جەمئىىيەت تەرەققى قىلماقتا، دەۋر ئالغا باسماقتا ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەكىلۋازلىقمۇ ۋاقىت بىلەن تەڭ ئىلگىرلىمەكتە.
J2d.f}- بۈگۈنكى <شەكىلۋازلىق ئاز بولمىغان ئورۇن، ئاز بولمىغان سورۇن، ئاز بولمىغان ئىشلاردا بىر خىل ۋەزىپە بولۇپ قالماستىن ، ھەتتا بىر خىل ئادەتكە ، بىر خىل ئىجتىمائى كېسەلگە ئايلىنىپ> قالماستىن ، يەنە توختىماي يېڭىلىق يارتىۋاتىدۇ. مۇھىم پائالىيەتلەردە <لاھىيەدە يىڭىلىق ياراتسا> ئېنىرگىيە تىجەشتە < سانلىق مەلۇمات جەھەتتە يېڭىلىق يارتىۋاتىدۇ> . تەنھەرىكەت چېقىنىشتا < رەسىمگە چۈشۈپ يېڭىلىق ياراتسا > سەھىيە ئىشلىرىدا < شوئار توۋلاشتا يېڭىلىق يارتىۋاتىدۇ> . يەنە زۆرۆر تەكشۈرۈشلەردە < يىلتىزسىز دەرەخ > بۇلۇپ يېڭىلىق يارتىۋاتىدۇ. فۇجىيەن ئۆلكىسى فۇدىڭ شەھەرلىك لوڭئەن تەرەققىيات رايۇنى 100 ئائىلىلىك دىھقاننىڭ يېرىنى ئۆتكۈزۈپ ئالغاندىن كىيىن، يۇقۇرى دەرىجىلىك يەر زىمىن ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىۋىلىش ئۈچۈن ، ئالدىراپ سالدىراپ < يىلتىزسىز دەرەخ > تىكىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۆتىۋالغان. تەكشۈرگۈچىلەر كەتكەندىن كىيىن، دەرەخلەرنى يۇلۋىتىپ، بىنا سېلىشنى باشلىۋەتكەن.
?=>+
LqP ئەگەردە ھاياتى كۈچى ئەڭ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان نەرسىنى تاللاش توغرا كەلسە، مەن تەنتەنىلىك ھالدا مۇشۇ شەكىلۋازلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. قەدىمدىن ھازىرغىچە شەكىلۋازلىق، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرگە سايىدەكلا ئەگىشىپ كەلدى. ئەگىشىپلا كەلمەستىن ، يەنە جەمئىيەت تەرەقىياتىغا بېقىپ تەرەققى قىلىپ كەلدى.
Yi
.u"sh] شەكىلۋازلىق بىلەن قىلىنغان ئىشلار بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇرۇن شەكىلۋازلىق قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي دائىرىسى ئەتراپىدا ئىلىپ بېرىلاتتى. ھازىر بولسا سىياسى ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق كەڭ دائىرىلەردىمۇ پەيدا بولدى. مەدەنىيەت پائالىيىتىدە < ئابروي قۇرۇلۇشى> مائارىپ سېپىدە <دىپلوم ئېلىشتىكى سەكرەپ ئىلگىرلەش> قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر .
~L]|?d
" شەكىلۋازلىق قىلدىغان ئادەملەر بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ. قاراپ باقساق، ئورۇنلارنىڭ قىلغان شەكىلۋازلىقىنى ، يىلتىزىدىن داۋالاش قىيىن. ئاساسى قاتلاممۇ بۇ ئىشنى داغدۇغىلىق ئورۇنداۋاتىدۇ. يەنە < يۇقىرى> دىكى رەھبەرلەر ئۆز قولى بىلەن پىلانلاش ، ئورۇنلاشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش جەھەتتە شەكىلۋازلىقتىكى ئۇسۇل چارىلەرنى ئۈگۈتۈپ ، ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش جەھەتتىكى شەكىلۋازلىقلارنى قىلغۇزىۋاتىدۇ.
r[1i*b$ شەكىلۋازلىقنىڭ مەزمۇنى بارغانچە رەڭدار بۇلۋاتىدۇ. شەكىلۋازلىق كۈندىن كۈنگە گۈللەپ ياشناپ، مەزمۇنى موللىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئالايلۇق، نام - ئەمەل، پايدا- مەنپەئەت، سىياسى ئۈنۈم، ئەمەلدارلىق قالپىقى قاتارلىقلار . يىقىندىن بۇيان < بىردەكلىكنى ساقلاش > تەك يىڭى مەزمۇن قۇشۇلدى. بەزى بىر ئىشلاردا ، مۇبادا سىز شەكىلۋازلىقنى كۈچەپ قىلالىسىڭىز، يۇقۇرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان بولىسىز. ئەكسىچە بولغاندا شەكىلۋازلىقنىڭ قالپقى سىزگە كىيىلىپ قالىدۇ.
