《دىننىي ئىتقاد》بىلەن 《مىللى ئۆرپ- ئادەت》نىڭ مۇناسىۋىتى
Ek)drt7cy bej(Ds0 《دىن》 بىلەن《مىللەت》ئىككى ئۇقۇم بولغىنىدەك،《دىنني ئىتقاد》بىلەن《مىللى ئۆرپ-ئادەت》مۇ ئوخشىمايدىغان ئىككى ئۇقۇم.دىنني ئىتقاد،ماھىيەت جەھەتتىن ئدېئۇلوگىيە كاتوگىريىسىگەمەنسۇپ بولۇپ ،ئۇنىڭ ئەكىس ئەتتۇرىدىغىنى كىشلەرنىڭ روھى دۇنياسى،شۇنداقلا ئىدىيۋى تونۇشى؛مىللى ئۆرپ- ئادەت ھەرقايسى مىللەت خەلىقلىرىنىڭ ئۇزۇقلىنىش، كىيىنىش،ئولتۇراقلىشىش،نىكاھلىنىش ،ئۆلۈم -يىتم،ھېيىت-بايرام،كۆڭۈل ئېچىش،ئەدەپ-ئەخلاق،ئەدەبىيات-سەنئەت،پەرھىز تۇتۇش،بالا تەربىيلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن قائىدە-يۇسۇنلاردۇر .
!<p,G`r مىللى ئۆرپ-ئادەت بىر مىللەتنىڭ تارىخى ئەنئەنىسىنى ئوخشىمىغان دەرجىدە ئەكىس ئەتتۇرىدۇ .ئۇ، شۇ مىللەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ئورتاق بولۇپ ،ھەربىر ئادەم ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ،ھەم باشقىلارنىڭكىنىمۇ ئاسانلىقچە قوبۇل قىلمايدۇ .شۇڭا،ئۇ كەڭ ئاممىۋىلىققا ۋە چوڭقۇر ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولىدۇ.مىللى ئۆرپ-ئادەت مەسىلىسى ناھايتى مۇرەككەپ نازۇك بولۇپ،بىر مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
F/s
n"2 مىللى ئۆرپ -ئادەت مەلۇم بىر ئىجتىمائىي كوللىكتىپنىڭ تۇرمۇش شەكلى بولغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇنى دىننى ئۆرپ- ئادەت بىلەن ئارلاشتۇرۇرۋىتىشكە بولمايدۇ.شۇنداقتىمۇ ،بۇ ئىككىسىنىڭ باغلىنىشلىق تەرپىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك،يەنى ئىككىسى مەلۇم بىر مىللەتنى ئۆزىنىڭ مەزمۇنى قىلىدۇ ،مىللەتتىن ئايرىلىپ قالسا ھىچقانداق ئىپادە شەكلى بولمايدۇ .يەنە بىر تەرەپتن،دىننى مەنبە قىلغان ،روشەن دىننى تۈس ئالغان مىللى ئۆرپ -ئادەتلەر شۇ مىللەتنىڭ پۈتكۈل ئۆرپ -ئادەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر.
P8z%*/
3NF ھەرقايسى مىللەتلەردە دىننى ئۆزىنىڭ مەنبەسى قىلغان ياكى دىننىي تۈس ئالغان قائىدە -يوسۇنلار بار.
@|b-X? ` مەسلەن:مىللىتىمىز ئوغۇللارنڭ خەتمىسىنى قىلىپ《سۈننەت》ئادا قىلىدۇ ،توي قىلغانلارغا نىكاھ پەتىسى ئوقۇلىدۇ ،قازا قىلغۇچغا ناماز چۈشۈرۈلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزىر بىرىلىدۇ .روزا ھيىت ،قۇربان ھيىت ئۆتكۈزىلىدۇ ۋە باشقىلار.بۇ قائىدە -يوسۇنلار ئاساسەن ئىسلام دىنىدىن كەلگەن بولۇپ ،ئۇزاق يىللىق تارىخى ئۆزگىرىش جەريانىدا تەدرىجىي تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەن .يەنى دىننىي تۈس ئالغان يۇقىرقىىدەك بەزى ئادەتلەر ئەمىليەتكە ئايلىنىپ كەتكەن.
ks#3
o+ بەزى كىشلەر بۇخىل ئۆرپ ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى بىلىپ كەتمگەچكە ياكى بىلىشكە قىززىقمىغاچقا ،ئۇلارغا ئەنئەنىۋى قائدە -يۇسۇن سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ كەلمەكتە.
7}X1A!1 ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللى ئۆرپ- ئادەتلىرى،مىللەت خاراكتىرى ۋە مۇقۇملىق خاركتىرىدىن ئىبارەت ئككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە.
H9*k(lnz` مىللەت خاراكتىرى دىگەندە .مىللى ئۆرپ-ئادەت ئۇزاق يىللىق ئۆزگىرىش داۋامىدا شۇ مىللەت خەلقى ئورتاق ئىتراپ قىلغان كوللىكتىپ ھەركەت ئۆلچىمى ۋە پائالىيەت شەكلىنى كۆرسىتدۇ.ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىنمىسا كوللىكتپنىڭ ئەيىپلىشىگەئۇچىرايدۇ.
r].n=455[ ئۆرپ-ئادەتلەر ئەۋلادمۇ -ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشتەك ئۇزاك جەرياننى بېسىپ ئۆتكەچكە،ئاخىردا ئۇ مىللى تۇرمۇش شەكلىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلىنىدۇ. بۇ بىر قەدەر مۇقۇملىققا ۋە كۈچلىۈك ساقلىنىشچانلىققا ئىگە بولىدۇ.دىننى خاراكتىردىكى ئۆرپ-ئادەتلەر تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
xe!bfzU ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بەزى كادىرلارۋە ئامما ئارسىدا 《دىنني ئىتقاد》بىلەن《مىللى ئۆرپ -ئادەت 》ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى پەرىق ئىتەلمەيدىغان ،بىر بولسا مىللى ئۆرپ -ئادەتنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالىدىغان،بىر بولسا مەلۇم دىننىي تۈس ئالغان ،لىكىن مىللى ئۆرپ ئادەتكە مەنسۇپ بولغان ئش-ھەركەتلەرنى دىننىي پائالىيەت دەپ قاراپ ،توغىرا مۇئامىلىدە بولمايدىغان ئەھۋاللار ساقلانماقتا .
7iP+!e}$. پارتىيەنىڭ مىللەت ،دىن سىياسەتلىرىدە ۋە قانۇنلاردا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئېنىق ھەم مۇكەممەل ئوتتۇرغا قويۇلغان .شۇڭا ،بىز ئۇنى توغىرا ئىگەللىشىمىز ،ئۆرپ-ئادىتىمىزنى توغىرا تونۇشىمىز ،ئەمەلى خىزمەتكە توغىرا تەدبىقلاش ئارقىلىق ،بۇ ھەقتىكى ئۇقۇشماسلىقنى تۈزىتشىپ،كادىرلار ۋە ئاممىنى توغىرا قاراشقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
~1uQyt X4V>qHV72 بۇ تېما: جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى 2011يىللق 1-سانىدىن ئېلىندى. ئاپتۇرى ؛مۇھەممەت سابىت 《قارماي نېغىت گېزىتى ئىدارسىدىن》
[ بۇ يازما Hok تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]