇ ، قارىساق كۆتۈرۋالغان سومكىسى ئۆزىدىن چوڭ ، سۇمكىنىڭ ئېغىرلىقىدىن كۆتۈرۈپ ماڭماقمۇ بىر گەپ . kroO~(\  
مانا تاتلىق خىياللارغا چۆكۈپ ،شېرىن خىياللارغا غەرىق بۇلۇپ ، خۇددى شۇ ئىشلار يۈز بېرىۋاتقاندەك ، بىردەم بولسىمۇ بالىلىقنىڭ پەيزىنى سۈرگەندەك بولدۇم ...............
Pd[&&!+gV  
                            مەنبە __ ئۆزۈم   !] -ET7  
[ بۇ يازما alafasy تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
http://Nurlan.cc//  ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ.
UYGHURAAA
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3750

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1092 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11995 (سوم)
 ياخشى باھا:   616 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   511  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 265
 سائەت
دەرىجىسى:
265 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-11
ئاخــىرقىسى:2011-10-23
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-18

مەن ھازىرقى يەتتە ياشلىق قىزىمنىڭ بەزى قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلىرىمدىكى قىلغان ئىشلىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن.
 
ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك.

ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.
al.ansar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25966

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   813 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   963 (سوم)
 ياخشى باھا:   158 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   289  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4547
 سائەت
دەرىجىسى:
4547 سائەت 93 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-12
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-18

ھەي بالىلىق ئەسلىمىسىنىڭ گىپى چىقسىلا ئادەم چەكسىز خىيال قوينىغا غەرق بولىدۇ. #tyHjk  
بالا ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ خىلى ئىشلارنى تېرىغان. ھەركىتىم تىز ئەمەس ئىدى، ئەمما چوڭلارنىڭ كۆزىدىن ئاسانلا چەتنەپ كېتەتتى. 7l"N%e  
بالا ۋاقىتلىرىمدا قوغلاشماق ئويناش بىلەن خۇشۇم يوق ئىدى، ئاسان تۇتۇلۇپ قالاتتىم، ئەمما مۈكۈشمەك دېسە ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتىم. %Lec\(-4L  
بىر قىتىم بالىلار بىلەن مۈكۈشمەك ئويناۋىتىپ، كالا ئوقۇرىغا چۈشۈپ، ئۈستۈمگە پاخالنى يېپىنىپلا ئۇخلاپ كېتىپتىمەن، تاپىدىغانلار مېنى تاپالماي باشتا "تىز چىق، بولمىسا ئوينىمايمىز!" دەپ ۋارقىراپ بېقىپتۇ، مەن چىقمىغاندىن كېيىن چوڭلارنى چاقىرىپتۇ، ئۇلار مېنى يوقاپ كەتتى، چوقۇم بىرەر يەرگە قىسىلىپ قالدى دەپ ئويلاپتۇ، ئاشۇ چاغدا كالا پاخال يەيمەن دەپ ئوقۇرغا بىشىنى تىقمىغان بولسا قانچىلىك ياتاتتىمكىن تاڭ. c;w%R8z  
بىر قىتىم تاغامنىڭ ئۆيىدە ئۈجمە يەيمەن دەپ ئىنچىكە شاخنىڭ ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىمىز، كىم ئەڭ ئىنچىكە يەرگە دەسسىيەلەيدۇ دەپ مەن يېڭىۋالغان، ئەمما يەڭگەننىڭ بەدىلىگە قوشنىمىزنىڭ بىغىغا خۇددى كارتوندىكى پىرىخون سۈپۈرگىگە مېنىپ ئۇچقاندەك ئۈجمە شىخىغا مېنىپ چۈشۈپ كەتكەنتى. k T$yHB #  
بالىلار چوڭ بولۇشنى ئويلايدۇ، چوڭلار بالىلىقىنى ئويلايدۇ................
[ بۇ يازما al.ansar تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

 
ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!!

ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!
تۆرەم
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2118

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   164 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7038 (سوم)
 ياخشى باھا:   421 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   508  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4161
 سائەت
دەرىجىسى:
4161 سائەت 179 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-18

شۇنىڭدىن كىيىن ئۇسۇل ئوينىساممۇ ئوينايتىم ئاپامنىڭ ئايىغىنى قەتئى كەيمەس بولدۇم . &P>wIbE  
،ئاكامنىڭ شۇنچىلىك ئېزىلىپ يىغلاپ كەتكىنىگە قاراپ شۇندىن كىين ئۇنىڭ كىتاپلىرىدىن <<پۇل>>ياسىمىغان ئىدىم . OczVObbS  
__ قاچانمۇ چوڭ بۇلارمەن ھە،،،،توي قىزى بولسام بوپتىكەن ، ھەجەپ چىرايلىق كۆينەك كىيىدىكەن ....
 
gulbar5
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30340

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   892 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10383 (سوم)
 ياخشى باھا:   2049 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2836  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5799
 سائەت
دەرىجىسى:
5799 سائەت 141 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-18

مەنمۇ كىچىك  چاغىلرىمدا شۇنداق ئوينايتىم. RrSo`q-h+  
مانا  ئەمدى. بۇ بىر  ئوتىمۇشكە ئايلاندى.
 
ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن
arxang
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.68

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   538 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   18163 (سوم)
 ياخشى باھا:   400 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   442  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3469
 سائەت
دەرىجىسى:
3469 سائەت 31 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-30
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-18


مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە
گۈلىستان مۇنبەر پۇلى +100 05-18 مۇڭ قۇشۇۋەتتىڭىز قىستۇرغان ناخشىڭىز بىلەن....رەھمەت سىزگە
 
يىللارنى ئۆتكۈزدۈم لىۋىمنى تامچىپ،
ئايلارنى سانىماق تەس ئىكەن ئاندىن.
ھەپتىلەر كەلگەندە خىيالچان بولۇپ،
مىنۇتلار كەلگەندە ئۇيقۇدىن قالدىم.
mugsirdax
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.622

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1785 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12695 (سوم)
 ياخشى باھا:   585 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   443  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9246
 سائەت
دەرىجىسى:
9246 سائەت 204 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-18

بۇرۇنقى چاغلار  غەم ئەندىشىش .. بەك كۇڭۇللۇك     
 
qq  1063545754         ئىسىل   ياشا
alafasy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.22705

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   2705 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   294 (سوم)
 ياخشى باھا:   1290 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   552  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8083
 سائەت
دەرىجىسى:
8083 سائەت 107 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-18

بەزىدە تۇيۇقسىزلا بالىلىق ۋاقتىمدىكى ئىشلارنى ئويلاپ قالىمەن، سۇيۇيئاشقا تاۋۇز سېلىپ يىگىنىمچۇ تېخى، ھى ھى ھى.
 
cayyara
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.32274

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   456 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4829 (سوم)
 ياخشى باھا:   255 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   163  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4739
 سائەت
دەرىجىسى:
4739 سائەت 211 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-18