~7Y+2FZ شەكىلۋازلىقنىڭ ئىلمى مەنىسىمۇ بارغانچە يۇقىرى بۇلۋاتىدۇ. ئىلگىرى رەھبەرلەرگە ئا كەنىتنىڭ قويلىرىنى ب كەنتكە ھەيدەپ كىلىپ ،< قوتاندا لىق قوي > قىلىپ كۆرسەتكەن بولسا ، ھازىر < ئېلىكتىرۇنلۇق قوي > پەيدا قىلۋاتىدۇ. ئىلگىرى رەھبەرلەرگە ياپ -يىشىل تاغ دەريالارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، تازنىڭ بېشىدەك بولۇپ قالغان قۇپ قۇرۇق تاغلارنى يېشىل سىر بىلەن سىرلاپ كۆرسەتكەن بولسا، ھازىر ئېلىكتىر نۇرىنىڭ سۇندۇرۇش كۈچى بىلەن قاقاس تاغنى يېشىل رەڭگە كىرگۈزۋاتىدۇ. بۇرۇن پويىز، ئايرۇپىلانلارغا ئولتۇرۇپ يىغىن ئاچقىلى بارسا، ھازىر ئېنتىرنىت تورىدىلا يىغىن ئىچىۋاتىدۇ.
YZP(tn
شەكىلۋازلىق بولسا، دائىم كۆرلىدىغان، ئاسان قوزغىلىدىغان، ئۇزۇن مۇددەت داۋالانسىمۇ ساقايمايدىغان جاھىل كېسەلدۇر، پەقەت شەكىلۋازلىقنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىت ۋە تۇپراقلا ھازىرلىنىدىكەن ، شەكىلۋازلىق مۇقەررەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
KuWWUjCE ئاشكارىلىق ، ئادىللىق، باراۋەرلىك كەم بولغان تۈزۈم مۇھىتى كىشىلەرنى شەكىلۋازلىققا تېخىمۇ ئىنىتىلىدىغان ، قوغلىشىدىغان قىلىپ قۇيۇشى مۇمكىن. شەكىلۋازلىقنىڭ بارغانسىرى تېتىملىق بولۇپ كېتىۋاتقان غەيرى يۆلىنىشىدە ، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى مىقدار چېكىنى ئۆلچەش قىيىندۇر. شۇنداق مۇقىملاشقا بولىدۇكى، ھازىرقى شەكىلۋازلىق پەقەت سوتسىيالىزىمنىڭ < تۆۋەن باسقۇچىدىكى > شەكىلۋازلىقتۇر. يەنە يۇقۇرى باسقۇچىغا، ھەتتا كۇممۇنىزىم باسقۇچىغا تەرەققى قىلىشى مۇمكىن.
b6W2^tr- مۇنداق بىر يۇمۇر بار ئىكەن. ئىدارە باشلىقى بىلەن سىكىلتار تەڭ قىز قۇشلىغىلى بىرىپتۇ. سىكىلتار قىزنى كۆرۈپ : قانچىگە كىردىڭ؟ سەن قايسى يۇرتلۇق ؟ سەن نىمانداق چىرايلىق ھە ؟- دەپ توختىماي سوئال سوراۋىرىپتىكەن. ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ كىتىپ، دەل سېرىق نەرسىلەرنى تازلىغىلى كەلگەن ساقچىغا تۇتۇلۇپ قاپتۇ. ئىدارە باشلىقى بولسا پوش دىمەيلا ئىشنى تۈگىتىپ قايىتپ كىتىپتۇ. سىكىلتار ئىدارە باشلىقىغا ھەم ئۆزىگە قاراپ، ئۇھ تارتقىنىچە < شەكىلۋازلىق راستنلا ئادەم ئۆلتۈرىدىكەن > دەپتۇ.
ygOd69 بۇ يۇمۇرنىڭ راست بولۇشى مۇھىم ئەمەس، لىكىن < شەكىلۋازلىقنىڭ ئادەم ئۆلتۈردىغىنى> راست ئىشتۇر. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى ، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش، ئوپچە ئاشخانا قۇرۇش، پولات -تۆمۈر تاۋلاش قاتارلىقلار شەكلىلۋازلىقنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە كۆتۈرۋەتكەن بولۇپ، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ئەمىلىيەتتە خەلق ئىگىلىگىنى ئارقىغا يېقىتىپ ، ۋەيران قىلۋەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا نەچچە يۈز مىليۇن ئادەمنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
FE" y\
2} ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئادەتلەرنىڭ تەسىرى شەكىلۋازلىقنى پەيدا قىلغان ئىسسىق كارۋاتتۇر. تار مەنىدىكى پايدا مەنپەتپەرەسلىكنى يادرو قىلغان قىممەت قارىشى شەكلىلۋازلىقنى يامان سۈپەتلىك چوڭايتىۋىتىدىغان كاتالىزاتۇردۇر. بۇيرۇقۋازلىق بىلەن شەكىلۋازلىق ئەمەلىيەتە قۇشكىزەك ئاچا- سىڭىللاردۇر. شەكىلۋازلىقنى بۇيرۇقۋازلىق زورلاپ مەيدانغا چىقارغان ئەمەس، بەلكى <ئادەتلىنىپ> ئاندىن پەيدا بولغان. مەنپەئەتپەرەسلىك بىلەن بۇيرۇقۋازلىق شەكىلۋازلىقنى ئالغا سۆرەپ ماڭىدىغان ئىككى چاقتۇر.
pa#d L!J شەكىلۋازلىقنىڭ ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئىگىرى مىڭىشىغا قارشى تۇرايلى، بولمىسا ۋەزىيەتنىڭ كەينىدە قالىمىز.
`{,Dy!rL Rfn9s(m مەنبە : زاۋىن گىزىتى. 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
[ بۇ يازما Zulpikar تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]