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  al.ansar كە 2011-05-18 05:33 PMئەۋەتىلدى  : S=^kR [O"  
ھەي بالىلىق ئەسلىمىسىنىڭ گىپى چىقسىلا ئادەم چەكسىز خىيال قوينىغا غەرق بولىدۇ. 02F\1fXS  
بالا ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ خىلى ئىشلارنى تېرىغان. ھەركىتىم تىز ئەمەس ئىدى، ئەمما چوڭلارنىڭ كۆزىدىن ئاسانلا چەتنەپ كېتەتتى. UVUoXv)N  
بالا ۋاقىتلىرىمدا قوغلاشماق ئويناش بىلەن خۇشۇم يوق ئىدى، ئاسان تۇتۇلۇپ قالاتتىم، ئەمما مۈكۈشمەك دېسە ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتىم. 4~DW7 (  
بىر قىتىم بالىلار بىلەن مۈكۈشمەك ئويناۋىتىپ، كالا ئوقۇرىغا چۈشۈپ، ئۈستۈمگە پاخالنى يېپىنىپلا ئۇخلاپ كېتىپتىمەن، تاپىدىغانلار مېنى تاپالماي باشتا "تىز چىق، بولمىسا ئوينىمايمىز!" دەپ ۋارقىراپ بېقىپتۇ، مەن چىقمىغاندىن كېيىن چوڭلارنى چاقىرىپتۇ، ئۇلار مېنى يوقاپ كەتتى، چوقۇم بىرەر يەرگە قىسىلىپ قالدى دەپ ئويلاپتۇ، ئاشۇ چاغدا كالا پاخال يەيمەن دەپ ئوقۇرغا بىشىنى تىقمىغان بولسا قانچىلىك ياتاتتىمكىن تاڭ. G@=H=' :~  
بىر قىتىم تاغامنىڭ ئۆيىدە ئۈجمە يەيمەن دەپ ئىنچىكە شاخنىڭ ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىمىز، كىم ئەڭ ئىنچىكە يەرگە دەسسىيەلەيدۇ دەپ مەن يېڭىۋالغان، ئەمما يەڭگەننىڭ بەدىلىگە قوشنىمىزنىڭ بىغىغا خۇددى كارتوندىكى پىرىخون سۈپۈرگىگە مېنىپ ئۇچقاندەك ئۈجمە شىخىغا مېنىپ چۈشۈپ كەتكەنتى. p_:bt7 B  
....... B*AF8wX|  
= ;z42oS  
ۋاي خۇدايىم ......مەندىنمۇ بەكرەك كەپسىز كەنسىزتۇقمۇ نىمە سىز ............كالا ئوقۇرىدا يېتىپ بۆشۈكتە ياتقاندەك ئۇخلاپسىز ھە .....
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +1000
al.ansar مۇنبەر پۇلى +1000 06-18 بىكار تۇرسىمۇ تۇرىدۇ، خەجلەڭە...
 
http://Nurlan.cc//  ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ.
bih0999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.34857

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   116 (سوم)
 ياخشى باھا:   14 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1131
 سائەت
دەرىجىسى:
1131 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-18

تىخىچىلا كىچىك بالىكەنسىزغو ، توي كۆينىگى كىيمەپسىز.
 
گۈلىستان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1590 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5211 (سوم)
 ياخشى باھا:   227 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   351  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1405
 سائەت
دەرىجىسى:
1405 سائەت 115 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-18

بالىلىق ۋاقتىمىزدەك تاتلىق ھەم كومىدىيلىك كۈنلەر بولمىسا كېرەك.... كىچىك ۋاقتىمدىكى كەپسىزلىكىمنى ئويلىسام،دادام ئانامنىڭ دەپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلىسام كۈلۈپ تېلىقىپ قالىمەن. GZHJ 4|DK  
مەن تۇنجى بالا بولغاچقا بەك ئەركە چوڭ بولغان ، كىچىك ۋاقتىمىزدا شۇنداق قېتىغۇر بولىمىزمۇ بىلمىدىم ، بولۇپمۇ بىز قىزلار،ئاجايىپ ئۇرۇشقاقتىم،ئوغۇللار بىلەن چاچلىشىپ ،مۇشتلىشىپ دىگەندەك.       ...ھا ھا ھا....  -PU.Uw]  
دەسلەپ ئاخچايلەم ئوينايتتۇق، مەن نىمە بولاتتىم بىلەمسىلەر؟ +G\i$d;St  
ھا ھا ھا...قاسساپ بولاتتىم، قىز بالىمۇ قاسساپ بولامدۇ؟ توۋا دەيمەن ھازىرغىچە....نىمە سويۇپ ساتاتتىڭىز دەمسىز؟؟؟ جاۋابىنى دەپ بەرسەم يۈرىكىڭىز جىغغىدە قىلىپ قالارمىكىن؟ 6!USSipn  
شۇ،پاقا سوياتتىم، ھېچنىمىگە ئۆتمەيدىغان گال پىچىغىم بىلەن      ،،،نەچچە پاقىنى سويۇۋەتكىنىم ئېسىمدە يوق، لېكىن ھازىر پاقىدىن ئۆلگۈدەك قورقىمەن.     كىچىك ۋاقتىمدا بىلمەي سويۇۋەتكەن پاقىلارنىڭ تۇغقانلىرى كېلىپ ئۆچ ئالامدىكىن دەپ      =q|//*t2  
 ...............................  ?>I  
كىچىك ۋاقتىمدا چۆجىگە بەك ئامراقتىم،ھەممە جانلىقنىڭ كىچىك ۋاقتى ئوماق بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ بىر كۈنى چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە باردۇق، ھويلىنىڭ قاشالاپ قويغان چىتلاقنىڭ تۈۋىدە تۇرغان چۈجىنى كۆرۈپ،ئاستا بېرىپ ،كاپپىدە قىپلا تۇتۇۋالدىم، كىيىن نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولدۇڭلار، مەن چۈجىنى تۇتۇشنى ئويلاپ،ئانىسى مىكيانخان ئاچاشنى كۆرمەپتىمەن ئەمەسمۇ؟   قاقاقلاپ ئېتىلىپلا كەلمەسمۇ،چۈجىنى تاشلىماستىن قاچتىم، باش كۆزۈمنى چوقۇلاپلا كەتتىم، مېنىڭ چىر- چار ،ۋار -ۋۇرلىرىمدىن ئاپام،چوڭ ئاناملار يۈگۈرۈپ چىقتى، قولۇڭدىكى بالىسنى قويۇۋەت ،سېنى قوغلىمايدۇ دىسىمۇ ئۇنىمايتتىم، مەن چۈجىگە ئامراق تۇرسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاران تۇتۇۋالغاندا      ،ئامال يوق قويۇۋەتتىم، چاچلىرىم چۇۋۇق، يۈزۈم نەچچە يەر مىكيانخان قالدۇرغان تىرناق ئىزى.....مانا شۇ ۋاقىتتا بەك قورقۇپ كېتىپتىكەنمەن، ھازىر ئۇششاق چۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ دانلاۋاتقان  مىكياندىن بەك قورقىمەن، يوللاردا كۆرۈپ قالسام تىكىۋىتىمەن       Ino]::ZJ/  
......................................................... yW\kmv.O  
ئاپام شىپىڭ دۇخاۋىدىن كۆينەك كېيىپ،ئېشىپ قالغىنىنى ماڭا تىكتۈرتۈپ بەردى ،ئوماق قىزىم كېيسە دەپ....ئاندىن چىرايلىق ياساندۇرۇپ.ئاشۇ كۆينەكنى كىيدۈرۈپ يەنە چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە ئەكەلدى...ئۆرۈك پىشقان مەزگىلكەن...   ....ئانامنىڭ بېغىدىكى شوخىلىرى جىق بىر تۈپ قېرى ئۆرۈك بولىدىغان، تازا شۇنىڭغا چىقتىم ....ئەسكىمىكەنمەن؟؟؟ نىمە بولاتتى؟ ھېلىقى يېڭى كۆينەكنى ئېلدۇرۇپ شوخىلارغا ، ئۇچۇلۇقتەك قىلىۋەتتىم، ئېتەكلىرى يىرتىق،   ئاپام كۆرۈپ تاس قالغان يىغلىۋەتكىلى . قانداقمۇ قىز بوپ قالار مۇشۇ، ئوغۇل تۇغساممۇ بىر كارى،قىز بالىمۇ مۇشۇنداق بولامدۇ؟ دەپ ئۇراي دىسە كىچىك، ئىككىنجى كىيىم ئېتىپ بېرىدىغان بولسام.    دەۋەتكەن، نەدىكىنى، يەنە چىرايلىق كىيىملەرنى تىكتۈرتۈپ بېرەتتى، مەلىكىلەردەك ياساپ...       تېخى ئاپامنىڭ 80 سومغا ئالغان پوپايكىسىدىكى مارجانلارنى ئاپامنىڭ تويغا كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھەممىسىنى كېسىپ ئېلىپ،مارجان قىلىپ بوينۇمغا ئېسىۋالغىنىم.....ھەي،ئاپامنى بەك قاقشاتقان جۇمۇ مەن،كىيىن بالامدىن يېنىپ قالماس دەيمەن     ^QG<_Dm]  
......................................................... _ b 
مەن ئۈچ ياشلاردىن ئاشقاندا ئاچا بولدۇم، سىڭلىم تۇغۇلدى،ئاپامنىڭ تۇغۇتىنى يوقلاپ كەلسە ئۇرۇق تۇغقانلار ،سىڭلىمنىڭ ئۈستىدە يېتىۋىلىپ  " مېنىڭ سىڭلىم بۇ، كۆرمەڭلار،كېتىڭلار، ئۆزۈڭلار تۇغۇپ كۆرۈڭلار، ئاپام تۇغقان ..." دەپ بەك جاپا ساپتىكەنمەن، ھەممىسى ھازىرغىچە يۈزۈمگە سالىدۇ، "ھاي بالام، نېرى تۇر، بالىنى بېسىۋالىسەن " دىگەنلەرنىمۇ ئاڭلىماپتىكەنمەن، چوڭ ئانام كۆتۈرۈپلا ھويلىغا ئاچىقىپ ،چوڭ دادامغا تۇتقۇزۇپ قويۇپتىكەن،"گەپنى گەپ قىلدۇرمىدى، بۇ <قېرى خوتۇن> نى بىردەم گوللاپ تۇرۇڭلار " دەپ. چوڭ دادام بىلەن گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىمكەن مومايلاردەك.ھەممىسى مېنى قانداق ئادەم بوپ قالار؟ ئايتىللا،مۇشۇ قىزىڭدىن بەك ئەنسىرەيمەن، بەك يامان جۇمۇ دىيىشىدىكەنتۇق،     o}f$?{)|   
. نەدە يامان قىز بولدۇم دەيسىزلەر؟ چوڭ بولغانچە يۇۋاشلاپ،ئېغىر بېسىق، كەم سۆز بوپقالدىم. بۇمۇ قىز بالىنىڭ يارىشىغى ، بوپتۇ دەيمەندە...ھا ھا ھا ھا        R3LIN-g(  
......................................................... e.#,9  
مەكتەپتە بەك قىزىقارلىق ئوقۇغانتىم، دادام مەكتەپكە ئەكىرىپ بەرمىسىمۇ، بىرگە ئوينايدىغان دوستلىرىمنىڭ مەكتەپتە يۈرگىنىنى كۆرۈپ سىنىپقا كىرىۋالغان   .دادام ئەتىسىلا تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئەكىرىپ قويسا، ئىككى كۈنگىچە خەت يازغىلى ئۇنىماي،يازالمايمەن دەپ...قېرىنداش ،دەپتەر دىگەننى ئالامەت يۈتتۈرەتتىم. دادام ئېلىپ ھارمايتتى.   ئەمما بەك ئەقىللىق ئىدىم، دەرستە ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭاتتىم، كىچىك ۋاقتىمدا دائىم چوڭ بولسام مۇئەللىم بولىمەنلا دەيتتىم، ئەمما مەن كىچىك بولغاچقا ،ئويۇن ئوينىساق،ئوقۇغۇچى بوپقالاتتىم     سان يېزىشنى ئۆگىنىۋىلىپ ،دادام ئاقلاپ چىرايلىق قىلىپ قويغان ئۆيىمىزنىڭ تېمىغا قاپقارا كۈيە بىلەن ئۆمچۈك پۇتىدەك سانلارنى يېزىۋىتىپ دادامدىن تىل ئاڭلىغىنىمنىمۇ دەۋىتەي...ياخشى دەپتەر،ياخشى دوسكا ئىكەن دەپ قالغان چېغىم...ھا ھا ھا .....     ?AQA>D#W  
.............................. ,U+>Q!$`\^  
كىيىنچە تېخى مەكتەپتىن قويۇپ بەرسە ،ئۆيگە بارماي،بىرنەچچە تاش قۇلاقلار ئۆي ياساپ ئويناپ.سومكامنى قايتقاندا شۇ ئوينىغان يەرگە تاشلاپ قويۇپ ،ئەتىسى ئۆيدىكىلەرگە " سومكام قېنى ؟" دەپ يىغلاپ پىرە ئوينىغۇزۋەتكەنلىرىممۇ ئېسىمدە، كىچىك ئاپام " بۇ قۇلاق كەستى ئاخشام سومكىسىنى ئەكەلمىدى ، بولمىسا جىن ئەكىرىپ كېتەمدۇ سومكىنى" دىگەندە ئاندىن ئوينىغان يەرلىرىم ئېسىمگە كېلىپ .ئاپلا دەپ يۈگۈرەيتتىم.... گۈلىستاننىڭ بىچارە سومكىسىغا جىن ئۇۋىلاپ كېتەتتى....   &3x da1H  
قوناق شېخىدىن ياسىۋالغان ئاپتۇماتىمنى كۆتۈرۈپ " چوڭ ئا" دەپ توۋلاپ جەڭ قىپ كەتكەنلىرىمنى، مۆكۈشمەك ئويناپ، تاپقۇچى بالا كۆرۈنمىسە يۈگۈرۈپ بەلگە تىرەكنى تۇتۇۋالىمەن دەپ تۇربا كۆمىدىغان ئورەككە چۈشۈپ كەتكىنىمنى، سول پۇتۇم ئوشۇقۇمدىن چىقىپ كېتىپ ئاپامدىن تىل ئاڭلاپ بىر كېچە يىغلىغىمنى دىسەم گەپ ئۇزۇراپ كېتىدۇ. N3a ]!4Y\  
 نەۋرە ئىنىم بىلەن ئويناپ، قوتاننىڭ ئۈستىدىكى ئوتنىڭ تۆپىگە مۆكۈپ،سىيرىلىپ قوتانغا چۈشۈپ كەتتىم، قوتان سىرتتىن قۇلۇپلاقلىق ئىكەن، ئىنىم ئېتىزغا بېرىپ تاغامنى چاقىرىپ كەلگۈچە مەن سامانلىقتا ئولتۇرۇپ تۇردۇم،       تاغام ئاچچىقلاپ :" ئېسىت ئاپاڭنىڭ جېنى سەن بىلەن، قىز بالىدەك ئوينىمامسەن؟ نىمە بار ساڭا قوتاندا ؟" دىسە " نىمە قوتاننى سولاپ قويىسىز؟ تاس قالدى كالىڭىز ئۈسۈۋەتكىلى،سامانلىققا كىرىۋالدىم تەلىيىمگە " دىسەم " سولاپ قويمىسام، قويلارنى سەن بېقىپ كېلەمتىڭ؟ ئويناشتىن باشقا نىمىنى بىلىسەن ؟" دىسە ، بىرنى دومسىيىپ قويۇپ ئويۇنچىلارغا قوشۇلۇپ كېتەتتىم چاچلىرىم سامان، بىر قېتىم ھاممامنىڭ قوغۇنلىرىنى ئوغۇرلاپ ئاپامدىن بەك سەت تاياق يەپ كەتكەنتىم، بىلىق تۇتقىلى بارما دىسە بېرىپ.بىرپاي كەشىمنى ئېقىتىۋىتىپ،پاقالچاقتىن قىر قىر چىقىرۋەتكەننى دىمەي دىگەنتىم ئەسلى     rusYNb1J  
ھەي بالىلىق ،ھەي بالىلىق، دىسەم بۇ مېنىڭ كومىدىيە بالىلىقىمنىڭ ئوندىن بىرى، مۇشۇنچىلىك سۆزلەي،ئۈچىيىڭلار ئۈزۈلۈپ كەتمىسۇن يەنە ھە.... [s:123]    ne3t|JZ  
 
[ بۇ يازما گۈلىستان تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

 
@@@خەيرى خوش مىسرانىم@@@@
بەزىبىر ئەخلەتلەرنىڭ دەستىدىن تۇرىۋىرىش مۇمكىن بولمىدى.
ھەممىڭلار سالامەت بولۇڭلار !!!
sanjar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4943

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   872 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9969 (سوم)
 ياخشى باھا:   283 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   301  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1479
 سائەت
دەرىجىسى:
1479 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-18

ھەر قانچە بولسىمۇ  مەندەك شۇخ  ئەمەسكەن سىلە سۆزلىسەم ...................  بەك  كۆپ   ھ ا  ھا ھا ھا
 
جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،
ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى